uchkur1 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-23 09:56:17

ئەمسە مىنىڭ  uchkur دىگەن نامىنى uchkur1 دىگەن نامىمنى ئۆچۈرۋەتسىڭىز بوپتىكەن

uchkur دىگەن نامنى ئىلىپ بىر مەزگىلدىن كىيىن مەخپى نۇمىرنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن شۇنىڭ بىلەن uchkur1 دىگەن نامنى ئىلىپ

ئشلەتكەن. ئويلاپ باقسام uchqur ماۋۇ توغرىكەن شۇنىڭ بىلەن مۇشۇ نامنى تىزىملىتۋالدىم

jewlan يوللانغان ۋاقتى 2013-10-23 09:59:10

133- قەۋەتتىكى uchkur1نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئەمسە مىنىڭ uchkur دىگەن نامىنى uchkur1 دىگەن نامىمنى ئۆچۈرۋەتسىڭىز بوپتىكەن

uchkur دىگەن نامنى ئىلىپ بىر مەزگىلدىن كىيىن مەخپى نۇمىرنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن شۇنىڭ بىلەن uchkur1 دىگەن نامنى ئىلىپ

ئشلەتكەن. ئويلاپ باقسام uchqur ماۋۇ توغرىكەن شۇنىڭ بىلەن مۇشۇ نامنى تىزىملىتۋالدىم



پات ئارىدا ، ئىسىملارنى قېلىپلاشتۇرۇش ، مەخپى نۇمۇرىنى تېپىپ بېرىشقا ئوخشاش ئىشلارنى ئاساس قىلىپ ئۇقتۇرۇش چىقارماقچىمىز ، شۇ ۋاقتىدا بىر تۇتاش بىر تەرەپ قىلساق ياخشى بولاتتى ..

tursun12 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-23 11:04:04

مىنىغۇ ئۆچۈرۋەتمەيدىغانسىلەر... مەنمۇ tursun دىگەن ئىسىم تىزىملىتىلىپ بولغاچقا tursun12 دەپ تىزىملاتقان.. مەن كونا ئەزا بىراق تۆھپەم ئاز .. ئالغان بىلىمىم كۆپ ئىزدىنىشتىن.. ياخشى تېمىلار كۆپ .. بۇنىڭدىن باشقا مۇنبەرلەرگىمۇ تىزىملاتمىغان...  {:106:}

86 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-23 11:33:59

ئەزالار جىدەل قىلماڭلار، بەزى تىما ۋە ئىنكاسلار ئۆچۈرۈلگەن بولسا شۇنىڭ ئۈچۈن جىدەل قىلماڭلار.

1. بەزى «سەزگۈرلىكى يۇقۇرى»تىمىلار ئۆچۈرۈلۈپ كەتسە، تىما يازغۇچىلار جىدەل قىلماڭلار. باشقۇرغۇچىلار مۇنبەرنىڭ ساغلاملىقى، مەۋجۇتلىقى، مۇنبەرنىڭ تەرتىپلىك بولىشىغا مەسئۇل. باشقۇرغۇچىلارمۇ ئادەم بولغاندىكىن، ھەر بىرىنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسى ئوخشاش ئەمەس، قايسى تىمىنى ئۆچۈرۈپ قايسى تىمىنى تەستىقلاشتا ئاز-تۇلا پەرىقلەر بولىدۇ. تىما يازغۇچى تىما مۇنبەرگە يوللانغاندىن كېيىن ئۇ سىزگە تەۋە ئەمەس، مۇنبەرگە تەۋە. باشقۇرغۇچىلارمۇ سىزنىڭ ئەجرىڭىزگە ھۆرمەت قىلىش بىلەن بىرگە مۇنبەرگىمۇ مەسئۇل، شۇڭا، بەزىدە ئىدىيىڭىزدىن ئۆتمىگىدەك بولۇپ قلغانب ولسىمۇ، ياخشى جەھەتتىن گۇمان قىلىڭ. يەن مەزمۇن جەھەتىنى ئويلاشساق، كۆپچىلىككە نەپ بەرگۈدەك تىما يازسىڭىز چوقۇم مۇنبەر ئالقىشلايدىغانلىقىغا ئىشىنىڭ.

2. بەزى ئىنكاسلار ئۆچۈرۈلسە جىدەل قىلماڭلار. ئەخلاقسىزلىق باشلانغان بىر ئىنكاس ئۆچۈرۈلسە، شۇنىڭغا ياندىشىپ قايتۇرۇلغان ئىنكاسلارمۇ ئۆچۈرۈلىشى مۇمكىن. ئىنكاسىمنى ئۆچۈرۈپسىلەر دەپ جىدەل قىلىپ كېتىدىغانلار ئۇچراپ تۇرىدىكەن، يازغان ئىنكاسى تىمىغا مۇناسىۋەتسىز ئاددىي جۈملە بولۇپ قالسا ئۆچۈرۈلسە سەكرەپ كېتىدىغان ئەزالار ئۇچرايدىكەن. باشقۇرغۇچىلار مۇنبەرگە، بارلىق ئەزالارنىڭ ۋە كۆرۈرمەنلەرنىڭ مۇنبەردىن ئورتاق پايدىلىنىشىغا م مەسئۇل. ئىنكاسىڭىز ئۆچۈرۈلگەن بولسا مۇنبەردىكىلەرگە پايدىسىدىن زىيىنى كۆپ بولۇپ قالغان، ياكى شۇ يەردە ئەھمىيەتسىز بولۇپ قالغان دىگەندەك ياخشى تەرىپدىن ئويلاڭلار. كۆپچىلىككە پايدىسى كۆپ بولغان، مەنىلىك، ئېدىتلىق.. مۇنبەرگە پايدىلىق ئىنكاس بولسا ئۆچۈرۈپ تاشلانمايدىغانلىقىغا ئىشىنىپ ياخشى گۇمان قىلىڭلار.

يەنىلا باشقۇرغۇچىلارنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسى، مەسىلىلىلەرگە بولغان چۈشەنچىلىرىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى سەۋەپلىك، كاللىسىدا تۇرغۇزغان ئۆلچەمدە پەرىقلەر بار. شۇڭا، ئۇلارغا بەكمۇ يۇقۇرى تەلەپ قۇيىۋالماڭلار. بەزىدە سىز نورمال ئىنكاس دەپ ھىساپلىغان مەزمۇن بەلكىم نورمال ھىساپلانمايمۇ قالغاندۇ. باشتىن ئاخىر شۇنىڭغا ئىشىنىڭلار، باشقۇرغۇچىلار مۇنبەرنىڭ تەرتىپلىك ھەم ھاياتىنىڭ ئۇزۇن بولىشىغا مەسئۇل. شۇ مەسئۇلىيەتنى ئىجرا قىلىۋاتىدۇ دەپ بىلىڭلار. يازمىڭىز مۇنبەرگە يېزىلغان ھامان ئۇ سىزنىڭ ئەمەس، مۇنبەرنىڭ. ئىنبكاسچىلارنىڭ ئەجرىنى دەپسەندە قىلىدىغان ئىش يوق. بەزىدە باشقۇرغۇچىنىڭ ئۆلچىمىدە بەلكىم سىز ئويلىغاندەك بولماي قالغان بولىشىمۇ ، سەۋەنلىك سادىر قىلغان بولىشىمۇ مۇمكىن. تۇغرا چۈشىنىڭلار، جىدەل قىلماڭلار.

