adip يوللانغان ۋاقتى 2013-10-21 10:23:48

دىققەت :ماۋۇ تېمىنىڭ مەقسىدى شەخسى ئۇرۇش تالاش قىلىش ياكى بىرسىنى ئاقلاش بىرسىنى سازايى قىلىش ئەمەس... بۇ تېمىنى كۆرگەن ھەر بىر ئادەم ئۆزىگە چۇشلۇق يەرلىرىنى قۇبۇل قىلىۋالسىلا بولدى.

yusran يوللانغان ۋاقتى 2013-10-21 10:30:53

شەھلانىڭ يازمىلىرىغا چۈشكەن ئىنكاسلارنى مەنمۇ كۆرگەن راست



توۋا، يازمىلاردىكى مەزمۇنلارنى نېمە ئۈچۈن بەزى ئوقۇرمەنلەر يازغۇچىلار بىلەن باغلىۋالىدىغاندۇ



يازغۇچىلار قەلىمى ئاستىدىكى شۇ ئادەملەر ئۆزى چىقىپ يازالىغان بولسا ئۇنداق يازمايدۇ ئۆزىنى



يازمىسا يازمىدى دېسە، يازسا ئۇنداق بۇنداق دېسە،

ئوچۇق يازسا بۇزۇق دېسە

يېپىپ يازسا يېڭىلىق يوق دېسە

ئىلمىي تېما تۇتسا ئىنكار قىلسا

مۇھاكىمە قىلسا بۇرمىلىسا

يەنە بىر نېمە يازسا دورىدى دېسە

كونىلىق دېسە يېڭىلىق يوق دېسە



ئەڭ ئەقەللىسى خەۋەرمۇ يازغىلى بولمايدۇ بەزى ئادەملەرنىڭ دەستىدىن

شۇنداق ئادەملەرگە ئەقلىم ھەيران ماراپ تۇرامدىكىن دەيمەن كىم شۇنداقراق بىر نەرسە چىقىراركىن دەپ

ئۇيغۇرلار ئۇنچىلىكمۇ بىكارچى ئەمەس بولمىسا ئىشقىلىپ ئەقلىم لال

destiny يوللانغان ۋاقتى 2013-10-21 10:48:13

يازغۇچىلار بىلەن باغلانغانلىقى شۇ ماقالە ۋە ئاپتورنىڭ ئۇتۇقى دەپ قارىساڭلار بولمىدىمۇ !

qunchuy يوللانغان ۋاقتى 2013-10-21 11:03:08

مەن بۇ مۇنبەرگە ئەزا بولغىلى ئانچە ئۇزۇن بولمىسىمۇ، ئەمما بۇ مۇنبەرگە دىققەت قىلىۋاتقىلى خېلى ئۇزۇن بولدى. بىر قىسىم كونا ئەزالار يوقاپ، يېڭى ئەزالار پەيدا بولدى. جەۋلان ئەپەندى مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ياخشى گەپلەرنى قىپتۇ. ئەلۋەتتە تورغا ھەر خىل مەدەنىيەت سەۋيىسىدىكى، ھەر خىل كەسىپتىكى، ھەر خىل مىجەزدىكى ئادەملەر كىرىىدۇ، ئۇلارنىڭ ئوخشاش بىر مەسلىگە ئوخشىمىغان پىكىىردە بولىشى، ھەر خىل مۇنازىرىنىڭ بولىشى تەبىئى ئەھۋال. ھەر كىم ئۆز پىكىرىنى قويۇشقا ھوقۇقلۇق، ئەمما مېنىڭچە، ئۆز پىكىرىنى باشقىلارغا جاھىللارچە تېڭىش، باشقىلارنى ھاقارەتلەش ئادىمىيلىك ئەخلاققا زىت. تورداشلىرىڭىز سىزنىڭ ئائىلىدىكىلىرىڭىز ياكى ئۇرۇق-تۇققانلىرىڭىز ئەمەس، ئۇلارنى تىللىسىڭىز، ماۋۇ بالا ياخشى بالىتى، بۈگۈن ئاچچىقى كىلىپ قالغان ئوخشايدۇ دەپ سىزنى ئاسانلا كەچۈرۋەتمەيدۇ، ئالدىراقسانلىق، قىزىققانلىق بىلەن دىگەن سۆزلىرىڭىز سىزنى تورداشلار ئارىسىدىكى ئىناۋىتىڭىزنى چۈشۇرۋىتىدۇ، خالاس.

