ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2013-10-22 13:39:34

\" باشقۇرغۇچىلار بىلەنلا قالساممۇ مەيلىكى مۇنبەرنى ئەخلەتخانىغا ئايلاندۇرۇپ قويۇشنى خالىمايمەن \"



مۇنبەردە ئەسقاتمايدىغان تىما ئەمەس ، خەلىققە نەپ بېرىدىغان تىمىلار كۆپ بولغىنى ياخشى، قوللايمەن.



خەلقىمىز ماتىريال ئىزدەيدىغان، خەلىقنى تەربىيلەيدىغان مۇنبەرلەر، ھەرگىزمۇ گەپ يورغىلىتىدىغان، ئاساسسىز گەپ ساتىدىغان يەر ئەمەس، بولسا تىمىلارغا ھەممە ئەقلى بىلەن ئىنكاس يازسا ئاۋارىچىلىك ئاز بولسا ، ھەر ۋاقىت مۇنبەرلېرىمىز ئىچىلىپ تۇرسا، بولسا بەيدۇغا ئوخشاش ھاجەتمەنلەرنىڭ ھاجىتىدىن چىقسا مۇشۇ كۇپايە...

مۇنبەر بىراۋغا دۈشمەن ئەمەس، ۋاقىت ئۈتكۈزەلمەي بىلجىرلاپ قۇيىدىغانلار مۇنبەرگىلا ئەمەس، ئىلىمگە تەشنا، ئەمما ماتىريال تاپالمايۋاتقان دوسلېرىمىزغا ، شۇنداقلا ھەممىمىزگە دۈشمەن.

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2013-10-22 13:54:49

ئويلاپ باقسام مەنمۇ جىدەل چىقىرىپ بېقىپتىكەنمە، بۇ ئۇدۇم ئوخشايدۇ \"\"

western يوللانغان ۋاقتى 2013-10-22 14:02:40

ياشاۋاتقان رىئاللىقىمىزدا بىرقانچە ئېغىز گەپ بىلەنلا بىرەر ھاكىمىيەت ياكى بىر مۇنچە ئادەملەرنىڭ توپىنىڭ دۈشمىنى بولۇپ قالىدىغان ئىشلار يۈز بېرىپ تۇرىشى مۈمكىن ، مۇنبەردىكى بەزى كىشىلەرنىڭ ساپادىكى پەرقىگە قاراپ‹‹ ئىزدىنىشنىڭ دۈشمىنى ›› بار دەپ زورمۇ - زور دۈشمەن تېپىش نۇرمال ئىش ئەمەس ، نۇرغۇن باللار پىكىر ئالماشتۇرۇش ياكى تالاش - تارتىش قېلىشىنى نۇرمال ئىش دەپ قارايدۇ ، ئوخشاش بولمىغان پىكىرگە ئۆزىنى قانۇن بىلىپ ،كېسىم چىقىرىدىغان غەيرى مىجەزنى مۇنبەر ئىزچىل رەت قىلىپ كەلگەن ، بولسا مۇنبەرنىڭ مۇشۇ روھى داۋاملاشسا . رىئالىققتا كىشىلەر بىرەر تۇتام تۈك ، بىر پارچە رەخىت ،سەۋەبسىزلا ئېيتىلغان گەپلەر ئۈچۈن ‹‹يامان ›› ئادەم بولۇپ قالىدىغان ئىشلار كىشىلەرنى بەك بېزار قىلىۋەتتى .

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-22 14:08:22

بەك ئاق كۆڭۈل بولىۋالمايلى، دۈشمەن ھەر جايدا بار!

jewlan يوللانغان ۋاقتى 2013-10-22 14:20:23

122- قەۋەتتىكى westernنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ياشاۋاتقان رىئاللىقىمىزدا بىرقانچە ئېغىز گەپ بىلەنلا بىرەر ھاكىمىيەت ياكى بىر مۇنچە ئادەملەرنىڭ توپىنىڭ دۈشمىنى بولۇپ قالىدىغان ئىشلار يۈز بېرىپ تۇرىشى مۈمكىن ، مۇنبەردىكى بەزى كىشىلەرنىڭ ساپادىكى پەرقىگە قاراپ‹‹ ئىزدىنىشنىڭ دۈشمىنى ›› بار دەپ زورمۇ - زور دۈشمەن تېپىش نۇرمال ئىش ئەمەس ، نۇرغۇن باللار پىكىر ئالماشتۇرۇش ياكى تالاش - تارتىش قېلىشىنى نۇرمال ئىش دەپ قارايدۇ ، ئوخشاش بولمىغان پىكىرگە ئۆزىنى قانۇن بىلىپ ،كېسىم چىقىرىدىغان غەيرى مىجەزنى مۇنبەر ئىزچىل رەت قىلىپ كەلگەن ، بولسا مۇنبەرنىڭ مۇشۇ روھى داۋاملاشسا . رىئالىققتا كىشىلەر بىرەر تۇتام تۈك ، بىر پارچە رەخىت ،سەۋەبسىزلا ئېيتىلغان گەپلەر ئۈچۈن ‹‹يامان ›› ئادەم بولۇپ قالىدىغان ئىشلار كىشىلەرنى بەك بېزار قىلىۋەتتى .



