پىنھاننىڭ كەسكىنلىكىنى،
مەتۇنىڭ بولۇسكامنىڭ قىسقا لەتىپلىردەك يۇمۇرلۇق گەپلىرىنى
ئىزدىنىشتا داۋاملىق كۆرۈپ تۇرسام دەيمەن.
ھەر ئۈچى مەن ھۆرمەت قىلدىغان ياخشى باللا،
كېچىكىپ قالغان بولساممۇ ئايەمىلىك سالام، ئايىمىڭلار مارەك بولسۇن، تورداشلارمۇ بىرە قۇر ئنكاس بىلدۈرۈپتۇ ، كۈندە ئىزدىنىشقا كىرىپ ماراپ چىقىمەن بىرى يېڭىلەق بامىكىن دەپ ، ئەمما بۇ بۇرۇنقىدەك ياخشى تېمىلار يوللانمايدىغان بولۇپ قالدى، كارخانا كىشلەرگە ياخشى نەرسىلەرنى ئىشلەپچىقىرالمىسا دېرىكتۇرنىڭ ئىقتىدارسىزلىقى دېيىشتۇق ، بۇ مۇنبەر كىشلەرنى قىزىقتۇرالمايدىغان بولۇپ قالمىسۇن ، 21 پارچە ئىنكاسىم ئۆچۈرلۈپتۇ، ھە-بوپتۇ، نىمىلام بولمىسۇن، خېلى ئىچىم بوشاپ قالدى.
65- قەۋەتتىكى xahla91نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
21 پارچە ئىنكاسىم ئۆچۈرلۈپتۇ، ھە-بوپتۇ، نىمىلام بولمىسۇن، خېلى ئىچىم بوشاپ قالدى.
مۇشۇ تېمىدىما؟
باشقۇرغۇچىلار ئىنكاس تازلىغاندا دىققەت قىلساڭلار ، گەپ ئېنىق بولغاندىن كېىيىن ئۆچۈرسەكمۇ ئۈلگۈرىمىز ، شەخىسكە بەتبەشىرىلەرچە ئاشكارە ھۇجۇم قىلغان ، كۆپچىلىك بىللە ئولتۇرۇپ كۆرۈشكە بولمايدىغان ، قانۇن-تۈزۈمگە خىلاپ بولمىغانلا بولسا ئالدىراپ ئۈچۈرمەيلى ، مەسىلىنى يورۇتۇش تەسكە چۈشىدىكەن.
شەھلانى توغرا چۈشىنىمەن ، ھېلىمۇ ئايال كىشى بولۇش سۈپىتى بىلەن چىداپ كەلدى ، ئۇنىڭغا تېخىمۇ زور چىدام -غەيرەت تىلەيمەن ، ھەمدە مۇشۇ ئىش ئارقىلىق ئۇنىڭغا دەپ قويىدىغىنىم يەنىلا شۇ كونىلارنىڭ بىزگە قالدۇرغان ئالتۇن سۆزى \"ئىت ھۈرەر، كارۋان يۈرەر\" ...
شەھلانىڭ ئىجادىيەت مۇساپىسىدا ، ئەگەر ئۇرۇشۇپ قالدىم ، جىلە قىلدى ، كۆڭلۈم سوۋۇدى دىگەن يەكۈنلەر بىلەن چېكىنىش ياكى سوۋۇش كۆرۈلسە بۇ دەل بەزى ساپاسىز ، بىلىمسىز كىشىلەرنىڭ مۇۋەپپىقىيىتى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ ، گۈللىنىش ، جانلىنىش ، تەرەقىياتلار كۆرۈلسە بۇ بارلىق ئىزدىنىش ئەھلىنىڭ چىن ئارزۇسى ۋە شەھلانىڭ مەغرۇرانە غەلبىسى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ ، شۇ كۈنلەرنى نىسىپ قىلسۇن ئىلاھىم .
68- قەۋەتتىكى begir3نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
باچكا پىنھاننى تۇرمىگە 20 كۈن قاماپ قويىۋىدى بىر كۈن ئۆتمەي چىقتى . شەھلامۇ ئاخشام قامالغان ئىدى بۈگۈن چىقتى . قارىغاندا ئارقا ئىشىكتىن ئىبارەت بۇ نەرسە جۇڭگونىڭ بارلىق بۇلۇڭ پۇشقاقلىرىغا سىڭىپ كەتكەن چىراي .جۇڭگوچىلىقتا نۇرغۇن ئىشلارغا كۆنۈپمۇ كەتتىم .