doctor يوللانغان ۋاقتى 2013-10-21 11:07:41

ئىزدىنىشنى دەسلەپ ئۇچراتقاندا بەكلا خوش بوپكەتكەن ئىدىم ئەتتىگەن ئۇيقۇمنى ئېچىپلا تېلفۇندىلا بىر قۇر ئارلىۋېتىپ ئاندىن باشقا ئىشقا تۇتۇش قىلاتتىم ئاردا بوش ۋاقىت تاپساملا پات پات قاراپ چىقاتتىم ،

ئىزدىنىشتىكى بالىلارنىڭ سەۋيەسىنىڭ يۇقىرلىقىغا قاراپ سۈيۈنۈپ كىتەتتىم ئۇلاربىلەن غايىبانە ( كۆڭلۈمدە) دوسلۇشۇپ بىرقىسملارنى دۈشمەن تۇتۇپ يۈردۈم . ئاساسى جەھەتتىن ئىزدىنىشتىكى بالىلارنىڭ خاراكتىرى مىجەزى بىلەن بىرقۇر تۇنۇشقانمۇ بولدۇم كۆپۈنچە مەنمۇ ئويلىغانلىرىمنى باشقىلاربىلەن ئورتاقلاشقۇم كىلەتتىيۇ بىلىم سەۋيەمنىڭ تۆۋەنلىكىنى ئىزدىنىشتىن ھېسقىلغان ئىدىم . بۇنىڭغا چېچىلاڭغۇ مىجەزىم قېتىلسا شەھلا خانىمدەك بۇغۇلۇپلا قالاتتىم ، شۇڭاتىما ئىنكاس يېزىشقا ئالدىرماي بىلىملىك بالىلارنىڭ تىما ئىنكاسلىرىنى ئىز قوغلاپ ئۇقۇپ ئۈزۈمنىڭ دونيا قارشىم پىكىر تەپەككۇردىكى ئاجىزلىقلىرىمنى تۇلۇقلايتىم ، غەيرى ئەقلى ئىنكاسلارنى مەخسۇس خاتىرە تۇتۇپ كۆچۈرۈپ ماڭاتتىم . مانا ھازىر بەش ئالتە ئاي ئىچىدە ئۈزۈمنىڭ باشقىچىلا ئادەم بوپ قېلۋاتقېنىمنى ئۈزۈمدىكى ئۆزگىرىشلەرنى ئۈزۈم ھىسقىلالايدىغان بوپتىمەن ،

uchkur1 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-21 11:32:10

مەن 10 كۈن باشقۇرغۇچى بوپ باقمايمەنمۇ؟! لىكىن ۋاقتىم يوق جۇمۇ.(ئەمسە باشقا ئادەملەرنىڭ ۋاقتى ۋاقىت ئەمەسمىكەن )دىدى باشقىلار .

راست توغرىكەن دىدىم مەن.

doctor يوللانغان ۋاقتى 2013-10-21 11:52:43

ئىزدىنىشنىڭغۇ تۈرمە تۈزۈمى بەك ياخشى باشقۇرغۇچىلارمۇ كۆپ ھەم ئىقتىدارلىق بالىلار ھەممىسى ، بىراق ھۇقۇقنى نازارەت قىلىدىغان ئۇرۇن يوقدە .

