adip يوللانغان ۋاقتى 2013-10-20 16:45:58

ئاۋۇ رەسىمدىكى ئابدۇللا ئابدۇرېھىم نىڭ 40 تىن ئاشقاندا دىگەن تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسكەن.



tawlan12

:40 تىن ئۆتكەندە ھەجەپ سەت بولدى ھە؟

sal_man:



شۇنى دەيمەن، بۇ تاسما غىت قىسىپ يۈرسە بولماسمىتى دەيمەن.

kantir:

ياش قىرىقتىن ئاشقاندا ،

چىڭ تاقاڭلار ئىشىكنى.

ئىشتان- پىشتان بوممىسا

كىيىۋېلىڭ يىشىكنى.



بۇ ئۈچ ئىنكاستىن ھىچبىر ئىزدىنىش مۇنبىردىكى ئادىلسىزلىقتىن ، پىنھاندىن رەنجىگەن ئىپادىنى كۆرمىدىم.

قەستەن ئابدۇللا نى ھاقارەت قىلىۋاتقان دەپ ھىس قىلدىم .

ئاۋال تاۋلان دىگەن ئىسىمدا يېزىپسىز ئارقىدىنلا سالمەن دىگەن ئىسىمدە شۇنى دەيمەن، بۇ تاسما غىت قىسىپ يۈرسە بولماسمىتى دەيمەن. دەپ تەستىقلاپسىز..

مۇنبەردە ھەممە ئادەمنىڭ ئاق قارىنى پەرىق ئەتكۇچىلىكى بار. بۇ تېمىنى يېزىشتىكى مەقسەت مەخسۇس بۇ ئەزانى تەنقىتلەش سازايى قىلىش ئەمەس بۇ پەقەت بىر مىسال خالاس.







بۇ تېمىنىڭ مەقسدى تېمىنىڭ باشقا مەزمۇنىدا ،بۇ پەقەت بىر بىلدۇرگە جامائەت بىلىپ قالسىلا بولدى.

qarabeg يوللانغان ۋاقتى 2013-10-20 16:47:29

kantir@

ئىپادە بىلدۈرۈش كېرەك. تەڭسىزلىك بولسا، باشقىلارنى مازاق- مەسخىرە قىلسا بولمايدۇ. بىراق سىزنىڭ ئىنكاسلىرىڭىزدىن ئەشۇنداق تەڭسىزلىكنى ئادىل كۆرسۈتۈپ قويغان سەمىمى ئىنكاستىن بىرىنىمۇ ئۇچراتمىدىمغۇ؟

dillani يوللانغان ۋاقتى 2013-10-20 16:48:02

Jewlanھەجەپ چىن گەپنى قىپتۇ . ئوغۇل بالىكەن ئۇ.

ئەڭ چوڭ دۈشمەن ئۆزىگەئۆى.

بۇمۇنبەردىمۇ مۇنبەر پاسىقلىرى ، مۇنبەر قىتىغۇرلىرى بار .

مەن ئويلايمەن ئادەم ھەسەتتىن يىراق بۇلالىسىلا جەننەت شۇنىڭ .مىنىڭ ياشاش پىرىنسىپىمنىڭ بىرى  ساڭا دوست بۇلالمىساممۇ دۈشمەن بولمايمەن .

لىكىن  مۇشۇ مۇنبەرنى باشقۇرغۇچىلارنىڭ ئىچىدە بايقۇش بۇلىۋالغانلار ،ئازراق ئايرىمچىلىق قىلىدىغانلار بارئىكەن .بەلكىم ئايرىمىچىلار بۇلىۋالغان ئۇلاربىزنى بىلمىگەندىكىندۇر،ئەمما ئامال يوق .

kantir يوللانغان ۋاقتى 2013-10-20 16:57:15

@adip ھەق گەپ قىپتۇ.

@xahla91

خانقىز، بۇندىن كېيىن سىزمۇ باشقىلارنى ھۆرمەتلىك، پىكرىنى قوبۇل قىلمىسىڭىزمۇ قاتتىق تەگمەڭ.