نۇرغۇن تىمىلاردا بىر-بىرىگە قۇپال تېگىدىغان بەس-مۇنازىرە بولۇپ كېتىدىكەن. شۇنداق قۇپال تېگىشكەننىڭ كىمگە پايدىسى بار؟

باشقۇرغۇچىلار بەزىدە تەرتىپ ساقلاش ئۈچۈن شۇ تىمىنىڭ ئىنكاسلىرىنى تازىلاش ئېلىپ بارىدۇ، شۇ ۋاقىتتا ئىنكاسىم ئۆچۈرۈلۈپتۇ دەپ جىدەل قىلماڭلار. بۇ سىزنى جازالىغانلىق ئەمەس، مۇنبەردىكىلەرنىڭ ئورتاق مەنپەتىنى، مۇنبەرنىڭ مەنپەتىنى قوغدىغانلىقى دەپ بىلىڭلار. بىر-بىرىڭلارغا كۆكۈرۈپ كىمگە پايدىسى بولىدۇ؟

3. ئەزا بولغانلارنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسىدا پەرىق چوڭ بولغاچقا، يازما-ئىنكاسلاردىمۇ پەرىقلەر بولىدۇ. بەزىلەر ئەخلاقسىزلىق قىلىپ يامان سۆز-ئىبارىلەر بىلەن ئىنكاس يازىدۇ، كەيپىياتى ناچار ھەلەتتە يازما يازىدىغانلار بولىدۇ. شۇنداق ناچار كەيپىياتتا نورمال مۇنازىرە قىلىشى تەس. شۇنداق قىلىپ يەنە ناچار ئىنكاس بىلدۈرىدۇ. شۇنداق ئەھۋالدا باشقۇرغۇچىلارنىڭ چەكلىشىگە ئۇچرايدۇ. مۇشۇنداق ئەھۋالدا باشقا ئىسىم بىلەن تىزىملىتىپ كىرمەڭلەر. باشقۇرغۇچى سىزنىڭ چەكلەنگەن مۇددەت ئىچىدە ئەشۇ ئىسىمدا گەپ قىلماي تۇرىشىڭىزنى ئەمەس، بەلكى شۇ ئىسىمدا تىزىملىتىپ كىرگەن سىزنىڭ شۇ چەكلەنگەن مۇددەت ئىچىدە گەپ قىلماي تۇرىشىڭىز ئۈچۈن چەكلىدى دەپ بىلسىڭىز بولىدۇ. شۇڭا، باشقا ئىسىم بىلەن كىرشىڭىز مۇنبەرنىڭ قائىدە-بەلگىلىسىگە، ھەم ئەخلاققىمۇ خىلاپ. چەكلەشكە ئۇچرىغىنىڭىزنىڭ سەۋەبىنى باشقۇرغۇچىدىن ئەمەس، ئاۋال ئۆزىڭىزدىن ياخشىراق ئىزدەڭ. چەكلەنگەنلىكىىڭىز ئۈچۈن قەلبىڭىزدە ئۆچمەنلىك بولمىسۇن. مۇنبەرنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىۋاتقان بولسىڭىز ئىبرەت ئېلىپ كېيىن مۇنازىرە قائىدىسىگە ئەمەل قىلىشقا تىرىشىڭ. بۇ سىزگە ھەم كۆپچىلىككە پايدىلىق. سىز كۆپچىلىككە قاراپ كۈلسىڭىز كۆپچىلىكمۇ سىزگە كۈلۈمسىرەپ مۇئامىلە قىلىدۇ.

4. قائىدىگە خلاپلىق قىلىپ شۇنىڭ ئۈچۈن ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلسە ، يەنە ئۆكتەملىك قىلغان ئەزالارنى مۇنبەرنىڭ قاماقخانىسىغا كىرگۈزۈپ قۇيۇشتا يەنىلا مۇنبەرنىڭ تەرتىپى، مۇنبەردىكىلەرنىڭ ئورتاق مەنپەتى دىگەن ئاساس بولىدۇ.

مۇشۇ جەرياندا باشقۇرغۇچىلارنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسى، دۇنيا قارىشى ، مەسىلىلەرگە بولغان چۈشەنچىسى، مىجەز-خۇلىقى دىگەنلەرنىڭ رولى بولغاچقا، كىملەر نىمىشقا قاماقخانىغا شۇ ۋاقىتتا سولىنىپ قېلىشىدا سەۋەپلەرمۇ ، ئۆلچەملەرمۇ ئوخشاش بولماي قېلىشى مۇمكىن. شۇڭا، مەن باشقۇرغۇچىلارغا مۇشۇ جەھەتتە سەل ئۆزلىرىگە يۇقۇرى تەلەپ قۇيىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ناچار ئىنكاس بولسا ئۆچۈرۈشنى ئاساس قىلىش، ئاگاھلاندۇرۇش بېرىش، بىرلا باشقۇرغۇچى ئەمەس، شۇ ئەھۋالنى كۆرگەن يەنە باشقا بىرەر باشقۇرغۇچىمۇ ئاگاھلاندۇرۇش بېرىش، شۇنداقتىمۇ مۇنبەرگە قالايماقان ئىنكاس يېزىشنى تۇختاتمىغانلارغا ئاندىن قاماق جازاسى بەرسە بولىدۇ. بۇ ئىشتا مۇبەرنىڭ كەينىدە باشقۇرغۇچىلار مەسىلىھەت بىلەن ئىش قىلىشىنى مۇۋاپىق دەپ قارايمەن. ھەر ۋاقىتتا مۇنبەردە چوقۇم بىردىن كۆپ باشقۇرغۇچى توردا بولىشى مۇمكىن. شۇڭا، ئاۋال ئۆچۈرۈشكە تېگىشلىك ئىنكاسنى ئۆچۈرۈشنى، قاماققا تاشلاشقا ئالدىراپ ھۆكۈم قىلماسلىقنى، قاماپ قۇيۇش، قانچە ۋاقىت قاماپ قۇيۇشتا ئىككى-ئۈچ باشقۇرغۇچى مەسلىھەتلىشىپ ئىجرا قىلىشى مۇنبەر ئۈچۈن ياخشىراق دەپ قارايمەن. باشقۇرغۇچى مۇنازىرىگە قاتناشقان تىمىدا شۇ باشقۇرغۇچى شۇ تىمىغا چۈشكەن ئىنكاسلار سەۋەپلىك، بولۇپمۇ شۇ باشقۇرغۇچىغا قارىمۇ -قارشى پىكىر بولغان تىمىدا قارشى تەرەپنى قاماپ قۇيۇشنى ئىجرا قىلىش تۇغرا ئەمەس دەپ قارايمەن. ئاۋال باشقا باشقۇرغۇچىلار بىلەن مەسلىھەتلىشىپ قاماش كېرەكمۇ ئەمەسمۇ، قانچىلىك ۋاقىت قاماش دىگەننى مەسلىەتلىشىپ، ئىجرانى يەنە بىر باشقۇرغۇچى ئىجرا قىلسا مۇۋاپىق بولىدۇ. چۈنكى ھەر قايسىمىزئۆزلىرىمىزنى قانچە بىلىملىك چاغلىساقمۇ بىلىمدە كامالەتكە يەتكەن ئەمەسمىز. خاتا ھۆكۈم چىقىرىپ قۇيۇشتىن، شۇ چاغدىكى ھىسسىياتىمىز رول ئويناپ قېلىشىدىن پۈتۈنلەي خالىي دىيەلمەيىمىز.