بولسا ئادەم سولاشتا ئۈچ باشقۇرغۇچى ئەيىپلەپ ئۈچەيلەن مەسلەھەت بىلەن سولىسا بىرى قامىسا بىرى قۇيۇپ بىردىغان سولاپ قويسا قېچىپ چىقىدىغان ئىشلار تۈگۈتۈلسە .

mux يوللانغان ۋاقتى 2013-10-21 12:03:11

ئىسىڭىزدە بولسۇن: بىزنىڭ تىلىمىز بىر، دىنىمىز بىر،بىز بىر ئانىدىن تۇغۇلمىغان بولساقمۇ قىرىنداش!!! \"\" \"\" \"\"

kokkaptar يوللانغان ۋاقتى 2013-10-21 12:13:52

ئاندا بىرەر يۈر ئادەم بىرلا IP غا باغلانغان ئىش بولسا، ئاشۇ IP نى تاقاپلىۋىتىلى، ئىزدىنىشقا چىقالايدىغان، لىكىن ئۇنى بۇنى يازالمايدىغان قىلىپلا قويساق. \"\"

xadiman0998 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-21 12:14:37

مەن 2001-يىلدىن بۇيان شادىمان دىگەن ئىسىمنى قوللىنىپ كېلىۋاتىمەن ،


xadiman.com,xadiman.cn   xadiman.netقاتارلىق تور بىكەتلەر مېنىڭ قۇلۇمدا ، ئىسىم توغرىسىدا گەپ بولۇپتۇ ، مۇشۇ پۇرسەتتە ماڭا xadimanدىگەن ئىسىمنى ئېلىپ بەرسەڭلەر ، ئىسمىمنى تولا باشقىلار ئىشلىتىۋېلىپ بارىدۇ ، شادىمان دىگەن نامدا نىمە گەپلەرنى قىلىۋاتىدۇ ئۇنى بىلمەيمەن ،مەن بىر كومپىيوتېر ھەۋەسكارى ،باشقىلاردەك كۆپ بىلمىسەممۇ مېنىڭمۇ ئۆزەمگە چۈشلۇق بىلىدىغانلىرىم بار ، شۇڭا مۇشۇ ئىسىمنى ماڭا ئېلىپ بەرسەڭلەر دەپ ئىلتىماس قىلىمەن ، ھازىر xadiman0998 دەپ ئىشلىتىۋاتىمەن ، خۇددى چارلىز1،چارلىز2دىگەندەك .............

olive يوللانغان ۋاقتى 2013-10-21 12:34:45

پېقىر بۇ يەرگە كىلىپ ئويناپ كەتتى{:92:}

ansariy يوللانغان ۋاقتى 2013-10-21 13:06:16

ئىزدىنىشقا ئەزا بولغىلى ئۈچ يىلدىن ئېشىپتۇ، ئومۇمى ئىنكاسلىرىم 600گە بارمايدىكەن. بۇ ئۈچ يىلدا بىركىم بىلەن سەتلىشىپمۇ باقماپتىمەن. بىر نەچچە بالىلار بىلەن تونۇشۇپ يېقىن بۇرادەرلەردىن بۇپ قالدۇق. ئۆيدە تور با ۋاقتىدا ئىنىمنىڭمۇ تېزىملاتقۇسى كەپ قېلىپ مەن تېزىملىتىپ بەرگەن ئىدىم. ئىنىمغۇ ئەزا بولغىنى بىلەن مۇنبەرگە چىقىپ تېما، ئىنكاس يازغۇدەك پۇرسىتىمۇ يوقتى، شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭ ئىمزاسىنىڭ ئاستىغا « مەن مۇنبەردىكى ئەنسارىنىڭ ئىنىسى، ئىككىمىز بىر ئايپىدا تورغا چىقىمىز» دەپ ئەسكەرتىپ قويغان ئىدىم. ئۈچ يىل ئىچىدە تۈرە ھاياتىممۇ بولماپتۇ. مۇنبەردە بىركىم بىلەن سەتلىشىپمۇ باقمىدىم. لېكىن، ئىزدىنىش كىيۇ كىيۇ توپىدا دىققەتسىزلىكىم تۈپەيلى دەپ سالغان ئىككى ئېغىز گىپىمنىڭ پىنھان بۇرادەرنى خېلى ئېغىر ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغىنىمغا بەكلا كۆڭلۈم يېرىم. نەچچە قېتىم كەچۈرۈم سوراي، سوراي دەپ يەنە ئېغىز ئاچقىلى خىجىل بۇلۇپ ھازىرغىچە كەپ قالدىم. نېمە دېسەم بۇلا، ئالدىڭىزدا بەكلا خىجىلمەن دەيدىغاننى دەپ بۇلۇپ ئۆز ئىشىم بىلەن يۈرگىنىم بىلەن بار خاپىلىقنى سىز تارتىپسىز ئەمدى بولسىمۇ كەچۈرۈم سورىۋالاي كەچۈرۈڭلا بۇرادەر ئالدىڭلاردا بەكلا خىجىلمەن...

