2013- يىلى ئىزدىنىشنىڭ ئەڭ قالايمىغان بىر يىلى بولدى.
143- قەۋەتتىكى 86نىڭ يازمىسىدىن نەقىلبىرەر ئۇيغۇرنى بىرەر مۇنبەرگە دۈشمەن ياكى ئۆچ دىيىش سەل ئىشىپ كەتتىمۇ قانداق؟
142- قەۋەتتىكى matuنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
دىموكراتىيە دىگەن ھەممە ئىشقا بىلەت تاشلاپ قارار قىلىش دىگەنلىك ئەمەس، مەسىلەن نىيۇ جې مەسچىتىنى چاقامتۇق يوق دىگەن مەسىلىنى بېيجىڭ شەھىرىدە ئاۋازغا قويۇپ قارار قىلغىلى بولمىغاندەك گەپ.
راست، مۇشۇنداق ئىشلاررنى دېموكراتىيە بويىچە قارار قىلسا قانداق قارار قىلىدىغاندۇ؟
يەنە مىسال قىلساق، ئۇيغۇر بالىلارنىڭ دەرىسلەرنى ئۇيغۇر تىلىدا ئوقۇشى كېرەكمۇ ياكى خەنزۇ تىلىدا ئوقۇشى كېرەكمۇ؟ ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدە دىن بىلىملىرىنى دەرسلىك قىلىپ ئۆتۈش كېرەكمۇ ياكى چەكلەش كېرەكمۇ؟ 18 ياشتىن تۆۋەن بولسىمۇ مەسچىتكە كىرىشكە رۇخسەت قىلىش كېرەكمۇ؟ ئەمەسمۇ؟ ئۇيغۇر بالىلارنىڭ مەكتەپلىرىدە مىللىيچە پۇراققا ئىگە مەكتەپ فورمىسى كىيىش كېرەكمۇ ياكى ھەممىسى خەنزۇلاردەك كىيىنى كېرەكمۇ؟ دىگەندەك ئىشلاردا دېموكراتىە بويىچە قارار قىلسا قانداق قارار قىلىدىغاندۇ؟
پۈتۈن ئۇيغۇرلارغا بىلەت تاشلاتقۇزۇپ قارار قىلسا، بەلكىم، دەرسلىكنى ئۇيغۇرچە ماتىريال بىلەن ئۇيغۇر تىلىدا ئۆتۈش كېرەك دەيدىغانلار 90 % ئېشىپ كېتىدىغان بولۇپ قالسا، لېكىن خەنزۇچە ئاساس قىلىنغان قوش تىللىق بولىشى قارار قىلىنسا، بۇ دېموكراتىيەگە زىت ھىساپلىنامدۇ؟
بىر توپ كىشىلەر ئچىدە مۇھىم ئىشلارنى ئاز ساندىكى كىشىلەرنىڭ ئىرادىسى بويىچە قارار قىلىشمۇ دېموكراتيە ھىساپلىنامدۇ؟
مۇشۇنداق مەسىلىلەرنى چۈشەندۈرۈپ باققان بولسىڭىز.
86,سىز راست بىلمەمسىز ياكى بىلمەسكە سېلىۋاتامسىز؟
كونا گەپنى تەكرارلايدىغان بولدۇم.
دىموكراتىيە بىر خىل سىياسى تۈزۈلمە بولغىنىدا ئۇنىڭ ئۈچ مۇھىم ئامىلى بولىدۇ:بىرىنجىدىن سايلام تۈزۈمى،ئەلۋەتتە دۆلەت باشلىقى ھەم دۆلەتنىڭ قانۇن چىقىرىش ئورگانلىرىنىڭ ئەزالىرى سايلام بىلەن تاللىنىدۇ.ئىككىنجىدىن ئۈچ ھوقوق ئايرىلغان سىياسى ئەندىزە بولۇپمۇ مۇستەقىل ئەدلىيە سېستىمىسى.ئۈچىنجىدىن تاراتقۇ ۋە ئاۋامنىڭ نازارەت ۋە پىكىر ھوقوقى. دىمەك دىموكراتىيىنى نوقۇل كۆپ سانلىق كىشىلەرنىڭ ئىرادىسى دەپ چۈشىنىش ئىنتايىن يۈزەكىلىك. ئۇ ھەممىباپ قىممەت قاراشلىرىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان بىر قورال. بۇ شۇنىڭ ئۈچۈن مۇھىمكى، كۆپ سانلىقنىڭ قارارى ھەمىشە يوللۇق بولمايدۇ، بۇنداق تارىخى ساۋاقلار ئاز ئەمەس. ئېسىڭىزدە بولسۇنكى ھەممىباپ قىممەت قاراشلىرىدا دىن بىلەن سىياسى ھوقوق، ئادەتتىكى مەنىدىكى مۇنتىزىم مائارىپ ئايرىش تەشەببۇس قىلىنىدۇ.
