EzQi0908 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-22 14:03:34

چوڭ تىپتىكى سىرلىق ، قورقۇنچلۇق ، تەشۋىشلىك ئەسەر         
                                             كىپەن ئوغىرسىنىڭ خاتىرسى
                                             1- خاتىرە 1-بۈلەك27– باپيالغانچىلىق

    بۇ گەپنى ئاڭلاپ ھەيران بولغىنىمدىن :" ئەجەبا ئاخىرىدا ئۇ ئىككىسىنىڭ ئورنى ئالماشتۇرىۋىتىلگەن ؟!" دەپ سورىدىم .
      بوتۇلكا ماڭا قاراپ باش لىڭىشتىپ تۇرۇپ :" ئەمىليەتتە بۇ مۇشاۋۇرنىڭ مەقسىتى لۇشاڭ بىگىنىڭ كۇچىدىن پايدىلىنىپ ئۆزىنىڭ قىرىماسلىق پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ....." دەپ جاۋاپ بەردى .
   مەن ئۇلاپلا :" بۇ ئىشلارنى سەن قانداق بىلىسەن ؟ خۇددى ئۆز بىشىڭدىن ئۆتكۇزگەندەكلا؟!" دەپ سورىدىم .      " مەن بىشىمدىن ئۆتكۇزۇپ باقىمغان !" دىدى بوتۇلكا بىشىنى چايقاپ تۇرۇپ :" مەن نەچچە يىل ئىلگىرى سۇڭ دەۋرىدىكى قەۋرىدىن ئنتايىن مۇكەممەل ساقلانغان يىپەك كىتاپنى قولغا چۈشۇرگەن ، يىپەك كىتاپ دەل مۇشۇ مۇشاۋۇرنىڭ تەزكىرسى بولۇپ ئۇ لۇشاڭ بىگىگە ياردەملىشپ ھەممە ئىشلارنى پىلانلاپ بولغاندىن كىيىنبىر كىچىسى ئۆزىنىڭ ئۆيىگە ئوت قويۇپ بارلىق ئۇرۇق –تۇققان ،بالا– چاقىلىرىنى كۆيدۇرۇپ كوچىدىن تىپىۋالغان قەلەندەرنىڭ جەسىتىنى ئوت ئىچىگە تاشلاپ ئۆزى قەلەندەرنىڭ سىياقىىدا ياسىنىپ لۇشاڭ بىگىنىڭ زىيانكەشلىك قىلىشىدىنقۇتۇپ قالغان ، لۇشاڭ بىگى ئۇنىڭ تۇيۇقسىز ئۆلىمدىنگۇمانلانغان بولسىمۇ بىراق ئاخىرەتلىك ئىشلىرغا ئالدىراپ كارى بولمىغان . ئاخىرىدا لۇشاڭ بىگى دەپنە قىلىنغاندىن كىيىن مۇشاۋۇر ئوغىرلىقچە ئۇنىڭ قەۋرىسگە كىرىپ قىلچىمۇ قارشىلىق كۆرسىتىش ئىقتىدارى بولمىغان لۇشاڭ بىگىنى قاشتېشى قورچاقتىن چىقىرۋىتىپ ئۆزى كىرىۋالغان ، لۇشاڭ بىگى ئۆزىنىڭ قىلغان ئەجىرىدىن باشقىلارنىڭ پايدىلىنىپ كىتىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغان بولغىيىتتى !!" دەپ گىپىنى ئاخىرلاشتۇردى .   مەن ئەجەپلىنىپ تۇرۇپ:" ئۇنداقتا لۇشاڭ بىگىنىڭ جەسىتىمۇ قاشتېشى ساۋۇتتىن چىقىرىپ تاشلانغان بولسا بۇ يەردە بىر جۈپ قانلىق مۇردا بار ئىكەندە ؟!" دەپ سورىدىم .
   بوتۇلكا ئارقىدىنلا :" بۇ توغۇرلۇق ئۇنىڭ تەزكىرسىدە بىر نەرسە يىزىلماپتۇ ، بەلكىم لۇشاڭ بىگى قاشتېىشى قورچاقتا ياتقان ۋاقتى ئۇزۇن بولمىغاچقا قانلىق مۇردىغا ئۆزگەرمىگەن بولسا كىرەك " دىدى . ئۇ بۇ سۆزلەرنى قىلىۋاتقان ۋاقىتا چىراي ئىپادىسىدىنھەم كۆز نۇردىن ئۇنىڭ يالغان سۆزلەۋاتقانلىقى چىقىپ تۇراتتى .
   مەن بوتۇلكىغا قاراپ ئۇنىڭ يالغان سۆزلەۋاتقانلىقىنى ھىس قىلىپ كەنجى تاغامغانەزەر سالدىم ، كەنجى تاغامنىڭ كۆزىدىنمۇ ئۇنىڭ يالغانچىلىقىنى ھىس قىلغانلىقى چىقىپ تۇراتتى . بىراق باشقىلار دىيىشنى خالىماي يالغاننىمۇ توقۇپ بولغان يەردە سىز ئۇنىڭ يالغان سۆزلەۋاتقانلىقىنى ئوچۇق دىىيىشىڭزنىڭ ياكى ئۇنىڭ چاۋىسىنى چىتقا يىيشىڭزنىڭ ھىچقانداق ئەھمىيتى يوق . بوتۇلكا بۇ گەپلەرنى دەپ بولغاندىن كىيىن يەنە بۇرۇنقى ھىچقانداق چىراي ئىپادىسىز ‹‹ ماشىنا ئادەم ›› ھالىتىگە قايتتى –دە سوغۇقلا قىلىپ :" تاڭ يوراي دەپ قالدى ، بۇ يەردىن تىزراقچىقىپ كىتەيلى !!" دىدى .
   سىمىز ئالدىراپلا :" ياق ، ئالۋاستى مۆھىرىنى تىخى تاپمىدۇق ؟ بۇ يەردە ئىسىل جانىۋارلار كۆپكەن ، شۇنداقلاچىقىپ كەتسەك بىكارغا جاپا تارتقان بولمامدۇق ؟؟" دىيىشىگە بوتۇلكا ئۇنىڭغا خۇددى دۇشمىنىگە قارىغاندەك بىر خىل سوغۇق نەزەردە قارىۋىدى ؛ سىمىز ئەھۋالنىڭ چاتاقلىقىنى سەزدى بولغاي :" بولىدۇ ....بولىدۇ ، بىراق ئاۋۇ قاشتېشى قورچاق ساۋۇتنى بولسىمۇ ئەپچىقىپ كىتەيلى ، مەنچە بۇ ئالەمدە مۇشۇ بىر قۇرلا قالغان بولىشى مۇمكىن ، بىز تاشلاپ قويۇپ كەتسەك دۆلەت ھەم خەلىقىنىڭ بىزگە بولغان ئىشەنچىسىنى يەردە قويغان بولمايمىزمۇ ؟ ...." دەپچالۋاقىدى .
    " بۇ ياخشى گەپ بولدى !" دىدى كەنجى تاغام سىمىزنىڭ مۇرىسگە شاپاللاپ تۇرۇپ :" ئۇنداقتا نىمىگە سۆرەلمىلىك قىلىسەن ؟ تىز قول سىلىپ تىز ھەل قىلىپ بۇ نەس باسقۇر جايىدىن تىزەك كەتمەمدۇق ؟!" .   بۇ ۋاقىتتا توساتتىن بۇ ئىشلارغا بولغان قىززىقىشىم قاياقلارغىدۇر غايىپ بولۇپ ئۇلارغا ياردىم قىلشنىمۇ خالىماي بىر ياققا ئۆتۈپ كۆزۇمنى يۇمۇپ نىرۋامنى ئارام ئالدۇرماقچى بولدۇم . دەل شۇ پەيتتە يۈزۈمگە بىر نەچچە تامچە سۇيۇقلۇق ئۇرۇلدى–دە يامغۇر ياققان ئوخشايدۇ دەپ بىشمىنى كۆتۇرۇپ قارىسام بايا بوتۇلكا كۆتۇرۇپ كەلگەن قانلىق مۇردىنىڭ بىشى قاچانلاردا قاشتېشى كارۋاتنىڭ يىنىغا كىلىۋالدىن تاڭ ؟ غەلىتە يۇزىنى ماڭا قارىتىپكۆز قارچۇقى يوق بىر جۇپ كۆزىدە ماڭا تىكىلپ ، ئىغىزدىن ئادىمنىڭ كۆڭلىنى ئىلىشتۇرىدىغان سۇيۇقلىق چاچىرتىۋاتاتتى .
    مەن قورىققىنىمدىن ئىختىيارسزلائارقىمغا داجىدىم . ھىلىقى مۇردا بىشى كارۋات ئۈستىدە ئىچىگە بىر نەرسە كىرىۋالغاندەك ئۆزلىكىدىن مىدىرلاپ بىر نەچچىنى دومىلاپلا يەرگە چۈشۈپ كەتتى . سىمىز مۇردا بىشنى ئۇرماقچى بولىشىغا بوتۇلكا دەرھال توسىۋىلىپ :" چىقىلما ، كۆرۇپ باقايلى !"دىدى .
    سىمىز بىشىنى لىڭىشتىپ ماقۇللۇق بىلدۈرىشگە بىر دانە كىچىك قىزىلرەڭلىكجەسەت بۇرگىسى قانلىق مۇردا بىشىنىڭ نەق چوقىسىدىن تىشىپ چىقتى . ئاكۈي بۇنى كۆرۇپ تىللاپ :" ئاناڭنى ، كىچىككىنە چۈپرەندە،ئاكۈي بوۋاڭنىڭ كۆزىگە كۆرۈنگىدەك بولدۇڭمۇ ؟!" دەپلا قولىدىكى لوم تۆمۇرنى كۆتۇرۇپ جەسەت بۇرگىسىنى ئۇرماقچى بولىشغا كەنجى تاغام دەرھال ئۇنى توسۇپ :" كالۋا ، كۆرمىدڭمۇ ؟! بۇ دىگەن بۇرگە شاھى ، ئۇنى ئۆلتۇرىۋەتسەڭ بالانىڭ چوڭى تىرىلىدۇ ؟!" دىدى .
    ئاكۈي ھاڭۋىقىپ تۇرۇپ :" مۇشۇ كىچىكىنە نەرسە بۇرگە شاھى ؟ ئۇنداقتا ھىلىقى بىز كۆرگەن چوڭلىرى بۇرگىلەرنىڭ شاھىنشاھى ئوخشىمامدۇ ؟!" دەپ سورىدى .
   بۇ ۋاقىتتا ئەزەلدىن ئىغىر بىسىق بوتۇلكىمۇجىددىيلىشىپ مۈرەمدىن تارتىپ تۇرۇپ :" تىز بۇ يەردىن كىتەيلى ، بۇرگە شاھى بار يەردە باشقا بۇرگىلەر قىنىمدىن قورىقمايدۇ ، ئەھۋال چاتاق !!" دىدى .
   دەل شۇ ۋاقىتتا كىچىك جەسەت بۈرگۈسى ‹‹ چىر – چىر ›› قىلىپ ئاۋاز چىقىرىپ قانىتىنى ئىچىپ بىزگە قاراپ ئۇچۇپ كىلىشىگە بوتۇلكا:"زەھىرى بار ! ئادەمگە تىگىپ كەتسلا ئۆلىدۇ ! تىزدىن ئۆزۈڭلارنى دالدىغا ئىلىڭلار ! " دەاپ ۋارقىرىدى .
   بوتۇلكىنىڭ گىپى تۈگىمەيلا كەنجى تاغامبىرلا دومىلاپ بىز تەرەپكە كىلىۋالدى . بىراق كەنجى تاغامنىڭ ئارقىسىدىكى ئاكۈينىڭ ئىنكاسى ئەزەلدىن ئاستا بولغاچقا ئۆزىنى چەتكە ئىلىشقا ئۈلگۈرمەي ئىتىلىپ كەلگەن جەسەت بۈرگۈسى شاھىنى تۇتىۋالدى – دە ئارقىدىنلا ئىچىنىشلىق چىرقىرىۋەتتى . ئۇنىڭ بۈرگە شاھىنى تۇتقان قولى كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە قىپقىزىل قان رەڭگىگە كىرىپ ، قىزىللىق قول بىغىشىدىن يۇقرىغا قاراپ تاراشقا باشلىدى .
   سىمىز بۇنى كۆرۈپ : " ۋايچاتاق ، ئۇ زەھەرلەندى ، تىزدىن ئۇنىڭ قولىنى كىسىۋىتەيلى ! " دەپ ۋارقىراپ بوتۇلكىنىڭ قولىدىكى خەنجەرگە قاراپ ئىتىلدى . بوتۇلكا ئەسلىدىنلا قانسىراپ ئاجىزلىشىپ كەتكەن بولۇپ سىمىزنىڭ سوقىشدىنقولىدىكى خەنجەر ئاجراپ چۈشۈپ كەتتى ، سىمىز چاققانلىق بىلەن بىرلا دومىلاپ خەنجەر يەرگە چۈشۈشتىن بۇرۇن تۇتىۋالدى ؛ تۇتىۋالدىيۇ ، : " ۋاي ... " دەپ بىرلا چىرقىراپ خەنجەرنى تاشلىۋەتتى . ئارقىدىنلا : " ئاناڭنى ، ئەجەپ ئىغىركىنا! " دىدى –دە خەنجەرنى كۆتۈرمەكچى بولۇپ نەچچە رەت كۈچىگەن بولسىمۇ بىراق كۆتىرەلمىدى. بۇ ۋاقتتا بىز ئاكۈينى قۇتقۇزۇشقائاللىقاچان كىچىككەندۇق . ئۇئاغرىق ئازابىدىن يەردە دومىلاۋاتقان بولۇپ قولىدىكى غەلىتە قىزىللىق پۇتكۇل بەدىنىگە تاراپخۇددى ئاكۈينىڭ تىرىسى ئىرىپ كىتىۋاتقاندەك قىلاتتى . ئاكۈي ئاغرىق ئازابىدىن چىقىرىماقچى بولاتتىيۇ بىراق ئاۋازى چىقمايتتى ، مەن كۆز ئالدىمدىكى بۇ ئىچىنىشلىق كۆرىنىشكە چىداپ تۇرالماي ئۇنىڭغا ياردەم بەرمەكچى بولشىمغا بوتۇلكا چاپىنىمنى تارتىپ تۇرۇپ :" ئۇنىڭغا چىقىلشقا بولمايدۇ ، تىگىپ كەتسەڭ سەنمۇ ئۆلىسەن !" دىدى .
       دەل شۇ پەيىتتە ئاكۈي دومىلاۋاتقان يىرىدىن قوپۇپلا ماڭا قاراپ ئغىزىنى ئىچىىپ : " مىنى قۇتقۇزىۋال !" دىگەندەك تاۋۇش چىقىرىپ ئىتىلپ كەلدى . مەن قورقۇپ پۇت – قولۇم كالامپايلىشىپ نىمە قىلارىمنى بىلمەي تۇرسام كەنجى تاغامنىڭ قولۇمدىن تارتىشى بىلەن ئوڭ تەرەپكە يىقىلىپ چۈشتۇم –دە ماڭا قاراپ ئىتىلىپ كەلگەن ئاكۈي مىنى قۇچاقلىيالماي ئۆرۇلۇپلا يەنە بىر تەرەپتە قاراپ تۇرغان پەنزېگە قاراپ ساراڭلارچە ئىتىلدى .
    پەنزىنىڭ ھالى ھەممىمىزدىن بەكرەك خاراپ بولغاچقا ئۆزىنى قاچۇرۇشقا ئۈلگۇرمەي دەرھال قولىدىكى قورالىنى بەتلەپ " ياق " دەپ ۋاقىرىشىمغا قارىماي ئوق ئۈزدى . " پاڭ " قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ ئوق ئاكۈينىڭ مىڭىسىدىن تۇتۇن چىقىرۋەتتى . ئۇ بىر نەچچىنى دەلدەڭشىپلا " گۇپپىدە " قىلىپ يىقىلدى .
    ئوق ئاۋازى بىلە تەڭلاكاللام غۇڭىلداپ كۆزۇم قاراڭغۇلاشقاندەك بۇلۇپ كۆز ئالدىمدا نەچچە مىنىۇتنىڭ ئىچىدەيۇز بەرگەن ئىشنىڭ راسلىقىغا ئىشەنگۈم كەلمەيتتى . بايا ساپساق ئادەم كۆزنى يۇمۇپ –ئاچقۇچە ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلدى .......كاللام قۇپقۇرۇق بولۇپ كۆز ياشلىرىم ئىختىيارسىزيىپى ئۈزۇلگەن مارجاندەك تۆكۇلۇشكە باشلىدى ،
   بۇ ۋاقىتتا ھىلىقى كىچىك جەسەت بۇرگىسى ئاكۈينىڭ ئالقىنىدىن چىقىپ قانات قىقىپ ئۇچۇشقا تەمشىلىشىگە سىمىز ئىغىزىنى بۇزۇپ تىللاپبوتۇلكنىڭ " ياق " دەپ ۋاقىرشىغىمۇ پسەنىت قىلماي قىزغۇچ قاشتېشى قۇتا بىلەن بۇرگە شاھىنى بىرلا قويۇپ يەنجىۋەتتى . بۇ ۋاقىتتا ھەممىمىز دىگۇدەك كۈتۇلمىگەن بىر ئشنىڭ يۇز بىرىشىدىن ئەنسىرەپ ئاۋاز چىقىرىشقا جۇرئەت قىلالمىدۇق . ئەتىراپ جىمجىتلىققا چۆمگەن بولۇپ بوتۇلكا چىرايىنى ئۆزگەرتىپ يەرگە ئىڭىشىپ تاش توپىسىنى بەدىنىگە چىچىپ تۇرۇپ ۋاقىردى :" تىز ماڭايلى ، بولمسا ئۇلگىرەلمەيمىز !!
    سىمىز تۆت ئەتىراپنىڭ جىمجىتلىقىنىبىرەر ئىشنىڭ يۇز بەرمىگەنلىكىنى كۆرۇپ :" نىمىشقا قاچىمىز ؟....." دەپ سورىدى .
    سىمىزنىڭ سۇئالى ئەمدىلا سورىلىشغا تۆت ئەتىراپتىن گۇپىرلىگەنئاۋاز كىلىش بىلەن تەڭ ھاشارەتلەرنىڭ قۇلاقىنى يارغۇدەكچىرىلداشقان ئاۋازى ئاڭلاندى . ئارقىدىنلا كۆز ئالدىمىزدىكى تىك ھاڭنىڭ چوڭ –كىچىك توشۇكچىلىرىدىن بىر دانە ، ئىككى دانە، ئون دانە، يۇز دانە ..................سانسىزلىغان جەسەت بۇرگىلىرى خۇددى كەلكۇن سۇيىدەك ئىتىلىپ چىقىشقا باشلىدى . كۆز ئالدىمدىكى سانسزلىغان جەسەت بۇرگلىرىنىڭ ئىتىلىپ كىلىشىدىن ھاسل بولغان كۆرۇنىشنى تىل بىلەن ئىپادىلەپ بىرشكە ئاجىزلىق قىلىمەن .ئۇلار دولقۇندەك بىرنىڭ ئۈستىگە بىر دەسسەپ بىزنى بۇ ئۆڭكۇرگە قوشۇپ يۇتىۋىتىدىغاندەك تىز سۇرئەت ئىچىدە كىلىۋاتاتتى .
مەن نىمە قىلارىمنى بىلمەي بۇ ھەيۋەتلىك كۆرۇنۇشتىن ‹‹ ھۇزۇر ئىلىۋاتسام ›› كەنجى تاغام ئۇستىبىشىمغا تاش توپىسىنى چىچىپ :" ئاناڭنى ، جەسەت بۇرگلىرىگە يەم بولغىىڭ بولمىسا تىز قاچ !!" دەپ ۋاقىرىدى .
    ھەمممىز گىگانىت دەرەخكە يامىششقا باشلىدۇق . دەرەخنىڭ شىخى كۆپ ئۇنىڭ ئۈستىگە يۆگىشىپ ئۆسكەن پىلەك غوللۇق ئۆسۇملۇكلەر ئىنتايىن كۆپ بولغاچقا يامىشىش تەسكە توختىمايتتى ، مەندەك ئىغزىمغا چىش چىقىپ ئككى مىتر ئىگىزلىكە يامىشپ باقمىغان ئادەممۇ بىر دەمدىلا ئون نەچچە مىتر ياماشتىم . بۇ ۋاقىتتا جەسەت بۇرگىلىرىنىڭ ھەممىسى دەرەخ ئاستىغا توپلانغان بولۇپ پەسكە قاراپ قورىققىنىمدىن چۈشۇپ كىتىشكە تاسلا قالدىم . ئاناڭنى، دەرخنىڭ ئاستى پۇتۇنلەي يىشىل رەگگە كىرگەن بولۇپ ناۋادا چۈشۇپ كەتسەم ئۇستىخان سۆڭىكىممۇ ئاشمايىدىغان چىراي .... ئاناڭنىبۇ بۇرگلەرگەپىلانلىق تۇغۇت يوقمىكنا؟   
    جەسەت بۇرگىلرى دەرەخ ئاستىغا توپلانغاندىن كىين تەشكىللىك ھالدا سەكرەپ دەرەخكە يامىشىشقا باشلىدى . ئۇلارنى بىزگە سىلىشتۇرغاندا دەرەخكە يامىشىشنىڭ كەسىپ ئەھلى دىسە بولاتتى ، بىر –بىرگە دەسسەپ ، بىر –بىرنى شوتا قىلىپ بىردەمدىلا پۇتىمىز ئاستىغا يامىشىپ چىقتى .
    سمىز مىنىڭ ئالدىمدا يامىشىۋاتقان بولۇپ :" سەن بۇ ئاكاشنىڭ قىنىنى پاشا قوغلاش ئەتتىرىدىنمۇ بەك ئۇنۇملۇك دەۋاتمامتىڭ ؟ كارغا كەلمەيدىغۇ ؟" دەپ سورىدى .   بۇ ۋاقىتتا پۇتكۇل ئەس– يادىمنىئاكۈينىڭ بايامقى ئىچىنىشلىق قىياپتى چىرمىۋالغان بولغاچقا سىمىزگە جاۋاپ بىرشكە رايىم يوق ئىدى . توساتتىن سول پۇتۇم ئىچىشقاندەك بولدى – ەە قارىسام يوغان بىر جەسەت بۇرگىسى پاقالچىقىمنى چىشلىۋالغان ئىكەن . مەن دەرھال پۇتۇمىنى سىلكىپ ئۇنى چۈشۇرۋەتتىم –دە پەسكە قارپتىلىمنى چشلەپ سالدىم . سانسزلىغان جەسەت بۇرگىلىرى خۇددى قايناۋاتقان قازاندەك ئۈستىگە ئۆرلەۋاتاتتى . دەل شۇ دەقىقىدە كەنجى تاغام :" پارتىلاتقۇچ ، قاشتىېشى كارۋاتنىڭ يىنىدىكى سومكىدا پارتىلاتقۇچ بار !"دەپ ۋاقىرىدى . "
   مەن ئۇلاپلا :" قايسى تەرىپدە ؟" دەپ سورىدىم .
   كەنجى تاغام تىللاپ : "ئاناڭنى. سەن ئولتۇرغان سومكا شۇ ، سول تەرىپىدە! " دەپ جاۋاپ قايتۇردى .
    پەسكە قارسام تۆۋەن تەرپ جەسەت بۇرگىسى دىڭىزغا ئايلىنىپ كەتكەن بولۇپ بۇرگىدىن باشقا ھىچنىمنىكۆرلمەي نىمە قىلىشىنى بىلمەي قاراپ تۇرسام بوتۇلكا يانچۇقىدىن بىر نەچچە تال يورۇتقۇچى سەرەڭگە تىلىنى چىقىرىپ ياندۇرۇپلا تۆۋەنگە قارىتىپ تاشلىدى . جەسەت بۇرگىلىرى بوتۇلكنىڭ قىنىدىن قورىقمىغان بىلەن ئوتتىن قورقاتتى .شۇڭا سەرەڭگە چۈشكەن جايدىكى بۇرگىلەر ھەر تەرەپكە قىچىپ كارۋات ئۇستىدىكى سومكا ئىچىلىپ قالدى .
   سىمىزنىڭ كاسىسىغا ئۈچ–تۆت دانە بۇرگە يامىشۋالغان بولۇپ :" ئاناڭنى، پوجاڭزىنى تىزرەك ئاتايلى ، مەن چىدىيالمىدىم..... !!" دەپ ۋاقىرىدى .
    ئارقىدىنلا پەنزېنىڭ ئۈستىدىن :" ئاناڭنى، بولمىغۇدەك ، سومكىدىكى پارتىلاتقۇچنىڭ كۈچ زور ، پارتىلىسا بىزمۇقوشۇلۇپ ئادەم گۆشى كاۋىپى بولىمىز !!" دەپ ۋاقىرغان ئاۋازى ئاڭلاندى . مەن نۇرغۇنلىغان بۇرگلەرنىڭ يامىشىپ چىقىۋاتقانلىقىنى كۆرۇپ:" كارمىز نىمە ....كاۋاپ بولۇشبۇ ئىپلاس بۇرگىلەرگە يەم بولغاندىن ياخشى ..." دەپ ۋاقىراپلا سوكىغا قارىتىپ ئوق ئۈزدۇم .
   دەقىقىدىن كىيىن قۇلاقىنى يارغۇدەك پارتىلاش ئاۋازى بىلەن تەڭپۇتكۇل بەدىنىم ئاۋالئىسسق ھاۋا ئىقىمىنى ھىس قىلدى ، ئارقىدىنلا پارتىلاشتىن ھاسل بولغان ھاۋا ئىقىمنىڭ تەسىرىدە بىشىم بىر نەرسگە ئۇرۇلۇپ كۆزۇمدىن ئوت چاقناپ، گىلىم تاتلىق بولۇپ ئىزىمدىن ئىسىسق قان ئىتىلىپ چىقتى–دە قۇلىقىم ھىقانداق ئاۋازنى ئاڭلىيالمدى.
   بىردىمدىن كىيىن كاللامىنى سىلكىۋىتىپقارىسام پارتىلاش تۆۋەندىكى نۇرغۇن جەسەت بۇرگىسىنى كۆيدۇرۇپ تاشلاپتۇ .ئەتىراپمدە باشقىلار كۆرۇنمەيتتى ، شۇڭا باشقىلار قانداق بولغاندۇ دەپ ئويلاۋاتسام تۆندىن بىر مۇنچە جەسەت بۇرگىلىرنىڭ چىرىلداشقان ئاۋازىنى ئاڭلاپ بەدىمنىڭ ئاغرىشىغىمۇ قارىماي جىنىمنىڭ بارىچە يەنەيۇقىرغا قاراپ ياماشتم .
    ئۈستىدىكى يىرىققا ئازلا قالغاندا مۈرەمنىڭ قاتتىق ئاغرىۋاتقانلىقىنى سىزپ ئۆرۇلۇپلا مۈرەمدىكى بۇرگىنى سىلكىپ چۈشۈرۋىتىشىمگە يەنە بىرسى سەكرەپلا يوتامنى چىشلىۋلدى. مەن ئاغرىق ئازابىغا چىداپ تۇرۇپ بوينىمغا ئىسىۋالغان مىلتىق بىلەن ئۇرۇپ مىجىقىنى چىقىرىشمغا يەنە بىرسى سەكرەپ چىقتى .    يىرىققا ئاز قالغان بولغاچقا كۆڭلۇلۇمدە :" چىشلىشە ، غاجىشە ، ئىشقىلىپ بۇ بىر نەچچىڭ مىنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە چشلەپ ئۆلتۇرەلمەيسەن ! ئۇستىگە چىققاندا كۆرىدىغىنىڭ بار سەن ئىپلاسلارنىڭ ..." دىگەنلەرنى ئويلاۋاتسام دەرەخ شىخىنى تۇتقان قولۇمىڭ قاتتىق ئىچىشىقانلىقىنى ھىس قىلىپ قارىسام ھەممە يىرى قانغا بويالغان تىرىسى يوق ئادەم يۇزىنىڭ ھازىرلا چاچىراپ چىقىدىغاندەك پولتىيپ چىققان بىر جۇپ كۆزى بىلەن ماڭا تىكىلىۋاتقانلىقىنى كۆردۇم .

