SIRLIK يوللانغان ۋاقتى 2014-6-21 22:11:01

قايەردىن تاپقىلى بولىدۇ بۇ ئەسەرنىڭ تەرجىمىسىنى يەنە؟   يا بى گاچ گاچيوللىۋەتمىدىڭلابىلىدىغانلار،،،،ئەدەم زاپ قىزىقىپ قاغان چاغدا:@:@

barhan88 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-21 22:29:00

خاتىرە 1-بۈلەك 21– باپ  تۈلكە يۈز جەسەت

    مەن ئاڭلىغان ئاۋاز بەكلا تونۇش ، بۇ كەنجى تاغامنىڭ ئاۋازىغۇ ؟  ئۇ تىك ھاڭ ئۈستىدە ئەمەسمىدى ؟ ئاۋاز يىقىندىنلا ئاڭلىنىۋاتىدۇغۇ ؟ مەن خىياللىرىمنى يۇغۇشتۇرۇپلا بىشىمنى كۆتۇرۇپ ئەتىراپىمغا قاراپ كەنجى تاغامنى ئىزلىدىم . بىراق ئەتىراپىمدا سىمىز بىلەن ئىككىمىزدىن باشقا ئۈچۈنچى بىر ئادەم يوق بولغاچقا ھەيران قالغىنىمدىن نىمە قىلارىمىنى بىلمەي تۇرسام يەنە بايامقىدەك كەنجى تاغامنىڭ ۋاقىرغان ئاۋازى ئاڭلاندى :"  قولۇڭدا قان ھىدى بار ، مۇبادا قولۇڭنى جەسەتنىڭ ئىغىزىغا تىقساڭ جەسەت مۇردىغا ئۆزگىرىپ كىتىدۇ ، ھەرگىز قالايمىقان ئىش قىلما !
  مەن ئاۋازنىڭ قەيەردىن كىلىۋاتقانىقىنى بىلمەكچى بولۇپ تۆت ئەتىراپىمغا سەپسىلىپ قاراپ ئاخىرى كەنجى تاغامنىڭ ئاۋازىنىڭ قاشتېشى سۇپا ئاستىدىن چىقىۋاتقانلىقىغا ھۆكۈم قىلدىم . لىكىن قاشتىېشى سۇپىنىڭ رەڭگى ئىنتايىن قىنىق بولغاچقا سۇپا ئاستىنى كۆرۈش مۇمكىن ئەمەس ئىدى . شۇڭا ئالدىراپلا :" كەنجى تاغا ؟ سەن قاشتېشى سۇپا ئاستىدىمۇ ؟ !" دەپ سورىدىم .
   سۇپا ئاستىدىن كەنجى تاغامنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى :" مەن ساڭا كىيىن چۈشەندۇرۇپ قوياي ، ھازىر مىنىڭ دىگىنىم بويچە قىل ، جەسەتنىڭ بىشىنى تۆۋەنگە ساڭگىلىتىپ باش بارمىقىڭ بىلەن ئۇنىڭ كىكىردىكىنى تىرەپ تۇرۇپ ئارقا مىڭىسىگە يەڭگىل ئۇرغىن ، ئىسىڭدە بولسۇن ، چوقۇم باش بارمىقىڭ بىلەن ئۇنىڭ كىكىردىكىنى باسقىن ! بولمىسا ئۇ ئاچقۇچىنى يۈتۈپ كىتىشى مۇمكىن !
   مەن كەنجى تاغامنىڭ دىگىنى بويچە جەسەتنىڭ بىشىنى تۆۋەنگە ساڭگىلىتىپ باش بارمىقىمنى ئۇنىڭ كىكىردىكىگە تىرەپ تۇرۇپ ئارقا مىڭىسىگە يەڭگىل ئۈرۇشىمغا جەسەتنىڭ ئىغىزىدىكى ئاچقۇچ قاشتېشى سۇپا ئۇستىگە چۈشىشى بىلەن تەڭلا  مۈرەم بوشىغاندەك بولۇپ ئايال جەسەتنىڭ ئىككى قولى مۈرەمدىن چۈشۈپ كەتتى .
   مەن چوڭ بىر نەپەس ئىلىپ كۆڭلۇمدە :" ھەر نىمە بولسا قۇتۇلدۇم " دەپ تۇرسام سۇپا ئاستىدىن كەنجى تاغامنىڭ :" چوڭ جىيەنىم ، قىشىڭدا ھىلىقى ئۆلگۇر سىمىز بارمۇ ؟ " دەپ سورىغان ئاۋازى ئاڭلاندى .  
    مەن كەنجى تاغامنىڭ  گىپىنى ئاڭلاپ دەرھال بىشىمنى كۆتۈرۈپ قارسام سىمىز جەسەتنىڭ  ئىغىزىدىن چىققان ئاچقۇچنى تەھلىل قىلىۋاتقان بولغاچقا كەنجى تاغامغا :" شۇنداق ، بار " دەپ جاۋاپ قايتۇرۇم .  
    نەچچە دەقىقىدىن كىيىن  كەنجى تاغامنىڭ خاڭجۇ  تەلەپپۇزىدا مەندىن :" جىيەنىم قاراپ باق ، ئۇ سىمىزنىڭ سايسى بارمۇ –يوق ؟!" دەپ سورىغان ئاۋازى ئاڭلاندى .
    مەن كەنجى تاغامنىڭ نىمە دىمەكچى ئىكەنلىكىنى ئاڭقىرالماي ئىختىيارسىزلا سىمىزنىڭ پۇتىنىڭ ئاستىغا قارىدىم . قارىسام سىمىزنىڭ سايىسىنى قاشتېشى سۇپىنىڭ سايىسى توسىۋالغان بولۇپ بوينۇمنى سۆزۇپ قاراپمۇ ئىنىق كۆرەلمىدىم –دە ئەجەپلىنىپ تۇرۇپ :" ئىنىق كۆرەلمىدىم " دەپ جاۋاپ بەردىم .
   ئارقىدىنلا كەنجى تاغام يەنىلا خاڭجۇ تەلەپپۇزىدا :" جىيەنىم ، ساڭا بىر ئشنى ئىيتاي قورقۇپ كەتمە ، مەن بۇيەرگە كىلىش يولىدا ئالدىڭدىكى سىمىزنىڭ جەسىتىنى ئۇچىراتتىم ، ئىھتىيات قىل ، كۆز ئالدىڭدىكى ئۇ سىمىز ......ئىنسان بولماسلىقى مۇمكىن !!" دىدى .
   مەن دەرھال سىمىزگە قاراپ ئۇنىڭ چىراي ھەم ھەركىتىدىن ھىچبىر بىنورمالىقىنى بايقىمىغاندىن كىيىن جىددىيلىشىپ :" كەنجى تاغا سەن خاتا كۆرۇپ قالمىغانسەن ھە؟! " دەپ سورىدىم .
   ئارقىدىنلا كەنجى تاغام :" ئۇنداق ئەمەس ، مەنچە چوقۇم خاتا كۆرمىدىم ، ئۇ بەلكىم ئالدىنقى قىتىم قەۋرىگە چۈشكەنلەرنىڭ بىرسى بولسا كىرەك ، ئۇ بايا قولۇڭنى ئايال جەسەتنىڭ ئىغىزىغا تىقىشقا دەۋەت قىلدىمۇ ؟ شۇنداق بولسا ئۇ ساڭا زىيانكەشلىك قىلماقچى !" دەپ جاۋاپ قايتۇردى .
   كەنجى تاغامنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ توساتتىن كۆڭلۇمدە ئىيىتقۇسىز بىر خىل قورۇنۇچ ھىسياتى پەيدا بولدى –دە كەنجى تاغامدىن :" سىنىڭ دىگىنىڭگە قارىغاندا كۆز ئالدىمدىكى بۇ سىمىز .....ئادەم ئەمەس ...جىن – ئالۋاستى ؟؟!" دەپ سورىدىم .
   كەنجى تاغام جاۋاپ قايتۇرۇپ :" شۇنداق ، ئۇنىڭ دىگەنلىرىگە ھەرگىز ئىشەنمە ، ھازىر يىنىڭدا جىن – ئالۋاستىلاردىن مۇداپىئە كۆرىدىغان قارا ئىشەكنىڭ تۇيىقىدەك بىر نەرسە بارمۇ ؟! " دىدى .
   بۇ چاغدا سىمىز بىشىنى كۆتۈرۈپ ماڭا قارىدى . مەن توساتتىن ئۇنىڭ قارىشىنىڭ باشقىچە ئىكەنلىكنى ھس قىلغاندەك بولدۇمدە كەنجى تاغامنىڭ ئىيتقانلىرىنىڭ يىرىمنى توغرا تاپقاندەك بولدۇم . ئارقىدىنلا ئۈستىبىشمنى ئاختۇرسام قولۇمغا ساۋۇتلۇق جەسەتنىڭ بەلۋىغى ئۈرۈندى . ئويلاپ باقسام قەدىمكى كىشىلەر ئۆزى بىلەن بىللە دەپنە قىلىنىدىغان نەرسىلەرگە جىن –ئالۋاستىلاردىن ساقىلىنىدىغان قەدىمكى ئەپسۇن – خەتلەرنى يىزىپ قوياتتى . شۇڭا دەرھال ساۋۇتلۇق جەسەتنىڭ بەلۋىغىنى چىقاردىم .
  قارىسام بەلباغنىڭ ئۈستىگە ئويۇلغان خەتلەر يىللارنىڭ ئوتىشى بىلەن سۇسلىشىپ كەتكەن بولسىمۇ بىراق مەن بىر قاراپلا لۈ بەگلىكى يىزىقى ئىكەنلكىنى تونىۋالدىم ، ئەجەبا بۇ ساۋۇتلۇق جەسەت ھەقىقەتەن لۇشاڭ بىگى؟  ئۇنداقتا ئۇنىڭ يىنىدا ياتقىنى  كىمنىڭ جەسىتى ؟ ئۇنىڭ خوتۇنىنىڭ ؟ دىگەنلەرنى دەقىقىە ئىچىدە ئويلاپ يىتىش بىلەن تەڭلا بەلباغقا كۆز يۇگۈرتۈپ قارىدىم . بەلباغ ئۈستىدىكى خەتلەرنىڭ كۆپ قىسمىنى تونىمىساممۇ بىراق ئارىسىدىكى ئالتۇن يالىتىپ ئويۇلغان ‹‹ جەھەننەم گۆھىرى ›› دىگەن خەت ئىنتايىن ئىنىق يىزلغان بولۇپ ھەقىقەتەن پانىي ئالەم مەخلۇقاتلىرىدىن مۇداپىئە كۆرىدىغان نەرسە ئىدى .
   دەل شۇ ۋاقىتتا بىر ئىش ئىسىمگە كىلىپ كەنجى تاغامدىن سرىدىم :" غەلىتە ئىش ؟ بۇ قاشتېشى سۇپىسنىڭ رەڭگى ئىنتايىن قىنىق تۇرسا ، سەن قانداقسىگە سىمىز ئىككىمىزنى كۆرەلەيسەن ؟
   ئارقىدىنلا كەنجى تاغام :" مەنمۇ بىلمەيمەن ، مەن ئاستنقى لەخمىدىن قاشتېشى سۇپا تىگىگە چىقىپلا سىنىڭ قولۇڭنى ئايال جەسەتنىڭ ئىغىزىغا تىقماقچى بولغانلىقىڭنى ئىنىق كۆردۇم ، خۇددى ئىككىمىزنى نىپىز ئەينەك ئايرىپ تۇرغاندەكلا . شۇڭا سىنى توسىۋالدىم . تەلىيىمزگە سەن ئاۋازىمنى ئاڭلىيالىدىڭ ، بولمىسا چاتاقىنىڭ چوڭى چىقاتتى " دىدى .
   مەن ئويلىغانسىرى بۇ يەردە بىر چاتاقىنىڭ بارلىقىنى ھىس قىلدىم–دە كۆڭلۇمدە :" بۇ قاشتېشى كارۋات ئۇنچىلىك كەڭ ئەمەس ، ئۈستىگە ئىككى جەسەت بىر– بىرگە قىستاپ دىگۇدەك قويۇلغان ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ جاينى يورۇتىۋاتقان ئاي نۇرىمۇ ئۇنچىلىك كۈچلۇك ئەمەس، بۇنداق خىرە يورۇقلۇق ئاستىدا بىرجۇپ جەسەت قاتار ياتقۇزۇلغان قاشتېشى سۇپىنىڭ سىرتىنى ئىنىق كۆرۈش مۇمكىنچىلىكى قانچىلىك ؟" دىگەنلەرنى ئويلىدىم .
    بۇ ۋاقىتتا سىمىزگە يەنە بىر قىتىم قارىدىم . سىمىز يەنىلا ھىلىقى ئاچقۇچقا قاراپ ھاڭۋىقىپ قالغان بولۇپ توساتتىن ئەھۋالنىڭ چاتاقلىقىنى ھىس قىلدىم . سىمىزنىڭ مىجەزىگە ئاساسلانغاندا ئۇ بايا مەن كەنجى تاغام بىلەن دىيىشكەن خاڭجۇ تەلەپپۇزىنى چۇشەنمىسىمۇ چوقۇم گەپ قىستۇراتتى ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ بىر ئاچقۇچقا قاراپ ئۇنچىلىك كۆپ ئىشلارنى خىيال قىلىدىغان ئادەم ئەمەس .
   شۇڭا مەن ئۇنى سناپ بىقىش ئۈچۇن قاشتېشى كارۋاتتىن چۈشۈپ ئۇنىڭ يىنىغا بىرىپ مۈرسىگە يەڭگىل بىرنى شاپاللىشىمغا سىمىزنىڭ چىراي ئىنتايىن تىز سۇرئەت ئىچىدە ئۆزگىرىپ چىراينى تولىمۇ قورقۇنۇچلۇق تۈسكە كىرگۇزۇپ تۇرۇپ ماڭا قاراپ :" ئاناڭنى سولتەك ، سەن باشتىن باشلاپلا مىنى ئالداپ كەپسەن ؟!" دەپ ۋاقىراپلا قولىدىكى خەنجەرنى ماڭا تىقماقچى بولۇپ شىلتىدى .
   بۇ ۋاقىتتا مەن ئۇنىڭ نىمە دەۋاتقانلىقىنى ئاڭقىرالماي ئىختىيارسزلا كەينىمگە نەچچە قەدەم داجىپ:" سەن نىمە قىلماقچى ؟!" دەپ  ۋاقىردىم . سىمىزنىڭ بىر جۈپ كۆزى قان قۇيىۋەتكەندەك قىززىرىپ كەتكەن بولۇپ مىنىڭ ۋاقىرغىنىمنى ئاڭلىمىغاندەك قىلچە پىسەنىت قىلماي يەنە بىر قول شىلتىپ ماڭا خەنجەر ئۇرماقچى بولدى . ئۇنىڭ بۇ  قەستەن ئادەم زەخمىلەندۇرۇشكە ئۇرنۇشى ھىچبىر چاقچاق قىلغانغا ئوخشىمايتتى . شۇڭا مەن ئۆرۈلۇپلا كەينىمدىكى تاش پەلەمپەگە قاراپ قىچىشىمغا سىمىز :" قاچە! قايەرگە قاچىدىغىنىڭنى بىر كۆرەي !" دەپلا ئارقامدىن قوغلىدى . ئۇنىڭ چىشلىرى بىر –بىرگە كىرىشىپ كەتكەن بولۇپ كۆزلىرىدىن مىنى چانىۋەتمىگچە بولدى قىلمايدىغانلىقى چىقىپ تۇراتتى ، خۇددى مەن ئۇنىڭ دادىسىنىڭ قاتىلىدەك .
    مەن پەلەمپەينىڭ يۆلىنىش بويچە پەسكە قاراپ جىنىمنىڭ بارىچە قىچىۋاتاتتىم ، كەينىمدىكى مىنى قوغلاۋاتقان سىمىز قارىماققا كالامپايدەك كۆرۇنگىنى بىلەن بىلەن پۇتى ئىنتايىن چاققان بىر نىمە ئىكەن ماڭا يىتىشىۋالايلا دەۋاتاتتى . مەن يۈگرەۋەتىپ ئالدىمغا قارىسام تاش پەلەمپەي ئاخىرلىشىپ نەزىر –چىراق سۇپىشىغا يىتىپ كىلەيلا دەپ قالغان ئىدىم . تاش پەلەمپەينىڭ ئەتىراپىنى پۈتۇنلەي غەلىتە ئۆسۇملۇك قاپلاپ كەتكەن بولۇپ يان تەرەپكە قاراپ قاچسام بايامقىدەك دەرەخكە ئىسىلىشىم مۇمكىن . شۇڭا كۆڭلۇمدە :" ئاناڭنى ، ئارقامدىكى سىمىز راستىنلا جىن ياكى ئالۋاستى ئوخشىمامدۇ ؟ مىنىڭ قىنىمنى ئىچمەكچى ؟ بىراق نەدىمۇ جىن– ئالۋاستى قولىغا خەنجەر ئىلىپ قولىدا تۆمۇرنىڭ سۇنىقى يوق ئادەمنى قوغلايدىغان ئىش بار ؟!" دىگەنلەرنى ئويلىدىم .
   ئويلاپ بۇ يەرگە كەلگەن چىغىمدا ئالدىىمدا قاچقۇدەك جاي بولمىغاچقا دەرھال توختاپ قولۇمدىكى ساۋۇتلۇق جەسەتنىڭ بەلبىغىنى قامچا قىلىپ سىمىزغا قارىتىپ شىلتىدىم . سىمىز دەرھال ئۆزىنى چەتكە ئىلىشىغا مەن ئىتىلپ بىرىپلا ئۇنىڭ خەنجەر تۇتقان قولىنى جىنىمنىڭ بارىچە چىشلىدىم –دە بۇ ئالەمدە مەندەك ئالۋاستنىڭ قولىنى چىشلىگەن يەنە بىرسى بارمىدۇ ؟دىگەنلەرنى ئويلىشىمغا سىمىز ئاغرىقتىن قاتتىق چىقىراپ قولىدىكى خەنجەرنى قويىۋىتىشىگە مەن بىر پەشۋا بىلەن خەنجەرنى تاش كارىدۇرنىڭ سىرتىغا تپىپ چىقىرۋەتتىم .  
   لىكىن دەل شۇ پەيىتتە سىمىز بىر كۇچەپلا مىنى ئاستىغا بىسىۋىلىپ :" ئاناڭنى يۈزمىڭنى پالانى قىلاي ، مىنى چشلىگۇدەك بولدۇڭمۇ ؟ سەن غالجىر ئىتنى بوغۇپ ئۆلتۇرىۋىتىمەن !!" دەپ جىنىنىڭ بارىچە كۈچەپ گىلىمىنى سىقىشقا  مەنمۇ ئامالسىزلىقتىن قولۇمدىكى ساۋۇتلۇق جەسەتنىڭ بەلبىغىنى ئۇنىڭ بوينىغا يۆگەپ  ئىككى ئۇچىنى كۈچەپ  تارتىشقا باشلىدىم –دە كۆڭلۇمدە :" سەن يامان بولساڭ مەنمۇ نان قىپى ئەمەس ، ئاناڭنى ساڭا جىنىمنى تىكتىم " دىگەنلەرنى ئويلىدىم .
   مەن ئۇنىڭ گىلىنى سىقىۋاتاتتىم ، ئۇ مىنىڭ گىلىمنى بوغىۋاتاتتى . رەقىپلەر بىر–بىرنىڭ گىلىنى بوغۇشقان ۋاقىتتا ئەڭ مۇھىمى شۇكى : سىز نەپىسىڭز توختاشتىن بۇرۇن رەقىبىڭزنى بوغۇپ ئۆلتۇرىشىڭىز كىرەك . ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا بۇ سىمىز ئالۋاستىدىن ھىچبىر رەھىم كىلىدىغاندەك ئەمەس ، ئۇنىڭ كۈچەپ گىلىمنى بوغىشىدىن كۆزۇممۇ چانىقىدىن چاچراپ چىقىپ كىتەيلا دەۋاتاتتى . شۇڭا مەنمۇ ئاخىرقى سۈت ئەمگەن كۈچۈمنى چىقىرىپ ئىككى قولۇمدىكى سىمىزنىڭ بوينىغا يۆگەلگەن بەلباغنى تارتىشمغا قارىماققا خىلى ياخشى ساقلانغاندەك كۆرۈنگەن خۇرۇم بەلباغ ‹‹ تاس ›› قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ ئۈزۈلۇپ كەتتى .  
   بۇ بەلباغ كالا خۇرىمىدىن ياسالغان بولۇپ خۇرۇم بەلباغنىڭ ئۈستىگە كىچىك –كىچىك مىتال ياپراقچە پاتۇرۇلغان ئىدى . بەلباغنىڭ ئۈزۇلىشى بىلەن تەڭ بەلباغ ئۈستىدىكى مىس ياپراقچىدىكى ئالتۇن يالىتىپ ئويۇلغان ‹‹ جەھەننەم گۆھىرى ›› دىگەن خەت چاچىراپ چىقىپلا نەپەس ئىلىش ئۇچۇن ئىچىلغان ئىغىزىمغا كىرىپ كەتتى .  
   ئارقىدىنلا چۈچۈمەل تەملىىك بىر خىل سۇيۇقلۇقنىڭ گىلىمغا ئىقىپ كىرگەنلىكىنى ھىس قىلدىم – دە بۇ بەلباغىنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق جەسەتنىڭ ئىكەنلىكى ئىسىمگە كىلىشى بىلەن تەڭ كۆڭلۈم ئىلىشىپ قاتتىق ھۆ تۇتۇپ يۆتىلىپ كەتتىم . تۇيۇقسىز كۆز ئالدىم خىرەلىشىپ ئۆزۇمنى بىر توپ قارا تۇمان ئىچىگە چۇشۇپ كىتىۋاتقاندەك ھىس قىلىشقا باشلىدىم .
    مەن نىمە بولغانلىقىنى بىلمەيتتىم . ئەجەبا سىمىز مىنى بوغۇپ ئۆلتۇرىۋەتتى ؟ ئەجەبا مەن ئۆلدۇم ؟ نەچچە دەقىقىدىن كىيىن ئىغىزىمدىكى چۈچۈمەل تەمنىڭ بارا– بارا ئاچچىق تەمگە ئۆزگىرىۋاتقانلىقىنى خىرە ھىس قىلىش بىلەن تەڭ كۆز ئالدىممۇ ئاستا – ئاستا يورۇشقا باشلىدى . ئارقىدىنلا چۆچۆپ تۇرۇپ ئۆزۇمىنىڭ سىمىز تەرىپىدىن قاشتېشى سۇپىغا بىسىۋىلىنغانلىقىمنى بايقىدىم . سىمىزنىڭ كۆزى يەنىلا قىپقىزىل بولۇپ كۈچىنىڭ بارىچە گىلىمنى بوغىۋاتقان ئىدى . ئەڭ غەلىتە يىرى شۇكى ھىلىقى ئايال جەسەتنىڭ ئىغىزىدىكى ئاچقۇچ يەنىلا ئۆز جايىدا يەنى ئايال جەسەتنىڭ ئىغىزىدا بولۇپ ساھىپجامال جەسەتنىڭ ئىككى قولى بۇرۇنقىدەك مۈرەمگە چىڭ گىرە سالغان ھالەتتە ئىدى . مەن ھەيران بولغىنىمدىن ئختىيارسىزلا ۋاقىراپ تاشلىدىم . بايامقى ئىشلارنىڭ ھەممىسى مىنىڭ خىيالىم ، بىر مەيدان قاباھەتلىك چۈش ؟؟
   مەن بىشىمنى بۇراپلا يەنە بىر تەرەپتىكى كۆك كۆزلۈك تۈلكە يۈز جەسەتكە قارىدىم . ئۇنىڭ نىقاپى يەردە بولۇپ ئىككى ئۇزۇنچاق يىرىق ئارىسىدىكى بىر جۈپ كۆك كۆزى سىمىز ئىككىمىز تۇرغان تەرەپكە بىر خىل مۇدىھش نەزەردە تىكىلىۋاتاتتى . مەن كۆڭلۇمدە ئەھۋالنىڭ ئىنتايىن خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدىم . ئەجەبا سىمىزنىڭ بايامقى دىگەنلىرى توغرا ؟ . بۇ چاغدا مەن گەرچە ھوشۇمغا كەلگەن بولساممۇ بىراق يەنىلا ئۈستۈمدىكى سىمىز تەپىدىن بوغۇپ ئۆلتۇرۈلەيلا دەپ قالغان ئىدىم . شۇڭا جىددىيلىشىپ ئەتىراپىمنى سىلاپ –سىپاپ ھىچنەرسە تاپالمىغاندىن كىيىن ساۋۇتلۇق جەسەتنىڭ كۆكرىكىگە قويۇلغان قىزىل ئالتۇن قۇتىغا كۆزۇم چۈشىشى بىلەن تەڭ ھىچنىمنى ئويلىماي قۇتىنى كۆتۇرۇپ سىمىزنىڭ  بىشىغا قارىتىپ ئۇردۇم .
   بۇ ئۆلگۇر سىمىزنىڭ بەدىنى تۆمۇردىن ياسالغانمىكىن تاڭ ، ئالتۇن قۇتا بىلەن ئۇرىشىم ئۇنى يىقىتالمايلا قالماستىن ئەكىسچە ئۇ ئىغىزنى بۇزۇپ تىلىۋەتكەندىن كىيىن تىخىمۇ كۈچەپ گىلىمنى بوغۇشقا باشلىدى . ئاناڭنى ، بۇ نەدىمۇ كارنىيىمنى بوغۇپ ئۆلتۇرۋەتمەكچى  بولسۇن ، ئىنقلا بوينۇمنى ئۈزىۋەتمەكچىغۇ بۇ ھاراملىق !!. دەل شۇ پەيىتتە نەدىن كەلدىكن تاڭ بىلمىدىم ، كۆڭلۇمدە بىر نىيەت ، ئوچۇقىنى ئىيقاندا ئادەم ئۆلتۇرۇشتەك قارا نىيەت پەيدا بولشى بىلەن تەڭ قولۇمغا باشقىچە كۈچ كەلگەندەك بولۇپ ‹‹ جاق ›› قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ ئوڭ مۇشتۇمۇم دەل سىمىزنىڭ قۇلاق تۈۋىگە تەگدى . بۇ بىر مۇشتنى زادى ئوغۇل بالىدەك ئاتقان ئوخشايمەن ، ئۇستىمدىكى سىمىز مۇشت زەربىسىدىن قولىنى قويىۋىتىپ نەق ئۈستىمگە يىقىلىشى بىلەنلا بوينۇم بوشىغاندەك بولۇپ ئىغىزىمدىن قاتتىق يۆتەل بىلەن تەڭ قىپقىزىل قان ئىتىلپ چىقتى.  
    بۇ ۋاقىتتا مەن تۈلكە يۈز جەسەتنىڭ غەلىتە كۆزىنىڭ تىخىمۇ چوڭ ئىچىلغانلىقىنى كۆرۈپ كۆڭلۇمدە ئىيتىپ بەرگۇسىز بىر خىل قورقۇنۇچىلۇق سىزىم پەيدا بولىشى بىلەن تەڭ سىمىزنى بىر ئىرغىتىپلا تۇلكە يۇر جەسەتنىڭ ئۇسىتىگە تاشلىدىم . سىمىزنىڭ تەن ئىغىرلىقى تۈلكە يۈز جەسەتنى پۈتۇنلەي بىسىپ ياپىلاقلاپ تاشلىدى –دە كۆڭلۇمدىكى غەلىتە سىزىممۇ بارا –بارا ئاجىزلاشقا باشلىدى .
  ئاغرىۋاتغان بوينۇمنى سىلىسام سىمىزنىڭ بىر مو كىلىدىغان ئالقىنى تەرپىدىن سىقىلىپ شەكلى ئۆزگىرىپ كەتكىلى تاسلا قاپتۇ ، بەدىنىمنىڭ ئاغرىمايدىغان يىرى يوق ، تۇلكە يۇز ھارامتاماقنىڭ بۇنچىلىك يامانلىقىنى ئويلاپ باقمىغانكەنمەن . ئەگەر بايا ئۇنىڭ بەلىبىغىدىكى مىتال ياپراقچە ئىغىزمغا كىرىپ كىتىپ مىنى ئويغاتمىغان بولسا سىمىز بىلەن ئىككىمىزدىن قايسىمىز ئۆلەر بولغىيدۇقكىن تاڭ ؟  
  مەن بايا سىمىزنى ئۇرۇشتا قورال قىلىپ ئىشلەتكەن قىزىل ئالتۇن قۇتىغا قاراپ قۇتا ئۇستىدە كىچىك ئاچقۇچ سالىدىغان تۆشۇكنىڭ بارلىقىنى بايقىدىمدە ئىختىيارسىز ئۆرۇلۇپلا ئايال جەسەتنىڭ ئىغىزىغا نەزەر سالدىم . ئەجەپا ئايال جەسەتنىڭ ئىغىزىدىكى ئاچقۇچ مۇشۇ قىزىل ئالتۇن قۇتىنىڭ ئاچقۇچى ؟!!