يەنە بىر ئىش مۇنبەر باش باشلىقى ، ئىزدىنىش مۇنبىرىدە نەچچە ئىسىمدا كىرىپ ئوينايدىغانلاردىن يالغۇز ئادەتتىكى ئەزالارلا بار ئەمەس ، باشقۇرغۇچىلار ئىچىدىمۇ بار . بۇنى ئەلۋەتتە مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن شۇنداق قىلدى دەپ توغرا چۈشىنىمىز . باشقىچە پىكىر يوققۇ ئاخىر .
مەن ئىزچىل مەركەز بىلەن بىردەكلىكنى ساقلاشقا تىرىشىمەن .
باچكىنىڭ پىنھاننى قامىغانلىقى ۋە ئەتىسىلا تۈرمىدىن چىققانلىقىنى بىلمەيدىكەنمەن ، بۇ ئىش راست بولسا ، ئەلۋەتتە بۇ خاتا ، بۇ توغرىسىدا تەكشۈرۈپ بېقىپ پىكىر قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ ، شۇ شارائىت ، شۇ مۇھىتتا بىر نەچچە يولسىزنىڭ ئاغزىنى بېسىش ئۈچۈن شۇنداق قىلغان بولۇشىمۇ مۇمكىن ، بۇنى ئارقا ئىشىك دەرىجىسىگە كۆتۈرۋېلىش كەتمەيدۇ ، داۋاملىق شۇنداق بولسا بۇ باشقا گەپ ، ئابونتلارمۇ تۇنجى خاتا قىلغاندىلا جازالانمايدۇ ، ئاۋال تور ئەھلىنىڭ نارازىلىقى ئارقىلىق تەبىئى ئاگاھلاندۇرىلىدۇ ، ئۇنىڭغا ئۇنىمىسا قاماش ، چەكلەش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن ئۇنىڭ مۇنبەرنى قالايمىقان قىلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ، ئەڭ بولمىغاندا بولسا ، مۇشۇ تېمىدا مىسالغا ئېلىنغاندەك ، ئوچۇق ئاشكارە ئوتتۇرىغا تاشلىنىپ كۆپچىلىكنىڭ نەزىرىگە سۇنۇلىدۇ.
لېكىن باشقۇرغۇچىلار ھەرخىل ئىسىمدا كىرىپ ئوينايدۇ دىگنىڭىز تۆھمەت بولۇپ قالدى ، ھەقىقەتەن بەزى باشقۇرغۇچىلارنىڭ كىچىك ئىسمى بار بولۇشى مۇمكىن ، بىراق مۇشۇ كەمگىچە بىرەر مۇنازىرىدە ، مەلۇم تالاش - تارتىشتا ئوخشىمىغان ئىسىملار بىلەن كىرىپ ئۆز نۇقتىنەزىرىنى ئىسپاتلاشقا ئۇرۇنغان ئىشلارنى ئۇچراتمىدۇق ، ئىشىنىمىزكى ، باشقۇرغۇچىلاردا ئۇنچىلىك ساپا بار .
مەنغۇ يىڭى تىزىملىتىپ كىردىم ما مۇنبەرگە مېنىڭ تۇرمىگە ئاخشام كىرىپ بۈگۈن چىققىنىم توغۇرلۇق بىر ئىزاھات بىرىلىپ قويۇلسا، بولمىسا ئىزدىنىش پارىخور، مەن چىرىتكۈچى بوپ قالماي! {:92:} ماۋۇ تېمىنى سەل كېچىكىپ كۆرۈپ قاپتىمەنبولمىغان بولسا ئاۋۇ نەچچە ئىسىمدا كىرىپ ئۆزىنى ئاۋارە قىلىۋاتقان يولداشقا سەمىمىي نەسىھەت قىلىپ قوياتتىمكەن.