« كونا خاماننى سورىسا ئاچچىق توپا چىقىدۇ» . گەپنى ئاۋۇتمايلى.

uqkuri يوللانغان ۋاقتى 2013-10-20 17:04:03

ما بىزدەك چەتتە قاراپ تۇرغانلار جىق نەرسىلەرنى كۆرەمەيدىكەنمىز جۇما .باشقۇغۇچى بوسا پەيزىكەن جىما .كىم قاندا م ت ت لىق قىلىۋاتىدۇ ھەممىنى بىلىۋالغىلى بولىدىكەن دىسە \"\"

باشقۇرغۇچىلىققا ئىلتىماس قىپ باقىدىغان ئىشمىكى .

uzakyul يوللانغان ۋاقتى 2013-10-20 17:07:47

7- قەۋەتتىكى kantirنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

شۇ سەۋەپتىن ئىزدىنىشقا كۆپ ئىسىمدا تىزىملاتقانلار كۈنسىرى ئاۋۇماقتا.



ئادەم دىگەن ئۇزى دىگەن گەپكە ئۇزى ئىگە بۇلۇشى كىرەك، بۇلمىسا قانداق ئادەم بۇلىدۇ.

uqkuri يوللانغان ۋاقتى 2013-10-20 17:09:38

ئاپتور ھەدەش ئۆزىڭىزنى بېسىۋېلىڭ .ئاچچىق ئەقىلنى كىسىدۇ.بەك ئاچچىقلاپ ھەقتە كەتكۈزۈپ قويماڭ يەنە \"\"

nur يوللانغان ۋاقتى 2013-10-20 17:11:41

مەن ئىزدىنىشقا ئەزا بولغان ئون يىلدىن بۇيان بىر قىتىممۇ چەكلىنىپ باقماپتىمەن.ئىزدىنىش ئەزالىرىدىن بىر زات ھاكىمدىن باشقا ھىچكىمنىمۇ تونىمايمەن.

باشلىقلارمۇ چەكلەپمۇ باقمىدى.قىسقىسى جىدەل قىلمايمەن،ئىككى ئىسىمدا كىرىپ رەسۋالىشىپ يۈرمەيمەن.باشلىقلارنىڭ پىكىرىنى تامامەن قوللايمەن.

qarabeg يوللانغان ۋاقتى 2013-10-20 17:11:58

34- قەۋەتتىكى uqkuriنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئاپتور ھەدەش ئۆزىڭىزنى بېسىۋېلىڭ .ئاچچىق ئەقىلنى كىسىدۇ.بەك ئاچچىقلاپ ھەقتە كەتكۈزۈپ قويماڭ يەنە \"\"

ئەگەشتىم!

jewlan يوللانغان ۋاقتى 2013-10-20 17:15:09

گەپ بىر قۇلاق ئىككى .. مەن دەيدىغىنىمنى دىدىم ، ئەگەر ئۆزىنىڭ نىمىنى خاتا قىلغانلىقىنى ھىس قىلىپ ئىزدىنىش ئەھلىدىن كەچۈرۈم سورىيالىسا باشقىچە پىكرىمىز يوق ، بولمىسا خاتالىقىنى بوينىغا ئالغۇدەكمۇ جۈرئىتى يوق كىشىنىڭ ئارىمىزدا قالايمىقانچىلىق چىقىرىشىغا رازى ئەمەسمىز...



ئەدىپ ئېيتقاندەك ، بۇ تېمىنىڭ مەقسىتى بۇ تورداشنى سازايى قىلىش ئەمەس ، يۇقارقى تېمىدىكى مەزمۇنلارغا مىسال كەلتۈرۈلگەن ئىدى ، ئەمدىلىكتە ئۆزى ئۆزلىكىدىن بىرنى مىڭغا ئىبرەت قىلىش ئۇسلۇبىغا ئوخشاپ قاپتۇ ، بۇمۇ بولغىنى ، بىراق تورداشلارنىڭ ھاقارەت خاراكتېرلىق ئىنكاسلاردا بولماسلىقىنى ئۈمىت قىلىمەن ......



ئاخىرقى مەقسەت ، دىمەكچى بولغان گەپ بىرلا :



چىدىماسلىق قىلمايلى !

tewip0991 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-20 17:23:16

مۇنازىرەئىلمى قايىل قىلىش كۈچى يۇقىرى بولسا شەخسىيەتچىلىك،مەنمەنچىلىك،زىيادەھىسسىياتچانلىقتىن خالى بولسا....ئوبدان بۇتتى!

qarabeg يوللانغان ۋاقتى 2013-10-20 17:23:29

kantir@

سىزگە بېرىدىغان سەمىمى تەكلىۋىم:

ئەمدى سىز تەشەببۇسكارلىق بىلەن كۆپچىلىكتىن ئەپۇ سورىمىسىڭىز، بولۇپمۇ بۇ مۇنبەردىكى بىرنەچچە ئىسمىڭىزنىڭ بىرىنىي ئەپ قېلىپ قالغىنىنى ئۆچۈرۈشنى تەلەپ قىلمىسىڭىز بولمايدىغاندەك تۇرىدۇ.

