uchkur1 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-21 14:59:59

94-قەۋەتنىڭ پىكىرىمۇ ئورۇنلۇقتەك تۇرىدىغۇ، بولسا شۇنداق قىلساقمۇ بوپتىكەن .

ناخشا مۇزىكا، شئىر،نەسىر، قەسىدە ،مەرسىيە قالسۇن قالغان بۇ مۇنبەردىن. ئۇنى تالاشقىدەك ۋاقىتمۇ يوق بىزدە .

ئاسمان ئۆرۈلۈپ كەتسە تىگىدە مانتا يەيدىغان غا ئوخشاش يۈرمەيلى . بەك كۆگىمىز كەپكەتسە باشقا مۇنبەردە ساماندەككەن.

شۇ يەرگە چىقىپ كۆرسەك. مۇنبەردە ئامال بار جەمىيەت ،خەلقئارا،پەن-تىخنىكا يىڭىلىقلىرى يوللىنىپ كىرەكلىك بىلىم توپلاپ

پىكىر ئالماشتۇرىدىغان سورۇن قىلساق بولاتتى . سەۋەبىنى ئەمدى بىلدىم .بۇرۇن نىمىشقا جىدال چىقمايدىكى دىسەم

ناخشا مۇزىكا شئر قوشاق ئاز يوللىنىدىكەن ھەم ساز يولىنىدكەن. شۇنىڭ بىلەن مۇشتاڭ باش قىتىنچىلىقى ئاز بولۇپ، كۆپ ۋاقتىمىزنى باشقا ئشقا

سەرىپ قىلاتتىكەنمىز پەن تېخنىكا جەميەت خەلقارا مەسىلىلەردىمۇ بىلىمىز ئۆسۈپ قاپتىكەن خېلى (بۇنداق تىمىلاردا گەپ سۆز ئاز)پايدا كۆپ يىتەتتى

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2013-10-21 15:02:21

بەك قالايمىقان بولۇپ كەتتى، بىر رەتلەيدىغان يەرگە يەتتى.

jewlan يوللانغان ۋاقتى 2013-10-21 15:04:27

شۇنداق بىر كۈنلەر كېلىدۇ !

ھەممىنى رەتلەيمىز  {:90:}

tvman يوللانغان ۋاقتى 2013-10-21 15:11:22

ۋاي ئالامەت قىززىپتىغۇ بۇ تىما، بۇرادەرلەرگە ھېيىتلىق سالام \"\"

uchkur1 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-21 15:15:30

ناخشا مۇزىكا شئىر قوشاققا ھەممە ئادەم ئارلىشىۋىلپ ھەممە ئادەم بىرنەرسە دەپ قوماچ بولىدكەن .

مۇشۇنداق ھەممىسى تەڭ سەكرەپ، تەڭ سۆزلەپ بىر بىرگە گەپ بەرمەي.

جەمىيەت ،خەلقئارا،پەن تېخنىكىلارغا ئائىت نەرسىلەر يوللانسا گەپ قىلدىغان ئادەم ئازبولىدكەن چۈنكى شۇنىڭغا لايىق بىلىم بولمىسا

گەپ قىلغىلى بولمايدۇدە. ئامما ئالىدىغان نەپ كۆپ بولىدىكەن . گەپنىڭ ئوچىقى مەن بۇ مۇنبەرگە گەپ ساتقىلى بىر بىرى بىلەن ئۇرۇشقىلى كىرمىگەن

مۇشۇ تاپتا خىزمەتداشلىرىمنىڭ قاۋاشلىرى .... يىتىپ ئاشىدۇ.

بەلكى قانداق پايدىلىق بىلىملەر، پەن-تىخنىكا يىڭىلىقلىرى، جەمىيەت ئەھۋالى ،خەلىقئاراغا ئائىت خەۋەرلەر بىلىم بولسا ئۈگىنەي ئاڭلاي دەپ چىقىمەن .