EzQi0908 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-22 14:04:38

ئاخىرىنى يوللىسامئىنكاسىڭىز تەستىقلىنىۋاتىدۇ دەپ قاراپ تۇردىغان بولىۋالدى دىسە:o:o:o:o

EzQi0908 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-22 14:09:53

چوڭ تىپتىكى سىرلىق ، قورقۇنچلۇق ، تەشۋىشلىك ئەسەر   
                                       كىپەن ئوغىرسىنىڭ خاتىرسى

                                       1- خاتىرە 1-بۈلەك 28– باپ ئوت

   باش– كۆزى قانغا بويالغان يۇزنىڭ تىرىسى ئىرىپ كەتكەنمۇ ياكى باشقا سەۋەپتىنمۇ تىرىسى ئاستىدىكى    گۆشلىرى تىلىم–تىلىم بولۇنۇپ كەتكەن ئىدى . مەن بىرلا قاراپ بۇ يۇزنىڭ تونۇش ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىش بىلەن بىرگە ئىنايىن قورقۇپ كەتتىم ، ئۇ غەلىتە يۇز ئاكۈينىڭ ئىدى . توۋا خۇدايىم ، ئاكۈينىڭ چىراي بەئەينى قانخۇر ئالۋاستىنىڭكىگە ئوخشاپ قالغانتى .
    ئۇنىڭ كاللىسىنىڭ سول تەرىپىدىكى ئالقانچىلىك گۆشىنى پەنزې ئاتقان ئوق ئۈچۈرۋەتكەن بولۇپ ئىچىدىكى سۆڭىكىمۇ كۆرۇنۇپ قالغان ئىدى . بىراق ئاكۈينىڭ ياشاش ئىرادىسى كۈچلۈكمۇ ياكى ئەزرائىل ئۇنىڭ جىنىنى ئىلىشنى خالىمىدىمۇ قانداق ! ئىشقىلپ ئۇ تىخى ئۆلمىگەن ئىدى . مەن ئۇنىڭ تىخى ھايات ئىكەنلىكىنى كۆرۇپ خۇش بولغىنمىدىن :" تىز ياماش ، بەلكىم ساقىيىپ كىتەرسەن !" دىدىم .
    بىراق ئاكۈينىڭ چىرايىدا ھىچبىر مىنى كۆرۇپ خۇش بولغانلىق ئىپادىسى كۆرۇنمەيتى ، كۆزلىرىدىن بىر خىل نەپرەت – ئۆچمەنلىك ئۇچقۇنى چاقناپ تۇراتتى ، قارىغاندا ئۇ بىزنىڭ ئۆزىنى تاشلاپ كەتكەنلىكىمىزگە ئۆچمەنلىك ساقلاۋاتقان چىغى . بۇ ۋاقىتتا ئاكۈي مىنىڭ قولۇمنى تۇتىۋالغان بولغاچقا ئۇنىڭ بەدىنىدىكى قورقۇنۇچلۇق قان قىزىللىق مىنىڭ قولۇمغا يامراۋاتاتتى ،دەل شۇ پەيىتتە مەن قولۇمنىڭ ئىنتايىن ئاچچىق ئىچىشىۋاتقانلىقىنى ھس قىلپ كۆڭلۇمدە :" تۈگەشتىم " دەپ ئويلىدىم .
    بىردىنلا ئاكۈي ئىغىزدىن نىمە دەۋاتقانلىقىنى بىلگىلى بولمايدىغان ئاۋازچىقىرىپ قولۇمغا ئىسىلىپ مىنى پەسكە تارتىشقا باشلىشىغا توۋەندىكىئىپلاس جەسەت بۇرگىلىرى ئسىمگە كىلىش بىلەن كۇچۇمنىڭ بارىچە ئاكۈينىڭ قولىنى سىلكىپ چۈشۇرۋىتىپيۇقىرغا يامىشىشقا باشلىدىم . بىراق ئۇ قولۇمدىن ئاجىراپ دەرھال پۇتۇمغا چاپلىشىپ پەسكە تارتىپ پىدائىلاردىن ئۆگىنىپ   مىنى ئۆزىگە قوشۇپ دەپنە قىلماقچى بولىۋاتاتتى .
    مەن دەرھال :" ئاكۇي بىگىم ، مىنى قويىۋەتسىلە ،تەقدىر شۇنداقكەن ، ئەگەردە ھايات قالغۇلىرى بولسا مەن بىلەن بىللە ماڭسىلا ، ئۇنداق بولمىسا مىنى ئۆزلىرىگە قوشۇپ دەپنە قىلىشىنىڭ ھىچقانداق ئەھمىيتى يوق ...... ئۇنىڭ ئۇستىگە مەنمۇ ئەركەك ...... سىلىگە ھەقىقەتەن ھەمرا بولالمايمەن......!!" دىدىم .
    ئۇ گىپىمىنى ئاڭلاپ خۇددى ساراڭ كالىدەك تىپىرلاپ ئىتىلىپ كەلدى ، ئۇنىڭ كۆزىدە ئۆچمەنلىكتىن باشقا نەرسىنى كۆرگىلى بولمايتتى . توساتتىن ئاكۇي بىرلا يامىشىپ چىقىپ گىلىمنى بوغىۋالدى ، قارىسام ئۇ مىنى بوغۇپ ئۆلتۇرمىگچە بولدى قىلمايىدىغان چىراي ، ئۇ ئۆلمىسە مىنىڭ ئۆلىشىمدە گەپ يوق . شۇڭا بارلىقكۈچۈمىنى پۇتۇمغا يىغىپ ئۇنى تەپكەن دەقىقنىڭ ئۆزىدە بوينۇمغا ئسىقىلىق مىلتىقىنىڭ ستىۋولىنى ئۇنىڭغا قارىتىپقىلچە ئىكىلەنمەيلا تەپكىنى باستىم . " پاڭ " قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ ئوق پەسكە چۈشۇپ كىتىۋاتقان ئاكۈينىڭ كۆكرىكىنى تىشىپ ئوتۇپ قىپقىزىل قىنىنى چاچىرتىۋەتتى . ئۇ بوشلۇقتا پۇت –قولىنى پۇلاڭلىتىپ بىر نەرسىنى تۇتماقچى بولاتتيۇ بىراق ھىچنىمنى تۇتالماي پەستىكى جەسەت بۇرگىسى دىڭىزىغا چۈشۈپ كەتتى .
   بۇ ۋاقىتتا ئاكۈي تۇتىۋالغان قولۇمدا تۇيغۇ يوق بولۇپ ئۆزۈمنىڭ دەرەخ شىخىنى تۇتقان ياكى تۇتمىغانلىقىمنى بىلمەيتىم . توساتتىنلا ئۆزۇمىنىڭ پەسكە چۇشۇپ كىتىۋاتقانلىقىنى ھس قىلىپ يەنە بىر قولۇمنى سۆزۇپ دەرەخ شىخغا يامىشىپ ئۆسكەن پىلەك غوللۇق ئۆسۈملۈكىنى تۇتۋالماقچى بولىشىمغا بۇ قولۇمغا تاش توپىسى سۇركەلگەن بولغاچقا ئۆسۇملۇك يىغىلىپلا ئۆزىنى ئەپ قاچتىدە مەن تۆۋەندىكى چوڭ دەرەخ شىخىغا قاتتىق ئۇرۇلدۇم .
    چوڭ شاخقا نۇرغۇن جەسەت بۇرگىلىرى يامىشىپ كەتكەن بولۇپ مىنىڭ سوقۇلىشىمدىن يىرىمدىن كۆپرەكى پەسكە چۈشۈپ كەتتى . دەرەخ شىخغا سوقۇلغان دەقىقىدە مەن دەرھال ئىككى تىزىم بىلەن شاخنى قىسىۋىلىپ بۇرگىلەر ئارىسغا چۇشۇپ كىتىشتىن ساقلاندىم . ئەتىراپىمدىكى جەسەت بۇرگىلىرنىڭ ماڭا قاراپ ئۆمىلەۋاتقانلىقىنى كۆرۇپ ئچىمدە ئاچچىق كۇلۇپ تاشلىدىم .ھازىز ئالدىمدا نەچچە خىل ئۆلۇش ئۇسۇلى تۇرۇپتۇ ، يىقىلپ ئۆلسەممۇ ياكى ئىپلاس بۇرگىلەرگە يەم بولساممۇ ۋە ياكى زەھەرلىنىپ ئۆلسەممۇ بولىۋىرىدۇ ، قارىغاندا ئەزرائىل مىنى بەك ياخشى كۆرسە كىرەك .
    ھەسرەت چىكىپ تۇرسا، ھىلىقى ئۆلگۇر سىمىز بىر نەچچە جەسەت بۇرگىسىنى تىپىپ تۆۋەندىن يامىشىپ چىقتى . توۋا خۇدايىم ، مەندىمۇ ئاستا يامىشىدىغان ئادەم باركەن دىسە ! سىمىز مىنى كۆرۇپ ئىغىزىنى بۇزۇپ :" ئاناڭنى!! سىنىڭ تىخى بۇ يەردە دەرەخ شىخىغا ئىسىلىپ بەدەن چىنىقتۇرۇشقا ۋاقتىنىڭ باركەن ھە ؟! قارىغىنە ، سىمىز غوجاكاڭنىڭ كاسسىنى ئىپلاس بۇرگىلەر چىشلەپ ھەرە ئۇۋىسىغا ئايلاندۇرۇپ قويدى ...." دەپلا مىنى يۆلەشكە تەمشىلىشىگە سىمىزگە قاراپ ۋاقىردىم :" مىنى تۇتمازەھەرلەندىم ،ماڭا ئامال يوق ، سەن كىتىۋەر ..."   سىمىز ھىچنىمە دىمەيلا مىنى يۇدۇپ :" ئاناڭنى ، ئەينەككە قاراپ باقە! سەن بىر نىمنىڭ ئىككى مەڭزىڭ قىپقىزىل ، يۇز تىرەڭ پاقىراق ،قايسى زەھەرلەنگەن ئادەم ساڭا ئوخشايدۇ ؟!" دىدى .
    مەن سىمىزنىڭ گىپىگە ئىشەنمەي بىلىكىمگە قارىسام بىلىكىم قىپقىزىل قاپارتما بىلەن تولغان بولۇپ خۇددى نەچچە مىڭ پاشا چىقىۋالغاندەك قىززىرىپ ئىششىپ كەتكەن ئىدى . لىكىن بۇ قىزىل قاپارتمىلار مۈرەمگە كىلىپ توختاپ قالغان بولۇپ باشقا يىرىمگە تارقىماي ئەكىسچە بارا –بارا يوقاپ كىتىۋاتاتتى . بۇنى كۆرۇپ ھەيران قالغىنىمدىن :" ئۇ زەھەر ماڭا كار قىلمايدىكەنغۇ ؟؟!" دەپ ئويلىدىم .    سىمىز مىنى يۇدۇپ چىشىنى چىشىغا چىشلەپ دىگۇدەك ئۈستىگە يامىشىۋاتقان بولغاچقا مەن ئۇنىڭ دۇمبىسىدەئارقىمىزدىكى جەسەت بۇرگىلىرىدىن مۇداپىئە كۆرىدىغان گۆش قالقىنىغا ئايلاندىم ، بىرمۇنچە جەسەت بۇرگىلىرى سەكرەپلا چىقاتتى –دە كاسسامنى چىشلەيتتى ، شۇڭا مەن ئىغىزىمنى بۇزۇپ :" ئاناڭنى ئۆلگۇر چوشقا، سىنى تىخى ياخشى نىيەت بىلەن مىنى يۇدىۋالغان ئوخشايدۇ دەپتىمەن .... ئەسلىدە سەن مىنى ‹‹ يا ئوقىدىن ››مۇداپىئە كۆرىش ئۇچۇن يۇدىۋاپتىكەنسەندە؟......." دەپ ۋاقىردىم .
    سىمىز ئۇلاپلا :" نىمە كوتىلدايسەن ؟ قايىل بولمىساڭ مىنى يۇد ئەمسە ! ئاكاڭ قارىغاينىڭ كاسسىدىمۇ ساق يەر قالمىدى..... " دەپ جاۋاپ قايتۇردى .
   مەن ئۇنىڭ بىلەن تالىشىۋىرىشىنى خالىمىدىم . بۇ ۋاقىتتا سىمىز مىنى يۇدۇپ توققۇز باشلىق يىلان دەرىخىنىڭ نۇرغۇنلىغان جەسەت ئىسلغان يىرىگە يامىشىپ چىقتى .ئالدىراپ –تىنەپ يامىشۋاتقان بولغاچقا دىققەتسىزلىكىتىن ئىسىقلىق تۇرغان جەسەتلەرگە سوقۇلۇپجەسەتلەرنى مىدىرلىتىۋەتكەچكە كەينىمىزدىن قوغلاپ كىلىۋاتقان بۇرگىلەر بىزنى قوغلاشتىن توختاپ بەزى تولۇق چىرىپ بولالمىغان جەسەتلەرگە يامىشىىپ قالايمىقان چىشلەشكە باشلىدى . سىمىز بىرلا ئارقىغا قاراپ :" بۇ ئىپلاسلار بەك دۆتكەن ، بىر ئوبدان تىرىك يىڭى گۆشتىن ۋاز كىچىپ چىرىپ كەتكەن سىسىق گۆشكە ئىتىلدى دىسە ......." دەپ چالۋاقىدى .
    سىمىز بۇ ئامالىنىڭ كارغا كىلىدىغانلىقىنى كۆرۈپ مىنىقولۇپ يەتكەن جايلاردىكى جەسەتلەرنى مىدىرلىتشقا بۇيرىدى ، مەن گەرچە بۇ ئاللىقاچان ئۆلگەن جەسەتلەرنى ئاۋارە قىلىشىنى مىڭ مەرتىۋە خالىمىساممۇ بىراق جاننى ساقلاپ قەلىش ئۇچۇن يەنىلا سىمىزنىڭ دىگىنىبويچە قىلدىم . ئارقىمىزدىكى بۇرگىلەر بىزنى تاشلاپ جەسەتلەرگە ئىتىلىپ بىزگە تىنىۋلغۇدەك پۇرسەت تۇغدۇرۇپ بەردى .
   بايامقى جىددىيلىكتىن كىيىن قولۇمنىڭ سىزىمى ئاستا –ئاستا ئەسلىگە كەلدى . شۇڭابوۋامنىڭ خاتىرسىدىكى مەزمۇنلارنى ئىسىمگە ئالدىم ، بوۋاممۇ زەھەرلىنىپ ئۆلمەپتىكەن ، قارىغاندا تىنىمدە تۇغما زەھەرگە قارشى ئىمىۇنىت كۈچى بارمۇ – قانداق دەپ ئويلاپ قالدىم .
    ئويلاپ ئاخىرىنى چىقىرالمىغاندىن كىيىن سىمىزگە " مىنى چۈشۇرۇپ قوي " دىدىم . سىمىز مىنى چۈشۇرۈپلا چالا بوغۇزلانغان چوشقىدەك خىقىراپ نەپەسلىنىشكە باشلىدى . قارسىام ئۇ ھىرىپ كەتكىنىدىن كۆزلىرىمۇ قىززىپ كەتكەن بولۇپ ئىچمدە كۇلۇپ:"ئالدىنقى قىتىم تاش سۇپا ئۈستىدە سىنى يۇدۇپ قان قۇساي دەپ قالغان ئىدىم ، بۇ قىتىمقىسى بىلەن تەڭلەشتۇق ......!" دىگەنلەرنى ئويلاۋاتسام توساتتىن سىمزىنىڭ ئارقىسىدىكى درەخ شىخدا بىرسىنىڭ ماڭا قاراپ كۆز ئىشارىسى قىلۋتقانلىقىنى كۆردۇم .
