musilina1 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-30 10:41:15

ئاخىرى تېخى يوللانماپتىغۇ،قاتتىق بىر ئوقۇۋېتەي دەپ كىرسەم.....

SIRLIK يوللانغان ۋاقتى 2014-6-30 11:18:12

ۋاي داۋامى چىقماپتىغۇ

EzQi0908 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-30 11:20:52

بۇ مەن ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان بىر ئىش بولدى دىسە. تىرىك مۇردا دىگەن تەقدىردىمۇ ئۇ سەكرەپ-سەكرەپ دىگەندەك ھەر كەت قىلىدۇ، ئۇنىڭ كۈلگىنى بىر قىزىقارلىق ئىش-تە؟ جاڭچىلىڭ كۆڭلىدە قاتتىق جىددىيلەشتى ۋە ئارقىسىغا بىر قەدەم ياندى. ھۇشيارلىقى ھەسسىلەپ ئاشتى، ئۇ كۆڭلىدە ئۇ جەسەتتىن كىلىدىغان تۇيۇقسىز زەربىگە تەييارلىق كۆرىۋاتاتتى.ئويلىمىغان يەردىن ھېلىقى جەسەتنىڭ ئۈستى تەرەپنى كۆرىسىتىپ تۇرغان قۇلى بىردىنلا تۈپتۈز بولۇپ ئالدى تەرەپنى كۆرسەتتى. بۇنىڭ بىلەن تەڭلار ئۆينىڭ ئىچى غۇۋالىشىپ بايامقى نۇر چېچىپ تۇرغان مەرۋايىتتەك نەرسىلەرمۇ كۆرۈنمىدى.
   ئۇلار بۇ ئۆيگە كىرگەن ۋاقىتتا باتارىيەنى تىجەش ئۈچۈن قولچىرىقىنى ئۆچىرىۋېتىشكەن ئىدى. بۇ ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ ئارسىدىكى بىر قانچەيلەن قورقۇپ ۋارقىراپ كەتتى. جاڭچىلىڭ گەرچە ئۆي ئىچى غۇۋالاشقان بولسىمۇ، بىراق پۈتۈنلەي قاپقاراڭغۇ بولۇپ كەتمىگەنلىكىنى بايقاپ، ئالدىراپ بېشىنى كۆتۈرۈپ ئۈستىگە قارىدى. ئۇ شۇندىلا ئۆينىڭ تۆت تەرىپىدىكى تۈۋرۈكنىڭ ئۈستىدىكى يۇرۇقلۇقنىڭ ئۆچمىگەنلىكىنى بايقىدى، خۇددى گۇگۇمدىكى ئۇزنغا سۇزۇلغان كۇچىدا يېنىپ قالغان يول چىرىقىدەك پەقەت بىر بولۇڭنىلا يۇرۇتۇپ تۇراتتى. بۇ ۋاقىتتا چەتتە تۇرغانلارنىڭ ئارىسىدىن بىرسىنىڭ تىتىرەپ تۇرۇپ:« تام، تام تامدا بىر ئادەمنىڭ چىرايى باركەن!!»دىگەن ئاۋازى ئاڭلاندى.
   جاڭچىلىڭ قاتتىق چۈچۈپ بېشىنى بۇراپ شۇنداق قارىغان ئىدى، شەرق تەرەپتىكى ھېلىقى يۇرۇق بولۇڭدىكى نۇرنىڭ يۇرىقىدا تامدا ناھايتىمۇ چوڭ بىر ئادەمنىڭ چىرايىنىڭ پەيدا بولۇپ قالغانلىقىنى كۆردى.
   جاڭچىلىڭ كۆڭلىدە يەنە بىر مەيدان«ئويۇن»نىڭ باشلانغانلىقىنى پەملەپ، سەل جىلە بولغان ھالدا تاش تەخسە ئۈستىدىن سەكرەپ چۈشۈپ، شەرق تەرەپتىكى ھېلىقى تام تەرەپكە كىلىپ سىنچىلاپ قاراپ ئۇنىڭ ئەمەلىيەتتە تامغا ئويۇلغان ئادەم چىرايى ئىكەنلىكىنى كۆردى. بۇ ئويما رەسىم نۇرنىڭ كىسىشىشى ئارقىسىدا ئاندىن كۆزگە ئىنىق چېلىقاتتى، بولمىسا پەرق قىلغىلى بولمايتتى، بەكمۇ قورقۇنۇچلۇق بولۇپ ئادەم ھازىرقىدەك جىددىيلىشىپ تۇرغان پەيتتە تېخىمۇ قورقۇنۇچلۇق بىلىنەتتى.
   جاڭچىلىڭنى تويۇقسىز توك سوققاندەك بولدى. ئۇ سىنچىلاپ قارىغان ئىدى ئەسلىدە تامدىكىسى بىر ۋەقەلىك تەسۋىرلەنگەن رەسىم ئىكەن. رەسىمنىڭ مەزمۇنىدىن قارىغاندا بۇ قەبرە قۇرۇلىشى تاماملانغان ۋاقىتتىكى كۆرۈنۈشتەك قىلاتتى. ئۇ كۆرىۋاتقان رەسىمدىكى ئەرش ئوردىسى بىر ناھايتى تىك بىر تاغنىڭ ئۈستىگە ياسالغان ئىدى. تاغنىڭ چۇقىسىدىكى بۇلۇتلارنى قۇيۇق تۇمانلار ئورىۋالغان، بۇ تۇمانلار بۇ قۇرۇلۇشنىمۇ قورشىغان بولۇپ قارىماققا خۇددى ئاسمان بىلەن تۇتۇشۇپ كەتكەن تۇيغۇ بىرەتتى. جاڭچىلىڭ تاغ ئۈستىدىكى قۇرۇلۇش مەنزىرىسىنى كۆرۈپ بۇنىڭ زادى قايسى تاغ ئىكەنلىكىنى ئويلاپ قالدى.
   ئۇ بۇرۇلۇپ قارىغان ئىدى قالغان تاملاردىمۇ يۇقارقىدەك ۋەقەلىك تەسۋىرلەنگەن رەسىملەر كۆرۈندى. ئۇ ئالدىراش جەنۇپ تەرەپتىكى تام تۈۋىگە بېرىپ قاراشقا باشلىدى. ئۇ ئەرش ئوردىسىنىڭ ئاستىدىكى بىر ھاڭدا تاشنىڭ يۈزىنى سىلىقلاپ بىر ئاسما يول ياسالغانلىقى يوللارنىڭ بىر-بىرىگە تۇتۇشۇپ كەتكەنلىكىنى، سەپ-سەپ ئىشچىلارنىڭ كىرانغا ئوخشايدىغان بىر نەرسە بىلەن غايەت زور چوڭلۇقتىكى بىر تاۋۇتنى ھېلىقى يوللار ئارقىلىق ئۈستىگە كۆتۈرىۋاتقانلىقىنى، مىيت ئۇزىتىدىغان بىر گۇرۇپپا كىشىلەرنىڭ بولسا تارتىش يۈنىلىش بۇيىچە تاۋۇتنى ئۈستىگە قولى بىلەن ئىتتىرىۋاتقانلىقىنى كۆردى.بۇ ۋاقىتتا جاڭچىلىڭ ئاھ ئۇرۇپ قويدى. بۇ رەسىمدىكىسى ئىنىقكى بىر قەبرە ئىكەن، ئۇنداقتا تاۋۇتقا سېلىنغىنى كىمدۇ؟
   ئۇ ئارقىدىن غەرپ تەرەپتىكى تامغا قارپ ماڭدى. بۇ تامدىكى رەسىملەر تېخىمۇ غەلىتە ئىدى. رەسىمدە ھېلىقى يوللاردا ئوت كۆيىۋاتقان بولۇپ مىيتنى ئۇزۇتۇپ بولغاندىن كېيىن كىرىش ئېغىزىنىڭ ئاشكارلىنىپ قالماسلىقى ئۈچۈن بۇ يەرنى كۆيدۈرىۋاتقاندەك قىلاتتى. بۇنداق قىلغاندا قەبرە قازغۇچىلارنىڭ بۇ يەرنى پاراكەندە قىلىشىدىن ساقلانغىلى بولاتتى. جەنۇپپەرەس بولسۇن ياكى شىمالپەرەس بولسۇن ھېچكىممۇ بۇنداق ئىگىز چۇققىغا چىقىپ قەبرە قېزىشقا جۈرئەت قىلالمايتتى.
   ئۇ تا ھازىرغىچە بۇنداق غەلىتە قەبرىگە يولۇقۇپ باقمىغان ئىدى، ئىختىيارسىز ھەيران قالدى. ئۇ ئالدىراش ئەڭ ئاخىرقى تامدىكى رەسىمنىڭ ئالدىغا يۈگۈردى، ئۇقاراپلا ھەيران قالدى. ئۇ يۈگۈرگەن پېتى بېرىپ ئەڭ ئاخىرقى بىر تال رەسىمنىڭ ئالدىغا باردى ۋە رەسىمگە قاراپ ھەيران قالدى. چۈنكى بۇ رەسىم ناھايتى ئاددى بولۇپتاغ چۇقىسىدىكى ئەرش ئوردىسى تۇيۇقسىزلا غايىپ بولغان، پەقەت ئاپئاق قارلا كۆرىنەتتى، چوڭقۇر ھاڭ ئاپئاق بۇلۇتلار بىلەن ئورىۋېلىنغان.جاڭچىلىڭ بۇلارغا قاراپلا بۇنىڭ قار كۆچۈش ئىكەنلىكىنى بىلىۋالدى.
   ئۇ ئوت كۆيۈپ بۇ يەرنىڭ تىمپىراتۇرىسىنى ئۆرلەتكەن بولسا، ئەرش ئوردىسىنىڭ ئەتراپىدىكى قارلار ئاستا-ئاستا ئىرىپ چوڭ كۆلەمدىكى قار كۆچۈشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولىشى مۇمكىن دىگەنلەرنى پەرەز قىلدى. بۇ قار پەقەت ئەرش ئوردىسىنى ئورىۋېلىپلا قالماي پۈتۈن تاغ باغرىنى تولۇق يۆگىگەن، بۇ ھەيۋەتلىك ئوردا پۈتۈنلەۇ قار ئاستىدا قالغان.
   ئۇ بۇلارنى كۆرۈپ ئېغىر خۇرسىندى. پەلەكتىكى ئەرش ئوردىسىنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ مۇنداق بولغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى. قارىغاندا بۇ قەبرىنىڭ باش لاھىيىىگۈچىسى ۋاڭساڭخەي يۇقارقى ئەھۋاللارنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلمىغان، ۋە ئۆزىنىڭ بۇ ئەمگەك مىۋىسىنى قارلار دۆۋىسى ئارىسىدا سىرلىقلاشتۇرۇپ يۇشۇرغان.ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ بۇ داڭلىق مىۋىسىنىڭ ياسىلىش ۋە يۇقۇلۇش جەريانىنى رەسىملەر ئارقىلىق بايان قىلىشىمۇ ئۇنىڭ سىرلىقلىق تۈسىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇش ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلىشقا بولاتتى. ئۇ بۇنداق زور ئىجادىيىتىنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن بايقالماي مەڭگۈ سىر پېتى تۇرۇپ قالسا ياخشى بولمايدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ مانا مۇشۇنداق سىرلىق ئۇسۇلدا خاتىرە قالدۇرۇپ قويغان.
   ھازىرقى ئەڭ نامەلۇم بولغان مەسىلە شۇكى_ بۇ قەبرىگە زادى كىمنىڭ كۆمۈلگەنلىكى ئىدى. جاڭچىلىڭ يەنە غەمگە پاتتى.بۇ چاغدا ۋېنجىن ۋە باشقا بىرقانچەيلەن بولۇڭدىكى ئەينەكنى يۆتكىمەكچى بولىۋاتاتتى. جاڭچىلىڭ بۇنى كۆرۈپ ئازراق غەلىتىلىك ھىس قىلدى ۋە ئۇنىڭدىن نىمە قىلۋاتقانلىقىنى سورىدى. ۋېنجىن ئالدىراش ھالدا:" مەن بايام ئۈچىنجى تاغىنىڭ مۇشۇنداق ئەينەك ئالدىدا ئۇزۇن ئولتۇرۇپ ئارقىدىن غايىپ بولغانلىقىنى كۆردۈم!" دىدى.
   جاڭچىلىڭ شۇندىلا ئۈچىنچى تاغىنى ئىسىگە ئېلىپ، ئالدىراش يۈگۈرۈپ بېرىپ ئۇلارغا ياردەملەشتى. بۇ ئىككى مېتىر ئىگىزلىكتىكى مىستىن قاپلانغان ئەينەك ناھايتىمۇ ئېغىر بولۇپ، ئۇلار خېلى كۈچەپ ئاران دىگەندە يېرىم مېتىرچە مىدىرلىتالىدى. كۆپچىلىك ھاسىراشقىنىچە بېشىنى كۆتۈرۈپ ئەينەك كەينىگە قارىغان ئىدى، ئەينەكنىڭ ئارقا تەرىپىدىكى كىرىش ئېغىزىنى كۆردى. جاڭچىلىڭ قولچىرىقىنى تەڭلەپ قاراپ باققان ئىدى، ئىچى قاپقاراڭغۇ كۆرۈندى. بۇ كىرىش ئېغىزى زادى قەيەرگە تۇتىشىدىغاندۇ؟
   كەنجى تاغا ئالدىنقى كۈنى قەبرىنىڭ ئومۇمى ئەھۋالىنى قىياس قىلغاندا بىز تۇرىۋاتقان بۇ ئۆينىڭ بارلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغان. بىراق جاڭچىلىڭ بۇ قەبرىنىڭ كەنجى تاغا ئېيتقاندەك ئۇنچىۋالا ئاددى ئەمەسلىكىنى بۇرۇنلا پەرەز قىلغان.
   ئۇ قولچىرىقىنى ياندۇرۇپ باشقىلارنى باشلاپ ئىچىگە قاراپ ماڭدى. قولچىرىقىنىڭ باتارىيىسى تۈگەي دەپ قالغان بولۇپ ناھايتى بوش ياناتتى. ۋېنجىن ئەڭ ئالدىدىكى ۋە ئەڭ ئارقىسىدىكى ئىككى ئادەمنىلا قولچىرىقىنى ياندۇرۇپ مېڭىشقا، باشقىلارنى قولچىراقنى ئۆچۈرۈشكە بۇيرىدى. بۇ ئۆتۈشمە يول ناھايتى كەڭ بولۇپ تۆت ئادەم قاتارلىشىپ ماڭالايتتى. خولىڭ جاڭچىلىڭ بىلەن ۋېنجىننىڭ ناھايتى يېقىن ماڭغانلىقىنى كۆرۈپ، ئازراق بىئارام بولۇشقا باشلىدى. بۇ ۋاقىتتا خولىڭ ئۇلارنىڭ ئارىسىغا مەجبۇرى سوقۇلۇپ كىردى. جاڭچىلىڭ بۇنىڭ بىلەن كارى بولماي، ھۇشيارلىق بىلەن ئالدى تەرەپنى كۆزەتتى. ئالدى تەرەپتە بىر نەرسە مىدىرلاۋاتقاندەك كۆرۈندى.
   بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئەتراپىدىكى تېخىمۇ قۇيۇقلىشۋاتقان تۇمان ۋە مۇدھىش پۇراق ئۇنىڭ دىققىتىنى تارتتى. بۇ مۇدھىش پۇراق بارا-بارا قۇيۇقلىشىپ ئادەمنى سەسكەندۈرۈشكە باشلىدى. بۇ ۋاقىتتا جاڭچىلىڭ كەينىگە بۇرۇلۇپ ۋېنجىندىن سورىماقچى بولدى. ئويلىمىغان يەردىن جاڭچىلىڭنىڭ كەينىدىن مېڭىۋاتقانلار يەرگە يېقىلغان ئىدى. ۋېنجىن بېشىنى كۆتۈرۈپ جاڭچىلىڭغا بىر مەرتەم قارىدى-دە، ئۇمۇ ھۇشىدىن كەتتى.
   جاڭچىلىڭ بىر شۇملۇقنى سەزگەندەك بولۇپ دەرھال نەپەس ئالماي قولى بىلەن بۇرنى ۋە ئېغىزىنى ئىتىۋالدى. كىم بىلسۇن ئۇ ئاللىقاچان كىچىككەن ئىدى. ئۇ قانداقتۇر بىرخىل تاقابىل تۇرغىلى بولمايدىغان بىئاراملىقنىڭ پۈتۈن بەدىنىنى قىيناشقا باشلىغانلىقىنى سەزدى ۋە ئارقىدىنلا يەرگە يېقىلىپ پۈتۈنلەي سېزىمىنى يۇقاتتى.بىر ھازادىن كېيىن ئۇ كۆزىنى زورىغا ئېچىپ ئالدىغا قارىدى، بۇ چاغدا كەنجى تاغا ئۇنىڭ ئالدىدا زوڭزۇيۇپ ئولتۇرۇپ ئۇنىڭغا تىكىلىپ قاراۋاتاتتى.
   سۆزلەپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە بوتولكا گەپ قىستۇردى:" مەن ھۇشۇمغا كىلىپ قارىسام دوختۇرخانىنىڭ كىسەل كارۋىتىدا يېتىپتىمەن، ھېچنىمە ئىسىمدە يوق. شۇ ئىش بولۇپ بىرقانچە ئايلاردىن كېيىن بەزىبىز ئىشلار ئازراق ئىسمگە كەلگەندەك بولدى. يەنە بىر قانچە يىللاردىن كېيىن مەن ئۆزۈمنىڭ كاللىسىدىن ئازراق چاتاق چىققانلىقىنى ھىس قىلدىم."
   مەن گەپ قىستۇردۇم، "سەن ئۆزۈڭنى قېرىپ كەتكەندىن ھىس قىلىپ قالدۇڭمۇ ؟ "   ئۇ مىنىڭ سۇئالىمغا پىسەنت قىلماي ئۇلاپلا سۆزىنى داۋام قىلدى_" مەن بۇنىڭ نىمە ئىش ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بىرەلمەيمەن. بىراق مەن ئۈچ ئاي ئىلگىرى سىنىڭ كەنجى تاغاڭنى ئۇچرىتىپ قالدىم، ئۇنى بىر كۆرۈپلا كۆزۈمگە ناھايتى تۇنۇشتەك كۆرۈندى، تېخىمۇ كۆپ ئىشلارنى ئىسىمگە ئېلىش ئۈچۈن سىلەرگە ئەگىشىپ لۇ بېگىنىڭ قەبرىسىگە باردىم."سۆزلەپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە ئۇ بۇرۇلۇپلا ماڭا قارىدى ۋە:" مىنىڭ ۋاڭ بېگىنىڭ قەبرىسىدە سىنىڭ كەنجى تاغاڭنى ئۇچرىتىپ قالغىنىم ناھايتىمۇ غەلىتە ئىش!" دىدى.
   مەن ھەيران قالدىم، ئۇنىڭ نىمە دىمەكچى بولغىنىنى بىلمىدى. بوتولكا گېپىنى داۋاملاشتۇرۇپ:" سىلەر ھېلىقى مىس تاۋۇتنىڭ ئىچىدىن ئالغان كىتاب ئەمەلىيەتتە ساختا، ئۇ كىتاب ئاللىبۇرۇن سىنىڭ كەنجى تاغاڭ تەرىپىدىن ئېلىپ كىتىلگەن" دىدى.
   مەن تېخىمۇ ھەيران قالدىم." قۇرۇق گەپ! ئۇ كىتابنى سەن ئېپكەتكەن ئەمەسمىدىڭ!؟"دىدىم-مەن.
   بوتولكا ماڭا سوغۇققىنا قاراپ قۇيۇپ:" ياق مەن ئەمەس، دەل سىنڭ كەنجى تاغاڭ. كەنجى تاغاڭ ۋە داكۈي ئىككىسى بىر دەرەخنىڭ كەينىدىن تۈشۈك كولاپ قەبرىگە كىرگەن. بۇمۇ بەلكىم داكۈينىڭ نىمىشقا ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنىڭ سەۋەبى بولسا كېرەك؟" دىدى.
   مەن بۇلارنى ئاڭلاپ تەرلەپ كەتتىم، ئادەتتىكى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىن بەكرەك جىددىيلەشتىم. مەن كەنجى تاغام تەرەپتە تۇراي دىسەممۇ بىراق نۇرغۇن ئەھۋاللار چاقماق كەبى كۆز ئالدىمدىن ئۆتۈشكە باشلىدى. مەن داكۈينىڭ نىمىشقا زەھەرلىنىپ قالغانلىقىنى، ئەسلىدىنلا ناھايتى سەگەك تۇرغان فەنزىنىڭ نىمىشقا بىز يەر يۈزىگە چىققىنىمىزدا ئاللىقاچان ھۇشىدىن كەتكەنلىكىنى، مەن ۋە سىمىز ئىككىمىزنىڭ تېخى ھېلىقى قەبرىدىن چىقىپ بولالماي تۇرسان كەنجى تاغامنىڭ نىمە بولۇپ بىزدىن ئاۋال چىقىپ بىنزىن توڭىنى كۆتۈرۈپ كەلگەنلىكىنى ئويلاشقا باشلىدىم.
   مەن قالغانلىرىنى ئويلاشقا جۈرئەت قىلالمىدىم. دۇنيادىكى ھەممە نەرسە يالغاندەك، كىمنىڭ راست، كىمنىڭ يالغان سۆزلەۋاتقانلىقىنى ئاڭقىرالمايلا قېلىۋاتاتتىم. مەن خۇددى كونتروللىقىنى يۇقاتقاندەك ئۆز –ئۆزۈمگە:" ياق، ياق، ئىش بۇنداق ئاددى ئەمەس. كەنجى تاغام زادى نىمىشقا مۇشۇنداق قىلىدۇ؟!" دىدىم.
   بوتولكا ماڭا ناھايتى سوغۇق نەزىرى بىلەن قاراپ:" ئەگەر ئۇ ئادەم راستىنلا سىنىڭ كەنجى تاغاڭ بولسا ، ئۇنداقتا ئۇنىڭ باشقا نىيىتى يوق، بىراق............." دەپلا ئېغىر ئۇھ تارتتى.
   مەن ئۇنىڭ نىمە دىمەكچى بولغانلىقىنى بىلەلمەيلا قالدىم. بىراق كۆڭلۈمدە بوتولكىنىڭ سۆزلىرىگە ئىشىنىۋاتاتتىم. مەن ئىختىيارسىز ئاچچىق كۈلدۈم. مەن ئەسلىدە كەنجى تاغام ماڭا قانچە قېتىم يالغان گەپ قىلغاندۇ دەپ ئويلايتتىم، بىراق ھازىر كەنجى تاغام ماڭا زادى قانچە قېتىم راست گەپ قىلغاندۇ؟ دەپ ئويلاپ قالدىم.
   مەن ئىشنىڭ بۇنداق ئۆزگۈرۈپ كىتىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدىم، بىراق ھازىر بۇلارغا باش قاتتۇرغاننىڭ پايدىسى يوق. زادى كىمنىڭ راست كىمنىڭ يالغانلىقىنى بىز بۇيەردىن چىقىپ كىتەلىسەك ئاندىن بىلىش مۇمكىن، ئەگەر چىقىپ كىتەلمەي مۇشۇ يەردە ئۆلۈپ كەتسەك ئۇ چاغدا بۇنى بىلگەننىڭمۇ نىمىگە پايدىسى.
   مەن دەرھال ئىسىمنى يىغىپ، ئۆزۈمنى سەل توختىتىۋالدىم.بۇ چاغدا سىمىز ئاللىقاچان تاش ئابىدىنىڭ ئالدىغا بېرىپ بولغان ئىدى. ئۇ تاشنىڭ ئالدىدا زوڭزۇيۇپ ئولتۇرۇپ بارماقلىرى بىلەن چاچلىرىنى تاراۋاتاتتى. « ئۆلگۈر سىمىز! سەن نىمە قىلىۋاتىسەن؟! سەل تەخىر قىلىپ تۇرساڭ بولمامدا؟» دەپ ۋارقىرىدىم مەن قاپىقىمنى تۈرۈپ.
   ئۇ بېشىنى بۇراپ ئايال كىشىنىڭ ئاۋازىنى دوراپ:« كەمىنە چاچ تاراۋاتىمەن، چېچىمنى تاراپ قويغانغا سىنىڭ جېنىڭنى ئالمايدۇ!سەن نىمە كوتۇلدايسەن!؟»دىدى.    مەن ئامالسىز قالدىم. ئۇنىڭغا:« ئەجىبا سەنمۇ پەلەك ئوردىسىنى كۆرۈپ باقماقچىمۇ؟» دىدىم.
   _«ئەلۋەتتە، ئۇنداق ھەيۋەتلىك، كەم تېپىلىدىغان مەنزىرىنى كىمنىڭمۇ كۆرگۈسى كەلمىسۇن؟ بۇنداق پۇرسەتنى مەن قانداقمۇ قولدىن بىرەي. بىز بۇ يەرگە دائىم كىرمەيمىز -دە. بۇ قېتىم بىزنىڭ ئازراق بايلىققا ئىرەشىلىمىزدە گەپ يوق. مىڭ جاپادا بۇ يەرگە كىرگەن ئىكەنمىز قۇرۇق قول قايتساق بولمايدۇ-دە!»دىدى سىمىز.
   -« ھۇ ئاناڭنى، ئەتىدىن شۇنچە دىققەت قىلىپ ئاڭلاۋاتاتتىڭ سىنىڭ مەقسىدىڭ شۇ بايلىق ئۈچۈنمىدى!؟» دىدىم مەن.
   ئۇ يەنە قايىل بولماي-«سەن بۇنداق دىسەڭ بولمايدۇ، مىنىڭ پەلەك ئوردىسىغا كىرىشىمدە باشقا بىر ئالاھىدە سەۋەب بار. سىلەر بىلەمسىلەر؟» دىدى.