تالاش تارتىش قىلغانلارنى ، ئۇرۇشقانلارنى ، بىزەپ تىللار بىلەن ئادەم تىللىغانلارنى ، ھەتتا ئوچۇق ئاشكارە بىزگە دۈشمەنلىك نەزىرىدە ئىنكاس يازغانلارنى ئۇچراتتۇق ، ئۇلارنى دۈشمەن دىمىدۇق ،چۈنكى نىمىلا بولمىسۇن ئۇلار ئۆزىنىڭ مەيدانىنى ئىپادىلىدى ، تۈگىدى ، يۇقارقى يازمىدا مەلۇم كىشىلەرنى دۈشمەن قاتارىدا كۆرگەن يېرىمىز يوق بولسىمۇ ، سىزگە ئىناقسىزلىق پەيدا قىلىپ بىكاردىن بىكار ئۆزىگە دۈشمەن تېپىۋالغاندەك بىلىپ قاپتۇ ، يەنە بىر ئېيتسام ئىزدىنىشنىڭ دۈشمىنى ساپاسىزلىق ، ئىناقسزلىق ، بىلىمسىزلىك...يىغىپ كەلگەندە نادانلىق.


ساپارىڭ بولمىسا بىلىمىڭ باردۇ؟ بىلىمىڭ بولمىسا ساپارىڭ باردۇ؟


ھەر ئىككىلىسى بولمىسا ئىناق-ئىتىپاققۇ ئۆتەلەرسەن؟


مۇشۇنچىلىكلا گەپ...


يەنە بىر تەكىتلىسەم ، بىز يازمىغا مەقسەتلىك ھالدا ئوخشىمىغان ئىسىمدا كىرىپ پىكىر بايان قىلىشنىڭ ۋە شۇ ئوخشىمىغان ئىسىملار بىلەن ئۆز پىكرىنى ياقلاشنىڭ ئۆزى سەمىمىيەتسىزلىكنىڭ يۇقىرى پەللىسى ، ھەتتا مۇشۇنداق ئىشلارنىمۇ دۈشمەن قاتارىدا كۆرمىدۇق ، پەقەت نادانلىقنىڭ قانچىلىك قورقۇنۇچلۇق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتۇق ، ئەمىليەتتە ھەرقانداق بىر كوللىكتىپقا نىسبەتەنمۇ شۇنداق بولىدۇ...

yaxar48 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-22 14:39:07

جەۋلان توغرا دەيدۇ. ئىزدىنىشنىڭ دۈشمىنى-بىلىمسىزلىك!....



بۇ ھەقتە شەھلانىڭ ئەسەرلىرىنى چۈشەنمەي،داڭقان پۇتى ئىنكاس يازىدىغانلارنى مىسال قىلىشقا ھەقلىقمەن.

western يوللانغان ۋاقتى 2013-10-22 14:48:11

كىيىنكى ئىنكاسلارغا قارتىپ ئېيتىلغان گەپقۇ ، شەھلانىڭ يازمىسىغا چۈشكەن قۇتىراقۇلۇق تۈسى بار ئىنكاسلارغا چۈشكەن رەدىيەگە قارىتىلغان گەپ ئەمەس ، ‹‹دۈشمەن ›› سۆكۈش كۆپ بولۇپ كەتكەندەك بىلىنىۋاتىدۇ ، ئىزدىنىشنىڭ دۈشمەنلىرى ئۇنداق ئاددىي كىشىلەردىن ئەمەس دەپ ئويلايمەن ، مۇنبەردە ئەزالارنىڭ ساپا پەرقى دىسە ئىشىنىمەن ، بىراق‹‹ دۈشمەن›› بار دىگەن گەپكە ئىشەنگىلى بولمايدۇ.

elikaram يوللانغان ۋاقتى 2013-10-22 14:53:11

مۇشۇ ئاي مۇشۇ كۈنلەردە تۈزۈكرەك بىر تاماق يىيىشمۇ تەس بوپكەتتى،ئەمدى داستىخاننى سېىلىپ ئېسىل تائامنى شۇنداقلا داستىخانغا قويىشىمىزغا بىرسى پوسۇققىدە ئوسۇرىۋىتىپ بارغان،يەنە بىرسى چوشقا پاچىقىدىن بىرنى كۆتۈرۈپ كىلىۋاتقان،تېخىمۇ نۇمۇسسىز بىرسى قىپيالىڭاچ ھالەتتىلا داستىخانغا كىلىۋاتقان،ۋاي دات...ۋاي دات...