باشقىلاردىن قەتئىي ئۈسۈنلۈك تالىشىنى خالىمايمەن. ھەم ھىچكىمگە يوغنچىلىق قىلغىلى كىرمەيمەن . ئۇنداق ئشلارغا راستىنلا ۋاقتىم يوق

uchkur1 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-21 15:23:25

102- قەۋەتتىكى jewlanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

شۇنداق بىر كۈنلەر كېلىدۇ !


ھەممىنى رەتلەيمىز \"\"


شۇنداق كۈنلەر تىزاق كەلگەي


uchkur1 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-21 15:27:21

مۇنبەرگە ۋە ئەزالارغا تەكلىۋىم ۋە ئۈمۈدۈمنى دىۋالدىم مۇشنىڭغىمۇ بىرمۇنچە ۋاقىت ئىسراپ بولدى

bendora يوللانغان ۋاقتى 2013-10-21 22:43:58

ئىزدىنىشقا بۈگۈن كىرىپ كۆرگەن، ۋاقتىمنى ئەڭ ئالغان تېما، ئىنكاسلىرىغىچە تولۇق كۆرۈۋەتتىم، ئەنسارىينىڭ سۆزىدىن خۇش بولدۇم، پىنھان يۈز بېرىپ ئىسمىنى ئاشكارلىمىۋىدى،ئەنسارىي ئۆزى دادىللىق بىلەن كەچۈرۈم سورىدى، ئەگەر پىنھان ئۇنى بىۋاستە ئىسمى بىلەن سۆرەپ چىقىپ شۇ ئىشنى يۈزىگە سالسا ئىشنىڭ بۇنداق ئاخىرلىشىشى بەلكىم بۇنداق بولماستى...

ئاقىلغا ئىشارەت، نادانغا جۇۋالدۇرۇز!

مەنمۇ مۇشۇ پۇرسەتتە ئاغزى ئىتتىكلىك، مىجەز يېنىكلىكىم سەۋەبىدىن دىلىنى رەنجىتىپ قويغان مۇنبەرداشلىرىمدىن كەچۈرۈم سورىۋالسام، بولسا بىر مۇنبەرنىڭ كىشىلىرىدەك ئۆتسەك!

كەچۈرۈڭلار!

uyghurjan0997 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-21 22:49:02


پىنھان  ئەپەندى  مۇشۇ  تېمىغا  بىر  ئىنكاس  يازغاندىن  كىيىن  كىرەلمەي  باشقا  ئىسىمدا  ھېلى  تىزىملىتىپتىكەنمەن ، ( arzimbar )  مۇشۇ  ئىسىمتى  (  پەقىر  نىمىشقا  كىرەممەيمەن  دەپ  ئەرىز  قىلايدەپ\"\")  ئەتىگەنتىن  كىرەلمەي  قايتا  تىزىملاتقان .  يەنە  ئوڭشۇلۇپ  


قالدى  خاپا  بولماي  ئۈچۈرۋەتسىڭىز  بوپتىكەن ،  مەيلى  قايسى


باشقۇرغۇچىلار  بولسا  بىر  ئۈچۈرۋىتىڭلار   ( arzimbar ) نى  ئەمدى  


ئەرزىم  يوق .   \"\"\"\"  پەقىر  خاتالىشىپتىمەن  كەچۈرۈڭلا  باشقۇرغۇچىلا.


mohsin يوللانغان ۋاقتى 2013-10-21 22:54:01

ئون كۈنلەردىن ئاشتىمىكى ، ئىزدىنىشقا www.izdinix.com دىگەن ئادرىس بىلەن كىرگىلى بولمايۋاتىدۇ ، windows8 IE 10 تور كۆرگۈسىدە ، گوگىل تور كۆرگۈچىدىمۇ ئوخشاش . ئەمما bbs.izdinix.com بىلەن كىرىۋاتىدۇ ،

firefox تور كۆرگۈچىدە www.izdinix.com بىلەنلا كىرگىلى بولدى .

