jewlan يوللانغان ۋاقتى 2013-10-20 15:58:02

ئىزدىنىش مۇنبىرى كىمنىڭ دۈشمىنى ؟


ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم جامائەت...


ھېيت ئايەم كۈنلىرى ماۋۇ جەۋلان نىمانداق دۈشمەن پۈشمەن دەپ تىلىنى چاينايدىغاندۇ دەپ قالغانسىلەر ھە قاچان ، مەنمۇ گەپ يورغىلاتماي ئۇدۇللا سۆزۈمنى قىلىۋېرەي ، ئىشىنىمەنكى ، ئىزدىنىش مۇنبىرى كىمنىڭ دۈشمىنى دىگەن سۇئالغا سۆزۈمنى ئاڭلاپ بولۇپ بىر ئېنىق جاۋاپ چىققۇسى!


ئۇيغۇر تور ساھەسىدە كىشىلىرىمىزگە ئەڭ بۇرۇن ، ئەڭ تېز ، ئەڭ كۆپ ساندا ئومۇملاشقىنى يەنىلا مۇنازىرە مۇنبىرى بولىشى مۇمكىن ، ئۇيغۇر تور تارىخىغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا مويسىپىت قاتارىغا كىرىپ قالغان ئىزدىنىش مۇنبىرىمىزمۇ شۇ قاتاردا ساغلام ، ساق - سالامەت ئۆستى ، ھەمدە كۈنسىرى پىشىپ - يىتىلىۋاتىدۇ ، بۇ جەريانغا شاھىت بولغان ، بولىۋاتقان مۇنبىرىمىزنىڭ كونا- يېڭى  ئەزالىرى ھېلىھەم ئىجىر-مىجىر ئۇچۇرلار ئارىسىدىن ئىزدىنىش دىگەن خەتنى ئايرىپ يېزىپ بۇرۇنقىدەكلا www.izdinix.com دەپ ئۆزىنىڭ تور ماكانىدىكى ئۆزگىرىش ، ئېسىل تېما ، ئىنكاسلارغا نەزەر سېلىۋاتىدۇ...


بىز بۇنى مۇنبىرىمىز تەكىتلەپ كەلگەن نۇرغۇن ئىدىيەلەر ، يەكۈنلەرنىڭ رېئاللىقتىكى ئىسپاتىنىڭ باشقىلارنى قايىل قىلغانلىقى دەپ چۈشىنىمىز .


ھازىرقى سىياسى مۇھىتىمىزنى نەزەردىن ساقىت قىلغان تەقدىردىمۇ ، ھەرقانداق بىر مۇھىتتا بىر مۇنبەر (ياكى مەلۇم مەقسەتتە قۇرۇلغان بىر كوللىكتىپ) ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم ئىش مەۋجۇتلۇق ، ساپا ، ۋە ئىناقلىق ، ئۆسۈپ يىتىلىش جەريانىدا بەخىتكە قارشى مۇنبىرىمىز تور دۇنياسىدا نۇرغۇن سەپداشلىرىدىن ئايرىلدى ، شۇ ئارقىلىق ئېلىنغان ئىبرەت شۇ بولدىكى مەۋجۇت بولۇپ تۇرغاندىلا قالغان ئىشلارنى قىلىشقا ئىمكانىيەت بولىدۇ ، مەۋجۇتلۇق ئاساس !


ئەزەلدىن تىجارەت ياكى پايدا مەنپەئەت ئېلىش مەقسىتى ۋە ھەركىتىدە بولۇپ باقمىغان مۇنبىرىمىز ئۆزىنىڭ تارىخى مۇساپىسىدە نەلەردىندۇ نۇرغۇن راس يالغان رىقابەتچىلەرنىڭ پىتنە -كۇس كۇسلىرىغا دۇچ كەلدى ، بۇ ۋاقتىدا بىز بىر مۇنبەر ئۈچۈن ساپانىڭ بەكمۇ مۇھىم ئىكەنلىكىنى تولۇق ھىس قىلدۇق ۋە ئىزدىنىش ئەپەندىنىڭ " باشقۇرغۇچىلار بىلەنلا قالساممۇ مەيلىكى مۇنبەرنى ئەخلەتخانىغا ئايلاندۇرۇپ قويۇشنى خالىمايمەن " دىگەن يەكۈنىنى قوبۇل قىلدۇق .