SIRLIK يوللانغان ۋاقتى 2014-6-21 22:39:19

18 -باپتىن بىراقلا21 - باپقائۆتەپ كېتىپتىغۇ؟

parakende يوللانغان ۋاقتى 2014-6-21 22:53:38

قېنى 19 ، 20

barhan88 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-21 23:20:15

19-20نى يوللىسام يوقاپ كىتىپتىغۇ،

barhan88 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-21 23:28:48

1- خاتىرە 1-بۈلەك 19– باپ  ئايال جەسەت
 
 ساۋۇتلۇق جەسەتنىڭ سوغۇق نەزەردە
قارىشى ئادەمنىڭ تىنىنى جۇغىلدىتاتتى . مەن نىمە قىلىشمنى بىلمەي تىرىسى سويۇلماقچى بولغان قويدەك دەرخ شىخىغا ئسىقلىق ھالەتتە ئۇنىڭغا تىكىلىۋاتاتتم . بۇ ھالەتتە قانداق قىلىپ قىچىپ كىتەرمەن ؟ شۇڭا بىر تەرەپتىن ئاللا ئىگەمگە ئىلتىجا قىلسام يەنە بىر تەرەپتىن  ھازىرقى بۇ ھالىتىمدىن قانداق قىلىش توغۇرلۇق ئويلىنىۋاتاتتىم . ئۇ ماڭا قاراپ مەن ئۇنىڭغا قاراپ قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتىكىن تاڭ ھىلىقى ساۋۇت كىيگەن جەسەتتە ھچبىر ئىنكاس يوق  بولۇپ كۆزنى يوغان ئىچىپ ماڭا تىكىلىپ قارىغان ھالەتتەئىدى . منىڭ  ھىس تۇيغۇممۇ ياكى خاتا كۆرۇپ قالدىممۇ ئىشقىلىپ ئۇنىڭدىن  ھىچقانداق ئىنكاس كەلمەيتتى . بىراق ئۇنىڭ غەلىتە كۆزىگە مەن ئەمەس ئەۋلىيا تىكىلىپ قارىسمۇ قورقۇپ كىتەتتى . شۇڭا مەن ئۇنىڭغا قارىماي تىزرەك ئامال تىپىپ چۈشۈپ كىتىشكە تىرىشىۋاتاتتىم . بۇنداق ئىسىلىپ تۇرىۋىرىپ كاللام ئىسىلىپ مىڭەمگە قان تولۇپ بىشىم ھازىرلا پارتىلاپ كىتىدىغاندەك ئاغرىۋاتاتتى .  
    مەن تىنىمدىكى بارلىق كۇچۇمىنى يىغىپ بىشمىنى كۆتۇرۇپ بەدىنىمگە قاراپ ھەيران قالغىنمدىن تىلىمنى چىشلەپ سالدىم ، پۇتكۇل بەدىنىمنى  ئاساسەن دىگىدەك قاتقان يارا  ئىغىزى قاپلىغان ،ساق يىرىم يوق دىيەرلىك بۇلۇپ پۇتۇمغا  غەلىتە ئۆسۇملۇك يۆگىشىۋالغان ئىدى .  بىشىمنى بۇراپ ئەتىراپىمغا قاراپ قورققىنىمدىن كۆزۈم چاچراپ چىقىپ كىتەيلا دىدى .  كۆز نۇرۇم ئۇلاشقۇدەك جاينىڭ ھەممىسىگە سىانسىزلىغان ھەر خىل قىياپەتتىكى جەسەت ئىسىلغان بولۇپ بۇ ھەرگىزمۇ بىر –ئىككى يۈز جەسەت ئەمەس ، مەنچە ئاز بولغاندىمۇ نەچچە مىڭ جەسەت ئەتىراپىمدىكى دەرەخ شىخىغا ئىسىقلىق تۇراتتى . بۇ جەسەتلەرنىڭ كۆپ قىسمى قۇرۇپ قاخشال بولۇپ پەقەت ئۇستىخان سۆڭكىلا ئىشىپ قالغان ، ئۇلارنىڭ سۆڭىكى شامالغا ئەگىشىپ يەڭگىل تەۋرىنىپ ئادەم چىدىغۇسىز بىر خىل ئاۋاز چىقىرۋاتاتتى .  
  مەن سەپسىلىپ قاراپ بۇ جەسەتلەرنىڭ بەزىلىرىنىڭ ئادەمنىڭ ، بەزىلىرىنىڭ باشقا جانلىقلارنىڭ جەسىتى ئىكەنلىكىگە ھۆكۇم قىلدىم .  ئەسلىدىنلا  ھازىرقى  ھالىتىمدە نەپەس ئىلىشم قىيىن بولۇپ بۇ جايدىكى جەستنىڭ سىسىق پۇرۇقى قوشۇلۇپ بۇرنۇمىنى چىدىغۇسىز دەرىجىدە ئىچىشىتۇرىۋاتاتتى . ئەتىراپىمدا سانسىزلىغان چوڭ – كىچىك جەسەت بۇرگىلىرى بەزى تولۇق چىرىپ –سىسپ بولالمىغان جەسەتلەرگە يامىشىپ مەززە قىلىپ غىزالىنىۋاتاتتى .  خۇداغا مىڭ مەرتىۋە شۇكىرى ، تاش ئۆيدىكى چىغىمدا پەنزنىڭ دىگىنى بويچە ئۇنىڭ قولىدىكى بوتۇلكىنىڭ قان دىغىنى تۈپىركىمگە ئىلاشتۇرۇپ ئۇستىبىشمغا سۇرىۋالغان ئىدىم ، قارىغاندا راستىنلا ئۇنۇمى بار ئوخشايدۇ ،جەسەت بۇرگىلىرى ماڭا قاراپمۇ قويمايتى . گەرچە باشقىلارنىڭ قىنىنى سۇرىۋىلىش بىز ئاز ئەخلاقسىزلىق بولسمۇ لىكىن ئەخلاقسىز ئادەم بولۇش مىيىپ ئادەم بۇلۇشتىن مىڭ مەرتىۋە ئەلا .
   بۇ ۋاقىتتا سىمىزگىمۇ بۇ ئىپلاس ئۆسۈملۈكنىڭ چاپلىشىۋالغىنى ئىسىمگە كىىلىپ سىمىزدىن ئازراق ئەنسىرەپ قالدىم –دە بىشىمنى بۇراپ دەرەخ سىرتىغا قارىدىم . لىكن دەرەخ شىخىنىڭ ھەممە يىرىگە ئالۋاستى ئۆسۇملۇك يامىشىپ كەتكەن بولغاچقا  دەرەخ سىرتىنى كۆرۈش مۇمكىن ئەمەس ئىدى . ئىچىمدە كىملەرنىدۇر  قاغاۋاتسام تۇيۇقسىز پۇتۇم بوشىغاندەك قىىلىپ پەسكە چۈشۈپ كەتتىمدە دەرھال باش قىسمىنى قوغداش ئۇچۇن  ئىككى قولۇمىنى سۆزۇپ چۈشكەن جاينى تىرىۋىلىشكە تەييارلاندىم ، ئاناڭنى ، تەلىيىم كاج ئوخشايدۇ ، پۇتۇمغا يۆگىشۋالغان ئالۋاستى ئۆسۈملۈك بوشاپلا دەقىقە ئۆتمەستە يەنە چىڭىۋالغاچقا مەن يەنىلا ئىسىقىلىق ھالىتمدە قىلىپ كۆزۇمىنى ئىچىپ قارىدىم . ۋاي ئانامھەي ! بۇ ۋاقىتتا منىڭ يۈزۇم پەستىكى قاشتېشى سۇپا ئۇستىدىكى ئايال جەسەتنىڭ يۈزىگە تىگىشەيلا  دەپ قالغان بولۇپ يەنە ئازراقلا پەسلەپ كەتكەن بولسام ئىغىزىم ئايال جەسەتنىڭ ئىغىزى بىلەن ئۇچرىشارئىكەن ....! مەن جىددىلەشكىنىمدىن ئىغىزىمنى چىڭ يۇمۇپ كۇچۇمنىڭ بارىچە بوينۇمنى ئىچىگە تارتىپ ئۇنىڭ بىلەن ئارلىق ساقلاشقا تىرىشىۋاتاتتىم . خۇددى ئۇ ھازىرلا ئۇيقىدىن ئويغىنپ ماڭا بەتقىلىقلىق قىلىدىغاندەك .
   دەل ئۇنىڭدىن قۇرقۇپ بىشمنى ئىچىمگە تىقىپ كۆزۇمنى ئەپقىچىۋاتقان ۋاقىتتا ئۇنىڭ يىنىدا ياتقان ساۋۇتلۇق جەسەتنىڭ بىلىگە خەنجەر ئىسىقلىق تۇرغانلىقىغا كۆزۇم چۇشتى دە خۇشاللىقىمدن :" گۈزەل پەرىزات ، مەن ھازىر  ئامالىسز قالدىم ، يىنىڭزدىكى ئوغۇل دوستىڭزىنىڭ خەنجىرىنى سواپ تۇرسام كۆڭلىڭىزگە كەلمەس ." دىگەنلەرنى ئويلاپ بارلىىق كۈچۈمىنى يىغىپ بەدىمنى كۈچەپ سىلكىپ بىر نەچچە قىتىم ئۇياق – بۇياققا تەۋرىنىپ قولۇمنى بىرلا سوزۇپ ساۋۇتلۇق جەسەت يىنىدىكى خەنجەنىڭ سىپىنى تۇتىۋلدىم –دە كۈچەپ تارتتىم . ئاناڭنى ، خەنجەرنىڭ غىلىپىغا بۇنچىلىك سىلىنغانلىقنى نەدىن بىلەي ، بۇ كۈچۈشىمدە خەنجەرنى  ئۇنىڭ بەلبىغا قوشۇپ  يۇلىۋالدىم .
    مەن كۆڭلۇمدە :" چاتاق ، خەقىنىڭ بەلبۋىغىنى يۇلىۋالغىنىم نىمىسى ؟ بۇ ئەھۋالدا ئۇنىڭدىن دوستانە پوزىتسىيە كۇتمىسەممۇ  بولىدۇ " دىگەنلەرنى ئويلاپ كۈچىمنى يىغىپ بىشىمنى كۆتۇرۇپ غىلاپلىق خەنجەرنى تىزىم ئارىسىغا قىستۇرۇپ تارتىپ خۇددى ھازىرلا سوقۇپ غىلىپغا سىلىپ قويغاندەك پاقىراپ نۇر چاچىدىغان خەنجەرنى سۇغىرۋالدىم – دە پۇتۇمغا يامىشىۋالغان غەلىتە ئۆسۈملۈككە قارىتىپ بىرلا شىلتىپ ئۇنى كىسىۋەتتىم . لىكىن قاملاشمىغان يىرى شۇكى ، مەن پەقەت غەلىتە ئۆسۈملۈكنى كىسىشنىلا ئويلاپ پەستىكى ئەھۋالنى ئويلىمىغاچقا ئالۋاستى ئۆسۈملۈكنىىڭ كىسىلىشى بىلەن تەڭ نەق پەستىكى ئايال جەسەتنىڭ ئۇستىگلا چۇشۇپ كەتتىم .
    كۆڭلۇمدىكى گەپنى قىلسام مىنى مۇشۇنداق ئورۇق تۇققان ئاپامغا مىڭ رەھمەت . ئەگەردە منىڭ ئورنۇمدا سىمىز بۇ ئايال جەسەتنىڭ ئۈستىگە چۇشۇپ كەتكەن بولسا سىمىزنىڭ ئۇ  تەن ئىغىرلىقى ئايال جەسەتنىڭ سۆڭەكلىرىنى ئىىزىپ قەدىمى جەسەتنى ۋەيران قىلىش جىنايىتىنى شەكىلەندۇرگەن بولاتتى . مەن ئايال جەسەت بىلەن ئارلىق ساقلاشقا تىرشقان بولساممۇ لىكىن يۇزۇم ئالىقاچان ئۇنىڭ يۇزىگە تىگشىپ قالغان بۇلۇپ يۇزۇم خۇددى مۇز  پارچىسىغا تەككەندەك سوغۇق ھىس قىلىۋاتاتتى . دەل شۇ پەيىتتە نىمە قىلارىمنى بىلمەي كۆڭلۇمدە :"  ئۇ بىردىنلا ئۇزۇن تىلىنى چىقىرىپ ئۇدۇل ئىغىزمغا تىقىپ ئىچى – باغرىمنى سۇغۇرۋالارمۇ ؟ " دىگەنلەرنى ئويلىدىميۇ بىراق ئۇنىڭ ئايال ئىكەنلىكىنى ئويلاپ كۆڭلۇم بىز ئاز خاتىرجەم بۇلۇپ قالدى .  ئەگەر ئەرنىڭ جەسىتى ئىغىزمغا تىلىنى تىقىپ يۇرسە نە ئات – ئە نۇمۇس !!  
    شۇ ھالەتتە نىمە قىلارىمنى بىلمەي خىلى ئۇزۇن قاراپ تۇرغان بولساممۇ ئۇنىڭ ئۇزۇن تىلىنى چىقارغانلىقىنى كۆرمىدىم –دە كۆڭلۇمدە ھەر نىمە بۇلسا ئادەمنى چۇشىنىدىغان ھۆر – پەرىگە ئۇچىرىغان ئوخشايمەن دىگەنلەرنى ئويلاپ قىچىپ كىتىشنى خيال قىلىپ ئەمدىلا بىشمىنى كۆتىرشىمگە بۇرنۇمغا بىر خىل خۇشبۇي ھىد ئۇرۇلغاندەك قىلدى –دە ئايال جەسەتنىڭ ئىككى قولى مۈرەمگە چۇشىشى بىلەن قورىققىنىمىن ئىشتىنمغا چىقىرۋىتەيلا دەپ قالدىم .    
   بۇ ۋاقىتتا يىنىمدىكى ساۋۇتلۇق جەسەت قانداق چىقاردىكىن تاڭ ، ‹‹ تاراق  ...››قىلغان ئاۋاز چىقاردى . كۆڭلۇمدە ئەھۋالىنىڭ چاتاقلىقىنى بىلىپ :"  قەدىمى يولداش ، ھازىر مەن خوتۇنىڭزغا ئەمەس خوتۇنىڭز ماڭا چاپلىشىۋىلىۋاتىدۇ ، توغرا ھۆكۇم چىقىراسىز !؟" دىگەنلەرنى ئويلىىم . .
    قورىققىنىمدىن بىشمىنى بۇراپ نىمە ئىش بولغانلىقىغا قارسام ئەسلىدە بايا ئۇنىڭ بەلبۋىغىنى ئىلىۋالغان چاغدا ساۋۇتىنىڭ بىر تال مىتال پارچىسى چۇشۇپ قىلىپ چىققان ئاۋاز ئىكەن . خۇداغا مىڭ شۇكىرى ...، ھازىر مىنى قۇچاقىلىۋالغىنى ئاللىبۇرۇن ئۆلگەن بولسىمۇ بىراق تىخى گۇزەللىكىنى يوقاتمىغان ئايال جەسەت ، ئەگەر مىنى قۇچاقلىۋالغىنى يىنىمدىكى غەلىتە مەخلۇق بولغان بولسا قورققىنىمدىن ھوشۇمدىن كىتەر بولغىيدىم ھەقەچان ...! ياق ، توغرا ئەمەس ، يەنە بىر كاللا يۈگرىتسەم ئەھۋالىم چاتاق ، نىمە ؟ بۇ گۇزەل جەسەت يىنىدىكى ساۋۇتلۇق مەخلۇقتىن بىزار بولۇپ مىنى ئۆزىگە ھەمرا قىلماقچى ؟ راستىنلا شۇنداق بولسا ماڭا بەكلا ئۇۋال بولىدۇ ، مەن تىخى ھازىرغىچە تىرىك ئايال زاتىنى خوتۇنلۇققا ئىلىپ باقماي تۇرۇپ بۇ ئۆلگەن خوتۇنغا ھەمرا بولسام دۇنيادا مەندىنمۇ بىچارە ئادەم بارمۇ ؟
    مەن شۇلارنى خىيال قىلىپ يەنە 10نەچچە دەقىقىە ئۆتكىچىە بۇ ئايال جەسەتتە ھىچقانداق ئىنكاس يوقلىقىنى كۆرۇپ ئاستاغىنە ئۇنىڭ قولى ئارىسىدىن بىشمنى چىقىرۋالماقچى بولۇپ مىدىرلىشىمغا ئۇنىڭ قولى بىشىمنىڭ مىدىرلىشىغا ئەگشىپ مىدىرلاۋاتاتتى .مەن بىشمىنى ئالدىمغا ئىڭىشسەم ئۇمۇ ئالدىغا . كەينىمگە تارتسام ئۇنىڭ قولىمۇ بىشم بىلەن تەڭ كەينىگە يوتكىلەتتى . بۇنى كۆرۇپ كۆڭلۇمدە :" ئاناڭنى ، بۇدۇشقاق بىر خوتۇنغا ئۇچىراپ قالدىممۇ نىمە ؟" دەپ ئويلاپ بىرلا كۈچەپ بىشىمنى كۆتەردىم . بىراق مەن ئۇنىڭ بوينۇمغا بۇنچىلىك چىڭ گىرە سىلىۋالغانلىقىنى نەدىن بىلەي  مىنىڭ كۈچەپ بىشىمنى كۆتىرشىم بىلەن تەڭ ئۇمۇ ماڭا ئەگىشىپ ياتقان يىرىدە ئولتۇرۇپ قالدى . بايامقى تۇيۇقسىز سىلكىنىشتىن ئۇنىڭ يۇمۇقىلۇق ئىغىزى ئىچىلىپ ئىغىزى ئىچىدىكى بىر نەرسە كۆرۇنۇپ قالدى .