jewlan يوللانغان ۋاقتى 2013-10-21 13:33:49

91- قەۋەتتىكى ansariyنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئىزدىنىشقا ئەزا بولغىلى ئۈچ يىلدىن ئېشىپتۇ، ئومۇمى ئىنكاسلىرىم 600گە بارمايدىكەن. بۇ ئۈچ يىلدا بىركىم بىلەن سەتلىشىپمۇ باقماپتىمەن. بىر نەچچە بالىلار بىلەن تونۇشۇپ يېقىن بۇرادەرلەردىن بۇپ قالدۇق. ئۆيدە تور با ۋاقتىدا ئىنىمنىڭمۇ تېزىملاتقۇسى كەپ قېلىپ مەن تېزىملىتىپ بەرگەن ئىدىم. ئىنىمغۇ ئەزا بولغىنى بىلەن مۇنبەرگە چىقىپ تېما، ئىنكاس يازغۇدەك پۇرسىتىمۇ يوقتى، شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭ ئىمزاسىنىڭ ئاستىغا « مەن مۇنبەردىكى ئەنسارىنىڭ ئىنىسى، ئىككىمىز بىر ئايپىدا تورغا چىقىمىز» دەپ ئەسكەرتىپ قويغان ئىدىم. ئۈچ يىل ئىچىدە تۈرە ھاياتىممۇ بولماپتۇ. مۇنبەردە بىركىم بىلەن سەتلىشىپمۇ باقمىدىم. لېكىن، ئىزدىنىش كىيۇ كىيۇ توپىدا دىققەتسىزلىكىم تۈپەيلى دەپ سالغان ئىككى ئېغىز گىپىمنىڭ پىنھان بۇرادەرنى خېلى ئېغىر ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغىنىمغا بەكلا كۆڭلۈم يېرىم. نەچچە قېتىم كەچۈرۈم سوراي، سوراي دەپ يەنە ئېغىز ئاچقىلى خىجىل بۇلۇپ ھازىرغىچە كەپ قالدىم. نېمە دېسەم بۇلا، ئالدىڭىزدا بەكلا خىجىلمەن دەيدىغاننى دەپ بۇلۇپ ئۆز ئىشىم بىلەن يۈرگىنىم بىلەن بار خاپىلىقنى سىز تارتىپسىز ئەمدى بولسىمۇ كەچۈرۈم سورىۋالاي كەچۈرۈڭلا بۇرادەر ئالدىڭلاردا بەكلا خىجىلمەن...



نۇرغۇن ئۇششاق گەپ قىلىپ يۈرۈپ بەزىلەردىن كۈتىدىغىنىمىز دەل يۇقارقىدەك كىچىككىنە روھ... يەنى ئۆزىنىلا ئەمەس ، باشقىلارنىمۇ ئويلىيالىغىچىلىك كىچىككىنە بىر روھ


بۇنى قارا تىلدا دىت دەيمىز ...