تەكلىۋىمنى راۋا كۆرەمسىز ياكى كۆرمەمسىز تامامەن ئۆزىڭىزنىڭ ئىختىيارىدىكى ئىش. چوقۇم شۇنداق قىلىسەن دەپ تۇرىۋالمايمەن. جەۋلان ئەپەندىمنىڭ تەكلىۋىمۇ پەقەت سىزگىلام دىگەن تەكلىپ بولماسلىغى، سىزگە ئوخشاش مۇشۇنداق كۆپ خىل ئىسىمدا كىرىپ مۇنبەرنى قالايمىقان قىلىۋاتقان باشقا بالىلارغىمۇ قارىتىلغان بولۇشى مۈمكىن. دەيمەنكى خاتالىقنى تۈزەتكەن يەنىلا ھەممىدىن ئەلا!

uchkur1 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-20 17:28:34

ۋاۇ ۋۇي نىمانداق ئۇششاق گەپلەر بۇ ئچىمنى پۇشۇرۇپ. باشقا يەردە 400 مىتىر كىلىدىغان تاشنىڭ گىپى بولاۋاتىسا

ما مۇنبەردە بىر ئايالغا سەن ياخشتىڭ، سەن يامان، ئەسكى دىگەندەك گەپلەر . ئەگەر مەن كانتىر بولغان بولسام شەھلانىڭ ئۆزى بىلەن كۆرۈشۈپ

ئاندىن بىرنەرسە دەيتىم .(شەھۋەت تەشنالىقىدا ئالجىدىمۇ،) بولدى قىلساڭلار بولمامدۇ دەيمەن .باشقىلار قوشۇلۇپ تىخىمۇ قوماچ بوپتۇ.

مىنىڭچە شەھلا سىزگىمۇ نەسىھەت. مەنغۇ كاتتا ئۆلىما ئەمەس ئادەتتىكى بىر بالا.

بۇرۇن بىر ئاقىل ئۆلىما ئىسمى ئسىمدە قالماپتۇ. جاھان كىزىپ باغدات خەلىپىسى بىلەن ھەمسۆھبەت بولۇپ، ھوزۇرىدا تۇرۇپ قاپتۇ .

ھەرخىل مۇنازىرلەرگە قاتنىشىپتۇ.خەلىپىنىڭ ھۆرمىتگە تىخمۇ ئىرىشىپ، شۇ يەردە تۇرۇپ قاپتۇ . بىر كۈنى ئاقىل پالانى يۇرۇتتا

بىرى سۇ ئالغىلى كەلسە، يەنە بىرسى قۇرۇق قول كىلىپ، يولدىكى قۇرۇتلارنى ئىلىۋىتدىكەن .بولمىسا سۇ ئالغۇچى قۇرۇتقا دەسسەپ سىلىپ ،چىلەكتى سۇ ناپاك بوپ

قالىدكەن دىسە .خەلىپە كەينىگە قارىماي كىتىپ قاپتۇ . ئۇ ئاقىلنىمۇ چاقىرتماپتۇ .بىر كۈنى ئۇ ۋەزىر بىلەن كۆرۈشۈپ، نىمە ئش ئىكەنلىكىنى سورىسا، مەن شۈنچە ئاقىل دەپ قارىغان

كىشى ،مىنىڭ ھۇزۇرۇمدا كىچىك بالا قىلدىغان سۆزنى قىلىدى دەپ خاپا بوپ قالغان ئىكەن . شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆلىما ھېلىقى يۇرۇت كاتتىسغا خەت يىزىپ شۇ ئشىنىڭ راسلىقىغا ئىسپات

يىزىپ بىرىشنى ئۆتۈنۈپتۇ. ئسپات مانچە ۋاقىتتىن كىيىن كەپتۇ. ئۇ ئاقىل ئسپاتنى ئىلىپ خەلىپىگە بىرىپتۇ .خەلىپە كۈلۈپ ،مەن سورىمغان گەپنى ئۆزۈڭ قىلدىڭ .شۇ گىپىڭ راست بولسىمۇ

باشقىلارنى ئىشەندۈرەلىگىدەك بولمىغانلىقتىن ،ئۆزۈڭ يەنە ئاۋارە بوپ ئىسپات تىپىپ كەلدىڭ. ئۇ سۆزنى ماڭا ئىيتمىغان بولساڭ بۇنچە ھەرەج تارتىپ يۈرمەستىڭ دىگەن ئىكەن .