مەنمۇ ئەينى ۋاقىتتا سىزدەكتىم، بەك سەكرىگەن،
مېنىڭ «ئىزدىنىشتا نېمىنى شۇنچە سېغىندىم\" دېگەن تېمامنى كۆرسىڭىز بەلكىم سىزمۇ ئوڭشىلىپ قالارسىز
ئىزدىنىش سىز ۋە مېنىڭ خاراكتېر يۈرگۈزىدىغان يېرىمىز ئەمەس،
مەن شۇنى ھېس قىلدىم،
سەمىمىي بولسىڭىز ئاجايىپ ئوچۇق-يورۇق كىشىلەر بار بۇ مۇنبەردە
مۇبادا ئاسمانغا تۈكۈرۈپ قالسىڭىز ئاقىۋىتى شۇ ئىچىڭىز ئاچچىق بولىدۇ.
بىر ئائىلىدە ئاپىمىز نەچچە بالىنى باشقۇرالماي، مەكتەپتە مۇئەللىملەر 30-40 بالىنى باشقۇرالماي، ما ۋەتىنىمىز نەچچە خىل مىللەتنى تۈزۈك باشقۇرالمايۋاتقان يەردە ئىزدىنىش باشقۇرغۇچىلىرىنى ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان كىشىلەرنى مەۋھۇم دۇنيادا ئۇلارنىڭ نىقابلىق يازمىلىرىغا قاراپ خاراكتىر بەلگىلەپ باشقۇر دېسە بۇ مەنچە ئىككى ئالەملىك بەختكە ئېرىشتۈرىدىغان ھەمراھنى تېپىپ توي قىلىشتىنمۇ بەك تەس ئىش بولۇپ كەتتى. شۇڭا پىنھاننىڭ مۇنبەر باشقۇرۇشتىكى ئىككى قولنى تەڭ تۇتۇش ئىككىلا قولدا قاتتىق بولۇش پىرىنسىپى ئىنتايىن توغرا. بولمىسا سىزمۇ بارلىق مەسئۇلىيەتنى ئېلىپ باشقۇرغۇچىلىق قىلىپ بېقىڭچۇ شۇ چاغدا بىلىسىز!
كەچۈرۈم سوراشتىنمۇ ئارتۇق ئېسىل ئىش بولامدۇ بۇ دۇنيادا
ساۋاپ تېپىشنىڭ تەسلىكىدە،
سىزگە ياخشى بىر سەھنە بېرىپتۇ، مۇسۇلمان بەندىگە ئۇ دۇنيالىق ساۋاپ تېپىشتىنمۇ ئارتۇق ئىش يوق مەنچە
قېنى، ئۇيغۇرۇم، مۇسۇلمان قېرىندىشىم، نەچچە قۇل ئازاد قىلغانىڭ ساۋابىنى ئېلىۋېلىڭ ئەۋەتكۈچى:kantir
ۋاقتى:2013-10-21 10:01:05
ماۋزۇسى:سالام
بىرنەچچە ئادەمگە رەددىيە بېرىش، ئىپادىسىگە يارىشا ئىنكاس يېزىش، ئوتتۇرىغا چۈشۈپ ئىككى ئېغىز گەپ قىلىش بىلەن بەزى كىشىلەرنى رەنجىتىپ قويۇش دائىم بولۇپ تۇرۇۋاتىدۇ ھەم بولۇنغان.
شۇڭا كۆپچىلىكتىن كەچۈرۈم سورىغۇدەك ئىش بولۇنمىدى.
ئىنكاسلار تازىلىنىپتۇ، سىزنىڭمۇ بۇ تېمىنى كۆپ ئويلىنىپ يازغىنىڭىز ماڭا ئايان.
بۇ يەردە يۈزدىن ئارتۇق كومپيۇتېر بىر IP غا باغلانغان، ... ئايرىم ئۇچۇر قىلىشىمدىكى سەۋەپمۇ شۇ.
سىزمۇ مەقسەتكە يېتىپ بولدىڭىز.
--------------------------------------------------
1. كۆپچىلىكتىن نىمىشقا كەچۈرۈم سورايسىز ، ئاۋال مۇشۇنى ئاڭقىرىڭ
2. 100 دىن ئارتۇق كومپيوتېر بىر IP غا باغلانغان بولسا ، ئاۋۇ ئىسىملار مەن ئەمەس دىيەلەمسىز؟ ئىسپاتلىيالامسىز؟
--------------------------------------------------
1- كۆپچىلىكتىن كەچۈرۈم سورىسۇن دەپ ئۆزىڭىز دېدىدىڭىز ياكى تەلىۋىڭىز شۇنىڭغا بارىدۇ.
2- يەنە بىرمۇنچە ئادەمنى ماڭا چاتسىمۇ چېتىۋېرىدۇ. ئىسپاتلىيالمايمەن.