1- خاتىرە 1-بۆلەك 20– باپ ئاچقۇچ

   مەن سەپسىلىپ قارىسام ئۇنىڭ ئىغىزىدا سەدەپ مەرجان پاتۇرلۇپ مىسقا نەقىش ئويۇپ ياسالغان ئاچقۇچ تۇراتتى . سەدەپ مارجان قارامتۇل يىشىل رەڭدە بولۇپ بىر قاراشتىلا ئادەتتىكى مارجان ئەمەسلىكى كۆرۈنۈپ تۇراتتى . لىكىن مەن زادى قانداق مارجان ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلالمايتىم . بىلىدىغىنىم پەقەت قەدىمكى كىشىلەرنىڭ جەسەتنىڭ ئىغىزىغا مارجان سىلىپ جەسەتنىڭ چىرىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغانلىقى ئىدى . ئەگەر مەن ئۇنىڭ ئىغىزىدىكى ئاچقۇچنى ئىلىۋالسام بۇ نەچچە مىڭ يىللىق ساھىپجامال بىردەمدىلا قورقۇنۇچلۇق مومىياغا ئايلىنىپ قىلىشى مومكىن . شۇڭامەن ھەرگىزمۇ ئۇنداق ئەخمىقانە ئىشنى قىلمايمەن . لىكىن ھازىرقى ئەھۋالىم مىنى ئوڭايسىز ھالغا چۈشۈرۈپ قويىۋاتاتتى ،ھەر قانچە بولسىمۇ بۇ ساھىپجامالنى يۈدۈپ يۈرسەم بولمايدۇ – دە !
   نىمە قىلارىمنى بىلمەي ئىككىلىنىپ تۇرىۋاتسام توساتتىن بىرسىنىڭ ۋارقىرىغان ئاۋازى ئاڭلىنىشىغا بىشىمنى كۆتۈرۈپ قارىسام بىرسى ۋايجانلىغان پىتى يەتتە – سەككىز تال دەرەخ شىخىغا ئۇرۇلغاندىن كىيىن ئۇدۇل غەلىتە ئۆسۈملۈك تەرىپىدىن مىنىڭ بىشىم ئۈستىدىكى دەرەخ شىخىغا ئىسىپ قويۇلدى . باشقا بىرسى ئەمەس ئۆلگۈر سىمىز ، قارىغاندا ئۇمۇ غەلىتە ئۆسۈملۈكنىڭ تارتىشىغا بەرداشلىق بىرەلمەي مەن چۈشكەن قىلتاققا دەسسىگەن چىغى ، ئۇنىڭ ئۈستىگە سىمىز ماڭا قارىغاندا تىخىمۇ ئىغىر يارلانغاندەك قىلاتتى . بىراق ئۇنىڭ تەلىيى بارئىكەن ، باش قىسمى بىرەر نەرسىگە سوقۇلمىغان بولسا كىرەك ، دەرەخكە ئىسىقلىق تۇرۇپمۇ يەنە ئىغىزىنى بۇزۇپ : " ئاناڭنى ... بىر نەرسەمچىلىك توملۇقتىكى بۇ بىرنىمە ئەجەپ كۈچلۈككىنە ...؟؟؟!!! " دەپ تىللىدى – دە ، مىنى كۆرۈپلا ھاڭۋىقىپ : " يولداشچاق،  بۇ ساھىپجامال بىلەن نىمە ئىش قىلىۋاتىسەن ؟ " دەپ سورىدى .
   مەن ئۇنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ ياكى خۇشال بولۇشنى ياكى خاپا بولۇشنى بىلمەي ئۇنىڭغا قول ئىشارىسى قىلغاچ پەس ئاۋازدا : " ساھىپجامالنىڭ جەسىتى ، سەن دەرھال مىنى قۇتقۇزىۋال " دىدىم . سىمىز ئاڭلاپ : " ئو ..." دەۋەتكەندىن كىيىن ئىسىقلىق سىمىز ساغىرسىنى سىلكىپ تۇرۇپ : " ئاۋال مىنى پەسكە چۈشۈرۈپ قوي " دىدى . مەن قولۇمدىكى خەنجەرنى ئۇنىڭغا قارىتىپ ئىتىشىمغا ئۇ دەرھال تۇتىۋىلىپ بەدىنىنى يۇقرىغا كۆتۈرۈپ پۇتىدىكى غەلىتە ئۆسۈملۈكنى كىسىۋەتتى . باشتا ئويلاپ باقماپتىمەن ، بىلگەن ۋاختىمدا دىيىشكە ئۈلگۈرەلمىدىم . مەن سىمىزنى " توختا " دىمەكچى ئىدىم بىراق سىمىز غەلىتە بىرنى چىقىراپ يىنىمدىكى ساۋۇتلۇق جەسەتنىڭ نەخ ئۈستىگە چۈشۈپلا جەسەتنىڭ يۈزىدىكى نىقاپنى  يەرگە چۈشۈرىۋەتتى . مەن بىشىمنى بۇراپ قاراپ باقاي دىيشىمگە سىمىز ماڭا ۋارقىراپ  " ھەرگىز قارىما ! كۆك كۆزلۈك تۈلكە ئىكەن ! " دىدى . لىكىن سىمىز ۋارقىرىغاندا مەن ئاللىقاچان نىقاپ ئاستىدىكى يۈزنى كۆرۈپ ، قورۇققىنىمدىن قۇيۇق چىچىممۇ تىك تۇرۇپ باشلىرىم قىيىپ ، كۆزلىرىم قاراڭغۇلۇشۇپ كەتتى . مەن كىكەچلەپ تۇرۇپ : " بۇنى ...  قانداق ... مۇ ... ئادەم دىگىلى بولسۇن ...؟ " دەۋەتتىم .
       نىقاپنىڭ ئاستىدا قاردەك ئاقىرىپ كەتكەن يۈز  بولۇپ سىز ئىنچىكىلەپ قارىمىسىڭىز  ئادەمنىڭ بەش ئەزاسىنى پەرىق ئىتەلمەيتىڭىز . جەسەتنىڭ بىشىدا چاچ دەيدىغان نەرسە يوق بولۇپ ، قاش كىرپىكىمۇ چۈشۈپ كەتكەن ئىدى . يۈز شەكلى سوزۇنچاق ، ياق ، ھەر قانچە سوزۇنچاق يۇزمۇ بۇ دەرىجىدە سوزۇنچاق ئەمەستۇ ، ئۇنىڭ ئىككى كۆز كامىرى ئورنىدا ئۇزۇنچاق يوچۇق بولۇپ بىرجۇپ كۆك رەڭلىك كۆز قارچۇق بۇ يوچۇق ئىچىدە سوغۇق نۇر چىچىىۋاتاتتى . كۆزدىن باشقا باش قىسمىدىكى ئەزالار پەرىق قىلغۇسىز دەرىجىدە ئىدى . مۇنداقلا ئىيىتقاندا ساۋۇتلۇق جەسەت ياۋۇزلارچە قاراۋاتقان تۈلكىگە ئوخشايتى . بولۇپمۇ ئۇنىڭ كۆك رەڭلىك بىر جۈپ كۆزى باشقىچىلا ، راس گەپنى قىلسام ئادەتتىكى جەسەتنىڭ تۇرىقىدىن ئۇنچىلىك قورقۇپ كەتمەيتىم بىراق بۇ جەسەتنىڭ يۈزى ئىنتاھىن قورقۇنۇچلۇق بولۇپ مەن يەنە بىر قاراشقا جۈرئەت قىلالماي كۆزۈمنى ئىلىپ قاچتىم . ئەگەر سىزنىڭ ئىدىيە جەھەتتە تەييارلىقىڭىز بولمىسا بۇ جەسەتنىڭ يۈزىنى كۆرۈپ قورۇققىنىڭىزدىن ھۇشىڭىزدىن كىتىشىز مۇمكىن  . سىمىزمۇ بەكلا قورقۇپ كەتكەن بولۇپ بىر سەكرەپلا قاشتىشى سۇپىدىن چۈشتى دە تىتىرەپ تۇرۇپ : " خۇدايا توۋا ، ئويلاپ باقماپتىكەنمەن ! لۇ شاڭ بىگى دىگىنى ئەسلىدە ھايۋان چىراي بىرنىمە  ئىكەنغۇ ؟ " دىدى .
   " نىمە ؟ ئۇ راستىنلا لۇشاڭ بىگى ؟ " دەپ سورىدىم – دە ئارقىدىنلا : " مەن قانداقلا قارىسام ... تۈلكىگە ئوخشايدىغۇ ؟ " دىدىم .
       سىمىز  بىر نەچچە قەدەم يىراقتا تۇرۇپ قاشتىشى سۇپىدىكى ساۋۇتلۇق جەسەتكە سەپسىلىپ قارىۋەتكەن دىن كىيىن ماڭا قاراپ : " بىر دوستۇمنىڭ دىيشىچە بۇ نەرسىنى ‹‹ كۆك يۈزلۈك تۈلكە ›› دەپ ئاتايدىكەن ، بۇرۇنقى زاماندا نامەلۇم بىرسى قايسى دەۋىرىگە تەۋە ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولمايدىغان قەۋرىگە ئوغۇرلۇققا چۈشۈپتۇ ، ئۇ جەسەت ساندۇقىنى ئاچقاندا جەسەت ئۈستىدە كۆك كۆزلۈك تۈلكىنىڭ ياتقانلىقىنى كۆرۈپتۇ ، تۈلكە دىگەن جادۇ خارەكتىرى بار ھايۋان ، ئۇنىڭ ئۈستىگە جەسەت ئۈستىدە تۈلكىنىڭ بولىشى ئەھۋالنىڭ تىخىمۇ چاتاق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ . شۇڭا ئالغان نەرسىنىڭ ھەممىسىنى ئەسلىدىكى جايىغا قويۇپ قويۇش لازىمكەن ، بىراق ھىلىقى ئالتۇن قازغۇچى كەسىپدىشىمىز بىخەستىلىك قىلدىمۇ ياكى بۇ قائىدىنى بىلمەمدۇ ئىشقىلىپ جەسەت ساندۇقىدىن بىر دانە قاشتىشى تاشپاقىنى ئىلىۋاپتۇ . ئارىدىن نەچچە يىل ئۆتكەندىن كىيىن ھىلىقى دۆت كەسىپدىشىمىز ئالتۇن داستا قول يۇيۇپ يۇرتىغا قايتىپ خوتۇن ئاپتۇ . كىيىنچە ئۇنىڭ خوتۇنى ئون ئاي ھامىلدار بولۇپ ئوغۇل تۇغۇپتۇ . تۇغۇت ۋاختىدا ئۇنىڭ ئايالىنى تۇۈغدۇرغان تۇغۇت ئانىسى بىرنى ۋارقىراپلا ھۇشىدىن كىتىشىگە سىرىتتا قاراپ تۇرغان قەدىمى كەسىپدىشىمىز  يۈگرەپ كىرىپلا قارىسا خوتۇنى تۇققان بالىنىڭ كۆزى كۆپكۆك بولۇپ تولىمۇ غەلىتە ئىكەن . ھىلىقى ئالتۇن قازغۇچى دەسلەپكى قەدەمدە بۇ ئىشنىڭ تۈلكە بىلەن بىللە ياتقان جەسەت بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقىنى بىلمىگەچكە بالىسىنى غەلىتە كىسەلگە گىرىپتار بولۇپ قالغان ئوخشايدۇ دەپ تەرەپ – تەرەپتىن تىۋىپ ئىزدەپتۇ . بىراق كىم بىلسۇن داۋالاتقانسىرى بالىنىڭ ‹‹ كىسىلى ›› تىخمۇ ئىغىرلىشىپ قاش ، كىرپىك ھەم چىچىنىڭ ھەممىسى چۈشۈپ كىتىپ يۈز شەكلىمۇ بارغانسىرى تۈلكىگە ئوخشاپ قاپتۇ . بۇ ۋاقىتقا كەلگەندە ئۇ ئالتۇن قازغۇچى بۇرادىرىمىز  بۇرۇنقى ئىشلارنى ئىسىگە ئىلىپ ئۇزۇن يول بىسىپ ھىلىقى قەۋرىگە يەنە كىرىپ قاشتىشى تاشپاقىنى  ئەسلىدىكى جايىغا قويۇپتۇ . شۇنىڭدىن باشلاپ بالىسىنىڭ كىسىلىمۇ بارا – بارا ساقىيىپتۇ . لىكىن بالىنىڭ تۈلكىگە ئوخشايدىغان يۈزى ھەرقانچە قىلسىمۇ ئوڭشالماپتۇ " دىدى .
    سىمىز تىلىنى چاينىۋەتكەندىن كىيىن : "  مەنچىمۇ بۇ كۆك كۆزلۈك تۈلكە دىگەن ئىنتاھىن يامان ، ئاڭلىشىمچە ئۇنىڭغا بىر قارىغان ئادەمگىمۇ يۇقىدىكەن . شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا قارىغان ئادەمنىڭ يۈزىمۇ تۈلكىنىڭكىگە ئوخشاش بولۇپ قالىدىكەن . سەن بايا ئۇنىڭغا قارىدىڭمۇ ؟! " دەپ سورىدى .
   مەن گەرچە بۇنداق گەپلەرگە بەك ئىشىنىپ كەتمىسەممۇ  بىراق قارىغان ئادەمنىڭمۇ غەلىتە مەخلۇققا ئايلىنىپ قالىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ ئىختىيارسىز  بەدىنىمگە تىترەك ئولاشتى – دە ئارقىدىنلا سىمىزغا قاراپ : " قالايمىقان جۆيلىمە ! ئۆزگۈرۈش – ئۆزگەرمەسلىك كىيىنكى ئىش ، ئاۋال مىنى قۇتقۇزىۋال  " دەپ ۋارقىرىدىم .
   سىمىز نەچچە دەقىقە ئويلىنىپ ھازىرقى ئەھۋالدا تىلىنى چايناۋىرىشنىڭ ئەھمىيتى يوقلىقىنى ھىس قىلدى بولغاي دەرھال يىنىمغا كىلىپ ‹‹ ساھىپجامال جەسەت ›› نىڭ قولىغا ئىسىلىپ نەچچە قىتىم تارتقان بولسىمۇ جەسەتنىڭ قولى خۇددى تۆمۈردىن ياسالغاندەك قىمىر قىلاي دىمەيتى . شۇڭا سىمىز چۇڭقۇر نەپەس ئىلىپ يەنە بىر دەم كۈچىگەن بولسىمۇ بىراق ئايال جەسەتنىڭ بوينۇمغا گىرە سىلىۋالغان قولىنى مىدىرلىتالماي ھىرىپ كەتكىنىدىن كالىدەك پۇشۇلداپ مىنىڭ جىدىيلىك ، ھۇدۇقۇش چىقىپ تۇرغان كۆزۈمگە قاراپ تەسەللى بىرىپ " خاتىرجەم بول ، مەن سىمىز غوجىكاڭنىڭ ئامالى كۆپ ، پەقەت بلمىسا ئۇنىڭ قولىنى كىسىۋىتەرمىز " دىدى .  
  مەن ئالدىراپلا جاۋاپ قايتۇرۇپ : " بولمايدۇ ،! ئەگەر جەسەت زەھىرى بولسا قانداق قىلغۇلۇق ، ئۇنىڭ ئۈستىگە مىنىڭ بۇ ساھىپجامال بىلەن ھىچقانداق ئۆچ ئاداۋىتىم يوق تۇرۇپ ، ئۇنىڭ قولىنى كىسىۋەتسەك تازا قاملاشمايدۇ " دىدىم .  
   سىمىز بىشىنى قاشلاپ تۇرۇپ ئامالسىز قالغانلىق چىراي ئىپادىسى بىلەن ماڭا قاراپ :" ئادەتتە مىيىت ئۆلگەندىن كىيىن قىتىۋالسا ئۇ مىيىتنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى ئۈمىد –ئارزۇسى ئىشقا ئاشمىغان بولىدۇ ، سەن ئۇنىڭ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرساڭ ئۇ سىنى قويىۋىتىدۇ . ئويلاپ  باقە ، بايا ئۇ يوينۇڭغا گىرە سالغان ۋاقىتتا باشقا بىرەر ئىش يۇز بەردىمۇ –يوق ؟" دوپ سورىدى .     مەن بىز ئاز كاللا يۈگىرتىپلا بايا مەن بىشىمنى كۆتۇرگەن ۋاقىتتا ساھىپجامال جەسەتنىڭ ئىغىزىدا ئاچقۇچتەك بىر نەرسىنى كۆرگەنلىكمنى ئىسمگە ئالدىم . ئەجەبا شۇ نەرسە ؟ مەن ئويلاپ بۇيەرگە كەلگەندە ئاۋايلاپ تۇرۇپ ئايال جەسەتنىڭ بىشىنى پەسكە ساڭگىلىتىپ " ئەپۇ قىلغايلا " دەپلا ئاستا كۈچەپ ئۇنىڭ جىنەستىدەك قىپقىزىل لەۋلىرى ئارىسىدىكى كىچىككىنە ئىغىزىنى ئىچىپ تىلى ئاستىغا قويۇلغان ئاچقۇچنى كۆردۈم .
   سىمز بىرقاراپلا ھەيران بولغىنىدىن :" ئاناڭنى ، مەنچە ئۇنىڭ ئىغىزىدىكى چوقۇم ياخشى نەرسە ، ئۇ چوقۇم سەندىن ئىغىزىدىكى ئاچقۇچىنى ئىلىۋىتىشىڭنى تەلەپ قىلدىغان ئوخشايدۇ . قارىغا ئۇنىڭ كىچىككىنىە ئىغىزىغا يوغان ئاچقۇچنىڭ قويۇلغانلىقىنى ، نىمە دىگەن بىچارە ، بۇ قاراپ تۇرۇپ ئۇنى قىينىغانلىققۇ ھە؟!" دەۋەتتى .
    مەن ئارقىدىنلا جىددىيلىشىپ تۇرۇپ ئىيتتىم :" مۇبادا ئۇ قولۇمنى چىشلىۋالسا قانداق قىلىمەن ...؟
    سىمىز تاقەتسىزلىنىپ تۇرۇپ :" ۋاي خۇدايىم ، زەرەپشان دەرياسى  بويىدىكى تۇل خوتۇندەكلا  بىر نىمە ئىكەنسەن ، ھازىر سىنىڭ ئۇستىبىشىڭنىڭ ھەممىسى جاراھەت ئىغىزى تۇرسا ئۇ چىشلەشنى ئويلىسىمۇ سنىڭ قولۇڭنى چىشلىۋالارمۇ ؟ " دىدى .  
  ئويلاپ باقسام سىمىزنىڭ دىگىنى توغرا . يامىنى كەلسە بىر –ئىككى بارمىقىنى بۇ ساھيىپجامالغا سەدىقە قىلىۋىتەرمەن دىگەنلەرنى ئويلاپ چوڭقۇر نەپەس ئالغاندىن كىيىن تىتىرەپ تۇرغان قولۇمنى كۆتۇرۇپ ئىككى بارمىقمنى قايچا شەكىلگە كەلتۇرۇپ ئۇنىڭ ئىغىزغا تىقماقچى بولۇپ ئايال جەسەتنىڭ يۇزىگە بارمقىمىڭ ئۈچى تىگىشەي دىيىشىگە بىرسىنىڭ ۋاقىرغان ئاۋازى قۇلاق تۇۋىمدە ياڭرىدى :" قولۇڭنى تارت!