بۇلارنى ئاز دىگەندەك نەچچە مىڭ مىتىر دوزاخنىڭ ئاستىدىكى ئازاپنى ئۆزى بىلەن تەڭ سۆرەپ چىقىۋاتقان.ئاغزىدىن پوقلار ئېقىۋاتقان،مېزىللىك داستىخان بىر ياقتا قېلىۋاتقان...ئاچچىغلاپ شۇ ھايۋانلار بىلەن تەڭ پوق -سۈيدۈككە چىلىشىپ كىتىۋاتقان،نىمە كۈن بۇ زىيالىيلارغا؟لىكىن بۇنىڭغىمۇ كۆنمەي ئامال يوقكەن.ئۆز ئالدىغىلا خۇشال بولغىلى بولمايدىكەن بەزىدە؟باشقىلارنىڭ بىزدىن زوق ئېلىشىمۇ بىز ئۈچۈن خۇشاللىق بولغىنىدەك بىزنىڭمۇ باشقىلاردىن زوق ئېلىشىمىز بىر خىل زەرەتلىك خۇشاللىقكەن .

بىر ئەسەر مەيدانغا چىقتىمۇ بولدى يامان سۈپەتلىك ‹‹ۋىرۇس››تىن بىرسى شۇ ھامان ئەسكى تامدىن جىن چىققاندەكلا پەيدا بولىدىكەن،سىيە سىي،چىچا چىچ،تىللا تىللا ،تۈكۈرتۈكۈر...ھايھاي...ئىنسان دىگەن بىر يەردە قالىدىكەن،شەيتانلار ساماغا چۈشۈپ جاھاننى بىر ئالىدىكەن...نىمە دەي بۇ كۆرۈنۈشكە؟

توۋا دىمىسە بىكار!

داتلىغىنىمىز بىلەن تاتلىق يەرلىرى ئۇنىڭدىن كۆپ،نەچچە كۈن ھوزۇرلىنىپ يەپ ياتسا يىتىپ ئاشقۇدەك يۇمۇرىستىك ئىنكاسلار،خەلقارا سەۋىيىدىكى مۇلاھىزىلەر،قىلچە يوشۇرۇلماستىن ئېچىپ تاشلانغان ئىنسان تەبىئىتى...

شۇنداق سۆيۈملىك تەرەپلىرىڭنى دەيمىزدە ئىزدىنىش گۇندىپايلىرىڭنىڭ سەت تەلەتىگە چىداپ...ھاھاھااھھا...

nurqiz يوللانغان ۋاقتى 2013-10-22 15:03:39

مۇنبەرلەردىن ئىسىل مەزمۇنلارنى كۆرۇپ يۇرىۋاتقىلى 7 يىلدەك بوپتۇ، دەسلەپتە مۇنبەر كورۇشۇم سەلكىندىن باشلانغان ئۇ مۇنبەرمۇ خۇددى يېقىن ئادىمىمدەك بوپ قالغان.كىيىن سەلكىن مۇنبىرى تاقالدى، خەلىقئارا تور تاقىلىپ بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كىيىن شىنجاڭ ئىچىدە بەزى مۇنبەرلەر ئېچىلدى،شۇلارنىڭ ئىچىدىن ئەلكۇيى مۇنبىرىگە كۆپرەك كىرىدىغان بولدۇم، شۇ چاغلاردا نۇرغۇن سەرخىللارمۇ بۇ مۇنبەرگە يېغىلىشقا باشلىدى.

   كىيىن ئۇلىنىش باش بېتىدە ئىزدىنىش مۇنبىرى ئېچىلدى دىگەن ئۇچۇر ئۇزۇنغىچە ئۆچمەي تۇردى،بۇرۇنمۇ ئىزدىنىش مۇنبىرىنى بىلەتتىم،بۇرۇن بىلىك ھەم سەلكىن مۇنبىرىدە گېپى بۇلۇپ قالاتتى،شۇڭا قىزىقىپ ئاچتىم مانا ھازىر مۇشۇ مۇنبەرنىلا كۆرىمەن،بۇرۇنقى ئامراق مۇنبەرلەر بولغان بىلىك ھەم سەلكىن مۇنبەرلىرىدىكى سەرخىللارنىڭ كۆپىنچىسى بۇ يەردە بار،ئىزدىنىش تۇرمۇشۇمنىڭ بىر قىسمى دىسەممۇ بولىدۇ،تۇرلۇك ساھالەردىكى يىڭىلىقللارنى مۇشۇ مۇنبەر ئارقىلىق بىلىمەن،شۇڭا بۇ مۇنبەرگە ئالاھىدە مۇھەببىتىم بار.