3- ھەي بۇرادەر، مېنى تارتىپ چىقىرىپ تورداشلارغا بىرمۇنچە ئىشنى بىلدۈرۈپ ئىش ئۈگۈتۈپ قويدىڭىڭىز مانا.
ئىزدىنىشقا ئۆچلۈك قىلىش، ئۇلىنى كولاش نىيىتىم بولسا بەزى نامەرتلەردىن پەرقىم بولامدۇ؟
شەھلانىڭ ئاغزىنىڭ بەزەپلىكىنى سىز بىلمەيدىغان يەردە ئەمەس. ئۇ باشقىلارغا تىل سالمىغان بولسا مەن ئارىغا چۈشمەيتتىم....
يەنە دېيىشكۈدەك گەپ قالمىدى.
خەير، باشقىسى سىلەرگە قالدى.
--------------------------------------------------
كۆپچىلىكتىن نىمىشقا كەچۈرۈم سورايدىغىنىڭىزنى ھازىرغىچە ھىس قىلالماپسىز .....چۈشەنمىگەن بولسىڭىز مەن دەپ بېرەي
سىزنى مۇنبەرنىڭ ھۇلىنى كولايدۇ دىمىدىم ، پەقەت سىزدەكلەر كۆپەيسە مۇنبەرنىڭ ھۇلى كولىنىدۇ ، سىزنىڭچە قىلغانلىرىڭىز توغرىما ئەمىسە؟
شەھلانىڭ ئاغزى بېزەپ بولسا ئۆزىنىڭ ئىشى، ئۇنىڭ بېزەپ ئىنكاسلىرىغا ئورۇن بېرىپتۇقمۇ يا؟ ئۇ قانداق ئۇسۇلدا سىزنى تىللىغان بولسا سىزمۇ ئۇنىڭدىن ئۆتە بېزەپ بولۇپ ئەدىۋىنى بېرىڭ ، ئەلۋەتتە مۇنبەردە ئىنكاس يازماي باشقا ئۇسۇلدا نىمە قىلسىڭىز بىزنىڭ چاتىقىمىز يوق ...
لېكىن بىر سالاھىيەتتە ، ئوخشىمىغان ئىسمدا كىرىپ ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇشقىنىڭىزنىڭ ئۆزى كۆپچىلىك ئالدىدا خىجىل بولۇپ كەچۈرۈم سورىشىڭىزغا يېتىپ ئېشىپ قالىدۇ !
ئەمدى سىزگە كۆپ ۋاقتىم يوق ، مەنمۇ ئىشلەۋاتىمەن ، گەپ شۇنداق ، كەچۈرۈم سورىسىڭىز ، بۇ گەپ مۇشۇ يەردە قالىدۇ ، سورىمىسىڭىز ئۆزىمىزمۇ خالىمىغان ھالدا ئاشۇ IP رىڭىزدىكى بارلىق ئىسىمنى ئۆچۈرۋېتىمىز . كىمدۇ مەن سەت گەپ بىلەن تىللاپ كېتىپ بۇ قەھرىماننى مالال قىلىپ سالغان؟ {:92:} دەرىخا ،
كۈلەي دېسەك ئۆزۈڭدىن قىززىق يومۇر يوق،
يىغلاي دېسەڭ ئۆزۈڭدىن بىچارە قىسمەت يوق!
بىزنى نېمىلەرنى تالىشىدىغاندىمىز؟
------------------------------------------
ئىزدىنىشنىڭ دۈشمىنى --«نەچچە ئىسىمدا كىرىپ ، ۋاقتىنى بىھۇدە قىپ ،پاراكەندىچىلىك قىلىۋاتقان ۋە مەخسۇس ئاللا كىملەرنىدۇ دۈشمەن قىپ ئويناۋاتقانلارغا ئالاھىدە بىر ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن »يۇقارقى بىگۇناھ ئىنكاسىمنى مۇستەبىتلەرچە ئۆچۈرىۋەتكەن باشقۇرغۇچىلار ئارىسىدىمۇ بولىشى مۈمكىن.
يانا ئۆچۈرۈڭ ،مەن يانا يازاي ...
ئاندىن دۈشمەنلىشەيلى ،ئاخىرىدا سىز «ئىزدىنىشنىڭ دۈشمىنى كىملەر؟»دەپ يېڭى بىر ماقالە يېزىڭ !