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2013-10-21 13:37:09

ئەنسارىي بىلەن پىنھان بۇرادەرگە چاي قۇيساق بولاتتى{:92:}

koygandengiz يوللانغان ۋاقتى 2013-10-21 13:39:01

پۈچەك تېمىلارنىڭ ، پاخپاق ئىنكاسلارنڭ مۇنبەرنى قالايمىقان قىلشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۇيغۇر تور بەتلىرى خاسلىشىشقا قاراپ يۈزلەنسە بولغۇدەك . كىم نىمىگە قىزىقسا شۇ تور بەتنىلا ئېچىپ كۆرىدىغان ھالەت شەكىنلەنسە . مەسىلەن ، « قارا ھىجران » تورىدەك . ( ئۇيغۇر ۋاكسىنا تور بېتى )

شۇنىڭدەك « ئىزدىنىش » مۇ بۇرۇنقى تۈزۈملىرىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ ، تېما تەستىقلاش جەھەتتە مەلۇم بىر يۆزلىنىشكە قاراپ ئىلگىرلىسە ئۈنىمى بولۇپ قېلىشى مۈمكىن .

kantir يوللانغان ۋاقتى 2013-10-21 14:04:45

71- قەۋەتتىكى jewlanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئەۋەتكۈچى:kantir

ۋاقتى:2013-10-21 10:01:05

ماۋزۇسى:سالام

بىرنەچچە ئادەمگە رەددىيە بېرىش، ئىپادىسىگە يارىشا ئىنكاس يېزىش، ئوتتۇرىغا چۈشۈپ ئىككى ئېغىز گەپ قىلىش بىلەن بەزى كىشىلەرنى رەنجىتىپ قويۇش دائىم بولۇپ تۇرۇۋاتىدۇ ھەم بولۇنغان.

شۇڭا كۆپچىلىكتىن كەچۈرۈم سورىغۇدەك ئىش بولۇنمىدى.

ئىنكاسلار تازىلىنىپتۇ، سىزنىڭمۇ بۇ تېمىنى كۆپ ئويلىنىپ يازغىنىڭىز ماڭا ئايان.

بۇ يەردە يۈزدىن ئارتۇق كومپيۇتېر بىر IP غا باغلانغان، ... ئايرىم ئۇچۇر قىلىشىمدىكى سەۋەپمۇ شۇ.

سىزمۇ مەقسەتكە يېتىپ بولدىڭىز.

--------------------------------------------------



1. كۆپچىلىكتىن نىمىشقا كەچۈرۈم سورايسىز ، ئاۋال مۇشۇنى ئاڭقىرىڭ



2. 100 دىن ئارتۇق كومپيوتېر بىر IP غا باغلانغان بولسا ، ئاۋۇ ئىسىملار مەن ئەمەس دىيەلەمسىز؟ ئىسپاتلىيالامسىز؟



--------------------------------------------------

1- كۆپچىلىكتىن كەچۈرۈم سورىسۇن دەپ ئۆزىڭىز دېدىدىڭىز ياكى تەلىۋىڭىز شۇنىڭغا بارىدۇ.

2- يەنە بىرمۇنچە ئادەمنى ماڭا چاتسىمۇ چېتىۋېرىدۇ. ئىسپاتلىيالمايمەن.

3- ھەي بۇرادەر، مېنى تارتىپ چىقىرىپ تورداشلارغا بىرمۇنچە ئىشنى بىلدۈرۈپ ئىش ئۈگۈتۈپ قويدىڭىڭىز مانا.

ئىزدىنىشقا ئۆچلۈك قىلىش، ئۇلىنى كولاش نىيىتىم بولسا بەزى نامەرتلەردىن پەرقىم بولامدۇ؟

شەھلانىڭ ئاغزىنىڭ بەزەپلىكىنى سىز بىلمەيدىغان يەردە ئەمەس. ئۇ باشقىلارغا تىل سالمىغان بولسا مەن ئارىغا چۈشمەيتتىم....

يەنە دېيىشكۈدەك گەپ قالمىدى.

خەير، باشقىسى سىلەرگە قالدى.