yaxar48 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-22 15:15:21

127- قەۋەتتىكى elikaramنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مۇشۇ ئاي مۇشۇ كۈنلەردە تۈزۈكرەك بىر تاماق يىيىشمۇ تەس بوپكەتتى،ئەمدى داستىخاننى سېىلىپ ئېسىل تائامنى شۇنداقلا داستىخانغا قويىشىمىزغا بىرسى پوسۇققىدە ئوسۇرىۋىتىپ بارغان،يەنە بىرسى چوشقا پاچىقىدىن بىرنى كۆتۈرۈپ كىلىۋاتقان،تېخىمۇ نۇمۇسسىز بىرسى قىپيالىڭاچ ھالەتتىلا داستىخانغا كىلىۋاتقان،ۋاي دات...ۋاي دات...

بۇلارنى ئاز دىگەندەك نەچچە مىڭ مىتىر دوزاخنىڭ ئاستىدىكى ئازاپنى ئۆزى بىلەن تەڭ سۆرەپ چىقىۋاتقان.ئاغزىدىن پوقلار ئېقىۋاتقان،مېزىللىك داستىخان بىر ياقتا قېلىۋاتقان...ئاچچىغلاپ شۇ ھايۋانلار بىلەن تەڭ پوق -سۈيدۈككە چىلىشىپ كىتىۋاتقان،نىمە كۈن بۇ زىيالىيلارغا؟لىكىن بۇنىڭغىمۇ كۆنمەي ئامال يوقكەن.ئۆز ئالدىغىلا خۇشال بولغىلى بولمايدىكەن بەزىدە؟باشقىلارنىڭ بىزدىن زوق ئېلىشىمۇ بىز ئۈچۈن خۇشاللىق بولغىنىدەك بىزنىڭمۇ باشقىلاردىن زوق ئېلىشىمىز بىر خىل زەرەتلىك خۇشاللىقكەن .

بىر ئەسەر مەيدانغا چىقتىمۇ بولدى يامان سۈپەتلىك ‹‹ۋىرۇس››تىن بىرسى شۇ ھامان ئەسكى تامدىن جىن چىققاندەكلا پەيدا بولىدىكەن،سىيە سىي،چىچا چىچ،تىللا تىللا ،تۈكۈرتۈكۈر...ھايھاي...ئىنسان دىگەن بىر يەردە قالىدىكەن،شەيتانلار ساماغا چۈشۈپ جاھاننى بىر ئالىدىكەن...نىمە دەي بۇ كۆرۈنۈشكە؟

توۋا دىمىسە بىكار!

داتلىغىنىمىز بىلەن تاتلىق يەرلىرى ئۇنىڭدىن كۆپ،نەچچە كۈن ھوزۇرلىنىپ يەپ ياتسا يىتىپ ئاشقۇدەك يۇمۇرىستىك ئىنكاسلار،خەلقارا سەۋىيىدىكى مۇلاھىزىلەر،قىلچە يوشۇرۇلماستىن ئېچىپ تاشلانغان ئىنسان تەبىئىتى...

شۇنداق سۆيۈملىك تەرەپلىرىڭنى دەيمىزدە ئىزدىنىش گۇندىپايلىرىڭنىڭ سەت تەلەتىگە چىداپ...ھاھاھااھھا...

----------------------------------------------------


سىزمۇ ئىنسان تەبىئىتىنى ئېچىۋېتىپسىز مانا...

azharbag1 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-22 17:15:40

123- قەۋەتتىكى xahla91نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بەك ئاق كۆڭۈل بولىۋالمايلى، دۈشمەن ھەر جايدا بار!



باشتامەن تىللىمىغان تۇرسامبۇقانداقگەپ؟

western يوللانغان ۋاقتى 2013-10-22 17:17:46

123- قەۋەتتىكى xahla91نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بەك ئاق كۆڭۈل بولىۋالمايلى، دۈشمەن ھەر جايدا بار!