    مەن دەرھال بىشىمنى سىلكىپ كۆزۇمنى ئۇلىۋىتىپ شاخ ئۇستىگە قارىسام ھىچكىم يوق ، شۇڭا ئەجەپلىنىپ تۇرسام سىمىز :" ئاناڭنى ، نىمە ھاڭۋىقىپ تۇرىسەن ؟ تىز ماڭايلى !" دەپ ۋاقىردى .
    " توختاپ تۇر ! " دەپ سىمىزنى تارتىپ تۇرۇپ ئىيتتىم :" سولغا ماڭ سولغا ، بايا بىرسى ماڭا قاراپ كۆز ئىشىارىسى قىلدى !" .
    سىمىز كالىدەك پۇشۇلداپ ماڭا ئەگىشىپ ياماشتى . بىرىپ قارىساق ھىچكىم يوق ، لىكىن مەن كۆرگەن شاخنىڭ ئاستىدا بىر ئادەم ئاران پاتقۇدەك كەڭلىكتىكى دەرەخ كامىرى تۇراتتى .
   سىمىز دەرھال قول چىرىغىنى ياندۇرۇپ كامار ئىچىنى يورۇتتى . كامار ئىچدە نۇرغۇنلىغان ئالۋاستى ئۆسۇملۇكلەرئىغىر دەرىجىدە چىرىپ كەتكەن بىر جەسەتنى ئورىۋالغان بولۇپ جەسەت ئىغىزى ناھايتى چوڭ ئىچىقلىق ،كۆزىنىڭ ئەتىراپى كۆكىرىپ كەتكىنىدىن كۆز قارچۇقىنىمۇ كۆرگىلى بولمايتتى . سىمىز ماڭا قاراپ :" ئۆلۈككەنغۇ ؟؟ سەن جىن كۆردۇڭمۇ نىمە ؟" دەپ سورىدى .
    مەن ئۇنىڭ بىزگە قاراپ كۆز ئىشارىسى قىلىپ بىزنى بۇ يەرگە باشلاپ كىلىشىنىڭ چوقۇم بىر سىرى بار دەپ ئويلاپ جەسەتنىڭ ئۇستىبىشىنى ئاختۇرۇپ ئۇنىڭ قولىدا مىتالدىن ياسالغان مىدالىئوننى سىقىمدىۋالغانلىقىنى بايقىدىم .
    دەل شۇ پەيىتتە تۆۋەندىكى بۇرگىلەر بىزگە قاراپ چىرىلداشقا باشلىدى . شۇڭا مەنمۇ ئاختۇرۇشنى توختىتىپ ئىزىتقۇ كىيىم كىيىۋالغانجەسەتكە قاراپ ھەربىيچە سالام بەرگەندىن كيىن يۇقىرغا يامىشىشقا باشلىدىم . ئەسلىدىنلاسىمىز مىنى يۇدۇپ يامىشىپ يىرىققا ئاز قالغان بولغاچقا بىز بىردەم يامىشپلا يىرىق ئۈستىگە چىقىپ كەتتۇق .
    ئىككىمىز يىرىقىتىن چىقىپلا پەسكە قارىساق بىزنى قوغلاۋاتقان بۇرگىلەر ھىچ توختاپ قالىدىغاندەك قىلمايتتى . ئۇلار توختىناي يامىشىپ يىرىقىنىڭ ئاستىغلا كىلىپ قالغان بولغاچقا سىمىز ماڭا قاراپ :" ھازىر تىخى ئارام ئالىدىغان ۋاقىت ئەمەسكەن ! تىز قاچايلى " دەپ ۋاقىردى .
    مەن يەر ئاستىدا ئۇزاق تۇرغاچقا يولىنىشنى پەرىق قىلالماي ھاڭۋىقىپتۇرسامئالدىمىزدىكى قويۇق چۆپلۇكتىن مۈرىسىدەبىر نەرسەكۆتۇرۋالغان كەنجى تاغام يۇگرەپ چىقىپلا ۋاقىردى :" تىزدىن كەينىدىكى بىنزىن تۇڭىنى يۆتكەپ كەل !
   مەن يۈگرەپ بىرىپ قارىسام بىز قىچىپ چىققان يىرىق بىلەن قەۋرىگە چۈشۈش ئۇچۇن كۆلىغان ئوغىرى كامارنىئىگىزلىكى ئالتە -يەتتە مىتر ئەتىراپىدىكى كىچىڭ دوڭلۇكئايرىپ تۇرغانبۇلۇپ ئەمىليەتتە بىز كۆلىغان ئوغىرى كامىرىغا ئىنتايىن يىقىن ئىدى .
    مەن يۇگرەپ بىرىپ قارىسام بىز قالدۇرۇپ قويغان ئەسۋاپ – جابدۇقلار جايىدا ئىكەن . شۇڭا كۆڭلۇمدە:"سەن نىجىسلارنىڭ ئەدىۋىنى بىرىدىغان پەيىت كەلدى !" دەپ ئويلاپ بىنىزىن تۇڭىدىن بىرنى مۈرەمگە ئارتتىم .   سىمىز بىلەن ئىككىمىز بىنزىن تۇڭىنى كۆتۇرۇپكەلگەن ۋاقىتتا كەنجى تاغام ئاللىقاچان بىرىنچى تۇڭ بىنزىننى يىرىققا تۆكۇپ بولغان بولۇپ چاقماقنى ياندۇرۇپ يىرىققا تاشلىشىغا" گۇپ" قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ يىرىقىنى ئوت يالقۇنى قاپلاپ بۇرنۇمغا ئىنتايىن سىسىق كۆيگەن گۆشىنىڭ پۇرىقى ئۇرۇلدى . كۆيىۋاتقان بىنزىن يىرىقتا ئوت سىپىلىنى ھاسىل قىلغان بولۇپ ئىپلاس بۇرگىلەرنىڭ ئىچىنىشلىق چىرىلداشقان ئاۋازىنى ئاڭلاپ، كۆيۇپ چىقارغان سىسىق پۇرىقىنى پۇراپ كۆڭلۇم ئىنتايىن يايراپ كەتتى . بىز بۇ ۋاقتتا ئوت ئۈستىگە يەنە ماي چىچىپ ئككىنچى ، ئۈچۈنچى تۇڭ بىنزىننىمۇ يىرىققا قاراپ تاشلىشىمىزغا تۇڭدىكى بىنزىن پارتىلپ ھاسىل بولغان ئىسىق ھاۋا ئىقىمى قاش –كىرپىكلىرىمنىمۇ كۆيدۇرىۋەتتى .   
    مەن دەرھال ئارقامغا يىنىپ قولۇمدىكى مىدالئىونغا قاراپ ئىگىسىنىڭ ئىسمىنىڭ JIEMS ئىكەنلىكىنى كۆرۇپ سۇرتىۋىتىپ يانچۇقۇمغا سىلىپ پۇرسەت بولسا ئۇنىڭ ئۇرۇق – تۇققانلىرىغا قايتۇرۇپ بىرىدىغانلىقىمنى ئۇنىڭ ھازىرچە شۇ يەردە يىتىپ تۇرۇشىنى ئويلاپ تۇرىشىمغا سىمىز كەنجى تاغامدىن :" قالغان ئىككەيلەنچۇ ؟" دەپ سورىدى .      كەنجى تاغام كەينىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ :" پەنزىنىڭ ھالى خاراپ ، ئوتتەك قىزىپ كىتىپتۇ ، ھىلىقى ئاكاشنى كۆرمىدىم ، سىلەر بىللە ئەمەسمىدىڭلار؟" دەپ جاۋاپ قايتۇردى .
   سىمىز بۇ گەپنى ئاڭلاپ :" پارتىلاشتىن كىيىن ئۇنى كۆرمىدىم ، قارىغاندا ئۇنىڭغا بىرەر تالاپەت يەتكەنئوخشايدۇ !!" دىدى .   كەنجى تاغام ئارقىدىنلا بىشىنى چايقاپ تۇرۇپ :" ئۇنداق بولىشى ناتايىن ، ئۇ ئادەتتىكى ئادەم ئەمەس ، ئۇنىڭ ئۇستىگە ئۇ ئەڭ ئالدىمىزدا يامىشىۋاتقان ........ بەلكىم پارتىلاشتىن بۇرۇنلا قىچىپ چىققان بولىشى مۇمكىن " دىدى .ئارقىدىنلا ھەممىمىز ئەتىراپنى ئىزدىگەن بولساقمۇ بىراق بوتۇلكىنىڭ قىچىپ چىققانلىق ئىزناسىنى تاپالمىدۇق . بۇ چاغدا كەنجى تاغام ئاچچىق بىر كۇلۈپ قويدى .
    ھەممىمىز چىدىرغا قايتىپ گۇلخان يىقىپ ئىسىپ قالغان گۆش كونسىرۋاسىنى قىزىتىپ يىدۇق . مىنىڭ قورسىقىم بەك ئىچىپ كەتكەن بولغاچقا قۇتىدىكى نىمە گۆشى ئىكەنلىكىگە دىھقەتمۇ قىلماي ئاچ قالغان بۆرىدەك كاپ ئەتتىم . كەنجى تاغام ئارقىمىزدىكى دۆڭنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ :" قاراڭلار ، بۇ چىدىر بىز چىققان يىرىققا بەكلا يىقىن ئىكەن ، قارىغاندا ھىلىقى قىرى كۆرگەن ئالۋاستى دەرەخ چۇقۇم قەۋرىدىكى توققۇز باشلىق يىلان دەرىخى شۇ ! ئۇلار بۇيەردە چىدىر تىكىپ تۈنىگەن بولغاچقا ئالۋاستى ئۆسۇملۇكلەر ئۇلارنى يايقاپ يىرىقىتىن چىقىپ ئۇلارغا تالاپەت يەتكۇزگەن ، بىز ھەرنىمە بولسا بۇ يەردە قونۇپ قالماپتىكەنمىز ، ئۇنداق بولمىغاندا بىزمۇ ئۇلاردەك ..........!" دىدى .
   ئارقىدىنلا سىمىز :" بىز قويغان ئوت قاچانغىچە كۆيىدۇ ؟ بۇنى بىلمەيمىز ، ئوت ئۆچۇپ بۇرگىلەر ئۇستىگە چىقسا چاتاق بولىدۇ ، بىز تىزدىن بۇ ئورمانلىقتىن چىقىپ كىتەيلى " دىدى .
   مەن ئالدىراپلا باش لىڭىشتىپ ئۇنىڭ پىكىرىگە قوشۇلدىغانلىقىمنى بىلدۇردۇم ھەمدە سىمىز بىلەن ئىككىمىز پەنزىنى نۆۋەتلىشپ كۆتۇرۇپ ئورمانلىققا قاراپ يولغا چىقتۇق .
    يول بويى ھىچكىم گەپ قىلمىدى . كەلگەن ۋاقتىمىزدا پاراڭلىشىپ ، كۇلۇشۇپ كەلگەندۇق قايتقان ۋاقتىمىزدا بولسا خۇددى تۇرمىدىن قاچقان جىنايەتچىدەكئالدىراپ –تىنەپ شەپىسىزلا ماڭدۇق .
   مەن ئاللىقاچان ئىككى كىچە –كۇندۇز كىرپىك قاقمىغان ئۇنىڭ ئۈستىگە مىڭەم48سائەتجىدىچىلىك ئاستىدا خىزمەت قىلغان بولغاچقا يول ئاز قالغان چاغدا پەقەت ئىڭەمدىكى تۇيغۇ . ئارزۇ – ئارمانغا تايىنپلا يولىنى داۋاملاشتۇردۇم .   تىنىم بەكلا ھىرىپ كەتكەنلىدىن ھازىرلا يىقىلىپ قالىدىغاندەكلا قىلاتتىم . ۋاي خۇدا !!بۇنداق بولارنى بىلسەمھەرگىزمۇ كىپەن ئوغىرلىغىلى چۇشمەيتتىم . كۆڭلۇمدىكىنى ئىيتسام ئاپىسىنىڭ كۆكسىنى قاتتق چىشلىگەن ئادەم كىپەن ئوغىرلىقىنى قىلىدىكەن .......!!! _
   بىز توپتوغرا بىر كۇندۇرماڭغاندىن كىيىن ئورمانلىقىتن چىقىپ ھىلىقى لاي –شىغىل ئىقىنى شەكىللەندۇرگەن چىغىر يولدىن ئوتۇپ ئاخىرى سۆيۇملۇك كىچىك كەنىتنى كۆردۇق .
    بىز كەنىتكە كىرىپلا پەنزىنى كەنىتتىكى يالاڭئاياق دوختۇرنىڭ قىشىغا ئاپاردۇق .يالاڭئاياق دوختۇر پەنزىگە قاراپ قوشۇمىسىنى تۇرۇپ بىر نىمىلەرنى دىيىشىگە ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپلا ئوزۇممۇ بىلمەي بۇخاراغا كەتتىم .
   بۇ قىتىمقى ئۇيقۇ ئۆمىرىمدە ئۇخلىغان ئۇيقىنىڭ ئەڭ تاتلىقى بولسا كىرەك ، بەكلا ھىرىپ كەتكەچكە بىرەر يىرىم تال چۈشمۇ كۆرمەپتىمەن . قانچىلىك ۋاقىت ئۇخلىغانلىقىمنىمۇ بىلمەيمەن ، بىر چاغدا ئىسىمگە كىلىپ سىرتىن ئاڭلانغان ۋاراڭ –چۇرۇڭ ئۆرە –تۆپىدىن بىرەر كىلىشمەسلىكنىڭ يۇز بەرگەنلىكىنى ھس قىلىدىم .

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2014-6-22 16:22:38

تېخىچە تەستىقلاپ بولمىدىما؟

taz يوللانغان ۋاقتى 2014-6-22 18:05:09

يائاللا، مۇنداق ئۇزۇن ئەسەر ئوقۇمىغىلى خېلى بوپتۇ، سالوندىكىنى ئوقۇپ بولۇپ، خەنزۇچىسىنى ئوقۇۋاتىمەن.

EzQi0908 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-22 19:29:35

چوڭ تىپتىكى سىرلىق ، قورقۇنچلۇق ، تەشۋىشلىك ئەسەر   
   
                                             كىپەن ئوغىرسىنىڭ خاتىرسى
                                           1- خاتىرە 1-بۈلەك29– باپقۇتا