ئېسىل ئىنكاس -مۇنازىرلەر ئارا لەيلەپ يۈرگەن ، كىشى بىلمەيدىغان مەقسەت- مۇددىئالىرى بىلەن سامان تەكتىدىن سۇ يۈگۈرتىۋاتقانلارنىڭ نۇرغۇن جېدەل - ماجىرالارغا ، ئورۇنسىز دەتالاشلارغا سەۋەب بولغىنىنى ، ئەقلى ئويغاق مۇنبەر ئوغلانلىرىنىڭ ئارىمىزدىكى ئاشۇنداق مەرەزلەرنى ۋاقتىدا بايقاپ تازلىغىنىنى كۆرگىنىمىزدە بولسا ئىناق-ئىتىپاق بىر كوللىكتىپنىڭ كۈچىنىڭ نەقەدەر زورلىقىنى ھىس قىلىپ ئىپتىخارلاندۇق !


يەنە شۇنى ئىپتىخارلىق بىلەن ئېيتالايمىزكى بىز ئەزەلدىن باشقا( مۇنبەر ،شەخس  ۋەھاكازا)لارنىڭ ئوچۇق ئاشكارە ھاقارەت قىلىنىشى ياكى ئەيىپلىنىشىگە كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە قارشى تۇرۇپ كەلدۇق ، شۇنداقتىمۇ بەزى مۇنبەر باشلىقلىرىنىڭ يۇشۇرۇن ۋە ئاشكارە تاكتىكىلىرىغا دۇچار بولدۇق ، مۇنبىرىمىزنىڭ تاقىلىشىنى ھېچبولمىسا تېز ئېچىلماسلىقى ئۈچۈن كېچە كۈندۈز باش قاتۇرۋاتقانلارنىڭ ھەقىقەتەن بارلىقىنى بىلگىنىمىزدە پەقەت بىرنى ئاچچىق كۈلۈپ قويدۇق ، ۋە كاللىمىزدە مۇنبىرىمىز كىمنىڭ دۈشمىنى دىگەن سۇئال پەيدا بولدى ، ئىت ھۈرەر ، كارۋان يۈرەر... ئاتا بوۋىلىمىزدىن قالغان بۇ ھايات تېئورمىسى بىزگە قانداق قىلىشنى ئۆگىتىپ كەلدى ، بىزگە نىسبەتەن قورقۇنۇچلىقى بۇ ئىشلار ئەمەس ، ھەقىقى قورقۇنۇچلۇق ئىش شۇكى كۈنلەرنىڭ بىرىدە ، مۇنبەرنىڭ ئەمدى ئېچىلمايدىغانلىقىغا ئىشىنىشتىن ئىبارەت !


ئىزدىنىشتىكىلەر ئالەمشۇمۇل ئىشلارنى قىلالمايمىز ، بىراق قولىمىزدىن كەلگىنىنى ئايىمايمىز ، باشقىلارغا ياردەم قىلالمىساقمۇ ھەرگىز پۇتىلكاشاڭ بولغىمىز يوق ، شۇڭا تور دۇنياسىدىكى ئىزدىنىش مۇنبىرىنى دۈشمەن كۆزىدە كۆرۈپ ئالىيىۋاتقان ، ئالىيىپلا بولدى قىلماي غەيۋىتىنى قىلۋاتقان ، ئۇنىڭدىنمۇ ئېشىپ كىشىنىڭ غىدىغىنى ، غەزىپىنى  كەلتۈردىغان پەسكەش مەشغۇلاتلاردا بولىۋاتقان ئاتالمىش <<دۈشمەن>>لىرىمىزگە ئايەملىك سالام يوللاش بىلەن بىللە سەمىگە سالىمىزكى :  بىزدە سىلەر تالاشقۇدەك ھېچنىمە يوق ، بىزنى غايىۋى دۈشمەن ئورنىغا قويغانلىقىڭلار پەقەت بىزنى چوڭ بىلگەنلىكىڭلارنىڭ باشقىچە شەكلىدىكى ئىپادىسى خالاس ، بىز ھېلىھەم ھەمكارلىشىش ، ئىناق - ئىتىپاق ئۆتۈش تەرەپدارىمىز ، شۇڭا ئەمدى بولدى قىلساڭلار !!!



بەزىلەر نىمە ئۇششاق گەپ بۇ ، قامايدىغان ھۈنىرىڭلار بولغانكىن قاماپ ، چەكلەپ باشقۇرىۋەرمەي نىمە بۇ يەردە داۋراڭ سالىسەن دىيىشىڭلار مۇمكىن ، ئەمەلىيەتتە ئابونتنى چەكلەش تەس ئەمەس ، تەس بولغىنى چەكلەشنىڭ ئۈنۈمىنى ھەقىقى كۆرۈش ... jewlan1 نى چەكلىسە  jewlan2 چىقىدۇ ، ئۇنى چەكلىسە  jewlan3 چىقىدۇ ، خۇددى بىر تورداش ئېيتقاندەك بۇلارنىڭ نەشىر يېڭىلاش سۈرئىتى بەك تېز بولۇپ ئالما شېركىتىمۇ بۇلارغا يېتىشەلمەيدۇ ، بۇنى ئاز دەپ مەلۇم بىر تېمىدا ، مەلۇم بىرلا مەسىلىگە نىسبەتەن ، ھەرخىل ئىسىم - سالاھىيەتتە كىرىپ پىكىر بايان قىلىدۇ ، بۇ ئۆتۈپ كەتكەن چىدىماسلىق بولماي نىمە ؟  بۇ دۈشمەنلىك بولماي نىمە؟  