مۇنبەردە ئېتىقاد ھەر خىل، مىجەز -خۇلۇق ھەر خىل. شۇڭا مۇنازىرىدە چۈشىدىغان ئىنكاس، ئىنكاس يېزىشتىكى تەلەپپۇزلار ھەر خىل بولىدۇ. مەيلى كىم بولسۇن باشقۇرغۇچىنىڭ بىردىن بىر تۇغرا دىگىلى بولمايدۇ. شۇڭا، قاماق جازاسىنى ئالدىراپ ئىجرا قىلماسلىق لازىم.. پەقەت مۇنبەرگە قالايماقان قىلىش مەقسىتى بىلەن ئىنكاس يازغان، ئاگاھلاندۇرغاندىن كېيىنمۇ شۇ كۈنلەردە مۇنبەر مۇنازىرە قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلغانلارنى قاماققا سۇلاپ قۇيۇشنى ئىجرا قىلىش لازىم دەپ قارايمەن.

يەنە قاماپ قۇيۇلغان ئەزانىڭ يازمىلىرى كۆرۈنمەس بولۇپ قالىدىكەن. قاماش سەۋەبىنى شۇ يازمىسى كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان قىلىپ، باشقىلارغا ئىبرەت قىلىش لازىم. بولمىسا، قامالغۇچىمۇ قايىل بولماي، باشقا ئەزالارمۇ قايىل بولمايدىغان ئەھۋال كېلىپ چىقىدۇ. باشقۇرغۇچىلار سېپىدىمۇ باشقۇرۇشنى ياخشى قىلمايدىغان، ناھەق ئىش قىلىپ سالىدىغان، ھەتتا قامىلىشقا تېگىشلىك بولۇپ قالىدىغان ئەھۋال بولىشى مۇمكىن. شۇنداق ئەھۋالدا باشقۇرغۇچىلار ئاۋازغا قۇيۇپ، باشقۇرغۇچىلىق سالاھىتىنى ئېلىپ تاشلاش، ۋاقىتلىق قاماش دىگەندەك چارىلەرنىمۇ ئويلىشىپ كۆرۈشنى تەكلىپ بېرىمەن.

بۇلار مېنىڭ ئويلىغانلىرىم. بۇ مۇنبەردە ھەممە كىشى ھەقسىز ئىشلەپ، يەنە مۇنبەرگە كۆيۈنۈپ كېلىۋاتىدۇ، تېخىمۇ ياخىشى بولىشى ئۈچۈن قائىدە-تۈزۈممۇ مۇكەممەلىككە يۈزلەنسە تېخىمۇ ياخىشى. مەيلى كىم بولسۇن، ئەسلىدە بۇ ئىزدىنىشقا دۈشمەن ئەمەس. پىكىر ئىختىلاپ، ئاندىن زىدىيەت، ئاندىن تەرەققى قىلىپ شەخسىلەر ئارا ئۆچمەنلىك، ئاندىن مۇنبەردىكىكلەرگە ئۆچمەنلىك دىگەندەك ئىشلار كېلىپ چىققان بولىشى مۇمكىن.

پىكىرلەرنى كۆپچىلىك تۇغرا دەپ قارىساڭلار قۇبۇل قىلىڭلار. خاتا دەپ قارىساڭلارمۇ ھەركىمنىڭ ئىختىيارى.

dawanqi يوللانغان ۋاقتى 2013-10-23 11:36:26

نىمانداق تولا گەپ بۇ،مەندەك گەپ قىلماي جىم ئولتۇرساڭلارمۇ بۇلىۋېرىدىغۇ؟  {:92:}   {:92:}   {:92:}   {:92:}

uzchi يوللانغان ۋاقتى 2013-10-23 12:04:40

راسلا رەتلامدۇق .... جىدەللەرنى كورەلمەيدىكەنمىزدە ئەمدە ...



ئەسلى رەتلىمىسەڭلەرمۇ ... ۋاقىت ئوزى رەتلىۋىتەتتى ... كىملەرنى رەتلىمىگەن ئىزدىنىش بۇ ...

uqkuri يوللانغان ۋاقتى 2013-10-23 13:34:20

ئەخلەت بوپ قېپتۇ بۇ تېما  {:136:}   {:136:}   {:136:}

jewlan يوللانغان ۋاقتى 2013-10-23 13:48:36

86 نىڭ ئەستايىدىل پىكرىگە كۆپ رەھمەت ...



قالغان باشقۇرغۇچىلارنىڭمۇ بۇ ئىنكاسنى ئەستايىدىل كۆرۈپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن ، مەقسەت بىرلا ، يەنى ئازادە ، ئادىل ، يۇقىرى ساپالىق پىكىرلىشىش مۇھىتى بەرپا قىلىش ئۈچۈن تىرىشىش !

ئىزدىنىش تارىخىدا باشقۇرغۇچىلىق ھوقۇقىنى دەستەك قىلىپ ھەيۋە كۆرسىتىپ ئۆزىنىڭ مەۋھۇم دۇنيادىكى ھېچنىمىگە ئەرزىمەيدىغان سالاھىتىنى كۈچلەندۈرۈشكە ئۇرۇنغان باشقۇرغۇچى بولۇپ باقمىغان دىسەم ھېچكىم ئىشەنمەيدۇ ، ئەمىليەتتە مەنمۇ دەسلەپ باشقۇرغۇچى بولغاندا ئۆزەمنى خۇددى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ يولباشچىسىدەك ھىساپلاپ كۆرەڭلەپ يۈرەتتىم ، باشقىلارنىڭ كىچىككىنە خاتالىقىنى تۇتىۋېلىپ ئۆزەمنىڭ يوغان «ئەمەل»ىنى كۆز كۆز قىلىپ ئۇرۇشاتتىم ،ھازىرقى بەزى جېدەل ماجىرالارنى كۆرگەندە ئۆزەمنىڭ شۇ ۋاقتى ئېسىمگە كېلىپ نومۇس قىلىپ كېتىمەن ، بولۇپمۇ توي قىلىشتىن بۇرۇنقى مەن بىلەن تويدىن كېيىنكى مەننىڭ ئىزدىنىشقا تۇتقان پوزىتسىيەسى تۈپتىن ئوخشىمىدى ،بۇ دىگىنىم توي قىلمىغان باللار باشقۇرغۇچى بولسا بولمايدۇ دىگىنىم ئەمەس ، بىر ئۆينى تۇتۇپ مەسئۇلىيەت دىگەن نەرسىنى ئەمىليىتىنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ باققان باشقۇرغۇچىلار نىمىلا بولمىسۇن بويتاق باللارغا قارىغاندا تەجىربىلىك ، ئېھتىياتچان كېلىدۇ ، بويتاقلارمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق كەسكىن ، يۇمۇرستىك ، ئىقتىدارلىق كېلىدۇ ، گەپ ئىككى تەرەپنىڭ ئۆز ئارا چۈشەنچە ھاسىل قىلىپ يول قويۇش يول قويماسلىقىدا ، ئىشنىڭ يولى ئۆز ئارا دۇنيا (قىممەت) كۆز قاراشلىرىنى سۇقۇشتۇرۇش ئەمەس بەلكى ئۆز قېرىنداشلىرىمىز جۈملىدىن ئۆزىمىز نەپ ئېلىۋاتقان مۇنبەر ئۈچۈن ئورتاق تىرىشىپ ئازادە مۇھىت ھازىرلاش ، يەنىلا تەكىتلەشكە تېگىشلىك مۇھىم ئىش : ئومۇمنىڭ مەنپەئەتى بىرىنجى ، شەخسى زىدىيەت ئىككىنجى