    مەن تىخى ھازىرلا ئۇيقۇدىن ئويغانغان بولغاچقا سىرتتا نىمە ئىش بولغانلىقىنى بىلمەيتتىم . شۇڭا كەنجى تاغامدىن نىمە بولغانلىقىنى سوراي دەپ قارىسام ئو يىنىمدىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپلا ئۇخلاپ قالغان بولۇپ مەندىنمۇ تاتلىقراق ئۇخلاۋاتقاندەك قىلاتتى .ئۆي سىرتىغا چىقىپ قارىسام كەنىتتىكىلەرنىڭ بەزىسىقول ھارۋىسىنى ئىتتىرىپ بەزىىسى ئىشەك –قچىر ھارۋىلىرىنى ئالدىرىشىپ ھەيدەپ ئورمانلىققا قاراپ كىتىۋاتاتتى . مەن كەنىتتىكى كىچىك بالىدىن نىمە ئىش بولغانلىقىنى سورىسام ئۇ ماڭا :" چاتاق چىقتى چاتاق ، ئورمانلىققا ئوت كەتتى"دەپ جاۋاپ قايتۇردى .
   مەن بىز ئاز ھودۇقۇپ قالدىم ، ئەجەبا بىز يىرىققا قويغان ئوت ئەتراپقا يامراپ كىتپ ئورمانلىققا ئوت كەتكەن ؟ئەگەرراستىنلا بىز قويغان ئوت بولسا ئۇنداقتابۇ بىر نەچچىمىز ئورمان قوغداش قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغان بولىمىز !! شۇڭا مەن ئالدىراپلا كەنجى تاغامنى ئويغاتتىم . تاغام ئىككىمىز باشقا ئىشلىتىدىغان نەرسە تاپالماي يالاڭئاياق دوختۇرنىڭ سۇيدۇك قاچىىسىدىن ئىككىنى كۆتۇرۇپ چىقىشىمىزغا ئىشەك ھارۋىسىغا چىقىۋالغان سىمىز ھارۋىنى ئالدىمىزدا توختىتىپ :" بالا تىرىلدى ، تىز چىقىڭلار " دىيىشگە كەنجى تاغام ئىككىمىز بىر سەكرەپ ھارۋىغا چىقىشىمىز بىلەن تەڭ ھارۋا ئىككى تەرەپكە ئىغاڭلاپ تاغنىڭ ئىچىكىرسىگە قاراپ يۇرۇپ كەتتى . تاغنىڭ ئىچكىرسىدىن قويۇق ئىس –تۇتەك كۆتۈرلىۋاتقان بولۇپ قارىغاندا ئوت كەتكەن دائىرە كىچىك بولمىسا كىرەك ، شۇڭا كەنجى تاغام بىردەم ھاڭۋىقىپ قارىۋەتكەندىن كىيىن بىزگە قاراپ پەس ئاۋازدا :" قاراڭلار ، ھەقىقەتەن بىز قويغان ئوت ئىكەن !" دىيىشىگە مەن دەرھال ئۇنىڭ ئىغىزىنى تۇتىۋالدىم . ئالدى تەرەپتىن كەنىت رەھبەرلىرى بىز تەرەپكە قاراپ كىلىۋاتقاچ باشقىلارغا قاراپ ۋاقىردى :" تىزدىن ئوت ئۆچۇرگۇچى قىسىمغا تىلىفۇن قىلىڭلار ، ئالدى تەرەپتىكى تاغ ئۆرۇلۇپ چۈشۇپتۇ ......."
    مەن ئاڭلاپلا ھىلقى ئۆڭكۇر ئىچىدىكى نەرسىلەرنىڭ بىز قويغان ئوتتا كۆيۇپ تۈگەپ ئۆڭكۇر تىمىنىڭ ئۆرۇلۇپ چۇشكەنلىكىنى پەرەز قىلدىم ، ئەگەردە ئۆڭكۇردىكى ئىپلاس جەسەت بۇرگىلىرى بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ يەر ئۇستىگە چىقىۋالىدىغان بولسا چاتاقنىڭ تىخمۇ چوڭى چىقىدىغانلىقىنى ئويلاپ تۇرشۇمغا سىمىز قولىدىكى قامچا بىلەن ئىشەكىنى ساۋىداپ ‹‹ خىت ......خىت ›› لىغلى تۇردى . بىچارە ئىشەك !... بۇ ئۆلگۇر قارا نىيەت سىمىز كۈچەپ ئۇرىۋىرىپ ئىشەكنىڭ ساغىرسىنىقانىتىپ ئىششىتىۋەتكەنئىدى .
    كەنىت ئەزالىرى ئوت ئۆچۇرۇش بىلىمىدىن خەۋەردار ئىكەن ، بىر توپ ئادەملەر ئورمانلىققا قاراپ دەرەخ كىسىپ يول ئىچىۋاتاتتى ، يەنە بىر قىسىم ئادەملەر بولسا داس–چىلەكلەرگە سۇ ئۇسۇپ ئىچكىرى ئورمانلىققا قاراپ توشۇۋاتاتتى . مەن بۇ سۇ ئۇسۇلغان داس–چىلەكلەرنىڭ ئوت رايۇنىغا بىرىپ –كىلىشىگە كەم دىگەندىمۇ ئىككى سائاتتىن ئارتۇق ۋاقىت كىتىدىغانلىقىنى ھىس قىلىپ :" يۇرتداشلار ، سۇ توشۇمايلى ! بۇنچىلىك سۇئوتنى ئۆچۇرۇشكە ھەرگىز كار قىلمايدۇ ، بىكارغا ئاۋارە بولماي ئوت ئۆچۇرگۈچى قىسىمنىڭ كىلىشىنى ساقلايلى !" دەپ ۋاقىرىدىم .
   ئۇلار گىپىمنى ئاڭلاپ خۇددى بىر نىرۋا كىسىلىگە قارىغاندەك نەزەردە ماڭا تىكىلىۋاتاتتى . ئارسىدىن ياشراق بىرسى ئىغىز ئىچىپ :" يىگىت ، بۇ توشۇلغان سۇلار ئىچىشكە ئشلىتىلىدۇ ، ئوت كەتكەن جايدا سۇ بولمىسا ئادەم ناسايتى تىزلا سۇسىراپ ئۆلۇپ كىتىدۇ ، بىز ئوت كەتكەن جاينىڭ ئەتىراپىدىكى دەرەخلەرنى كىسىپ ئوتتىن مۇداپىئە بەلۋىغى ھاسىل قىلساق ئوت كۆيۇپ شۇ يەرگە كەلگەندە كۆيىدىغان نەرسە بولمىغاچقا ئۆزلىكىدىن ئۆچىدۇ ، سىلەر چۈشەنمىگەندىكىن بۇ يەردە قالايمىقىان سۆزلىمەڭلار !....." دىدى –دە قولىمىزدىكى تەرەت قاچىسىغا يىرگىنىش نەزىرىدە قاراپ قويدى .      ئۇلارنىڭ قارىشىدىن يۇزۇممۇ قىززىرىپ كەتتى ، ئاناڭنى ، بۇ قىتىم يۇزۇم بىراقلا نەچچە يۇز كىلو تۆكۇلدى دىسە ! خەپ ، بۇندىن كىين ھەرگىزمۇ قالايمىقان پىكىر قىلماسمەنا ! مەن دەرھال بىشمىنى تۆۋەن سىلىپ زۇۋان سۇرمەي ئۇلارغا ئەگىشىپ تاغنىڭ ئىچىكىرسىگە قاراپ ماڭدىم . يول بويىدىكى دەرەخلەر كىسىۋىتىلگەن بولغاچقا بىز بىر نەچچە سائەتتە باسقان ئورمانلىق يولىنى بىر سائەتتىلا بىسىپ بولدۇق –دە ئەتىراپتىكى ھاۋا تىپىراتۇرسىنىڭ ئۆرلەۋاتقانلىقىنى ھىس قىلىپ بىشمىنى كۆتۇرۇپ 10نەچچە قەۋەت بىنا ئىگىزلىكىدىكى قاپقارا ئىس –تۇتەكنىڭ ئۈستىگە ئۆرلەۋاتقانلىقىنى كۆردۇم .
    كەنىت ئەزالىرى ھەممىسى دىگۇدەك يىنىدىن ماسكا چىقىرىپ سۇغا تىقىپ يۆللەپ ئىغىز –بۇرنىغا تاقىۋىلىشتى ، قارسىام سىمىزنىڭ ئۇستىبىشىدا ئوشۇق لاتا –رەخىت دەيدىغان نەرسە بولمىغاچقا ئۇنىڭقىلچە ئىكىلەنمەيلا
سومكىسىدىكى ھىلىقى ئالتۇن يىپلىقيىپەك كىتاپنى سۇغا چىلاپلا ئىغىز – بۇرنىغا يۆگەپباشقىلارغا ياردەملىشىپ ئوتتىن مۇداپئە ئازگىلى كۆلاۋاتقانلىقىنى كۆردۇم .
    ئوتنىڭ يامراش سۇرئىتى ئىنتايىن تىز بولۇپ ئورمانلىقتىكى ئوت ئاپتى شەھەردىكىگە ئوخشىمايدىكەن . شەھەردە بىرەر بىناغا ئوت كەتسە سۇ چىچىپ ئۆچۇرۇشكە بولىدۇ ، بىراق ئورمانلىقتا بولسا ئوت كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئەتىراپتىكى ھەممە نەرسىنى يۇتىۋىتىدىكەن ، سىز دىھققەت قىلماي بىز يەردە تۇرۇپ ئوت ئۆچۇرسىڭىز كۆزنى يۇمۇپ –ئاچقۇچە ئوت ئەتىراپىڭزنى قورشاپ سىزنى ئوت يالقۇنى ئىچىدە قالدۇراتتى .
    ھەممىمىز بىرلىكتە چۈشتىن كىيىن سائەت ئىككىگچە ئشلىدۇق . بۇ ۋاقىتتا ئاسماندا ئورمان مۇھاپىزەت ئايرۇپىلانلىرى پەيدا بولدى–دە ھەربى قىسىمىنىڭ ئەسكەرلىرى بىزنىڭ ئورنىمىزنى ئىلىپ ئوت ئۆچۇرۇشكە ئاتلاندى . كۆڭلۇم بىر قىسمىلا بولۇپ بىرەر سىنىڭ بىز قويغان ئوت سەۋەبىدىن تالاپەتكە ئۇچرىشىدىن ئەنسىرەيتتىم ، خۇداغا مىڭ شۇكىرى ، ئاخىردا ئادەملەرنى سانىغاندا بىز نەچچىسىنڭ يەڭگىل يارلانغانلىقىنى ھىساپلىمغاندا ھەممە ئادەم ساق –سالامەت ئىدى .
    كەنىتكە قايقاندىن كىيىن ھەممىمىز دىگۈدەك ھىرىپ كەتكەنلىكىمىزنى ھىس قىلدۇق . قورسىقىم بەك ئىچىپ كەتكەچكە كەنىتتىكى كىچىك بالا بەرگەن قوتۇرماچنى ئىككى چىشلەپلا يەۋەتتىم–دە بۇ ئۆمۇرۇمدە بۇنداق مەزىلىك نان ياپ باقمىغانلىقىمنى ھىس قىلىپ ھىلىقى بالىغا يىغلاپ تۇرۇپ مىننەتدارلىق بىلدۇردۇم .
       كەنىت سىكىتارى بىزنى ماختاپ شەھەردىن كەلگەنلەرنىڭ بىزگە ئوخشاش يۇقىرى ئاڭ –سەۋىيدىكى يولداشلارنىڭ ئىنتايىن ئاز ئۇچىرايدىغانلىقىنى ئىيتىشىغا مەن كۆڭلۇمدە :" ھازىز بىزنى ماختاۋاتىسىز ، ئەگەردە ئۇئوتىنى بىزنىڭ قويغانلىقىمزنى بىلسىڭز بىزنى بوغۇپ ئۆلتۇرۋىتىشىڭز مۇمكىن ......." دەپ ئويلىدىم .      كەنىتتىكى يالاڭئاياق سىستىرا پەنزىنىڭ يارىسىنى دىزىنفىكسىيە قىلىپ داكا بىلەن تىڭىپ قويغاندىن كيىن ئۇنىڭغا قىززىتما ياندۇرۇش ئوكۇلىنى ئورۇپ قويدى –دە ماڭا قاراپ ئەنسىرىشىمنىڭ ھاجىتى يوقلۇقىنى ئۇنىڭ ھاياتىغا خەۋىپ يەتمەيدىغانلىقىنى ئەگەردە ئوت ئۆچۇرگۇچى ئەسكەر ئارىسىدا يارلانغانلار بولسا پەنزىنىمۇ ئۇلارغا قوشۇپ شەھەردىكە چوڭ دوختۇرخانىغا يۆتكەيدىغانلىقىنى ئىيتىپ كۆڭلۇمىنى تىنچلاندۇردى .
   كەنجى تاغام ئىككىمىز كەنىتىنىڭ مىھمان كۇتىشىگە قايتىۇق . مەن يۈيۇنۇش ئۇچۇن كىيىملىرىمنى سىلىپ بەدىنىمگە قاراپ ھەيران قالدىم ، بەدىنىمنىڭ ساق يىرى يوق بولۇپ كۆكىرىپ ئىششىمىغان بولسا تىرىسى سۈرۈلۇپ قىززىپ كەتكەنئىدى . ئۆڭكۇردىكى ۋاقىتتا جاننى ساقلاپ قىلىش ئۈچۇن قىچىپ بىلىنمەپتىكەن ، ھازىر بولسا پۇتۇن بەدىنىم ئاغرىپ پۇتۇمىنى يۆتكىمەكمۇ تەس كىلىۋاتاتتى .
   يۈيۈنۇپ چىقىپ ئۆزۇمىنى كارۋاتقا تاشلاپلا شۇنداق تاتلىق ئۇيقۇغا كىتىپتىمەن . ئويغانغان ۋاقتىمدا بولسا تاڭ يورۇپ قۇياش خىلىلا تىكلىشىپ قاپتۇ ، سىمىز بىلەن كەنجى تاغام ئۆزلىرىنىڭ كارۋىتدا تىخىچە ئۆلگىدەك خوررەك تارتىپ ئۇخلاۋاتاتتى .
    مەن چۇشتىن كىيىن ئەتتىگەنلىك ناشتا قىلپ بولۇپ ئوتنىڭ ئاللىقاچان ئۆچۇرۇلگەنلىكىنى قىسىمدىكىلەرنىڭ قايتىپ كەتكەنلىكىنى ھەمدە پەنزىنىڭ قىسىمدىكلەر تەرىپىدىن جېنەن شەھەرلىك چىيەنفۇ تىغى ھەربىي دوختۇرخانىسىغا يۆتكەلگەنلىكىنى ئاڭلىدىم –دە بۇ يەردە تۇرىۋىرىشنىڭ ھىچقانداق ئەھمىتى يوقلۇقىنى ھىس قىلپ قايتىپ كىتىشكە تەييارلىق قىلدىم .
   ئارلىقتىكى قۇرۇق گەپلەرنى يىزىشنىڭ ھاجىتى يوق . نەچچە كۇندىن كيىن بىز جېنەندىكى پەنزىنى داۋلاۋاتقان دوختۇرخانىدا پەنزىنىڭ داۋالىنىش رەسمىيەتلىرىنى بىجىرىپ ئۇنىڭ يىغا كىرىپ پەنزېىنىڭ تىخىچە ھوشىغا كەلمىگەنلىكىنى كۆردۇق . سمىز پەنزىنى يوقلاپ بولۇپلا يىنىدىكى ئالتۇن يىپلىق كىتاپنى كەنجى تاغامغا بىر تەرەپ قىلىشقا تاپشۇرۇپ تىلىقۇن نۇمۇرىنى قالدۇرۇپ قويۇپلا غايىپ بولدى . مەن ياتاققا قايتىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا كەنجى تاغام ئاچچىقلىغىنىچە كىرىپ كەلدى–دە ماڭا قاراپ :"ئەجەپ جىلە بولدۇما، مىنى باشقىلار كۆلدىرلىتىپتۇ ......" دىدى .
    مەن ئۇنىڭ گىپىدىن ھەيران بولۇپ ئاسارە –ئەتىقە بازىرىدا بىرەرسى كەنجى تاغامىنى ئالدىغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ :" كەنجى تاغا ، سىنىمۇ ئالدىيالايدىغانلار بارمىكەن ؟! قارىغاندا ئۇ ئەبلەخ سەندىنمۇ ئۆتەر ھىلىگەركەندە !!........." دىيىشىمگە كەنجى تاغام ماڭا كۆز ئالايتىۋىتىپ :" ھىلىگەر، ئوسرۇق ..... مىنىڭ دىگىنىم ئادەم ئەمەس ماۋۇ نەرسە ...." دەپلا قولىدىكى يىپەك كىتاپنى كۆرسەتتى .
    مەن يىپەك كىتاپنى كۆرۇپلا كارۋاتتىن سەكرەپ چۈشۇپ ۋاقىرىدىم :" نىمە !؟ مۇمكىن ئەمەس ..."
    كەنجى تاغام ئارقىدىنلا :" ھەقىقەتەن شۇنداقكەن ، مەن بۇ كىتاپنىڭ ئالتۇنىنىڭ ساپلىق دەرىجىسىنى تەكشۇرتۇم ، ئالتۇننىڭ ساپلىق دەرىجىسى ئىنتايىن يۇقىرى ئىكەن ، ئۇ دەۋىرلەردە بۇنچىلىك ساپلىقتىكى ئالتۇننى تاۋلاش مۇمكىن ئەمەس . بۇ ئالتۇن يىپەك كىتاپ ئىنتايىن ئۇستىلىق بىلەن ياسالغان ساختىسى ئىكەن !" دىدى .
   مەن نىمە دىيىشمنى بىلەلمەي تۇرسام كەنجى تاغام خۇرسىنىپ تۇرۇپ :" مەن بۇرۇنلا گۇمانلانغان ، ھىلىقى ئاكاش ئىنىقلا قانلىق مۇردىنى بويسۇندۇرالايتتى ، بىراق ئۇ دەسلەپتە نىمشقا قىچىىپ ئاخىردا قانلىق مۇردىنى مەغلۇپ قىلىدۇ ؟ مەنچىە ئۇ چوقۇم بىزنى قايمۇقتۇرۇپ ئۆزى يالغۇر بىرىپ بىر ئىش قىلماقچى ....." دىدى .
   مەن ئاڭلاپ ھەيران بولۇپ:" ئەجەبا بىز چىچىلىپ كەتكەن ۋاقىتتا ئۇ ئۆزى يالغۇر ھىلىقى ئۆڭكۇرگە كىرىپ لۇشاڭ بىگىنىڭ جەسەت ساندۇقىنى ئىچىىپ ئالتۇن يىپلىق يىپەك كىتاپنى ئالماشتۇرىۋەتكەن ؟! بۇ قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن ؟ بىر ئۆزى يالغۇز بۇ ئسشلارنى قانداقمۇ قىلالىسۇن ؟ئۇنىڭ ئۇستىگە دەرەخ كامىرى زەنجىر ئارقىلىق ئىچىكىلدىكەن ، ئەگەر ئۇ ئىچىپ بولغان بولسا بىز سىزىپ قالغان بولاتتۇق ؟....." دىدىم .
   كەنجى تاغام ئۇلاپلا :" سەن جەسەت ساندۇقىنىڭ ئاستى تەرىىپىنى كۆردۇڭمۇ ؟ ئۇ دىگەن ئۇستا كىپەن ئوغىرسى ، ئۇ چوقۇم دەرەخ كامىرىنىڭ ئارقىسىدىن كامار كۆلاپ جەسەت ساندۇقىنىڭ ئاستىنى تىشىپ ھەقىقى يىپەك كىتاپنى بۇ ئەخلەتكە ئالماشتۇرىۋەتكەن !" دەپلا خۇرسىنىپ تۇرۇپ يەنە ئىيتتى :" ھەي ئىسىت ! مىنىڭ نەچچە ئون يىل جاھاندارچىلىق قىلغىنىم . ئۇ ئاكاش ھەقىقەتەن ئاددى ئادەم ئەمەس ، مەن ئەسلىدە ئۇنى تاغ يۆتكىگۇچىلەرنىڭ ئەۋلادى ئوخشايدۇ دەپ ئويلىغان ، قارىغاندا مەن ئۇنى بوش چاغلاپ قاپتىمەن ........
( خەنزۇلار كىپەن ئوغىرلىرىنى ئۇسلۇب جەھەتتىن شمال ئۇسلۇبى ، جەنۇپ ئىقىمى دەپ ئىككى تۇرگە كىپەن ئوغىرلاش ماھارىتى ، ئشلەتكەن ئەسۋاپ – قوراللىرىغائاساسەن : ئالتۇن قازغۇچىلار ، سىغىزچىلار ، توپا قاسساپ ، تاغ يوتكۇگىچىلەر دەپ توت چوڭ تۇرگە ئايرىيدۇ .—–تەرجىماندىن
   مەن ھىچنىمنى ئاڭقىرالماي :" ئەجەبا يىپەك كىتاپتا يىزلغانلارنىڭ ھەممىسى يالغان ؟" دەپ سورىدىم .   
    كەنجى تاغام باش لىڭىشتىپ تۇرۇپ : " بۇ نەچچە مىڭ يىل ئىلگىركى نەرسىلەر ئاڭلىماققىمۇ يالغاندەك تۇيغۇ بىرىدۇ ، بىراق بىز ئەينى ۋاقىتتا قەۋرىدە بولغاچقا ئىشىنىپ كىتىپتۇق ، ھازىر ئويلاپ باقسام چىنىپ قالدىغانيەرلىرى خىلى بار ئىكەن ، ئويلاپ باقە! سىنىڭ شۇ سەۋىيەڭ بىلەن ئەڭ مۇھىم ئىككى بۆلەكنى كۆرۇپ چۇشىنەلىشىڭ مۇمكىنمۇ ؟ باشقا مۇھىم بولمىغان جايلارنى چۇشىنەلمىدىڭغۇ ؟ بۇ ئىككى مەزمۇننى چوقۇمبىرسى قەستەن يىزىپ قويغان .چوقۇم شۇنداق ....." دىدى .
   مەن ھەيران بولغىنمىدىن ئىغىزىمنى يوغان ئىچىپ ھاڭۋىقىپ تۇرسام كەنجى تاغام خۇرسىنىپ :" قارىغاندا لۇشاڭ بىگىنىڭ مەخپىيەتلىكنى پەقەت ھىلىقى ئاكاشلا بىلىدىغان ئوخشايدۇ..... قەۋرە ئاللىقاچان ئۆرۇلۇپ چۇشتى ، قايتا كىرىشىمىزمۇ مۇمكىن ئەمەس ..." دىدى .
   دەل شۇ ۋاقىتتا كاللامغا بىز ئىش كەلگەندەك بولدى –دە ئالدىراپلا :" توغرا ، توغرا ... پۇتۇنلەي ئۈمىد يوق دىگىلىمۇ بولمايدۇ ، مەن ھىلىقى ئۆڭكۇردىن بىر نەرسە تىپىۋالغان " دەپلا ساراڭلارچە سومكامنى ئاختۇرۇپ ئۇ نەرسىنىڭ يوقاپ كەتمەسلىكنى تىلىدىم . قارىسام قىزىل ئالتۇن قۇتا سومكامدا تۇراتتى . مەن چىقىرىپلا تاغامغا كۆرسىتىپ :" مۇشۇ نەرسە ! بۇنى ھىلىقى تۇلكە يۇز جەسەتنىڭ قولىدىن ئىلىۋلغان " دىدىم .
    كەنجى تاغام قولىغا ئىلىپ قارىۋەتكەندىن كىيىن :" بۇ ئىزتقۇ ئوردا قۇتىسى دەپ ئاتىلىدۇ ، قارىغاندا ئىچىگە مۇھىم نەرسە سىلىنغان ئوخشايدۇ ، بۇ قۇتىنى ئىچىش ئاسان ئەمەس ، قارىغىنە .." دەپلا قۇتا ياپقۇچىنى بىرلا بىسىۋىدى قۇتىنىڭ ئاستى تەرىپىدىكى توت تەرەپتىن كىچىك مىتال چىقىپ مىتالغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئايلانما تەخسىدەك بىز نەرسە كۆرۇندى . تەخسە ئۇستىدە 8دانە توشۇك بۇلۇپ ھەر بىر توشۇكىنىڭ ئىچىگە بىر رەقەم يزىلغان ئىدى. قارىماققا خۇددى بۇرۇنقى تىلىفۇنلارنىڭ نۇمۇر تاختىسىغا ئوخشايتتى .
    بۇ ۋاقىتتا كەنجى تاغام :" بۇ دىگەن قەدىمقى دەۋىرلەردىكى مەخپى نۇمۇرلۇق قۇتا ، مەخپى نۇمۇرىنى
بىلمىسەڭ ئاچقىلى بولمايدۇ ، بىردەم ساقلاپ تۇر ، مەن سىرتقا چىقىپ ماشىنا رىمۇنىت قىلىدىغانلاردىن ئەسۋاپ –جابدۇق سوراپ كىرىپ بۇ نەرسە بىلەن ھەپىلىشىپ باقايلى " دىدە ئورنىدىن تۇرۇپلا چىقىپ كەتتى .
    كەنجى تاغام سۆزلەپ بولۇپلا ئالدىراش چىقىپ كەتكەچكە توسۇۋىلىشقا ئۈلگىرەلمىدىم .
    8خانىلق مەخپى نۇمۇر ؟ئەجەبا ھىلىقى 02200059 ؟ لىكىن بۇ قانداقمۇ مۇمكىن بوسۇن ؟ بۇ سان بىر ئامرىكىلىقنىڭ تاسمىسىدىكى پولاتقا ئويۇلغان تۇرسا ؟ دىگەنلەرنىئويلاپ سىناپ باقماقچى بولۇپ ئۇرۇپ باقتىم . 0 –2 – 2 –0– 0– 0– 5– 9 . دەو شۇ پەيىتتە ‹‹ تاق ›› قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ ئالتۇن قۇتا غىچىرلاپ ئۆزلىكىدىن ئىچىلىپ كەتتى .      
                                       
                                                               بىرىنچى خاتىرە تامام .