IE دا www.izdinix.com بىلەن كىرسەك تۆۋەندىكىدەك خاتالىق ئۇچۇرى چىقىدۇ :



无法显示 XML 页。

无法查看使用 样式表的 XML 输入。请更正错误然后单击 刷新 按钮,或稍后重

文档的顶层无效。处理资源 \"http://www.izdinix.com/\" 时出错。第 1 行,位置: 1

这是预编译工具生成的标记文件,不应被删除!

*******************

Google Chrome دا بولسا تۆۋەندىكىدەك ئۇچۇر چىقىدۇ :



This page contains the following errors:

error on line 1 at column 1: Document is empty

Below is a rendering of the page up to the first error.




نىمە ئىشتۇ بۇ ، تېخنىكلار قاراپ باقساڭلار ...


تېلىفۇندا كۆرگەندە نورمال ، www.izdinix.com بىلەنلا ئېچىلىدۇ .

Ulanbay يوللانغان ۋاقتى 2013-10-21 23:16:38

مۇنبەرنىغۇ جىنسقا ئايرىمايدۇ. ئەمما ئايرىشقا توغرا كەلسە،

مەن ئىزدىنىشنى قامەتلىك، ئوقۇمۇشلۇق پىشقان بىر ئەرگە ئوخشىتىمەن.

مەن بۇ ئەرنىڭ يېنىدا ئۆزۈمنى ناھايىتى بىخەتەر ھېس قىلىمەن.

باشقىلارنىڭ ئالدىدا بۇ ئەرنىڭ بىلىمىدىن، قامىتىدىن پەخىرلىنىمەن.  {:92:}  



شەھلا ئىجادىيەتتە كەمتەر يول تۇتقانلارنىڭ بىرى. ئۇ ئەزەلدىن ماختاشنى تەلەپ قىلغىنى يوق،

بىرەرسىنىڭ ئۆزىنى ماختىمىغانلىقى ئۈچۈن، باشقىلارنى بىر نەرسە دېگىنىنى ياكى ئاغزى ىزەپلىك قىلغىنىنى كۆرمىدىم.

ئۇ ئەقىللىق ئايال، ئۇ تېمىلىرىغا قارشى پىكىر، تەنقىدلەرنىڭ چۈشۈشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

شۇنداق بولغاندىلا ئۇ ئۆزىنىڭ ئەسىرىدىكى يېتەرسىزلىكلەرنى بايقىيالايدىغانلىقىنى بىلىدۇ.

كانتىرنىڭ نەچچە ئىسىمدا كىرىپ، ئۆزى تونۇمىغان بىر ئايالنى بۇنچە ھاقارەتلىشىگە نېمە سەۋەب بولغاندۇ؟!

ئارىمىزدا پىسخىكىسى بۇزۇلغان ئادەملەر ھەقىقەتەن كۆپكەن.



ئىزدىنىش ھېچكىمگە دۈشمەن ئەمەس،

دەل مۇشۇنداق پىسخىكىسى بۇزۇلغان ئادەملەر ئىزدىنىشنى پېتىقلاپ، چىچقاق موزايدەك قالايمىقان قىلماقتا.

uqkun28 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-22 01:19:01

بىر ئاكتىيۇركىنو-فىلىمنىڭ ئىھتىياجى تۈپەيلى بىر قانچە ئادەمىنىڭ رۇلىنى ئالسا ، ھەم رولىنى چاندۇرماي ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئالالىسا ئۇنىڭ ئىقتىدارىغا قايىل بولىمىز. بىراق ئىزدىنىش مۇنبىرى ئۇنداق ئاكتىيورلارغا ئىھتىياجىلىق ئەمەس ئىدى. مانا ئەمدى بىرى مۇۋاپىق بولمىغان سۇرۇندا ئۇستاتلىق قىلىمەن دەپ چاندۇرۇپ قۇيۇپتۇ. ئىشىنىمەنكى تېخى زۈرۈريەتسىز ئۆز ئۆزىنى كىلونلىۋالغان ، ھازىرغىچە چاۋىسى چىتقا يېيىلمىغان «ئاكتىيۇر»لىرىمىز بار. بۇ تىما ۋە تىما ئىشتراكچلىرىنىڭ ئىنكاسى ئەشۇنداقلارغا سەمىمىي ھەم قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش بولغۇسى.