EzQi0908 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-30 11:21:48

مەن ئۇنىڭغا:« سىنىڭ ئىچىڭدە نىمە ئويلاۋاتقىنىڭنى كىم بىلىدۇ، دىگىڭ كەلمىگەن بولسا بوپتۇ، بىراق شۇنى دەپ قۇيايكى بىزنىڭ ھازىر قىيىن ئەھۋالدا تۇرىۋاتقىنىمىزنى ئىسىڭدىن چىقارما، جان بولسا جاھان دەپتىكەن»دىدىم.
   سىمىز ماڭا :« جىددىيلەشمە، مەن دىمەكچى بولغان بۇ گەپ بىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىمىز بىلەن ناھايتىمۇ مۇناسىۋەتلىك. سەن باياتىندىن بىرى بوتولكىنىڭ(جاڭچىلىڭ)ھېلىقى پەلەك ئوردىسىنىڭ رەسىملىرى سىزىلغان ئۆي توغرىسىدا دىگەنلىرىنى ئاڭلىمىدىڭمۇ؟ ئۇنىڭ دىگەنلىرىگە قارىغاندا ئۇ ئۆي بىز تۇرىۋاتقان بۇ يەردىن خېلىلا ئىگىز، بۇنىڭغا ئاساسەن شۇنى پەرەز قىلىشقا بولىدۇكى ئەگەر بىز ئۇ يەرگە كىرسەك دېڭىز يۈزىگە خېلىلا يېقىنلاپ قالىمىز دىگەن گەپ، سەن بۇ قەبرىنىڭ دېڭىز يۈزى بىلەن بولغان ئارلىقىنى ئويلاپ باقمىدىڭمۇ؟ مۆلچەرىمچە ھېلىقى ئۆينىڭ ئۆگزىسى دەل بۇ قەبرىنىڭ ئەڭ ئۈستى تەرىپى بولىشى مۇمكىن. ئەگەر چىقىپ كەتمەكچى بولساق دەل ئاشۇ جاي بىزنىڭ چىقىش يولىمىز بولىشى مۇمكىن»دىدى.
   مەن ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ كۆز ئالدىم يۇرىغاندەك بولدى.مەن بىز سۇ ئاستىدىكى بۇ قەبرىگە كىرگەن چېغىمىزدا سۇ بېسىمىنى ئۆلچەش سائېتىگە قارىغان ئىدىم، سائەتتىكى سانغا ئاساسەن بىز ھازىر 13مېتىر چوڭقۇرلۇقتا ئىكەنمىز دەپ ئويلىغان، ھازىر كۆلنىڭ ئىچىدە تۇرىۋاتىمىز يەنە ئون نەچچە مېتىر تۆۋەنلىدۇق دىگەن گەپ، دىمەك بىز ھازىر 20ياكى30مېتىر چوڭقۇرلۇقتا دىگەن گەپ.مۇشۇ بۇيىچە ھېسابلىغاندا پەلەك بىز ھازىر كىرمەكچى بولغان ئۆينىڭ ئۈستى تەرىپىنىڭ سۇ يۈزى بىلەن بولغان ئارىلىقى ئەڭ كۆپ بولغاندىمۇ 10مېتىر كىلىدۇ دىگەن گەپ. سىمىزنىڭ دېگىنى راستىنلا توغرا.
   باياتىندىن بىرى بوتولكا(جاڭچىلىڭ)نىڭ ھېكايىسىنى ئاڭلاش بىلەنلا بولۇپ كىتىپ بۇ ئىنچىكە نوقتىلارغا دىققەت قىلمىغان ئىكەنمەن. مەن سىمىزگە خۇرسەنلىك بىلەن قارىدىم، ئۇمۇ ماڭا قارىدى. بۇ ئادەم قارىماققا ناھايتى قۇپال كۆرۈنگىنى بىلەن ناھايتى سەزگۈر ئىدى. قارىغاندا بۇندىن كېيىن ئۇنىڭدىن بىرەر ئىشنى يۇشۇرغىلىمۇ بولمىغۇدەك.
   مەن ئۇلارغا:« سىمىز ھەقىقەتەن دۇرۇس ئېيتتى. بىراق بىزنىڭ قولىمىزدا ھېچقانداق قۇرال بولمىسا، ئۆينىڭ ئۆگزىسىدىكى خىشلارنى نىمە بىلەن چاقىمىز؟ شۇڭلاشقا بىز ئاۋال بىرەر مىتالغا چاغلىق قۇرال تېپىپ ئاندىن ھەركىتىمىزنى باشلىساق بولارمىكىن. يەنىلا تىزراق بولايلى، يەنە تۇرىۋىرىدىغان بولساق دېڭىز دولقۇنىنىڭ پەسىيىش ۋاقتىمۇ ئۆتۈپ كىتىدۇ»دىدىم.
   مەن ئېغىزىمدا مۇنداق دىگىنىم بىلەن بىرەر مىتال قۇرال تاپالايدىغانلىقىمغا ئىشنمەيتتىم. چۈنكى بىز بۇ يەرگە كىرگەندىن بۇيان بىزگە ئۇچرىغىنى ساپلا ساپال قاچا بولىۋاتاتتى. بۇ ئىش تازا ئادەمنىڭ ئەقلىگە سىغمايتتى. بۇمۇ بەلكىم مۇشۇ قەبرە ئىگىسىنىڭ مەقسەتلىك ھالدا ئورۇنلاشتۇرۇشى بولسا كېرەك.ھازىرقى بىردىنبىر ئامال ئارقا تەرەپكى ئۆتۈپ ئىزدەپ بېقىش، ئەگەر ئۇ يەردىمۇ بولمىسا ئۇ چاغدا راستىنلا نەس باستى دىگەن گەپ.
   سىمىز مىنىڭ گېپىمنى ئاڭلاپ قاقاھلاپ كۈلۈپ كەتتى. « بۇنى مەن ئويلاپ قويدۇم. ھېلىقى ئۆينىڭ تۆت تەرىپىدە ئالتۇندىن ھەل بىرىلگەن مىس ئەينەك بار ئەمەسمۇ؟ بىز ئاشۇ ئەينەكلەرنىڭ پۇتىنى ئېلىپ ئاشۇنى قۇرال ئورنىدا ئىشلەتسەك بولىدۇ.»دىدى.
   مەن سىمىزنىڭ ناھايتى ئىشەنت بىلەن سۆزلەۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئىختىيارسىز ھالدا كۆڭلۈم خاتىرجەم بولدى. مەن ئۇنىڭغا:« ئۇنداقتا بوپتۇ، ئەمىسە بىز مۇشۇ بۇيىچە كىلىشتۇق، ئىشنى كىچىكتۈرمەيلى، تىزراق ھەركەتلىنەيلى. بىراق سۇنى دەپ قۇياي ئۇ يەرگە كىرگەندىن كېيىن سىنىڭ باشقا نەرسىلەرگە چېقىلىشىڭغا روخسەت يوق. بۇ يەردە ھەممە يەردە توزاق بار ئىكەن، كۆتۈلمىگەن ئىش يۈز بىرىپ ئەرزىمەس نەرسىلەر ئۈچۈن جېنىمىزنى سېلىپ بەرسەك بولمايدۇ. ۋاقىت دىگەن تېخى ئۇزۇن.»دىدىم.
   سىمىز بېشىنى لىڭشىتتى. ئۇي خىشلاردىن باشقا ھېچنىمىگە چېقىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. مەن ئۇنىڭ يەنە بايلىق خۇمارىنىڭ تۇتۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ بۇ گەپنى ئۇ بىزار بولۇپ ئاچچىقلانغانغا قەدەر بىرقانچە قېتىم جىكىلىدىم. مەن يەنە جاڭچىلىڭدىن ھېلىقى جاينىڭ كونكىرتنى قورۇلمىسىنى ئىنىق سورىغاندىن كېيىن، ئۇ يەرگە كىرگەندىن كېيىن يولۇقۇش ئېھتىماللىقى بولغان ئىشلار ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش ئۇسۇللىرى ھەققىدە ئۇلار بىلەن بىر قۇر سۆزلەشتىم. ئاۋال ھېلىقى كىرىش ئېغىزىنى تاپتۇق،ئارقىدىن ئۈچىمىز بىر-بىرلەپ ھېلىقى ئۆيگە كىرىدىغان يولغا كىردۇق. سىمىز ئاۋال ماڭدى، ئارقىدىن بوتولكا ماڭدى، مەن ئەڭ ئاخىرىدا ماڭدىم. بىردەم مېڭىپلا ئۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىغا قىستۇرىلىۋالدىم.
   مەن بوتولكىنىڭ بايانلىرىدىن بۇ يول توغرىسىدا خېلى چۈشەنچىگە ئىگە بولغان ئىدىم. دەسلەپ ماڭغىنىمىزدا ھېچنىمىنى ھىس قىلمىدىم، بىراق بارا-بارا بۇ يولنىڭ تۆت تەرپىدىكى تاملار يۇقاپ كەتكەندەك بولدى. مەن ئوتتۇرىدا ماڭغاچقا باشقا نەرسىدىن جىق قورقمىدىم، بىراق بۇ يەردىكى ئادەتتى تاشقىرى جىمجىتلىق مىنى بارا-بارا قورقۇتىۋاتاتتى. بىزنىڭ ماڭغاندىكى ئاياق تىۋىشىمىزدىن باشقا ئاۋاز يوق، خۇددى بىر غەلىتە مەخلۇق كەينىمىزدىن پالاقشىپ قوغلاپ كەلگەندەك ئادەمنى بىئارام قىلاتتى.سىمىز بۇلارنى ھىس قىلمايتتى. بۇ يول سەل تار بولغاچقا ماڭغاندا قىينىلىپ قېلىۋاتاتتى. ئۇ ئاغرىنىپ:« ھۇ ئاناڭنى! بۇ يولنى زادى كىم ياسىغان بولغىيتتى؟! بۇ ئىنىق بىز سىمىزلەرنى تۆۋەن كۆرگەنلىك بولماي نىمە!؟ پەلەك ئوردىسىغا چىقىدىغان يول بۇنداق بولىدىغان بولسا ھېچكىمنىڭ ئۇ يەرگە چىققۇسى كەلمىگۈدەك!»دىدى.
   مەن ئۇنىڭغا:« بۇنداق دىگىلى بولمايدۇ. ئۇنىڭ بۇ يەرنى مۇشۇنداق لاھىيىلىشىدە مەلۇم سەۋەب بولىشى مۇمكىن، بەلكىم بوشلۇقنى تىجەش، قەبرە گەۋدىسىنىڭ بەك چوڭ بولۇپ كىتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن مۇشۇنداق قىلغان بولىشى مۇمكىن، ئۇ سىمىزلەرنىڭ بۇ يەردىن ماڭىدىغانلىقىنى ئويلىمىغان-دە»دىدىم.
   سىمىز تۇيۇقسىز ۋارقىرىدى، ئۇنىڭ سىمىز گەۋدىسى تامنىڭ ئارىسىغا قىسىلىپ قېلىپ ماڭالمىغان ئىدى. «كىم سىنى پو ئاتسۇن دەپتۇ!؟ ئۆزۈڭنىڭ يۈزىگە كاچاتلا ئەمدى»- دىدىم مەن كۈلۈپ.
   سىمىز ئالدى-كەينىگە مىدىرلاپ باققان بولسىمۇ ماڭالماي قالدى. ئۇ جىلە بولۇپ:« شىياۋۋۇ، سەن تۇلا مىنى زاڭلىق قىلما! باياتىندىن ناھايتى ياخشى مېڭىۋاتاتتىم، قانداقسىگە بىردەمدە بۇنداق بولۇپ قالىدۇ؟» دىدى.
   مەن تـۆت تەرەپكە قارىدىم ۋە :« بەلكىم بۇ يول بارغانسىرى تارلىشىپ بارسا كېرەك، سەن كەينىڭگە ئازراق يېنىپ باققىن »دىدىم ئۇنىڭغا.
   سىمىز كۈچەپ كەينىگە قاراپ تارتىشقان بولسىمۇ يەنىلا مىدىرلىماي ئۆز ئورنىدا تۇراتتى. « ياق ئۇنداق ئەمەسكەن، بۇ يول راستلا تارلىشىپ قاپتۇ. نىمىدىگەن سىرلىق! شىياۋۋۇ قارىسام ئەھۋال چاتاقتەك تۇرىدۇ»دىدى-سىمىز.
   بىز بۇ يەرگە كىرگەندىن باشلاپ بېشىمىزنى تۆۋەن سېلىپ ئالدىغا مېڭىۋىرىپتۇق، تامغا راستلا دىققەت قىلماپتۇق. كاللامغا قانداقتۇر بىر غەلىتە خىياللار كىلىۋالدى. شۇ ئەسنادا ئىككى تەرەپتىكى تامنىڭ مىدىرلاۋاتقانلىقىنى سەزدىم، خۇددى ئىككى تام بىرىكىپ كىتىدىغاندەكلا.
   بوتولكىمۇ تامنى سىلاپ بېقىپ:« راست شۇنداقكەن، ۋاقىت قالمىدى، بىز دەرھال كەينىمىزگە يېنىپ چىقىپ كىتەيلى. بۇ يەردىن چىقىپ بولۇپ ئاندىن پىلان تۈزەيلى!»دىدى.