EzQi0908 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-22 19:33:12

چوڭ تىپتىكى سىرلىق ، قورقۇنۇشلۇق ، تەشۋىشلىك ئەسەر

كىپەن ئوغرىسى


بىرىنجى خاتىرە ئىككىنچى بۈلەك : غەزەپ دېڭىزى


بىرىنجى باب : يىلان قاشلىق مىس بىلىق



قۇتا ئاستا –ئاستا ئېچىلدى ،ئىچىدە بارماقچىلىك چوڭلۇقتا بىر بوشلۇق بۇلۇپ ،ئىچىگە بىردانە كىچىك مىس بىلىق سېلىنغانىدى .مەن قۇلۇمغا ئېلىپ قارىسام ،ئۇبىلىقنىڭ شەكلى ئادەتتىكىچە ئىدى ،بىراق بىلىقنى ياسىغۇچى خېلى كۈچ سەرىپ قىلغانىدى ،ئالاھىدىرەكى بىلىقنىڭ قېشىدىكى يىلان شەكلى ئىدى ، قارىماققا خۇددى ھاياتتەكلا كۈرۈنەتتى ،مەن ناھايىتى ھەيران قالدىم " بۇنەرسىنىڭ نىمە قىممىتى باردۇر ؟ نىمىشقا بۇنچە ئىھتىيات بىلەن ساقلايدۇ؟".

بۇۋاقىتتا كەنجى تاغاممۇ بىر سۇۋاركا تۇڭنى سۆرەپ كىرىپ كەلدى ،ئۇ قۇتىنىڭ ئېچىقلىق تۇرغۇنىنى كۈرۈپ ھايرانلىق بىلەن سورىدى‹‹ قانداق ئېچىلدى ؟ قانداق ئاچتىڭ ؟››

مەن ھېلىقى سانلارنىڭ ئىشىنى دەپ بىرىۋىدىم ئۇ قۇشۇمىسىنى تۈرۈپ تۇرۇپ :‹‹بارغانسىرى قالايمىقانلاشقىلى تۇردىغۇ ئەمدى ،قارىغاندا بۇئامىركىلىقلار خېلى پۇختا تەييارلىق بىلەن كەلگەن ئوخشايدۇ ››دىدى .ئۇ ھېلىقى مىس بىلىقنى قولىغا ئېلىپ كۈرۈپلا چىرايى ئۆزگەردى دە : ‹‹ ۋۇي! بۇ يىلان قاشلىق مىس بىلىق ئەمەسمۇ ؟››دىدى .

مەن بىر قاراپلا تاغامنىڭ بۇنىڭدىن خەۋەردار ئىكەنلىكىنى بىلدىم دە – نىمە ئىشلىقىنى سورىدىم ،ئۇ يېنىدىن ئايرىمايدىغان سومكىسىدىن بىر نەرسىنى ئېلىپ ماڭا سۇندى ،مەن بىر قاراپلا ئۇنىڭمۇ ناھايىتى سىپتا ياسالغان مىس بىلىق ئىكەنلىكىنى بىلدىم ،چوڭلۇقى تەخمىنەن مىنىڭ چىمچىلاق بارمىقىمچىلىك كىلەتتى ،بۇ مىس بىلىقنىڭ قېشىدىمۇ ئوخشاشلا ئىككى دانە دېڭىز يىلىنى بار ئىدى ،بىلىق ئىنتايىن ئىسىل ياسالغان ،ھەربىر قاسرىقى ئىنتايىن نەپىس ، چۇقۇم قۇتا ئىچىدىكى بىلىق بىلەن بۇ بىلىقنىڭ كىلىش مەنبەيى ئوخشاش .

نوقسانسىز گۈزەللىك بولمىغىنىدەك ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى قاسراقلارنىڭ ئىچىگە كىرىپ كەتكەن جايلىرىدىكى سىزىقچىلاردا ناھايىتى كۆپ ۋە ئىنتايىن كىچىك ، ئاق رەڭلىك تاش تۇزۇندىسىغا ئوخشاش كىر بۇلۇپ ، ناھايىتى مەھكەم يېپىشقانىدى ، مەن قاراپلا بىلدىم ۋە كەنجى تاغامدىن :‹‹بۇ دېڭىز مېلىمۇ ؟›› دەپ سورىدىم . كەنجى تاغام جاۋابەن بېشىنى لىڭشىتتى . مەن ھەيران قالدىم ،دېڭىز مېلى دېڭىزدىن قېزىپ چىقىلغان ئاسار ئەتىقىلەرنى كۆرسىتەتتى ،ئادەتتە ھەممىسى دېگۈدەك گۈللۈك زەڭگەر فارفۇرلار ئىدى ، دېڭىز ئاستىدائاسار-ئەتىقە تازىلاش قۇرۇقلۇقتىكىگە قارىغاندا كۆپ قۇلايلىق ، بىراق دېڭىز ئاستىدا مىكرو جانلىقلار ناھايىتى كۆپ بولغاچقا دېڭىز ئاستىدىن ئېلىپ چىقىلغان نەرسىلەرنىڭ كۆپ قىسمىدا ئاق رەڭلىك تۇزۇندىغا ئوخشاش كىر بۇلۇپ ،يۇيۇپ چىقارماق ناھايىتى تەس ، شۇڭا بۇنداق ماللارنىڭ باھاسى تۈۋۈن بۇلىدۇ .

مەن گاڭگىراپلا قالدىم ،مىنىڭ بىلىشىمچە كەنجى تاغام بۇنداق تۈۋەن باھالىق ماللارغا قىزىقمايتتى ، مەن كەنجى تاغامدىن :‹‹ ئەجەبا سەن دېڭىزدىمۇ قەبرە ئۆرۈپ باققانمۇ ؟›› دەپ سورىدىم .

كەنجى تاغام بېشىنى لىڭشىتىپ تۇرۇپ :‹‹ پەقەت بىر قىتىم . مەن راستىنلا بەك پۇشايمان قىلىۋاتىمەن ، ناۋادا مەن ئۇقېتىم سۇغا كىرمەي چىدىيالىغان بولسام ،بۇۋاققا بالاممۇ چوپ-چوڭ بۇلۇپ بۇلاتتى ››دىدى .

كەنجى تاغامنىڭ ئۇ ھىكايىلىرىدىن مىنىڭمۇ ئازراق خەۋرىم بار ئىدى ، بۇرۇن كەنجى تاغامنىڭ قىز دوستى (ھەم كەسىپتىكى ھەمراھى ) بولغان ،قىزلار ئىچىدىكى مەرت ئەزىمەت ئىدى ،ئاڭلىشىمچە ئۇلار مۇشۇ ساھادە تۇنۇشقانىكەن ،ئۇ قىزنىڭ ئىسمى ۋېن جىن (文锦) بۇلۇپ ناھايىتى جىمغۇر ئىكەن ،قاراشتا ئۇنىڭ ئالتۇن قازىدىغان شەرىق ئېقىمىدىن ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولمايتتى ،ئۈچۈنچى تاغام بىلەن ئۇ قىز بەش يىل ياخشى ئۆتكەن بۇلۇپ قىز ئەجدەرھا ئۆڭكۈرى قېزىشقا ،يىگىت ئىزدەپ ئۇرۇن بىكىتىشكە ماھىر بۇلۇپ ،لەقىمى قەبرە ئۆرۈش ساھەسىدىكى سىرلىق بۈركۈتلەر ئىدى .

كىيىن ھېلىقى قىزنىڭ تۇيۇقسىز يۇقاپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلىدىم ،مىنىڭ بىلىشىمچە قەبرىگە چۈشكەندە قولىدىن ئايرىلغان ،قىزلار بۇكەسىپكە ئەسلىدىنلا ماس كەلمەيتتى ،ئويدىكىلەر ئۇنىڭغا ناھايىتى ھىسداشلىق قىلاتتى ، بىراق ئەينى ۋاقىتتا مەن ئەمدىلا نەچچە ياشقا كىرگەن بۇلۇپ بۇنچە كۆپ ئىشلارنىمۇ چۈشەنمەيتتىم ،پەقەت كەنجى تاغامنىڭ بىرھەپتە ياغاچقا ئوخشاش بۇلۇپ قالغانلىقىنى ،دائىم كۆڭلىنىڭ يېرىم بۇلىدىغانلىقىنى كۈرەتتىم .كىيىنچە بارا-بارا ياخشىلىنىپ كەتكەنىدى. بۇ كىچىك ۋاقتىمدىكى ئىشلار بولغاچقا مىنىڭمۇ تازا ئىسىمدە قالمىغانىدى . كەنجى تاغامنىڭ چىرايىدىن بىرنىمە دىمەكچى بولغانلىقى بىلىنىپ تۇراتتى مىنىڭمۇ راستىنلا بىلگۈم كىلىۋاتاتتى ، كەنجى تاغامدىن ئىنىق سۇراشقا بولمايتتى ،شۇڭا مەن گەپنى ئەگىتىپ سورىدىم :‹‹ئەجەبا دېڭىزدا قەبرە ئۆرۈش جەريانىدا چاتاق چىققانمىدى ؟››

كەنجى تاغام ئېغىر خۇرسىنىۋېتىپ ‹‹ ئۇ ۋاقىتتا ئىككىلىمىز تېخى ياش ئىدۇق ، ئۇنىڭ بىرقانچە ساۋاقدېشى ئارخولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ئەتىرىتى قۇرغانىدى، ئۇلارمىنىڭ ھۈنەرۋەنلىكىمدىن ئازراق خەۋەردار ئىدى ،مەنمۇ ئۇلاردىن يۇشۇرۇشنى ئويلاپ باقمىغانىدىم ، كۆپچىلىك ناھايىتى يىقىن ئۆتەتتۇق، كىيىن ئۇلار شىشا (西沙) غا بېرىپ چۆكۈپ كەتكەن كىمىلەرنى ئارخولوگىيەلىك تەكشۈرمەكچى بولغاندا مەنمۇ بىللە باردىم ، پەقەت ئويلىماپتىكەنمەن ،›› ئۈچۈنچى تاغام توىتاپ قالدى ، بەلكىم ئۇ ئىشلارنى ئەسلىگۈسى كەلمىگەن بولسا كىرەك . ئۇ بىردەم دېمىنى ئېلىۋالغاندىن كىيىن ‹‹ ئويلاپ باقماپتىكەنمەن ،سۇ ئاستىغا چۆككەن ئۇ نەرسە دەرۋەقە ناھايىتى چوڭ ئىكەن ››

ھىسابلاپ كەلسەك ئۇ ئوننەچچە يىل ئاۋالقى ئىش ، ئەمىلىيەتتە ئۇ ۋاقىتلاردا كەنجى تاغامنىڭ دېڭىزدىكى قەبرىنى ئوغرىلاشقا نىسبەتەن ھېچقانداق تەجىربىسى يوق ، يەنە كىلىپ مۇھەببەت ئۇنىڭ بېشىنى ئايلاندۇرۋەتكەنىدى . يەنە كىلىپ ئۇ ۋېنجىننىڭ ئالدىدا ئېغىزىغا كەلگەننى جۆيلۈپ ماختانغانىدى، شۇنداق قىلىپ ھېلىقى ئارخولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ئەترىتىگە ئەگىشىپ دېڭىزغا چىققانىدى . ئۇلار شۇيەرلىك بىر بىلىقچىنىڭ كىمىسىنى كۈتۈرە ئېلىپ ،ئىككى كۈن ۋاقىت سەرىپ قىلىپ شىجىياۋ (西礁)نىڭ ۋەنجىياۋ (碗礁) غا يىقىن ئەتراپقا كەلدى .

ئۇيەر قەدىمقى دېڭىز ئۈستى يىپەك يۇلىنىڭ خەتەرلىك بۆلەكلىرىدىن بىرى بۇلۇپ ، چۆكۈپ كەتكەن كىمىلەر ناھايىتى كۆپ ئىدى . كەنجى تاغام سۇغا چۈشۈپلا دېڭىز ئاستىدىكى ھەممە يەردە چېچىلىپ ياتقان گۈللۈك زەڭگەر فار-فۇر لارنى كۈرۈپ ھايرانلىقتىن ھاڭۋېقىپ تۇرۇپلا قالدى . بۇھال راستىنلا ئادەمنى ھەيرانلىقتىن توختۇتۇپ قۇياتتى . ۋېنجىن ئۇنىڭغا بۇ نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ چۆكۈپ كەتكەن كىمىلەردىن چۈشۈپ قالغانلىقنى ،كىيىن دېڭىزنىڭ ھەممە يىرىگە چېچىلىپ كەتكەنلىكىنى ، بۇرۇنلاردا بىلىقچىلار ھەر بىر تورسالسا تۆت – بەش ساپال بۇيۇم چىقىدىغانلىقى ،بىراق كىشىلەرنىڭ سۇدىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئەجدەرشاھقا تەۋە دەپ قارىغاچقا سۇغا تاشلىۋىتەتتى .

ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى بۇنەرسىلەرنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك چىرىپ كەتكەن بولۇپ مۇكەممەل ساقلانغانلىرى ناھايىتى ئاز تېپىلاتتى ، تاپقان تەقدىردىمۇ يۈزىنىڭ كۆپ قسمىدا دېڭىز جانلىقلىرىنىڭ پارازىتى بار بۇلۇپ ،يۇيۇپ چىقارماق ناھايىتى تەس ئىدى . ۋېنجىننىڭ ساۋاقداشلىرى بۇ نەرسىلەرنىڭ ئارخولوگىيەلىك قىممىتىگە قارايدۇ ، شۇڭا بۇ نەرسىلەر ئۇلارنى ناھايىتى ھاياجانلاندۇردى ، كەنجى تاغامغا بولسا بۇجاي قاقاسلىقتەك بىلىندى . ئۇ بۇ نەرسىلەرنى كۈرۈپ يۈرىگى ئېچىشىپ جېنى چىقاي دىگەنىدى ، ئۇكۆڭلىدە " ۋۇ ئاناڭنى ،كىمە چۈكۈپ كەتكەندە مەن نىمىشقا تۇغۇلمىغان بولغىيدىم ؟" دەپ ئۇيلىدى ، ئۇ ئەينى ۋاقىتا بۇ فار –فۇرلارنىڭ ئاسار ئەتىقە ھىسابلانمايدىغانلىقىنى خىيالىغا كەلتۈرمىگەنىدى .

ئۇلار سۇدا ئىككى – ئۈچكۈن چۆرگىلەپ يۈرۈپ سىۋەت –سىۋەتلەپ فار – فۇر بۇيۇملارنى يىغدى ، كەنجى تاغام ھېلىمۇ ياخشى فار – فۇر بۇيۇملارنى بەش قولدەك چۈشىنەتتى ، ئۇ خالىغان بىر فار –فۇرنى قولىغا ئېلىپ بىرھازا سۆزلىگەندىن كىيىن بىردەمدىلا ئۇلارنىڭ مەنىۋى داھىيسىغا ئايلاندى ، كەنجى تاغامنىڭ فامىلىسى ۋۇ ئىسمى سەنشېڭ بۇلۇپ ، ياشلار كەنجى تاغامنى سەنشېڭ ئاكا دەپ چاقىرىشىدىغان بولدى ،كەنجى تاغاممۇ ئوتتەك قىزىدى ،ھەتتا ئۆزىنى ئۇلارنىڭ بېشى دەپ بىلدى .

تۆتىنجى كۈنىگە كەلگەندە چاتاق چىقتى ، ئارخولوگىيە ئەتىرىتىنىڭ بىر ئەزاسى تىرە قولۋاققا ئولتۇرۇپ چىقىپ كىتىپ گۇگۇم چۈشكەندىمۇ قايتىپ كەلمىدى ، باشقىلار ئەنسىرەپ لەڭگەر تاشلاپ چوڭ كىمىنى توختۇتۇپ قۇيۇپ ئۇنى ئىزدەشكە باشلىدى ، كىيىن ۋەنجىياۋغا ئىككى كىلومىتىردىن يىراقراق جايدىكى خادا تاشتىن شەكىللەنگەن تاغ ئەتىراپىدىكى تېيىز سۇدا توختاپ قالغان تىرە قولۋاقنى تاپتى ، بىراق ئادەم ھېچيەردە كۈرۈنمەيتتى .

كەنجى تاغام ئىشنىڭ چاتاقلىقىنى ھىس قىلدى ، ئىھتىمال ھېلىقى ئەترەت ئەزاسى بىرنەرسىنى ئىزدەپ سۇغا چۈشكەن گەپ ، ئۇلار كىچىلەپ سايمانلارنى تەييارلاپ سۇغا چۈشۈپ يېرىم كىچىگىچە ئىزدەپ ئاخىرى ھېلىقى بۇرادەرنىڭ جەسىتىنى تاپتى ،ئۇ بۇرادەرنىڭ پۇتى مارجان خادا تاشلىرى ئارىسىغا قىسىلىپ قالغان بۇلۇپ ، ئاللىبۇرۇن كۆكۈرۈپ ئىشىپ كەتكەنىدى ، ئۇلار جەسەتنى سۈزۈپ چىققاندا كەنجى تاغام ئۆلگۈچىنىڭ سول قۇلىدا بىر نەرسىنى مەھكەم تۇتىۋالغانلىقىنى كۈرۈپ ، قولىنى قارىپ ئېچىپ دەل ھېلىقى يىلان باشلىق مىس بىلىقنى كۆردى، گەرچە ئىش ئاللىبۇرۇن ئۈتۈپ كەتكەن بولسىمۇ ،كۆپچىلك يەنىلا ناھىيىتى قايغۇرماقتى ئىدى ، بىراق . كەنجى تاغام سۇئاستىدا بىرەر نەرسە بارلىقىنى ئاللىبۇرۇن ھىس قىلپ بولغانىدى ، بولمىسا بۇئادەم بۇنداق كىچىلەپ بۇيەرگە كىلىپ نەرسە سۈزمىگەن بۇلاتتى .

كەنجى تاغام " ئىھتىمال كۈندۈزۈ چارلىغان ۋاقىتتا بۇئادەم بىر نەرسىنى كۆرگەن لىكىن ھېچكىمگە تىنماي ، كەچ كىرگەندە ھېچكىم يوق ۋاقىتتا بېرىپ قاراپ باققان ، نەتىجىدە بۇئىش چىققان " دەپ پەرەز قىلدى ، ئەلۋەتتە كەنجى تاغام ئۈزىنىڭ ئويلىغانلىرىنى ئېيتمىغان ،چۈنكى ئادەم ئاللىبۇرۇن ئۆلگەن ، بۇلارنى سۆزلىگەننىڭمۇ پايدىسى يوق ، لىكىن ئۇ قۇلىدا تۇتىۋالغان يىلان قاشلىق مىس بىلىق چۇقۇم بىر ئەسكەرتىش .