yigana523 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-22 00:09:06

ئۈندىداردا دوست قوشۇش دېگەن جايغا alvastiدەپ كىرگۈزۈپ چىققان سالوننى قوشۇۋالساڭلار 39-بابقىچە كۆرەلەيسىلەر

rita1028 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-22 00:40:10

تېز تېز يوللىمىغاندىكىن ئالۋاستى مۇنبىرىگە ئەگىشىۋېلىپ ئەشۇ يەردە ئوقۇشنى باشلىۋەتتىم تازا{:92:}

parakende يوللانغان ۋاقتى 2014-6-22 00:48:01

ما ئۇندىدار ئېچىلمايدىغانلارغا ئۇۋال بولدى بىزدەك
غاچ - غۇچ يوللىساڭلارچۇ ۋوي سادىغاڭ كىتەيلەر {:101:} 19 بىلەن 20 قېپقاپتۇ تەۋەككۇلچى:shutup:

parakende يوللانغان ۋاقتى 2014-6-22 00:48:08

ما ئۇندىدار ئېچىلمايدىغانلارغا ئۇۋال بولدى بىزدەك
غاچ - غۇچ يوللىساڭلارچۇ ۋوي سادىغاڭ كىتەيلەر {:101:} 19 بىلەن 20 قېپقاپتۇ تەۋەككۇلچى:shutup:

barhan88 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-22 07:27:34

                                    1- خاتىرە 1-بۈلەك 22-باپ  سەككىز گۆھەر قۇتا

   
       قىزىل ئالتۇن قۇتا خىلىلا ئىغىر بولۇپ ،قاراشقا كىچىكلىتىگەن سەككىز گۆھەر قۇتىغا ئوخشاپ كىتەتتى. (سەككىز گۆھەر قۇتا___جەسەت كۈلى قاچىلايدىغان قۇتا .بۇددا دىننى مۇنداق دەپ رىۋايەت قىلىدۇ،بۇددىس جامۇنى ئۆلۈپ ،جەسىتىنى كۆيدۇرگەندە ،شارسىمان نەرسلەر ھاسىل بولۇپتكەن،كىيىنمۇ ،كامالەتكە يەتكەن راھىبلارنىڭ جەسەت كۈلىنىمۇ مۇشۇنداق قاچلايدىكەن.تەرجىماندىن  ) لىكىن ئۇ جەسەت كۈلى قۇتسىدىن خىلىلا كىچىك،ئۇنىڭ ئۇستىگگە بۇ ۋاقىتتا جۇڭگۇغا بۇددا دىنى تىخى كىرمىگەچكە، بۇنىڭ جەسەت كۈلى قۇتسى بولىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى.مەن ئۇنى سىلكىپ باقتىم ،ھىچقانداق ئاۋاز يوق ئىدى .ئىچىمدە،سىمىز ئيىتىقان ھىلىقى "ئالۋاسىتى مۆھىرى"شۇمۇ نىمە دەپ ئويلۇدۇم ۋە ئۆزەمنى تۇتۇۋىلىپ ئىككى بارمىقىمنى ئايال جەسەتنىڭ ئاغىزىغا تىقىپ ئاچقۇچنى قىسىپ تارتتىم ،تىخى   ئاچقۇچ ئۇنىڭ ئىغىزىدىن چىقماي تۇرۇپلا ،ئاچقۇچنىڭ بىرتال ئىنچكە  يىپ بىلەن باغىنىپ ئۇنىڭ كىكىرتىگە باغلاقلىق ئىكەنلىگىنى كوردۇم ،بىرەر شۇملۇق بارمۇ نىمە ،ئاچقۇچنىڭ بىر ئۇچى يەنە جەسەتنىڭ قورسىغىدىكى بىرەر نەرسىگە باغلاقلىقتەك تۇراتتى.
     بوۋام ماڭا مۇنداق دەپ بەرگەن ئىدى .شاڭ سۇلاسى دەۋىردە ھۈنەرۋەنلەر كامالەتكە يەتكەن بولۇپ ،ئوقياسىمان قۇرۇلمىنى جەسەتنىڭ ئىچىگە ئۇرۇنلاشتۇرۇپ ،ئالتۇن يىپچىنى  جەسەتنىڭ ئاغزىدىن ياكى كەينى  تەرەت يولدىن چىقىرىپ قويىدىكەن ،قەبرە ئوغىرلىرى پەقەت شۇلارنى تارتىپلا قالسا ،قۇرۇلما چاقماق تىزلىگىدە قوزغۇلۇپ ،جەسىتنى تىشىپ چىقىدىكەن ،بۇۋاقىتتا     قەبرە ئوغىرلىرى ھەمىشە جەسەتكە يىقىن ئارلقتا تۇرۇدىغان بولغاچقا ،قىچىپ ئۈلگۇرۇش مۈمكىن ئەمەسكەن ،شۇڭا قانچىلغان  قەبرە ئوغىرلىرى  مۇشۇنداق قۇرۇلمىدا ئۆلۈپ كىتىپتىكەن.
      مەن ئايال جەسەتنىڭ قورسىقىنى تۇتۇپ دەرۋەقە ئۇيەر _ بۇ يىرىدە قاتتىق بىر نەرسىلەرنىڭ بارلىقىنى ھىس قىلدىم ۋە كۆڭلۈمدە "ھىلىمۇ ھەركىتىم ئاستىراق بۇلۇپتۇ ،ئەگەر سىمىز ياكى پەنزى تارتقان  بولسا تۈگىشەتتىكەن !" مۇشۇلارنى ئويلىغىنىمدا مىنى سوغۇق تەر بىسىپ كەتتى .  
ھىلىقى يىپ ئالتۇن بولغاچقا ئۇنى تارتىپ ئۈزگىلى بولمايتى ،شۇڭا ئاچقۇچنى  تىرنىغىم  بىلەن چىمداپ ئۈزۇپ ئالدىم ،ئاچقۇچ قۇتىغا دەل كەلدى.ئامما بۇ قۇتنىڭ ئىچىدە نىمە سىر بار ،تىخى جانغا زامىن بولىدىغان قۇرۇلما بارمۇ بىلمگەچكە قۇتىنى ئاچماسلىقنى قارار قىلدىم.
      مەن تۇيۇقسىز ماڭا ئىسلىپ تۇرغان بۇ ئايال جەسەتنىڭ ،بىردىنلا قۇرۇلۋاتقانلىغىنى كۆرۇپ چۇچۇپ كەتتىم،ئۇ ساغىرىپ ،تارتىشىپ ،غەلتە ئاۋاز چىقىرىپ ،ھاياتتەك  تۇرۇدىغان بىر ساھىبجامالدىن مۇردىغا ئۆزگۈرۈپ قالدى.مەن بىر سىلكىنگەن ئىدىم ،ئۇنىڭ ماڭا ئىسىلغان بىلەكلىرى سۇنۇپ چۇشۇپ ،قاشتىشى سۇپۇغا يىقىلدى،ئۇ ئۆزلۈكسىز كىچىكلەۋاتتى.  
     مەن بۇ ئاچقۇچنىڭ چىرشنىڭ ئالدىنى ئىلىش رولى بارلىقىنى ۋە بۇيەردە ئۇزۇن تۇرسام بولمايدىغانلىغىمنى ھىس قىلىپ سىمىزنىڭ قىشىغا باردىم.مەن سىمىزنى قۇتا بىلەن خىلى قاتتىق ئۇرغان ئوخشايمەن ،ئۇ مىدىر –سدىر قىلماي ياتاتتى ،مەن ئۇنىڭغا" قوپەۋاي"   دەپ توۋلاپ ،ئۇنى تەسلىكتە يۇدۋالدىم،ئۇ بەك ئىغىر بولغاچقا قان سېيۋەتلىكى تاماس قالدىم،مەن ئۇنى ئۆلتۇرۇپ قويغان ئوخشايمەن دەپ ماڭغاچ ئۇنىڭ ئاتا بوۋىلىرىنىڭ روھىدىن  كەچۇرۇم سورۇدۇم.
    تەلىيىمگە بۇ يول ئانچە يىراق ئەمەس ئىكەن ،يانا ئالدىمغا ماڭسام ھىلىقى غەلىتى ئۆسۈملۇكلەرنىڭ قىشىغا بىرىپ قالاتتىم،كەنجى تاغام بىلەن پەنزى يوق بولۇپ يول تاپقىنى كەتكەندەك قىلاتتى شۇڭا سىمىزنى نەزرە چىراق سۇپۇسىغا ياتقۇزۇپ بىر دەم ئارام ئالاي دەپ تۇرسام ، كەنجى تاغام يەر يۈزىگە ئەڭ يىقىن كاماردىن ئۆمىلەپ چىقىتى.  
    كەنجى تاغامغا  نىسبەتەن بۇ سىرلىق تام توساقلار ھىچ گەپ ئەمەس ئىدى.مەن ئۇنىڭ مىنى كۆرمەي قىلىشىدىن ئەنسىرەپ: "تاغا ،مەن بۇ يەردە دەپ توۋلىدىم".
تاغام ئەسلى مىنى كۆرۇپ كۇلۇمسىرىشى كىرەك ئىدى،بىراق ئۇ جىددىيلىشىپ كەينىمنى كۆرسەتتى ،مەن كەينىمگە قارىسام ،سىمىز قاچانلاردا ئولتۇرۋالدىكىن ،ھىلىقى تۈلكە يۇز جەسەت ئۇنىڭ دۈمبىسگە يىپىشىپ ماڭا سوغۇق قاراپ تۇراتتى.