مۇشۇ ئىنكاسىمدا نېمە گۇناھ باردۇ؟ بەك ئېچىنىپ كەتكىدەك ئىش يوق ، مۇنبەرنى غەيرى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى مۇنبەرلەرگە سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ شۇنداق ، تالاش - تارتىشنى بەك سەزگۈ مەسلە دەپ قاراشمۇ ئاقىلانلىق ئەمەس ، مۇنبەرگە بىرەرسىنىڭ ئۆچمەنلىك قىلىشى ناتايىن ، ئۇنداق نىيەت ئېھتىمال ئەزا بولمىغان ، ئىزدىنىش مۇنبىرىگە قىزىقمايدىغان ، بۇ يەردىن بىرەر چاتاق ئىش چىقىپ قالسا ياخشى بولاتتى ، ئۇلار ئەركىن تالاش - تارتىش قىلسا ياكى پىكىر ئالماشتۇرۇپ ئىدىيىسى ئېچىلىپ كەتسە ياخشى بولماسمىكىن دىگەندەك ئوي - خىياللاردا بولىدىغان كىشىلەر مۇنبەرگە ئۆچمەنلىك بىلەن قارىشى مۈمكىن ، ياشاۋاتقان رىئاللىق ، كىشىلەرنىڭ پىكىر قىلىش ئۇسۇلى مۇنبەرگە تەسىر كۆرسىتىدۇ ، باشقۇرۇش ئۇسۇلىمۇ شۇ ، مۇھىمكى سەمىمىلىك ،ھازىررقى رىئالىقتا بۇنىڭدىنمۇ مۇھىم يەنە بىر نەرسە تېپىلماسلىقى مۈمكىن ، باشقىلارغا قارشى پىكىرنى ئوتتۇرغا قويۇپ ، نارازىلىقىنى ئوتتۇرغا قويۇش نۇرمال ئىش ، بىراق مۇنبەرنىڭ ساغلاملىقىنى دەپ ئېغىز تىلىدا تاپقىلى بولمايدىغان ئەسەبىي تىل - ھاقارەت بىلەن ئوخشاش بولمىغان كۆز قاراشتىكى كىشىلەرگە زەربە بېرىش ، قالپاق كەيدۈرۈش سەمىملىك بولمايدۇ ، باشقىلارنى تىللىدىڭ دەپ ئۇنىڭدىن بىر قانچە ھەسسە ئاشۈرۈپ تىللاپ سۆز قىلغىنىغا تويغۇزۋېتىش ياسالمىلىق ، تېگى - تەكتىدىن ئېيىتقاندا مۇھتاجالىق ، نامىراتلىق ، ئەتىراپتىكى ساختىلىق بىلەن تولغان ، دۇنيادا ناھايتى ئاز ئۇچىرايدىغان رىئاللىق بىلەن مۇناسىۋەتلىك . قانۇن ، سىياسىيغا مۇناسىۋەتلىك تىما، ئىنكاسلارغا بولغان كەسكلىنلىك ئېتىراپ قىلىشقا تىگىشلىك ، بۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتسىز يازما ئىنكاسلارغا بولغان ئاتالمىش كەسكىنلىك ،بىز ياشاۋاتقان رىئاللقىنىڭ كىشىلەرگە كۆرسەتكەن تەسىرى ، يەنىلا تەكىتلنىدىغان گەپ ،يەنە شۇ سەمىملىك ، بىز رىئاللىقتا ساختىپەزلەرنىڭ دەستىدىن ، ساختىپەزلىككە كۆنگەن شۇڭا مۇنبەردىمۇ شۇنداق بولسا بەك كۆڭلىمىزگە ئېلىپ كەتمەيمىز، دىگەن قاراشلار ئوخشاشلار ساختىپەزلىك . بىرەر مىسال قىستۇرۇپ ئۆتسەك، شىمالدىن كەلگەن چوڭ - كىچىك ، قېرى - ياش دىگەنلەر جەنۇبىي شىنجاڭنى ئايلىنىپ چىققاندىن كىيىن بۇ تەرەپلەردىن كۆڭلى يېرىم بولىدىغان ئىش ،يېزا - بازاردىكى ئادەتتىكى باشلىقلار ئۆزىدىن بولغان ،ئۆزىگە