ئىككىنچى كۈنى كەنجى تاغام بۇئىشنى ۋە ھېلىقى كىشىنى تىلغا ئالدى ، ئەلۋاتتە ئۇ گىپىنى سىلىقلاشتۇرۇپ سۆزلىدى " يولداش پالانى ئارخولوگىيەلىك تەكشۈرۈش خىزمىتى ئۈچۈن سىمىنا قوشۇپ ئىشلەپ بەخىتسىزلىككە ئۇچرىدى ،بىراق ئۇنىڭ قۇلىدىكى ئەمگەك مىۋىسىدىن قارىغاندا ئىنىقكى بۇيولداش دېڭىز ئاستىدا بىرەر نەرسىنى بايقىغان ، ئۇ ئۆز ھاياتى بەدىلىگە بۇ يىلان قاشلىق مىس بىلىقنى قالدۇرغان ، شۇڭا بىز ئۇنىڭ ئۈمۈدىنى مۇنداقلا يەردە قويساق بولمايدۇ " . بىر قوزغۇتۇش بىلەن كۆپچىلىكنىڭ كەيپىياتى خېلى ئەسلىگە كەلدى ، شۇنداق قىلىپ ئۇلار ۋەقە يۈز بەرگەن دېڭىز تەۋەلىكىگە كىلىپ ، سۇغا چۈشۈپ پالاس شەكىللىك ئىزدەش ھەركىتىنى باشلىۋەتتى ،شۇنداق قىلغاندىلا ئاندىن ئىشنىڭ باش ئاخىرى بۇلاتتى .

ئۇلار يىقىن ئەتراپتىكى سۇ ئاستىدىن قىرىق نەچچا دانە غايەت زور تاش تۈرۈكنى ( قەدىمى كىمىلەردىكى لەڭگەر سەپلىمىسى ) بايقىدى ، بۇ تاش تۈۋرۈكلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ چوڭ – كىچىكلىكى ئوخشاش ئىدى ،ئۈستىگە ئۇيۇلغان خەتلەر ئاللىبۇرۇن كۆرگىلى بولمايدىغان بۇلۇپ كەتكەچكە ئىنىق كۆرگىلى بولمايتتى ، كەنجى تاغام " بۇ قىرىق نەچچە تاش تۈۋرۈك ياكى چوڭ – كىچىكلىكى .وخشاش قىرىق نەچچە كىمىدىن قېپ قالغان ياكى بولمىسا ھەممىسى بىر كىمىدىن چۈشۈرۈلگەن " دەپ پەرەز قىلدى ھەم دەرھاللا چۈشەندى قىرىق نەچچە دانا چوڭ – كىچىكلىكى ئوخشاش كىمىنىڭ بىرلا ۋاقىتتا بىرلا يەردە چۈكۈپ كىتىدىغان ئىشى نەدە بار ، بۇنىڭ ئاستىدا چۇقۇم غايەت زور چوڭ كىمە بار ، ھەتتا چوڭلۇقىدىن قىرىق نەچچە دانە لەڭگەر ئاندىن ئۇنى مۇقۇملاشتۇرالىغان .

كەنجى تاغام تارىخقا ناھايىتى پىششىق ،ئۇ بۇيەرنى كۈرۈپ كۆڭلىدا ناھايىتى يۈرەكلىك ھالدا بىرنەسىنى پەرەز قىلدى ، ئۇ سۇيۈزىگە چىققاندا ۋېنجىنغا :" كىمە چۆكتۈرۈپ دېڭىزغا دەپنە قىلىنغان قەبرە باردەك قىلىدۇ ." دىدى .

EzQi0908 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-22 19:37:27

چوڭ تىپتىكى سىرلىق ، قورقۇنۇشلۇق ، تەشۋىشلىك ئەسەر
كىپەن ئوغرىسى

بىرىنجى خاتىرە ئىككىنچى بۆلەك : غەزەپ دېڭىزى
ئىككىنچى باب : قوش قەۋەتلىك قەبرە تېمى

ۋېنجىن بىلەن كەنجى تاغامنىڭ ئارقا كۈرۈنىشى پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ ، كەنجى تاغام يەرلىك ئوغرى ، مۇبادا ئۇرۇشقاق بەگلىكلەر دەۋرىدە تۇغۇلغان بولسا ،چۇقۇم قاراقچى بولغان بۇلاتتى، قانداقلىكىن ئىش بولسۇن ئۇنىڭ ئالدى بىلەن ئويلايدىغىنى " مەنپەئەت " دىگەن سۆز ،ئۇ ئادەمگە باھا بىرىشتىمۇ يەنىلا شۇ مەنپەئەتكە قارايدۇ ، لىكىن ۋېىنجىن ئوخشىمايدۇ ، ئۇ مۇھاجىرلىقتىن قايتىپ كەلگەن ، بىرقەدەر ئۇچۇق پىكىرلىك ، ئۇنىڭ قەبرە ئۆرۈشتىكى مەقسىدى ئاساسلىقى يەنىلا قىزىقىش يەنە كىلىپ بىرتەرەپتىن قەبرە ئۆرۈش يەنە بىر تەرەپتىن ئارخولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ،شۇڭا كەنجى تاغامنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ ئالدى بىلەن بۇ قەدىمى قەبرىنىڭ ئارخولوگىيەلىك تەكشۈرۈش قىممىتىنى ئويلىدى ،ھەمدە بۇقىياسنى شۇ ۋاقىتنىڭ ئۈزىدىلا ساۋاقداشلىرىغا ئېيتىشنى ئويلىدى .
كېمە چۆكتۈرۈپ دېڭىزغا دەپنە قىلىنغان قەبرىلەر ناھايىتى ئاز ئۇچرايتتى ، رىۋايەتلەردە ئېيتىلىشىچە بۇنداق دەپنە قىلىنغانلاردىن شېن ۋەن سەن (沈万三)نىڭ ئوغلىلا بار ئىدى ، شۇڭا ۋېنجىن بۇقەبرىگە ئەدەپ بىلەن مۇئامىلە قىلىش كىرەك دەپ ئويلىدى ، بىراق كەنجى تاغام بىرئاز تەڭلىكتە قالدى ، چۈنكى ئۇ نەرسىلەرنى سۈززۈپ چىقسا مۇسادىرە قىلىدىغانلىقىنى ئويلىسىلا ناھايىتى بىئارام بۇلاتتى ، بىراق ۋېنجىننىڭ ئامالى ھەقىقەتەن كۆپ ئىدى ، ئۇ كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ كەنجى تاغامنى بىرنى سۈيۈپ قۇيىۋىدى ، كەنجى تاغام لۇلىن باتۇرىلىقىدىن بىراقلا كومىنىستىك پارتىيەنىڭ ئارخولوگىيەلىك تەكشۈرۈش تەتقىقاتچىسىغا ئايلاندى ، يەنە كىلىپ بۇئىشلارنى ئۈزىنىڭ بۇرچى دەپ بىلدى .
شۇكۈنى كەچتە كەنجى تاغام بىركىچە پىلان پىلان سوقتى ، ئۇ ئەزەلدىن دېڭىزدا قەبرە ئۆرۈپ باقمىغانىدى ، يەنە كىلىپ باشقىلار ئالدىدا بۇلىشاغا پو ئېتىپ قويدى ، ئەتە ئىپادىسى ياخشىراق بولمىسا تېخىمۇ بولمايتتى ، دېڭىزدا گۈرجەك بىلەن قازغىلى بولمايتتى ،بىرىنچىدىن :كۈچىگىلى مۇقىم تۇرغىلى بولمايتتى ، ئىككىنچىدىن : كولىغان تەقدىردىمۇ دېڭىزدىكى لاي بىلەن قۇرۇقلۇقتىكى توپا پۈتۈنلەي ئوخشىمايتتى ، ئۇ ئويلاپ – ئويلاپ ئاخىرى ئۈزىنىڭ ئۇ ئازراق ئەسكى تەجىربىسىنىڭ بۇيەردە پۈتۈنلەي كارغا كەلمەيدىغانلىقىنى بىلدى . ئۇ بۇۋامنىڭ خاتىرىسىدىكى مەزمۇنلارنى ئىسىگە ئالدى ، بۇۋام ھەقىقەتەنمۇ بىرقانچە قېتىم دېڭىزدىكى قەبرىلەرنى ئوغۇرلاپ باققان ، بىراق بۇنىڭدىمۇ باشقا بىرەر ئالاھىدە ئۇسۇل يوق ، مۇھىمى يەنىلا يەر شەكلىگە قاراش .
كېمىنى چۆكتۈرۈپ دېڭىزغا دەپنى قىلىنغان قەبرىلەر بولسا ، قەبرىنى بىركىمە ئۈستىگە ياساپ ئاندىن دېڭىزدىكى بىرەر ھاڭ ياكى دېڭىز جىلغىسىغا كىمىنى مۇقۇمداپ بۇلۇپ ئاندىن تۈشۈك ئېچىپ كىمىنى چۆكتۈرۋېتىدۇ ، ئۇنىڭدىن كىيىن كىمىنىڭ ئۈستى تەرىپى توپا بىلەن كۈمۈۋېتىلىدۇ ، ئاساسى جەھەتتىن قۇرۇقلۇقتىكى بىلەن ئوخشاش ، پەقەت دەپنە ئورنى دېڭىزغا ئالماشتۇرۇلغان خالاس. كەنجى تاغام " بىز تۇرغان جاي ئەسلىدە جەزمەن دېڭىز ئاستى جىلغىسى كىيىن باشقىلار تەرىپىدىن تۈزلىۋىتىلگەن ، كىمە چۆكتۈرۋېتىلگەندە تۆت ئەتراپى چۇقۇم نۇرغۇن لەڭگەرلەر ئارقىلىق مۇقۇملاشتۇرۇلغان ، شۇنداق بولغاندا ھېلىقى لەڭگەرلەر قالدۇرۇلغان جاينىڭ مەرگىزى ياكى سەل چەتتىكى يېرى چۇقۇم دەپنە ئورنى " دەپ پەرەز قىلدى .
كەنجى تاغام ئويلىغانلىرىنىڭ ئاساسى بارلىقىنى ھىس قىلىپ ئىشەنچىسى بىردىنلا تۇلۇپ تاشتى ، ئىككىنچى كۈنى ئۇ ھېلىقى ئادەملەرنى باشلاپ سۇغا چۇشۇپ ھېلىقى تاش تۈۋرۈكلەرنى ئارغامچا بىلەن ئۆز – ئاراتۇتاشتۇرۇپ ئاندىن ئوتتۇرسىغا بەلگە قىلدى ھەمدە شۇرايۇن ئىچىدىكى بىرقانچە جاينى قېزىپ باقتى ، دەرۋەقە ئۇلار مەركەز قىلىنغان ئۇرۇننىڭ سەل شەرىق تەرىپىدىكى جايدا ئاستى تەرەپتە ياغاچ بارلىقىنى بايقىدى .
ئارقىدىنلا ئۇلار ئەنئەنىۋى ئۇرۇن بەلگىلەش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ "土" خېتى شەكىللىك يەنى ئىككى يانئۆي ئىككى قوش ئۆي ، بىركارىدۇر ۋە بىر ئارقا قەسىردىن تۈزۈلگەن قەبرە ئورنىنى بەلگىلەپ چىقتى ، قەبرە ئورنى تەخمىنەن 1000كۇۋادىرات مىتىردىن كۆپرەك يەرنى ئىگىلىگەن بۇلۇپ ، بۇنىڭ ئىچىدە ئارقا قەسىر ئەڭ چوڭ ئىدى ، يەنى ئۇزۇنلۇقى 30نەچچە مىتىر كەڭلىكى 10نەچچە مىتىر كىلەتتى ،قارىغاندا جەسەت ساندۇقى مۇشۇ يەرگە قۇيۇلغاندەك قىلاتتى .
كەنجى تاغام بىرئاز ھەيران قېلىپ " بۇيەگە دەپنە قىلىنغىنى زادى نىمە ئادەمدۇ ؟ قارىغاندا راستىنلا ئاددى ئەمەستەك قىلىدۇ ، بۇنداق چوڭ دائىرىدىكى قەبرە خان قەبرىسىدىنمۇ قېلىشمىغۇدەك " دەپ ئويلىدى .
شۇكۈنى كەچتە ھەممەيلەن ھاياجانلانغىنىدىن كۈزىگە ئۇيقۇ كەلمىدى ، ئۇلار بىر يەرگە يىغىلىپ بىلىق كونسېرىۋاسى يىگەچ ئولتۇرۇپ قەبرىگە قانداق كىرىشنى مۇنازىرە قىلىشتى ، كەنجى تاغام ئۇلارغا كىمىنى چۆكتۈرۈپ دەپنى قىلىنغان قۇرۇلمىنى تەھلىل قىلىپ بەردى :"گۆرلۈك سۇدىن ئەڭ قورقىدۇ ،ھازىر پەستىكى قاراڭغۇ قەسىرگە سۇ كىردىمۇ - كىرمىدىمۇ بۇنى بىلگىلى بولمايدۇ ،ئەگەر سۇكىرىپ بولغان بولسا پەقەت كامار ئېچىپ كىرسىلا بۇلىدۇ ،ھەممىمىزنىڭ سۇ ئۈزۈش كىيىمىمىز بار ،بۇنداق بولغاندا ئالدىراپ مەسىلە چىقمايدۇ ، ئەگەر پەستىكىسى ھېلىھەم پۇختا ئىتىلگەن لەھەت بولسا ئۇنداقتا بىرتەرەپ قىلماق سەل تەسكە توختايدۇ ، چۇنكى ئۇشتۇمتۇت تۈشۈك ئېچىلسا ، ئۇچاغدا سۇ شىددەت بىلەن قەبرە ئىچىگە قاراپ ئاقىدۇ –دە كۈتۈلمىگەن ھادىسىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن ، تەكشۈرۈش ئۈچۈن قېزىۋېلىنغان ياغاچ پارچىسىدىن قارىغاندا ئاستىدا جەزمەن ھاۋا ساقلانغان " .
كەنجى تاغامنىڭ بۇ نەزىريەسى ئۇنىڭ كۆپ يىللىق قەبرە ئوغرىلاش تەجىربىسى ئىدى ، ئۇنىڭ ئېيتقانلىرى ھېلىقى كىتاپ خالتىلىرىنى ھاڭ – تاڭ قالدۇردى ، ئەڭ ئاخىرىدا ئۇ بارلىق قىيىن مەسىلىلەرنى كامارنى قانداق ئېچىشقا يىغىنچاقلىدى ، سۇنىڭ تىگى ھەممىسى قۇم ،مۇقۇمسىز ، ناھايىتى ئاسانلا ئولتۇۇشۇپ كىتىدۇ ، بۇ ئوينىشىدىغان ئىش ئەمەس، سۇ ئاستىدا بېسىلىپ قالسا ئۈلۈمدىن باشقا يول يوق ئۇلار قايتا – قايتا مۇزاكىرە قىلىپ ئاخىرى يەرلىك ئۇسۇل قوللۇنۇشنى قارار قىلدى ، ھېلىقى بىلىقچىلىق كىمىسىدە بىلىق پارتلىتىشقا ئىشلىتىلىدىغان پارتلاتقۇچ بار ئىدى ، ئاۋال پارتلاتقۇچنى ئىشلىتىپ يان تەرەپكە بىر ئورەك پەيدا قىلىپ ، ئاسان گۆمۈرلۈپ چۈشىدىغان قۇملارنى چۈشۈرۋېتىپ ئاندىن كامار تەشمەكچى بولدى . بۇ ئىش كۆپ كۈچ تەلەپ قىلىدىغان تەس ئىش بولسىمۇ ، بۇ ئادەملەرنىڭ ھەممىسىنىڭ كۈرەش ئىرادىسى تۇلۇپ تاشقانىدى ، كەنجى تاغام مۆلچەرلەپ باقتى ، تەخمىنەن بىر ھەپتە ۋاقىت كىتەتتى ، بىراق ھېلىقى يولداشنىڭ جەسىدى تېخىچە كىمىدە ئىدى ، ئەمدى ئۇنى ئاپىرىۋەتمىسە پۇراپ كىتەتتى .
ئۇلار مۇرەسسە قىلىشقا بۇلىدىغان بىر ئامال تاپتى ، چوڭ كىمە ئاۋال جەسەتنى ئاپىرىپ قۇيىدىغان ،ئۇلار بولسا كىچىك كىمىدە ئىشلەيدىغان بولدى ، چۈنكى بۇ بىرقانچە كۈندىن بېرى ھاۋا ناھايىتى ياخشى بولغاچقا كۆپچىلىك قىلچىمۇ ئەنسىرىمىگەنىدى ، ئۇلار ئۈچ دانە قولۋاقنى بىر قىلىپ باغلىدى ، ئاندىن كىيىن بارلىق لازىمەتلىكلەرنى بىر خادا تاش ئۈستىگە يۆتكىدى .
ئىككىنچى كۈنى چوڭ كىمە يولغا چىقتى ، كەنجى تاغام بىرئاز خاتىرجەمسىزلىك ھىس قىلدى ،چۈنكى چوڭ كىمە كەتسىلا ئۇلارنىڭ ھاياتى ددېڭىزدا ئازراقمۇ كاپالەتكە ئىگە بۇلالمايتتى ، بىراق ئەينى ۋاقىتتا ھەممەيلەننىڭ خىيالى ھېلىقى چوڭ قەبرىدە ئىدى ، شۇڭا بۇنى ئويلىدىيۇ بىراق ئۇزۇنغا بارمايلا ئىش قا چۈشۈپ كەتتى ، كامار تىشىدىغان ئىش ناھايىتى ئۇڭۇشلۇق كىتىپ باراتتى ، كەنجى تاغامنىڭ ئويلۇغىنىدىن خېلىلا تىز بۇلىۋاتاتتى ، تۆتىنچى كۈنىدىن كىيىن ئۇلار قەبرا تېمىغىچ تىشىپ بېرىپ بولدى ، بىراق ھېلىقى چوڭ كىمە شۇنىڭغىچىمۇ قايتىپ كەلمىدى ، بۇكىشىلەر ئەنسىرەشكە باشلىدى ، كەنجى تاغام ھازىر پەقەت داۋاملىق ئىشلىگەندىلا ئاندىن بىرخىل ياخشىراق كەيپىياتنى ساقلاپ قالغىلى بۇلىدىغانلىقىنى بىلەتتى ، ئەگەر داۋاملىق ئىشلىمىگەندە ئالاقزادىلىك كىلىپ چىقىشى مۇمكىن ئىدى، كەنجى تاغام ئىزچىل ئۇلارغا تەسەللى بىرىپ كەلدى ، ھەتتا ئارلاپ –ئارلاپ ئىلھام بۇلىدىغان بەزى سۆزلەرنى قىلىپ ئۇلارنىڭ دىققىتىنى بۇرايتتى .
ئۇلار كاماردا تۇرۇپ قەبرە تېمىنىڭ بىر قىسمىنى پاكىزلىدى ، كەنجى تاغام تامنى چىكىپ باقتى ، بۇكىسەكلەرنىڭ ئوتتۇرىسى كاۋاك ئىدى ،ئىھتىمال پۈتۈن گۆرنىڭ ئېغىرلىقىنى كېمەيتىش ئۈچۈن شۇنداق قىلغان بۇلىشى مۇمكىن ، بولمىسا كىمە ھەرقانچە چوڭ بولغان تەقدىردىمۇ ، كىمىنىڭ تىگى بەرداشلىق بىرەلمەيتتى ، كەنجى تاغام قەبرە تېمىنىڭ ھەر بەش مىتىر كەلگۈدەك يېرىدە بىردىن قەلەمنىڭ دىئامىتىرىچىلىك كىلىدىغان تۈشۈك بارلىقىنى كۆردى ، قارىغاندا بۇ قەبرە لاھىيەلەنگەندە سۇ ئارقلىق ئىتىلىدىغان قىلىپ لاھىيەلەنگەن ئىچى جەزمەن سۇ بىلەن لىق توشقۇزۇلغان ، ئۇلار ئەھۋالنى چۈشەنگەندىن كىيىن كۆڭلى تىنىپ كىسەكلەرنى قۇمۇرۇشقا باشلىدى .
ئەمىلىيەتتە كەنجى تاغام قەنرىگە كىرىشتىن ئاۋال مۇنداق ئويلىغانىدى :
«سۇئىچىدە ھەرقانداق مىخانىكىلىق قۇرال كارغا كەلمەيدۇ ، چۈنكى دېڭىز سۈيىنىڭ قارشىلىق كۈچى بەك چوڭ ، ئەگەر يۇشۇرۇن ئوقيا بولسا ، ئۇنداقتا ئاتقان ئوقى ئاستا ھەركەتلىنىدۇ ، ئورەك بۇلىشىمۇ مۇمكىن ئەمەس ، پەقەت چۈشۈپ كەتمەيمەن دىگىلى بولمىسىمۇ ،چۈشۈپ كەتسە يەنە سۇ ئۈزۈپ چىققىلى بولىدۇ ، ئۇنىڭدىن باشقا تاش ئاتىدىغان مىخانىكىلىق قۇرۇلمىلار سىمابنىڭ ھەركەتلىنىشى ئارقىلىق تەپكىنى باسىدۇ ، سۇدا پۈتۈنلەي ئۈنۈمى يوق ، سىماب سۇدا ناھىيىتى ئاستا ئاقىدۇ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە سۇدا ناھايىتى ئاسان تارقىلىپ كىتىدۇ . ئەمىلىيەتتە سۇنىڭ ئۈزىلا بىر جان ئالغۇر مىخانىكا ، قەدىمكى دەۋىرلەردە ئوكسىگىن ئۈسكىنىلىرى يوق ، دېڭىزغا كىرىپ قەبرە ئوغۇرلاش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس ، شۇڭا بۇ قەبرىدە مىخانىكىلىق قۇرۇلما بۇلۇش ئىھتىماللىقى ناھايىتى تۈۋەن .»
ئۇلار قەبرەتېمىدىن چۈشتى ، بىراق تامنىڭ ئىچى قاپقاراڭغۇ بوشلۇق ئىدى ، كەنجى تاغام ھازىر بۇ ئادەملەرنىڭ ھەممىسى ئىشەنچىسىز دەپ بىلدى ھەمدە ئۇلارنى ھېچقانداق ھەركەت قىلماسلىققا بۇيرۇپ ، ئۈزى چارلاش چىرىقىنى ياندۇرۇپ ئىچكىرلەپ ماڭدى ، ئۇ بىر مىتىردەك مېڭىپلا ئالدىدا يەنە بىر تام بارلىقىنى بايقىدى ، بۇ تامغا ئىشلىتىلگەن كىسەكلەر سىرتتىكى تامنىڭكىگە قارىغاندا خېلىلا چوڭ ئىدى ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تامنىڭ يىرىقلىرىغا ئاق رەڭلىك لاي توپا سۇۋاپ ئىتىۋېتىلگەنىدى ، كەنجى تاغام ئىككى تامنىڭ ئوتتۇرسىدا تۇرۇپ ئەتراپنى بىر قۇر كۈزەتتى ھەمدە ئۈستى تەرىپىدە ئۇزۇلۇق كەڭلىكى يېرىم مىتىر ئەتراپىدا كىلىدىغان كۇۋادىرات شەكىللىك قەبرە يولى ئېغىزىنى كۆردى ، كەنجى تاغام بۇنى كۈرۈپ بۇ قەبرىگە كىرىشتە كولاشقا تايىنىشنىڭ كارغا كەلمەيدىغانلىقىنى مۆلچەرلىدى .
سۇ يۈزىگە چىققاندىن كىيىن ئۇلار بىر خادا تاشنىڭ ئۈستىگە چىقىپ ئولتۇرۇپ يىغىن ئاچتى ،كەنجى تاغام :« بۇقەبرىنىڭ ئىككى قات تېمى بار ئىكەن ، سىرتتىكى تام بىلەن ئىچىدىكى تامنىڭ ئوتتۇرسىغا لىق دېڭىز سۈيى تولدۇرۇلغان ئىكەن ئۇندىن كىيىن ئىچىدىكى تامنىڭ ئۈستىگە سۇ ئايلىنىپ تۇرىدىغان بىر يول ياسالغان ، بۇنداق لاھىيەنىڭ ئىچىدە چۇقۇم سۇ يوق بىر بوشلۇق بار ، ھاۋا بېسىمىدىن پايدىلىنىش پىرىنسىپى بۇيىچە بولغاندا لەھەت ئىچىدە ئاز بىر قىسىم ھاۋا قېپقالىدۇ ، ھازىر قايسى قەبرە يولىنىڭ قانچىلىك ئۇزۇنلۇقىنى بىلمەيمىز ، شۇڭا ئەتە ئۈچەيلەن سۇغا چۈشەيلى ، ھەر بىرىمىز تۆتتىن ئوكسىگېن تۇڭى ئېلىۋالايلى ، قېنى قايەرگىچە بەرداشلىق بىرەلەيمىزكىن قاراپ باقايلى » دىدى .
ئۇلار مۇزاكىرە قىلىشىۋاتاتتى – كەنجى تاغام جەزمەن چۈشمىسە بولمايتتى ، قالغان ئىككەيلەننى ئوبدان ئويلۇشۇپ تاللاشقا توغرا كىلەتتى ،چۈنكى قەبرە ئىچىدە سۇ بولماي قالسا ، ئۇنداقتا ئەھۋال بىر قەدەر مۇرەككەپ بولۇپ ، خەتەر يۈز بىرىشى مۇمكىن ئىدى – دەل مۇشۇ ۋاقىتتا ۋېنجىننىڭ چىقىرىغان ئاۋازىدىن ھەممەيلەن چۈچۈپ كەتتى ، كىمنىڭمۇ خىيالىغا كەلسۇن ، ئەسلىدە ئۇلار ئولتۇرغان خادا تاش قاچانلاردىدۇر ئىگىزلەپ قالغانىدى ،كەنجى تاغام پەسكە قاراپ ئەسلىدە دېڭىز يۈىدىن ئىگىزلىكى بىر متىرمۇ كەلمەيدىغان بۇ تاشنىڭ ئەمدىلىكتە دېڭىز يۈزى بىلەن بولغان ئارلىقىنىڭ بەش مىتىردىن ئارتۇق كىلىدىغانلىقىنى كۆردى .
كەنجى تاغام بۇ ئىشنىڭ بىر ئاز بىنورماللىقىنى ھىس قىلدى ، ھەمدە بېشىنى كۈتۈرۈپ ئاسمان بىلەن دېڭىزنىڭ تۇتاش كۈرۈنىدىغان يېرىدە بىر قارا سىزىقنىڭ يىقىنلاپ كىلىۋاتقانلىقىنى كۆردى ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا لى سى دى (李四地) ئىسىملىك بىر ئوغۇل ئوقۇغۇچى بولۇپ ، ئۇنىڭ ئاتا – ئانىسى بىلىقچى ئىدى ، ئۇ بۇ مەنزىرىنى كۈرۈپلا قوروققىنىدىن تاتىرىپ :« بوران – چاپقۇن كەلدى ! » دىدى .