   بۇ راستلا چاقچاق قىلىدىغان ئىش ئەمەس، ئەگەر تام راستلا بىرىكىپ قالىدىغان بولسا بىز ئۈچىمىز ئۈچ تال قۇتۇرماچقا ئوخشاپ قالاتتۇق. بوتولكا بىلەن ئىككىمىز كەينىمىزگە قاراپ يۈگۈردۇق. سىمىز بىزنىڭ تىز يۈگۈرۈپ كىتىۋاتقىنىمىزنى كۆرۈپ بەدىنىنى كۈچەپ يانغا بۇرىدى، ۋە جىددىيلەشكەن ھالدا:« ساقلاپ تۇرۇڭلا، ساقلاپ تۇرۇڭلا، ھۇ ئاناڭنى! ئۈزۈڭلا بىلەنلا بولۇپ كەتمەڭلا!!!» دەپ ۋارقىرىدى.
   مەن ئەزەلدىن بۇنداق تىز يۈگۈرۈپ باقمىغان ئىدىم، خۇددى پۈتۈن كۈچۈمنى ئىشلەتكەندەك. مەن يۈگۈرۈپ چىقىش ئېغىزىغا كەلگىنىمدە ئىككى تەرەپتىكى تام خېلىلا بىر-بىرىگە يېقىنلاپ قالغان ئىدى، ھەتتا مەنمۇ بەدىنىمنى يانتۇ قىلىپ ئاران ئۆتەلىدىم. سىمىز ئۇدۇل ماڭالمىغاچقا بەدىنى يانتۇ قىلىپ يانچە ماېڭىۋاتاتتى. بوتولكا قولىنى سوزۇپ ئىشىكنى ئاچماقچى بولدى، ئۇ تۇيۇقسىز ۋارقىراپ:« ھۇ ئاناڭنى! بىرسى ئىشىكنىڭ تۇتقۇچىنى بۇزىۋېتىپتۇ!!!» دىدى.
   بۇنى ئاڭلاپ سىمىزنىڭ چىرايى كۆكىرىپ كەتتى، « ھۇ ئىتنىڭ كۈچىكى!! نەس باسقان پەلەك ئوردىسى(ساماۋى ئوردا)!! تىزراق بىر ئامال تېپىڭلار!! بولمىسا بىز مۇشۇ يەردە تۈگىشىمىز»دىدى-ئۇ.
   مەن جىددىيلىشىشكە باشلىدىم، ئىككى تەرەپتىكى تامنىڭ بارغانسىرى يېقىنلاۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئۆلگەندىنمۇ بەكرەك بىئارام بولىۋاتاتتىم. بىراق شۇ تاپتا يەنە نىمە ئامال بولسۇن!؟ بۇنداق ئەھۋالدا بىرەر مۆجىزە يۈز بىرىپ قالمىسا ھەرقانچە ئەۋلىيا بولسىمۇ قېچىپ قۇتۇلالمايتتى. « يەنە نىمە ئامال بولسۇن!؟ ئالدىمىزغا يۈگىرەيلى، ئالدىمىزدا بىرەر كىرىش ئېغىزى بولۇپ قالمدۇ تېخى!« دىدىم-مەن.
   بوتولكا مىنى تارتىپ:« ئۇ تەرەپكە بارغۇچە 10مىنۇتچە ۋاقىت كىتىدۇ، ئۈلگۈرەلمەيمىز، بىز ئۈستىگە قاراپ باقايلى !»دىدى.شۇنداق دىگەچ ئىككى پۇتىنى ئىككى تەرەپتىكى تامغا تىرەپ تۇرۇپ ئۈستىگە ياماشتى. مەن بېشىمنى كۆتۈرۈپ قارىدىم، قاپقاراڭغۇلۇقتىن باشقا ھېچنىمە كۆرۈنمەيتتى. مەن بوتولكىنىڭ بۇ ئامالىنىڭ كارغا كەلمەيدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرساممۇ ، بىراق بۇنداق قىيىن ئەھۋالدا بۇ ئامالنىمۇ سىناپ باقماي بولمايتتى، ھەر ھالدا بۇ يەردە ئۆلۈمنى كۈتكەندىن ياخشىراق. سىمىزگە ئۈستىگە يامىشىشنى ئېيتىپ مەنمۇ ياماشتىم.
   بۇ يول تارلىشىپ قالغاچقا ئىككى پۇتىمىزنى ئىككى تەرەپكە تىرەپ تۇرۇپ يامىشىشقا بەك ماس كىلەتتى. بىز ئۈستىگە قاراپ ئون مېتىردەك ياماشتۇق. سىمىز ياماشقاچ:« يەنىلا ماۋۇ بۇرادەرنىڭ كاللىسى ئىشلەيدىكەن. ئىككى تامنىڭ ئارىسىدا قېلىپ پىرەنىكتەك مىجىلىپ ئۆلگەندىن كۆرە ئۈستىگە چىقىپ ئۆزىمىزنى تاشلاپ ئۆلسەك ياخشىراق!» دىدى.
   مەن بۇلارنى ئويلىماپتىكەنمەن، سىمىزنىڭ دىگىنىمۇ توغرا، ئۈستىگە چىقىپ ئۇ يەردىن چۈشۈپ كىتىپ ئۆلسەك تامنىڭ ئارلىقىدا قېلىپ مىجىلىپ ئۆلگەندىن ياخشى ، تامنىڭ ئارلىقىدا قېلىپ مىجىلىپ ئۆلسەك نىمىدىگەن ئېچىنىشلىق-ھە! سىز ئۆزىڭىزنىڭ بەدىنىدىكى سۈڭەكلىرىڭىزنىڭ قاراس-قۇرۇس قىلىپ ئىزىلگەن ئاۋازىنى ئاڭلىشىڭىز قانداق تۇيغۇدا بولىسىز!؟ مەن مىجىلىپ ئۆلگەندىن ئۈستىدىن چۈشۈپ كىتىپ ئۆلۈشكە رازى!    بۇ چاغدا بوتولكا ئۈستى تەرەپتە تۇرۇپ:« قالايمىقان خىيالنى ئاز قىلايلى! ھېلىقى تاۋۇتنىڭ ئاستىدىن تۈشۈك ئاچقىنىمىز ئىسىڭلاردا بارمۇ؟»دىدى.
   «ئەلۋەتتە ئىسىمىزدە، بىراق ئۇ ئىشنىڭ بىز بىلەن نىمە ئالاقىسى بولسۇن؟»دىدى-سىمىز. شۇنداق دەپ بولۇپلا ئارقىدىن يەنە:« ھە، چۈشەندىم، سەن ئاخىرقى نەپسىمىز قالغۇچە ۋاز كەچمەيلى دىمەكچىمۇ؟»دەپ قويدى.
   بۇنى ئاڭلاپ بوتولكا:« ياق ، قەبرە قازىدىغانلارنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك قەبرىنىڭ تاملىرى بىلەن ھەپىلىشدۇ، تامدىن تۈشۈك ئېچىپ قەبرە ئىچىگە كىرىدۇ، قىين ئەچۋالدا قالغاندا يەنە شۇ تامدىن تۈشۈك ئېچىپ جېنىنى قۇتقۇزىدۇ.»دىدى.
   مەن ئۇنىڭ گېپىنى چۈشەنگەندەك بولدۇم،« سىنىڭ دىمەكچى بولغۇنۇڭ مۇشۇ تامنى تىشىپ...............»دىدىم مەن .
   مەن بوتولكىنىڭ ئەقلىگە قول قويىۋاتاتتىم. ئۇنىڭ نىمىشقا ئۈستىگە يامىشايلى دىگىنىنى ئەمدى چۈشەندىم. ئەسىلىدە بۇ قېلىن تامدىن تۈشۈك ئاچىمىز دىيىش بىراق قۇرۇق خىيال بولۇپ بىزنىڭ بىردىنبىر ئاچالايدىغان تۈشۈكىمىز دەل ئۈستى تەرەپتىكى تامدا بولىشى مۇمكىن.
   شۇنداق پاراڭلاشقاچ بىز ئۈستىگە چىقىپ بولغان ئىدۇق. مەن ئۈستى تەرەپنى قولۇم بىلەن ئۇرۇپ باقتىم. ئەھۋال بىز مۆلچەرلىگەندەك ئىدى. ئۈستىدىكى خىشلەرنىڭ ھەممىسى ئىچى كاۋاك خىشلار ئىدى. ئەگەر قۇرال بولسىلا تۈشۈك ئېچىش ئانچە تەس ئەمەس. بىراق مەن تۆت ئەتراپكقا قارىدىم، ھەممە يەر قاپقاراڭغۇ.
   «بۇرادەر، سەن بۇ يولنى خېلى ئۇزۇن دەۋاتاتتىڭ، ئەگەر بىز ئىزدەۋاتقان كىرىش ئېغىزى يولنىڭ يەنە بىر تەرىپىدە بولسىچۇ؟»دىدى.
   « ئىنقكى بۇ يەرگە بىزدىن بۇرۇن كىرگەنلەرمۇ مۇشۇنداق ئەھۋالغا يولۇققان ، نىمىلا بولمىسۇن ئۇلار بۇ يەردىن چىقىپ كىتەلىگەن ئىكەنئۇلار چىقىپ كەتكەن چىقىش ئېغىزى مۇشۇ يېقىن ئەتراپتا. »دىدى-بوتولكا.
   ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ سىمىز ئىككىلىمىز قايىل بولدۇق. بىز تام بىلەن تۇرۇس ئارلىقىدا سىلاشتۇرۇپ ئىزدەشكە باشلىدۇق. بوتولكا بىلەن مىنىڭ بەدىنىمىز ۋىجىكرەك بولغاچقا تام ئۈستى بىلەن بىزنىڭ بەدىنىمىز ئارلىقىدا بىر مۇش پاتقۇدەك جاي بار ئىدى. بىراق سىمىزگە تەس بولىۋاتاتتى، ئۇ پەقەت قۇرسىقىنى ئىچىگە تارتسىلا ئاندىن ھەركەت قىلالايتتى. مەن ئۇنىڭ بىلەن قېرىشىپ « سەن خاتىرجەم بولساڭ بولغۇدەك سىنىڭ ھەممە يىرىڭ گۆش تامغا ئۇرۇلۇپ كەتسەڭمۇ ئاسانلىقچە يارلانمايسەن»دىدىم. ئۇ ئاچچىقلاپ:« قۇرۇق گەپنى ئاز قىل!» دىدى.
   بىز ئەڭ چەتتىن باشلاپ ئىچىگە قاراپ ئون نەچچە مىتىرچە ئۆمىلەپ ئىزدىدۇق. بىراق ھېچنىمە بايقىمىدۇق، شۇ تاپتا نۇرغۇن جىسمانىي كۈچىمىز خۇراپ بولغان ئىدى. پۇتۇم بارغانسىرى بۇشىشىپ كىتىۋاتاتتى. ئەگەر مۇشۇنداق ئىزدەپ تاپالمىساق، سىمىزنىڭ دىگىنىدەك ئۇ كىرىش ئېغىزى باشقا بىر تەرەپتە بولسا ئۇ چاغدا مۇشۇ ھالىم بىلەن ھېرىپ ئۆلىدىغاندەك قىلاتتىم. ئەگەر مۇشۇنداق ئۆلىدىغانلىقىمنى بۇرۇنراق بىلگەن بولسام دېڭىز مايمۇنىغا يەم بولۇپ ، ياكى تىرىك مۇردىغا يەم بولۇپ ئۆلگەن بولسام بۇنىڭدىن ياخشىراق بولاركەن.
   بۇ ۋاقىتتا ئالدى تەرىپىمدىكى بوتولكا قولچىرىقىنى ماڭا قاراتتى، ئۇ بىزنى بۇ ياققا كىلىڭلار دەۋاتاتتى. سىمىز بىلەن ئىككىمىز چىقىش ئېغىزى تېپىلغان ئوخشايدۇ دەپ قالغان ئىدۇق. خۇشاللانغان ھالدا ئۇ تەرەپكە باردۇق. بېشىمىزنى كۆتۈرۈپ قارىدۇق. بىز ئىختىيارسىز ھاڭ-تاڭ قالدۇق. ئۈستىدىكى خىشنىڭ ئۈستىدە قان بىلەن يېزىلغان خەت تۇراتتى. خەتتە« ۋۇ سەنشىڭ(كەنجى تاغا)ماڭا زىيانكەشلىك قىلدى، ھېچقانداق چىكىنىش يولى قالمىدى، ناھەق ئۆلۈپ كەتتىم، ھەممەيلەنگە ساۋاق بولسۇن!_ جىيې لىيەنخۇەن»دەپ يېزىلغان ئىدى.
   مەن بۇنى كۆرۈپ بەدەنلىرىم تىكەنلىشىپ كەتتى. بۇ يا پالۋانلارنىڭ رومانلىرى بولمىسا ، بۇ زادى نىمە دىگەن گەپ؟ ئۇ ئادەم زادى كىم؟ ئۇ نىمىشقا ماڭا كەنجى تاغام زىيانكەشلىك قىلدى دەيدۇ؟
« بۇ جىېلىيەنخۇەن دىگىنى ئارخلوگلار ئەتىرىتىگە باش بولغان ئادەم ، قولىدا يىلان قاشلىق مىس بېلىقنى سىقىملاپ تۇرۇپ مارجان خادا تاشلىرى بار ھېلىقى جايدا ئۆلۈپ كەتكەن ھېلىقى ئادەم شۇ»دىدى-بوتولكا.
   مەن ئاھ ئۇردۇم، بېشىم يەنە قالايمىقانلىشىپ كەتتى.بوتولكا مىنى بىر تەرەپكە ئىتتىرىپ « ئۇ ئادەم بۇ يەرگە خەت يېزىپ قويغان ئىكەن كىرىش ئېغىزى مۇشۇ يېقىن يەردىلا دىگەن گەپ، ھازىر ئۇنىڭ نىمە دىمەكچى بولغانلىقىنى مۇلاھىزە قىلىدغانغا ۋاقىت يوق، بىز تىز ئالدىغا ماڭايلى !»دىدى.
   مەن ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ياماشقاچ جىيې لىيەنخۇەن دىگەن بۇ ئىسىم ماڭا نازايتى تۇنۇشتەك بىلىندى. تۇيۇقسىز بوۋامنىڭ ئۇنى تىلغا ئالغانلىقى يادىمغا يەتتى.