مىنىڭ ئىسىمدە قىلىشى مۇشۇنچىلىككەن. چۈنكى مەن ئۇ كىتابنى 12 ياش ۋاقتىمدا ئۇقىغان. 10 يىلدىن ئشىپ كىتىپتۇ.

Pinhan يوللانغان ۋاقتى 2013-10-20 17:31:10

مېنىڭ مۇستەبىتلىكىم ھەققىدە گەپ بوپتۇ ، ئۇنداق بولسا مەنمۇ ئىككى ئېغىز گەپ قىلىپ قوياي . مېنىڭ مۈرەمنىڭ ئۈستىدىكىسىمۇ قاپاق ئەمەس كاللا . سەلمان ، كانتىر ، تاۋلان دىگەنلەرنىڭ بىر ئادەم ئىكەنلىكىنى ، ئۇنىڭ سابىق يۇلغۇنجان مۇنبىرى يەنى ھازىرقى يوليار مۇنبىرى ۋە روھلان مۇنبىرىدە يۈرۈيدىغانلىقىنىمۇ بىلىمەن . شۇنداقلا IT غا ئائىت تېمىلارغا قىزىقىدىغانلىقىنىمۇ بىلىمەن . شۇنداقلا ئىملا مەسلىسىگىمۇ ئالاھىدە دىققەت قىلغىنى بىلەن ئۆزىنىڭ ئىملاسىنىڭمۇ ياخشى ئەمەسلىكىنىمۇ ھەم بىلىمەن . بۇ تورداش ھەققىدە بىلىدىغانلىرىم ھەققىدە مۇشۇنچىلىك سۆزلىسەم بولار . يېقىندا بىر تېما يازغىنىمدا ئىملايىمنىڭ خاتا بولۇپ قالغانلىقىنى ئەسكەرتىپ تاۋلان5 نامىدا ئۇچۇر يېزىپتىكەن مەنمۇ چىرايلىق رەھمىتىمنى بىلدۈرۈپ ئۇچۇر قايتۇرۇپ ئىملا خاتالىقىنى ئوڭشاپ قويدۇم . چىرايلىق گەپ قىلىۋىدى چىرايلىق جاۋاپ قايتتى ، ئىش مانا مۇشۇنچىلىك ئاددى . ئىشقىلىپ مۇنبەرگە باشقۇرغۇچى بولۇش سالاھىيتىم بىلەن ھەر بىر ئەزانىڭ تېما - ئىنكاسلىرىغا دىققەت قىلىپ كېلىۋاتىمەن . چۈنكى ئىزدىنىش 09 تىن ئامان قالغان بىردىنبىر مۆتىۋەر تور بىكەت بولۇش سالاھىيتى بىلەن ، ھەر قايسى تەرەپلەر ئىزچىل كۈزىتۋاتقان مۇنبەر بولغانلىقى ئۈچۈن ، ئەزالار ۋە مۇنبەرنىڭ تىنىچ ئامانلىقى ئۈچۈن سەزگۈر بولمىساق بولمايدىغانلىقىنى تورداشلار توغرا چۈشىنىشى كېرەك .