جەنۇپپەرەس ئۈچىنچى تاغىنڭ‹‹ كىپەن ئوغۇرلاش خاتىرسى››ناملىق ئەسىردىن تەرجمە قلىندى
مەزكۈر ئەسەرنىڭ 1-بابىدىن29-بابىغىچە ئانا تۇپراق مۇنبىرىدىكى جاپاكەشلەر تەرجىمە قىلىپ يوللىغان بولۇپ، ئاخىرىنى تىرىشچانلار مۇنبىرىدىكى كىپەن ، جىمجىت ئەپەندىلەر تەرجىمە قىلىپ تىرىشچانلار مۇنبىرىگە يوللىغان ، ئانا تۇپراق تورىنىڭ باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ روخسىتى بىلەن ئەسەرنىڭ باش قىسمى تىرىشچانلار مۇنبىرىگە يۆتكەلدى.

EzQi0908 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-22 19:40:27

چوڭ تىپتىكى سىرلىق ، قورقۇنۇشلۇق ، تەشۋىشلىك ئەسەر
كىپەن ئوغرىسى
ئۈچۈنچى باب: بۇران - چاپقۇن
بىرىنجى خاتىرە ئىككىنچى بۆلەك : غەزەپ دېڭىزىدىكى قۇم ئۈزۈش

بۇ لى سى دى سۇغا پىششىق ئىدى ، گۇرۇپپىنىڭ سۇدىكى خىزمەتلىرىگە ئۇ مەسئۇل ئىدى ، « بىر سائەت ئىچىدە بۇ يەردە چۇقۇم قاتتىق بۇران – چاپقۇن بۇلىدۇ ، دېڭىز سۈيىنىڭ بۇنداق كۆپ تۈۋەنلىشىنىڭ ئۆزىلا بىر ئىسپات ، سەل تۇرۇپ تۈۋۈن ھاۋا بېسىمى تەرىپىدىن شۇراپ كىتىلگەن سۇلار بىراقلا بېسىپ كېلىدۇ يەنى كىچىكرەك بىر مەيدان دېڭىز شاۋقۇنى دىگەن گەپ ، بىزدە پەقەت ئۈچ دانە كىچىك تىرە قولۋاقلا بار ، مىنىڭچە ئەمدى ئۈمىد يوق !» دىدى .
ئۇ ئاللىبۇرۇن خەتەرنى ئەڭ سىلىق سۆزلەر ئارقىلىق ئىپىدىلىگەنىدى ، بىراق كەنجى تاغام ئۇنىڭ چىرايىغا قاراپ بۇ قېتىم راستىنلا تۈگەشەنلىكىنى ھىس قىلدى ، بۇلار جاھان كۆرمىگەن كىتاپ خالتىلىرى بولغاچقا قورۇققىنىدىن ھەممىسىنىڭ چىرايى ئاقىرىپ كەتكەنىدى ، يەنە بىرقانچە قىز يىغلاپمۇ ئۈلگۈرگەنىدى .
كەنجى تاغام ۋېنجىننىڭ قولىنى تۇتتى ھەمدە ئالقىنىنىڭ تەرلەپ كەتكەنلىكىنى بىلدى ، ئەلۋەتتە بۇمۇ قوروققانلىقنىڭ ئالامىتى ئىدى ، بىراق نىمىلا دىگەن بىلەن كەنجى تاغام دىگەن كەسپى قەبرە ئوغرىسى ، مۇشۇ سەۋەبلىك ئۇنىڭ روھى – كەيپىياتى باشقىلارنىڭككىگە قارىغاندا خېلىلا ياخشى ئىدى ، ئەينى ۋاقىتتا ئۇ ئۆزىنى ئاگاھلاندۇرۇپ :« جىددىلەشمە ! ئەگەر جىددىلەشسەڭلا پۈتۈنلەي تۈگىشىسەن ! » دىگەنىدى .
ئۇ ئادەملەرنىڭ سانىنى ئىنىقلىدى ، ئۇلار كەلگەن ۋاقىتتا جەمئى 10 ئادەم ئىدى ، بىر ئادەم ئۆلدى ، يەنە بىرەيلەن ھادىسىنى ۋە دېڭىز ئاستىدىكى بايقىغانلارنى يۇقۇرىغا مەلۇم قىلىش ئۈچۈن چوڭ كىمە بىلەن قايتىپ كەتتى ، ھازىر قالغىنى سەككىز ئادەم ئىدى ، كەنجى تاغام لى سىدى دىن « بۇران – چاپقۇن قانچىلىك ۋاقىت داۋاملىشار ؟ » دەپ سورىدى .
لى سى دى : « ياز پەسلىدىكى بۇنداق بۇرا چاپقۇنلارنىڭ ۋاقتى ناھايىتى قىسقا ، نەچچە ئون مىنىۇتتىلا ئۈتۈپ كىتىدۇ ،لىكىن ئۇۋاقىتتا دېڭىز سغيى ھېچ بولمىغاندا بەش – ئالتە مىتىر كۆتۈرلىدۇ ، ۋاقتى كەلگەندە بۇ خادا تاشلارنىڭمۇ ھەممىسە سۇغا غەرىق بۇلىدۇ . » دىدى . ئۇ يەنە بېشىنى چايقاپ تۇرۇپ :« بۇ نەچچە ئون مىنۇتقا سەل قارىغىلى بولمايدۇ ، دولقۇننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىساق ، بىر بولسا خادا تاشلارغا سۇقۇلۇپ ئۆلىمىز ، بىر بولسا دېڭىزغا غەرىق بۇلىمىز ، مىنىڭ سىزنى قورقۇتقۇنۇم ئەمەس ، ھازىر ئەھۋال راستىنلا بەك چاتاق ! » دىدى .
كەنجى تاغامنىڭ ئىنكاسى ناھايىتى تىز ئىدى ،ھەش-پەش دىگۈچە ئۇنىڭ كاللىسىغا نەچچە خىل چارە كەلدى ، بىراق دەرھال بىر قارارغا كەلمىسە بولمايتتى ، تىرە قولۋاققا ئولتۇرۇپ قايتىپ كىتىمىز دىسە ،ھەرقانچە تىز ئۈزسىمۇ بۇران-چاپقۇندىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ ، نەپەسلىنىش ئۈسكىنىلىرىنى ئىشلىتىپ سۇئاستىدا پاناھلىنايلى دىسە ، ۋەنجىياۋ ئەتراپىدىكى دېڭىز تىگىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر يەرلىرىمۇ ئاران يەتتە مىتىر ئەتراپىدا ، بۇ تېخىمۇ بولمايتتى .
كەنجى تاغام كۆز بىلەن كۆرگىلى بولغۇدەك چوڭقۇرلۇقتىكى دېڭىز تىگىگە قاراپ ، قاراڭغۇ كىچىدە يۇرۇقلۇققا ئېرىشكەندەك بولدى ، ئۇنىڭ كاللىسىدا ئىنتايىن خەتەرلىك بىر پىلان پەيدا بولدى ، ئەينى ۋاقىتتا بۇ پىلاننىڭ بۇلۇش – بولماسلىقىنى مۇزاكىرە قىلىشقىلى ۋاقىت يوق ئىدى ، ئۇ باشقىلارغا :« كۆپچىلىك كۆپ ئويلىنىپ ئولتۇرمايلى ، ئوكسىگېن توڭلىرىنى بىر يەرگە يىغىپ قاراپ باقايلى ، يەنى قانچىلىك ۋاقىت يىتىدىكىن ، بىز قەدىمى قەبرىگە كىرىپ پاناھلىنىپ تۇرايلى .» دىدى .
كەنجى تاغامغا قەبرىگە كىرىش ئاسان ئىش ، شۇڭا ئۇنىڭغا نىسبەتەن ھېچقىسى يوق ، بىراق باشقلار ھەممىسى كىتاپ خالتىسى ، شۇڭا بۇ تەكلىپ ئۇلارغا ناھايىتى قاپ يۇرەكلىكتەك بىلىندى ، بۇ گەپ چىقىشى بىلەنلا كۆپچىلىك غۇلغۇلا قىلىشقا باشلىدى ، كەنجى تاغام بۇنى كۈرۈپ پايدا – زىيان مۇناسىۋىتىنى قىسقا قىلىپ تاھلىل قىلىپ بەردى .
ئۇ دېڭىز چېتىنى كۆرسۈتۈپ تۇرۇپ :« كۆپچىلىك ئۇ بۇران چاپقۇنغا قاراڭلار ، ھازىر بىز تېخى خەتەر ھىس قىلمىدۇق ، بىراق كۆپچىلىك ھەممىسى دېڭىز شاۋقۇنى تەسۋىرلەنگەن فىلىملەرنى كۆرگەنغۇ دەيمەن ! بۇ نەرسە بىلەن ئوناشقىلى بولمايدۇ ، ئەگەر بۇيەردە بۇران-چاپقۇننىڭ كىلىشىنى كۈتۈپ ئولتۇرساق بىزگە ئۈلۈمدىن باشقا يول يوق ، ھەتتا باشقىلار جەسىدىمىزنىمۇ تاپالماسلىقى مۇمكىن ، بىراق دېڭىز ئاستىدا خەتەردىن پاناھلىنىدىغان جاي بار ، بۇ قەدىمى قەبرىنىڭ ئىچىدە جەزمەن ھاۋا بارلقى بىزگە مەلۇم ، يەنە كىلىپ ئۇ ھاۋا سىرتتىكى سۇ بىلەن ئۇچرىشىدىغان بولغاچقا سۈپىتىمۇ يامان ئەمەس ، بىزنىڭ ئادىمىمىز كۆپ ئەمەس ، قەبرە ئىچىدە بىر سائەت تۇرۇپ قايتىپ چىقىشىمىزغا ھاۋا يىتىشىدۇ ، بۇ بىزنىڭ بىردىن بىر ھايات قېلىق پۇرسىتىمىز .
كەنجى تاغامنىڭ ئادەم سەپەرۋەر قىلىشتا ئازراق تەبىئى تالانتى بار، ئۇنداق بولمىغان بولسا كىيىنكى تىجارىتىنى ئۇنچە كېڭەيتەلمىگەن بۇلاتتى .باشقىلار ئۇنىڭ سۆزلىرىنىڭ ئۇرۇنلۇق ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىپ ،ئىختىيارسىز ھالدا كۆڭلىدە ئۈمىد تۇغۇلدى . ئۇلار بارلىق غەۋۋاسلىق سايمانلىرىنى بىريەرگە يىغدى ، تىرە قىيىقلارنى قاتلاپ تەخلىدى ، ھەممە تەييارلىق پۈتكەندە ،كەنجى تاغام ئۇلار بىلەن سۇ ئاستى پائالىيىتى جەريانىدىكى قول ئىشارەتلىرىنى بىكىتىۋالدى ، ئاندىن ئۇلارنى باشلاپ سۇغا چۈشتى ، ھەمدە ئۈزى كۈزۈتۈش چىرىقىنى ياندۇرۇپ بىرىنجى بۇلۇپ قەبرە يۇلىغا كىردى .
ئۇۋاقىتتىكى غەۋۋاسلىق سايمىنى ئۇلارنىڭ بېشىدىكى قالپاق ئىدى، قارىماققا ناھايىتى بىئەپ كۈرۈنەتتى ،بىراق بۇنەرسە ناھايىتى پۇختا بۇلۇپ ، ئەگەر ئالدى تەرەپتىن ھەرقانچى چوڭ دېڭىز جانلىقى كەلسىمۇ ، مۇشۇ قالپاق بولسىلا ئۇنچە ئاسان يۇتىۋىتەلمەيتتى . كەنجى تاغام ئامالنىڭ بارىچە ئۈزىنى ئەركىن تۇتۇشقا تىرىشىۋاتاتتى ، ئۇ سۇ ئۈزگەچ ئەتراپنى كۈزەتتى . قەبرە يۇلى بارغانچە تارىيىپ كىتىپ باراتتى ، مۇشۇ تەرىزدە كىتىۋەرسە ئەڭ ئاخىرىدا ئۇلار ئۆتەلەمدۇ ئۆتەلمەمدۇ بۇمۇ بىر مەسىلە ئىدى . ھېلىمۇ ياخشى ئۇنىڭ بارلىق سايمانلىرى يېنىدا ،پەقەت بولمىغاندا يەنە بىر چىقىش يولى ئاچالايتتى .
قەبرە يۇلىدا نۇرغۇن ئادەم يۈزلۈك قاپارتما نەقىشلەر بار ئىدى ، ھازىر ئۈستىنى قېلىن يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر قاپلاپ كەتكەن بولغاچقا قايسى سۇلالىگە تەۋە ئىكەنلىكىگە ئىنىق بىرنىمە دىگىلى بولمايتتى . جاھان كۆرمىگەن بۇ ياشلار ھەممىسى ھازىرقى ئەھۋالنى ئۇنتۇپ ، نەقىشلەرنىڭ ئەتراپىغا يىغىلۋېلىپ تەھلىل قىلىۋاتاتتى، كەنجى تاغام ئۇلارنى پات-پات ئالدىرىتىپ بۇلالماي جىلە بۇلۇپ كەتكەنىدى .
ئۇلار داۋاملىق ئىچكىرىلەپ ئۈزدى ، بىرقانچە يەردە قايرىلدى ، شۇڭا ئاللىبۇرۇن نىشاننى پەرىق ئىتەلمەيتتى .
كەنجى تاغام بۇ ئادەملەرنىڭ ناھايىتى تەرتىپسىز ئىكەنلىكىنى كۈرۈپ ،ئۇلارنى رەتكە سالمىسا بولمايدىغانلىقىنى ھىس قىلدى ھەمدە قول ئىشارىتى قىلىپ كەينىدىكىلەرنى توختاشقا بۇيرۇپ ، ۋېنجىننى ئادەملەرنى ساناپ سەپتىن چۈشۈپ قالغانلار بار يوقلىقىنى ئىنىقلاشقا ئۇرۇنلاشتۇردى . بۇنداق تار قەبرە يۇلىدا سۇ ئۈزۈش قىيىن بولغاچقا ،كۆپچىلىك ھەممىسى ھېرىپ ھالىدىن كەتكەنىدى ،شۇڭا ئۇلار قول ئىشارىتىنى كۈرۈپ كەچۈرۈمگە ئېرىشكەن جىنايەتچىدەك خۇشال بۇلۇپ قەبرە تېمىغا يۆلىنىپ ئولتۇرۇشتى . تاغام ئۇلارنىڭ ھالىغا قاراپ ، باش بۇلۇشنىڭ ھەقىقەتەن تەس ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدى . ئۇ كۈزۈتۈش چىرىقىنى ياندۇرۇپ ئاۋال ئالدى تەرەپنى كۈزۈتۈپ بېقىشنى ئويلاپ تۇرۇشىغا ۋېنجىن ئۇنىڭ پۇتىغا ئۇرۇپ ئۇنى چاقىردى ، كەنجى تاغام بۇرۇلۇپلا ۋېنجىننىڭ چىراي ئىپادىىنىڭ ناھايىتى ئالاقزادا ئىكەنلىكىنى كۆردى – دە « ئەجەبا راستىنلا بىرەرسى سەپتىن چۈشۈپ قالغانمىدۇ؟ » دەپ ئولىدى .
ۋېنجىن ئۆزىنىڭ نىمە دىمەكچى ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەپ بىرەلمەي پۇت-قۇلى كالۋالىشىپ كەتتى ،ئۇ بىر بارمىقىنى چىقىرىپ كەنجى تاغامغا قاراپ توختىماي بىرنىمەلەرنى دەيتتى .كەنجى تاغام ئۇنىڭ نىمە دىمەكچى بولغىنىنى چۈشىنەلمەي ئۇنىڭدىن سورىدى «بىر ئادەم كەم ،شۇنداقمۇ ؟» ۋېنجخن كەنجى تاغامنىڭ گەپ قىلغاندىكى ئېغىز شەكلىگە قاراپ ، بېشىنى چايقىدى ۋە بىر قىلىنى تۇلۇق ئاچتى يەنە بىرقولىدىن تۆت بارمىقىنى بىر يەرگە ئەكەلدى ، كەنجى تاغام بۇنى كۈرۈپ تېڭىرقاپ قالدى ،ئۇ ۋېنجىننىڭ گەپ قىلغاندىكى ئېغېز شەكلىگە تەپسىلى قاراپ ، تۇيۇقسىز ئۇنىڭ ئەمەلىيەتتە « بىر ئادەم ئارتۇق !» دىمەكچى ئىكلەنلىكىنى بىلدى .