EzQi0908 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-30 11:24:38

مەن ئويلىنىشقا باشلىدىم، بىردىنلا جىيېلىيەنخۇەننىڭ كىملىكىنى ئىسىمگە ئالدىم. مۇنداقچە ئېيتقاندا جىيې جەمەتى بىلەن بىزنىڭ ۋۇ جەمەتىنىڭ ئازراق تۇققانلىقىمىزمۇ بار ئىدى،نەۋرە تۇغققىنىمنىڭ نەۋرە توغقىنى دىگەندەك. "ئىزدەشمىسە ياتلىشار" دىگەندەك، بىزگە كەلگەندە ئۇلار بىلەن كۆپ ئالاقە قىلماس بولۇپ قالغان ئىدۇق. ئۇلارمۇ ئۇزۇن تارىخقا ئىگە قەبرە قازغۇچىلار ئىدى. جىيېلىيەنخۇەن كەنجى تاغام بىلەن قۇيۇق ئالاقە قىلىشاتتى. بوۋام دائىم كەنجى تاغامغا تەنبىھ بىرىپ "سەن جىيې ئائىلىسىنىڭ ئالدىدا بىزنىڭ جەمەتىمىزنىڭ يۈزىنى قويمىدىڭ!"دەيتتى. بوۋامنىڭ دىمەكچى بولغىنى جىيېلىيەنخۇەننىڭ ئۆلىشىگە كەنجى تاغام سەۋەبچى ئىدى.
   ھازىر ئويلاپ باقسام جىيېلىيەنخۇەن مانا مۇشۇنداق ئۆلۈپ كىتىپتىكەن، بوۋامنىڭ نىمىشقا مىنى كەنجى تاغام بىلەن ئازراق ئالاقە قىلىشقا ئۈندەيدىغانلىقىنى ئەمدى چۈشىنىۋاتاتتىم.
   سىمىز كەينى تەرىپىمدىن مىنى ئىتتىردى، مەن ئەمدى خىيال سۈرۈپ تۇرىۋەرسەم بولمايتتى. چىشىمنى چىشلەپ ئالدىمغا بىر قانچە قەدەم سىلجىدىم. تۇرۇستىن قاپقاراڭغۇ بىر ئۆڭكۈر كۆرۈندى، سىمىز خۇشاللىقىدا ۋارقىراپ كەتتى. شۇ تاپتا ئۇنىڭ سەۋرى قاچىسى تولغان ئىدى، ئۇىڭ سىمىز بەدىنى بۇ تارچىلىقتا خېلىدىن بىرى ئۇيان بۇيان سۈرۈلۈپ يۈرۈپ قاناپ كەتكەن ئىدى.مەنمۇ ئۇنىڭدىن قېلىشمايتتىم، شۇ تاپتا پۇتۇمدا ھېچ مادار قالمىغان ئىدى.بوتولكا ھېلىقى ئۆڭكۈرگە شۇڭغۇپلا كىرىپ، ئۆڭكۈرنىڭ ئىككى يېنىدىكى تامغا كۈچەپ تىپىپ پۇختىمۇ ئەمەسمۇ سىناپ باققاندىن كېيىنلا بىزنى تارتىپ ئىچىگە كىرگۈزدى. بىراق سىمىزگە بۇ ئۆڭكۈرگە كىرىش تەس كىلىۋاتاتتى. مەن بىر ئادەم ئۇنى ئىتتىرەلمەيۋاتاتتىم، شۇ تاپتا ئۇنىڭغا راستلا بەك ئاچچىقىم كەلدى. ئاچچىقىمدا پۈتۈن كۈچۈم بىلەن ئۇنى بىر ئىتتىرگەن ئىدىم ئۇ ئىڭرىغان پېتى ئۆڭكۈرگە كىردى، كۆڭلۈمدە ئۇنىڭ بىرەر پارچە تىرىسى سۇيۇلۇپ كەتتىمىكىن دەپ ئويلىدىم.
   بىز مۇقىم تۇرىۋالغاندىن كېيىن تۆۋەنگە قارىدۇق، پەستىكى مەنزىرىنى كۆرۈپ تەنلىرىم شۈركىنىپ كەتتى. ئىككى تەرەپتىكى تام ئاللىقاچان بىرىكىپ قول پاتقۇدەكلا ئارلىق قالغان ئىدى. ئەگەر مەن ھازىر بۇ ئۆڭكۈرنىڭ ئىچىدە بولمىغان بولسامقانداق بولۇپ كىتىدىغانلىقىمنى ئويلاشتىنمۇ قورقتۇم. بۇ قېتىم ھەقىقەتەنمۇ تەلىيىمىز ئوڭدىن كەلگەن ئىدى. بۇ ئۆڭكۈرنى يەنە بىر نەچچە مىنۇت كىچىكىپ بايقىغان بولساق ھەممىمىز ئاللىقاچان تۈگەشكەن بولاتتۇق.
   مەن بېشىمنى كۆتۈرۈپ ئۈستىگە قارىدىم، بۇ ئۆڭكۈر ئۈستىگە قاراپ تىك ھالدا ئۇيۇلغان بولۇپ، بىز ئادەمنىڭ ئىگىزلىكىچىلىك كولىنىپلا ئارقىدىن يۈنىلىشىنى ئۆزگەرتىپ شەرق تەرەپكە قاراپ كولانغان ئىدى.مىنىڭ پۇتلىرىم تېخىمۇ بۇشىشىپ كىتىۋاتاتتى، شۇ تاپتا ھارغاننىڭ دەستىدىن يەنە داۋاملىق بەرداشلىق بىرەلمەيدىغاندەك قىلاتتىم. مەن بوتولكىدىن تىزرەك ئۈستىگە چىقىشنى ئۆتۈندۈم. ئۈچىمىز يامىشىپ ئۆڭكۈرنىڭ ئىگىلىدىغان يىرىگە كەلگەندە ھاسىراپ بولالماي تامغا يۈلىنىپ ئولتۇردۇق.
   دەل شۇ ۋاقىتتا ئاستى تەرەپتىكى تامنىڭ پۈتۈنلەي بىرىككەندىكى ئاۋازى ئاڭلاندى، مەن ئىختىيارسىز ئۇھ تارتتىم. توختىماي پۇتلىرىمنى ئۇۋلىدىم، قېتىپ كەتكەن پۇت مۇسكۇللىرىمنى ئاستا-ئاستا مۇشتلاپ ئۆزۈمنى ئەركىن تۇتۇشقا تىرىشاتتىم. باياتىن بەكلا جىددىيلىشىپ كەتكەن ئىدىم، مانا شۇ تاپتا ئازراق ئازادىلىشىپ پۇت-قولۇم ئۆزۈمنىڭ ئەمەستەكلا كالۋالىشىۋاتاتتى، ئەسنەيتتىم.سىمىز تامغا يۈلىنىپ ئولتۇراتتى، چىرايى ئۈلۈكنىڭ چىرايىدەك بولۇپ كەتكەن ئىدى،بەدىنىدە نۇرغۇن جاراھەتلەر تۇراتتى.ھاسىرىغان ھالدا:" بۇ قېتىم راستىنلا بىر ئاچچىق ساۋاق بولدى، قايتىپ بارغاندىن كېيىن بىر نەچچە جىڭ ئۇرۇقلىمايدىغان بولسام ئىسمىمنى يۆتكىۋېتىمەن!!" دىدى.
   بۇ ئۆڭكۈر ناھايتى ياخشى كولانغان بولۇپ، قارىغاندا جىيېلىيەنخۇەنمۇ بۇ يەردە ئۆلۈمنى كۈتۈپ ياتمىغان. مەن ئۈستىگە قارىدىم پۈتۈن ئۆڭكۈر "之"خېتى شەكىلدە ئۈستىگە قاراپ كولانغان بولۇپ بۇ خىل كولاش ئۇسۇلى تاساددىبىي گۈمۈرلۈپ چۈشۈپ ئادەم زەخمىلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قوللىنىلاتتى. ئەگەر كۈچۈمنى خۇراتمايمەن دەپ تىك كولانسا ئۇ ھالدا ئۈستىدىكى خىشلار گۈمۈرلۈپ چۈشۈشى مۇمكىن ئىدى.
   سىمىز بىر ئاز ئارام ئېلىۋالغاندىن كېيىن بوتولكىدىن: "سىنىڭدە بۇ زادى نىمە ئىش؟ يىگىرمە يىلنىڭ ئالدىدا بۇ يەردىن بىخەتەر ئۆتۈپتىكەنسەن، مانا ئەمدىلككە كەلگەندە نىمە ئۈچۈن قىسىلىپ قالغىلى تاس قالىمىز؟ سەن يولنى خاتا باشلىدىڭمۇ قانداق؟"دەپ سورىدى.
   بوتولكا ئىسىنى يىغىپ بىر ئاز ئويلىنىۋالغان كىيىن:" بۇ خىل ئېھتىماللىق چوڭ ئەمەس، پەقەت ھېلىقى ئابىدە تاشتىكى قىلتاقنى ئۆزگەرتىۋەتمىگەن بولسىلا.سەنمۇ كۆردۈڭ، بايىقى ئەھۋال نىمىدىگەن خەتەرلىك، قارىغاندا بىز ھاياتلىق يولىغا ئەمەس ئۆلۈم يولىغا مېڭىپ قالغاندەك قىلىمىز"دىدى.
   سىمىز گاڭگىراپ قالدى، " ھېلىقى ئايال بىزنىڭ ئۆلمىگىنىمىزنى كۆرۈپ بىزگە قەستەن تۇزاق قۇردىمۇ نىمە؟" دەپ سورىدى.
   مەن بېشىمنى چايقىدىم، ئۇنىڭ زەھەرخەندە ئايال ئىكەنلىكىگە مەن ئىقرار، بىراق ئۇنىڭ نەچچە يۈز بولغان قەدىمىي قەبرىدىكى سىرنى يىشىپ ئۇنى ئۆزگەرتەلەيدىغانلىقىغا مەن ھەرگىز ئىشەنمەيمەن، بۇ ھەقىقەتەنمۇ بەك غەلىتە -ھە! بۇ يەردە بەشىنجى بىر ئادەم بولمىسا؟مەن يەنە گۇمانلىنىشقا باشلىدىم. ئەجىبا يەنە شۇ كەنجى تاغاممىدۇ؟! (ئالدىنقى باپلاردا دىگىنىمىزدەك كەنجى تاغام دەل مۇشۇ قەبرە ئىچىدە غايىپ بولغان)
   بوتولكا ماڭا قاراپ مىنى ئۇرۇپ تۇرۇپ:" ئەمەلىيەتتە مەن مۇنداق پەرەز قىلىۋاتىمەن. ئەگەر سەن راستىنلا شۇنداق دەپ قارىساڭ ئۇنداقتا مىنىڭ تەھلىلىمنى ئاڭلاپ باقامسەن؟...." دىدى.
   بوتولكا بۇ ئىشقا قاتناشقان، يەنە كىلىپ ئەڭ مۇھىم ھالقىلارنى ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگەن. ئەگەر ئۇ ئازراق ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەيمەن دىسە مەن قانداقمۇ رەت قىلاي. مەن بېشىمنى لىڭشىتتىم. ئۇ سۆزلەشكە باشلىدى.
   بىرىنجى پەرەز: يىگىرمە يىلنىڭ ئالدىدا ۋۇسەنشىڭ بىلەن جىيېلىيەنخۇەن ناھايتى ياخشى تۇنىشىدۇ. جىيېلىيەنخۇەن بىرىنجى بولۇپ بۇ دېڭىز ئاستى قەبرىسىنى بايقىغان، بىراق ئۇ بۇ سىرنى پەقەت ۋۇسەنشىڭغىلا ئېيتقان.
   ئۇلار ئىككىلىسى كونا قەبرە قازغۇچىلار، ئەلۋەتتە بۇنداق ياخشى پۇرسەتنى ھەرگىز قولدىن بەرمەيدۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇلار باشقىلار دىققەت قىلمىغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ بۇ قەدىمىي قەبرىگە ئوغۇرلۇقچە كىرگەن، ئۇلار ئىككىلىسى كەسىپ ئەھلى بولغاچقا بۇ يەرگە كىرىش ئانچە تەسكە توختىمىغان. ئۇنداقتا زادى نىمە ئىش ۋۇسەنشىڭنى جىيېلىيەنخۇەننى ئۆلتۈرۈۋېتىش خىيالىغا باشلاپ بارغان؟
   كونكىرتنى جەرياننى بىز بىلمەيمىز، بىراق جىيېلىيەنخۇەننىڭ بۇ قەبرە يولىدا ماڭىدىغانغا يولى قالمىغان ئەھۋالدا ھېلىقى قانلىق خەتنى قالدۇرۇپ قويغانلىقىنى جەزىملەشتۈرەلەيمىز. دەل شۇ پەيتتە ئۇ تويۇقسىز بۇ تامنىڭ ئىچى بوش خىشلاردىن ياسالغانلىقىنى، ناھايتى ئاسانلا تەشكىلى بولىدىغانلىقى بايقىغان، شۇ چاغدا ئۇنىڭ قولىدا قۇرال بولىشى مۇمكىن، شۇنىڭ بىلەن ناھايتى تىز سۈرئەتتە بۇ يەردىن تۈشۈك ئېچىپ جېنىنى ساقلاپ قالغان(تامنىڭ ئارىسىدا قىسىلىپ قالمىغان).
   جىيېلىيەنخۇەن قۇتۇلغاندىن كېيىن، مۇشۇ ئۆڭكۈردىن پايدىلىنىپ قۇتۇلماقچى بولغان، ئۇ ئۆز تەجىربىسىگە ئاساسەن بىر نەچچە قېتىملىق مەغلۇبىيەتتىن كېيىن مىڭ مۇشەققەتتە بۇ يەردىن قۇتۇلغان،قۇتۇلۇپ چىققاندىن كېيىن دەرھال ۋۇسەنشىڭنى تېپىپ ھىساب ئالماقچى بولغان. بىراق ئويلىمىغان يەردىن ۋۇسەنشىڭ ئۇنى ئۆلتۈرۈپ ساختا نەخ مەيدان ياساپ تاشلار ئارىسىدا قىسىلىپ ئۆلۈپ قالغانلىقىدەك ساختا تىراگىدىيە بىلەن باشقىلارنى ئالدىغان.
   مەن بۇلارنى ئاڭلاپ ناھايتى بىئارام بولدۇم، بىراق مىنىڭ ئۇنىڭغا "سىنىڭ دىگىنىڭ يالغان!" دەيدىغانغا ئاساسىم يوق ئىدى. يەنە كىلىپ ئۇ بۇنى بىر پەرەز دىگەن تۇرسا. مەن ئۇنىڭ گېپىنى داۋاملىق ئاڭلاشقا باشلىدىم.
   ئۇنىڭدىن كېيىن ۋۇسەنشىڭ مەلۇم بىر مەقسەت ئۈچۈن، ياكى بىزنىڭ دىققىتىمىزنى باشقا ياققا بۇراش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ جىنايىتىنى ياپماقچى بولۇپ بىزنى بۇ يەرگە باشلاپ كىرگەن. بۇ يەرگە كىرگەندىن كېيىن ئۇ يالغاندىن ئۇخلىغان بولىۋالغان.شۇ چاغدا مەن ساپال قاچىلاردىكى سىرنى بايقاپ كۆپچىلىكنى كۆلنىڭ تىگىگە باشلاپ كىردىم. بۇنداق بولىشىنى ئۇ ھەرگىزمۇ ئويلاپ باقمىغان.ئۇ ئامالسىز جىن چاپلىشىۋالغان قىياپەتكە كىرىۋېلىپبىزنى ھېلىقى ئۆيگە باشلاپ كىرىپ ھەممىزنى ھۇشىمىزدىن كەتكۈزىۋەتكەن.
   بىز ھۇشىمىزدىن كەتكەندىن كېيىن، بىزگە يەنە باشقا ئۇسۇللارنى ئىشلەتكەن بولىشى مۇمكىن، مەن بۇ يەردىن قانداق چىقىپ كەتتىم باشقىلار قانداق بولدى، بۇ ئىنىق ئىسىمدە يوق.بىراق مەن باشقىلارنىڭمۇ ماڭا ئوخشاش خاتىرىسىنى يۇقاتقانلىقىنى جەزىملەشتۈرەلەيمەن. ئۆتۈپ كەتكەن يىگىرمە يىلدا قارشى تەرەپنى كۆرسەم قانداقتۇر ناھايتى تۇنۇشتەك كۆرىنىدۇ، لېكىن نۇرغۇن ئىشلار خاتىرەمدە يوق.
   مەن ئاڭلاپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە:" نىمىشقا كەنجى تاغام سىلەرنى ئۆلتۈرۈپلا قۇتۇلمايدۇ؟"دەپ سورىدىم.
   بوتولكا:" مەنمۇ ھېچ ئويلاپ يىتەلمەيمەن، بىراق ئەينى ۋاقىتتا ئۇ بىزنى ئۆلتۈرىۋېتىشنىڭ ھاجىتى يوق دەپ ئويلىغان بولىشى مۇمكىن. بەرىبىر بىز ھەممىمىز خاتىرىمىزنى يۇقۇتۇپ ھېچنىمە ئىسىمىزدە يوق ھالەتكە كىلىپ قالغان تۇرساق" دىدى.
   ئۇنىڭ يۇقارقىدەك پەرەز قىلىشى كەنجى تاغامنى زەھەرخەندە ئادەمگە ئايلاندۇرۇپ قويغان ئىدى. مەن بۇنى پەقەتلا قۇبۇل قىلالمايۋاتاتتىم. مىنىڭ خىيالىمدىكى كەنجى تاغام ھەرگىزمۇ مۇنداق ئىشلارنى قىلىدىغان ئادەم ئەمەس ئىدى.
   سىمىز تۇساتتىنلا:" شىياۋۋۇ، شۇ تاپتا بىر ئىش ئىسىمگە كىلىۋاتىدۇ، بۇنىڭ بەلكىم بۇ ئىشلارنىڭ تىگىگە يىتىشىمىزگە پايدىسى تىگىپ قېلىشى مۇمكىن، بىراق مىنى چاڭلىق قىلماڭلار..."دىدى.
   ھازىر راستىنلا پۈتۈن دىققىتىمىز بىلەن پىكىر يۈرگۈزىدىغان ۋاقىت ئىدى، سىمىز بىز ئويلىمىغان بەزى ئىشلارنى ئويلاپ يەتكەن بولىشى مۇمكىن. مەن ئۇنى تىزراق دىيىشكە ئۈندىدىم. ئۇ ئاۋازىنى پەسرەك قىلىپ سىرلىق قىياپەتتە سۆزلەشكە باشلىدى.
   مىنىڭچە بۇ ئىش ناھايتى ئاددى، كەنجى تاغاڭ بۇ يەرگە كىرگەندىن كېيىن بىرەر غەلىتە نەرسىگە يولۇقۇپ قالغان بولىشى مۇمكىن، ئۇ شۇ نەرسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. سەن بايا ئۇ ئاياللاردەك چېچىنى تارىدى دىگەن ئەمەسمىدىڭ؟ ئويلاپ باقمامسەن، بۇ ئۇنىڭ ساڭا ئەرش ئىشىكىنى تېپىشتىكى بىردىنبىر ئامالنىڭ نىمىلىكىنى ئەسكەرتكىنى بولىشى مۇمكىن. بۇ سىرنى كىم ئەڭ ئىنىق بىلىدۇ؟ دەل مۇشۇ قەبرىدىكى ئالۋاستىلار ئەمەسمۇ؟ مىنىڭچە سىنىڭ كەنجى تاغاڭ مۇشۇ قەبرىنىڭ خۇجايىنى تەرىپىدىن كونترول قىلىۋېلىنغان بولىشى مۇمكىن. ئەگەر سەن كەنجى تاغاڭنى ئۇچرىتىپ قالساڭ، بىر ئاماللارنى قىلىپ ئۇنىڭ بەدىنىدىكى ئالۋاستىنى چىقىرىپ تاشلىساڭلا ئۇنىڭغا ھېچ ئىش بولمايدۇ.
   مىنىڭچە ئۇنىڭ بۇ دىگەنلىرى پۈتۈنلەي قۇرۇق گەپ ئىدى. مەن ئۇنىڭغا:" سىنىڭ دىگەنلىرىڭنىڭ ھەممىسى بىر رىۋايەت، قۇرۇق گەپ، مەن كەنجى تاغام بىلەن يىەىرمە نەچچە يىل ياشاپتىمەن، مەن ئەزەلدىن ئۇنىڭ ئايال كىشىدەك قىلىق قىلغىنىنى كۆرۈپ باقمىغان، بولدى قۇرۇق گەپ قىلما!" دىدىم.
   "مەن بۇ ئالۋاستىنى ئايال دىمىدىمغۇ، جىن چاپلاشقانلارنىڭ كىسىلىنىڭ قوزغىلىدىغان ۋە قوزغالمايدىغان ۋاقتى بولىدۇ، كىسىلى قوزغالمىغاندا نورمال ئادەملەردەك يۈرىدۇ" سىمىز شۇ گەپلەرنى دەۋاتقاچ بارمىقىنى چىقاردى. مەن ئۇنىڭ گەپلىرىدىن كۈلۈپ تاشلىدىم.
   بوتولكا سىمىزنىڭ گېپىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئەستايىدىللىق بىلەن:" سىمىزنىڭ گېپىنىڭ ئاساسى يوق دىيىشكىمۇ بولمايدۇ، ئىلگىرى قەبرە ئىچىدە ئاشۇنىڭغا ئوخشايدىغان ئىشلار يۈز بىرىپ باققان" دىدى.
   سىمىز بوتولكىنىڭ ئۆزىنىڭ پىكىرىنى قوللىغانلىقىدىن خۇشال بولۇپ:" مەن سىمىز ئاكاڭ ئەزەلدىن قارىغۇلارچە بىر گگپ قىلمايمەن، ئالۋاستىلارغىمۇ دېڭىز ئاستىدا پۇت تىققۇدەك مۇشۇ قەبرىدەك جاينىڭ تېپىلمىقى تەس، ئۇلار ئەلۋەتتە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش جايدا ئۇۋىلايدۇ" دىدى.
   مەن ئۇنىڭ گەپلىرىگە ھېچ ئىشەنگۈم كەلمەيتتى. شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭغا:" بوپتۇ سىنىڭ دىگىنىڭ بۇيىچە كەنجى تاغام بىلەن كۆرۈشكەن چېغىمدا ئۇنى داخانغا ئوقۇتۇپ باقاي ئۈنۈمى بولامدۇ يوق شۇ چاغدا كۆرەيلى!"دىدىم.
   بىز يەنە ئۆزلىرىمىزنىڭ ئويلىغانلىرىمىزنى ئوتتۇرغا قۇيۇشتۇق. شۇ تاپتا كەيپىياتىمىز خېلى ئارامىمىزغا چۈشۈپ قالغان ئىدى. سىمىز سائېتىگە بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن:" بىز بۇ يەردە يىغىن ئېچىپ ئولتۇرىۋەرمەيلى، يەنە مۇشۇنداق ئولتۇرىدىغان بولساق ئاچلىقتىن ئۆلىمىز يا بولمىسا بىزگىمۇ جىن چاپلىشىدۇ" دىدى.
   سىمىز شۇنداق دىگەچ دۈمبىسىنى قاشلىدى، ۋە:" شىياۋۋۇ بىلەمسەنكىن مۇشۇ قەبرىگە كىرگەندىن بۇيان دۈمبەم بەك قىچىشىدىغان بولۇپ قالدى" دىدى.