86 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-23 14:38:02

138- قەۋەتتىكى uqkuriنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئەخلەت بوپ قېپتۇ بۇ تېما \"\" \"\" \"\"



شۇنداق. بۇ تىما راست ئەخلەت تىمىمۇ ياكى جەۋھەر تىمىمۇ؟باھالاش ئىككى قۇتۇپقا  بۆلۈنگەنكەن.  18 ئىسىم بۇ تىمىنى ئەلا دەپتۇ، 24 ئىسىم بۇ تىمىنى ناچار دەپتۇ.  42 ئىسىم جەمى نەچچە ئادەم ئۇنى بىلگىلىبولمايدۇ.  چۈنكى مەيلى ئەلا دەپ باھالىغۇچىلار بولسۇن، ناچار دەپ باھالىغۇچىلار بولسۇن، بىر ئادەم بىردىن كۆپ ئىسىم بىلەن كىرسە ، بۇ مۇنبەردە تىما باھالاشتاقوللانغان دېموكراتىيەىسىنىڭ يوچۇقىدىن پايدىلانغان بولىدۇ.شۇڭا ناچار تىما جەۋھەر بولۇپ قالدىغان، جەۋھەرلىنىشكە تېگىشلىكى ئەخلەت تىما بولۇپ قېلىش ئېھتىماللىقى بار . بۇ بىر تەرىپى، يەنە ىر تەرەپتىن بۇ مۇنبەردە ھازىر قوللانغان تىما باھالاش پەقەت ئەزا سانى بوىيچە بېكىتىلگەنكەن.  بىر باھادا باھالاش سانى 15 تىن ئاشسا ، ئاىدىن كېيىن قايسى تەرەپنىڭ سانى كۆپ بولسا شۇ تەرەپنىڭ باھاسى كۈچكە ئىگىكەن.


دېموكراتىيەگە يەنە مەركەزلەشتۈرۈشنى قوشسا  سەل ياخشىراق بولىشى مۇمكىن.  پەقەت باشقۇرغۇچىلارلا بىلەت تاشلىيالايدىغان قىلىپ قويسىمۇ، بۇمۇ دېموكراتىيە مەركەزلەشتۈرۈشنىڭ بىر خىلى.


ھەقىقى جەۋھەرمۇ ياكى ئەمەسمۇ دىگەننى باھالاش  مەسىلىدىمۇ  مۇشۇ توپتىكىلەرنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسىغا ئالاقىسى بار.


شۇڭا، مەن شۇنداق ئويلايمەن، دېموكراتىيەنىڭ ئاجىزلىق تەرىپى بار.  كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ ياخشى دەپ قارىغىنى ھەقىقى ياخشى بولۇپ كېتىشى ناتايىن.  كۆپ سانلىق پاسىق بولسا ياخشى نەرسە ناچار دىيىلىشى، ناچار نەرسە ياخشى دىيىلىپ كېتىشى مۇمكىن.


شۇڭا، ئىسلامدا پەقەت ئالللاھنىڭ ياخشى دىگىنى ياخشى، ناچار دىگىنى ناچار دەپ بىلىمىز.  چۈنكى ئاللاھ ھەممىدىن ئالىم. ھېكەەت ئىگىسىدۇر. ئىسلامدا بىرەر ئىشقا ھۆكۈم چىقىرىشتا ، مۇسۇلمان ئالىملارنىڭ شەرىئەت پىرىنسىپىغا ئاساساسەن چىقارغان ھۆكۈملىرىنى ئالىدۇ. شۇ ئالىملار ئوتتۇرسىدا چۈشەنچىدە ئىختىلاپ بولغاندا كۆپ ساندىكىسىنىڭ دىگىنى ئالىدۇ . ياكى رەئىس شۇلاردىن بىر تەرەپنىڭكىنى ئالىدۇ.  . شۇ جەھەتتە بىلىم يوق كىشىلەرنى ئاۋازغا قويغاننىڭ پايدىسى يوق. (ئاخرىدىكى بۇ گەپلەر بۇ تىمىغا مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ  دېموكراتىيەنىڭ گېپىگە قوشۇمچە دەپ قويدۇم. )


western يوللانغان ۋاقتى 2013-10-23 14:45:11

139- قەۋەتتىكى jewlanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

86 نىڭ ئەستايىدىل پىكرىگە كۆپ رەھمەت ...



قالغان باشقۇرغۇچىلارنىڭمۇ بۇ ئىنكاسنى ئەستايىدىل كۆرۈپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن ، مەقسەت بىرلا ، يەنى ئازادە ، ئادىل ، يۇقىرى ساپالىق پىكىرلىشىش مۇھىتى بەرپا قىلىش ئۈچۈن تىرىشىش !

ئىزدىنىش تارىخىدا باشقۇرغۇچىلىق ھوقۇقىنى دەستەك قىلىپ ھەيۋە كۆرسىتىپ ئۆزىنىڭ مەۋھۇم دۇنيادىكى ھېچنىمىگە ئەرزىمەيدىغان سالاھىتىنى كۈچلەندۈرۈشكە ئۇرۇنغان باشقۇرغۇچى بولۇپ باقمىغان دىسەم ھېچكىم ئىشەنمەيدۇ ، ئەمىليەتتە مەنمۇ دەسلەپ باشقۇرغۇچى بولغاندا ئۆزەمنى خۇددى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ يولباشچىسىدەك ھىساپلاپ كۆرەڭلەپ يۈرەتتىم ، باشقىلارنىڭ كىچىككىنە خاتالىقىنى تۇتىۋېلىپ ئۆزەمنىڭ يوغان «ئەمەل»ىنى كۆز كۆز قىلىپ ئۇرۇشاتتىم ،ھازىرقى بەزى جېدەل ماجىرالارنى كۆرگەندە ئۆزەمنىڭ شۇ ۋاقتى ئېسىمگە كېلىپ نومۇس قىلىپ كېتىمەن ، بولۇپمۇ توي قىلىشتىن بۇرۇنقى مەن بىلەن تويدىن كېيىنكى مەننىڭ ئىزدىنىشقا تۇتقان پوزىتسىيەسى تۈپتىن ئوخشىمىدى ،بۇ دىگىنىم توي قىلمىغان باللار باشقۇرغۇچى بولسا بولمايدۇ دىگىنىم ئەمەس ، بىر ئۆينى تۇتۇپ مەسئۇلىيەت دىگەن نەرسىنى ئەمىليىتىنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ باققان باشقۇرغۇچىلار نىمىلا بولمىسۇن بويتاق باللارغا قارىغاندا تەجىربىلىك ، ئېھتىياتچان كېلىدۇ ، بويتاقلارمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق كەسكىن ، يۇمۇرستىك ، ئىقتىدارلىق كېلىدۇ ، گەپ ئىككى تەرەپنىڭ ئۆز ئارا چۈشەنچە ھاسىل قىلىپ يول قويۇش يول قويماسلىقىدا ، ئىشنىڭ يولى ئۆز ئارا دۇنيا (قىممەت) كۆز قاراشلىرىنى سۇقۇشتۇرۇش ئەمەس بەلكى ئۆز قېرىنداشلىرىمىز جۈملىدىن ئۆزىمىز نەپ ئېلىۋاتقان مۇنبەر ئۈچۈن ئورتاق تىرىشىپ ئازادە مۇھىت ھازىرلاش ، يەنىلا تەكىتلەشكە تېگىشلىك مۇھىم ئىش : ئومۇمنىڭ مەنپەئەتى بىرىنجى ، شەخسى زىدىيەت ئىككىنجى