ئەڭ ياخشىسى kantirنىڭ سەمىمىي بۇلۇپ جەۋلاننىڭ نىمە دەۋاتقانلىقىنى ياخشراق ئويلىشىپ بېقىشىنى تەكلىپ بىرىمەن، سەمىمىيەتمۇ ئاجايىپ ئىسىل خىسىلەت!



تىمىدا پىنھانباينىڭ گىپى چىقىپ قاپتۇ، راستىنى دىسەم مەنمۇ بىر قانچە يىل ئىلگىرى پىنھاننى مۇستەبىت، گۇرۇھۋاز كۆرەتتىم. ئەمما مۇنبەردىكى ئىنكاسلىرى ھەم باشقىلارنىڭ تىما-ئىنكاسلىرى ئارقلىق بۇ سەپرا مىجەز باشقۇرغۇچىنىڭ بىر قۇلىدا ئوت، بىر قۇلىدا سۇ ئوينايدىغان، ھەق ناھەق قارىشى ئېنىق ، پىشقان بىر خىل مىجەزىنى ھىس قىپ قالدىم. پىنھاننىڭ باشقىلارنى گۈندىخانىغا قامىغانلىقىنىلا ئەمەس ئۇنىڭ قىلغان ئىشىغىمۇ قاراپ قۇيايلى، ئۇنىڭ ئادەم«تىللاشلىرى»مۇ يۇمۇردەك بىلىنىدۇ ماڭا \"\"

abdrhim يوللانغان ۋاقتى 2013-10-22 04:30:10

ئوقوپ بولالماي ھىرىپ كەتتىم،سىلەر ھارمىدىڭلارما.زىدىيەتتىن تەرەققيات بولىدۇ دەيدىغۇ

muzdala يوللانغان ۋاقتى 2013-10-22 07:20:11

بەك جىق گەپلەر بولۇنۇپ كېتىپتىغۇ...



ئىزدىنىشتىكى كۆرۈپمۇ باقمىغان بىرىنى «بۇرادىرىم، قېرىندىشم» دەپ ئويلىيالايدىغان غەرەزسىز سەمىمىيەتتىن باشقىسى ئىزدىنىشقا ياراشمايدۇ، شۇنداق ئويلىيالمىغانلار ھەقىقىي ئىزدىنىشلىق بولالمايدۇ.



كۆرىۋاتىمىز، ئىزدىنىشقا كېلىپ كەتكەنلەر تولا، بىر كەلگەنچە جايلىشاپلا قالغانلار ئۇنىڭدىن تولا.

ئازراق يوقاپ كەتسە ھۆرمەت بىلەن ئەسلىنىدىغانلارمۇ بار، كۈندە مۇنبەردە يۈرسىمۇ كىشىنى بىزار قىلىدىغانلارمۇ بار...



ھەقىقىي ئىزدىنىشلىقلارغا گۈزەل سالاملار بولسۇن!

yusran يوللانغان ۋاقتى 2013-10-22 09:06:09

پەخىرلىنىمەن ئىزدىنىش روھىدىن



ئاچچىقى يامان ئەمما باغرى يۇمشاق كۆكسى-قارنى كەڭ دادىغان ئوخىشىتىدىغان بولۇپ قالدىم ھازىر بۇ ئىزدىنىشنى

tumaris يوللانغان ۋاقتى 2013-10-22 11:07:04

دەيدىغانلار دەپ دىيىلىدىغان گەپلەرمۇ دىيىلىپ خېلى بىر يەرگە بېرىپتۇ، باشقۇرغۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن مەنمۇ ئىككى ئېغىز بىلجىرلاپ قوياي.

ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدىكى سىرتتىن ئاز تولا ئۇنى بۇنى كۆرۈپ قويۇشنى ھېساپقا ئالمىغاندا مەن سىرتنىڭ تورى بىلەن رەسمىي يوسۇندا ئۇچرىشىشتىن ئاۋۋال ئىچكى تور (بىر ساھەدىكىلەر بىلەنلا چەكلىنىدىغان مەلۇم ئىچكى تور) بىلەن تونۇشقان، مۇنبەر، مۇنازىرە، مۇلاھىزە دىگەنلەرنى شۇ يەردە خېلى چۈشەنگەن. شۇ چاغلاردا كونا كەسىپدىشىم ئىزدىنىش ئەپەندىمنىڭ تەۋسىيەسى ۋە ئۆزىنىڭ ھازىرقى مۇشۇ نامىمنى تىزىملىتىپ بىرىشى بىلەن خۇددى يىتىم بالا ئۆيگە كىرىشتىن ئەيمىنگەندەك بوسۇغ تۈۋىدە خېلى تۇرغان. بىر يىلدىن ئارتۇق تېنەپ شۈمشىيىپ يۈرۈپ ئاخىرى كىرىۋالدىم، كىرىپلا تۇنجى بولۇپ پىنھاننىڭ ئېغىر تىلىغا ئۇچرىغانمەن. شۇ چاغدا كۆڭلۈم شۇنچىلىك يېرىم بولغان، قايسى گەپنى خاتا قىلىپ قويغاندىمەن، كىمنى رەنجىتىپ قويغاندىمەن دەپ خېلى مەزگىلگىچە كۆڭلۈم غەش يۈردۈم. جىممىدە ئىزدىنىشقىمۇ كىرمەي يىغلامسىراپ يۈرۈپ كەتتىم، يەنە شۇ ئىزدىنىش ئەپەندىمنىڭ توغرا چۈشەندۈرىشى، تەۋسىيەسى بىلەن ئىزدىنىش ئەزالىرى ئارىسىغا ئاستا- ئاستا شۇڭغۇپ ئۇلارنى چۈشەندىم. پىنھاننىڭ تۇنجى قېتىم كىرىپلا بىر شېئىر يازغىنىم ئۈچۈن تىل سالغىنىنىڭ سەۋەبىنى بارا- بارا ھېس قىلدىم، ئەلۋەتتە مەن شائىر ئەمەس ھەۋەسكارمۇ ئەمەس پەقەت بىر زوق ئالغۇچى. شۇ زوق بىلەن مەلۇم كۆرۈنۈشلەرنى شېئىرغا ئايلاندۇرۇپ يېزىپ شېئىر ئەمەس بىر قۇرلارنى تىزىپ سالغىنىمنى ھېس قىلدىم، شۇنىڭدىن بېرى شېئىر دىگەنگە يېقىن يولىماس بولۇپ ئۆزۈمنىڭ خاسلىقى بويىچە نەسىرگىلا كىرىشىپ قالدىم. دىمەك، پىنھاننىڭ ئاھانىتى مىنى ئۆزۈمنىڭ خاسلىقىمنى چىڭ تۇتۇپ شۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ھېس قىلدۇردى. پىنھاننىڭ بەزىدە ھەقىقەتەن ئېغىزى بېزەپ قاتتىق قول، ئەمما بۇمۇ ئۇنىڭ بىر خاسلىقى. شۇ خاسلىق بولمىسا ئۈستىدىكى ئەزالار دىگىنىدەك بىر قىسىم ھەر خىل نىيەتتىكى كىشىلەر مۇنبەرنى ئەخلەت مەيدانىغا ئايلاندۇرۇپ، ئۆزىنىڭ دىكتاتۇر يۈرگۈزىدىغان دۆلىتىگە ئايلاندۇرىۋالغان بولاتتى.