ھەرقانداق ئويۇننىڭ قائىدىسى بولىدۇ ، قائىدىگە بويسۇنمىسىڭىز چەكلىنىسىز ، شاللىنىسىز ، ئۇيۇن ئويناشنى خالىمىغان بولسىڭىز ئۇ باشقا گەپ ، ئۆزىڭىز ئۇيۇن ئويناشنى خالىمىسىڭىز باشقىلارغا تەسىر قىلماي چېكىنەلىسىڭىز بۇ باشقىلارغا قىلىنغان ھۆرمەت ، ھەتتا ئوچۇق ئاشكارە تىللاپ چىقىپ كەتسىڭىزمۇ سىزنى دۈشمەن قاتارىدا كۆرمەيمىز ، پەقەت ۋە پەقەت تەلەپ قىلدىغىنىمىز شۇكى بىزگە يۇقارقىدەك سامان تەكتىدىن سۇ يۈگۈرتىدىغان خۇمسىلىقلارنى قىلماي تىنىچ چىقىپ كېتىڭ !


ھەركىمنىڭ كۆڭلىدە يۇقارقى سۇئالىمغا بەلكىم ئاللىبۇرۇن جاۋاب پەيدا بولۇپ بولدىغۇ دەيمەن ، شۇنداق ، ئىزدىنىش مۇنبىرىنىڭ دۈشمىنى ساپاسىزلىق  ، بىلىمسىزلىك ، نادانلىق ......




مۇنبىرىمىز بۇندىن كېيىن ئەزالارنىڭ مۇنازىرىدىكى سالاھىيىتىگە قاتتىق دىققەت قىلىدۇ ، مەلۇم بىر ئوخشاش مەسىلىگە نىسبەتەن ئوخشىمىغان ئىسىمدا ، ئوخشاش سالاھىيەتتە پىكىر قاتناشتۇرغانلارنىڭ مۇنبەر ئارخىبى ئۆچۈرۈلۈپ تاشلىنىدۇ ، ۋاقىپ بولغايسىلەر !

jewlan يوللانغان ۋاقتى 2013-10-20 15:59:37

\"\"


http://www.izdinix.com/showpost.aspx?Page=2&ThreadID=46344#Inkas


يۇقارقى رەسىم tawlan12 ، sal_man، kantir دىگەن ئىسمى ئوخشىمايدىغان سالاھىيىتى بىر مەلۇم بىر ئابونتنىڭ تېمىلاردىكى ئىنكاسىدىن ئارىيە .


tawlan12 دىگەن ئىسىممۇ tawlan1 دىن تەرەققى قىلىپ كەلگەن ئىسىم ...


يۇقارقى تورداشنىڭ بۇ ئىنكاسنى كۆرگەندىن كېيىن ۋاقتىدا خاتالىقىنى ئېتىراپ قىلىپ كەڭ تورداشلاردىن سەمىمى كەچۈرۈم سوراپ كۆپچىلىكنىڭ قوينىغا قايتىپ كېلىشىنى ئۈمىت قىلىمەن ،  قايتىپ كېلىشنى خالىمىسىڭىزمۇ ئىختىيارىڭىز ،ئىنكاسىڭىزنى كۆرمىسەم 24 سائەتتىن كېيىن مۇشۇ IP غا مۇناسىۋەتلىك بارلىق ئىسىملىرىڭىزنىڭ ئارخىبى ئۆچۈرۈلىدۇ !


قالدى گەپنى مۇشۇ تورداشنىڭ گېپىدىن كېيىن دىيىشەيلى ...



مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى پىنھاندىن قوشۇمچە:


مېنىڭ مۇستەبىتلىكىم ھەققىدە گەپ بوپتۇ ، ئۇنداق بولسا مەنمۇ ئىككى ئېغىز گەپ قىلىپ
قوياي . مېنىڭ مۈرەمنىڭ ئۈستىدىكىسىمۇ قاپاق ئەمەس كاللا . سەلمان ، كانتىر ،
تاۋلان دىگەنلەرنىڭ بىر ئادەم ئىكەنلىكىنى ، ئۇنىڭ سابىق يۇلغۇنجان مۇنبىرى يەنى
ھازىرقى يوليار مۇنبىرى ۋە روھلان مۇنبىرىدە يۈرۈيدىغانلىقىنىمۇ بىلىمەن . شۇنداقلا
IT غا ئائىت تېمىلارغا قىزىقىدىغانلىقىنىمۇ بىلىمەن . شۇنداقلا ئىملا مەسلىسىگىمۇ
ئالاھىدە دىققەت قىلغىنى بىلەن ئۆزىنىڭ ئىملاسىنىڭمۇ ياخشى ئەمەسلىكىنىمۇ ھەم
بىلىمەن . بۇ تورداش ھەققىدە بىلىدىغانلىرىم ھەققىدە مۇشۇنچىلىك سۆزلىسەم بولار .
يېقىندا بىر تېما يازغىنىمدا ئىملايىمنىڭ خاتا بولۇپ قالغانلىقىنى ئەسكەرتىپ
تاۋلان5 نامىدا ئۇچۇر يېزىپتىكەن مەنمۇ چىرايلىق رەھمىتىمنى بىلدۈرۈپ ئۇچۇر
قايتۇرۇپ ئىملا خاتالىقىنى ئوڭشاپ قويدۇم . چىرايلىق گەپ قىلىۋىدى چىرايلىق جاۋاپ
قايتتى ، ئىش مانا مۇشۇنچىلىك ئاددى . ئىشقىلىپ مۇنبەرگە باشقۇرغۇچى بولۇش
سالاھىيتىم بىلەن ھەر بىر ئەزانىڭ تېما - ئىنكاسلىرىغا دىققەت قىلىپ كېلىۋاتىمەن .
چۈنكى ئىزدىنىش 09 تىن ئامان قالغان بىردىنبىر مۆتىۋەر تور بىكەت بولۇش سالاھىيتى
بىلەن ، ھەر قايسى تەرەپلەر ئىزچىل كۈزىتۋاتقان مۇنبەر بولغانلىقى ئۈچۈن ، ئەزالار
ۋە مۇنبەرنىڭ تىنىچ ئامانلىقى ئۈچۈن سەزگۈر بولمىساق بولمايدىغانلىقىنى تورداشلار
توغرا چۈشىنىشى كېرەك .



بۇ يەردە يەنە قايتا تەكىتلەپ قۇيۇشقا تىگىشلىك ئىش
شۇكى ، ھازىرغا قەدەر بىرەر تورداشنىڭ ئىزدىنىشقا تېما ئىنكاس يېزىپ مۇناسىۋەتلىك
ئورۇنلار تەرىپىدىن تۇتۇپ تۇرۇلغانلىقىدەك ئىش يوق . ئىزدىنىش ئېچىلماي قالسا
قالدىكى ھىچقانداق بىرەر ئەزا چوڭراق دىشىۋارچىلىققا ئۇچىرغىنى يوق . بىز ھەرقاچان
ئەزالارنى قوغداپ كەلدۇق . ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ كەلدۇق . سەزگۈر دەپ قارالغان
ئىنكاسلارنى ئۆچۈرۈپ كەلدۇق ، سەمىمى ئاگاھلاندۇرۇپ كەلدۇق ، دوستانىلىق بىلەن
قولىمىزدىن كېلىشىچە ياردەم قىلدۇق . ئاۋارىچىلىققا قالسا ئىزدىنىش مۇنبىرى قالدىكى
ئىزدىنىشتىكى بىرەر ئەزا ئاۋارىچىلققا قالغىنى يوق . مۇنبىرىمىزدىكى مەلۇم ئەزانىڭ
قىلىپ سالغان خاتالىقى ئۈچۈن مېنىڭمۇ خېلى مەزگىل نازارەت ئاستىغا چۈشكىنىم ، بىر
مەزگىل دىشىۋارچىلىقلارنى تارتىقىنىمنىمۇ شۇ ئەزا ئۆزى بىلىدۇ . بىراق ، مانا بۇ
ئاشۇ ئەزا شۇ دەپ كۆرسىتىپ قويغىنىم يوق . بوپتۇ ، باللا دىققەتسىزلىكتىن سەل قاراپ
ئۆتكۈزۈپ سالغان سەۋەنلىكى ئۈچۈن ھەرەج تارتىپ كەتمىسۇن ، مەن بىلەنلا تۈگەپ كەتسۇن
دىگەن خىيال بىلەن مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستۈمگە ئېلىپ تۈگەتتىم . بۇ پەقەتلا بىر
مىسالغۇ ، بۇنداق ئىشلار تالاي قېتىملار بولۇپ كەتتى . شۇنداقتىمۇ مۇنبەر يۈزىدە
ۋايساپ باقمىغانتىم بۈگۈن مۆرىتى كەپ قاپتۇ ئازراق سۆزلەپ قالدىم . بۇ دەۋالغىنىم
ئەمەس ياكى مىننەت قىلغىنىم ئەمەس پەقەت مۇشۇنداق پۇرسىتى كىلىپ قالدى . ئالدىنقى
قېتىملاردا تاۋلان دىگەن ئەزا ئۆزىنىڭ سەلمان ۋە كانتىر دىگەن ئىسىملىرىدا كىرىپ
ئىزدىنىش ھەققىدە داڭقانپۇتى پاراڭ قىلىپ ، يۇقىردىن ۋەزىپە چۈشتىمۇ ، ئاقىلەي
كۆكىلەي دىگەندەك گەپلەرنى قىلدى . مەن يەنە ئېغىر بېسىقلىق بىلەن چۈشەنچە بەرسەم
<<داۋاملىق شۇنداق بولسۇن>> دىگەن سەمىمىيەتسىزلىك چىقىپ تۇرغان ئىككى
خەتلىك جاۋاپ كەلدى . بۇ خىل سەمىمىيەتسىزلىك ئەلۋەتتە ئادەمنى بىئارام قىلماي
قالمايدۇ . ئەزالارنى خاتىرجەم بولسىكەن دەۋاتقان بىزلەر تېخىمۇ بىئارام
بولىدىكەنمىز . بۇ ئەزاغا يەنە دېسەم يەنە شۇ ئىزدىنىشتىن گۇمان قىلسا ئىزدىنىشقا
كىرمىسە بولۇۋېرىدۇ . تېخى ھازىرغىچە بىرەر ئەزانىڭ پۇت قولىنى باغلاپ تەخەيگە
تەتۈر مىندۈرۈپ ئىزدىنىشقا ئېلىپ قېچىپ كەلگىنىمىز يوق .