ئۇنداق ئەمەس ، ئىناقسىزلىق كېلىپ چىقىشى مۈمكىن ،دىگەن ئوي - خىيالدىمۇ ئەمەس ، سىزنىڭ ئەسىرىڭىزگە قاراتا يېزىلغان ، بۆھتان ئارلىشىپ كەتكەن ، سەۋىيەسى تۆۋەن ئىنكاسلارغا نۇرغۇن بالىلار قارشى چىقىتى ، مۇھىمى شۇ .مەلۇم بىرسىدىن ئالالمىغان دەردىنى سىزدىن ئېلىۋاتقانىلقى ئېنىق ، باشتا بىرقانچە كىشى ئوتۇرسىدىكى ئۆچ - ئاداۋەت بولىشى مۈمكىن دەپ ئويلىغان ،كىيىن مۇنازىرەمۇنبەر بىلەن كىملەدۇ بىرقانچە ئادەمئوتتۇرسىدىكى توقۇنۇشقائايلىنىپ كەتكەندەك بولۇپ قالدى ، مەن ئىش ئۇنداق چېڭىغا چىقمىغاندۇ دەپ ئويلىدىم .

Dana0999 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-22 18:39:46

ئىزدىنىش مۇنبىرى مەن كۆرگەن ئۇيغۇر مۇنبەرلىرى ئىچىدە ئەڭ ياخشى مۇنبەر.

بۇ مۇنبەردە باشقا ئۇيغۇر مۇنبەرلىرىدە تېخى بارلىققا كېلىپ ئۈلگۈرمىگەن نىسبى ئادىللىق بار.

باشقا ئۇيغۇرچە مۇنبەرلەردە بولغان بولسام ئاز دېگەندە ئون قېتىم ئايپىرىم چەكلىنىپ، ئايدىرىم نەچچە ئۆچۈپ بولاتتى... \"\"

بۇ مۇنبەرنىڭ باشقۇرغۇچىلىرىدىكى كەسپى ئەخلاقنىڭ باشقا ئۇيغۇرچە مۇنبەرلەردىكى باشقۇرغۇچىلاردىن سېلىشتۇرغۇسىز يۇقىرىلىقىغا قايىل بولماي تۇرالمىدىم...

Dana0999 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-22 18:41:10

راس گەپنى ئۇدۇللا قىلسا شۇ ھامان ئۆچۈرۈلمەيدىغان ئۇيغۇرچە مۇنبەر. \"\"

kuchtunggur يوللانغان ۋاقتى 2013-10-22 19:08:54

بەزىبىر كاللىسىغا كېسەك چۈشۈپ كەتكەن ساراڭقېتىشلارغا «پىنھان»«مەتو»«مۇسىكفان»...لاردەك تەلۋىلەر كېرەك.بولمىسا ھازازۇل خوتۇن 3كۈندە ئېرىدىن بىر قېتىم تاياق يەپ تۇرمىسا ئېرىم ئۆلۈپ قالدى،دەپ كوچىغا چىقىپ يۈرگەندەك بىرقىسىم ساراڭقېتىشلار ھەممىنى قالايمىقان قىلىشىپ يۈرۈيدۇ.

piqakqi يوللانغان ۋاقتى 2013-10-23 08:32:46

ھە ئاۋۇ بىر تېما بولىدغان ، باللانىڭ ئۇيغۇرچە ساۋادنى چىقىرىش توغۇرلۇق ، تاپالمايۋاتىمەن ئەمدى ....كىم تېپىشىپ بەرسە بەك ياخشى بولاتتى...

مەن ئىلگىرى ئەزا ئەمەس ئىدىم ئىزدىنىشقا .....

nasin يوللانغان ۋاقتى 2013-10-23 08:33:58

2005-يىلى مەن يېڭى تىزىملاتقان ۋاقىتلاردىكى ئاكتىپ ئەزالار ھازىر ئاساسەن قالماپتۇ. بىلىپ-بىلمەي مەنمۇ ئىزدىنىشتىكى تۆت كونىنىڭ بىرسى بولۇپ قاپتىمەن. ھازىرغىچە بىرەر جىدەلگە ئارىلىشىپ، بىرەرسى بىلەن تىللىشىپمۇ باقماپتىمەن، نىمە دىگەن يۇۋاش مەن ھە{:92:}

justone يوللانغان ۋاقتى 2013-10-23 08:49:17

130- قەۋەتتىكى piqakqiنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ھە ئاۋۇ بىر تېما بولىدغان ، باللانىڭ ئۇيغۇرچە ساۋادنى چىقىرىش توغۇرلۇق ، تاپالمايۋاتىمەن ئەمدى ....كىم تېپىشىپ بەرسە بەك ياخشى بولاتتى...

مەن ئىلگىرى ئەزا ئەمەس ئىدىم ئىزدىنىشقا .....