EzQi0908 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-22 19:40:32

چوڭ تىپتىكى سىرلىق ، قورقۇنۇشلۇق ، تەشۋىشلىك ئەسەر
كىپەن ئوغرىسى
ئۈچۈنچى باب: بۇران - چاپقۇن
بىرىنجى خاتىرە ئىككىنچى بۆلەك : غەزەپ دېڭىزىدىكى قۇم ئۈزۈش

بۇ لى سى دى سۇغا پىششىق ئىدى ، گۇرۇپپىنىڭ سۇدىكى خىزمەتلىرىگە ئۇ مەسئۇل ئىدى ، « بىر سائەت ئىچىدە بۇ يەردە چۇقۇم قاتتىق بۇران – چاپقۇن بۇلىدۇ ، دېڭىز سۈيىنىڭ بۇنداق كۆپ تۈۋەنلىشىنىڭ ئۆزىلا بىر ئىسپات ، سەل تۇرۇپ تۈۋۈن ھاۋا بېسىمى تەرىپىدىن شۇراپ كىتىلگەن سۇلار بىراقلا بېسىپ كېلىدۇ يەنى كىچىكرەك بىر مەيدان دېڭىز شاۋقۇنى دىگەن گەپ ، بىزدە پەقەت ئۈچ دانە كىچىك تىرە قولۋاقلا بار ، مىنىڭچە ئەمدى ئۈمىد يوق !» دىدى .
ئۇ ئاللىبۇرۇن خەتەرنى ئەڭ سىلىق سۆزلەر ئارقىلىق ئىپىدىلىگەنىدى ، بىراق كەنجى تاغام ئۇنىڭ چىرايىغا قاراپ بۇ قېتىم راستىنلا تۈگەشەنلىكىنى ھىس قىلدى ، بۇلار جاھان كۆرمىگەن كىتاپ خالتىلىرى بولغاچقا قورۇققىنىدىن ھەممىسىنىڭ چىرايى ئاقىرىپ كەتكەنىدى ، يەنە بىرقانچە قىز يىغلاپمۇ ئۈلگۈرگەنىدى .
كەنجى تاغام ۋېنجىننىڭ قولىنى تۇتتى ھەمدە ئالقىنىنىڭ تەرلەپ كەتكەنلىكىنى بىلدى ، ئەلۋەتتە بۇمۇ قوروققانلىقنىڭ ئالامىتى ئىدى ، بىراق نىمىلا دىگەن بىلەن كەنجى تاغام دىگەن كەسپى قەبرە ئوغرىسى ، مۇشۇ سەۋەبلىك ئۇنىڭ روھى – كەيپىياتى باشقىلارنىڭككىگە قارىغاندا خېلىلا ياخشى ئىدى ، ئەينى ۋاقىتتا ئۇ ئۆزىنى ئاگاھلاندۇرۇپ :« جىددىلەشمە ! ئەگەر جىددىلەشسەڭلا پۈتۈنلەي تۈگىشىسەن ! » دىگەنىدى .
ئۇ ئادەملەرنىڭ سانىنى ئىنىقلىدى ، ئۇلار كەلگەن ۋاقىتتا جەمئى 10 ئادەم ئىدى ، بىر ئادەم ئۆلدى ، يەنە بىرەيلەن ھادىسىنى ۋە دېڭىز ئاستىدىكى بايقىغانلارنى يۇقۇرىغا مەلۇم قىلىش ئۈچۈن چوڭ كىمە بىلەن قايتىپ كەتتى ، ھازىر قالغىنى سەككىز ئادەم ئىدى ، كەنجى تاغام لى سىدى دىن « بۇران – چاپقۇن قانچىلىك ۋاقىت داۋاملىشار ؟ » دەپ سورىدى .
لى سى دى : « ياز پەسلىدىكى بۇنداق بۇرا چاپقۇنلارنىڭ ۋاقتى ناھايىتى قىسقا ، نەچچە ئون مىنىۇتتىلا ئۈتۈپ كىتىدۇ ،لىكىن ئۇۋاقىتتا دېڭىز سغيى ھېچ بولمىغاندا بەش – ئالتە مىتىر كۆتۈرلىدۇ ، ۋاقتى كەلگەندە بۇ خادا تاشلارنىڭمۇ ھەممىسە سۇغا غەرىق بۇلىدۇ . » دىدى . ئۇ يەنە بېشىنى چايقاپ تۇرۇپ :« بۇ نەچچە ئون مىنۇتقا سەل قارىغىلى بولمايدۇ ، دولقۇننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىساق ، بىر بولسا خادا تاشلارغا سۇقۇلۇپ ئۆلىمىز ، بىر بولسا دېڭىزغا غەرىق بۇلىمىز ، مىنىڭ سىزنى قورقۇتقۇنۇم ئەمەس ، ھازىر ئەھۋال راستىنلا بەك چاتاق ! » دىدى .
كەنجى تاغامنىڭ ئىنكاسى ناھايىتى تىز ئىدى ،ھەش-پەش دىگۈچە ئۇنىڭ كاللىسىغا نەچچە خىل چارە كەلدى ، بىراق دەرھال بىر قارارغا كەلمىسە بولمايتتى ، تىرە قولۋاققا ئولتۇرۇپ قايتىپ كىتىمىز دىسە ،ھەرقانچە تىز ئۈزسىمۇ بۇران-چاپقۇندىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ ، نەپەسلىنىش ئۈسكىنىلىرىنى ئىشلىتىپ سۇئاستىدا پاناھلىنايلى دىسە ، ۋەنجىياۋ ئەتراپىدىكى دېڭىز تىگىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر يەرلىرىمۇ ئاران يەتتە مىتىر ئەتراپىدا ، بۇ تېخىمۇ بولمايتتى .
كەنجى تاغام كۆز بىلەن كۆرگىلى بولغۇدەك چوڭقۇرلۇقتىكى دېڭىز تىگىگە قاراپ ، قاراڭغۇ كىچىدە يۇرۇقلۇققا ئېرىشكەندەك بولدى ، ئۇنىڭ كاللىسىدا ئىنتايىن خەتەرلىك بىر پىلان پەيدا بولدى ، ئەينى ۋاقىتتا بۇ پىلاننىڭ بۇلۇش – بولماسلىقىنى مۇزاكىرە قىلىشقىلى ۋاقىت يوق ئىدى ، ئۇ باشقىلارغا :« كۆپچىلىك كۆپ ئويلىنىپ ئولتۇرمايلى ، ئوكسىگېن توڭلىرىنى بىر يەرگە يىغىپ قاراپ باقايلى ، يەنى قانچىلىك ۋاقىت يىتىدىكىن ، بىز قەدىمى قەبرىگە كىرىپ پاناھلىنىپ تۇرايلى .» دىدى .
كەنجى تاغامغا قەبرىگە كىرىش ئاسان ئىش ، شۇڭا ئۇنىڭغا نىسبەتەن ھېچقىسى يوق ، بىراق باشقلار ھەممىسى كىتاپ خالتىسى ، شۇڭا بۇ تەكلىپ ئۇلارغا ناھايىتى قاپ يۇرەكلىكتەك بىلىندى ، بۇ گەپ چىقىشى بىلەنلا كۆپچىلىك غۇلغۇلا قىلىشقا باشلىدى ، كەنجى تاغام بۇنى كۈرۈپ پايدا – زىيان مۇناسىۋىتىنى قىسقا قىلىپ تاھلىل قىلىپ بەردى .
ئۇ دېڭىز چېتىنى كۆرسۈتۈپ تۇرۇپ :« كۆپچىلىك ئۇ بۇران چاپقۇنغا قاراڭلار ، ھازىر بىز تېخى خەتەر ھىس قىلمىدۇق ، بىراق كۆپچىلىك ھەممىسى دېڭىز شاۋقۇنى تەسۋىرلەنگەن فىلىملەرنى كۆرگەنغۇ دەيمەن ! بۇ نەرسە بىلەن ئوناشقىلى بولمايدۇ ، ئەگەر بۇيەردە بۇران-چاپقۇننىڭ كىلىشىنى كۈتۈپ ئولتۇرساق بىزگە ئۈلۈمدىن باشقا يول يوق ، ھەتتا باشقىلار جەسىدىمىزنىمۇ تاپالماسلىقى مۇمكىن ، بىراق دېڭىز ئاستىدا خەتەردىن پاناھلىنىدىغان جاي بار ، بۇ قەدىمى قەبرىنىڭ ئىچىدە جەزمەن ھاۋا بارلقى بىزگە مەلۇم ، يەنە كىلىپ ئۇ ھاۋا سىرتتىكى سۇ بىلەن ئۇچرىشىدىغان بولغاچقا سۈپىتىمۇ يامان ئەمەس ، بىزنىڭ ئادىمىمىز كۆپ ئەمەس ، قەبرە ئىچىدە بىر سائەت تۇرۇپ قايتىپ چىقىشىمىزغا ھاۋا يىتىشىدۇ ، بۇ بىزنىڭ بىردىن بىر ھايات قېلىق پۇرسىتىمىز .
كەنجى تاغامنىڭ ئادەم سەپەرۋەر قىلىشتا ئازراق تەبىئى تالانتى بار، ئۇنداق بولمىغان بولسا كىيىنكى تىجارىتىنى ئۇنچە كېڭەيتەلمىگەن بۇلاتتى .باشقىلار ئۇنىڭ سۆزلىرىنىڭ ئۇرۇنلۇق ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىپ ،ئىختىيارسىز ھالدا كۆڭلىدە ئۈمىد تۇغۇلدى . ئۇلار بارلىق غەۋۋاسلىق سايمانلىرىنى بىريەرگە يىغدى ، تىرە قىيىقلارنى قاتلاپ تەخلىدى ، ھەممە تەييارلىق پۈتكەندە ،كەنجى تاغام ئۇلار بىلەن سۇ ئاستى پائالىيىتى جەريانىدىكى قول ئىشارەتلىرىنى بىكىتىۋالدى ، ئاندىن ئۇلارنى باشلاپ سۇغا چۈشتى ، ھەمدە ئۈزى كۈزۈتۈش چىرىقىنى ياندۇرۇپ بىرىنجى بۇلۇپ قەبرە يۇلىغا كىردى .
ئۇۋاقىتتىكى غەۋۋاسلىق سايمىنى ئۇلارنىڭ بېشىدىكى قالپاق ئىدى، قارىماققا ناھايىتى بىئەپ كۈرۈنەتتى ،بىراق بۇنەرسە ناھايىتى پۇختا بۇلۇپ ، ئەگەر ئالدى تەرەپتىن ھەرقانچى چوڭ دېڭىز جانلىقى كەلسىمۇ ، مۇشۇ قالپاق بولسىلا ئۇنچە ئاسان يۇتىۋىتەلمەيتتى . كەنجى تاغام ئامالنىڭ بارىچە ئۈزىنى ئەركىن تۇتۇشقا تىرىشىۋاتاتتى ، ئۇ سۇ ئۈزگەچ ئەتراپنى كۈزەتتى . قەبرە يۇلى بارغانچە تارىيىپ كىتىپ باراتتى ، مۇشۇ تەرىزدە كىتىۋەرسە ئەڭ ئاخىرىدا ئۇلار ئۆتەلەمدۇ ئۆتەلمەمدۇ بۇمۇ بىر مەسىلە ئىدى . ھېلىمۇ ياخشى ئۇنىڭ بارلىق سايمانلىرى يېنىدا ،پەقەت بولمىغاندا يەنە بىر چىقىش يولى ئاچالايتتى .
قەبرە يۇلىدا نۇرغۇن ئادەم يۈزلۈك قاپارتما نەقىشلەر بار ئىدى ، ھازىر ئۈستىنى قېلىن يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر قاپلاپ كەتكەن بولغاچقا قايسى سۇلالىگە تەۋە ئىكەنلىكىگە ئىنىق بىرنىمە دىگىلى بولمايتتى . جاھان كۆرمىگەن بۇ ياشلار ھەممىسى ھازىرقى ئەھۋالنى ئۇنتۇپ ، نەقىشلەرنىڭ ئەتراپىغا يىغىلۋېلىپ تەھلىل قىلىۋاتاتتى، كەنجى تاغام ئۇلارنى پات-پات ئالدىرىتىپ بۇلالماي جىلە بۇلۇپ كەتكەنىدى .
ئۇلار داۋاملىق ئىچكىرىلەپ ئۈزدى ، بىرقانچە يەردە قايرىلدى ، شۇڭا ئاللىبۇرۇن نىشاننى پەرىق ئىتەلمەيتتى .
كەنجى تاغام بۇ ئادەملەرنىڭ ناھايىتى تەرتىپسىز ئىكەنلىكىنى كۈرۈپ ،ئۇلارنى رەتكە سالمىسا بولمايدىغانلىقىنى ھىس قىلدى ھەمدە قول ئىشارىتى قىلىپ كەينىدىكىلەرنى توختاشقا بۇيرۇپ ، ۋېنجىننى ئادەملەرنى ساناپ سەپتىن چۈشۈپ قالغانلار بار يوقلىقىنى ئىنىقلاشقا ئۇرۇنلاشتۇردى . بۇنداق تار قەبرە يۇلىدا سۇ ئۈزۈش قىيىن بولغاچقا ،كۆپچىلىك ھەممىسى ھېرىپ ھالىدىن كەتكەنىدى ،شۇڭا ئۇلار قول ئىشارىتىنى كۈرۈپ كەچۈرۈمگە ئېرىشكەن جىنايەتچىدەك خۇشال بۇلۇپ قەبرە تېمىغا يۆلىنىپ ئولتۇرۇشتى . تاغام ئۇلارنىڭ ھالىغا قاراپ ، باش بۇلۇشنىڭ ھەقىقەتەن تەس ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدى . ئۇ كۈزۈتۈش چىرىقىنى ياندۇرۇپ ئاۋال ئالدى تەرەپنى كۈزۈتۈپ بېقىشنى ئويلاپ تۇرۇشىغا ۋېنجىن ئۇنىڭ پۇتىغا ئۇرۇپ ئۇنى چاقىردى ، كەنجى تاغام بۇرۇلۇپلا ۋېنجىننىڭ چىراي ئىپادىىنىڭ ناھايىتى ئالاقزادا ئىكەنلىكىنى كۆردى – دە « ئەجەبا راستىنلا بىرەرسى سەپتىن چۈشۈپ قالغانمىدۇ؟ » دەپ ئولىدى .
ۋېنجىن ئۆزىنىڭ نىمە دىمەكچى ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەپ بىرەلمەي پۇت-قۇلى كالۋالىشىپ كەتتى ،ئۇ بىر بارمىقىنى چىقىرىپ كەنجى تاغامغا قاراپ توختىماي بىرنىمەلەرنى دەيتتى .كەنجى تاغام ئۇنىڭ نىمە دىمەكچى بولغىنىنى چۈشىنەلمەي ئۇنىڭدىن سورىدى «بىر ئادەم كەم ،شۇنداقمۇ ؟» ۋېنجخن كەنجى تاغامنىڭ گەپ قىلغاندىكى ئېغىز شەكلىگە قاراپ ، بېشىنى چايقىدى ۋە بىر قىلىنى تۇلۇق ئاچتى يەنە بىرقولىدىن تۆت بارمىقىنى بىر يەرگە ئەكەلدى ، كەنجى تاغام بۇنى كۈرۈپ تېڭىرقاپ قالدى ،ئۇ ۋېنجىننىڭ گەپ قىلغاندىكى ئېغېز شەكلىگە تەپسىلى قاراپ ، تۇيۇقسىز ئۇنىڭ ئەمەلىيەتتە « بىر ئادەم ئارتۇق !» دىمەكچى ئىكلەنلىكىنى بىلدى .

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-22 20:32:11

خەنزۇچە ئىسمىنى قالدۇرغان بولساڭلار، ياكى ئۇيغۇرچىسىنى نەدىن تاپىمەن دەپ بەسەڭلار!!!

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-22 20:33:43

بولدى تاپتىم:lol

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2014-6-22 23:06:26

xahla91 يوللىغان ۋاقتى2014-6-22 20:33 static/image/common/back.gif
بولدى تاپتىم

نەدىن تاپتىڭىز، دەپ بېرىڭە ئادرېسىنى.

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-22 23:07:17

niyazdixan يوللىغان ۋاقتى2014-6-22 23:06 static/image/common/back.gif
نەدىن تاپتىڭىز، دەپ بېرىڭە ئادرېسىنى.

خەنزۇچىكەن، مەيلىما؟

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-22 23:08:23

niyazdixan يوللىغان ۋاقتى2014-6-22 23:06 static/image/common/back.gif
نەدىن تاپتىڭىز، دەپ بېرىڭە ئادرېسىنى.

http://www.daomubiji.com/nu-hai-qian-sha-06.html

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2014-6-22 23:14:17

رەھمەت.

EzQi0908 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-23 00:44:43

xahla91 يوللىغان ۋاقتى2014-6-22 20:32 static/image/common/back.gif
خەنزۇچە ئىسمىنى قالدۇرغان بولساڭلار، ياكى ئۇيغۇرچىسى ...

ئالۋاستى سالونىغا ئەگىشىۋىلىڭمەنمۇشۇ سالوندىن(ئوغۇرلاپ)كىلىۋاتىمەن:lol

parakende يوللانغان ۋاقتى 2014-6-23 00:46:05

EzQi0908 يوللىغان ۋاقتى2014-6-23 00:44 static/image/common/back.gif
ئالۋاستى سالونىغا ئەگىشىۋىلىڭمەنمۇشۇ سالوندىن(ئ ...

ساپلا مىسىلداپ يوللاۋاتىسىلەر :lol

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-23 00:55:05

EzQi0908 يوللىغان ۋاقتى2014-6-23 00:44 static/image/common/back.gif
ئالۋاستى سالونىغا ئەگىشىۋىلىڭمەنمۇشۇ سالوندىن(ئ ...

خەنزۇچىسىدىن ئوقۇپ بولاي دىدىم.:lol ئۈندىداردىن قۇتۇلغانمەن.

jaggiwar يوللانغان ۋاقتى 2014-6-23 08:55:28

قېنى مانىڭ ئاخىرى؟ ئاندا قىلماي غاچ غاچ يوللاڭلا بى
بەت: 1 2 3 [4] 5 6 7 8 9 10 11 12 13
: كېپەن ئوغرىلاش خاتىرىسى