يەنە مۇشۇ ئەزا
ھەققىدە گەپ قىلساق ، مۇنبەرنىڭ ئىزدەش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ ئىزدەپ ئىنكاسىنى
تېپىپ كۆرۈپ بېقىڭلار . بىرەر تېما ھەققىدە گەپ بولسىلا ئىزدىنىشقا ئىچ ئىچىدىن
ئىچى قوتورلۇق بىلەن يازغان ئىنكاسىنى كۆرەلەيسىلەر . ئىنكاسلىرى ئاساسەن ئون خەت
ئىچىدە بولۇپ ، زەھەرخەندە ، سەمىمىيەتسىز ئىنكاسلار . بىرەر ئىنكاسىنى
ئەستايىدىللىق بىلەن سەمىمى يېزىپ باققىنىنى كۆرۈپ باقمىدىم .

ھەتتا تېما
تەستىقلاش ئىشىدىمۇ مەن ھىچقاچان شەخسى ئاداۋەتنى سۆرەپ كەلگىنىم يوق . مېنى ئۆزىگە
دۈشمەن قىلىۋېلىپ ، ئاداۋەت ساقلاپ يۈرگەن تورداشلار ياخشى تېما يازسا
تەستىقلاۋەردىم . ئاداۋەتنى مۇنبەرنىڭ ئىشىغا سۆرەپ كىرمىدىم . ماڭا ئاداۋەت تۇتۇپ
يۈرگەن ، لېكىن ياخشىراق تېما يېزىپ مەن تەرىپىدىن تېمىسى تەستىقلانغان ئەزالار بۇ
ھەقتە قولىنى يۈرىكىگە قۇيۇپ ئويلاپ باقسا بولىدۇ .

arislanmemet يوللانغان ۋاقتى 2013-10-20 16:06:23

قوللايمەن. ۋاقتىدا يېزىلغان بىلدۈرگۈ بوپتۇ.

باشقۇرغۇچىلارنىڭ يۈكى ئېغىرلايدىغان بولدىدە.



ئەمەلىيەتتە تىزىملاش جەريانىدىلا بۇ خىل مەسىلىلەرنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلغىلىمۇ بولىدىكەن، لىكىن خۇسۇى ئۇچۇر مەخپىيەتلىكى ۋە چەتئەللەردىكى دوسلارنىڭ ئىشلىتىشىگە قولايلىق بولۇش يۈزىسىدىن، بۇ خىل ئۇسۇلنى قوللانسا بولمايدىغاندەك ھېس قىلدىم. قارىغاندا يەنىلا باشقۇرغۇچىلارنىڭ يۈكىنى ئېغىرلىتىپ، ئادەم كۈچى بىلەن نازارەت قىلىپ تۇرسا بولىدىغاندەك قىلىدۇ.

qarabeg يوللانغان ۋاقتى 2013-10-20 16:09:27

شاھ ئالىيلىرى دانادۇر.