--------------------------------------------------

كۆپچىلىكتىن نىمىشقا كەچۈرۈم سورايدىغىنىڭىزنى ھازىرغىچە ھىس قىلالماپسىز .....چۈشەنمىگەن بولسىڭىز مەن دەپ بېرەي

سىزنى مۇنبەرنىڭ ھۇلىنى كولايدۇ دىمىدىم ، پەقەت سىزدەكلەر كۆپەيسە مۇنبەرنىڭ ھۇلى كولىنىدۇ ، سىزنىڭچە قىلغانلىرىڭىز توغرىما ئەمىسە؟

شەھلانىڭ ئاغزى بېزەپ بولسا ئۆزىنىڭ ئىشى، ئۇنىڭ بېزەپ ئىنكاسلىرىغا ئورۇن بېرىپتۇقمۇ يا؟ ئۇ قانداق ئۇسۇلدا سىزنى تىللىغان بولسا سىزمۇ ئۇنىڭدىن ئۆتە بېزەپ بولۇپ ئەدىۋىنى بېرىڭ ، ئەلۋەتتە مۇنبەردە ئىنكاس يازماي باشقا ئۇسۇلدا نىمە قىلسىڭىز بىزنىڭ چاتىقىمىز يوق ...

لېكىن بىر سالاھىيەتتە ، ئوخشىمىغان ئىسمدا كىرىپ ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇشقىنىڭىزنىڭ ئۆزى كۆپچىلىك ئالدىدا خىجىل بولۇپ كەچۈرۈم سورىشىڭىزغا يېتىپ ئېشىپ قالىدۇ !

ئەمدى سىزگە كۆپ ۋاقتىم يوق ، مەنمۇ ئىشلەۋاتىمەن ، گەپ شۇنداق ، كەچۈرۈم سورىسىڭىز ، بۇ گەپ مۇشۇ يەردە قالىدۇ ، سورىمىسىڭىز ئۆزىمىزمۇ خالىمىغان ھالدا ئاشۇ IP رىڭىزدىكى بارلىق ئىسىمنى ئۆچۈرۋېتىمىز .



ئايرىم دېيىشكەن گەپتى بۇ ھە؟


ئىختىيار

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2013-10-21 14:30:50

ئوخشىمىغان ئىسىملاردا كىرىپ بىر تېمىدا يۈزى چىمىلدىماي تۇرۇپ ئىنكاس يازالايدىغانلارغا ئەقلىم ھەيران، پەمىم سىڭايان.

Pinhan يوللانغان ۋاقتى 2013-10-21 14:52:22

ئەنسارى ، بۇ گەپلەرنى دىيىشىپ يۈرمەيلى . كەچۈرۈم سورىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق . ئۇ ئىشلارمۇ ئاخىرى ئۆتۈپ كەتتى . شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە دەرۋەقە رەنجىگەن بولساممۇ ، كىيىن ئويلاپ رەنجىگەن بىلەن بۇ ئىشنىڭ ھەل بولمايدىغانلىقىنى ، سەۋىر قىلىپ كەڭ قورساقلىق بىلەن ئۆتكۈزۋېتىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇل ئىكەنلىكىنى ئويلاپ كۆڭلۈمدىن چىقىرۋەتكەنمەن . بۇ قېتىم سىزگە قارىتا دەۋىلىش خىيالىممۇ يوقتى ، مۇشۇ تېمىنىڭ سەۋەبى بىلەن چىقىپ كېتىپ قالدى . شۇڭا سىزنىڭ ئىسمىڭىزنىمۇ تىلغا ئالمىغان ئىدىم . ئۇ ئىشلارنى ئويلاپ بىئارام بولماڭ .