بۇ يەردە يەنە قايتا تەكىتلەپ قۇيۇشقا تىگىشلىك ئىش شۇكى ، ھازىرغا قەدەر بىرەر تورداشنىڭ ئىزدىنىشقا تېما ئىنكاس يېزىپ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار تەرىپىدىن تۇتۇپ تۇرۇلغانلىقىدەك ئىش يوق . ئىزدىنىش ئېچىلماي قالسا قالدىكى ھىچقانداق بىرەر ئەزا چوڭراق دىشىۋارچىلىققا ئۇچىرغىنى يوق . بىز ھەرقاچان ئەزالارنى قوغداپ كەلدۇق . ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ كەلدۇق . سەزگۈر دەپ قارالغان ئىنكاسلارنى ئۆچۈرۈپ كەلدۇق ، سەمىمى ئاگاھلاندۇرۇپ كەلدۇق ، دوستانىلىق بىلەن قولىمىزدىن كېلىشىچە ياردەم قىلدۇق . ئاۋارىچىلىققا قالسا ئىزدىنىش مۇنبىرى قالدىكى ئىزدىنىشتىكى بىرەر ئەزا ئاۋارىچىلققا قالغىنى يوق . مۇنبىرىمىزدىكى مەلۇم ئەزانىڭ قىلىپ سالغان خاتالىقى ئۈچۈن مېنىڭمۇ خېلى مەزگىل نازارەت ئاستىغا چۈشكىنىم ، بىر مەزگىل دىشىۋارچىلىقلارنى تارتىقىنىمنىمۇ شۇ ئەزا ئۆزى بىلىدۇ . بىراق ، مانا بۇ ئاشۇ ئەزا شۇ دەپ كۆرسىتىپ قويغىنىم يوق . بوپتۇ ، باللا دىققەتسىزلىكتىن سەل قاراپ ئۆتكۈزۈپ سالغان سەۋەنلىكى ئۈچۈن ھەرەج تارتىپ كەتمىسۇن ، مەن بىلەنلا تۈگەپ كەتسۇن دىگەن خىيال بىلەن مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستۈمگە ئېلىپ تۈگەتتىم . بۇ پەقەتلا بىر مىسالغۇ ، بۇنداق ئىشلار تالاي قېتىملار بولۇپ كەتتى . شۇنداقتىمۇ مۇنبەر يۈزىدە ۋايساپ باقمىغانتىم بۈگۈن مۆرىتى كەپ قاپتۇ ئازراق سۆزلەپ قالدىم . بۇ دەۋالغىنىم ئەمەس ياكى مىننەت قىلغىنىم ئەمەس پەقەت مۇشۇنداق پۇرسىتى كىلىپ قالدى . ئالدىنقى قېتىملاردا تاۋلان دىگەن ئەزا ئۆزىنىڭ سەلمان ۋە كانتىر دىگەن ئىسىملىرىدا كىرىپ ئىزدىنىش ھەققىدە داڭقانپۇتى پاراڭ قىلىپ ، يۇقىردىن ۋەزىپە چۈشتىمۇ ، ئاقىلەي كۆكىلەي دىگەندەك گەپلەرنى قىلدى . مەن يەنە ئېغىر بېسىقلىق بىلەن چۈشەنچە بەرسەم <<داۋاملىق شۇنداق بولسۇن>> دىگەن سەمىمىيەتسىزلىك چىقىپ تۇرغان ئىككى خەتلىك جاۋاپ كەلدى . بۇ خىل سەمىمىيەتسىزلىك ئەلۋەتتە ئادەمنى بىئارام قىلماي قالمايدۇ . ئەزالارنى خاتىرجەم بولسىكەن دەۋاتقان بىزلەر تېخىمۇ بىئارام بولىدىكەنمىز . بۇ ئەزاغا يەنە دېسەم يەنە شۇ ئىزدىنىشتىن گۇمان قىلسا ئىزدىنىشقا كىرمىسە بولۇۋېرىدۇ . تېخى ھازىرغىچە بىرەر ئەزانىڭ پۇت قولىنى باغلاپ تەخەيگە تەتۈر مىندۈرۈپ ئىزدىنىشقا ئېلىپ قېچىپ كەلگىنىمىز يوق .

يەنە مۇشۇ ئەزا ھەققىدە گەپ قىلساق ، مۇنبەرنىڭ ئىزدەش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ ئىزدەپ ئىنكاسىنى تېپىپ كۆرۈپ بېقىڭلار . بىرەر تېما ھەققىدە گەپ بولسىلا ئىزدىنىشقا ئىچ ئىچىدىن ئىچى قوتورلۇق بىلەن يازغان ئىنكاسىنى كۆرەلەيسىلەر . ئىنكاسلىرى ئاساسەن ئون خەت ئىچىدە بولۇپ ، زەھەرخەندە ، سەمىمىيەتسىز ئىنكاسلار . بىرەر ئىنكاسىنى ئەستايىدىللىق بىلەن سەمىمى يېزىپ باققىنىنى كۆرۈپ باقمىدىم .