بىرىنچى بولۇپ ئىنكاس يازاي دىسەم ئۆزىڭىز يېزىۋاپسىزغۇ بورادەر؟

kantir يوللانغان ۋاقتى 2013-10-20 16:10:03

ئىزدىنىشقا ئۆچ ئەمەس، پىنھاننىڭ مۇستەبىتلىكىگە ئۆچ.

loituma يوللانغان ۋاقتى 2013-10-20 16:10:46

ئىشقىلىپ ئۈنۈمرەك بىر ئۇسۇلنى يولغا قويمىساڭلار ئىزدىنىشتا ئىسىم+سان پاخاللىقى يۈز بېرىشى مۇمكىن.

مەن بىلسەم مۇشۇ begir نىڭ نەشىرى ۋىندوۋىسنىڭ نەشىرىدىنمۇ تىز كۆتۈرۈلۈپ كېتىۋاتىدۇ. ھەر ئىنكاسىدا چاياننىڭ زەھىرى بار. 10 بېغىر بولسا بىرسىنى 30كۈندىن سولىسا يەنە بىرى تۈرمىدىن چىقىپ ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىدىكەن. بولسا مۇشۇنداق ئەزانىڭ ئىسمىنى ئەمەس IPسىنى چەكلىۋىتىش كىرەك. ئەخلەت ئىسىملار جىقيىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن.



كۆپ خىل ئىسىمدا كىردىغانلارمۇ ھىس قىلمامدىكى تىگىدە چىقىپ تۇردىغان ئالدىنقى 2 IP نىڭ ئوخشاشلىقىغا قاراپلا بىلۋالغىلى بولدىغان تۇرسا يەنە تەن ئالماي مەن ئەمەس دەپ تۇرۋالدىغانلا خېلى بار.

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-20 16:11:50

4- قەۋەتتىكى kantirنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئىزدىنىشقا ئۆچ ئەمەس، پىنھاننىڭ مۇستەبىتلىكىگە ئۆچ.

ئەمسە ماڭا نىمىشقا ئۆچ؟؟؟

kantir يوللانغان ۋاقتى 2013-10-20 16:12:14

شۇ سەۋەپتىن ئىزدىنىشقا كۆپ ئىسىمدا تىزىملاتقانلار كۈنسىرى ئاۋۇماقتا.

kantir يوللانغان ۋاقتى 2013-10-20 16:13:51

6- قەۋەتتىكى xahla91نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

4- قەۋەتتىكى kantirنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئىزدىنىشقا ئۆچ ئەمەس، پىنھاننىڭ مۇستەبىتلىكىگە ئۆچ.

ئەمسە ماڭا نىمىشقا ئۆچ؟؟؟



ئايال كىشىلىك ئىززىتقڭىزنى ساقلىماي باشقىلارغا ھازازۇللۇق قىلغىنىڭىزنى ياقتۇرمىدىم.

YUWAX0999 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-20 16:18:36

ئىزدىنىش مۇنبىرى ئاچچىقى يامان كەسكىن ئوقۇتقۇچىغا ئوخشايدۇ ،بۇ ئوقۇتقۇچىدىن بەزى ئوقۇغۇچىلارنى رەنجىتىپ قىلىشى تەبىئىي .لېكىن بۇ ئوقۇتقۇچى مەن كەمچىلىكتىن خالىي نوقسانسىز دەپ بەك مەغرۇرلىنىپ كەتسىمۇ بولمايدۇ .چۈنكى سىزدىن قاتتىق تەنقىد يىگەن سىز سىلكىۋەتكەن  ئو ئوقۇغۇچى ئاتا-ئانىسنىڭ ئالدىدا ئەڭ سۇيۇملوك بالا.

لىكىن قەستەن ئىزدىنىش مۇنبىرىنىڭ ھۇلىنى كولاۋاتقانلار بولسا ئولار يارامسىز ئەخلەتلەر .

gapbar يوللانغان ۋاقتى 2013-10-20 16:18:43

ماڭىمۇ ئۆچمۇ يا ؟  {:92:}

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-20 16:22:03

ما لەقۋانىڭ مەنتىقىسى قىزىقكەن، ئايال كىشى بولغانلىقىم ئۈچۈن سېنىڭ ھاقارەتلىك سېسىتىشلىرىغا سۈكۈت قىلسام بولامتى؟

loituma يوللانغان ۋاقتى 2013-10-20 16:22:54

4- قەۋەتتىكى kantirنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئىزدىنىشقا ئۆچ ئەمەس، پىنھاننىڭ مۇستەبىتلىكىگە ئۆچ.