تاۋلان ، كانتىر ، سەلمان ، ئالۋاستى (يەنە بىر ئىسمىڭنى دەپ يۈرمەي بولدى ) دىگەن ئىسىملاردا كىرىۋاتقان يۈزى قېلىن تاسما گۇي ، ئىزامۇ تارتمايدىكەنسەن . ئەمدى كىلىپ شەھلانىڭ ئاغزى بەزەپ دەۋاتامسەن ؟ ئاشۇنداق بەزەپ ئىنكاس بولسا كۆرسىتىشە كۆرۈپ باقايلى . ھەر قايسىڭنىڭ شەھلاغا ئەڭ ئەپسانىۋى گەپلەرنى قىلىپ ئۇچۇر يوللاشقىنىڭنى ئۇنتۇپ قالما . شەھلانىڭ يازغان ھىكايىسى يارىمىسا يارىمىغان جايىدا قالسا بولمامدۇ ، بىر ئايال بولۇپ قالغىنى ئۈچۈن چارىسىز كۆرۈپ نىمە دەپ سەت گەپلەرنى دىيىشمىدىڭ ؟ ئەگەر شەھلا مۇشۇ گۇيلاردىن مۇشۇ ھىسابنى تۈزۈك بىر ئالاي دەپ يەڭنى تۈرۈپ چىققان بولسا قانداق قىلىشار بولغىيدىڭ ؟ ئەلە مەلە ئالدىدا يۈزۈڭگە قانچىلىك ياخشى بولار ئىدى ؟ خوش بولۇشقىن ، خوتون كىشى بولسىمۇ يەنىلا ھەر قايسىڭنى ئاياپ خەيىر دەپلا قالغان يەر بار .



ھەر قايسىڭنىڭ نىمە ئۈچۈن ئىزدىنىشقا ئۆچمەنلىك قىلىدىغىنىڭنى مۇنبەردىكى جاللاتقا ۋە گۇڭگا شىئېرلارغا باغلاپ چۈشەندۈرۈپ ، نىمە سەۋەپتىن ، قاچاندىن بېرى ئىچىڭدە غۇم ساقلاپ يۈرۈۋاتقىنىڭنى ۋە كىملىكىڭنى ئاشكارە قىلىۋىتەيمۇ يا نومۇسسىز گۇي ؟ مۇشۇمۇ بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ قىلدىىغان ئىشىما ؟ يەنە كېلىپ پىنسىيە يېشىغا يەتكەن بىر داپيۈز ئوقۇتقۇچىنىڭ قىلىدىغان ئىشىما ؟ يۈز ئاياش دىگەن مۇشۇنچىلىك بولار . نەچچە ۋاقىتتىن بېرى ئىززەت ھۆرمىتىڭ ئۈچۈن سەۋىر قىلدۇق . ئەمدى بەس ..... يىتەر . بىزنى بىلمەيدۇ دىگەنمىتىڭ ؟ پەقەت ئاشكارلىمىغان ، تىنمىغان يىرىمىزلار بار ، ناچارلىق قىلىشساڭمۇ ئاياپ قالغانلا يىرىمىز بار . خۇمپەر گۇي ..... ئاشۇ قىلىقىڭ بىلەن باللىرىڭ ۋە ئوقۇغۇچىلىرىڭغا قانداقمۇ بىر دادا ، ئوقۇتقۇچى بولىسەن ھەي ؟!

jewlan يوللانغان ۋاقتى 2013-10-21 14:53:01

شەخسىيەتكە چېتىلدىغان ، باشقىلار كۆرسە بولمايدىغان گەپ سۆزلەر ئەمەسقۇ بۇ؟

بىز سىزنى ئۈن تىنسىز چەكلىۋەتسەكمۇ بولىۋېرىدۇ ، مەقسەت باشقىلارغا ئىبرەت قىلىش ، سىز بىلەن كىرىشىپ قالغىنىمنىڭ سەۋەبى ، سىز ئۇيۇندا چىدىماسلىق قىلدىڭىز ، چىدىماسلىق قىلغان كىشى جازالانمىسا ئۇيۇننىڭ قىززىقى بولمايدۇ ، سىزنىڭ رېئاللىقتىكى ھالىتىڭىز بەلكىم مەۋھۇم دۇنيادىكى ھالىتىڭىزدىن كۆپ ياراملىق بولۇشى مۇمكىن ، ھەم شۇنىڭغا تىلەكداشمەن ...