نۇرغۇن بايلىق ، ئىناۋەت تېپىپ بەرگەن كىشىلەرنى يوق ئىش ئۈچۈن ناھايتى ئەسەببىي سۆزلەر بىلەن تىللايدىكەن ، بوزەك قىلىدىكەن ، بىچچارە دېھقان ، بۇخرالار بۇنىڭغا كۈنۈك ئىكەن ، ھەتتا شۇلارغا يېقىچىلىق قىلىدىكەن ،لىكىن ئا نۇمسىسىز باشلىقلار ئازىراق نەپكە ئېرىشىش ئۈچۈن بىر ئۆمۈر باشقىلارنىڭ ئارقىسىدىن سۆكۇلداپ ، يالاقچىلىق بىلەن ياشايدىكەن، دىگەن تەسىراتقا كىلىدىكەن ،ۇ ئايرىم ئەھۋال ئەمەس ، مۇشۇ ئىشقا قىزىقىدىغان نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئورتاق كۆز قارشى ئىكەن ، باشقا مىللەت كىشىلىرىنىڭ تونۇشىمۇ مۇشىنىڭغا ئوخشاپ قالىدىكەن . مۇنبەر مۇشۇ جەھەتتىن غەيرى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى مۇنبەرلەر بىلەن پەرقلىنىپ تۇرىشى مۈمكىن ، بىراق ئەزالارنىڭ مەخسەت ، نىيەتلىرىگە گەپ كەتمەيدۇ ، بىرەر - ئىككى تورداشنىڭ كەپسىىزلىكنى ‹‹ مېنىڭ ئىقتىدارىم بار ›› دەپ رىئالىقتا بەك ئۇچىراپ كەتمەيدىغان تېتىقىسىز ، تۆۋەن سەۋىيەدىكى ‹‹تىللار ›› بىلەن سۆپەتلەپ يۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوق !
74- قەۋەتتىكى anas001نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
دەرىخا ،
كۈلەي دېسەك ئۆزۈڭدىن قىززىق يومۇر يوق،
يىغلاي دېسەڭ ئۆزۈڭدىن بىچارە قىسمەت يوق!
بىزنى نېمىلەرنى تالىشىدىغاندىمىز؟
------------------------------------------
ئىزدىنىشنىڭ دۈشمىنى --«نەچچە ئىسىمدا كىرىپ ، ۋاقتىنى بىھۇدە قىپ ،پاراكەندىچىلىك قىلىۋاتقان ۋە مەخسۇس ئاللا كىملەرنىدۇ دۈشمەن قىپ ئويناۋاتقانلارغا ئالاھىدە بىر ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن »يۇقارقى بىگۇناھ ئىنكاسىمنى مۇستەبىتلەرچە ئۆچۈرىۋەتكەن باشقۇرغۇچىلار ئارىسىدىمۇ بولىشى مۈمكىن.
يانا ئۆچۈرۈڭ ،مەن يانا يازاي ...
ئاندىن دۈشمەنلىشەيلى ،ئاخىرىدا سىز «ئىزدىنىشنىڭ دۈشمىنى كىملەر؟»دەپ يېڭى بىر ماقالە يېزىڭ !
مۇشۇ ئىنكاسىمدا نېمە گۇناھ باردۇ؟
كەچۈرۈڭ ، ئىنكاسىڭىزنىڭ ئۆچكىنى ھەقىقەتەن توغرا بولماپتۇ...
ھۆرمەتلىك باشقۇرغۇچىلار ، مانا مۇشۇنداق گەپ ، باشقىلارنىڭ ئىنكاسىنى ئۆچۈرۈش ئاسان بولغان بىلەن ئاغزىنى ئىتەلەمسىز؟ قايىل قىلىشقا ئىشەنچىڭىز بولمىغاندا تاشلاپ قويسىڭىزمۇ بولىدۇ ، بىراق ئىنكاس تازلىدۇق دەپ يۇقارقىدەك نورمال ئىنكاسلارنىمۇ قوشۇپ تازلىۋەتسەك ، باشقىلار قايىل بولمايلا قالماي نەپرەتلىنىدۇ ، سەسكىنىدۇ ...