\"\"\"\"\"\"


matu يوللانغان ۋاقتى 2013-10-23 15:10:48

دىموكراتىيە دىگەن ھەممە ئىشقا بىلەت تاشلاپ قارار قىلىش دىگەنلىك ئەمەس، مەسىلەن نىيۇ جې مەسچىتىنى چاقامتۇق يوق دىگەن مەسىلىنى بېيجىڭ شەھىرىدە ئاۋازغا قويۇپ قارار قىلغىلى بولمىغاندەك گەپ.

86 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-23 16:07:36

142- قەۋەتتىكى matuنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

دىموكراتىيە دىگەن ھەممە ئىشقا بىلەت تاشلاپ قارار قىلىش دىگەنلىك ئەمەس، مەسىلەن نىيۇ جې مەسچىتىنى چاقامتۇق يوق دىگەن مەسىلىنى بېيجىڭ شەھىرىدە ئاۋازغا قويۇپ قارار قىلغىلى بولمىغاندەك گەپ.



راست، مۇشۇنداق ئىشلاررنى دېموكراتىيە بويىچە قارار قىلسا قانداق قارار قىلىدىغاندۇ؟


يەنە مىسال قىلساق، ئۇيغۇر  بالىلارنىڭ دەرىسلەرنى ئۇيغۇر تىلىدا ئوقۇشى كېرەكمۇ ياكى خەنزۇ تىلىدا ئوقۇشى كېرەكمۇ؟ ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدە دىن بىلىملىرىنى دەرسلىك قىلىپ ئۆتۈش كېرەكمۇ ياكى چەكلەش كېرەكمۇ؟ 18 ياشتىن تۆۋەن بولسىمۇ مەسچىتكە كىرىشكە رۇخسەت قىلىش كېرەكمۇ؟ ئەمەسمۇ؟  ئۇيغۇر بالىلارنىڭ مەكتەپلىرىدە مىللىيچە پۇراققا ئىگە مەكتەپ فورمىسى كىيىش كېرەكمۇ ياكى ھەممىسى خەنزۇلاردەك كىيىنى كېرەكمۇ؟ دىگەندەك ئىشلاردا دېموكراتىە بويىچە قارار قىلسا قانداق قارار قىلىدىغاندۇ؟


پۈتۈن ئۇيغۇرلارغا بىلەت تاشلاتقۇزۇپ قارار قىلسا، بەلكىم، دەرسلىكنى ئۇيغۇرچە ماتىريال بىلەن ئۇيغۇر تىلىدا ئۆتۈش كېرەك دەيدىغانلار 90 % ئېشىپ كېتىدىغان بولۇپ قالسا، لېكىن خەنزۇچە ئاساس قىلىنغان قوش تىللىق بولىشى قارار قىلىنسا، بۇ دېموكراتىيەگە  زىت ھىساپلىنامدۇ؟


بىر توپ كىشىلەر ئچىدە مۇھىم ئىشلارنى ئاز ساندىكى كىشىلەرنىڭ ئىرادىسى بويىچە قارار قىلىشمۇ دېموكراتيە ھىساپلىنامدۇ؟


مۇشۇنداق مەسىلىلەرنى چۈشەندۈرۈپ باققان بولسىڭىز.

parakende يوللانغان ۋاقتى 2013-10-23 16:07:51

ئىلگىرىكى مەن كۆرگەن نۇرغۇن مۇنبەرلەرگە قارىغاندا بۇ مۇنبەر ئاللاھ خالىسا ياخشىسى \"\"



مەن ھۇقۇقنىڭ مەركەزلىشىشىنى خالىمىساممۇ بۇ تىمىنىڭ ناچار باھالانغانلىقىنى كۇرۇپ سەل ئويلىنىپ قالدىم ......

ansariy يوللانغان ۋاقتى 2013-10-23 21:27:56

ئاتايەن ئەلانى باسقىلى كىردىم

gullug يوللانغان ۋاقتى 2013-10-23 23:25:31

نىيۇجىيە مەسچىتنى چېقىۋەتسە ئاللاھ خاپا بولامدۇ ياكى ئۇيغۇرمۇ؟

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2013-10-24 03:51:03

مەن ھەيران قالدىمكى، مۇشۇ تېمىنى «ناچار» باھالاشنىڭ نىمە زۆرۈرىيتى بار ئەمدى؟ پىسخىكىسى بىنورمال بىر نەچچە ئادەم نەچچە ئىسىمدا ئاتايىن ناچار باھانى بېسىش ئۈچۈن تىزىملاتقاندەك...

مۇشۇ باھالاش ئىشىنى باشقۇرغۇچىلارغىلا تاشلاپ بەرسەك ياكى ھېچ بولمىغاندا مەلۇم «ئىزدىنىش تەجىربىسى» توپلىغان ئەزالارغا ئاچساق... مۇشۇنداق تىزىملىتىپ كىرگەنلا ئادەم قالايمىقان ئىنكاس يېزىپ، قالايمىقان باھا دەسلەپ يۈرسە ئەسلى ياخشى تېمىلار ناچار، ناچار تېمىلار ئەلا باھالىنىپ قالىدىغان ئىش چىقىدۇ. ئىزدىنىش ئىزدىنىشقا ئوخشىماي قالغىلى ئۇزۇن بولدى، مەنچە كۆپ چېكىندى...

jewlan يوللانغان ۋاقتى 2013-10-24 08:17:42

باشقۇرغۇچىنىڭ ئەڭ لاياقەتسىزلىرى ھە دىسىلا دىكتاتۇرىغا تايىنىدۇ ، ئەركىن پىكىر دۇنياسىدا مەندەك پىكىر قىلمىدىڭ دەپ ئېلىپ بېرىلغان دىكتاتۇرلۇق بۇ جازا باشقىلارنىڭ قايىللىقىنى قوزغىمايلا قالماي ئۈمىدسىزلەندۈرىدۇ ۋە تاۋلان12 دەك يېڭى نەشىرلەردە كىرىپ قالايمىقان قىلىشقا مەجبۇر قىلىدۇ ...

باشقۇرۇشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى باشقىلارغا سۆزلەيدىغان پۇرسەت بېرىش ۋە ئۆز ئارا چۈشەنچە ھاسىل قىلىش ، زادى گەپ چۈشەنمىگەندە ياكى ئوچۇق ئاشكارە دۈشمەنلىك پوزىتسىيەسى تۇتقاندا ئاندىن جازالىساقمۇ كېچىكمەيمىز ، ئۆز خاتالىقىنى تونۇپ كەچۈرۈم سوراش ئەركەكنىڭ ئەركىكى قىلىدىغان ئىش ، دۇنيادا بۇنىڭدىن ئېىسل ئىش يوق بولسا كېرەك ، مېنىڭ تەۋسىيەرىم شۇكى ، ئىنكاسلار بەك بىزەپ ۋە قانۇنغا خىلاپلا بولمىسا ئالدىراپ ئۆچۈرمەيلى ، نىمە دىسە دىمەمدۇ؟ باشقۇرغۇچىنىڭ ئىدىيەسى بىلەنلا باشقۇرىدىغان ئىش بولسا مۇنبەر خاسلىقى ، تەرەقىيات پىلان دىگەنلەردىن سۆز قىلغىلى بولمايدۇ...

ھەرقانچە دىققەت قىلغان تەقدىردىمۇ ، بەزى باشقۇرغۇچىلارنىڭ مۇنبەر باشقۇرۇشتا ئۆز دۇنيا كۆز قارىشى بويىچە مەشغۇلات قىلىشىنى توسۇپ تۈگىتىپ بولغىلى بولمايدىكەن ، مۇشۇ نۇقتىدىن بارلىق ئىزدىنىش ئەھلى ئالدىدا ئۆزرىلىك بىز ، لېكىن بۇ بۇنىڭدىن كېيىنمۇ مۇشۇنداق بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ ، بىزگىمۇ ئايانكى كۈچىمىزنىڭ يېىشىچە مۇشۇنداق ئىشلارنىڭ ئالدىنى ئالمىغاندا زىدىيەت تۈگىمەيدۇ ، تارىخ يەنىلا تەكرارلىنىۋېرىدۇ ...

بىز ئۈچۈن بارلىق ئىزدىنىش ئەھلىنىڭ ئىشەنچىسى ئەڭ مۇھىم بولغان ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچ !

piqakqi يوللانغان ۋاقتى 2013-10-24 10:35:37

129- قەۋەتتىكى justoneنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

130- قەۋەتتىكى piqakqiنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ھە ئاۋۇ بىر تېما بولىدغان ، باللانىڭ ئۇيغۇرچە ساۋادنى چىقىرىش توغۇرلۇق ، تاپالمايۋاتىمەن ئەمدى ....كىم تېپىشىپ بەرسە بەك ياخشى بولاتتى...

مەن ئىلگىرى ئەزا ئەمەس ئىدىم ئىزدىنىشقا .....



ئۇ تېمىنى ئىزدىنىشتىن ئىزدىسەم ئەخلەتخانىدا دەيدۇ،ساقلىۋالغىنىمنى سىزگە يوللاپ بېرەي:




بالامنىڭ ساۋادى چىقتى( 2 ياش سەككىز ئاي)


ئىزدىنىش مۇنبىرىدىن : ئىليارۇق


بۇ تېمىنى يوللاشتىكى مەقسەد دوسلار بىلەن مۇشۇ پەرزەنىت تەربىيىسى توغۇرلۇق پىكىر ئالماشتۇرۇش ، ھەمدە دوسلارنىڭ باشقىچە تەپەككۈر يوللىرىنى ، ئىزلىرىنى ئىزلاپ بېقش …..مەن ئۆزەمنىڭ بەزى ئۇسۇلۇم ۋە قاراشلىرىمنى ئالدىن سۆزلەپ باقاي ، ناۋادا دوسلارغا ياراپ قالسا يەنىمۇ چوڭقۇرلاپ ماڭامىز …

جۇڭگونىڭ ئۆزگەرتىپ بولالماي (ئۆزگەرتمەي) تۇرغان مۇشۇ مائارىپ تۈزۈلمىسىگە بەك ئۆچ بولدۇم .ئۆلۈك ،جانسىز ، قېلىپلاشقان ، ئادەتلەنگەن تەپەككۈر ئۇسۇلى، ئوقۇتۇش ئۇسۇلى…….بولدى چوڭ گەپنى قويۇپ تۇرايلى ھازىرچە . ئالدى بىلەن مۇشۇ ئاساسنىڭ ئاساسى ، مەۋجۇتلىغىمىزنىڭ تىرىكى بولغان ئۆز ئانا تىلىمىزدا ساۋات چىقىرىش توغۇرلۇق پىكىرلەشسەك ، ئاندىن كېيىن مۇشۇ تەپەككۈر ، مائارىپ تۈزۈلمىسى …دىگەندەك نۇقتىلارغا كۆچسەك …

ئوغلۇم مۇشۇ ئاينىڭ 25- كۈنى 3 ياشقا كىرىدۇ ، ھازىر 31 ھەرپنى ھەممىنى تولۇق بىلىدۇ (ژ نىڭمۇ بارلىغىنى تېخىچە بىلمەيدۇ، مەن دەپ بەرمىدىم تېخى ). تاغ ، باغ، سىز ، شىر ، گۈل، داپ، نان ، سىز ، ھەل ، خام ، خان ،جان ………………….دادا دىگەندەك سۆزلەرنى بىمالال ئوقۇيدىغان بولدى ، تېخى بەزى ھەرپلەرنى يېزىپ يۈرىدۇ ، مەن يېزىشنى تېخى ئۆگەتمىىگەن ، كۆزىگە سىڭىپ كەتكەن ئوخشايدۇ . مېنىڭ پىلانىم 2 يېرىم ياش بولغاندا مۇشۇ سەۋيىگە يەتكۈزۈپ بولۇش ئىدى،( 2 ياش 8 ئاي بولغاندا مەقسەتكە يەتتۇق، ئاچىسى 3 ياش بولغاندا مۇشۇ سەۋىيىگە يەتكەن ئىدى) ئەمما شارائت يار بەرمىدى، يەنى بالا بىزنىڭ يېنىمىزدا ئەمەس، 30 كىلومېتېر ئارلقتىكى يېزىدا چوڭ ئاپىسىنڭ قېشىدا تۇرىدۇ، پەقەت ھەر جۈمە كۈنى چۈشتىن كېيىن قايتىپ كېلىدۇ، يەكشەنبە ياكى دۈشەنبە يەنە قايتىپ كېتىدۇ . شۇنداق بولغاچقا ۋاقت بەك قىسقا . ئۆيدە بولغان ئەھۋالدىمۇ بىر كۈندە پەقەت بىرە سائەتلا <<ئويناپ >> قالىمىز . دىمەك بىز ئۈچۈن مۇشۇ << ئويناش >> بەك مۇھىم . ئويناش ئارقىلىق بالىنىڭ ساۋادى چىقتى دىمەكچى ……..

بىز زادى قانداق ئوينىدۇ ق ؟ناۋادا مۇلاھىزىگە قىزىقساڭلار ، دوسلارنىڭمۇ تەجرىبىلىرىنى ئاڭلىغاچ ھەم پىكىرلەشكەچ سۆزلەپ كېتىمىز ………..