سىز مىسال ئالغان نەچچە ئىش نەق ئىنسانى ھوقوق ھەتتا ھايۋاناتلارنىڭ ھەق-ھوقوقلىرى دىگەندەك كەڭرى مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەممىباپ قىممەت قاراشلىرى جۈملىسىگە ياتىدۇ، شۇڭا بۇ ئىشلار ھىچقايسى دىموكراتىك جەمىيەتتە بىلەت تاشلاش بىلەن قارار قىلىنماسلىغى كېرەك.
ئەسكى ئەزا دىسە مەندىن ئەسكىسى يوقتۇ؟ لىكىن بىرەر مۇنبەرنى ياكى بىرەر ئەزانى يوق قىلىش دىگەندەك ئويلاپمۇ باقمىغان بۇنداق ئويلارنى ئويلاپ باقمىدىم ھەم باشقىلارنىڭمۇ بۇنداق ئويلايدىغانلىقىغا ھەقىقەتەن ئىشەنمەيمەن
باشقىچە يىزىلسىمۇ بولاپتىكەن ئاشۇ دۈشمەن دىگەن گەپ
ئىزدىنىشتا قانچىلىك ئەزا بار؟ قانچىلىكى كونا؟ بۇنىڭ قانچىلىكىنىڭ نامى بار؟ يەنى بۇرۇنلام ئىزدىنىشتا نام ئەپ بولغان دىمەكچى؟
كونىللىرىڭلار بەك ئىناق ئۆتىدىكەنسىلەر. ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ ھەۋىسى كەلگۈدەكلام ئىناق زادى. كونىللىرىڭلارنىڭ ئادەتتىكىدەك ئىنكاسىمۇ شۇنچە ئالقىشلىك زادى. يىڭىلارنىڭ بولسا بىر چەتتە قالغان يا مەن شۇنداق چۈشۈنۈپ قالدىممۇ؟
ئىشقىلىپ ئىزدىنىشتىكى ئىنكاسچى داڭلىقلارنىڭ ئىنكاس يىزىش ئۇسلۇبىنى ئۈگەنمەك بەك تەسكەن. دىمەكچى بولغىنىم كونا بۇرۇنقى يىقىن تورداشلار كەسكىن دە-تالاش قىلىپ پىكىرىڭلار بىر يەردە چىقمىسىمۇ يەنە بىر تىمىدا بىر ئوبدان چاخچاقلىشالايدىكەنسىلەر. لىكىن يىڭى بىرەسى شۇنداق دە-تالاشقا ئۇچرىسا ئۇنىڭغا باشقا تىمىدا ئۇنداق مۇئامىلە قىلمايدىكەنسىلەر. تىزىملاتقان ۋاختىغا قاراپ مۇئامىلە قىلىش ئەزا-ھەم باشقۇرغۇچىلارغا ئورتاقكەن يا بۇنىمۇ مەن شۇنداق چۈشىنىۋالدىممۇ؟
ئىشقىلىپ مەن بۇرۇن بىلىدىغان ئىزدىنىشقا بەزى يەرلىرى ئوخشىسا بەزى يەرلىرى ئوخشىمايدىغان بوپ قاپتۇ ئىككى يىل كىرمىسەم. ئوخايدىغان يىرى بەزى ئەزالار بىلەن شۇلارنىڭ ئىنكاس ئۇسلۇبى ئوخشايدىكەن . ئوخشىمايدىغان يىرىنى دىسەم بەك جىق
بۇرۇنقى ئسمىمدا كىرمەي يىڭى ئىسىمدا كىرگىنىم ئۈچۈن يەنى يىڭى ئەزا بولغىنىم ئۈچۈن مۇشۇنچىلىك يازاي. بۇرۇنقىدەك يازسام بۇرۇنقىدەك مۇئامىلىگە ئۇچرىمايدىغانلىقىمغا ئىشىنىمەن. چۈنكى ئىزدىنىش ئۆزگىرەپ كەتتى مىنىڭچە
ھە راس يەنە بىر پىكىرىم
ئاۋۇ ئەلا ناچار دىگەن ئىقتىدارنى ئىلىۋىتىڭلار مىنىڭچە
مۇشۇنىڭغىمۇ ئەلانى باسامدۇ؟ بەزىلەر يالغان ئىسىمدا كىرىپ ناچارنى بىسىپتۇ دىگەندەك پايدىسى يوق شۇمبۇيا ئىنكاسلارنىڭ چىقىپ قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
ئاشۇمۇ ئىنكاسما؟
ئەلانى بىسىپتۇ، ناچارنى بىسىپتۇ
ئەلانى بىسىش ئۈچۈن ئاتايىن كىردىم. دىگەندەك مۇشۇلارمۇ ئىزدىنىشتا چىقىدىغان ئىنكاسلارغا ئوخشامدا؟
پىكىر جىما. قالغىنى يەنىلا مىنى قايىل قىلىدىغان ئۆتكۈر كاللاڭلاردا ئىقىلىپ ئەل ئۈچۈن ئۇيقۇدىن بىدار بولغان، مۇشەققەت جاپالارنى تارتىۋاتقان زىيالىيلىرىمىزنى ئۆزىدىن باشقىنىڭ غېمىنى يېمەيدىغانلارنىڭ بۇلاڭ- تالاڭ قىلىشىغا، ھاقارەت قىلىشىغا تاشلاپ بېرىدىكەنسىلەر، يالقۇن روزى ھەققىدىكى تېمىدا چۈشكەن ئىنكاسلارغا تۇتقان پوزىتسىيەڭلار بۇنىڭغا مىسال بولالايدۇ. زۇلپىقار بارات خەلققە يامان قىلدىمۇ؟ يالقۇن روزىغا ئىزدىنىش ئۆچمۇ ؟ ئاۋۋۇ تۆتتال كىشىمۇ؟
ھەق گەپ قىلغاننى تۈرمىگە تاشلايدىكەنسىلەر، ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ ئۆز مەۋقەسىنى باشقىلارغا تاڭىدىغان ، ئائىلىسى بويىچە چىقىپ كۆكەمىلىك قىلىدىغانلارنىڭ بېشىڭلاردا كۆتۈرىدىكەنسىلەر.