ئۈستىدە باشقۇرغۇچىلارنىڭمۇ كىچىك ئىسىملىرى بارغۇ دەپ دارتمىلاپتۇ، ئېتراپ قىلىمەن مىنىڭمۇ مۇشۇ نامىمدىن باشقا يەنە بىر كىچىك ئىسمىم بار. باشقۇرغۇچى ھوقۇقى بىرىلگەندىن كيىنلا يەنە بىر نامدا تىزىملىتىپ تېما ۋە ئىنكاسلارنى يېزىپ تۇرىۋاتىمەن. سەۋەبى تولىمۇ ئاددىي، «باشقۇرغۇچى»دىن ئىبارەت قالپاق چوڭ بولغىنى بىلەن سۆرەپ ماڭىدىغان مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەت سەۋەنلىكلەرمۇ يىتىپ ئاشقىچە بولىدىكەن. باشقۇرغۇچى نامىدا مۇنازىرىگە بىمالال قاتنىشىشتا چەككە ئۇچرايدىكەن، ئەركىن پاراڭ قىلىشقىلىمۇ بولمايكەن. يەنە شۇ باشقۇرغۇچى دىگەن قالپاق چوڭ كىلىپ، باشقۇرغۇچى تۇرۇپ مۇنداق دىدى ئۇنداق دىدى ... دەپ بىر مۇنچە تون پىچىلىپ ئۇرۇش- جېدەل قۇرىمايدىكەن. شۇڭا مەن كەڭ- كۇشادە، ئەركىن مۇنازىرە قىلىش ئۆزۈم ياقتۇرغان ئۇسلۇپتىكى يازمىلارنى سۇنۇشنى مەقسەت قىلىپلا كىچىك نامىمنى قولاندىم، چۈشەنچە مۇشۇنچىلىك تۈگەللەنسە بولار.

جەۋلان مىسال ئۈچۈن ئاشكارىلانغان ئەزالاردىن باشقا يەنە ئۆز نامى ئارقىسىغا سان قوشۇپ ۋە ياكى باشقا نەچچە نامدا تىزىملىتىپ ئويۇن چىقارغانلار خېلى كۆپ. نەچچىنى ئۇچراتتىم، ئىنكاسلىرىنى تازىلىغىدەكنى تازىلاپ ئارتۇق گەپ قىلماي ئۆزىنى بىلىپ قالار دىدىم. جېدەلگە تۇترۇق بولمىسۇن دەپ ئۆچۈرگەن بەزى ئەزالار يوللىغان ئىنكاسلار ئۈچۈن ئاللىكىملەرنىڭ ھامماچىسى بولۇپ قالدىم، شۇنىڭغىمۇ گەپ قىلمىدىم. بوپتۇ، ئىزدىنىشقا يېڭى بارا- بارا ئۆزلەشكەندىن كىيىن ھامماچىسىمۇ ياكى باشقا نىمىسىمۇ چۈشىنىپ قالار دىدىم. چۈنكى مەنمۇ ھەر ئىسسىق- سوغۇقلارنى باشتىن كەچۈرۈپ ئىزدىنىشتا چوڭ بولدۇم، ئارقىمغا قاراپ باقسام دەسلەپكى گۆدەكلىكتىن ئەسەر قالمىغاندەك ئويلايمەن خىجىللىق ھېس قىلىمەن. نۇرغۇن نەرسىلەر بىلدىم، نۇرغۇن ئادەملەرنى چۈشەندىم...