ئ‍ىزدىنىشتا پىنھاندەك باشقۇرغۇچى بولمىسا بەلكىم ئىزدىنىش ھازىرغىچە تاقىلىپ قېلىشى مۇمكىن ئىدى. پەقەت بىر تەرەپتىنلا ئويلىماسلىق كىرەك.   


مەن ئادەتتە تۈرمىگە كىرگەنلەرنىڭ ئىنكاسىنى باشقىلارنىڭ نەقىلى ئارقىلىق ياكى تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن ئىنكاسى كۆرۈنگەندە كۆرۈپ شۇلارنىڭ تۈرمىگە سولانغانلىقىنى ھەقكەن دەپ ئويلايمەن.  



kantir يوللانغان ۋاقتى 2013-10-20 16:23:41

9- قەۋەتتىكى YUWAX0999نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئىزدىنىش مۇنبىرى ئاچچىقى يامان كەسكىن ئوقۇتقۇچىغا ئوخشايدۇ ،بۇ ئوقۇتقۇچىدىن بەزى ئوقۇغۇچىلارنى رەنجىتىپ قىلىشى تەبىئىي .لېكىن بۇ ئوقۇتقۇچى مەن كەمچىلىكتىن خالىي نوقسانسىز دەپ بەك مەغرۇرلىنىپ كەتسىمۇ بولمايدۇ .چۈنكى سىزدىن قاتتىق تەنقىد يىگەن سىز سىلكىۋەتكەن ئو ئوقۇغۇچى ئاتا-ئانىسنىڭ ئالدىدا ئەڭ سۇيۇملوك بالا.

لىكىن قەستەن ئىزدىنىش مۇنبىرىنىڭ ھۇلىنى كولاۋاتقانلار بولسا ئولار يارامسىز ئەخلەتلەر .

دېگىنىڭىز ھەق،


ئىزدىنىش بىزنىڭ ئامراق مەھەللىمىز.


ئەزالارنىڭ زىددىيىتى ئىزدىنىشنىڭ ئۇلىنى كولىغانلىق دېسە ئېشىپ كەتكەن بولىدۇ.


باشقۇرغۇچىلار نىزا ئىنكاسلارنى ۋاقتىدا تازىلىماي جىدەل چوڭايغاندا پەرقلىق مۇئامىلە قىلسا ھەرقانداق ئەدام قوبۇل قىلالمايدۇ دە؟

qarabeg يوللانغان ۋاقتى 2013-10-20 16:24:14

4- قەۋەتتىكى kantirنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئىزدىنىشقا ئۆچ ئەمەس، پىنھاننىڭ مۇستەبىتلىكىگە ئۆچ.

بۇ گېپىڭىز قاملاشماپتۇ بورادەر!


پىنھانغا ئۆچ دەپ مۇنبەرنى قالايمىقان قىلسىڭىز، قاملىشامدۇ؟ بۇنىڭدىن پىنھاننىڭ مويى تەۋرەمدۇ؟ گەرچە پىنھان ئازىراق مۇستەبىتتەك كۆرۈنگىنى بىلەن يەنىلا ئۇ بۇ مۇنبەرنىڭ يارىشىغى.


يەنە سىز چامغۇرغا ئۆچ بولسىڭىز بىر قازان سۇيىقاشنىڭ ھەممىنى ھارام قىلامسىز ياكى چامغۇرىنى خىللاپ قويۇپ قالغىنىنى  ئىچىۋېتەمسىز؟


Ulanbay يوللانغان ۋاقتى 2013-10-20 16:26:06

ئاتالمىسا ئوقىدىن، چىچالمىسا پوقىدىن كۆرۈپتۇ دېگەندەك.

پىنھان مۇستەبىت، شەھلا ھازازۇل دەڭ  {:92:}  

ئەڭ نامەرد، پەسەندىلەر ئادەمنىڭ كەينىدىن پىچاق ئۇرىدۇ.

YUWAX0999 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-20 16:26:57

14- قەۋەتتىكى kantirنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئىزدىنىش بىزنىڭ ئامراق مەھەللىمىز.


ئەزالارنىڭ زىددىيىتى ئىزدىنىشنىڭ ئۇلىنى كولىغانلىق دېسە ئېشىپ كەتكەن بولىدۇ.