EzQi0908 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-30 11:26:31

مەن سىمىزنىڭ سۇئالىنى ئاڭلاپ بىلمەيمەن دىگەن مەقسەتتە دۇلۇمنى قېقىپ قويدۇم. بىز ھېلىقى قەبرە يولىدا گۈلسىمان ئوقيالارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندىن كېيىن بەدىنىمدە جاراھەت ئىزى پەيدا بولغانلىقىنى بايقىغان ئىدىم، مەن كىيىمىمنى ئۆرۈپ قاراپ باقتىم، ھېلىقى جاراھەتلەر ئاللىقاچان ياخشىلىنىپ كەتكەن ئىدى. مەن سىمىزگە :" بۇ يەر بەكلا نەم بولغاچقا شۇنداق بولىۋاتامدىكىن"دىدىم.
   سىمىزنىڭ بەدىنى راستلا بەك قىچىشىپ كەتكەن ئىدى. ئۇ :" ئۇنداقتا بۇنى ۋاقىتلىق داۋالايدىغان چارە يوقمۇ؟ باياتىن قاتتىق تەرلىگىنىمدىن كېيىن تېخىمۇ بەكرەك قىچىشىپ كىتىۋاتىدۇ"دىدى. ئۇ شۇنداق دىگەچ بەدىنى تامغا سۈركەشكە باشلىدى. ئۇنىڭ دۈمبىسىدىن قان تېمىۋاتقاندەك قىلاتتى. مەن بۇنى كۆرۈپ ئەھۋالنىڭ چاتاقلىقىنى پەملىدىم، ۋە دەرھال ئۇنىڭ كىيىمىنى ئۆرۈپ ئۇنىڭ دۈمبىسىگەقارىدىم. ئۇ توختىماستىن قولى بىلەن قاشلاۋاتاتتى، مەن ئۇنىڭ قولىغا ئۇرۇپ قويۇپ، قولچىرىقىنى يۇرۇتۇپ قارىدىم. ئۇنىڭ بەدىنىدىكى ھېلىقى گۈلسىمان ئوقيا تەگكەن جاي قىزىرىپ ئاپئاق تۈككە ئوخشايدىغان نەرسىلەر ئۈسۈپ چىققان ئىدى. "سەن يۇيۇنمىغىلى قانچىلىك بولدى؟" دىدىم مەن.
   "نىمە ؟ يۇيۇندۇڭمۇ؟ بۇ دىگەن مىنىڭ شەخسى ئىشىم، بۇنىڭغاجاۋاب بىرەلمەيمەن"دىدى-سىمىز.
   "ھۇ پور كۈتەك! مەن ساڭا چاقچاق قىلغىنىم يوق! دىسەم قورقۇپ كەتمە قارىغاندا سەن زەھەرلىنىپ قالغاندەك قىلىسەن يەنە مۇشۇ پېتى بىر مەزگىل ئۆتسە سىنىڭ بەدىنىڭدىن ئېتىزدىن ئۈنگەنگە ئوخشاش ئاق تۈكچىلەر ئۈسۈپ چىقىدۇ."دىدىم-مەن.
   "نىمە!؟ ئاق توكچە؟ تۇلا گەپنى يورغىلاتماي زادى نىمەبولغانلىقىنى دىگىنە!" دىدى-سىمىز قورقۇپ.
   مەن بوتولكىغا قاراپ قاپىقىمنى تۈرۈپ قويدۇم، قارىغاندا ئەھۋال راستلا چاتاقتەك تۇراتتى. بوتولكا سىمىز تەرەپكىرەك سۈرۈلۈپ سىمىزنىڭ دۈمبىسىدىكى جاراھاتنى قولى بىلەن سىققان ئىدى قاپقارا قان چىقتى. ئۇ پەس ئاۋازدا ماڭا:" قارىغاندا ھېلىقى ئوقيادا بىر سىر باردەك قىلىدۇ"دىدى.
   مەن سەل غەلىتىلىك ھىس قىلدىم، قائىدە بۇيىچە بولغاندا مەنمۇ ئوق يىگەن تۇرسام، مەنمۇ ئۇنىڭ بىلەن ئوخشاش بولسام ئاندىن توغرا بولاتتىغۇ، ئەجىبا مىنىڭ بەدىنىم مۇشۇنداق ئالاھىدىمىدۇ؟ مەن دەرھال بەدىنىمدىكى يارا ئىزىنى ئېچىپ گۇمانلىنىۋاتقانلىقىمنى بىلۈردۈم.
   بوتولكا مىنىڭ بەدىنىمدىكى جاراھەتكە قارىدى، ئۇ ئۇھ تارتىپ قويۇپ ماڭا قارىدى، قارىغاندا ئۇمۇ بۇنىڭ نىمە ئىش ئىكەنلىكىنى بىلمەيۋاتاتتى. بۇ ۋاقىتتا سىمىز تېخىمۇ قورقۇشقا باشلىدى. ئۇ بۇرۇلۇپ ماڭا:" نىمە تۈك ئۇ؟؟ بېشى بار ئايىغى يوق گەپنى ئاز قىلىپ گەپنىڭ ئىنىقىنى دىگىنە!نەگە تۈك ئۈنۈپتۇ؟؟ " دىدى.ئۇ شۇنداق دىگىنىچە ھېلىقى يارىنى سىلاشقا تەمشەلدى، مەن ئۇنىڭ قولىنى تۇتىۋېلىپ:" مىدىرلىما! قارىغاندا سەن تىرە كىسىلىگە گىرىپتار بولغاندەك قىلىسەن، مۇنداق قىلە، بىز يەنە بىر قاراپ باقايلى!"دىدىم.
   قارىغاندا ئۇنىڭ بەدىنى قاتتىق قىچىشى كىتىۋاتقاندەك قىلاتتى، شۇ تپتا ئۇ چىدىيالمايلا قالدى. مەن بوتولكىغا:" مۇنداق كىتىۋەرسە بولمايدۇ، بىز تىزرەك بىر ئامال تېپىشىمىز كېرەك، مەن باشقىلاردىن مۇشۇ كىسەلگە چىدىيالماي ھەتتا ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغانلانىڭمۇ چىققانلىقىنى ئاڭلىغان "دىدىم.
   سىمىز:" ھۇ ئاناڭنى!!! ھازىرلا ئۆزۈمنى ئۆلتۈرىۋالغۇم كىلىۋاتىدۇ، بۇلالماي قالدىم. يا بولمىسا سەن تىرە كۆچۈرۈش ئوپراتىسىيەسىگە ئوخشاش ئاشۇ قىچىشىپ مىنى قىينىغان بىر قانچە پارچە تىرەمنى كىسىپ ئېلىۋەت !"دىدى.
   مەنمۇ كىچىك ۋاقتىمدا تىرە كىسىلىگە گىرىپتار بولغان، يەرلىك داۋالاش ئۇسۇلىغۇ بار، بىراق بەك كۆڭۈلنى ئىلەشتۈرىدۇ.
" تىرىنى كەسكەن بىلەن بولمايدۇ، قارىغاندا ئۆزۈڭچە مەندە گۆش كۆپ دەپ ئويلاپ قاپسەن-دە ؟ مەندە بىر دۇرا بار شۇنى ئىشلىتىپ باقايلى، بۇنى سۈرتكەندە بەكلا ئاغرىيدۇ، سەن چۇقۇم چىدىشىڭ كېرەك"دىدىم-مەن.
   بوتولكا بۇنى ئاڭلاپ ھاڭۋېقىپ قالدى، سىمىزمۇ ھەيران بولۇپ:" سىلەر شەھەرلىكلەرنى -زە، سىلەرنىڭ يېنىڭلاردىن ھەممە نەرسە تېپىلىدۇ! قەبرە ئوغۇرلىغاندىمۇ ئاشۇنداق دۇرا دىگەنلەرنى ئېلىۋالىدىغىنىڭنى ئويلىماپتىكەنمەن"دىدى.
   "مەن ئىلگىرى ئاشۇ خىل كىسەلنىڭ دەردىنى تارتقاچقا، يەنە كىلىپ دوختۇر نەم ھاۋادا كىسەلنىڭ يەنە قوزغۇلۇغ مۇمكىنچىلىكىنىڭ بارلىقىنى ئېيتقاچقا ئېلىۋالغان"دىدىم-مەن. شۇنداق دىگەچ دورىنىڭ ئېغىزىنى ئېچىپ قولۇمغا پەلەي كىيىپ سىمىزنىڭ دۈمبىسىگە دورىنى سۈركىدىم.سىمىزنىڭ بۇنداق چىدىماس ئىكەنلىكىنى ئويلىماپتىكەنمەن. كىم بىلسۇن دۇرىنى ئەمدى سۈركىشىمگىلا ئۇ قاتتىق ۋارقىراپ كەتتى ۋە مەندىن قېچىشقا باشلىدى. ۋە مىنى تىللاپ:" ھۇ ئەبلەخ! نىمە بۇ سۈركىگىنىڭ؟ ئۇنىڭدىن كۆرە مىنى ئۆلتۈرسەڭچۇ؟ ۋاي ئانامەي مەن چىدىيالمىدىم!!!! "دىدى.
   شۇ تاپتا سىمىز تامنىڭ بۇلۇڭىغا قىسىلىپ ماڭىدىغان يولى تۈگىگەن ئىدى. دۇرىنى سۈركەپ بولدۇم ۋە ئۇنىڭدىن :" سەن نىمىدىگەن چىدىماس نەرسە؟ قېنى دىگىنە يەنە قىچىشىۋاتامدۇ؟ " دەپ سورىدىم.
   سىمىز تامنىڭ بولۇڭىدا بىردەم تىپىرلىغاندىن كېيىن پەسكۇيغا چۈشتى، ئارقىدىنلا:" شىياۋۋۇ بۇ نەرسە بولىدىكەن جۇمۇ! سىنىڭ قولۇڭدىكى بۇ قانداق دۇرا ماركىسى نىمە؟ بەك قالتىسكەن!" دىدى.
   ئەمەلىيەتتە مەندىكى ھېلىقى قۇتىدا ھېچنىمە يوق بولۇپ مەن ئۇنىڭ يارىسىغا تۈكۈرۈپلا قويغان ئىدىم. ئەگەر ئۇ بۇنى بىلىدىغان بولسا مەن بىلەن ئېتىشقىنى ئېتىشقان .بوتولكا بۇنى سىزىپ قالغان بولۇپ بېشىنى چايقاپ كۈلدى. مەەن بوتولكىنىڭ تۈنجى قېتىم چىن يۈرىگىدىن كۈلىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم، بۇندىن بۇرۇنقى بوتولكا دائىم ئاچچىق كۈلەتتى. قارىغاندا ئادەملەر كۆپرەك ئالاقە قىلسا، بىر-بىرىنى چۈشەنسە ئاندىن مىھىر پەيدا بولىدىكەن.
   بىراق ئۇ كۈلۈپ بولۇپلا ئاۋالقىدەك سۈرلۈك قىياتكە قايتتى، ۋە بىزنى ئۆزىگە ئەگىشىپ مېڭىشقا ئىشارەت قىلدى. بىز يېرىم تال تاماكىنى چىكىپ بولغۇچىلىك ۋاقىت ئۈستىگە ياماشتۇق، بوتولكا تۇساتتىن توختاپ:" ئالدىمىزدا بىر ئاچا يول باركەن"دىدى.
   مەن قىسىلىپ چىقىپ قارىدىم راستىنلا ئوڭ ۋە سولغا قاراپ ئىككى تۈشۈك ئېچىلغان ئىدى. مەن قولچىرىقىنى يۇرۇتۇپ سول تەرەپتىكى يوغا قارىدىم ئۇ پەقەت ئالدىغا ئازراقلا كولىنىپ توختاپ قالغان، خىشلار دۈۋلەپ قويۇلغان ئىدى، قارىغاندا بۇ ئۆلۈم يولى بولسا كېرەك. بۇ يول قۇشۇمچە قەبرە ئۆيىگە تۇتىشىدىغان بولۇپ ئۇ يەردىن بىرەر نەرسىنىڭ بۇ يەرگە كىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تۇسىۋېتىلگەندەك قىلاتتى. ئۇ تۇسىۋېتىلگەن ئىكەن ئۇنداقتا بىردىنبىر چىقىش يولى دەل ئوڭ تەرەپتىكىسى، بوتولكا ماڭا قارىدى قارىغاندا ئىككىمىزنىڭ ئويلىغىنى ئوخشاش ئىدى. بىز گەپ قىلىشمايلا ئوڭ تەرەپكە قاراپ ياماشتۇق.
   راست گەپنى قىلسام مەن چوڭ بولۇپ ھازىرغىچەبۇنداق ئۇزۇ ۋاقىت ئۆمىلەپ باقمىغان ئىدىم. شۇ تاپتا پۈتۈن بەدىنىم تەرلەپ كەتكەن ئىدى. ئادەتتىكى تۇپا جاي بولىدىغان بولسا بۇنداق ئېغىر كەلمەيتتى، بىراق بۇ يەرنىڭ ھەممىسى خىش ئۇۋاقلىرى بولغاچقا ئادەمىڭ بەدەنلىرىنىڭ ساق يېرىنى قويمايتتى.
   بوتولكا تۇساتتىن توختاپ قالدى، ئۇ قولىنى ئېغىزىغا ئاپىرىپ گەپ قىلماسلىق توغرىسىدا ئىشارەت قىلدى. سىمىز بۇنى كۆرەلمىگەچكە پەس ئاۋازدا مەندىن:" يەنە نىمە ئىش بولدى؟" دەپ سورىدى.
   مەن ئۇنى گەپ قىلماسلىققا بۇيرۇدۇم. بۇ ۋاقىتتا بوتولكا قولچىرىقىنى ئۆچىرىۋەتكەن ئىدى. مەن سىمىزمۇ ئۇنى دوراپ دەرھال قولچىرىقىنى ئۆچۈردۇق. بىردىنلا بىز قاپقاراڭغۇلۇقتا قالدۇق. ھەممە يەر تىپتىنىچ ئىدى. مەن بۇنىڭ نىمە سەۋەپتىن ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتىم، بۇ قەبرە ئىچىدە بوتولكىنىڭ گېپى توغرا چىققاچقا ئۇنىڭ دىگىنى بۇيىچە قىلماي بولمايتتى.
   بىز مۇشۇ پېتى بىردەم تۇردۇق، ئۈستى-بېشىمىزدىكى تەرلەرمۇ قۇرۇشقا باشلىدى. كۆپ ئۆتمەيلا ئۈستىمىزدىن بىر نەرسىنىڭ ماڭغان ئاۋازى ئاڭلاندى. خۇددى ئادەم مېڭىۋاتقاندەك قىلاتتى. بۇ زادى كىمدۇ؟ ئۈستى تەرەپ زادى قەيەردۇ؟ ئانىڭمىدۇ ياكى كەنجى تاغاممىدۇ؟
   مەن شۇنداق خىيال قىلىۋاتقىنىمدا تۇيۇقسىز بوينۇمنىڭ قاتتىق قىچىشقانلىقىنى بىر نەرسىنىڭ مېڭىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلدىم. مەن خىيالىمدا بۇ ئۆلگۈر سىمىز ماڭا چاقچاق قىلىۋاتىدۇ دەپ ئويلاپ ئاچچىقىمدا ھېلىقى نەرىىنى تۇتۇپ مۇجۇقلاپلا ئۆلتۈرمەكچى بولۇپ قولۇمنى بوينۇمغا ئاپارغاچ كەينىمگە قارىدىم، قارىسام سىمىزنىڭ يۈزى ناھايتىمۇ كىچىكلەپ قاپتۇ. ئۇنىڭ يۈزىنى ئاپئاق چاچلار يۆگىۋاپتۇ، بۇ زادى نەدىن كەلگەن بۇنچە كۆپ ئاق چاچتۇ؟ سىمىزنىڭ بەدىنىدىن ئۈنۈپ چىققان چاچنىڭ بۇنچە كۆپ بولىشى مۇمكىن ئەمەس.
   مەن قەبرە ئىچىدە يولۇقتۇرغان ھېلىقى ئادەم يۇتىدىغان چاچنى ئويلاشقا باشلىدىم، نەپسىم قىسىلىۋاتاتتى. قولچىرىقىنى ياندۇرۇشقىمۇ جۈرئەت قىلالمىدىم، ھېلىقى نەرسە بىلەن بولغان ئارلىقىم ئاران بىر قانچە سانتېمىتىرلا كىلەتتى. ئەگەر مەن قولچىرىقىنى ياندۇرساملا ئۇنىڭ بىلەن كۆزىمىز ئۇدۇلمۇ-ئۇدۇل قارىشىپ قالاتتى.
بۇ قورقۇنۇچقا مەن ھەرگىزمۇ چىدىيالمايتتىم. مەن شۇلارنى خىيال قىلىۋاتقىنىمدا ھۆل بولۇپ كەتكەن بىر قول كىلىپ يۈزۈمنى سىلىدى، ناھايتىمۇ سوغۇق، بارماقلىرى ئۆتكۈر ئىدى. بەدەنلىرىم تىكەنلىشىپ كەتتى، يۈز تىرىلىرىم ئىختىيارسىز تىتىرەيتتى. ھېلىقى قول بوينۇمنى سىلاپ ئۆتۈپ ئارقىغا ياندى. كەينىدىنلا ئۇ نەرسىنىڭ بېشى مەن تەرەپكە سۈرۈلۈپ چاچلىرى يۈزلىرىمگە چاپلاشتى، كۆڭلۈم ئېلىشىپ چىشىمنى چىشلەپ ئۆزۈمنى ئاران تۇتىۋالدىم. تۇيۇقسىز ھېلىقى چاچلار ئارىسىدىن بىر ئايالنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى. ئاۋاز ناھايتىمۇ تۆۋەن ئىدى، لېكىن مەن ئۇنىڭ " سەن كىم؟"دىگىنىنى ئىنىق ئاڭلىيالىدىم. مەن تېخىمۇ قورقۇپ كەتتىم. ئارقىدىنلا بۇ ئايالنىڭ بەدىنى مەن تەرەپكە يېقىنلاشتى ۋە مىنىڭ قوينۇمغا كىردى. ئۇ ئىنچىكە قوللىرىنى مۈرەمگە قويدى، ئارقىدىن بوينۇمنى قۇچاقلىدى. مەن غال-غال تىتىرەيتتىم.بۇ ئايال ناھايتىمۇ كىچىك بولۇپ، ئۇنىڭ ئېغىزى ئاستاغىنە مىنىڭ قۇلۇقۇمغا چاپلاشتى، ئۇ نەپەسلەنگەندە چىقارغان ھاۋا شۇنچىلىك سوغۇق ئىدى. ئۇ پەس ئاۋازدا:" مىنى قۇچاقلاڭ"دىدى.مەن بارا-بارا سىھىرلەنگەندەك بولۇپ قېلىۋاتاتتىم. گەرچە قارشىلىق كۆرسەتكۈم بولسىمۇ، بىراق قوللىرىم ماڭا بويسۇنمايۋاتاتتى. مەن ئىختىيارسىز ئۇنىڭ بېلىنى قۇچاقلىدىم. ئۇ ئايال ئۈستىگە ھېچنەرسە كەيمىگەن بولۇپتىرىلىرى ناھايتى سىلىق ئىدى. شۇ تاپتا خىياللىرىم قالايمىقانلاشتى. ئۇ ئايال ئاغىزىنى مىنىڭ زاڭىقىمغا يېقىن ئېلىپ كىلىپ خۇددى "مىنى سۆيۈڭ"دەۋەتقاندەك ئاستا مىدىرلىدى، مەن بارا-بارا كونتروللىقىمنى يۇقاتتىم ۋە ئۇنى سۆيمەكچى بولدۇم.   دەل شۇ چاغدا بوتولكا تۇيۇقسىز قولچىرىقىنى يۇرۇتتى. مەن تىزلىكتە ئىسىمنى يىغىپ قوينۇمدىكى"نەرىسىنىڭ"نىمىلىكىنى ئىنىق كۆردۈم، قۇيقا چاچلىرىم تىك بولۇپ كەتتى.