barhan88 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-22 07:34:59

       1- خاتىرە 1-بۈلەك23– باپ  ئىككى قاتلىق جەسەت ساندۇقى

(ئىككى قاتلىق جەسەت ساندۇقى مۇشۇ باپتا قىسقارتىپ <ساندۇق> ياكى <جەسەت ساندۇقى> دەپ ئىلىنىدۇ .
   مەن قارىغانچە قىتىپلا قالدىم ،ھەرقانچە قىلىپمۇ مىدىرلىيالمىدىم.بۇنىڭ مەن يۇتۇۋەتكەن ھىلىقى تاسىمىدىكى مىتال پارچىسى بىلەن مۇناسىۋىتى بارمۇ يوق بىلمەيتىم.گەرچە بوينۇمنى مىدىرلىتالمىساممۇ  ئامما بايىقىدەك قورقۇنۇشلۇق خىيالى تۇيغۇ بولمىدى.كۆز ئالدىم بارا-بارا غۇۋالىشىپ كىتىۋاتقان بولسىمۇ ئەقلى ھۇشۇم جايىدا ئىدى.بۇ ۋاقىتتا كەنجى تاغامنىڭ مەن تەرەپكە يۈگرەپ كىلىۋاتقان تىۋىشىنى ئاڭلاپ قالدىم،كوڭلۇمدە "  تاغام كەلسە بولمايدۇ ،ئۇ تىخى بۇ تۈلكە يۈز جەسەتنىڭ نەقەدەر يامان ئىكەنلىگىنى بىلمەيدۇ،كەلسە چوقۇم چوڭ چاتاق چىقىدىغان بولدى" دەپ ئويلۇدۇم.مەن ئۇلارنى توۋلاپ ئاگاھلاندۇرۇپ قوياي دىۋىدىم ،بىراق  خۇددى كانىيىمغا بىر نەرسە كەپلىشىپ قالغاندەك ئاغزىمنى  ھەرقانچە يوغان ئاچساممۇ ئاۋاز چىقىماي جىددىيلەشكىنىمدىن كارنىيىم  يىرلىپ كىتەيلا دەپ قالدىم.
   تۇيۇقسىز قولۇمنىڭ ئازراق مىدىرىغانلىغىنى ھىس قىلدىم دە دەرھال قولۇمنى تاپانچا شەكلىگە كەلتۈرۈپ پەنزىلەرگە قاراپ ،تۈلكە يۈز جەسەتنىڭ مىڭىسگە توختىماستىن نوقۇدۇم  ،ئىچىمدە "پەنزى ،ئەگەر مىنىڭ ھەركىتىمنى چۇشەنمىسەڭ بىرىپ  پوق يىسەڭ بولىدۇ "دەپ ئۆيلىدىم .     بىر نەچچىنى نوقۇپ تۇرۇشۇمغا ئارقامدىن "پاڭ "قىلغان ئوق ئاۋازى بىلەن تەڭ ،تۈلكە يۇز جەسەتنىڭ مىڭىسى پارە –پارە بۇلۇپ كەتتى ،مەن يىنىدىلا قاراپ تۇرغاچقا جەسەت پارچىلىرى ۋە بىرقىسىم سۇيۇقلۇقلار مىنىڭ يۈز-كۆزۇمگەچاچراپ مىنى قاتتق ھۆ قىلغۇزىۋەتتى ،بۇقىتىم پوق يۇتۇۋالغاندىنمۇ بەكرەك كۆڭلۇم ئىلىشىپ قورسۇقۇمدا بارنىڭ ھەممىنى قۇسۇپ چىقاردىم.قارسام پەنزى خىلى يىراقتا  بىر قولىدا جاراھەت ئىغىزىنى بىسىپ ،بىر قولىدا "ھەممە ئىشلار ئوڭۇشلۇق "دىگەن ok قول ئىشارىسىنى قىلدى.مەن ئىچىمدە تىللاپ تۇرۇپ،يىڭىم بىلەن يۈزۈمنى سۇرۇتتۇم.كەنجى تاغام بىلەن ئارلىقىمز خىللا يىراق بولۇپ ،ئارلىقمىزنى  ھىلىقى غەلىتە ئۆسۈملۇكلەر قاپلاپ كەتكەن ئىدى ،لىكىن تاغام پەمىلىك ئادەم بولغاچقا ،ئالدى بىلەن باشقا تەرەپكە تاش ئىتىپ تىۋىش چىقىرىپ، ئۆسۈملۈكلەرنى ئالداپ يول ئىچىپ ،بىردەمدىلا نەزىرە –چىراق سۇپۇسىغا كىلىپ بولدى.تاغام مىنىڭ بىرەر ئىشقا يولۇقۇشىمدىن بەك ئەنسىرەيتى ،ئۇ كىلىپلا مەندىن ئەھۋال سورىدى ،ۋە  ئۇستى بىشىمدىن كىلىۋاتقان غەلىتە پۇراقتىن چىرايى بىرقىسمىلا بولۇپ كەتتى ،مىنىڭ كەيپىم بەكلا ناچار بولغاچقا ،ئۇنى قۇچاقلىۋالدىم،تاغام مەندىن چىققان پۇراقتىن ئايلىنىپ كەتكىلى تاس قالدى.  
   مەن ئۇلارنىڭ ساق –سالامەتلىگىنى كۆرۈپ ،بىر ئىش يادىمغا يىتىپ :"  تاغا نىمىشقا سىلەر ھىلىقى چوڭ قەۋرىدە مىنى يالغۇز تاشلاپ قويۇپ قىچىپ كىتىسلەر؟ ئاناڭنى ،قورقۇپ ئۆلەيلا دىدىم.ئۇنداق جىن ئۇۋىسىدا مەن بىر ئادەم قانداقمۇ تۇرالايمەن؟" دىدىم
   تاغام قولى بىلەن ئاكۇينىڭ بىشىغا بىرنى ئۇرۇپ،"ئاناڭنى مۇشۇ ھارامزەدە چىقىلما دىگەن نەرسىگە چىقىلىپ " دىگەچ بولغان ۋەقەلەرنى سۆزلەشكە باشلىدى.
    ئۇلار يەنە بىر قوشۇمچە لەھەتكە كىرىپ بىر توسۇق تامنى كۆرۇپتۇ،قەدىمقى قەۋرىلەردە ئاساسەن دىگۈدەك توسۇق تام بولۇپ ئۇنىڭ كەينىدە ئۆي بولىدىكەن .ئۇلار ئويلاپمۇ باقماپتىكەن ،بۇ قەۋرىلەردىكى بارلىق مەخپى ئىشىكلەر ئاستىغا قاراپ ئىچىلىدىكەن،تاغام مول تەجىربىلىك ئادەم بولغاچقا ئۇ يەرنىڭ قۇرۇلمىسىنى ئوڭايلا تىپىۋاپتۇ،لىكىن ئالدىراڭغۇ ئاكۈي قۇرۇلمنى قوزغىتىۋىتىپتۇ،شۇنىڭ بىلەن خۇددى ماڭا ئوخشاش ئۇلارمۇ يان قەۋرىگە چۇشۇپ كىتىپتۇ.تاغام سۆزلىگەنسىرى ۋەقەلىكتىن چەتنەپ كىتىۋاتاتتى ۋە تۈگەيدىغاندەك ئەمەس ئىدى .شۇڭا مەن ئۇنى توختىۋالدىم.
    تاغام "قارا بۇ نەرسىگە دەپلا " قارا رەڭلىك بىر قۇتنى چىقىرىپ قاراس-قۇرۇس قىلىپلا سىھرىگەردەك بىر قورالغا ئۆزگەرتتى ،مەن ئىلگىرى بۇ داڭلىق تىپتىكى قورالغا قىزىقىدىغان بولۇپ ،كۆرۈپلا چۈچۈپ كەتتىم. بۇ ئامىرىكا ARESشىركىتى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان ،قاتلىنىدىغان ئاپتۇمات بولۇپ ،تاپانچىنىڭ ئوقى چۇشەتتى ،سەل مۇقىمسىزلىقىنى ھىساپقا ئالمىغاندا ئىلىپ يۈرۈش ئىنتايىن قولايلىق ئىدى.  
  تاغامنىڭ دىيشىچە  يەنە ئۇ يەردە نۇرغۇن يىڭى ئۆلۇكلەرنى  بايقاپتۇ ،بۇ قورال ۋە ئازراق پارتلاتقۇچنىمۇ شۇ ئۆلۈكلەردىن ئىلىۋاپتۇ،قەۋرە تاملىرىدىمۇ ئوق ئىزلىرى بولۇپ ،ئۇلارنىڭ قاتتىق بىرمەيدان ئۇرۇشقانلىقى چىقىپ تۇردىكەن .  
   مەن تاغامنىڭ قولىدىكى قورالنى ئىلىپ تەپسىلى قاراپ چىققاندىن كىيىن ،بىزدىن ئىلگىرى بۇيەرگە بىزدىنمۇ پۇختا تەييارلىق قىلغان قەۋرە ئوغىرلىرىنىڭ كىرگەنلىگىنى ھىس قىلىدىم . لىكىن نىمە سەۋەپتىدۇر ئۇلارنىڭ چىقىپ كىتەلمىگەندۇ ؟ ئۇناقتائۇلار ئۆلمەي قالغان بولسا قەيەردىدىدۇ؟ دەپ ئويلۇدۇم.  
   مەن ئويلانغاچ نەزىرە چىراق سۇپسىغا يۆلەنگىنىمنى بىلەرمەن قاراس قىلغان ئاۋاز بىلەن مەن مۇنداقلا يۆلىنىپ قويغان سۇپا يىرىمىغىچە ئولتۇرۇشۇپ كەتتى ،مەن ئازگالغا چۇشۇپ كىتىدىغان بولدۇم دەپ دەرھال زوڭزويۇپ ئولتۇرۋالدىم،پۇتۇم ئاستىدىن قانداقتۇر بىر قۇرۇلمىنىڭ قوزغالغان ئاۋازى ئاڭلىنىپ ئاخرىدا يىراقتىن قاتتىق بىر ئاۋاز ئاڭلاندى .بىشىمنى كۆتۈرۈپ قارىسام دەرۋەقە تاش سۇپا ئۈستىكى چوڭ دەرەختىن بىر كامار ئىچىلغان بولۇپ ،ئۇ يەردىن تۆمۈر زەنجىر بىلەن باغلانغان ئىچ- تىشى ئىككى قات ياسلىدىغان تۇچ جەسەت ساندۇغى كۇرۇندى،زەنجىر ساندۇققا بىر نەچچە رەت ئورالغان بولۇپ ،دەرەخقە چىگىلىگەن تەرپى دەرەخ ئىچىگە كىرىپ كەتكەن ئىدى.
   تاغام تۇرۇپلا قىلىپ :"ئوھ   ،ئەسلى قوش قەۋەت جەسسەت ساندۇقى بۇ يەردە ئىكەندە !"دىدى .  
   ئاكۇيمۇ خۇشاللقىدىن"بەك  ياخشى بولدى ،بۇ چوڭ جەسەت ساندۇقى چوقۇم كۆپ پۇلغا يارايدۇ ؟  بىز بۇ يەرگە بىكارغا كەلمەپتۇق "دىدى .     تاغام ئۇنىڭ بىشىغا بىرنى ئۇرۇپ"پۇل ،پۇللا دەيسەن ،ئاناڭنى  ،ساڭا پۇل بولسىلا بولدۇ،بۇ كۆپ پۇلغا يارغىنى بىلەن ئۇنى يۆتكەپ كەتكىلى   بولمايدۇ ، ساڭا نەچچە قىتىم دىدىم بۇ دىگەن ئىككى قەۋەت جەسەت ساندۇقى، ئادەتتىكى جەسەت ساندۇقى ئەمەس دەپ، سەن ئاناڭنى ، ئادەمنىڭ يۇزىنى تۆكمە! "دىدى.      ئاكۇي بىشىنى سىلغۇنچە يەنە گەپ قىلىشقا جۇرئەت قىلالمىدى.مەن سەپسىلىپ قاراپ ئانچە نۇرمال ئەمەسلىكىنى سىزىپ تاغامغا "غەلىتە ئىش، باشقلار جەسسەت ساندۇقنى مىخلىغاندا قايتا ئىچىشنى ئويلاشمايدۇ،بۇنىڭغا قاراپ باقە بۇ تاش سۇپىكى قۇرۇلمىدىن قارغاندا بۇ قوش قەۋەت جەسسەت ساندۇقنى بۇرۇندىنلا بىرەرسىنڭ تىپىۋىلشى ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرغاندەك ،يەنە قەبىرە ئىگىسى كۇنلەرنىڭ بىرىدە باشقىلارنىڭ ئۆزىنڭ جەسسەت ساندۇقىنى تىپىۋىلىپ ئىچىشنى پىلانلىغاندەك ،يەنە ئاۋۇ بىر قانچە تۆمۇر زەنجىرگە قارا ،ئۇ نىمە دىگەن پۇختا باغلانغان ،ئۇ زەنجىر جەسسەت ساندۇقىنى مۇقۇملاشتۇرۇش ئۈچۇن ئەمەس بەلكى ئۇنىڭ ئىچىدىكى نەرسىنىڭ قىچىپ چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۇچۇن باغلانغاندەك  تۇرىدۇ ؟! "دىدىم.  
   تاغام  زەن سىلىپ قارسا ئەھۋال دەرۋەقە شۇنداق بولۇپ بىز بىر- بىرىمىزگە قارشىپلا قالدۇق ،بىز بۇ يەرگە كەلگۈچە نۇرغۇن تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدىغان ئشلارغا دۇچ كەلگەن ئىدۇققۇ؟ بۇنىڭ ئىچىدە يەنە قانداق غەلىتە نەرسە باردۇ ؟ زادى بىز بۇنى ئاچامدۇق ،ياكى ئاچمامدۇق ؟
  تاغام: "پەرزىمچە، پۇلغا يارغۇدەك گۆھەرلەرنىڭ ھەممىسى مۇشۇ يەردە ، كەتمەيلى ،بىز بۇ يەرگە بىكارغا كەلدۇقمۇ ؟ ئاناڭنى ئۇنىڭ ئىچدە     زادى نىمە  باردۇ ؟ بىزدە ھازىر قۇرال ھەم ئوق بار ،بولمىسا بۇ جانۋارغا بىلەن جان تىكىشمەمدۇق"دىدى.
مەن بىشىمنى لىڭشىتىپ ماقۇل بولدۇم . تاغام يەنە: "بىز كەلگەن يولىمىز بىلەن قايتالىشىمىز ناتايىن ،قايىتساقمۇ  تاش كارىدۇر بىلەن ھىلىقى سىرلىق ئوردىدەك قەۋرىگە بارىمىز ،ئۇيەردىن چىقىپ كىتىشكە قانچىلىك ۋاقىت كىتىدۇ بىر نىمە دىگىلى بولمايدۇ،شۇڭا ئەڭ ياخشى ئامال ئۈستىدىن يامىشىپ چىقىپ كىتەيلى" دىدى.  
  مەن بىشىمنى كۆتۈرۈپ ئۆڭكۈر بىشىدىكى يېرىقىچىنى كۆردۇم ،ئاينىڭ نۇرى يۇچۇقتىن چۇشۇپ بۇيەرنى سوغۇق يۇرۇتۇپ تۇراتتى.تاغام قولىدا دەرەخنى كۆرسۇتۇپ تۇرۇپ "قاراڭلار بۇ دەرەخنىڭ  ئۇچى بىلەن ئۆڭكۈرنىڭ ئاغزى يىقىنلىكەن ،ئۇنىڭ ئۇستىگە نۇرغۇن پىلەكلەر ئۆڭكۇرنىڭ سىرتىغا قاراپ ئۆسۈپتۇ،بۇ بىر تەبئى شوتا بولۇپتۇ،قارا تىخى شاخ-پۇتاقلىرىنىڭ كۆپلىگە،يامىشىشقا شۇنداق قولايلىقكەن " دىدى.  
 پەنزى تاغامغا قاراپ:" كەنجى بىگىم ، نىمانداق قالايمقان سۆزلەيلا  ،ئۇ دىگەن ئادەم يەيدىغان دەرەخ  تۇرسا قاراپ تۇرۇپ ئۆزىمىزنى ئۆلۈمگە تۇتۇپ بىرىمىزمۇ؟! "دىدى.  
   تاغام كۇلۇپ تۇرۇپ "<بۇ توققۇز باشلىق يىلان> دەپ ئاتىلدىغان بەرخۇت دەرىخى ،قاراڭلار ئۇ ئالۋاسىتى پىلەكلەرنىڭ ئاۋۇ تاشلاردىن يىراق تۇرغىنىنى ،ئۇ تاش <ئەرىش تىشى> دەپ ئاتىلىپ مەخسۇس مۇشۇ دەرەخنى بويسۇندۇرۇشقا ئىشلىتىلىدۇ،بىر ئازراق ئۇۋۇتۇپ ئۈسىتى بىشىمىزغا سۇۋاپ ماڭساقلا بولىدۇ" دىدى  .  
  ئاكۇي خاتىرجەم بولالماي "پايسى بولارمۇ"دىيىشىگە تاغام ئۇنىڭ كۆزىگە تىكىلدى.مەن تاغامنىڭ تىللىشىدىن ئەنسىرەپ "بولدى،سىناپ كۆرسەكلا بىلىمىزغۇ "دىدىم.
  بىر جىمجىتلا تەييارلققا چۇشۇپ كەتتۇق ،ئاكۈيگە ھەممدىن بەك ئۇۋال بولدى ، ئۇ سىمىزنى يۇدۇپ ماڭدى،تاغام پەنزىنى يۆلەشتۇرۇپ ماڭدى،مەن لازىمەتلىكلەرنى يۈدۈپ دىگەندەك يولغا چىقىتۇق،ھەممىمىز خىلىلا خاتىرجەم بولۇپ قالغان ئىدۇق،مەن "بوتۇلكا قانداقراق تۇرۇۋاتقاندۇ "دەپ ئويلاپ تۇرسام تاغام بىلگەندەكلا "بوتۇلكا ئاددى ئادەم ئەمەس ،ئۇنىڭدىن خاتىرجەم بولۇڭلار ئۇنىڭغا ھىچ ئىش بولمايدۇ "دىدى.
راسىتىنى دىگەندە مىنىڭ بوتۇلكىدىن ئەنسىرەشكە سالاھىتىم توشمايتى ،ئۇ ماھارەت جەھەتتە مەندىن كۆپ ئۇستۇن تۇراتتى ،تىخى بەزى ھەيران قالارلىق كارامەتلىرىمۇ بار ئەمەسمۇ ،ئەنسىرەش توغرا كەلسىمۇ ئۇ مەندىن ئەنسىرىسە توغرا بولاتتى.
  مەن ئالدىدا قورالىنى كۆتۈرۈپ ماڭدىم ،باشقىلار ئارقامدىن كىلىۋاتاتتى،مەن دەسلىۋىدە دىققەت قىلماپتىكەنمەن ،بۇ سۇپا نۇرغۇن<ئەرىش تاش > دىن قوپۇرۇلغان بولۇپ تىخى بەزىلىرىگە ئىتايىن نەپىس رەسىملەرنىمۇ ئويۇپ قويغانتى،مەن ئىتىيارسىز بۇ لۇشاڭ بىگى زادى قانچىنچى دەرىجلىك ئەمەلدار بولغىيتى،ئەجەپ غەلىتە دەپنە قىلىنىپتىكىنا دەپ ئويلاپ قالدىم.  
   بىز دەرەخ كامىرىنىڭ قىشىغا كەلدۇق ،ئەسلىدە دەرەخ كامىرى يىرلىشتىن ئەمەس بەلكى 10 نەچچە تال زەنجىرنىڭ قايرىپ تارتىشىدىن ئىچىلغان ئىكەن، قوشقاتلىق جەسەت ساندۇقى ئالدىمىزدا تۇراتتى ئۇنىڭ ئۇزۇنلىغى تەخمىنەن 2.5 مېتىر ئەتراپىدا بولۇپ ،ئۈستىگە قانداقتۇر يىزىقلار ئويۇلغان ئىدى.ئۇرۇشقاق بەگلىكلەر دەۋىردىكى يىزىقلار بىرقەدەر مۇرەككەپ ،بولۇپمۇ چى ،لۇ بەگلىكلىرىنىڭ يىزىقىلىرى  شۇ چاغلاردا ئومۇملاشقان يىزىقلاردىن ئىدى.چۇ بەگلىگى لۇ بەگلىگنى قوشۇۋالغاندىن كىيىن لۇ بەگلىگىنىڭ مەدىنيىتىنى قوبۇل قىلىپ ،لۇ بەگلىگنىڭ يىزىقىنى قوللانغان ئىدى.مىنىڭ قولۇمدىكى يىپەك كىتاپلامۇ  مۇشۇ دەۋىرگە تەۋە نۇسخىلار بولغاچقا بۇ ئويما يىزىقىلارنى تەخمىنەن تونۇيتىم.
   بىز خۇددى گەپ قىلساق جەسەت ئويغىنىپ كىتدىغاندەك جىمجىت تۇراتتۇق،تاغام قومۇرغۇچ بىلەن جەسەت ساندۇقىنى چىكىپ كۆرۋىدى ،بۇرۇختۇم ئەكىس سادا قايىتتى،بۇنڭدىن ساندۇققا لىق بىر بەرسە قاچىلانغانلىغىنى بىلگىلى بولاتتى ،تاغام مىنى ياخشى چۈشىنىدىغان  بولغاچقا مەندىن ئاستاغىنە:"سەن بۇ خەتلەرنى تۇنۇمسەن "دەپ سورىدى .
    مەن:"ياق تونۇمايمەن بىراق ،بۇ دەل بىز ئىزدەۋاتقان لۇ بىگى شۇ،بۇ يىزىقلار ئۇنىڭ ھاياتلىق پائالىيىتى خاتىرلەنگەن ،ئۇ 50 ياش ئەتراپىدا ئۆلۈپ كەتكەن بولۇپ پەرزەنتى بولمغان" دىدىم ۋە قالغىنىنى ئىگىرى دەپ بەرگەندەك چۈشەندۇردۇم،چۇنكى مەن لۇ بەگلىگى مەدىيىتىگە ئانچە قىزىقمىغاچقا كۆپ نەرسە بىلمەيتىم. ئاكۈي مەندىن:" بىرقانچە خەتنىڭ مەنىسى نىمە؟" دەپ سورىدى.مەن سىنچىلاپ قارىسام <ئېچىش>دىگەن خەتنى تونۇدۇم ئاستىدا يەنە كالا يىلى ،يولۋاس يىلى ،توشقان يىلى دىگەندەك خەتلەر تۇراتتى . بۇ ئىنىق بىر كۇننى بەلگۈلەيىتى ،بىراق بۇدەۋىردە  بەگلىكلەرنىڭ كۇن خاتىرلەش ئۇسۇللىرى ئوخشىمىغاچقا بۇنىڭ قايسى كۈن ئىكەنلىگگە بىرنىمە دىگىلى بولمايتى، شۇڭا مەن:" بۇ كۈن چوقۇم ئۇنىڭ ئۆلگەن كۈنى ،لىكىن قايسى كۈن ئىكەنلىگىگە بىر نىمە دىيەلمەيمەن "دەپ جاۋاپ بەردىم
    مەن يىزىق ئۈسىتىدە ئويلنىۋاتقاندا تاغام ساندۇقىنى قانداق ئىچىش توغىرىسىدا ئويلىنىپ ،زەنجىرنى تەۋرىتىپ كۆرۈپ بىقىۋاتاتتى،بۇ زەنجىرلەر باش  بارماق توملۇقىدا بولۇپ ئەمدىلا تۆمۈر قورال دەۋرىگە كىرگەن جۇڭگۇغا نىسبەتەن ئابرويپەرەسلىك قىلىنغان دەپنە ھىساپلىناتتى.مەن ئۇلارنى ساندۇقتىن نىرى تۇرۇشقا بۇيرۇپ ساندۇقىنىڭ ئاغزىنى باغلاپ تۇرغان زەنجىرگە قارتىپ بىر نەچچە پاي ئوق ئېتىپ ،ساندۇقىنى مۇقىملاشتۇرۇپ تۇرغان زەنجىردىن باشقا زەنجىرلەرنى ئۈزۈۋەتتىم.
   تاغام مىنى: "سەن نىرى تۇر ،تەتقىق قىلۋەرسەڭ پايدىسى يوق ئىچىپ كۆرۈپ باقىلى!" دەپ تۇرۇشىغا ساندۇق تىتىرەپ غەلتە ئاۋاز چىقاردى،مەن خاتا ئاڭلىغان ئوخشايمەن دەپ باشقىلاردىن سوراپ باقاي دەپ تۇرسام.يەنە قاتتىق سىلكىندى،مەن ئەمدى قۇلىقىمغا ئىشەندىم ،قورۇققىنىمدىن پۇت قولامدا جان قالمىدى ،كۆڭلۇمدە :"ئاناڭنى ، بۇنىڭ ئىچىدىكى زادى نىمە ؟ " دەپ ئۆيلىدىم .