مۇشۇ تېمىنىڭ ئىنكاسلىرىغا چېقىلماي تۇرساڭلار ...
anas001 سىزنىڭ ئاۋۇ ئىنكاسىڭىزنى مەن ئۇچۇرۇپ ساپتىمەن . سىزدىن ئەپۇ سورايمەن ، بايا تېلفۇندا مەشغۇلات قىلغاچقا خاتا ماشغۇلات قىلىپ قۇيۇپتىمەن. كەچۇرۇڭ. ھىچگەپ يوق بۇرادەرلەر ،ئۇقۇشماسلىق بولغان ئوخشايدۇ ئەمىسە... بۇنىڭ يەنە باشقا ئىسىملىرىمۇ بار، ئىزدەشكە ئىرىنىۋاتىمەن، تولا ئۆزەمنىڭ راس دىمىسۇن، بولمىسا چۈشتىن كېيىن ئېرىنمەي ئولتۇرۇپ تېمىلىرىمغا ھەر خىل ئىسىملاردا كىرىپ يازغان ئىنكاسلىرىنى توپلاپ چىقىپ نەشىر قىلدۇرۋىتىمەن.ئەدەبىياتتا ئۆزەمگە تەۋە تۇتقان يولۇم بولغانلىقى ئۈچۈن، بەزىلەرنىڭ ماڭا مۇشۇنداق قەستەن يۇقىنىۋاتقانلىقىنى بىلىمەن، ئەسلى مۇدىئاسىنى پەرەز قىلمىساممۇ ماڭا بەش قولدەك ئايان.
ئىزدىنىش مۇنبىرىدىكى ئەزالار ۋىژدانى بىلەن سۆز قېلىپ باقسۇن، مەن كىمنى ئاغزى بىزاپلىق بىلەن ئىنكاس يېزىپ ھاقارەتلەپ باقتىم؟
مەزكۆرنىڭ ھاقارەتلەش، توھمەت قېلىش، سېسىتىشلىرىغا ھېلىمۇ شۇنچە ئۈزۈن سۈكۈت قىلدىم، كارىم بولمىدى، يول قويدۇم، تاكى تۈنۈگۈنگىچە شۇنداق قىلدىم.
سەۋىرنىڭمۇ چېكى بار، مەيلىگە قويغانسىرى ھەددىدىن ئاشتى، ئاخىرى مەنمۇ يارىشىقىنى قېلىپ قويدۇم.
يەنە دىسەم يەنە شۇ،
يازغان ھەر بىر ئەسىرىمدە ئۇنىڭ ئەسەر بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى يوق، مېنى بۇزۇققا،شەھۋەتپەرەسكە چىقىرىپ يازغان ئىنكاسلىرى بار.
ھېچقايسىدا مېنىڭ چىش يېرىپ بىر ئېغىز گەپ قىلغان ياكى ئۆزەمنى ئاقلاشقا ئۇرۇنغان يېرىم يوق.
ھېكايەمدە ئادەم ئۆلتۈرسەم، مەن رىئاللىقتىمۇ ئادەم ئۆلتۈرگەن بولامدىم؟
يازغىنىمدا ئىنساندىكى يۈشۈرۈن تۇيغۇلارنى تەسۋىرلىسەم، مەن ئەمىلىيەتتىمۇ بۇزۇق بولۇپ قالامدىم.
بىرسىدە ئۆلتەردىم، بىرسىدە بۇزۇلدۇم، بىرسىدە ھېجراندا قالدىم، بىرسىدە روھىي بىنورماللىققا گىرىپتار بولدۇم، ھەي توۋا...
مەنمۇ سىلەردەك قان گۆشى بار ئادەم ئەمەسمۇ! بىر يىلدا ئون ھېكايە يازسام، شۇ ئون ھېكايىنىڭ ۋەقەلىكىنى بىر ئۆزەمنىڭ كەچۈرمىشلىرىدىن ئالغان بولامدىم؟
يازغانغا بۇنچە تويغۇزماڭلار!
كەنتىر تورداش ئاۋۇ جەۋلانغا يوللىغان ئۇچۇرىڭىزدا
بىرنەچچە ئادەمگە رەددىيە بېرىش، ئىپادىسىگە يارىشا ئىنكاس يېزىش، ئوتتۇرىغا چۈشۈپ ئىككى ئېغىز گەپ قىلىش بىلەن بەزى كىشىلەرنى رەنجىتىپ قويۇش دائىم بولۇپ تۇرۇۋاتىدۇ ھەم بولۇنغان.