ئوغلۇم 2 ياشتىن ئاشقاندا باشلىغان . ئەڭ ئالدى بىلەن ‹ ئا ، ئە ، ت ، ئو ل › قاتارلىق 5 ھەرىپنى كىچىكىرەك قاتتىق قەغەزگە يېزىۋېلىپ ، بۇ ‹ ئا ›، بۇ‹ ئە› دەپ ئازىراق كۆندۈرۋالغاندىن كېيىن ، بەش ھەرىپنى تاشلاپ قويۇپ ئۆزىگە پالانچى ھەرپنى ئال . پۇستانچى ھەرپنى ئال دەپ ئاستا -ئاستا يېتەكلىگەن . ئاندىن كېيىن ئىككىمىز ھەرپ سېتىپ ئوينايلى دىسەم بەك خوشال بولدى ، شۇنىڭ بىلەن ئوغلۇم بىر دۇكان ئاچتى ، مەخسۇس ھەرپ ساتىدىغان ، مەن خېرىدار بولدۇم . بۇ ئارلىقتا ئۇسۇلنى ئۆزگەرتىپ تۇردۇم ، مەسىلەن ئالدى بىلەن بالامغا تېلفۇن قىلىمەن ، تېلفۇننى ئالغاندىن كېيىن ‹ ۋەي › دىسە مەنمۇ ‹ۋەي › دەيمەن. قاچانكى ‹ ئەسسالامۇئەلەيكۇم › دىمىگىچە مەنمۇ باشقا گەپ قىلمايمەن ،‹ ئەسسالامۇئەلەيكۇم › دىگەندىن كېيىن مەنمۇ ئىلىك ئېلىپ بولۇپ ، تېچلىق –ئامانلىق سوراپ بولۇپ ، ئاندىن‹‹ مەن پالانچى يەردىن تېلفۇن قىلىۋاتىمەن ، سىزنى ھەرپ ساتىدىغان دۇكان ئېچىپتۇ دەپ ئاڭلاپ ، بالامغا ھەرپ ئالاي دەپ تېلفۇن ئۇرغان › دىسەم تېخىمۇ خوشال بولۇپ كېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن مەن تېلفۇندا خوشلىشىپ ھازىرلا دۇكىنىڭىزغا بارىمەن دەپ بىردەم موتونى ئوت ئالدۇرغان بىردەم ماشىنىننى ئوت ئالدۇرغان بولۇپ ، ھەم ئاۋازىنى دوراپ ماڭىمەن ، ‹ دۇكىنى› نىڭ ئالدىغا بارغاندا ئۆزى چىقىدۇ ، يەنە سالام قىلىدۇ ، قول ئېلىشىپ كۆرىشىمىز ، دۇكىنىغا كىرىمىز ، دۇكىنىنى بىر ئىككى ئېغىز ماختاپ قويىمىز . شۇنىڭ بىلەن ‹ بالام‹ئا› نى ئالىمەن دەيدۇ دىسەم ‹ ئا› نى ‹ ب › نى ئالىمەن دەيدۇ دىسەم ‹ ب› نى ئەپ بېرىدۇ ، ناۋادا ئەپ بېرەلمەي قالسا ئاستا يېتەكلەپ قويىمىز ، ئاندىن ‹ بالامغا تېلفۇن قىپ باقاي ، يەنە نىمە ھەرپ ئالىدىكىن › دەپ ‹بالام› غا تېلفۇن قىلغان بولىمەن –دە،‹‹ بالام ‹ت› نىمۇ ئالغاچ كەل ›› دەيدۇ دەپ ‹ت› نى ئالدۇرىمەن ، ئەلۋەتتە ئۇمۇ بېكارغا تۇتقۇزۇپ قويمايدۇ-دە ، بېكارغا ئېلىۋەرسەم ‹ دۇكان › تاقىلىپ قالمامدۇ ، مەنمۇ قۇرۇق كەلمەيمەن ئەلۋەتتە ، تۆش يانچۇغۇمدا پۇلۇم بار كېلىمەن-دە . يەنى 1 دىن 5 كىچە بولغان سانلارنىمۇ قاتتىق قەغەزگە يېزىپ ‹ پۇل› قىلىۋالغانمەن. مانا 1 كوي ، ماۋۇ ‹ت› نەچچە پۇلدۇ ،‹ مانا 2 كوي › دەپ سودىمىزنى قىلىۋېرىمىز ، بۇ جەرياندا ئاۋۇ ‹ خوجايىن › ئاز تولا ئەدەپ-ئەخلاق ، ئىقتىساد ، سان-سېفىر دىگەنلەر بىلەن تەبئىيلا ئۇچۇرشۇپ ماڭىدۇ ، دىگەن گەپ ، شۇنداق قىلىپ ،ئەمەلى ئەھۋالغا قارتا ‹دۇكان› دىكى ‹مال› لارنىمۇ ئاستا –ئاستا تولۇقلاپ ماڭىمىز ، ئامال بار بالا ئاسان قوبۇل قىلالايدىغان ، تەلەپپۇز قىلالايدىغان ھەرپلەرنى قوشىمىز