باشقۇرغۇچىلار نىزا ئىنكاسلارنى ۋاقتىدا تازىلىماي جىدەل چوڭايغاندا پەرقلىق مۇئامىلە قىلسا ھەرقانداق ئەدام قوبۇل قىلالمايدۇ دە؟


---ئىزدىنىشڭ ھولىنى كولاۋاتقانلار توغرىسىدا دەلىل -ئىسپات بولىشى مۇمكىن ،ئىزدىنشىڭ باللىرى بوش ئەمەس.




xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-20 16:31:19

نۇمۇسنى بىلمەيدىكەن بۇ، بۇينۇڭغا تاختاي ئېسىلىپ، پىشانەڭگە تامغاڭمۇ بېسىلىپ بولدى، يا كەچۈرۈم سورا، يا جىممىدە يوقال!



سېنىڭ ئورنۇڭدا مەن مۇشۇنداق سازاسىي بولغان بولسام لەغمەن پىلتىسىگە ئېسىلىپ ئۆلىۋالغىلى قوپاتتىم، روھىدا كېسەل باركەن دىسەم ئەسلى يۈزۈڭمۇ چەمدەك بوپ كەتكەن نىمىكەنسەن.

kantir يوللانغان ۋاقتى 2013-10-20 16:37:31

15- قەۋەتتىكى qarabegنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

4- قەۋەتتىكى kantirنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئىزدىنىشقا ئۆچ ئەمەس، پىنھاننىڭ مۇستەبىتلىكىگە ئۆچ.

بۇ گېپىڭىز قاملاشماپتۇ بورادەر!


پىنھانغا ئۆچ دەپ مۇنبەرنى قالايمىقان قىلسىڭىز، قاملىشامدۇ؟ بۇنىڭدىن پىنھاننىڭ مويى تەۋرەمدۇ؟ گەرچە پىنھان ئازىراق مۇستەبىتتەك كۆرۈنگىنى بىلەن يەنىلا ئۇ بۇ مۇنبەرنىڭ يارىشىغى.


يەنە سىز چامغۇرغا ئۆچ بولسىڭىز بىر قازان سۇيىقاشنىڭ ھەممىنى ھارام قىلامسىز ياكى چامغۇرىنى خىللاپ قويۇپ قالغىنىنى  ئىچىۋېتەمسىز؟






مۇنبەرنى قالايمىقان قىلىش مەقسىتىم يوق. يۇقارقى سەۋەپلىك بىرنەچچە ئىسىمدا تىزىملاتقىنىم راست.


ئا بىلەن ب تەگىشىپ قالسا ... ، ئىككىسىنىڭ تەگىشىشى چىڭغا چىقىپ ھەر ئىككىسى بەدىۋىي گەپنى قىلغاندا بىرىنى تۈرمىگە تاشلاپ يەنە بىرىگە چارە كۆرمىسە ( باشقىلارنى كۆزدە تۇتۇۋاتىمەن) ، باشقىلارنى تىللاپ- تىللىۋېلىپ يەنە باشقىلارنى تۈرمىگە تاشلاپ ھوزۇرلانسا ... بۇنداق تەڭسىز مۇئامىلىنى كۆرۈپ تۇرۇپ ئىپادە بىلدسۈرمەي يۈرسەك بولمايدىكەن بۇرادەر.


ئىزدىنىش مۇنبىرىنىڭ ئۇلىنى كولىغانلار دېسە شۇنداقلارنى دېسە بولىدۇ.


ئىزدىنىشتا ئىككى- تۆت ئېغىز دادىل گەپ قىلىشالايمىز دەپ كىرىمىز.  ئۇنىڭ ئۇلىنى كولايدىغان غەرەز ئەسلا يوق.

arislanmemet يوللانغان ۋاقتى 2013-10-20 16:38:51

شەھلا خانىمنىڭ ئىنكاسلىرى پېچەت چىقىپتۇ. \"\"  {:92:}   {:92:}  

(قۇتراتقۇلۇق قىلىپ قويمىغاندىمەن ؟)

مەن يولدا ئىشلىگەچكە، تولا ئورۇن يۆتكىلىمىز، بەزىدە سىمسىز كارتا بىلەن بەزىدە تۇرۇشلۇق ئوروندىكى WIFI بىلەن چىقىمەن، يەنە بەزى چاغلاردا ئۆينىڭ تورى بىلەن دىگەندەك. مۇشۇنداق ئەھۋاللارنى نەزەردىن ساقىت قىلۋەتمەڭلار. IP سى تولا ئۆزگىردىكەن دەپ، ناھەق كېسىلىپ كەتمەي. \"\"
بەت: [1] 2 3 4 5 6 7 8 9
: ئىزدىنىش مۇنبىرى كىمنىڭ دۈشمىنى ؟