EzQi0908 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-30 11:28:01


كۆز ئالدىمدا قول يەتمەيدىغان يەردىلاتاتىرىپ كەتكەن بىر ئادەمنىڭ چىرايى كۆرۈندى. ئۇنىڭ يۈز تىرىلىرى دېڭىز يۈزىگە قانچە ئۇزۇن ۋاقىت چىلىنىپ تۇرغىنى نامەلۇم، تىرىلىرى پاختىلىشىپ كەتكەن، ئادەمنىڭ قورققىسىنى كەلتۈرىدىغان بىر جۈپ كۆزىنىڭ كۆز ئېقى يوق يوق، خۇددى كۆزى ئۇيىۋېلىنغان جەسەتتەك كۆرىنەتتى.
   شۇ تاپتا قورققىنىمدىن ئېلىشىپ قالايلا دەپ قېلىۋاتاتتىم. مەن قاتتىق ۋارقىراپ پۈتۈن كۈچۈم بىلەن ئۇنى ئىتتىرىشكە باشلىدىم. جېنىمنىڭ بارىچە ئالدىغا ئۆمىلىدىم. شۇ تاپتا كاللامدا «قېچىش»دىگەن بىر ئۇقۇملا بار ئىدى.بۇ تار يولدىن ئىككى ئادەم ئۆتەلمەيتتى. بوتولكا بىلەن ئىككىمىز تار يولدا قىسىلىپ قالدۇق، مەن مىدىرلىيالماي قالدىم، مەن بوتولكىنى سىلكىشلەپ تۇرۇپ:« ئالۋاستى! سۇ ئالۋاستىسى باركەن!» دەپ قاتتىق ۋارقىرىدىم.بوتولكا قولى بىلەن ئېغىزىمنى تۇتىۋېلىپ پەس ئاۋازدا:« ۋارقىرىما! سۇ ئالۋاستىسى نەدىكەن؟» دەپ سورىدى.
مەن ئارقامغا بۇرۇلۇپ ئالاقزادە بولغان ھالدا ئارقا تەرەپنى كۆرسەتتىم. « ئالۋاستى ئەنە، ئالۋاستى..........» گەپنىڭ يېرىمىنى دەپ بۇلا-بولمايلا ھاڭۋېقىپ قالدىم. ئەمەلىيەتتە ئۇ يەردە ھېچنىمە يوق ئىدى. ھېلىقى ئادەم يۈزى، ھېلىقى چاچ، ھەتتا ئازراق سۇ سىرغىپ چۈشكەن ئەھۋالمۇ يوق. شۇ تاپتا قولۇم سىمىزنى كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ. سىمىز ماڭا ئالىيىپ:« ھۇ ئاناڭنى! ئالۋاستى سەن ئۆزۈڭ!»دىدى.
   مەن نىمە قىلىشنى، نىمە دىيىشنى بىلەلمەيلا قالدىم. ئارقىدىن ئىسىمنى يىغىپ ئۇياق-بۇياقنى ئىزدەشكە باشلىدىم. راستىنلا ھېچنىمە يوق. بىراق بۇنداق بولىشى مۇمكىن ئەمەس، بايىقىسى راست بولغان ئىشلار تۇرسا، بۇنىڭ بىر خىيالى تۇيغۇ بولىشى قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن؟ ئەجىبا بۇ قەدىمىي قەبرىدە يۈرىۋىرىپ مىنىڭ نىرۋامدىن مەسىلە چىقىشقا باشلىغانمىدۇ؟    يۈرىكىم ئەنسىز سوقماقتا، كاللامدا چىگىش خىياللار، شۇ تاپتا مەن بۇ ئىشلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىشنى بىلەلمەيلا قېلىۋاتاتتىم.
   سىمىز مىنىڭ چىرايىمنىڭ كۆكىرىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ ماڭا تەسەللىي بەردى، ۋە:« بولدى، ئۆزۈڭنى بېسىۋال، نىمە ئىش بولغانلىقىنى ئاستا-ئاستا سۆزلە»دىدى.
   مەن كىكەچلىگەن ھالدا بايام ناھايتى نۇرغۇن چاچنى، يالىڭاچ تەنلىك ئايالنى كۆرگەنلىكىمنى، ئۇنىڭ مىنى سۆيمەكچى بولغانلىقىنى، ئۇنىڭ دەل سۇ ئالۋاستىسى ئىكەنلىكىنى سۆزلەپ ئۆتتۈم. ئارقىدىن ئۆزۈممۇ سەزمىگەن ھالدا بىر مۇنچە گەپلەرنى قىلدىم. سىمىز مىنىڭ بۇ ھالىمغا سەۋر قىلالماي:« شىياۋۋۇ، سەن چۈش كۆرمەيۋاتقانسەن؟ نەدىكى سۇ ئالۋاستىسىكەن ئۇ؟ ئەگەر شۇنداق دىگەن تەقدىردىمۇ ئۇ سىنىڭ يېنىڭغا بارغۇچە مىنىڭ ئۈستۈمدىن ئۆمىلەپ ئۆتىشى كېرەكقۇ، لېكىن مەن ھېچنىمىنى سەزمىگەن تۇرسام»دىدى. ئۇ يەنە مۈرەمگە ئۇرۇپ قويۇپ :« سەن ئەمدىلا يىگىرمە نەچچە ياشقا كىرگەن ئەركەك، سىنىڭ چۈشۈڭدە يالىڭاچ ئاياللارنى كۆرىشىڭ ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس. مەنمۇ سەندەك ۋاقتىمدا پات-پات شۇنداق چۈش كۆرەتتىم، بۇ دىگەن نورمال ئەھۋال»دىدى.
   مەن ئاچچىقىمدا:«ھۇپور كۆتەك! تۇلا مىنىڭ چىشىمغا تەگمە، كىسىپ ئېيتىمەنكى ئۇ ھەرگىز چۈش ئەمەس!»دىدىم. شۇنداق دىگىنىمچە بوينۇمنى ئېچىپ ئۇلارغا كۆرسىتىپ:« ئىشەنمىسەڭ تۇتۇپ كۆر، بايا ئۇ ئالۋاستى ھۆل قوللىرى بىلەن بوينۇمنى سىلىغان»دىدىم.سىمىز بىلەن بوتولكا ھەر ئىككىلىسى سىلاپ كۆرۈپ بىر-بىرىگە قارىشىپ قويدى. بوتولكا تۇرۇسقا قاراشقا باشلىدى. ئۇ تۇرۇستى سۇ تامچىلاپ بوينۇمنى ھۆل قىلىۋەتكەن دەپ ئويلاپ قالدى بولغاي. مەن ئۇنىڭغا:« بۇ قەبرىنىڭ تاملىرى ناھايتى پۇختا، سۇ تامچىلىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس»دىدىم.
   سىمىز ئەجەبلەنگەن ھالدا:« بۇ بىر ئادەم ئاران-ئاران پاتىدىغان تار يولدا بىرەر نەرسە سىنىڭ ئۈستۈڭگە ياماشسا مىنىڭ سەزمەسلىكىم مۇمكىنمۇ؟»دىدى.
   «سەن ئۇخلاپ قالغان ئوخشايسەن، شۇڭا سەزمىگەن بولىشىڭ مۇمكىن»دىدىم-مەن سىمىزگە.
   سىمىز ئاچچىقلىنىپ:« سەن مىنى نىمە چاغلاپ قالدىڭ؟ مەن بىرەر نەرسە ئۈستۈمدىن ئۆمىلەپ ئۆتسە سەزمىگۈدەك دەرىجىدە ھاڭۋاقتى ئەمەس! يەنە كىلىپ بۇنداق يەردە ئادەمنىڭ قانداقمۇ ئۇيقۇسى كەلسۇن؟ ئىشەنمىسەڭ قاراپ باقە ئۈستۈمدە ئاياق ئىزى بارمىكىن»دىدى، شۇنداق دىگىنىچە ئۆرۈلۈپ دۈمبىسىنى كۆرسەتتى.
   بۇ ۋاقىتتا مىنىڭ كۆڭلۈم ئازراق ئارامىغا چۈشۈپ قالغان ئىدى. مەن ئۇنىڭ دۈمبىسىگە قارىدىم. قارىدىميۇ يۈرىگىم قارتتىدە قىلىپ كەتتى. كىم بىلسۇن، ھېلىقى نەرسە دەل سىمىزنىڭ دۈمبىسىگە چاپلىشىپ تۇراتتى. ئۇ بۇرۇلغىنىدا ھېلىقى نەرسىنىڭ ئېغىزى بۇرنۇمنىڭ ئۇچىغا تەگدى. مەن قورققىنىمدىن پۇتى كۆيگەن توخۇدەك كەينىمگە قاچتىم. بىراق ئىككى قەدەم ماڭا-ماڭمايلا پۇتۇمغا بىر نەرسە ئۇرۇنغاندەك بولدى. قارىسام پاقالچىقىمغا بىر مۇنچە چاچ يۆگىشىپ قاپتۇ. مەن ئۇنى تارتىپ ئاجراتماقچى بولدۇم، بىراق ھەرقانچە قىلىپمۇ ئۇنىڭدىن قۇتۇلالمىدىم. ئارقىدىنلا كۆپ مىقداردىكى چاچ مىنىڭ ئۈستى-بېشىمغا قاراپ يۆگىشىشكە باشلىدى. بۇ چاچلار ئاستا-ئاستا مىنىڭ ئېغىزىمنىڭ ئىچىگە كىرىپ كىتىشكە تەمشەلدى. مەن بۇرۇندىنلا بىرەر نەرسە يىگىنىمدە ئېغىزىمدا قىل ياكى چاچ دىگەندەك نەرسىلەر بولۇپ قالسا بەكلا سەسكىنىپ كىتەتتىم. شۇڭلاشقىمۇ بار كۈچۈم بىلەن قولۇمدا ئېغىزىمنى چىڭ تۇتىۋالدىم. بۇ قالايمىقانچىلىق ئىچىدە بوتولكا مىنىڭ ياقامدىن تۇتۇپ سىلكىشلەپ تارتتى. كىم بىلسۇن ئۇنىڭ قولىمۇ چاچلار ئارىسىدا قېلىپ قولىنى مىدىرلىتالمىدى. بۇرۇلۇپ قارىسام سىمىز چاچلار ئارىسىدا قېلىپ تۇڭغىلا ئوخشاپ قالغان ئىدى، ئۇ توختىماي تولغىنىۋاتاتتى.ھېلىقى بەتبەشرە چىراي كۆرۈنمىدى. ئەتراپ ھەممىسى چاچ.
   بوتولكا كۈچەپ قولىنى چاچلار ئارىسىدىن تارتىپ چىقىرىپ مەندىن:« سەرەڭگە ياكى چاقماق دىگەندەك نەرسە بارمۇ؟ بۇ نەرسە ئوتتى قورقىدۇ!»دىدى.مەن بىلىمدىكى سومكىنى سىلاشتۇرۇپ بىر تال چاقماقنى ئالدىم.   بۇ چاقماق ئەينى چاغدا كىمىدە بېلىق شورپىسى يىگەن چېغىمىزدا كاپىتان مىنى چىراقنى ياندۇرۋېتىشكە بۇيرۇغاندا بەرگەن چاقماق شۇ ئىدى. مەن چىراقنى ياندۇرۇپ بولۇپ ئۇنى ئۇدۇللا سومكامغا سالغان ئىدىم. بۇ نەرسىنىڭ بۇ يەردە جاننى قۇتقۇزۇپ قالالايدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىكەنمەن.
   مەن ئالدىراش ھالدا چاقماقنى ياندۇرۇپ بەدىنىمدىكى چاچقا ئوت ياقتىم. چاچلار گەرچە نەم بولسىمۇ بىراق ھەر قېتىم ئوت ياققاندا بىر سىقىم چاچ كۆيۈپ كىتەتتى. مەن بىردەمدىلا ئۇ مەرەزدىن قۇتۇلدۇم. ئالدىراش سىمىز تەرەپكە ئېتىلدىم. تۇيۇقسىز يېنىمدىكى چاچلار دۈۋىسى ئىچىدىن بىر ئادەمنىڭ چىرايى كۆرۈندى، تاس-تاس قالدى مىنىڭ دۈمبەمگە يامىشىپ چىققىلى.
   مەن ئۇنى كۆرۈپلا يۇشۇرنۇپ ئۈلگۈرگىلى بولمايدىغانلىقىغا كۆزۈم يىتىپ بېشىمنى پەس قېلىپ پۈتۈن كۈچۈمنى يىغىپ ئۇنىڭغا قارىتىپ مۇش ئاتتىم. بۇ مۇش راستلا كارغا كەلدى. پالاق قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭلا ھېلىقى نەرسىنىڭ بۇرنى ماخچىيىپ كەتتى، ئارقىدىنلا قاپقارا سۇ چىقىپ كەتتى. قولۇمدىكى چاقماق تېخى ئۆچمىگەن ئىدى. مەن ئۇنىڭغا يەنە بىر مۇش ئاتماقچى بولۇپ قولۇمنى كەينىمگە تارتىشىمغا ھېلىقى نەرسە بىر مىدىرلاپلا ئارقىسىغا ياندى.
   مەن بۇلارنى كۆرۈپ«بۇ بولىدىغان ئامالكەنغۇ، بۇ ئالۋاستى مۇشتىن قورقىدىكەن»دىگەنلەرنى ئويلىدىم. بىردىنلا روھلىنىپ ئۇنىڭ بىلەن بىر قەپەس تۇتۇشماقچى بولدۇم.
   ھېلىقى چىراي چاچلار ئارىسىغا يۇشۇرنىۋالغان بولۇپ ناھايتى بىچارە كۆرىنەتتى. ئۇ ئوتنى كۆرۈپ ئەمدى بىز تەرەپكى كىلىشكە جۈرئەت قىلالمايۋاتاتتى. بۇ ۋاقىتتا بوتولكا نەلەردىندۇ بىر تۇتام قەغەزنى تېپىپ كىلىپ چاقماققا تۇتۇپ ئوتلىغاندىن كېيىن ئالۋاستى تەرەپكە يېقىنلاشتى. ئۇ مەخلۇق بۇ ئوتنى كۆرۈپ چىقىرىغىنىچە ئارقىغا قېچىشقا باشلىدى. سىمىزمۇ چاچلار دۈۋىسىدىن ئازات بولدى. بوتولكا بۇ پۇرسەتتە سىمىزنىڭ بەدىنىدىن بۇشاشقا باشلىغان ئەڭ ئاخىرقى بىر تۇتام چاچنى كۆيدۈرۈپ تاشلىدى.
   بوتولكا ھېلىقى نەرسىنى قىستاپ خېلى بىر يەرلەرگىچە قوغلىۋەتكەندىن كېينلا بولدى قىلدى. ئۇنىڭ قولىدىكى قەغەز كۆيۈپ بولاي دەپ قالغان ئىدى. مەن سىمىزگە قارىدىم. ئۇنىڭ بۇرنى ۋە ئېغىزىدا چاچ تۇراتتى، چىرايى كۆكىرىپ كەتكەن ئىدى. مەن يۈگىرەپ بېرىپ ئۇنىڭ مەيدىسىگە قاتتىق بىرنى مۇشتلىدىم، ئۇنىڭ ئېغىزىدىن بىر تۇتام چاچ ئېتىلىپ چىقتى، توختىماي يۆتىلىپ كەتتى.مەن ئۇھ تارتتىم. سىمىزنىڭ ئۆپكە سىغىمى ھەقىقەتەن يۇقىرى ئىكەن، ھېلىمۇ تەلىيىمىز باركەن،ئەگەر بۇ چاچلار ئۆزى چىقىپ كىتىپ نەپەس ئالمىغان بولسا ئۇنى سۈنئى نەپەسلەندۈرۈشكە توغرا كىلىپ قالغان بولسا قانداقمۇ قىلاردۇق؟ دىگەن خىياللار كەچتى كاللامدىن.
   سىمىز ھاسىراپ كەتتى، يۆتىلىپ بۇرنى، ئېغىزىدىكى چاچلارنى چىقىرىشقا باشلىدى. «ۋاي ئانىمەي! ئۇ زادى قانداق نەرسە؟»دەپ سورىدى-ئۇ.
   مەن قولۇمدا تېخىچە يېنىقلىق تۇرغان چاقماقنى ئۆچۈردۈم. ئۆزۈممۇ سەزمىگەن ھالدا چاقماق يېنىۋىرىپ قولۇمنى كۆيدۈرگەن ئىدى. بوتولكىمۇ مەندىن قېلىشمايتتى. ئۇ قوللىرىنى سىلكىشلىگىنىچە:« ئۇ جادۇگەر ئايال ئالۋاستى!»دىدى.
   مەن تاغدىكى بەزى چوڭلارنىڭ بۇ نەرسە توغرىلۇق ئېيتىپ بەرگەن رىۋايەتلىرىنى ئاڭلىغان ئىدىم، بىراق ئىشەنمەيتتىم. «راستلا جادۇگەر ئايال ئالۋاستى دىگەن نەرسە مەۋجۇتمۇ؟»دەپ سورىدىم-مەن.
   بوتولكا بېشىنى لىڭشىتىپ:«مەنمۇ بۇ نەرسىنىڭ قانداق پەيدا بولىدىغانلىقىنى بىلمەيمەن، بىراق بۇ توغرىسىدا رىۋايەتلەر ناھايتىمۇ كۆپ، ھەممىسىنى خاتا دەپ كەتكىلىمۇ بولمايدۇ»دىدى.
   مەن ناھايتى غەلىتىلىك ھىس قىلىۋاتاتتىم. ئۇنىڭدىن تەپسىلى ئەھۋالنى سورىدىم، ئۇمۇ بېشىنى چايقىدى. پەقەتلا:« بۇ ئالۋاستى سۇ ئىچىدە پەيدا بولىدۇ، كۆپىيىدۇ. مەن پەقەت ئۇنىڭ ئوتتىن قورقىدىغانلىقى جەزىملەشتۈرەلەيمەن، باشقا تەرەپلىرى ماڭا نامەلۇم. خۇددى تىرىك مۇردىغان ئوخشاش، بىز تىرىك مۇردىنىڭ قارا ئىشەكنىڭ تۇيىقىدىن قورقىدىغانلىقىنى بىلىمىزغۇ؟ بىراق ئۇنىڭ نىمىشقا شۇ نەرسىدىن قورقىدىغانلىقىنى بىلىدىغان ئادەم بولمىغىنىدەك. بىراق مىنىڭ كاللامدىن ئۆتمەيۋاتقىنى بۇ نەرسىدە يەنە تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارى باركەن، بىز چۇقۇم قاتتىق پەخەس بولىشىمىز كېرەك. ئۇ نەرسە بىزنىڭ كەينىمىزگە يۇشۇرىنىۋالغان بولىشى مۇمكىن»دىدى.
   سىمىز:« بۇ قەبرىنىڭ قەبرە ئورنى ناھايتى ياخشى تاللانغان دەپ ئويلىغان ئىدۇق، شۇنداق تۇرۇقلۇق نىمىشقا بۇ يەردە شۇنچە كۆپ غەلىتە نەرسىلەر يۇلۇقىدۇ؟»دىدى.
   بۇنى مەنمۇ ئىنىق جەزىملەشتۈرەلمەي قېلىۋاتاتتىم.   بىردىنلا ئىلگىرى جادۇگەر ئايال ئالۋاستى توغرىسىدا كۆرگەن ماتىرياللىرىم ئىسىمگە كەلدى. بۇ نەرسە تاغدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ نەزىرىدە سىھىر ۋە ئاجايىپ-غارايىباتلارغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. بىراق دېڭىز ياقىسىدىكى كىشىلەر ئارىسىدا تارقىلىپ يۈرگەن رىۋايەتلەردە جاھاندىكى ئەڭ يىرگىنىشلىك ئالۋاستى دەپ قارىلىدۇ. نىمىشقا بۇنداق پەرق مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى مەنمۇ بىلمەيتتىم. ئادەتتە دېڭىز ياقىسىدىكىلەرنىڭ دىيىشىچە بۇ نەرسىنى باشقىلار تۇتىۋالسا پۇت-قولىنى كىسىپ تاشلاپ تىرىك پېتى يەرگە كۆمىۋېتىدۇ.يەنە بەزى رىۋايەتلەردە دىيىلىشىچە بۇ نەرسە ھامىلدار ئاياللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ھامىلدار ئاياللارنى قەبرە ئىگىسىگە ھەمراھبولىدۇ دەپ تىرىك پېتى دەپنە قىلغاندا پەيدا بولىدۇ دەپ قارىلىدۇ. يەنە كەنجى تاغامنىڭ مۇشۇ توغرىسىدا دىگەن بەزى گەپلىرىمۇ ئىسىمدە تۇرۇپتۇ.
   مەن شۇلارنى خىيال قىلىۋاتقىنىمدا، بوتولكا سەل تۇرۇپ ھېلىقى نەرسىنىڭ يەنە كىلىشىدىن ئەنسىرەپ بىزگە تىز ئالدىغا قاراپ ئىلگىرلەشكە شەرەت قىلدى. بۇ ئۆڭكۈرنىڭ ئۈستىدىن ئاڭلانغان ئاۋاز ئەمدى ئاڭلانمىدى. بۇ ئاۋازنىڭ نىمىنىڭ ئاۋازى ئەكەنلىكىنى بىلگىلى بولمايتتى. بىز باياتىندىن بىرى بۇ يەردە ھېلىقى ئالۋاستى بىلەن بىر قەپەس تۇتۇشتۇق، بەلكىم ئۇ نەرسە بىزنىڭ ئاۋازىمىزنى ئاڭلاپ قالغان بولىشى مۇمكىن. بۇ ئەھۋال بىز ئۈچۈن خەتەرلىك. بۇ يەردە ئۇزۇن تۇرۇشقا بولمايتتى.
   مەن سىمىزگە قارىدىم ئۇنىڭ ھالىمۇ ياخشىلانغان ئىدى. قارىغاندا ئۇمۇ بۇ يەردە تۇرۇشنى خالىمىدى بولغاي بىزدىن بەكرەك مېڭىشقا ئالدىرىدى. سىمىز قولچىرىقىنى ياندۇرۇپ بېلىگە ئېسىپقويدى، بۇنداق بولغاندا كەينىدە ماڭغانلارمۇ ھەرۋاقىت ئەتراپنى كۆزۈتۈپ ماڭغىلى بولاتتى. مەنمۇ چاقماقنى قولۇمدا چىڭ سىقىملىغىنىمچە ئالدىغا ماڭدىم.
   بىز يەنە ئالدىغا قاراپ بىر ھازا ئۆمىلىدۇق. بۇ ئۆڭكۈرنىڭ يۈنىلىشىبىردىنلا «之» خېتى شەكىلدە ئۈستىگە قاراپ ئۆزگەردى. مەن يانغا قارىدىم، بۇ ئۆڭكۈر ئەسلىدە قېزىلىپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە قەبرە تېمىغا تاقاشقان ئىدى، مۆلچەرىمچە ئۈستى دەل دېڭىز سۈيى بولىشى مۇمكىن. بۇ يەرنى كولىغاندا كولاش يۈنىلىشىنى ئۆزگەرتىپ چىقىش يولى ئىزدىگەندەك قىلاتتى. قارىغاندا بۇ جىيېلىيەنخۇەنمۇ بىزگە ئوخشاش قەبرىنىڭ ئۈستىدىن چىقىپ كىتىشنى ئويلىغان.
   بىز بۇ تار ئۆڭكۈرگە كىرگەندىن باشلاپ ھازىرغا قەدەر يېرىم سائەتچە ۋاقىت ئۆتتى، قارىغاندا بۇ قەبرىنىڭ ئومۇمىي دائىرى ئۇنچىۋالا چوڭ ئەمەس، ئىنىق قىلىپ ئېيتقاندا بۇ قەبرىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ۋە كەڭلىكى ئۇنچىۋالا چوڭ ئەمەس، مەسىلە ئۇنىڭ ئىگىزلىكىدە. مەن كۆڭلۈمدە بۇ قەبرىنىڭ ئىگىزلىكىنى 30مېتىر ئەتراپىدا دەپ پەرەز قىلدىم. ئۇنداق بولغاندا ھەر 3 مېتىرنى بىر قەۋەت دەپ ھېسابلىساق، 10 قەۋەتلىك بىنانىڭ ئىگىزلىكى بىلەن ئوخشاش دىگەن گەپ.
   ھازىر كەينىمىزگە قايتايلى دىسەكمۇ ئامال يوق ئىدى. بىز يەنە داۋاملىق ئۈستىگە قاراپ ئۆمىلدۇق. تەخمىنەن بىرتال تاماكىنى چىكىپ بولغۇچىلىك ۋاقىت ياماشقاندىن كېيىن بوتولكا مىدىرلىمىدى. مەن ئۇنى ئىتتىردىم، ئۇ پەس ئاۋازدا:« يول تۈگىدى!»دىدى.
   مەن گاڭگىراپلا قالدىم. بۇنداق بولىشى مۇمكىنمۇ؟ مەن ئالدىراش ئۆمىلەپ بېرىپ ئالدىغا قارىدىم، دەرۋەقە ئالدىمىزدا يول قالمىغان ئىدى. ئالدى تەرەپ چوڭ كۆك رەڭلىك تاش بىلەن تۇسۇپ قويۇلغان ئىدى. مەن كۈچەپ ئىتتىرىپ باقتىم، بۇ تاش ناھايتى ئېغىر ئىدى، بىراق ئۇنى بىرنىمە قىلىپ مىدىرلىتالىساقلا يول ئېچىلىدىغاندەك قىلاتتى. مەن ۋە بوتولكا ئىككىمىز بىرلىكتە كۈچەپ ئۈستىگە كۆتۈردۇق، تاش ئازراق ئۈستىگە كۆتۈرۈلۈپ كىچىككىنە يۇچۇق كۆرۈندى. يۇچۇقتىن ئۈستىدىكى قەبرە ئۆيىدىن يۇرۇقلۇق كۆرۈندى. بىز ئىككىلىنىپ تۇرغىنىمىزدا قولىمىز بۇشىشىپ كەتتى، ئارقىدىنلا ھېلىقى تاش غايىپ بولدى.