شۇڭا كۆپچىلىكتىن كەچۈرۈم سورىغۇدەك ئىش بولۇنمىدى.
ئىنكاسلار تازىلىنىپتۇ، سىزنىڭمۇ بۇ تېمىنى كۆپ ئويلىنىپ يازغىنىڭىز ماڭا ئايان.
بۇ يەردە يۈزدىن ئارتۇق كومپيۇتېر بىر IP غا باغلانغان، ... ئايرىم ئۇچۇر قىلىشىمدىكى سەۋەپمۇ شۇ.
دەپسىز
18-قەۋەتتىكى ئىنكاسىڭىزنى ئۇنتۇپ قالدىڭىزمۇ قانداق:
كەنتىرنىڭ 18-قەۋەتىتىكى ئىنكاسى:
مۇنبەرنى قالايمىقان قىلىش مەقسىتىم يوق. يۇقارقى سەۋەپلىك بىرنەچچە ئىسىمدا تىزىملاتقىنىم راست.
ئا بىلەن ب تەگىشىپ قالسا ... ، ئىككىسىنىڭ تەگىشىشى چىڭغا چىقىپ ھەر ئىككىسى بەدىۋىي گەپنى قىلغاندا بىرىنى تۈرمىگە تاشلاپ يەنە بىرىگە چارە كۆرمىسە ( باشقىلارنى كۆزدە تۇتۇۋاتىمەن) ، باشقىلارنى تىللاپ- تىللىۋېلىپ يەنە باشقىلارنى تۈرمىگە تاشلاپ ھوزۇرلانسا ... بۇنداق تەڭسىز مۇئامىلىنى كۆرۈپ تۇرۇپ ئىپادە بىلدسۈرمەي يۈرسەك بولمايدىكەن بۇرادەر.
ئىزدىنىش مۇنبىرىنىڭ ئۇلىنى كولىغانلار دېسە شۇنداقلارنى دېسە بولىدۇ.
ئىزدىنىشتا ئىككى- تۆت ئېغىز دادىل گەپ قىلىشالايمىز دەپ كىرىمىز. ئۇنىڭ ئۇلىنى كولايدىغان غەرەز ئەسلا يوق.
سىزگە يەنە ئەسكەرتىپ قۇياي ، بۇ يەردىكى مەقسەت سىزنى سازايى قىلىش ئەمەس. ھەم بۇ تېمىنى كۆرۈۋاتقانلار ئەقلى ئىقتىدارى مېنىڭچە ئۇنچە توۋەنمۇ ئەمەس. ئىنكاستا مەن يۇقارقى سەۋەپلىك بىرنەچچە ئىسىمدا تىزىملاتقىنىم راست. ئەمدى قۇپۇپ بىر ئادىرىسقا نۇرغۇن كومپىيۇتېر باغلانغان دىگەندەك ئاقماس بانىلارنى كۆرسىتىپ نىمە قىلماقچى بولغىنىڭىزنى بىلگىلى بولمىدى. بۇ تېما يالغۇز سىز گە قارىتىلمىغان . جەۋلاننىڭ ئاخىرقى گېپى سىزدەك ئادەملەرگە قارىتىلغان ،مېنىڭ شۇنداق ئاغزىمنى بۇزغۇم بار ئەمما ئاممىۋى سۇرۇندا ئامال بولمىدى. مەن يەنە تەكرارلاپ قۇياي:
ھەرقانداق ئويۇننىڭ قائىدىسى بولىدۇ ، قائىدىگە بويسۇنمىسىڭىز چەكلىنىسىز ، شاللىنىسىز ، ئۇيۇن ئويناشنى خالىمىغان بولسىڭىز ئۇ باشقا گەپ ، ئۆزىڭىز ئۇيۇن ئويناشنى خالىمىسىڭىز باشقىلارغا تەسىر قىلماي چېكىنەلىسىڭىز بۇ باشقىلارغا قىلىنغان ھۆرمەت ، ھەتتا ئوچۇق ئاشكارە تىللاپ چىقىپ كەتسىڭىزمۇ سىزنى دۈشمەن قاتارىدا كۆرمەيمىز ، پەقەت ۋە پەقەت تەلەپ قىلدىغىنىمىز شۇكى بىزگە يۇقارقىدەك سامان تەكتىدىن سۇ يۈگۈرتىدىغان خۇمسىلىقلارنى قىلماي تىنىچ چىقىپ كېتىڭ !