مەن ئىزدىنىشقا تىزىملىتىپ ئەزا بولغاندىن تارتىپ نۇرغۇن ئەزالار كىرىپ چىقىپ تۇردى، كۆزىتىشىمچە ئىزدىنىشنىڭ خاراكتىرىنى چۈشەنگەنلىرى ھازىرغىچە ئىزدىنىشلىق قاتارىغا قوشۇلۇپ ھەمدەم بولۇپ ئىزدىنىش باغرىغا چۆكۈپ كەتتى. چۈشەنمىگەنلىرى بويۇن تاۋلىق قىلىپ دىكتاتۇر يۈزگۈزىمەن، ھەممىسى ماڭا بويسۇنىشى كېرەك دەپ بۈشۈكتىكى بوۋاقنىڭمۇ چۈشىگە كىرمەيدىغان قۇرۇق خىيال بىلەن خېلى جېدەل چىقىرىپ باقتى، ئۆكتەملىك بېشەملىك قىلىپ باقتى. ئاقىۋەت نىمە بولدى؟ ئۆزى؟؟؟؟؟؟؟بولۇشۇپ يۈزىنى قويىدىغان يەر ئۈسىدىغان تام تاپالماي پېتراپ يۈرىشىدۇ. ئىزدىنىش ھىچ كىشىگە زەرەر يەتكۈزگىنى يوق، ھەر بىر ئەزالارنىڭ ھوقۇقىنى ئەڭ يۇقىرى چەكتە قوغدىسا قوغدىدىكى زىيان يەتكۈزۈپ باقمىدى. نەچچە ئورگاندىن مەلۇم ئەزالارنىڭ سالاھىيىتىنى سۈرۈشتۈرگەندىمۇ قىلچە ئۈندىمىدۇق، سەۋەنلىك خاتالىق بولسا ئاۋۋال بىزدىن ئىزدەشنى سورىدۇق، قائىدە سۆزلەشتۇق، قانۇن ئىزاھلاشتۇق. زىيانغا ئاھانەتكە تەھدىتكە ئۇچرىدى دىگەندىمۇ ئىزدىنىش ۋە ئىزدىنىش باشقۇرغۇچىلىرى ئۇچراپ كېلىۋاتىدۇ. ھەتتا تېلىفۇن ئۇرۇپ مەن پالانى يەردىن پۇكۇنى يەردىن مەن ئۇ مەن بۇ ئۇنداق قىلىمەن بۇنداق قىلىمەن دەپ تەھدىد سالغانلارنىمۇ كۆردۈم، پاراڭ جەريانىدا نەچچە قېتىم گىپى تۇتۇلۇپ ئۆزىگە پايدىسىز پاراڭلارنى بىلىپ بىلمەي قىلىپ سالغىنىنىمۇ ئاڭلاپ تۇردۇم، ناۋادا شۇلارغا زىيانكەشلىك قىلىش دۈشمەنلىك قىلىش ئوي بولغىنىدا ئۆزى دىگەن گەپلەر ئېلىنغان لىنتىنى يەتكۈزىدىغان يەرگە يەتكۈزۈپ چاۋىسىنى چىتقا يايغان بولاتتۇق. ئۇنداق قىلمىدۇق، نىمىشقا؟ چۈنكى ئىزدىنىش ۋە ئىزدىنىش باشقۇرغۇچىلىرى باشقىلار قىلغان پەسكەشلىكنى پەسكەشلىك بىلەن ھەل قىلىش نومۇسسىزلىق بىلەن جاۋاپ قايتۇرۇشنى پەسەندىلەرنىڭ قىلىدىغان ئىشى دەپ قارايدۇ، ئېغىر سۈكۈت بىلەن ئىزدىنىشنى ئۆزىگە دۈشمەن دەپ بىلگەن قارىۋالغان كىشىلەرگە ئۈن- تىنسىز ھالدا نۇرغۇن پۇرسەتلەرنى بىرىپ دوستلۇق قولىنى سۇنۇشقا ئۈندەپ كىلىۋاتىدۇ. شۇنداقلارغا شۇنى دەپ قويغۇم كىلىدۇ، سىلەر بىلگەننى خەق بىلمەسمۇ؟ سىلەر قىلغاننى باشقىلار قىلالماسمۇ؟ ئۆزۈڭلارنى ئالىم باشقىلارنى ھىچنىمىنى بىلمەيدىغان ساۋاتسىز قارا دىخان ۋە ياكى ئايىغى تىلى ئەمدى چىققان كىچىك بالا چاغلامسىلەر؟ ئىزدىنىش باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ ئۇنۋېرسال ساپاسى خېلىلا يۇقىرى چەكتە، نىمىنى قىلىش، نىمىنى دىيىشنى بىلىدۇ. يەنە شۇنى دىگىم بار (گەپ ئىگىسىنى تېپىپ، يېپىق قازان يېپىق پېتى قالسۇن) ئىزدىنىش تورىدا جېدەل- پىتنە تارقىتىپ ۋە ياكى تېلىفۇن ئارقىلىق تەھدىت سېلىپ قۇرۇق تېرە تاراقشىتىمەن دىيىش تولىمۇ ئەخمىقانىلىق خالاس!