barhan88 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-22 07:38:47

                                 1- خاتىرە 1-بۈلەك 24– باپ  تىرىك جەسەت

    ھەممىمىز قورىققىنىمزدىن تەڭلا دىگۇدەك ئارقىمىزغا داجىدۇق . گەرچە جەسەت ساندۇقىدا غەلتە نەرسىنىڭ بارلىقىنى ئويلاپ يەتكەن بولساقمۇ بىراق ساندۇقىنىڭ ئىچىلىش ئالدىدىكى  قورقۇش تۇيغۇسىدىن يەنىلا قوتۇلالمايۋاتاتتۇق . جەسەت سەندۇقىنىڭ ئۆزلىكدىن تىتىرەپ مىدىرلىشى ياخشىلىقنىڭ بىشارىتى ئەمەس ئىدى.
   ئاكۈينىڭ چىرايى تاتىرىپ كەتكەن بولۇپ قورىققىنىدىن تىتىرەپ  :" كەنجى بىگىم ، قارىغاندا ئىچىدىكى نەرسە تىرىك ئوخشىمامدۇ ؟ .....مەنچە بۇ جەسەت ساندۇقىنى ئاچمىساق بولارمىكىن ..." دەپ سورىدى   .
   كەنجى تاغام جەسەت ساندۇقىنىڭ جىپسىلاشتۇرۇلغان جايلىرىغا سەپسىلىپ قارىۋەتكەندىن كىيىن بىشنى چايقاپ تۇرۇپ :" مومكىن ئەمەس ،   جەسەت ساندۇقى ئنتايىن چىڭ جىپشىلاشتۇرۇلغان ھەم ياخشى ھىملاشتۇرۇلغان ، ھاۋا ئۆتىشىشى مۇمكىن ئەمەس، ئىچىدىكى ھەر قانچە ئۇزۇن ئۆمۇر كۆرىدىغان جانلىق بولسىمۇ نەچچە مىڭ يىل ياشىيالماس ! ئۇنىڭ ئۇستىگە بۇ جەسەت ساندۇقى قوش قەۋەتلىك ، بىز بىرىنچى قەۋىتىنى ئىچىپ كۆرۈپ باقمايمىزمۇ ؟ " دىدى .  
   مەن كۆڭلۈمدە بۇ جەسەت ساندۇقىنىڭ ئىغىرلىقىنى پەرەز قىلدىم . ئىسىمدە قىلىشىچە مەن بىلىدىغان ئەڭ ئىغىر قوش قەۋەتلىك جەسەت ساندۇقى بولسا لىگودۈندىكى سىڭ خوۋ يىنىڭ قەۋىرسىدىن چىققان گىگانىت جەسەت ساندۇقى بولۇپ ئىغىرلىقى توققۇز توننا كىلەتتى . ( خۇبى ئۆلكىسىنىڭ سۈي جوۋ شەھرىنىڭ لى گوۋدۈن دىگەن جايىدىن بايقالغان غايەتزور  دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ قەۋرە قەۋرە ئىگىسى ئۇرۇشقاق بەگلىكلەر دەۋرىنىڭ دەسلەپكى دەۋرىدىكى سۈي بىگى سىڭ يې . << تەرجىماندىن >> ) قارىسام كۆز ئالدىمدىكى جەسەت ساندۇقىنىڭ چوڭ كىچىكلىكىمۇ شۇنچىلىك  ، بىراق سىڭ يېىنىڭ جەسەت ساندۇقى قىممەتلىك ياغاچ ساندۇققا تۇچ قىستۇرۇپ ياسالغان . لىكىن كۆز ئالدىمدىكى بۇ جەسەت ساندۇقى پۈتۈنلەي سۇس يىشىل رەڭلىك تۇچتىن ياسالغان بولۇپ ئىغىرلىقى توققۇز توننا بىلەن چەكلەنمەس . زادى قانچىلىك ئىغىرلىقتا ئىكەنلىكىنى ئوقۇرمەنلەرگە ئىيتىپ بىرىشكە ئامالسىز ئىدىم .
   ئاكۈي بىلەن كەنجى تاغام ئاۋال خەنجەر ئىشلىتىپ ساندۇقنىڭ تۇتاشتۇرۇلغان جايىدىكى ھىملاش موملىرىنى چىقىرىپ ئارقىدىن لوم تۆمۈرنى تىقىپ " ھىھ ... " دەپ بىرلا كۈچەپ لوم تۆمۈرنى بىرلا پەسكە بىسىشىغا جەسەت ساندۇقىنىڭ تۇچ ياپقۇچ تاختىسى ئازراقلا ئۈستىگە كۆتۈرۈلدى . مەنمۇ دەرھال بىرىپلا ياپقۇچ تاختاينى ئىتتىرشىپ بەردىم . ۋاي ئانامەي ، مۇشۇ ياپقۇچنىڭ ئۆزىمۇ ئاز دىگەندە تۆت - بەش يۈز كىلو كىلەتتى . ئالاھىزەل يىرىم سەئەتتەك ئىتتىرىپ ياپقۇچىن كىچىككىنە يوچۇقنى ئاچتۇق . بۇ ۋاقىتتا ھەممىمىز ھىرىپ نەپەسلىرىمىز  تىزلىشىپ كەتكەن بولۇپ بىردەمدىن كىيىن ھەممىمىز تەڭلا مۆرىمىزنى ياپقۇچ تاختايغا تىرەپ بىر ، ئىككى  ، ئۈچ دەپ بىرلا كۈچەپ ياغاچ تاختاينى بىر تەرەپكە ئۆرۈپ جەسەت ساندۇقىنى ئاچتۇق .
     جەسەت ساندۇقىنىڭ ئەڭ ئۈستۈنكى قەۋىتىگە ناھايتى ئەپچىللىك بىلەن قاشتىشى قىستۇرۇلغان بولۇپ قاشتاشلار ناھايتى رەتلىك تىزىلغان ئىدى . پاتۇرۇلغان تاشلار ناھايتى چىرايلىق ھەم سۈزۈك بولۇپ خۇددى تۇخۇم تىزغان تەخسىگە ئوخشايتى . پەنزېنىڭ كۆزى قاشتاشلارنى كۆرۈپ چانىقىدىن چىقىپ كىتىدىغاندەك قىلاتتى . ئۇ بىر قولىدا يارا ئىغىزىنى تۇتىۋىلىپ غەلىتە ئاۋاز چىقىرىپ ھىجىيىپ : " ئاناڭنى نىمە دىگەن جىق قاشتىشى بۇ ، كۆتۈرۈپلا ماڭايلى ! " دەپلا قاشتاشلارنى تۇتىشىغا كەنجى تاغام : " بولمايدۇ ، بۇ شىنجاڭ ماناسنىڭ قاشتىشى ، بۇ تاشلارنى چۇۋۇپ ئىلىپ كەتسەك ھەرقانچە قىممەت ساتالىساقمۇ نەچچە يۈز مىڭ يۈەن ، بىزنىڭ بۆلىشىشىمىزگە يەتمەيدۇ ، ئەگەردە مۇشۇ قىستۇرۇقلۇق پىتى رەت تەرتىۋىنى بۇزماي ئالالىساق بۇتساتىۋانىڭ بەرگىنى شۇ " دىدى . پەنزې بىر قىتىم بالا تىرىپ قويغان بولغاچقا كەنجى تاغامنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ غىڭ قىلماي كەينىگە ياندى .
   كەنجى تاغام ساندۇق ئىچىدىكى رەڭلىك ئويمىلارنى سىلاپ تۇرۇپ : " ئادەتتە ئۇرۇشقاق بەگلىكلەر دەۋرىدىكى ئاقسۆڭەك بەگلەر قوش قاتلىق ، ياكى ئۈچ قەۋەتلىك ساندۇققا ياتقۇزۇلىدۇ . ئەگەر بۇ قەۋەتنى بىر قەۋەت دەپ ھىساپلىساق ، بىز ھازىر ئىككىنچى قەۋەتنىمۇ كۆرۈپ بولدۇق . مىنىڭچە گۆھەرلەرنىڭ ھەممىسى تۆۋەندىكى يەنە بىر قەۋەتتە " دىدى - دە ، قولىدىكى كىچىك خەنجەر بىلەن ئاۋايلاپ تۇرۇپ قشتىشى پاتۇرۇلغان ياغاچ تاختىنىڭ ئەتراپىدىكى يىملاش ئالتۇن سىملىرىنى چۇۋۇپ يىرىم سەئەتتە دىگۈدەك قاشتىشى پاتۇرۇلغان تاختىنى ئاخىرى چىقىرىۋالدى .
     قاشتىشى پاتۇرۇلغان تاختىنى چىقىرىۋەتكەندىن كىيىن ئاستىغا ئويۇلغان رەڭلىك رەسىملەرگە كۆزۈم چۈشتى . بۇ رەڭلىك رەسىملەرنى قەدىمى ئويما يىزىققا قارىغاندا چۈشۈنۈش ئاسانراق ئىدى . رەسىملەر ئارىسىدىكى چوڭ دەرەخ ئويۇلغان رەسىمگە كۆزۈم چۈشتى . رەسىندە ئىنتاھىن چوڭ دەرەخ سىزىلغان بولۇپ دەرەخنىڭ ئاستىنقى تەرەپ قورساق قىسمىدا چوڭ بىر يىرىق بار ئىدى . يىرىقتا نۇرغۇنلىغان ئىسكىلىتلار جەسەت ساندۇقىنى كۆتۈرۈۋالغان بولۇپ ئەتراپىدا سانسىزلىغان كىشىلەر ھۆرمەت بۈلدۈرىۋاتاتتى .
   كەنجى تاغام ئاۋايلاپ تۇرۇپ قاشتىشى پاتۇرۇلغان تاختىنى نەخ ئىككىگە بۆلۈپ تەسلىكتە ئاكۈينىڭ سومكىسىغا سالدى . مەن كۆتۈرۈپ باقسام ناھايتى ئىغىر بولۇپ ئىش قىلىپ مەن بۇ نەرسىنى كۆتۈرەلمەيىتىم .
    مۇ نەرسىنىڭ سومكىغا سىلىنىشى بىلەن ئاكۈيگە جان كىردى بولغاي ھىچنىمە دىمەي ئويما رەڭلىك تاختىنى قومۇرماقچى بولىشىغا كەنجى تاغام دەرھال : " ئاناڭنى ، مۇردىنىڭ پوقىنى كۆرسەڭمۇ ھۇشۇڭدىن كىتىدىكەنسەن ، لىكىن پۇل دىسە جىنىڭنىمۇ سەپ بىرىدىكەنسەن ، ئاستىدا پەقەت بىر قەۋەت قالدى ، ئىھتىيات قىلغىنىمىز ياخشى  " دەپلا قۇلىقىنى جەسەت ساندۇقىغا يىقىپ بىزگە شەپە چىقارماسلىق توغرىسىدا قول ئىشرىسى قىلدى .
   ئالاھىزەل نەچچە ئون دەقىقىدىن كىيىن كەنجى تاغام چىرايىنى پۈرۈشتۈرۈپ تۇرۇپ : " ئاناڭنى ئىچىدىن نەپەس ئالغان ئاۋاز چىقىۋاتىدىغۇ ؟ " دىدى . ھەمىمىز ئۇنىڭ گىپىدىن ھەيران بولۇپ نەچچە دەقىقىدىن كىيىن ئىسىمىزگە كەلدۇق . بەلكىم كەنجى تاغام ساندۇق ئىچىدىن جىن - ئالۋاستىنىڭ تىپىرلىغان ياكى چىقىرىغان ئاۋازى ئاڭلاندىن دىگەن بولسا ئاسانراق ئىشىنەر بولغىيتۇق ، لىكىن ئىچىدىن نەپەس ئالغان ئاۋازنىڭ ئاڭلىنىشىغا ھەمىمىزنىڭ دىگۈدەك ئەقلىمىز يەتمەي قالدى. شۇڭا ئاكۈي ھەيران قالغىنىدىن ئاستىنقى ئىڭىكى چۈشۈپ قالايلا دىگەن ھالەتتە بىزگە : " ئىچىدىكى ساندۇققا تىرىك ئادەم سىلىنغانمۇ قانداق ؟  .... " دىدى .
     كەنجى تاغام دەرھال : " ئوسرۇق ،  ئاناڭنى سىسىق ئىغىزىڭنى يۇم ! " دىدى دە ، يىنىدىن قارا ئىشەكنىڭ تۇيىقىنى چىقىرىپ قولتۇقىغا قىسىۋالغاندىن كىيىن ماڭا كۆز ئىشارىسى قىلىشىغا دەرھال قولۇمدىكى مىلتىقنى ساندۇققا بەتلىدىم . ئاكۈي قولىغا لوم تۆمۈر ئىلىۋالغان بولۇپ ھەممىمىز تەڭلا ساندۇقنىڭ ئاستىدىن چىققان نەرسىگە ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلاندۇق .
     كەنجى تاغام : " تۈف .. تۈف.. " دەپ ئالقىنىغا بىر نەچچىنى تۈكۈرۈپ ، بىشىنى ئىككى تەرەپكە ھەركەتلەندۈرۈپ ئۆزىگە ئازراق غەيرەت پەيدا قىلىپ لوم تۆمۈرنى ئويما راسىم تاختا ئاستىغا تىقىپ كۈيەي دىيشىگە ئارقامدىن بىرسىنىڭ : " توختاڭ !! " دەپ ۋارقىرىغان ئاۋازى ئاڭلاندى .
   ۋارقىرىغىنى قاچانلاردا ھۇشىغا كەلگىنىنى بىلگىلى بولمايدىغان ئۆلگۈر سىمىز ئىدى . ئۇ بىزگە قول شىلتىپ تۇرۇپ : " بولمايدۇ ! قەتئى بولمايدۇ !بۇنداقلا ئاچساق چوقۇم چاتاق چىقىدۇ ، ئاناڭنى ئازراقمۇ كىپەن ئوغۇرلاش تەجىربىىسى يوق دۆت ئىشەكلەر كىپەن ئوغۇرلشقا چۈشىدىكەن تىخى . ۋۇ تەرەتخانىدا قول چىراق تۇتىدىغانغانلار ئۆلگۈڭلار كەلدىمۇ ؟ '" دىدى .
   كەنجى تاغام : " ھىم " دەپ دىمىغىنى قاققاندىن كىيىن : " سىمىز يولداش سىزنىڭچە قانداق ئاچىمىز ؟ " دەپ سورىدى .     سىمىز كەنجى تاغامنى كۆز ئىشارىسى بىلەن كەينىگە ياندۇرغاندىن كىيىن قوش قاتلىق جەسەت ساندۇقى بىلەن ئىچىدىكى ئويما رەڭ رەسلملىك كىچىك ساندۇقنىڭ ئارلىقىغا بارمىقىنى تىقىپ بىردەم سىلىغاندىن كىيىن بىرلا كۈچەپ رەسىملىك ساندۇقنى پۈتۈن پىتى قومۇرىۋالدى . دەل شۇ دەقىقىدە ھەممىمىز دىگۈدەك جەسەت ساندۇقىنىڭ ئاستىنقى قەۋىتىدىن ئىنتاھىن سوغۇق ھەم ئىچىنىشلىق چىقىرىغان ئاۋازنى ئاڭلىدۇق . ئاۋازنى ئاڭلاش بىلەن تەڭ قورۇققىنىمدىن قولۇمدىكى قۇرال چۈشۈپ كەتكىلى تاسلار قالدى .
   سىمىز دەرھال ئارقىغا سەكرەپ : " كەينىڭلارغا يىنىڭلار ! " دەپ ۋارقىرىدى . مەن دەرھال كەينىمگە داجىپ قۇرالنى جەسەت ساندۇقىغا بەتلىدىم . دەل شۇ پەيىتتە ئىچىدىكى كىچىك ئويما رەسىملىك ساندۇق تىك ئۇچار ئايرۇپىلاندەك ئۆزلىكىدىن ھاۋاغا كۆتۈرلدى . بۇ ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان كۆرۈنۈشنى كۆرۈپ ئۆزۈمنى قەدىمى قەۋرىدە ئەمەس بەلكى فانتازىيەلىك فىلىمدە رول ئىلىۋاتقاندەك تۇيغۇغا كىلىپ قالدىم . يا ئاللا ، قەدىمكى جۇڭگۇلۇقلارنىڭ ئىجاد قىلىش روھى نىمىدىگەن كۈچلۈك .
    دەل شۇ دەقىقىدە جەسەت ساندۇقىدىن ئۇچىسىغا قاپقارا رەڭلىك ساۋۇت كىيگەن بىرسى يەتقان يىرىدە ئولتۇرشىغا مەن قورۇققىنىمدىن ئوق چىقىرىش ئۈچۈن مىلتىق تەپكىسىگە قولۇمنى ئاپارسام سىمىز ماڭا قاراپ : " ئوق چىقارما ، ئۇنىڭ كىيىۋالغان ساۋۇتى بىباھا گۆھەر ، بۇزىۋەتمەيلى " دىدى .
    مەن بۇ ۋاقىتتا ھىلىقى قارا ساۋۇتلۇق ۋۇشاڭ بىگىنىڭ چىرايىنى ئىنىق كۆردۈم . ئۇ ئىنتاھىن ئاز ئۇچرايدىغان نەم جەسەتكە تەۋە بولۇپ چىرىيى ئاقىرىپ كەتكىنىدىن  يۈزى ئاستىدىكى سۆڭىكىمۇ كۆرۈنۈپ قالغان ئىدى . كۆزى چىڭ يۇمۇلغان بولۇپ ئۆلگەن ۋاقىتتا ئىنتاھىن قىينالغانلىقى مانا مەن دەپ چىقىپ تۇراتتى . بىشىدكى بەش ئەزاسىنىڭ شەكلى ئۆزگۈرۈپ خۇددى سىسىپ كەتكەن تاۋۇزغىلا ئوخشاپ قالغان ئىدى . بۇلارنى كۆرۈپ : " بۇ لۇشاڭ بىگى ھىلىقى ساھىپجامالنى نەچچە مىڭ يىل ئۆز ئەسلى بىلەن ساقلاپ قاپتۇ ، ئۆزىنىڭ چىرايىنى نىمىشقا ساقلاپ قالالمىغاندۇ ؟ " دىگەنلەر خىيالىمدىن كەچتى . ھەممىمىز تەڭلا قاراپ جەسەتنىڭ كەينىگە ئەپچىللىك بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇلغان قۇرۇلمىنى كۆردۇق . ئەسلىدە جەسەت كەينىدىكى قۇرۇلما ساندۇقنىڭ ئاستىنقى قەۋىتىنىڭ ئىچىلىشى بىلەن ھەركەتكە كىلىپ جەسەتنى تىرەپ ئولتۇرغۇزىدىكەن ئەمەسمۇ ... ناۋدا بۇ كۆرۈنۈشنى توخۇ يۈرەك كىپەن ئوغۇرلىرى كۆرسە ھوشىدىن كىتىشى مومكىن ئىدى . لۇشاڭكام بىزنى بەك كىچىك كۆرۈپ قاپتۇ ، بىز بۇنداق نەرسىلەردىن قورۇقمايتۇق .
    ھەممىمىز دىگۈدەك ھىلىقى جەسەتكە تىكىلدۇق . ئۇ ئۈستىگە كىيىۋالغان ساۋۇتنىڭ ئالتۇن ياپراقلىق قاشتىشى كۆز قويۇلغان ئىسىل ئۇرۇش كىيىمى ئىكەنلىكى مانا مەن دەپ چىقىپ تۇراتتى . لىكىن نىمە ئۈچۈندۇر ئالتۇن ساۋۇت ئۈستۈدىكى قاشتىشى كۆزلەرنىڭ ھەممىسى قارىداپ كەتكەن بولۇپ مەن جەسەتكە تىخىمۇ يىقىن كىلىپ ئۇنىڭ كۆكرىكىنىڭ كۆتۈرۈلۈپ پەسىيۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ يۈرۈكۈم ئىغىزىمدىن چىقىپ كىتىشكە تاسلا قالدى . ئۇنىڭ نەپەس ئىلىۋاتقانلىقى ئىنىق بولۇپ بۇرنىدىن بىرخىل سوغۇق ھاۋا ئىقىمى چىقىۋاتاتتى . بۇ ۋاقىتتا ئاكۈي ھەيران بولغىنىدىن ئىغىزىنى كاماردەك ئىچىپ : " ئۇ ... ئۇ ... ئۇ ئەبلەخ تىرىكمۇ نىمە ؟ " دىدى كىكەچلەپ .