ئۇ تېمىنى ئىزدىنىشتىن ئىزدىسەم ئەخلەتخانىدا دەيدۇ،ساقلىۋالغىنىمنى سىزگە يوللاپ بېرەي:




بالامنىڭ ساۋادى چىقتى( 2 ياش سەككىز ئاي)


ئىزدىنىش مۇنبىرىدىن : ئىليارۇق


بۇ تېمىنى يوللاشتىكى مەقسەد دوسلار بىلەن مۇشۇ پەرزەنىت تەربىيىسى توغۇرلۇق پىكىر ئالماشتۇرۇش ، ھەمدە دوسلارنىڭ باشقىچە تەپەككۈر يوللىرىنى ، ئىزلىرىنى ئىزلاپ بېقش …..مەن ئۆزەمنىڭ بەزى ئۇسۇلۇم ۋە قاراشلىرىمنى ئالدىن سۆزلەپ باقاي ، ناۋادا دوسلارغا ياراپ قالسا يەنىمۇ چوڭقۇرلاپ ماڭامىز …

جۇڭگونىڭ ئۆزگەرتىپ بولالماي (ئۆزگەرتمەي) تۇرغان مۇشۇ مائارىپ تۈزۈلمىسىگە بەك ئۆچ بولدۇم .ئۆلۈك ،جانسىز ، قېلىپلاشقان ، ئادەتلەنگەن تەپەككۈر ئۇسۇلى، ئوقۇتۇش ئۇسۇلى…….بولدى چوڭ گەپنى قويۇپ تۇرايلى ھازىرچە . ئالدى بىلەن مۇشۇ ئاساسنىڭ ئاساسى ، مەۋجۇتلىغىمىزنىڭ تىرىكى بولغان ئۆز ئانا تىلىمىزدا ساۋات چىقىرىش توغۇرلۇق پىكىرلەشسەك ، ئاندىن كېيىن مۇشۇ تەپەككۈر ، مائارىپ تۈزۈلمىسى …دىگەندەك نۇقتىلارغا كۆچسەك …

ئوغلۇم مۇشۇ ئاينىڭ 25- كۈنى 3 ياشقا كىرىدۇ ، ھازىر 31 ھەرپنى ھەممىنى تولۇق بىلىدۇ (ژ نىڭمۇ بارلىغىنى تېخىچە بىلمەيدۇ، مەن دەپ بەرمىدىم تېخى ). تاغ ، باغ، سىز ، شىر ، گۈل، داپ، نان ، سىز ، ھەل ، خام ، خان ،جان ………………….دادا دىگەندەك سۆزلەرنى بىمالال ئوقۇيدىغان بولدى ، تېخى بەزى ھەرپلەرنى يېزىپ يۈرىدۇ ، مەن يېزىشنى تېخى ئۆگەتمىىگەن ، كۆزىگە سىڭىپ كەتكەن ئوخشايدۇ . مېنىڭ پىلانىم 2 يېرىم ياش بولغاندا مۇشۇ سەۋيىگە يەتكۈزۈپ بولۇش ئىدى،( 2 ياش 8 ئاي بولغاندا مەقسەتكە يەتتۇق، ئاچىسى 3 ياش بولغاندا مۇشۇ سەۋىيىگە يەتكەن ئىدى) ئەمما شارائت يار بەرمىدى، يەنى بالا بىزنىڭ يېنىمىزدا ئەمەس، 30 كىلومېتېر ئارلقتىكى يېزىدا چوڭ ئاپىسىنڭ قېشىدا تۇرىدۇ، پەقەت ھەر جۈمە كۈنى چۈشتىن كېيىن قايتىپ كېلىدۇ، يەكشەنبە ياكى دۈشەنبە يەنە قايتىپ كېتىدۇ . شۇنداق بولغاچقا ۋاقت بەك قىسقا . ئۆيدە بولغان ئەھۋالدىمۇ بىر كۈندە پەقەت بىرە سائەتلا <<ئويناپ >> قالىمىز . دىمەك بىز ئۈچۈن مۇشۇ << ئويناش >> بەك مۇھىم . ئويناش ئارقىلىق بالىنىڭ ساۋادى چىقتى دىمەكچى ……..

بىز زادى قانداق ئوينىدۇ ق ؟ناۋادا مۇلاھىزىگە قىزىقساڭلار ، دوسلارنىڭمۇ تەجرىبىلىرىنى ئاڭلىغاچ ھەم پىكىرلەشكەچ سۆزلەپ كېتىمىز ………..