« ئىزدىنىش مۇنبىرى كىمنىڭ دۈشمىنى ؟ » دېگەن گەپنى« ئىزدىنىش مۇنبىرى كىملەرگە دۈشمەنلىك قىلىۋاتىدۇ؟ » دەپ چۈشىنىدىغان يەرگە يەتتى، بۇ سوئالنى ئەزالاردىن خېجىل بولماي سورىغانلىقىڭىزغا ھەيرانمەن.
بۇ سوئالنى قويغانكەنسىز ئەزالارنىڭ مۇشۇ تېمىدا ئەركىن مۇلاھىزە قىلىشىغا يول قويۇڭ، باشقىلارغا ھاقارەت قىلمىسا، دۆۋلەتنىڭ سىياسىتىگە قارشى چىقمىسا تۈرمىگە تاشلىماڭ.
تېما باھالاشنى ئەزالارغا تاپشۇرۇپ توغرا قىلدۇق دەپ قارايمەن.
مەيلى ئىزدىنىشنى باغچىغا ياكى ھاجەتخانىغا ئوخشىتايلى،شۇنىڭغا ئوخشاش قىلىپ قويىۋاتقانلار يەنىلا ئىزدىنىشلىقلار ئۈزى.باغچىدەك چىرايلىق بولسىغۇ ياخشىغۇ،ئەمما ھاجەتخانىدەك بولۇپ قالسا ھاجىتىمىزدىن چىقىرىپ بولۇپلا ھاجەتخانا بەل سېسىق دىسەك يەنە قاملاشمايدۇ. ھاجەتخانا دىگەن سۆز رىئاكسىيە قىلدىغانلار، ھاجەتخانىسىز ياشاپ باقسۇن، كۆرۈپ باقايلى!
بىر تەرەپ بىر تەرەپكە بىكاردىنلا چېقىلىدۇ، ئاندىن قارشى تەرەپ چىقىپ دەككىسىنى بەرسە يىغلاپ ئۇششۇقلۇق قېلىپ يېتىۋالىدۇ.
ھەر قېتىملىق يالقۇن-پەرھات-ئوزباش جىدىلىدىن شۇنداق بىر نەتىجىنى كۆرۈپ كېلىۋاتىمەن.
نەچچە كۈندىن ئاۋاتلىقىدىن چۈشمەيۋاتقان ھېلىقى ماختالما، ئاپتورنىڭ بىنورمال چوقۇنىشىنى ئاساس قېلىپ ھاياجان بىلەن يېزىلىپتىكەن، يازغۇچىلار مۇنبىرىدە سۆرۈلۈپ يۈرگەن، ئىزدىنىشقا چىقىپ تېگىشلىك باھاسىغا ئېرىشىپتۇ.
@xahla91 ئايلا، ھەرە كۆنەلگىسىنى ئۇقۇشماي تۇتۇپ قالغانلارغا نىمە دىگۈلۈك ئەمدى؟ چېقىلمىسا بىر ئوبدان ھەسەل يەيدىغىنىنى بىكاردىن بىكار چۇخچىلىسا كۆنەلگىدىن چۇۋۇلۇپ چىقىپ چېقىپ ئۆلتۈرۈپ قويىدىغىنىنى ھېس قىلغۇدەك بولغاندا ئۇششۇقلۇقنىڭ جانغا ئەسقاتمايدىغان قەغەز يولۋاس ئىكەنلىنى بىلشەر بەلكىم. {:92:}