، بالىنىڭ زېرىكىپ قالماسلىغى ئۈچۈن ، چوققۇم ئويۇن جەريانىدىكى بەزى سۆز –ھەركەت، قىلىقلىرىمىزنى ئۆزگەرتىپ ، بالىنى كۈلدۈرۈپ تۇرىمىز ، بەزىدە پۈتۈن ئائىلە ئەزالىرى‹ بازار› غا كىرىمىز ، بەزىدە مايمۇن بولساق بەزىدە قاغا بولىمىز ، بەزىدە ئاشۇ بالىدىنمۇ كىچىك بالا بولىمىز ، ئىشقىلىپ بالا قىزىقىدىغان سۆز، ھەركەت ھەممىنى ‹ ئويۇن › غا قوشۇۋېتىمىز، ئاستا-ئاستا بالىڭىز‹ دادا ھەرپ سېتىپ ئوينايلى › ھەرپ توشۇپ ئوينايلى ، ( كوزۇپلۇق ماشىنسى بىلەن توشۇغان ، بىر ماشىنا ھەرپ ئېلىپ كەلسە 1 كوي ) ھەرپلەرنى چۈشۈرۈشكە باشقىلار مەسئۇل، بەزى ھەرپلەرنى قەستەن چۈشۈرەلمىسەك ‹شوپۇر› نىڭ ئۆزىنى چاقىرىمىز ، ئامال بار ھەرپنىڭ نامىنى دىگۈزۈپ تۇروپ چۈشۈرىمىز ، ھەم ئاشخانىغا تەكلىپ قىلىپ تاماق يەيمىز ، پۇلىنى تۆلەيمىز ) دەپ سىزنى ئۇنمىسىىڭزمۇ ئۇنماي ‹ ئويۇن› غا باشلايدۇ ، سىزلا زېركىپ قالمىسىڭىز بالىڭىز زېركىپ قالمايدۇ ، قاچان ئۆزى زېرىككەندە سىرتلارغا ئېلىپ چىقىپ ئايلىنىپ رەسمى پۇل تۆلەپ بىر نەرسىلەرنى سېتىۋېلىپ قايتىپ كىرسىڭىز بولىۋېرىدۇ . ئەمدى قالغىنىنى دىمىسەممۇ بولامىكىن ، ئىشقىلىپ ئۆزىڭىز ئويلاپ تاپىۋەسىڭىز بولىۋېرىدۇ ئويۇن دىگەننى ، بالىڭىز قىزىقسىلا ھېساپ ، خوشال بولسىلا ھېساپ . ئەمما ھەرگىزمۇ ‹ بالام كېلە ، ھەرپ ئۆگىنىمز، ماۋۇ ئا ، ماۋۇ ب › دەپ زورلاپ يۈرمەڭ ، ئۇنداق قىلسىڭىز بالىڭىزغىمۇ ، ئۆزىڭىزگىمۇ قاتتىق ئوۋال قىلغان بولىسىز ….ئويلاپ باقايلى ، بىز قانداق چوڭ بولغان ، بىز دەل ئويۇننىڭ قېپىنى يېرىپ ، دەل بىزلەر دەۋاتقان ئويۇنلارغا قېنىپ ، قېنىپ چوڭ بولغان ، ئاخىرى نىمە بولدۇق ، دەل جۇڭگوچە مائارىپ تۈزۈلمىسىنىڭ قۇربانىغا ئايلاندۇق . دىمەك مەنمۇ ئەينى ۋاقىتلاردا فىزىكا قاتارلىق پەنلەردە 100 ، 100 يەنە 100 نومۇرلارنى ئېلىپ ، <13 تە ياخشى ئوقۇغۇچى>> بولۇپ ئوقۇغانمەن ، ئەمدى ئويلاپ باقسام بىر ئۈز-چاتنى جايىدا ئوڭشاپ ئۇلالمايدىكەنمەن … ئىشقىلىپ دۆلەتنىڭ مائارىپ تۈزۈلمىسى ھەقىقى مەنىدىكى ئىسلاھات نەتىجىلىرىگە ئېرىشەلمەي تۇرغان ئەھۋالدا ، بىز يەنى ئاتا ئانىلار سەگەك تۇرمىساق بولمايدۇ . بولۇپمۇ كونا يادلاش تىپىدىكى ئۆلۈك سىڭدۈرۈش ، نومۇر ئۈچۈن كېسىپ چاپلاش قاتارلىق ئۇسۇللارغا ئەمدى يول قويساق بولمايدۇ …. بالىلارنىڭ تەپەككۈر ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى ھەر ۋاقت ئېسىمىزدە چىڭ تۇتساق بولىدۇ…ماۋۇ< بالىلار كىچىگىدە ئويۇنغا قانسۇن > دىگەن گەپ بەزى بىر قىسىم مەسئۇليەتسىز ئاتا ئانىلارنىڭ ئۆزلىرىگە تەسسەللى تاپىدىغان باھانىسىگە ئايلىنىپ قالغىلى تۇرۇپتۇ ھازىر . توغرا ، ئويناش كېرەك …ئەمىسە قانداق ئوينىغان ئويۇن ئويۇن بولىدۇ زادى ؟ سان ئارلاشتۇرماي ، ھەرپ ئارلاشتۇرماي، ھېچقانداق نىمىنى خىيال قىلماي ، قۇمدا ئېغىناپ ، يەردە سەكىرەپ ، ھوشۇقنى ئېتىپ ئەتتىگەن چىقىپ كەتسە كەچتە بىر كىرسە بىزنىڭ كىچىك چاغلاردىكىدەك …..مۇشۇ نداق ئوينىسا ئويۇن بولامدۇ ؟ ئويناش كېرەك ، بالا دىگەن ئوينىماي نىمە قىلىدۇ ، ئاشۇ ئويۇنلارغا ئازىراق مەقسەدلەرنى ئارلاشتۇرپ ، بالىنى مەلۇم تەرەپلەرگىرەك يېتەكلەيدىغان ھالقىلارنى قوشۇپ قويساق بولماسمۇ زادى ؟ بىزگە ئوخشاش ئويۇنلارغا تازا قېنىپ چوڭ بولغانلار نىمە بولدۇق ، دىمەك كېيىنكى يېتەكلەش بەك مۇھىم بەك مۇھىمكەن …


شۇنداق قىلىپ ئالدىدا ئازىراق ئوقۇغۇدەك بولغان چاغدا بىر سۆزنى ئوقۇسا بىر خىل قىززىقچىلىق قىلىپ بەردىم ، بەزىدە بىر سۆزنى ئوقۇسا بىر قېتىم توخو بولۇپ ئاپىسىنى ، ئاچىسىنى قوغلاپ چوقۇپ ئوينىدۇق ، يەنە يەنە دەپ تۇرىۋالىدۇ بۇ شاكىچىك ، بەزىدە خوش ياقمىسىمۇ زورلاپ تۇرىۋالىدۇ ، بۇنداق بولسا بالىنىڭ ساۋادى چىقماي ئامال يوقكەن …..ساۋادىنى چىقارماي غا قاندۇردىغانغا ئامالىم بولمىدى …….

يەنە بىر ئىش ، ھازىر قاتتىق قەغەزگە يېزىقلىق تەييار ھەرپلەر بار ساتىدىغان ، كىتاپخانىلاردا بارغۇ دەيمەن. ئاشۇ ھەرپلەرنى ئىشلەتسەكمۇ بولىدۇ ، ئەمما ئۇ ھەرپلەر ، باش، ئوتتۇرا ، يالغۇز دەپ ئايرىم -ئايرىم ئايرىلغان ، بەك تارقاق ، بىز ئۇنى يىپ يىڭنە بىلەن بىرلەشترۋالساق بولىدۇ، يەنى نىڭ ھەممىسىنى بىرلەشتۈرۈپ يىپ بىلەن چېتىۋالىمىز ، ئەڭ ئالدىغا باش نى كەلتۈرىمىز، قالغان ھەرپلەرمۇ ئوخشاش ، ئىشقىلىپ بالا قايسىنى ئاسان قوبۇل قىلغۇدەك بولسا شۇنى ئەڭ ئالدىغا تىزىمىز، نى ئۈگەتمەكچى بولساق ئالدىدا ، ئوتتۇرا ، ئۇلانما دىگەنلەر بىلەن كارىمىز بولمىسۇن ، نى تونۇتۇپ تۇرساقلا كۇپايە ، ئامال بارا قالغانلىرىنى بالىغا كۆرسەتمەيلى ، بولمىسا بالا ئازىراق بىزارلىق ھېس قىلىپ قېلىشى مۈمكىن ، مېنىڭ ئەڭ ئالدىدا لارنى تاللىشىمدىكى سەۋەپ بالا بۇ ھەرپلەرنى ئىگەللەپ بولغاندا ئا+ت =ئات ، ئا+ل=ئال ، ئو+ت=ئوت ئە+ت=ئەت مۇشۇلارنى قوشۇپ ئوقۇتۇپ ، بالىغا بىر ئىلھام بېرىۋېتىش ئىدى ……..





رەھمەت سىزگە ، ئەمما تولۇق ئەمەستەك قىلىدۇ ...جىق گەپلەر باردەك قىلغان \"\"

kabanna يوللانغان ۋاقتى 2013-10-24 18:33:09

نەچچە كۈن كىرمىسەم ئەخلەت تېما ئاۋۇپ كېتىپتا ئىزدىنىشتا؟

kabanna يوللانغان ۋاقتى 2013-10-24 18:34:19

بىرنەچچە زاپاس ئىسىمدا تىزىملىتىپ قويسا بولامدۇ نېمە؟
بەت: 1 2 3 4 5 6 7 [8] 9
: ئىزدىنىش مۇنبىرى كىمنىڭ دۈشمىنى ؟