ھەتتا تېما تەستىقلاش ئىشىدىمۇ مەن ھىچقاچان شەخسى ئاداۋەتنى سۆرەپ كەلگىنىم يوق . مېنى ئۆزىگە دۈشمەن قىلىۋېلىپ ، ئاداۋەت ساقلاپ يۈرگەن تورداشلار ياخشى تېما يازسا تەستىقلاۋەردىم . ئاداۋەتنى مۇنبەرنىڭ ئىشىغا سۆرەپ كىرمىدىم . ماڭا ئاداۋەت تۇتۇپ يۈرگەن ، لېكىن ياخشىراق تېما يېزىپ مەن تەرىپىدىن تېمىسى تەستىقلانغان ئەزالار بۇ ھەقتە قولىنى يۈرىكىگە قۇيۇپ ئويلاپ باقسا بولىدۇ .

Pinhan يوللانغان ۋاقتى 2013-10-20 17:34:17

بۇ ئىنكاسىمنى جەۋلان ئۆزىنىڭ ئىككىنچى قەۋەتتىكى ئىنكاسىغا مېنىڭ يازغانلىقىمنى ئەسكەرتىپ قۇشۇپ قويسا بوپتىكەن .

uqkuri يوللانغان ۋاقتى 2013-10-20 17:35:01

35- قەۋەتتىكى nurنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مەن ئىزدىنىشقا ئەزا بولغان ئون يىلدىن بۇيان بىر قىتىممۇ چەكلىنىپ باقماپتىمەن.ئىزدىنىش ئەزالىرىدىن بىر زات ھاكىمدىن باشقا ھىچكىمنىمۇ تونىمايمەن.


باشلىقلارمۇ چەكلەپمۇ باقمىدى.قىسقىسى جىدەل قىلمايمەن،ئىككى ئىسىمدا كىرىپ رەسۋالىشىپ يۈرمەيمەن.باشلىقلارنىڭ پىكىرىنى تامامەن قوللايمەن.



باشقىلارنىڭ پىكرى خاتابولىشىمۇ مۇمكىنغۇ، چەۋاتمايدىغانسىز ئەدەمنى ساز قىلىپ ھە؟




uchkur1 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-20 17:40:15

بەزىدە مۇشۇ سەزگۈر ئىنكاسلار چىقىپ كىتىدىكەن. باشقىلار قەستەن ئادەم چالغاندەك قىلىپ .

پىنھانجان يۇقىرقى گىپڭلا راست بولسا ،تىخىمۇ سەگەپ تۇرۇپ، سەزگۈر ئىنكاسلارنىلا ئەمەس

مۇشۇ سەزگۈر ئىنكاس يىزىشقا مەجبۇر قىلۋاتقانلارنىمۇ (قەستەن يۆل قىش قويۇپ خاتا ئىدديە تارقىتۋاتقانلار)نىمۇ ياساپ تۇرسىكەن دەپ ئۈمۈت كۈتىمەن


OWQI312 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-20 17:55:06

ھارام شاخنى ۋاختىدا پۇتاپ تۇرمىساق دەرەخ ياخشى ئەي بولمايدۇ دەيدىغان گەپ بار شۇڭا قاتتىق قولراق بولغاننىڭ زىيىنى يوق



مەندەك ئارتۇق ئىشقا ئارلاشماي قۇلاق موللىسى بولغانمۇ ياخشىمۇ نىمە تىزىملاتقىلى 8 يىل بوپتۇ بىرەر قېتىم جېدەللىشىپ قالغىنىمنى بىلمەيمەن .

qassap يوللانغان ۋاقتى 2013-10-20 18:04:18

44- قەۋەتتىكى uqkuriنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

35- قەۋەتتىكى nurنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مەن ئىزدىنىشقا ئەزا بولغان ئون يىلدىن بۇيان بىر قىتىممۇ چەكلىنىپ باقماپتىمەن.ئىزدىنىش ئەزالىرىدىن بىر زات ھاكىمدىن باشقا ھىچكىمنىمۇ تونىمايمەن.

  مۇھەممەدتۇرسۇناخۇنكام قەشقەرگە ھاكىم بولدىما  002.gif

horazbak يوللانغان ۋاقتى 2013-10-20 18:38:08

ماۋۇ تېمىغا مەنمۇ دەدىمنى توكەپ باقاي دەپ كىرگەنتىم ، ماۋۇ پىنھاننىڭ دەردىنى ئاڭلاپ دەرتلىرىم قاياققىلاردۇر ئۇچۇپ كەتتى  {:92:}   {:92:}
بەت: 1 [2] 3 4 5 6 7 8 9
: ئىزدىنىش مۇنبىرى كىمنىڭ دۈشمىنى ؟