نىمىشقا بۇ ئىش بىلەن كىرىشىپ قالىسەن دەپ ماڭا شۇنداق ئۆچ بولۇپ كەتكەنسىز ، سەۋەبى سىزنىڭ سەمىمىيتىڭىزنى بىلىپ باقماقچى ئىدىم ، ئەگەر ئوغۇلبالىدەك قىلغان ئىشىڭىزغا ئىگە بولغان بولسىڭىز ، بەلكىم تورداشلارنىڭ كۆڭلىدىكى چېگىشلەر يېشىلىپ ئوتتۇرىمىزدىكى ئۇقۇشماسلىقلار ئېچىلار ئىدى ، ئەپسۇس ...

بەلكىم يېشىڭىزنى سەل توغرا مۆلچەرلىيەلمىگەندىمىز ، ئىشقىلىپ بۇ ئىشلار ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغىمۇ ياراشمايدىغان؟؟؟؟؟ئىشلار ، خۇددى رېئاللىقتىكى سۇخەنچى ، غەيۋەتچىلەردەك...

ئاخىرقى سۆزۇم ، ھەممىمىز يەنىلا قېرىنداش ، سىزدىن كۈتىدىغىنىمىز پەقەتلا سەمىمىيەت ، بىز ھەرگىز سىزنى ئارىمىزدىن قوغلىماقچى ئەمەس ، ھەم ئۇنداق ھوقۇق ھېچكىمدە يوق ، پەقەت سىزنى خاتالىقىنى ئېتىراپ قىلسۇن دىدۇق ، ئاخىرقى

ئىختىيار

دىگەن سۆزىڭىزگە ئاساسەن ، ئاۋۇ ئۈچ ئىسىمىڭىزنىڭ ئارخىبى ئۆچۈرۈلىدۇ ، يەنە بۇرۇنقى باشقا ئىسىملىرىڭىز بايقالسا ئوخشاشلا ئۆچۈرۈلىدۇ ، لېكىن ھازىردىن باشلاپ تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئىختىيارىڭىز ، ياخشى بولسىڭىز ئېشىڭىزنى يەيسىز ، يامان بولسىڭىز بېشىڭىزنى ، ئوخشاشلا گەپ، ئوخشىمايدىغان يېرى بۇندىن كېيىن يەنە شۇنداق نەچچە ئىسىمدا مەلۇم تېمىدا چاتاق چىقارسىڭىز ھازىرقىدەك ئاگاھلاندۇرۇش قىلىنمايدۇ ، IP رىڭىزنى چەكلەشنى شەخسەن مەن قوللىمىدىم ، مەيلى نەچچە ئادەم كىرىڭ ، مەيلى يالغۇز كىرىڭ ، ھەل قىلىشنىڭ چارىسى چەكلەش ئەمەس بەلكى قايىل قىلىش بولۇشى كېرەك ، ئىشقىلىپ دىققەت قىلىڭ بۇرادەر ، ھەممە يەردە ئۇيۇننىڭ قائىدىسى بار...

دىلىغا ئازار بەرگەن ئادىمىڭىزغىغۇ بوينىڭىزنى قاتتىق قىلىڭ ، نەچچە ۋاقىتتىن بېرى تېما تېمىلاردا نەچچە ئىسىم بىلەن پاتپاراق قىلغان تورداشلىرىڭىزغا بولسىمۇ كىچىككىنە ئۆزرە ئېيتالمىغانىكەنسىز ، بولدى ، باشقا بىر ئىسىمدا ، بىز تونۇمايدىغان ھالەتتىلا كىرىڭ ، گەپ تامام.

kantir يوللانغان ۋاقتى 2013-10-21 14:57:49

ھېچكىمنى پاتپاراق قىلمىدىم، پوزىتسىيەگە بېقىپ بولۇنغان پوزىتسىيە بولۇندى.

نۇرغۇن ئىنكاسلار تازىلىنىپ كەتكەندە پاكىت سورىماڭ.

ئىخىتىيار
بەت: 1 2 3 4 [5] 6 7 8 9
: ئىزدىنىش مۇنبىرى كىمنىڭ دۈشمىنى ؟