ئوغلۇم 2 ياشتىن ئاشقاندا باشلىغان . ئەڭ ئالدى بىلەن ‹ ئا ، ئە ، ت ، ئو ل › قاتارلىق 5 ھەرىپنى كىچىكىرەك قاتتىق قەغەزگە يېزىۋېلىپ ، بۇ ‹ ئا ›، بۇ‹ ئە› دەپ ئازىراق كۆندۈرۋالغاندىن كېيىن ، بەش ھەرىپنى تاشلاپ قويۇپ ئۆزىگە پالانچى ھەرپنى ئال . پۇستانچى ھەرپنى ئال دەپ ئاستا -ئاستا يېتەكلىگەن . ئاندىن كېيىن ئىككىمىز ھەرپ سېتىپ ئوينايلى دىسەم بەك خوشال بولدى ، شۇنىڭ بىلەن ئوغلۇم بىر دۇكان ئاچتى ، مەخسۇس ھەرپ ساتىدىغان ، مەن خېرىدار بولدۇم . بۇ ئارلىقتا ئۇسۇلنى ئۆزگەرتىپ تۇردۇم ، مەسىلەن ئالدى بىلەن بالامغا تېلفۇن قىلىمەن ، تېلفۇننى ئالغاندىن كېيىن ‹ ۋەي › دىسە مەنمۇ ‹ۋەي › دەيمەن. قاچانكى ‹ ئەسسالامۇئەلەيكۇم › دىمىگىچە مەنمۇ باشقا گەپ قىلمايمەن ،‹ ئەسسالامۇئەلەيكۇم › دىگەندىن كېيىن مەنمۇ ئىلىك ئېلىپ بولۇپ ، تېچلىق –ئامانلىق سوراپ بولۇپ ، ئاندىن‹‹ مەن پالانچى يەردىن تېلفۇن قىلىۋاتىمەن ، سىزنى ھەرپ ساتىدىغان دۇكان ئېچىپتۇ دەپ ئاڭلاپ ، بالامغا ھەرپ ئالاي دەپ تېلفۇن ئۇرغان › دىسەم تېخىمۇ خوشال بولۇپ كېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن مەن تېلفۇندا خوشلىشىپ ھازىرلا دۇكىنىڭىزغا بارىمەن دەپ بىردەم موتونى ئوت ئالدۇرغان بىردەم ماشىنىننى ئوت ئالدۇرغان بولۇپ ، ھەم ئاۋازىنى دوراپ ماڭىمەن ، ‹ دۇكىنى› نىڭ ئالدىغا بارغاندا ئۆزى چىقىدۇ ، يەنە سالام قىلىدۇ ، قول ئېلىشىپ كۆرىشىمىز ، دۇكىنىغا كىرىمىز ، دۇكىنىنى بىر ئىككى ئېغىز ماختاپ قويىمىز . شۇنىڭ بىلەن ‹ بالام‹ئا› نى ئالىمەن دەيدۇ دىسەم ‹ ئا› نى ‹ ب › نى ئالىمەن دەيدۇ دىسەم ‹ ب› نى ئەپ بېرىدۇ ، ناۋادا ئەپ بېرەلمەي قالسا ئاستا يېتەكلەپ قويىمىز ، ئاندىن ‹ بالامغا تېلفۇن قىپ باقاي ، يەنە نىمە ھەرپ ئالىدىكىن › دەپ ‹بالام› غا تېلفۇن قىلغان بولىمەن –دە،‹‹ بالام ‹ت› نىمۇ ئالغاچ كەل ›› دەيدۇ دەپ ‹ت› نى ئالدۇرىمەن ، ئەلۋەتتە ئۇمۇ بېكارغا تۇتقۇزۇپ قويمايدۇ-دە ، بېكارغا ئېلىۋەرسەم ‹ دۇكان › تاقىلىپ قالمامدۇ ، مەنمۇ قۇرۇق كەلمەيمەن ئەلۋەتتە ، تۆش يانچۇغۇمدا پۇلۇم بار كېلىمەن-دە . يەنى 1 دىن 5 كىچە بولغان سانلارنىمۇ قاتتىق قەغەزگە يېزىپ ‹ پۇل› قىلىۋالغانمەن. مانا 1 كوي ، ماۋۇ ‹ت› نەچچە پۇلدۇ ،‹ مانا 2 كوي › دەپ سودىمىزنى قىلىۋېرىمىز ، بۇ جەرياندا ئاۋۇ ‹ خوجايىن › ئاز تولا ئەدەپ-ئەخلاق ، ئىقتىساد ، سان-سېفىر دىگەنلەر بىلەن تەبئىيلا ئۇچۇرشۇپ ماڭىدۇ ، دىگەن گەپ ، شۇنداق قىلىپ ،ئەمەلى ئەھۋالغا قارتا ‹دۇكان› دىكى ‹مال› لارنىمۇ ئاستا –ئاستا تولۇقلاپ ماڭىمىز ، ئامال بار بالا ئاسان قوبۇل قىلالايدىغان ، تەلەپپۇز قىلالايدىغان ھەرپلەرنى قوشىمىز