EzQi0908 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-30 11:29:40

بۇگەنچە مۇشۇنچىلىك يوللىيالىدىم،داۋامىنى ئەتە ئۇلاپ ئاڭلىتىمىز ۋاقىپ بولۇڭلا:lol:lol:lol:lol

musilina1 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-30 13:50:45

ئەستا،يەنە تۈگەپ كەتتا.....

ئوقۇۋېتىپ يۈرىكىم سېلىپ كەتتى خۇددى قەبرىنىڭ ئىچىگە مەن كىرىپ قالغاندەك...

parakende يوللانغان ۋاقتى 2014-6-30 14:09:36

EzQi0908 يوللىغان ۋاقتى2014-6-30 11:29 static/image/common/back.gif
بۇگەنچە مۇشۇنچىلىك يوللىيالىدىم،داۋامىنى ئەتە ئۇلاپ...

ۋاقىپلاندۇق كىپەنگە ھۆددىگەر پىرىم:lol

EzQi0908 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-30 15:25:25

parakende يوللىغان ۋاقتى2014-6-30 14:09 static/image/common/back.gif
ۋاقىپلاندۇق كىپەنگە ھۆددىگەر پىرىم

ھا ھاھا

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-30 15:33:01


مەن سەل تىڭىرقاپ قالدىم، شۇنچە ئېغىر تاشنى زادى قانداق بىر نەرسە كۆتۈرگەندۇ؟ مەن كۆڭلۈمدە ئانىڭ ياكى كەنجى تاغام دەپ ئويلىدىم. چۈنكى بۇ قەدىمىي قەبرىدە بىز ئۈچىمىز ۋە ئۇلار ئىككىسىدىن باشقا ئادەم يوق. مەن بېشىمنى كۆتۈرۈپ شۇنداق قارىسام يۈزلىرى تۈكلەش، بەتبەشرە بىر دېڭىز مايمۇنى بېشىنى تۆۋەنگە ئىگىپ ماڭا تىكىلىپ قاراپ تۇرۇپتۇ. مەن ئۇنىڭ مۈرىسىدىكى قان داغلىرىنى كۆردۈم، يەنە بىردانە يا ئوقى سانجىلىپ قاپتۇ. "قارىغۇنى ياردا قىستاپتۇ" دىگەندەك بۇ نەرسىنىڭ ماڭا رۇدىپايدەك چاپلىشىۋالغانلىقىنى دىمەمدىغان. يۈرىگىم ئىختىيارسىز دۈپۈلدەشكە باشلىدى.
   مەن ئالدىمدا بۇ چوڭ خەتەرنىڭ مىنى ساقلاپ تۇرغانلىقىنى خىيالىمغىمۇ كەلتۈرمىگەن ئىدىم. دەماللىققا نىمە قىلىشنى بىلەلمەي قالدىم.بۇ ۋاقىتتا بىرسى مىنىڭ ئىشتىنىمنى تارتتى. مەن تۆۋەنگە قارىدىم، ئۇ بوتولكا ئىدى، ئۇ مىنى تىز قېچىشقا ئىشارەت قىلىۋاتاتتى. دېڭىز مايمۇنىنىڭ گەۋدىسى ناھايتى چوڭ ئىدى، مەن دەرھال ئىسىمنى يىغىپ تۆۋەنگە قاراپ ئۆمىلەشكە باشلىدىم. بۇ ئۆڭكۈر ئەسلىدىنلا تار بولۇپ ھازىرقىدەك جىددىيلەشكەندە ھەركەت قىلىش تېخىمۇ قۇلايسىز ئىدى. مەن شۇنچە كۈچەپ ئارانلا بىر نەچچە قەدەم تۆۋەنگە چۈشتۈم. كىم بىلسۇن شۇ ئەسنادا دېڭىز مايمۇنى بىر ھۆركىرەپلا بېشىنى تۆۋەنگە تىقىپ تىپىرلاشقا باشلىدى. مەن دېڭىز مايمۇنىنىڭ بەتبەشرە چىرايىنىڭ ماڭا يېقىنلىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئىشتىنىمغا چىقىرىۋېتەيلا دەپ قالدىم. جىددىيلىشىپ پۇتۇم سىيرىلىپ يېقىلىپ چۈشۈپ كاسام ئۆڭكۈر تېمىغا قاتتىق تەگدى.
   كاسام قاتتىق ئاغرىپ تۇرسىمۇ ئاغرىققا چىداپ مۇشۇ پۇرسەتتە سىيرىلىپ يەنە بىرقانچە قەدەم تۆۋەنگە چۈشتۈم. كۆڭلۈمدە ئەمدى قۇتۇلىدىغان بولدۇم دەپ ئويلىدىم. دېڭىز مايمۇنىنىڭ بەدىنى چوڭ بولۇپ ئۇ ھەرقانچە قىلسىمۇ بۇ يەرگە كىرەلمەيتتى. كۆڭلۈم ئازراق ئارامىغا چۈشكەندەك بولدى.مەن ناھايتى تاتلىق خىيال قىلىپتىكەنمەن، كىم بىلسۇن تۆۋەنگە قاراپ يەنە ئازراق سىيرىلىپ چۈشۈشۈمگىلا سىمىز بىلەن ئىككىمىز دۇقۇرۇشۇپ قالدۇق. ئۇ ئالاقزادە بولغان ھالدا:" ئۈستىگە، ئۈستىگە چىق.. تىز بول ، ھېلىقى چاچ يەنە كەلدى!!!" دەپ ۋارقىرىدى. مەن بۇنى ئاڭلاپ ھەيران قالدىم. ئالدىراش ھالدا ئۇنىڭ كەينى تەرىپىگە قارىدىم. راستلا بىر دۆۋە چاچ ئەڭ ئاخىرقى "之 " خېتى شەكىللىك جايغا كىلىپ بولغان ئىدى. كۆڭلۈمدە ئەمدى راستىنلا تۈگەشتۇق، نەس باسقان دىگەن مانا مۇشۇ! دىگەنلەرنى ئويلىدىم. بىر تەرەپتە جادۇگەر ئايال ئالۋاستى "سۇمبۇل"چاچلىرىنى ئوينۇتۇپ تۇرغان، يەنە بىر تەرەپتە ھېلىقى بەتبەشرە مايمۇن.....بارچە كەلگۈلۈك بىزگىلا كىلىۋاتامدۇ نىمە؟   مەن دەرھال چاقماقنى سىمىزگە ئېتىپ بېرىپ ئاۋال چاچلارنى تۇسۇپ تۇرۇشقا بۇيرۇپ، ئۆزۈم ئۈستىدىكى ئەھۋالغا قارىدىم.بېشىمنى ئەمدىلا مىدىرلىتىشىمغا مۈرەم قاتتىق ئاغرىپ كەتتى. بۇرۇلۇپ شۇنداق قارىسام، دەل ھېلىقى دېڭىز مايمۇنى. دېڭىز مايمۇنىنىڭ بەدىنى چوڭ بولغىنى بىلەن ئۇنڭ بوينى ئۇزىرايدىكەن ئەمەسمۇ.    دېڭىز مايمۇنى ئوڭ مۈرەمنى چىشلىگەن ئىدى.
   ئۇنىڭ ئۆتكۈر چىشلىرى مۈرەمنى چىشلەپ تۇراتتى، شۇ تاپتا ئاغرىقتىن چىدىيالمايۋاتاتتىم. ئۇ مۈرەمنىڭ تىرىسىنى چىشلىگەن بولۇپ، سۈڭىكىم ساق ئىدى، شۇڭلاشقىمۇ ھەر ھالدا تىپىرلاپ ئۇنىڭ بىلەن قارشىلاشماقچى بولدۇم.مەن ئىمدىلا مىدىرلىشىمغا ئۇ مىنى چىشلىگەن پېتى ئۈستىگە قاراپ سۆرىدى.
   دېڭىز مايمۇنى مىنى چىشلەپ ھاۋادا ساڭگىلىتىپ تۇراتتى، قارىغاندا ئۇ مىنى ئالدىراپ ئۆلتۈرمەيدىغاندەك قىلاتتى. ئەگەر ئۇ كۈچەپ چىشلەپ سىلكىيدىغان بولسا مەن ئىككى پارچە بولماي قالمايتتىم.مەن قورقۇپ بۇنداق تۇرسام بولمايدىغانلىقىنى پەملەپ ئويلىنىشقا باشلىدىم.   قانداق قىلىش كېرەك؟    مەن تويۇقسىز ئۇنىڭ مۈرىسىدىكى مەن ئەينى ۋاقىتتا ئاتقان ئوقيانىڭ سانجىلىپ تۇرغانلىقىنى كۆردۈم. بىردىنلا پۈتۈن كۈچۈم بىلەن ئوقيانى تەپتىم. دەل جايىغا تەپكەن ئىدىم،ئوقيا مايمۇننىڭ بەدىنىگە يەنە بىرقانچە سانتىمېتىر سانجىلىپ كىرىپ كەتتى.دېڭىز مايمۇنى ئېچىنىشلىق ئىڭراپ مىنى قۇيۇپ بىرىپ ئۆزىنى ئېلىپ قاچتى.
   مەن چىشىمنى چىشلەپ يەردە يەتتە-سەككىزنى دومىلاپ تۆۋەنگە چۈشتۈم. چۈشكەن ۋاقىتتا پۈتۈن كۈچۈمنى يىغىپ يەرگە چۈشكەندىكى ئاغرىقنى ئازراق بولسىمۇ ئازايتتىم. ئورنۇمدىن تۇرماقچى بولدۇم، بىراق ئوڭ قولۇمدا كۈچىيەلمەيۋاتاتتىم.ھېلىقى دېڭىز مايمۇنى قاتتىق ھۆركىرەپ ماڭا يەنە ئېتىلدى. بۇ قېتىم دەل مىنىڭ بوينۇمنى نىشانلاپ ئېتىلغان ئىدى، قارىغاندا مىنىڭ بوينۇمنى ئۈزۈپ تاشلىماقچى بولغاندەك.
   ئۇ ناھايتى تىز ئېتىلىپ كەلدى. مەن قولۇم بىلەن تۇسىۋالدىم. ئۇندىن باشقا نىمىمۇ قىلالايمەن، ئەگەر قولۇمدا بولسىمۇ توسىۋالمىسام، كاللامنىمۇ ساقلاپ قالالمايدىغىنىم ئىنىق.بۇ ۋاقىتتا سىمىز تويۇقسىز ئېتىلىپ كىلىپ دېڭىز مايمۇنىنىڭ پۇتىنى چىڭ قۇچاقلىۋالدى. پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۇنى پۇتلىدى، ئىككىسى قۇچاقلاشقىنىچە يەردە دومىلاشقا باشلىدى. سىمىزنىڭ ھەركىتى چاققان ئىدى، ئۇ يەنە ۋۇسۇڭنىڭ يولۋاس ئۆلتۈرگەندىكى ماھارىتىنى ئىشقا سېلىپ دېڭىز مايمۇنىنىڭ دۈمبىسىگە چىقىۋالدى. بىراق ھەرنىمە قىلغان بىلەن دېڭىز مايمۇنىنىڭ كۈچى زور بولۇپ، ئۇ بىردىنلا سىلكىنىپ سىمىزنى تىپىپ يىراققا ئۇچىرىۋەتتى.
   كۆڭلۈمدە"سىمىزمۇ ئۇنى بويسۇندۇرالمىدى، ئەمدى نىمە ئىش بۇلار"دىگەنلەرنى ئويلىدىم. دېڭىز مايمۇنى سىمىزگە قاراپ چىشلىرىنى چىقىرىپ ھۆركىرىدى. ئارقىدىنلا بۇرۇلۇپ ماڭا قاراپ ئېتىلدى. "ھۇ ئاناڭنى ئەبلەخ!! مەن بىلەنلا قالامسەن!؟" دىگەنلەرنى ئويلىدىم -كۆڭلۈمدە.بىردىنلا قۇرال ئىدىمگە كەلدى،يېنىمنى سىلىدىم. بىراق باياتىن قىسىلىدىغان تامدىن قۇتۇلۇشقا ئاسان بولسۇن ئۈچۈن ئۇنى چۆرىۋەتكەن ئىدىم، كۆڭلۈمدە مىڭ پۇشايمان قىلدىم.
   دېڭىز مايمۇنى كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئالدىمغا كىلىپ بولدى. مەن ئۇ چۇقۇم مىنىڭ بوينى ئۈزۈپ تاشلايدۇ دەپ ئويلىدىم. كۆزۈمنى چىڭ يۇمۇپ ئۆلۈمنى كۈتتۈم. ئۇ خۇددى ئاچچىقى بېسىلمىغاندەك، ئاچچىقىنى راسا چىقىرىۋېلىپ ئاندىن مىنىڭ جېنىمنى ئالماقچى بولغاندەك پۇتى بىلەن قۇرسۇقىمغا قاتتىق دەسسىدى. خۇددى ئۇمۇرتقىلىرىم ئۈزۈلۈپ كىتىدىغاندەك قاتتىق ئاغرىدى، ئېغىزىمدىن قان چىقتى، سەزگۈم خىرەلىشىشكە باشلىدى. ئۇ يەنە بولدى قىلماي كۆكرىكىمگە دەسسىمەكچى بولۇپ پۇتىنى كۆتۈردى. دەل شۇچاغدا "گۇم"قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ دېڭىز مايمۇنى قاتتىق ئىڭراپ ئارقىغا بىزقانچە قەدەم ياندى.مەن بۇرۇلۇپ قارىسام سىمىزنىڭ قولىدا چوڭ بىر مىس ئەينەڭ تۇراتتى. ئەگەر مايمۇننىڭ ئورنىدا ئادەم بولىدىغان بولسا ئۆلگەن بولاتتى. سىمىزنىڭ بۇنداق قاراملىقىنى ئويلاپ باقماپتىكەنمەن، ئۇنىڭ قولىدىكى مىس ئەينەك ھېلىمۇ ئاۋاز چىقىرىپ تۇراتتى. مەن كۆڭلۈمدە"ھەرگىزمۇ سىمىزنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرمىسەم بولغۇدەك"دىگەنلەرنى ئويلىدىم.