بۇ باھانىدە ئىتتىكلىك قىلىپ دىلىنى رەنجىتىپ قويغان ھەر قانداق ئەزىزلەردىن ئەپۇ سورىۋالاي. ئىزدىنىش ھەممەيلەننىڭ ئىللىق ئائىلىسى، ئوچۇق- ئاشكارا، قىزغىن بولۇشۇپ دوستانە ئۆتۈشسەك جېدەل ماجرا، كۆڭۈل ئازارى، ياتلىشىشمۇ بولماس ئىدى.



ئىزدىنىش قاتتىق قول بولغىنى بىلەن نۇرغۇن ئىسىل مىجەزلىك كىشىلەر يىتىشىپ چىقتى، ئىزدىنىشنى دۈشمەن كۆرگەنلەرگە ھەيران قالماي دىسەممۇ ھەيران قېلىنىپ كىتىۋاتىدۇ. \"\"

jewlan يوللانغان ۋاقتى 2013-10-22 11:11:05

تۇمارىسنىڭ ئەستايىدىل ئىنكاسىغا قايىل بولماي تۇرالمىدىم !!! \"\"



ئەستا ، چاۋاك چېلىنىپ كېتىۋاتىدۇ \"\"  {:92:}  

elikaram يوللانغان ۋاقتى 2013-10-22 11:14:11

ئىزدىنىشنىڭ تۈرمىسىدىن،قاپىقى يامان گۇندىپايلىرىدىن زىرىكتىم...ھاھااھاھ...

ھەر ئايدا بىر نەچچە قېتىم تە قىلىۋالىدىكەنمەن شۇ!لىكىن ئىنكاسلىرى سەر خىلدە بۇ سولتەكلەرنىڭ!

elikaram يوللانغان ۋاقتى 2013-10-22 11:18:04

مۇنبەرلەرنىڭ بىرلا ئورتاق ئاجىزلىقى باركەن،يەنى ساپاسىز،مەدەنىيەتسىز ئادەملەرمۇ پىكىر بايان قىلغاچقا كۆپىنچىمىز قولىمىزنى پوققا تىقىپ سالىدىكەنمىز.

شىرىن ھەسەللەرگە تۇيۇقسىزلا بىر دۆۋە پوق قۇيۇلۇپ تەم،لەززەت دىگەن نەرسىلەر يوقاپلا كىتىدىكەن.

elikaram يوللانغان ۋاقتى 2013-10-22 11:20:22

نادان مىنىڭ دۈشمىنىم دەيدۇ ئېلى قارام،شۇنىڭدەك ئىزدىنىشنىڭ ھەقىقى دۈشمىنىمۇ نادانلاردۇر.‹‹نادان بىلەن تەڭ بولما،ئەپۇنى دوست تۇت››دىگەن ئايەتنى كۆپرەك ئەسلىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن.
بەت: 1 2 3 4 5 [6] 7 8 9
: ئىزدىنىش مۇنبىرى كىمنىڭ دۈشمىنى ؟