barhan88 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-22 07:42:40

                                    1- خاتىرە 1-بۈلەك 25– باپ  قاشتېشى قورچاق

     مەن ئاكۇينىڭ گىپىدىن ھەيران بولۇپ ئىختىيارسىزلا كەينىمگە يىنىپ قورىقىنىمدىن بەدىنىمنىڭ قىتىپ قالغانلىقىنى ھىس قىلدىمدە پەس ئاۋازدا:" سىلەر ئىلگىرى بۇنداق ئىشقا يولۇقۇپ باققانمۇ ؟!" دوپ سورىدىم .  
   ئاكۈي تىتىرەپ تۇرۇپ :" ئەلۋەتتە يولۇقۇپ باقىمىغان ، ئەگەر داۋاملىق يولۇقىدىغان ئىش بولسا مەن تەرەتخانىدا پوق تارتىشقا رازىكى كىپەن ئوغىرلىغىلى چۈشمەيتتىم ...." دەپ جاۋاپ بەردى .
   پەنزىگە قارىسام ئۇ بىر قولىدا يارىسىنى تۇتۇپ :" نىمىلىكى بىلەن كارىمىز بولمىسۇن ، ئالدى بىلەن ئۇنىڭغا بىر نەچچە پاي مىشەك مانتىسى سوۋغا قىلايلى ، بۇرۇن ئۆلمىگەن بولسا ئەمدى ئۆلسۇن ، ئەگەر ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ كەتسە ئەھۋال چاتاق !!" دىدى . ئويلاپ باقسام پەنزىنىڭ دىگەنلىرى ھەقىقەتەن ئورۇنلۇق ، بۇنداق ۋاقىتتا كۆپ ئۆيلىغاندىن كۆپ ئىش قىلغان ياخشى . شۇڭا مەن ئالدىراپلا قورالنى كۆتۈرشىمگە سىمىز بىلەن كەنجى تاغام تەڭلا :" توختا...توختا...توختا ..." دەپ ۋاقىراشتى .
   كەنجى تاغام  ماڭا قول شىلتىغاچ جەسەتكە يىقىنراق بىرىپ جەسەت  ئۈستىدىكى  ساۋۇتقا قاراپ ھەيران بولغىنىدىن ئىغىزى گەپكە كەلمەي كىكەچلەپ تۇرۇپ :" بۇ ...بۇ قاشتېشى قورچاققۇ؟؟ ۋاي خۇدايىم ... بۇ نەرسە راستىنلا مەۋجۇتكەنغۇ ؟!" دىدى .
    مەن ئۇنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى سورىشىمغا  كەنجى تاغام ھاياجانلانغىنىدىن كۆزىدىن سۇينى چىقىرىپ تۇرۇپ:" ئا....مەت دىگەن ...شۇ ! ياراتقۇچى ئىگەمگە مىڭ رەھمەت ، پىقىر ۋۇ سەن شېڭ ( 吴三省) بىر ئۆمۇر دىگۇدەك قەۋرە ئوغىرلاپ ئاخىرى ....ئاخىرى بىباھا گۆھەر تاپتىم ، ....ئۇ ...ئۇ دىگەن قاشتېشى ....قورچاق ..!" دەپلا مۈرەمنى قوش قوللاپ تۇتۇپ يىغلۇغىدەك بولۇپ :" مۇشۇ نەرسىنى كيگەن ئادەم قىرىماي بارغانسىرى ياشىرىدۇ ،جىيەنىم ....كۆردىڭمۇ ؟ بۇ ھەقىقىەتەن راسكەن ، ئاۋۇ جەسەت بۇنىڭ ئەڭ ياخشى ئسپاتى ...قارا !" دەپ توۋلىدى .
   قەدىمكى دەۋىردە 50-60ياشلىق ئادەملەر ئىنتايىن قىرى ھىساپلىناتتى . بۇ جەسەتنىڭ مۇسكۇل گۆشلىرى سولىشىپ قالغان بولسىمۇ بىراق چىراي قارىماققا ناھايتى ياش كۆرۈنەتتى . مەن ئختىيارسىزلا ‹‹ ئوھ ...›› دەۋەتتىم ، ئەجەبە بۇ ئالەمدە راستىنلا قىرىمايدىغان ، يىللارنىڭ ئۆتىشى بىلەن ياشىرىپ كىتىدىغان ئىش بار ؟؟؟
  سىمىزنىڭ كۆزىمۇ ساۋۇتقا تىكىلگەنلىكتىن قىتىپ قالغان بولۇپ :" ئادەمنىڭ ئىشەنگۇسى كەلمەيدۇ .... چىنشىخۇاڭمۇ تاپالمىغان نەرسىنى بۇ سولتەكنىڭ كىيىۋالغىنى قارا ! ھەي ...نىمە ...قانچىنچى تاغا سەن بۇنى قانداق سالدۇرۇشنى بىلەمسەن ؟!" دەپ سورىدى .
  كەنجى تاغام بىشىنى چايقاپ تۇرۇپ :" ئاڭلىشىمچە بۇ نەرسىنى تىشىدىن سالدۇرغىلى بولمايمىش ، ئاۋارچىلىقتە بۇ ! ئەجەبا جەسەتنى يۈدۈپ ئەپچىقىپ كىتىمز ؟!" دىدى .
  ئارقىدىنلا ئۇلار جەسەتنىڭ پۇت –قوللىرىنى سىلاشتۇرۇپ ساۋۇتنى قانداق سالدۇرۇشىنى مەسلھەت قىلدى . قارسام بۇ لۇشاڭ بىگىمۇ يۇمشاق مىجەز بىر نىمە ئىكەن ، باشقىلار سەۋەپسىزلا ئۇنىڭ پۇت –قوللىرنى كۆتۈرۇپ سىلاشتۇرۇپ يۇرسە ھىچبىر ئىنكاس بىلدۇرمەي قىمر قىلماي ياتاتتى . مەن ئويلىنىپ تۇرۇپ :" ئەگەردە قاشتېشى قورچاق ساۋۇتنى سالدۇرۋەتسەك ئىچىدىكى ئادەم نىمە بوپ كىتەر؟ " دەپ سورىدىم .
  سىمىزمۇ بۇ مەسىلىنى ئويلاپ باقىمغان بولسا كىرەك ،شۇڭا :" بۇنى پىقىر سىمىز غوجاكاڭ بىلمەيدۇ ، يامىنى كەلسە شۇ پارغا ئايلىنىپ كىتەر !!" دىدى .
  ئارقىدىن مەن ئۇلاپلا :" ئۇنداقتا بىز بىر ئوبدان ياشاۋاتقان ئادەمنى ئۆلتۇرگەن قاتىل بولۇپ قالمايمىزمۇ ؟!" دوپ سورىدىم .
   سىمىز گىپىمنى ئاڭلاپ ئككى تىقىمىغا شاپاللاپ كۇلۈپ تۇرۇپ :" يولداشچاق ، كىپەن ئوغىرلىرىدا سەندەك ئاڭ بولىدىغان بولسا كىپەن ئوغىرلىقىنى ھىچكىم قىلمايدۇ ، قايسى قەدىمقى زاماندىكى خان – ئاقسۆڭەكنىڭ قولى پۇقرالارنىڭ قىنى بىلەن بويالمىغان ؟ ئۇلار تىرىلىپ چىققان تەقدىردىمۇ ھەممىسى دىگۇدەك ئىتىلپ كىتىدۇ ياكى مۇددەتسىز كىسىلىدۇ ، نەدىكى يوق ئىشلاردىن ئەنسىرەپ يۇرىيدىكەنسەن ...." دىدى .
  ئويلاپ باقسام سىمىزنىڭ دىگىنى توغرا ، شۇڭا ئۇلارغا ياردەم بىرىش ئۈچۈن جەسەت ساندۇقىنىڭ يىنىغا بىرىپ ساندۇق ئىچىدىكى باشقا قوشۇپ دەپنە قىلىنغان بويۇملارغا قارىدىم . ساندۇقىنىڭ ئاستىدا قەۋەت –قەۋەت  تەڭگە – تىللا چوڭلۇقىدىكى بىلىق قاسرىقىدەك بىر نىمە ئارىسدا مەن ئىسمىنىمۇ ئاتاپ بىرەلمەيدىغان بىر مۇنچە ئاخىرەتلىك بويۇملار تۇراتتى .  مەن بىلىق قاسرىقىدەك نەرسدىن بىر ئۈچۈم قولۇمغا ئىلىىپ بورنۇمغا يىقىن ئەكىلىپ پۇراپ بىقىپ :" بۇ نىمە ؟!" دەپ سورىدىم .
   كەنجى تاغام ئانچە ئىرەن قىلماي مۇنداقلا پۇراپ قويۇپ :" قولۇڭدىكىسى جەسەتنىڭ تاشلىغان تىرىسى !" دىيىشىگە كۆڭلۇم ئىلىشىپ ئختىيارسىزلا ئالقىنىمدىكى نەرسىنى تاشلىۋەتتىم– دە ئىغىزىمنى بۇزۇپ تىللاپ :" ئاناڭنى ، بۇ لۇشاڭ بىگىنىڭ تىرە كىسىلى بامۇ نىمە ؟ ئەجەپ جىق تىرە تاشلاپتىغۇ ؟" دىدىم .
   ئارقىدىنلا كەنجى تاغام :" قالايمىقان سۆزلىمە ، بۇ دىگەن ئۇ تاشلىغان كونا تىرە ، ھەر قىتىم تىرە تاشلىسا بىر قىتىم ياشارغانغا باراۋەر ، مەنچە ئۇ ئاز دىگەندىمۇ بەش– ئالتە قەۋەت تىرە تاشلىدىمىكىن ؟!" دەپ جاۋاپ قايتۇردى .
   منىڭ  ساندۇقتىكى بۇ ئادەمنىڭ كۆڭلىنى ئىلىشتۇرىدىغان قاسراقلارغا قاراپ بايامقى قىززىقىشممۇ  قايەرلەرگىدۇر غايىپ بولدى . دەل شۇ ۋاقىتتا سىمىز ۋاقىرىدى :" ئامال باردەك قىلىدۇ !
  ھەممىمىز تەڭلا يوپۇرلۇپ قارىساق سىمىز كۆرسەتكەن ساۋۇتنىڭ قويۇن قسمىدىكى بىر تال قاشتېشىنى مۇقىملاشتۇرغان ئالتۇن يىپنىڭ ئۇچى كۆرۈنۇپ قالغان ئىدى . مەن ھەيران بولۇپ :" ۋاي ئاللا ! ئۆلگۇر سىمىز كۆزۈڭ راستىنلا ئوغىرنىڭ كۆزىكەن جۇمۇ ، قەدىمى ساۋۇت ئۈستىدىكى يىپنىڭ ئارتۇق ئۇچىنىۇ كۆرىۋاپسەن ؟!" دىدىم .
  سىمىز دەرھال ماڭا قاراپ كۆز ئالايتىۋەتكەندىن كىيىن :" سىلەر جەنۇپ ئۇسلۇبىدىكى يولداشلار بەك دۆت ئىكەنسىلەر ، كىپەن ئوغىرلاش ئىنتايىن ئىنچىكە ھەم يۇقىرى تەخنىكا تەلەپ قىلىدىغان ھۇنەر . كۆردىڭلارمۇ ؟ بۇگۇن مەن سىمىز غوجىكاڭلار بولمىغان بولسام بۇ ساۋۇتىنى قانداق سالدۇراتتىڭلاركىن تاڭ ؟؟!" دىدى .
بۇ چاغدا كەنجى تاغام ئازراق تىرىكىپ :" ئاناڭنى ، شۇنداقمۇ ياكى ئەمەسمۇ تىخى بىلمەيمىز ، بەلكىم بۇ يىپنىڭ ھىچقانداق ئەھمىيتى يوقتۇ !" دىدى .
   سىمىز قاقاقلاپ كۈلۈپ تۇرۇپ :" ئاناڭنى قىرى ، مىنىڭ دىگىنمگە ئىشەنمەيسەن ؟!" دەپلا قولىنى سوزۇپ يىپنى تارتماقچى بولدى . ئۇ ئەمدىلا قولىنى سۆزۇپ يىپنى تارتاي دىيىشىگە ‹‹ ھىھ....›› قىلغان ئاۋازنىڭ ئاڭلىنىشى بىلەن تەڭلا كەنجى تاغام چاقماقتەك تىز سۇرئەت ئىچىدە  بىر پەشۋا بىلەن سىمىزنى بىر ياققا تىپىپ يىقىتىشىغا ‹‹جاق ›› قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ بىر قارا قەدىمى خەنجەر ئالدىمىزدىكى دەرەخكە سانجىلدى . مەن كۆز ئالدىمدىكى بۇ كۆرۈنۇشتىن ھاڭۋىقىپ قالدىم . ئەگەردە كەنجى تاغامنىڭ پەشۋاسى بولمىغان بولسا ھىلىقى خەنجەر سىمىزنىڭ بىشى دەرەخكە مىخلاپ  قويغان بولاتتى .
   بىز ھەممىمىز تەڭلا ئۆرۈلۇپ قاراپ بوتۇلكىنىڭ تاش پەلەمپەي ئاستىدا تۇرغانلىقىنى كۆردۇق . ئۇنىڭ پۇتكۇل بەدىنى دىگۇدەك قان يۇقى بولۇپ ئۈستىنكى بەدىندە قاچانلاردا پەيدا بولغىنى بىلگىلى بولمايدىغان يىشىل راڭلىك  بۇغرا كىيىكىنىڭ چەكتۇرۈلگەن سۆرىتى تۇراتتى . ( بۇغرا كىيىك – ئەپسانىلاردىكى قۇيرۇق كالىنىڭ قۇيرۇقىغا ، تۇيىقى ئاتنىڭ تۇيقىغا ، بەدەن شەكىلى كىيىككە ئوخشايدىغان خسلەتلىك ھايۋان ، خەنزۇلار بۇغرا كىيىكىنى ، سۇمۇرخ ، ئەجدەرھا ھەم تاشپاقىغا قوشۇپ تۆت خسلەتلىك  ئىلاھ دەپ قارايدۇ .  ‹‹ تەرجىماندىن ››) ، ئۇنىڭ سول قولى ھازىرمۇ خەنجەر ئاتقان ھەركەت ھالىتىدە بولۇپ ئوڭ قولىدا غەلىتە بىر نەرسىنى كۆتىرۋالغاندى.
   مەن بوتۇلكىنىڭ ئوڭ قولىدا كۆتىرۋالغان نەرسىنىڭ ھىلىقى قانىلىق مۇردىنىڭ بىشى ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ قورىقىنىمدىن ئشتىنىمغا چىقىرۋىتىشكە تاسلا قالدىم .
   نەچچە دەقىقىدىن كىيىن بوتولكا بىزگە قاراپ ئاقساپ مىڭپ پەلەمپەي ئۈستىگە چىقتى . ئۇنىڭ نەپىسى ئىنتايىن ئىغىر بولۇپ پۇتكۇل بەدىنى دىگۇدەك يارا ئىغىزى بىلەن تولغان ، قارىغاندا ئۇ بىر قىتىملىق ھايات ماماتلىق جەڭگە قاتناشقان ئوخشايدۇ ، ئۇ جەسەت ساندۇقىغا  قارىۋەتكەندىن كىيىن بىزگە قاراپ پەس ئاۋازدا :" نىرى تۇرۇڭلار !" دىدى .
   سىمىز بايامقى ئشتىن قورقۇپ كەتكەن بولغاچقا ئاچچقىدىن بويۇن تومۇرلىرىنمۇ كۆپتۇرۇپ تۇرۇپ :" ئاچاڭنى پالانى قىلاي ، بايا نىمە قىلماقچىدىڭ ؟؟!" دەپ ۋاقىردى .    بوتۇلكا بىشنى بۇراپ سىمىزگە سوغۇق نەزەردە قارىۋەتكەندىن كىيىن :" سىنى ئۆلتۈرمەكچىدىم !" دەپ جاۋاپ قايتۇردى .
    سىمىز بوتۇلكىنڭ جاۋابىنى ئاڭلاپ تىخمۇ غەزەپلىنىپ يەڭلىرىنى تۈرۈپ بوتۇلكىغا ئىتىلىشىغا ئاكۈي ئۇنى تۇتىۋالدى ، كەنجى تاغام كەيپىياتنىڭ ناچارلىشىپ بىر –بىرمىىزگە قول كۆتۇرگىدەك دەرجىگە بىرىپ يەتكەنلىكىنى كۆرۇپ سىمىزغا قاراپ ئالدىراپلا  :" ئۆزۇڭنى بىسىۋال ، ئاكاش ھەرگىزمۇ سەۋەپسىز ئىش قىلمايدۇ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ سىنىڭ  جىنىڭنى نەچچە قىتىم قۇتقۇزىۋالغان ، ئالدىرداقسانلىق قىلما  !" دىدى .
  سىمىز ئويلاپ بىقىپ كەنجى تاغامنىڭ دىگەنلىرىنى توغرا تاپتتى بولغاي ،شۇڭا ئاكۈينىڭ قولىنى بىرلا سىلكىپ :" ئاناڭنى ، سىلىەرنىڭ ئادىمىڭلار كۆپ ، پىقىر سىمىز بىگىم بۇگۇن سىلەرگە بوزەك بولدى ، نىمە دىسەڭلار ئىختىيارىڭلار ....." دىدى .
    بوتۇلكا قولىدىكى مۇردا بىشنى قاشتېشى كارۋات ئۈستىگە تاشلىۋىتىپ بىر نەچچىنى يۆتىلىۋەتكەندىن كىيىن :" بۇ قانلىق مۇردا قاشتېشى قورچاق ساۋۇتنىڭ ھەقىقى ئىگىسى ، لۇشاڭ بىگى قەۋرە ئوغىرلاۋىتىپ بۇ ساۋۇتنى  بايقاپ سالدۇرۋالغان بولغاچقا بۇ جەسەت قانلىق مۇردىغا ئايلىنىپ  كەتكەن ، قاشتېشى قورچاقىنى كەيگەن ئادەم ھەر 500يىلدا بىر قىتىم تىرە تاشلايدۇ ،پەقەت تىرە تاشلىغان چاغدىلا ئاندىن ساۋۇتىنى سالدۇرغىلى بولىدۇ ،ئۇنداق بولمىغاندا ئىچىدىكى تىرىك جەسەت قانلىق مۇردىغا ئايلىنپ كىتىدۇ . كۆز ئالدىمىزدىكى بۇ جەسەتكە 3000يىلدىن ئاشتى ، بايا سەن سىمىز ، يىپنىڭ  ئۇچىنى شۇنداقلا تارتقان بولساڭ ئچىدىكى تىرىك جەسەت قانىلىق مۇردىغا ئۆزگىرەتتى –دە ھەممىمىز بۇ قەۋرە ئىچىدە ئۆلگەن بولاتتۇق !"  دەپلا سوغۇق نەزەردە سىمىزگە تىكىلدى .
  بوتۇلكا سۆزلەپ بولۇپلا يەنە بىر نەچچىنى يۆتىلىشىگە ئىغىزىدىن قان سىرغىپ چىقتتى . قارىغاندە ئۇنىڭ ئىچكى ئەزاسى خىلى ئىغىر زەخمىلەنگەن  چىغى .    بۇ ۋاقىتتا بىر ياقتا زۇۋان سۇرمەن قاراپ تۇرغان پەنزې ئىغىز ئىچىپ :" ئاكاش ، مەن پەنزېنىڭ ئىغزى ئىتتىك كۆڭلى تۇز ، ئەيىپكە بۇيرۇماڭ ، سىز بىلىدىغان ئىشلار بەك كۆپكەن ، مۇمكىن بولسا بىزگە چۇشەندۇرۇپ قويسىڭز ؟ سىز زادى قايسى يولدىكى ئەۋليا – پىشىۋا ؟ سىز مىنىڭ جىنىمنى قۇتقۇزغان ، ئەگەردە بۇ يەردىن تىرىك چىقىپ كىتەلىسەم چوقۇم ئۆيىڭزگە پەتىلەپ بارىمەن ...؟!" دەپ سورىدى .
   پەنزېنىڭ بۇ سۇئالى ئىنتايىن ئۇستىلىق بىلەن سورالغان بولغاچقا مەن ‹‹ بوتۇلكا ئەمدى جاۋاپ بەرمەي بولمىدى ؟~" دىگەنلەرنى ئويلاۋاتسام بىراق بۇ ئۆلگۈر ‹‹ ماي بوتۇلكىسى ›› يەنىلا بىر ئىغزمۇ زۇۋان سۇرمىدى . زۇۋان سۇرمىدىلا ئەمەس خۇددى پەنزېنىڭ گىپىنى ئاڭلىمغاندەكلا جەسەت ساندۇقىنىڭ يىنىغا كىلىپ جەسەتكە يىرگىنىش نەزىرىدە قارىۋەتكەندىن كىيىن ئۇزۇن قولىنى بىرلا سوزۈپ جەسەتنىڭ كارنىيىدىن بوغدى –دە بىرلا تارتىپ جەسەتنى ساندۇقىدىن چىقىرىشىغا جەسەتنىڭ گىلىدىن غەلىتە چىقىرغان ئاۋاز ئاڭلىنىپ  جەسەت پۇت –قوللىرىنى مىدىرلىتىشقا باشلىدى . كۆز ئالدىمدىكى بۇ كۆرنۇش ئىنتايىن قسقا ۋاقىتى ئىچىدە يۇز بەرگەن ھەمدە بوتۇلكىنىڭ ھەركىتى چاقماقتەك تىز بولغاچقا مەن قانداق ئىنكاس قايتۇرىشىمنى بىلەلمەي ھاڭۋىقىپ تۇرغان پەيتتە بوتۇلكا ھىلىقى تىرىك جەسەتكە قاراپ سوغۇققىنا :" سەن بەك ئۇزۇن ياشاپ كەتتىڭ ، ئەمدى ئۆلسەڭ بولىدۇ " دەپلا بىرلا كۈچەپ بوغىشغا ‹‹ پاس ›› قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ لۇشال بىگىنىڭ كىكىردىكى ئىزلىىپ كارنىيى بىلەن قوشۇلۇپ بوتۇلكىنىڭ قولىغا چقتى . ئارقىدىنلا  لۇشاڭ بىگىنىڭ پۇت –قولى تىپىلاشتىن توختاپ تىرىسى كۆزنى يۇمۇپ –ئاچقۇچە ئارلىقتا قارىداپ كەتتى .  
   ھەممىمىز كۆز ئالدىمىزدا يۇز بەرگەن ئىشتىن ھەيران بولۇپ نىمە دىيىشىمىزنى بىلمەي قالدۇق . بوتۇلكا قولدىكى جەسەتنى  بىرلا شىلتىپ يەرگە تاشلىۋەتتى . خۇددى ئۇنىڭ ئۇستىدىكى قاشتېشى قورچاق ساۋۇتى بىر تىيىنغا ئەرزىمەيدىغان ئەخلەتتەكلا . بۇ ۋاقىتتا مەن دەرھال ئۇنىڭ بىلىكىگە ئىسىلىپ :" سەن زادى كىم ؟ لۇشاڭ بىگى بىلەن نىمە ئاداۋىتىڭ بار ؟؟" دەپ سورىدىم .
   بوتۇلكا ماڭا بىردەم قارىۋەتكەندىن كىيىن سوغۇققىنا :" بىلسەڭ نىمە بولماقچى ؟!" دىدى .
    سىمىزنىڭمۇ ئاچچىقى تىخچە يانمىغان بولۇپ :"   بۇ قانداق گەپ ، بىزنىڭ بۇ جەسەت ساندۇقىنى تىپىشىمىز ئاسانغا چۇشتىمۇ ؟ بىراق سەن نوچى ھىچنىمە دىمەيلا تىرىك جەسەتنى بوغۇپ ئۆلتۈردۇڭ ، شۇڭا بىزگە نىمشقا شۇنداق قىلىدىغانلىقڭنى چۈشەندۇرۇپ قويارسەن ھە  ؟؟!" دەپ ۋاقىردى .
   بوتۇلكا بىشنى بۇراپ قاشتېشى كارۋات ئۇستىدىكى مۇردىنىڭ بىشىغا مەنسىتمىگەندەك قارىۋەتكەندىن كىين بىر تەرەپتىكى رەڭلىك ئويما  رەسسىملىك ساندۇقىنىڭ ئارقىسىدىكى قىزغۇچ قىزىل  رەڭلىك قاشتېشى قۇتىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ ئىيتتى :" سىلەر بىلمەكچى بولغاننىڭ ھەممىسى ئاۋۇ قۇتىنىڭ ئىچىدە !"

parakende يوللانغان ۋاقتى 2014-6-22 11:36:07

نوچى يىرىدە تۈگەپ كەتتى {:112:}

tewekkulchi يوللانغان ۋاقتى 2014-6-22 13:12:39


چوڭ تىپتىكى سىرلىق ، قورقۇنچلۇق ، تەشۋىشلىك ئەسەر  
                                            كىپەن ئوغىرسىنىڭ خاتىرسى