   سىمىز ئارقىدىنلا يەنە ئېتىلىپ بېرىپ مايمۇننىڭ يۈزىگە قارىتىپ قاتتىق كۈچەپ بىرنى سالدى. تاياق زەربىسىدە مايمۇننىڭ يۈزى ياپىلاق بولۇپ قالدى. مايمۇن يەنە بىر قانچە قەدەم كەينىگە ياندى. گەرچە دېڭىز مايمۇنىنى يارلاندۇرالمىغان بولسىمۇ بىراق ئۇ سىمىزنىڭ ئەلپازىنىڭ يامانلىقىنى سەزگەندەك ئەمدى ئېتىلىپ كىلىشكە جۈرئەت قىلالمىدى. ئۆڭكۈرنىڭ ئۈستىگە چىقىپ بىر دانە تۈۋرۈككە يامىشىپ تۇرۇپ سىمىزگە قاراپ ھۆركىرىدى. بۇ ۋاقىتتا ئۈستى تەرەپتىكى ئۆينىڭ دەل بوتولكا ئېيتقان پەلەك ئوردىسى شەكلىدىكى ئۆي ئىكەنلىكىنى بايقىدىم. ئۆينىڭ تۆت تېمىدا ۋەقەلىك تەسۋىرلەنگەن رەسىملەر بار ئىدى. رەسىملەرنى ئىنىق كۆرۈشكە ئامال بولمىسىمۇ بىراق مەن بۇ دەل ئۇلار 20 يىل ئاۋال كىلىپ قايتقان ئۆي شۇ دەپ جەزىملەشتۈردۈم. بىراق بۇ ئۆي ئۇ ئېيتقاندەك چوڭ ئەمەس ئىدى. ھەيۋەتلىك دىيىشكە بولاتتى، تۆت تۈۋرۈك ناھايتى چوڭ بولۇپ ئۈچ ئادەمنىڭ غولىچى ئاران يىتەتتى. تۈۋرۈككە ئالتۇندىن ھەل بىرىلگەن ئىدى.
   سىمىز ئۆز غەلبىسىدىن پەخرلىنىپ:" ھۇ ئاناڭنى چۇپپۇر يۈز مايمۇن! غۇجىكاڭ قانچىلىغان تىرىك مۇردىلارنى ئۆلتۈرگىنىمنى ساناپ بىرەلمەيمەن، سەندەك بىر چۇپپۇر يۈز مايمۇن مىنىڭ ئالدىمدا نىمە ئىدىڭ!"دىدى. ئۇ شۇنداق دىگىنىچە قولىدىكى مىس ئەينەكنى چۆرىۋەتمەكچى بولدى، بىراق ئۇنى مىدىرلىتالماي ئورنىدا ئىرغاڭلاپ كەتتى.
   بۇ دېڭىز مايمۇنى ناھايتى ھىيلىگەر ئىدى، ئۇ سىمىزنىڭ كۈچىيەلمەي قالغانلىقىنى كۆرۈپلا تۈۋرۈكتىن سەكرەپ چۈشۈپ سىمىزنى يەرگە بېسىۋالدى.سىمىز ھەرقانچە كۈچەپمۇ ئۇنى ئاجرىتىۋېتەلمىدى. دېڭىز مايمۇنىنىڭ ئۆتكۈر تىرناقلىرى سىمىزنىڭ بىر پارچە گۆشىنى يۇلۇپ ئالدى. سىمىزنى قاچان بۇنداق زىيان تارتىپ باققان دەيسىز؟   بىردىنلا كۆزلىرى قىزاردى- ۋارقىرىغىنىچە دېڭىز مايمۇنىنىڭ يۈزىنى قاتتىق چىشلىدى. دېڭىز مايمۇنى چىرقىرىغىنىچە يىراققا قاچتى.
   مەن دېڭىز مايمۇنىنىڭ يۈزىدىن بىر پارچە گۆشنىڭ ساڭگىلاپ تۇرغانلىقىنى كۆردۈم، توختىماي قان ئېقىۋاتاتتى. ئۇ تېخىمۇ سەگەكلىشىپ يىراقتا تۇرۇپ بىزنى كۆزىتىشكە باشلىدى. خۇددى سىمىزنىڭ ئاجىزلىقىنى ئىزدەۋاتقاندەك.   بۇ ۋاقىتتا سىمىز قاتتىق چارچىغان بولۇپ توختىماي ھاسىرايتتى.
   ئىككى تەرەپ بىر-بىرىگە تىكىلىپ قاراپ تۇرىشاتتى.بىراق ھايۋان دىگەن بەرىبىر ھايۋان-دە، ئۇنى قانداقمۇ ئادەم بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولسۇن؟ دېڭىز مايمۇنى ئەتراپنى كۆزىتىشكە باشلىدى. بوتولكا ئۆڭكۈر ئېغىزىدىكى تاشنى يۆتكەۋاتاتتى. گەرچە تاش ئېغىر بولسىمۇ ئۇ پۈتۈن كۈچىنى ئىشقا سېلىپ ئاز-ئازدىن يۆتكەۋاتاتتى.دەل شۇ پەيتتە دېڭىز مايمۇنى بوتولكىنىڭ يالغۇز قالغانلىقىنى بايقاپ ئۇنىڭغا قاراپ ئېتىلدى.
   مەن چۈچۈپ كەتتىم. بۇ نەرسە خۇددى ئادەملەردەك تەپەككۇر قىلالايدىكەن، ياماندىن قورقۇپ يوۋاشنى تاپسا بۇزەك قىلسام دەپلا تۇرىدىكەن دىسە.    مەن:" ئىھتىيات قىل!" دەپ ۋارقىرىدىم.
   بوتولكا كەينىدىن ھۇجۇمنىڭ ئۆزىگە يېقىنلاۋاتقانلىقىنى بايقاپ، دېڭىز مايمۇنى ئېتىلىپ كىلىشىگە بىر موللاق بىلەن يىراققا قېچىۋالدى، دېڭىز مايمۇنى قۇرۇق يەرنى قاماللىدى، ئارقىدىن يەنە بوتولكىغا ئېتىلدى. مەن بوتولكىنىڭ بۇ نەرسىگە تاقابىل تۇرالىغۇدەك ئىقتىدارىنىڭ بارلىقىنى بىلگەچكە ئۇنچىۋالا ئەنسىرەپمۇ كەتمىدىم. ئۇ ئالدىغا بىرقانچە يۈگىرىپ دېڭىز مايمۇنىنى تۈۋرۈككەيېقىنلاشتۇردى، تۇيۇقسىز بىر سەكرەپلا بىرىنجى قېتىم تۈۋرۈككە دەسسىدى، ئارقىدىن بىر سەكراپلا ھاۋاغا كۆتۈرۈلۈپ ئۇسۇل ئوينىغاندەكلا بىر پىرقىراپ ئىككى تىزى بىلەن دېڭىز مايمۇنىنىڭ مۈرىسىگە قاتتىق تىزلىدى، دېڭىز مايمۇنى زوڭزۇيۇپلا قالدى. دېڭىز مايمۇنى ھېچنىمە بولمىغاندەك دەرھال بەدىنىنى رۇسلىدى. بوتولكا يەنە يەرگە بىر دەسسەپلا چاۋاغا كۈتۈرۈلۈپ ئىككى تىزى بىلەن دېڭىز مايمۇنىنىڭ بېشىنى چىڭ قىسىپ، قولى بىلەن ئۇنىڭ بىشىنى كۈچەپ ئۆزى تەرەپكە تارتتى. "قىرىس" قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ دېڭىز مايمۇنىنىڭ بېشى 180گرادۇس تولغۇنۇپ بويۇن ئۇمۇرتقىسى سۇنۇپ كەتتى.
   بۇ بىر قاتار ھەركەتلەر كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە بولغان ئارلىقتا تاماملانغان ئىدى. مەن ۋە سىمىز ئىككىمىز ھاڭ-تاڭ بولغىنىمىزدىن ئىڭىكىمىز چۈشۈپ قالايلا دەپ قالغان ئىدى.
   بوتولكا سەكرەپ چۈشۈپلا ئۆڭكۈرنىڭ ئېغىزىدىكى تاشنى يۆتكەپ ئۆڭكۈر ئېغىزىنى ئەتمەكچى بولدى. ئۇ بىردىنلا ۋارقىراپ ھېلىقى چاچ يەنە كەلدى، تىز ياردەم قىل دەپ سىمىزگە ۋارقىرىدى. سىمىز يۈگىرەپ بېرىپ كونا ئۇسۇل بۇيىچە چاقماقنى ياندۇرۇپ چاچقا ئوت ياقتى، چاچ كەينىگە ياندى. بوتولكا بىلەن سىمىز ئىككىسى بىرلىكتە ئۆڭكۈر ئېغىزىنى ئىتىۋەتتى. ھېلىقى جادۇگەر ئايال ئالۋاستى تاشنىڭ ئاستىدا قايتا-قايتىلاپ سۇقۇنۇپ باقتى، خۇددى تاشنى پارچىلاپ چىققۇسى باردەك.   سىمىز ئەنسىرىگەندەك ئۆزىنى تاشلاپلا تاشنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرىۋالدى.
   تاشقا ئۇرۇلغان ئاۋاز ئون نەچچە مىنۇتچە داۋاملاشتى. شۇنچە ئېغىر تاش يەنە سىمىز قۇشۇلۇپ ئۇنى مىدىرلىتالىشى مۇمكىن ئەمەس. تۆۋەندىكى نەرسە بىردەم سوقۇنۇپ بېقىپ جىمىپ قالدى. سىمىز بىر ئۇھ تارتىپ قويۇپ تاشنىڭ ئۈستىدە مىدىرلىماي ياتتى.
   مەن خەتەرنىڭ ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ كۆڭلۈم ئارامىغا چۈشتى. بۇ ۋاقىتتا ئوڭ قولۇمنىڭ سىزىمىمۇ خېلى ئەسلىگە كىلىپ قالغان ئىدى.شۇنداق قىلىپ بۇ خەتەرلەردىنمۇ قۇتۇلۇپ ئۆڭكۈردىن ئامان ئىسەن بۇ قەبرە ئۆيىگە كىرىۋالدۇق.بوتولكا شەرقى جەنۇب تەرەپتىكى بولۇڭغا قاراپ ماڭدى، مەنمۇ ئۇنىڭغا ئەگەشتىم. ئۇ يەردىكى ئەينەك ئاللىقاچان يۆتكىۋېتىلگەن بولۇپ تامدا ئادەمنىڭ بىلىگە كەلگۈدەك قاپقاراڭغۇ بىر تۆشۈك تۇراتتى. قارىماققا ناھايتىمۇ چوڭقۇر بولۇپ نەگە تۇتىشىدىغانلىقى نامەلۇم ئىدى.

parakende يوللانغان ۋاقتى 2014-6-30 16:09:20

xahla91 يوللىغان ۋاقتى2014-6-30 15:33 static/image/common/back.gif
مەن سەل تىڭىرقاپ قالدىم، شۇنچە ئېغىر تاشنى زادى قاندا ...

ئەمدى يوقما :dizzy:

EzQi0908 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-30 16:12:52

xahla91 يوللىغان ۋاقتى2014-6-30 15:33 static/image/common/back.gif
مەن سەل تىڭىرقاپ قالدىم، شۇنچە ئېغىر تاشنى زادى قاندا ...

كىپەنگە ھۆددىگەر پىرىمدىن يانا بىرسى كۆپىيىپتۇ مانا:lol :lol

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-30 16:13:01

parakende يوللىغان ۋاقتى2014-6-30 16:09 static/image/common/back.gif
ئەمدى يوقما

يوقكەن.

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-30 16:14:42

EzQi0908 يوللىغان ۋاقتى2014-6-30 16:12 static/image/common/back.gif
كىپەنگە ھۆددىگەر پىرىمدىن يانا بىرسى كۆپىيىپتۇ مانا: ...

ئۈندىدارنى كومدا ئېچىۋالغانتتىم، قارىسام بىر قىسمى يوللانمىغان چىراي، شۇڭا غاچچىدە چاپلاپ قويدۇمغۇ.

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2014-6-30 16:16:50

يائاللا ما بالىنى بىرە ئېغىز رەھمەتمۇ دەپ قويماي، يەنە باما دەيدا.

EzQi0908 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-30 16:17:33

xahla91 يوللىغان ۋاقتى2014-6-30 16:14 static/image/common/back.gif
ئۈندىدارنى كومدا ئېچىۋالغانتتىم، قارىسام بىر قىسمى ي ...

ياخشى ياخشى،بىرلىكتە ئۇلاپ تارقېتىۋىتىلى ئاخىرىنى........مەن كۇندە 4 بابلا يوللىيالۋاتىمەن،ئۇندىن كىيىن ئىنكاس تەستىقلايدىغان يامان ئادىتى بارىكەن.....

Mahir512 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-30 17:16:12

مەن نەخ مىششەگىچە ئۇقۇپ بوغان ئالۋاستى سالۇنىدا. ئەمدى بۇنىڭ ئاخىرى يوقمۇ؟

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-6-30 17:20:06

بىرەرىڭلار ياكى بىر نەچچىڭلار تەرجىمە قىلساڭلار بولغۇدەك
بەت: 1 2 3 4 5 6 7 8 [9] 10 11 12 13 14 15 16 17 18
: كېپەن ئوغرىلاش خاتىرىسى