                                  1- خاتىرە 1-بۈلەك26– باپ قىزغۇچ قاشتېشى قۇتا

   قىزغۇچ قۇتا خىرۇستالدەك پاقىراق بولۇپ قارىغاندا بىر پۇتۇن قاشتېشغا ئىش قوشۇش ئارقىلىق ياسالغاندەك قىلاتتى . ماتىريالىغا ئىنتايىن ئاز ئۇچىرايىدىغان ئىسىل قاشتېشى ئىشلىتىلگەندى . قىزغۇچ قاشتېشى ئىنتايىن نازۇك بولغاچقا  قۇتىنىڭ ئۈستىگە ھىچقانداق ئويما رەسىم ياكى قەدىمى يىزىق ئويۇلمغان بولۇپ قۇتىنىڭ يىپىلدىغان يىرىگە ئالتۇن ياقىلىق ئىشلىتىلگەندى .قىزغۇچ قاشتېشى قۇتا قويۇلغان جايىدىن قارىغاندا جەسەتنىڭ بىشىغا ياستۇق قىلپ قويۇلغان بولسا كىرەك ، ئادەتتىكى قاشتېشى ياستۇق ئىنتايىن قىممەتلىك ھىساپلىناتتى ، شۇڭا قىزغۇچ قاشتېشىدىن ياسالغان جەسەت ياستۇقى بىباھا گوھەر بولۇپ شۇ دەۋىردىكى خان – پادىشاھلارمۇ بۇ نەرسىنى تاپالىشى ناتايىن ئىدى .
   بىز ئاۋايلاپ تۇرۇپ قۇتىنى يەرگە قويۇپ ئاچتۇق . قۇتا ئىچىدە ئالتۇن يالىتىلغان يىپەك كىتاپ بار بولۇپ كىتاپنىڭ ئارىسىغا ئالتۇن يىپ قىستۇرۇلغاچقا ئىنتايىن ياخشى ساقلانغان ، بىز ئىچىپلا سول تەرەپتىن باشلىنىپ يىزىلغان نۇرغۇنلىغان قەدىمى خەتلەرنى كۆردۇق .
    سىمىز يىپەك كىتاپقا قارىغاندا قاشتېشى قورچاققا بەكرەك قىززىققان بولسا كىرەك يىپەك كىتاپقا بىرلا قاراپ قويۇپ يەنىلا قاشتېشى ساۋۇت تەرەپكە ئۆتۇپ باردى ، بوتۇلكا بولسا دەرەختىكى قارا خەنجەرنى سۇغىرۋىلىپ ئۆزىنى قاشتېشى كارۋات ئۈستىگە تاشلاپ لۇشاڭ بىگىنىڭ جەسىتىگە سوغۇق نەزەردە تىكىلىۋاتاتتى .     كەنجى تاغام ئىككىمىز يىپەك كىتاپنى تەھلىل قىلىشقا باشلىدۇق . مىنىڭ سەۋىيەم چەكلىك بولغاچقا كىتاپتىكى مەلۇم بۆلەكلەرنىلا چۇشىنەلەيتتىم . شۇ چۈشەنگەن بۆلەكلەرنى بىر –بىرىگە ئۇلاپ تەھلىل قىلپ بۇ ئەرۋاھ بىگىنىڭ كىتاۋىدىكى مەزمۇنلاغا ئەقلىم يەتمەيلا قالدى . ئەگەردە بۇنچىلىك كۆپ غەلىتە ئىشلارغا يولۇقمىغان بولسام ئۇرۇپ ئۆلتۇرىۋەتكەن  تەقدىردىمۇ كىتاپتا يىزىلغانلارغا ئىشەنمىگەن بولاتتىم .     كىتاپنىڭ ئەڭ يۇقىرسىدىكى بىر قۇر كىچىك يىزىلغان قەدىمى خەت ئۇنىڭ ، لۇشاڭ بىگىنىڭ ئۆزىنىڭ يازغان خىتى بولۇپ ئىنتايىن قىسقا يىزىلغاندى ، قالغانلىرىدا لۇشاڭ بىگىنىڭ تۇغۇلۇپ تاكى ئۆلگىچە بولغان ھاياتىدىكى ئىش – ئىزلىرى خاتىرلەنگەن بولۇپ يىزلغاننىڭ ھەممىسىنى چۈشۇنۈشۇم ئۈچۇن ئون كىچە– كۇندۇزمۇ ئازلىق قىلاتتى . لىكىن بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىم ئىككى ۋەقەلىكنى ئاساسەن دىگۇدەك چۈشىنەلىدىم . بىرىنچى ۋەقەلىك لۇشاڭ بىگىنىڭ  ئالۋاستى مۆھىرىگە ئىرىشش جەريانىدىكى تەپسىلاتلار بولۇپ بىر ئاز  ئاددى يىزىلغان بولغاچقا مەن ئوقۇشقا باشلىدىم .
  ئۇ 25يىشىدا دادىسىنىڭ مەنسىپىگە ۋارسلىق قىلغان بولۇپ لۇ بەگلىكىنىڭ مەخسۇس قەۋرە ئوغىرلايدىغان قوشۇنىغا باشچىلىق قىلغان ، بىر قىتىم لۇشاڭ بىگى قايسى دەۋىرگە تەۋە ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولمايدىغا قەۋرىگە ئوغىرلىققا چۈشۈپ جەسەت ساندۇقىنى ئىچىىپ ئىچىدە ئىنتايىن يوغان يىلاننىڭ ياتقانلىقىنى كۆرۈپتۇ .لۇ شاڭ بىگى كىچىكىدىن قورىقماس ، يۇرەكلىك چوڭ بولغاچقا جەسەت ساندۇقىدا يىلاننىڭ ياتقىنى يامانلىقىنىڭ بىشارىتى دەپ قاراپ بىرلا قىلىچ ئۇرۇپ يىلاننى چىپىپ تاشلاپتۇ –دە قول ئاستىدىكى چىرىكلەرگە بۇيرۇق قىلىپ يىلاننىڭ قارنىنى يارغۇزغاندا ئىچدىن بىز كۆرگەن قىزىل ئالتۇن قۇتا چىقىپتۇ .
  ئوقۇپ بۇ يەرگە كەلگەندە ئاكۇينىڭ سومكىسىغا سالغان ئالتۇن قۇتىنىڭ يىلاننىڭ قارنىدىن چىققانلىقىنى ئويلاپ تۇرىشىمغا كەنجى تاغام :" ئوقۇمامسەن ؟!.... تىز داۋاملاشتۇر ..تىز ئوقۇ " دىگەندىلا ئاندىن خىياللىرىمىنى يىغىپ ئاخىرىنى ئوقۇدۇم .
   لۇشاڭ بىگى يىلاننىڭ قارنىدىن چىققان ئالتۇن قۇتىغا ئۇنچىلىك ئىتىبار قىلماپتۇ ، كىيىنچە بىر كىچىسى ئۇخلاۋىتىپ چۈشۇمدە ئاپئاق ساقاللىق بىرسىنىڭ :" نىمىشقا مىنى ئۆلتۇرىسەن ؟" دەپ سورىغانلىقىنى كۆرۇپتۇ .  
  لۇشاڭ بىگىنىڭ مىجەزى ئەزەلدىن ئوسال ، ئىتتىك بولغاچقا ئويلىنىپ تۇرمايلا :" ئۆلتۇرگۇم كەلگەچكە ئۆلتۇردۇم !" دەپ جاۋاپ بىرىشىگە ھالىقى ئاقساقاللىق قىرى توساتتىنلا ئىنتايىن يوغان يىلانغا ئۆزگىرىپ لۇشاڭ بىگىنى چىشلىمەكچى بۇلۇپ ئىتىلىپتۇ ، لۇ شاڭ بىگمۇ نان قىپى ئەمەسكەن ، چۈشىدە بىرلا ئۆرۇلۇپ چوڭ يىلاننى يەنە بىر قىتىم چىپىپ تاشلاپتۇ –دە يىلاننىڭ بىشىغا دەسسەپ قىلىچىنى كۆتۇرۇپ چاپماقچى بولغىنىدا يىلان تۇيۇقسىز ھۆكىرەپ يىغلاپ ئۆزىنىڭ ھەقىقى گۆش تىنىڭ ئاللىبۇرۇن لۇشاڭ بىگى تەرىپىدىن چىپىۋىتىلگەنلىكىنى ، ئەگەردە لۇشاڭ بىگى چۈشىدىمۇ ئۆزىنىڭ روھىنى ئۆلتۈرىۋەتسە ئۆزىنىڭ مەڭگۇ قايتا تىرەلمەيدىغانلىقىنى  ئىيتىپ  بىر قوشۇق قىندىن كىچىشىنى ئۆتىنىپتۇ ، ھەمدە ئۆزىنى قويىۋەتسە لۇشاڭ بىگىگە ئىككى گۆھەر قالدۇرىدىغانلىقىنى ئىيتىپتۇ ، بۇ نەرسىلەر لۇشاڭ بىگىنى يۇقىرى مەرتىۋىگە ئىرىشتۇرەلەيدىكەن . ئەينى ۋاقىتتا كىپەن ئوغىرلايدىغان ئەمەلدارلارنى خان – پادىشاھلار بىۋاستە باشقۇرسىمۇ بىراق ئەمەلدارلىق ۋەزىىپىسى ھەم ئىمتىيازى ئىنتايىن تۆۋەن بولغاچقا لۇشاڭ بىگى ئۆزىنىڭ مەرتىۋىسىنىڭ ئۆسىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ چوڭ يىلانغا ماقۇل بوپتۇ .
   ھىلىقى گىگانىت يىلان ئۆزىنىڭ قارنىدىن چىققان قىزىل ئالتۇن قۇتىنى قانداق ئىچىشنى ھەمدە ئىچىدىن چىققان خىسلەتلىك گۆھەرلەرنى قانداق ئىشلىتىشنى لۇشاڭ بىگىگە ئىيتىپ بىرىپتۇدەك ، لۇشاڭ بىگى  ئاڭلاپ ‹‹ چوڭقۇر چۇشەنگەندىن كىيىن ›› بۇ ئىشىنى باشقىلارنىڭ بىلىپ قىلىشىدىن ئەنسىرەپ يەنىلا چوڭ يىلاننىڭ بىشنى چىپىپ تاشلاپتۇ .
  مەن كۆرۇپ بۇ يەرگە كەلگەندە ھەيران بولغىنىمدىن تىلىمنى چىشلەپ سالدىم . بۇ لۇشاڭ دىگەن ئىپلاس نىمە دىگەن قەبى ، چۈشىدىمۇ ۋەدىسىگە ۋاپا قىلماي يىلاننى چىپىپ تاشلاپتىغۇ ؟!
   بۇ ۋاقىتتا سىمىز يۇگىرەپ كىلىپلا :' ئىچىدىكى گۆھەرنىڭ بىرسى چوقۇم ئالۋاستى مۆھىرى ، يەنە بىرسىچۇ ؟ تارىخى ماتىرياللاردا ئەزەلدىن خاتىرلەنمىگەنكەن  ، ماۋۇ قاشتىېشى قورچاق ساۋۇتمۇ يە؟!" دەپ سورىدى.
 مەن سىمزگە گەپ قىلماسلىق ئىشارىسى قىلىپ ئاخىرنى ئوقىۋەردىم .
  لۇشاڭ بىگى ئويغاندىن كىيىن چۈشىدىكى يىلان دەپ بەرگەن ئامالنى ئشلتىپ قۇتىنى ئىچىپتۇ ، بىراق يىپەك كىتاپتا قۇتىدىن قانداق گۆھەر چىققانلىقى يىزىلمىغان بولۇپ پەقەت لۇشاڭ بىگى گۆھەرنى ئىشلىتىپ سىناپ باقسا ئۈنۇمى ‹‹ ئىنايىن ياخشى چىققان ›› ، شۇڭا بۇ ئىشلارنى باشقىلارنىڭ بىلىپ قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۇن ئۆزىگە  ئەگىشىپ ھىلىقى قەۋرىگە چۈشكەن چىرىكلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۇرۇق –تۇققانلىرغا قوشۇپ قەتلى قىپتۇ ھەتتا بىرسىنىڭ ئەمدىلا  بىر ئايلىق بولغان بالىسىنىمۇ چىپىپ تاشلاپتۇدەك .
  مەن كۆرۇپ بۇ يەرگە كەلگەندە بەدىنىمنى ئىختىيارسىزلا تىتىرەك باستى . مەنچە لۇشاڭ بىگىنىڭ پىسخىكىسىدا چوقۇم مەسىلە بار ، بىر ئادەم قانىخورلىشىپ بۇ دەرىجىگە يىتىشى ئنتايىن قىيىن ، يىرىتقۇچ ھايۋانلارمۇ رەقىبىنىڭ بالىسىنى ئۆلتۇرمەيدىغۇ ؟!
  سىمىز ئاڭلاپلا : " ئۇ ئۆزى قانداقمۇ نۇرغۇن ئادەمنى ئۆلتۈرسۇن ؟ چوقۇم ھىلىقى گۆھەرنى ئىشلەتكەن گەپ ، تىز ئوقۇ ، ئاخىرىدا گۆھەرنىڭ نىمە نەرسە ئىكەنلىكى بارمۇ – يوق ؟ تىز .. " دەپ چالۋاقىدى .
    مەن ئارقىدىنلا تىللاپ : " ئاناڭنى چوشقا ، تولا گەپ قىلماي قاشتىشى قورچۇقىڭنى يۇغۇشتۇر ! " دەپ ۋارقىرىدىم .
   سىمىز ھىجىيىپ تۇرۇپ: " ماقۇل ، ماقۇل ... مەن گەپ قىلمىساملا بولىدىغۇ ! ئاناڭنى تىزراق ئوقىمامسەن ؟ ئاڭلاۋىرىپ قۇلۇم ئەمەس ئۈچىيىممۇ قىچىشىپ كەتتى " دىدى .
  مەن ئوقۇشنى داۋاملاشتۇردۇم .
   كىيىنكى نەچچە ئون يىلدا ئۇ قولىدىكى ئىككى خىسلەتلىك گۆھەرگە تايىنىپ ھەممە ئىشتا دىگۈدەك ئۇتۇق قازىنىپتۇ  . مەيلى ئۇرۇشتا بولسۇن ياكى ھاكىميەت يۈرگۈزۈشتە بولسۇن ھەممە ساھادە دىگۈدەك داڭ چىقىرىپتۇ . بىراق ئۆمۈرىنىڭ ئاخىرىغا بارغاندا ئۇنىڭ ئىلگىرى ئۇزاق ۋاقىت  جەسەت ، مىيىتلار بىلەن ئۇچراشقانلىقى سەۋەبىدىن سالامەتلىكىدە ئىغىر مەسىلە كۆرۈلگەچكە پادىشاھ ئۇنى قىرى كۆرۈپ ھاكىميەت باشقۇرۇش ۋە ھەربى ئىشلار ۋەزىرلىك ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىپتۇ ، ئۇنىڭغا پەقەت كىپەن ئوغۇرلاش قوشۇنىغا باشامچىلىق قىلىش ھوقوقىنىلا قالدۇرۇپ قويۇپتۇ . ئەمىلىيەتتە ئۇنىڭ ھەربى ھوقۇقىدىن بەھرىمان بولىشى ئۇنىڭ ھەممىدىن قۇرۇق قالغانلىقىدىن دىرەك بىرەتتى .
    لۇشاڭ بىگى سالامەتلىكىنىڭ كۈنسىرى ناچارلىشىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلىپ ئۆزىنىڭ تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كىتىشىدىن ئەنسىرەشكە باشلاپتۇ . بىر كۈنى كىچىسى ئۇ ئون نەچچە يىل ئىلگىرىكى گىگانىت يىلاننى يەنە چۈشەپتۇ . يىلان ئۇنىڭغا ئەجىلىنىڭ توشقانلىقىنى ، ئۇلارنىڭ ئۇ دۇنيادا لۇشاڭ بىگىنى ساقلاۋاتقانلىقىنى ئىيتىپتۇدەك ، لۇشاڭ بىگى قارىغۇدەك بولسا ھەممىسى دىگۈدەك ئۆزى ئىلگىرى قەبىھ ۋاستىلەر بىلەن ئۆلتۈرىۋەتكەنلەرمىش . ئۇ ئويغانغاندىن كىيىن كۆرگەن چۈشىدىن ئىنتاھىن قورقۇپ مۇشاۋۇرىدىن تەبىر سوراپتىدەك .
   ئۇنىڭ مۇشاۋۇرى قەدىمكى ئۇرۇشقاق بەگلىكلەر دەۋرىدىكى ‹‹ جۇگىلياڭ ›› بولۇپ ئىنتاھىن بىلىملىك كىشى ئىكەن . شۇڭا ئۇ لۇشاڭ بىگىگە تىخىمۇ ئىلگىرىكى زاماندا قاشتىشى قورچاقنىڭ بولغانلىقىنى ، ئۇنى كىيىۋالسا ياشىرىپ ئۆلمەيدىغانلىقىنى ، بىراق ئۇ نەرسىنىڭ ئىز–دىرىكىنى بىلمەيدىغانلىقىنى ، قەدىمى قەۋرىلەردىن ئىزدەپ بىقىش لازىملىقىنى ئىيتىپ بىرىپتۇدەك . بۇ ۋاقىتتا لۇشاڭ بىگىنىڭ باشقا تاللىشى بولمىغاچقا ، يەنە كىلىپ لۇشاڭ بىگى قەۋرە ئوغۇرلاشقا ماھىر بولغاچقا كىچە – كۈندۈز قەدىمى ماتىرىياللارنى ئاختۇرۇپ ئاخىرى قاشتىشى قورچاق بولۇش ئىھتىماللىقى بولغان چوڭ قەۋرىنى تىپىپتۇ .  
     ئارقىدىنلا ئۇ ئۈچ مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنى ھەركەتلەندۈرۈپ يىرىم يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت سەرىپ قىلىپ ئۆزى مۆلچەرلىگەن دائىرىدىكى تاغنى تىشىپ كۆلىمى ئىنتايىن چوڭ بولغان غەربى جوۋ سۇلالىسى پادىشاھىنىڭ قەۋىرسىنى تىپىپتۇ . قەۋرە ياسالغان قەۋرە تەبىئى شەكىللەنگەن ئۆڭكۈردىن پايدىلىنىپ نۇرغۇنلىغان سەككىز سەپلىك يوشۇرۇن توزاقلار ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ لۇشاڭ بىگى كىپەن ئوغۇرلىرىنىڭ پىشىۋاسى بولمىغان بولسا ھەرگىزمۇ كىرەلمەيدىكەنتۇق . بۇ قەۋرىدىكى ئەڭ غەلىتىلىك شۇكى : " قەۋرىنىڭ ئاساسلىق لەھەت رايۇنى ئۆڭكۈر ئىچىدىكى گىگانىت توققۇز باشلىق يىلان دەرەخىنىڭ ئاستىدا بىر – جۈپ ياش قىز – يىگىت قارا ئالتۇن كىيىمنى كىيىپ قاشتىشى كارۋات ئۈستىدە ياتقانلىقى ئىدى .
    ئۇنىڭ مۇشاۋۇرى ئىنتاھىن ئەقىللىق كىشى بولغاچقا قانلىق مۇردىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشنى بىلىدىكەن . شۇڭا ئۇ ئالاھىدە ئۇسۇل بىلەن قاشتىشى قورچاق ئىچىگە كىرىپ بولغان قانلىق مۇردىنى چىقىرىپ قوشۇمچە لەھەت رايۇنىدىكى تاش جەسەت ساندۇقىغا ياتقۇزۇپ قويۇپتۇ ھەمدە ئالدىن پىلانلىغىنى بويىچە لۇشاڭ بىگىگە يالغان ئۆلۈم دورىسىنى يىگۈزۈپ لۇ شاھى ئالدىدىلا ساختا ئۆلگەن كۆرنۈشنى پەيدا قىلىپ لۇ شاھىدا لۇشاڭ بىگىنىڭ ھەقىقەتەن پانى ئالەم بىلەن باقى ئالەم ئوتتۇرسىدا ئەركىن بىرىپ كىلەيدىكەن دىگەن قاراشنى پەيدا قىلىپ ئۆزىگە ئادەتتىكى بەگلەردىن نەچچە ھەسسە يۇقرى دەپنە ئىمتىيازىنى قولغا كەلتۈرۈپتۇ . ئۇنىڭ تۇققانلىرى قەۋرە ياساشنى باھانە قىلىپ لۇشاڭ بىگى تاپقان غەربى جوۋ سۇلالىسى قەۋرىسىنىڭ ئۈستىگە يەلپۈگۈچ شەكىللىك يەنە بىر قەۋرە ياساپ ، قەۋرە ئىچىگە نۇرغۇنلىغان سىھىر – جادۇلۇق توزاقلارنى قۇرۇپ يەتتە يالغان جەسەت ساندۇقىنى قويۇپ قويۇپتۇ . غەربى جوۋ پادىشاھىدىن سالدۇرىۋالغان قاشتىشى قورچاق ساۋۇتنى لۇشاڭ بىگى ئۆزى كىيىپ قوش قاتلىق جەسەت ساندۇقىغا كىرىپ گىگانىت دەرەخ ئىچىگە يوشۇرنىۋالغانمىش .
   لۇشاڭ بىگى جەسەت ساندۇقىغا كىرىشتىن بۇرۇن قەۋرە ياساشقا قاتناشقان بارلىق ھۈنەرۋەنلەرنىڭ پۇت – قولىنى باغلاپ دەرياغا تاشلىۋىتىپ ئۆزىگە ئەگەشكەن چىرىكلەرگە زەھەر ئىچكۈزۈپ ئۆلتۈرچەتكەن . ئەڭ ئاخىرىدا لۇشاڭ بىگىگە سادىق بىر جۈپ ئەر – ئايال ھەممە ئىشنى تۈگەتكەندىن كىيىن ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغان ئىكەن . پەرىزىمچە جەسەر ئۆڭكۈرىدىكى نۇرغۇنلىغان جەسەتلەر شۇ دەۋىردىن قىپقالغان بولسا كىرەك .
  بۇ ۋاقىتتا كۆڭلۇمدە بىر گۇمان پەيدا بولدى –دە كەنجى تاغامدىن :" ھىلىقى مۇشاۋۇر ئاخىرىدا قانداق بولغاندۇ ؟ بۇ يەردە ئۇ توغۇرلۇق بىر نەرسە يىزىلماپتۇ ؟! ئەجەبا ئۇمۇ لۇ شاڭ بىگىگە قوشۇپ دەپنە قىلىنغان ؟" دەپ سورىدىم .  
   كەنقى تغام بىشىنى چايقاپ تۇرۇپ :" ئۇ ئادەم بەك ئەقىللىق ئىكەن ، لۇشاڭ بىگىنىڭ ئادەم ئۆلتۇرۇپ ئسپاتنى يوقىتىدىغانلقىنى چوقۇم ئالدىن ھىس قىلالايدۇ ، ئۇنىڭ لۇ شاڭ بىگىگە قوشۇلۇپ دەپنە بويۇمىغا ئايلىنىپ كىتىشى مۇمكىن ئەمەس...." دەپ جاۋاپ قايتۇردى .
  بۇ ۋاقىتتا بوتۇلكا  سوغۇقلا ئىيتتى :" ئەلىۋەتتە ئۇنداق بولمايدۇ ! چۇنكى ئاخىرىدا قا

parakende يوللانغان ۋاقتى 2014-6-22 13:23:59

@tewekkulchi

   كەنقى تغام بىشىنى چايقاپ تۇرۇپ :" ئۇ ئادەم بەك ئەقىللىق ئىكەن ، لۇشاڭ بىگىنىڭ ئادەم ئۆلتۇرۇپ ئسپاتنى يوقىتىدىغانلقىنى چوقۇم ئالدىن ھىس قىلالايدۇ ، ئۇنىڭ لۇ شاڭ بىگىگە قوشۇلۇپ دەپنە بويۇمىغا ئايلىنىپ كىتىشى مۇمكىن ئەمەس...." دەپ جاۋاپ قايتۇردى .
بۇ ۋاقىتتا بوتۇلكاسوغۇقلا ئىيتتى :" ئەلىۋەتتە ئۇنداق بولمايدۇ ! چۇنكى ئاخىرىدا قا

------------------------
26 - باب چالا يوللىنىپ قالدىمۇ قانداق ؟


===========================

tewekkulchi يوللانغان ۋاقتى 2014-6-22 13:34:45

چۈنكى ئاخىرىدا قاشتېشى ساۋۇتقا كىرگىنى لۇشاڭ بېگى ئەمەس،ئۇنىڭ مۇشاۋۇرى

tewekkulchi يوللانغان ۋاقتى 2014-6-22 13:35:01

چۈنكى ئاخىرىدا قاشتېشى ساۋۇتقا كىرگىنى لۇشاڭ بېگى ئەمەس،ئۇنىڭ مۇشاۋۇرى

parakende يوللانغان ۋاقتى 2014-6-22 13:44:38

tewekkulchi يوللىغان ۋاقتى2014-6-22 13:35 static/image/common/back.gif
چۈنكى ئاخىرىدا قاشتېشى ساۋۇتقا كىرگىنى لۇشاڭ بېگى ئەم ...

ئوغرىنى قاراقچى جايلاپتۇ دە :lol
بەت: 1 2 [3] 4 5 6 7 8 9 10 11 12
: كېپەن ئوغرىلاش خاتىرىسى