، بالىنىڭ زېرىكىپ قالماسلىغى ئۈچۈن ، چوققۇم ئويۇن جەريانىدىكى بەزى سۆز –ھەركەت، قىلىقلىرىمىزنى ئۆزگەرتىپ ، بالىنى كۈلدۈرۈپ تۇرىمىز ، بەزىدە پۈتۈن ئائىلە ئەزالىرى‹ بازار› غا كىرىمىز ، بەزىدە مايمۇن بولساق بەزىدە قاغا بولىمىز ، بەزىدە ئاشۇ بالىدىنمۇ كىچىك بالا بولىمىز ، ئىشقىلىپ بالا قىزىقىدىغان سۆز، ھەركەت ھەممىنى ‹ ئويۇن › غا قوشۇۋېتىمىز، ئاستا-ئاستا بالىڭىز‹ دادا ھەرپ سېتىپ ئوينايلى › ھەرپ توشۇپ ئوينايلى ، ( كوزۇپلۇق ماشىنسى بىلەن توشۇغان ، بىر ماشىنا ھەرپ ئېلىپ كەلسە 1 كوي ) ھەرپلەرنى چۈشۈرۈشكە باشقىلار مەسئۇل، بەزى ھەرپلەرنى قەستەن چۈشۈرەلمىسەك ‹شوپۇر› نىڭ ئۆزىنى چاقىرىمىز ، ئامال بار ھەرپنىڭ نامىنى دىگۈزۈپ تۇروپ چۈشۈرىمىز ، ھەم ئاشخانىغا تەكلىپ قىلىپ تاماق يەيمىز ، پۇلىنى تۆلەيمىز ) دەپ سىزنى ئۇنمىسىىڭزمۇ ئۇنماي ‹ ئويۇن› غا باشلايدۇ ، سىزلا زېركىپ قالمىسىڭىز بالىڭىز زېركىپ قالمايدۇ ، قاچان ئۆزى زېرىككەندە سىرتلارغا ئېلىپ چىقىپ ئايلىنىپ رەسمى پۇل تۆلەپ بىر نەرسىلەرنى سېتىۋېلىپ قايتىپ كىرسىڭىز بولىۋېرىدۇ . ئەمدى قالغىنىنى دىمىسەممۇ بولامىكىن ، ئىشقىلىپ ئۆزىڭىز ئويلاپ تاپىۋەسىڭىز بولىۋېرىدۇ ئويۇن دىگەننى ، بالىڭىز قىزىقسىلا ھېساپ ، خوشال بولسىلا ھېساپ . ئەمما ھەرگىزمۇ ‹ بالام كېلە ، ھەرپ ئۆگىنىمز، ماۋۇ ئا ، ماۋۇ ب › دەپ زورلاپ يۈرمەڭ ، ئۇنداق قىلسىڭىز بالىڭىزغىمۇ ، ئۆزىڭىزگىمۇ قاتتىق ئوۋال قىلغان بولىسىز ….ئويلاپ باقايلى ، بىز قانداق چوڭ بولغان ، بىز دەل ئويۇننىڭ قېپىنى يېرىپ ، دەل بىزلەر دەۋاتقان ئويۇنلارغا قېنىپ ، قېنىپ چوڭ بولغان ، ئاخىرى نىمە بولدۇق ، دەل جۇڭگوچە مائارىپ تۈزۈلمىسىنىڭ قۇربانىغا ئايلاندۇق . دىمەك مەنمۇ ئەينى ۋاقىتلاردا فىزىكا قاتارلىق پەنلەردە 100 ، 100 يەنە 100 نومۇرلارنى ئېلىپ ، <13 تە ياخشى ئوقۇغۇچى>> بولۇپ ئوقۇغانمەن ، ئەمدى ئويلاپ باقسام بىر ئۈز-چاتنى جايىدا ئوڭشاپ ئۇلالمايدىكەنمەن … ئىشقىلىپ دۆلەتنىڭ مائارىپ تۈزۈلمىسى ھەقىقى مەنىدىكى ئىسلاھات نەتىجىلىرىگە ئېرىشەلمەي تۇرغان ئەھۋالدا ، بىز يەنى ئاتا ئانىلار سەگەك تۇرمىساق بولمايدۇ . بولۇپمۇ كونا يادلاش تىپىدىكى ئۆلۈك سىڭدۈرۈش ، نومۇر ئۈچۈن كېسىپ چاپلاش قاتارلىق ئۇسۇللارغا ئەمدى يول قويساق بولمايدۇ …. بالىلارنىڭ تەپەككۈر ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى ھەر ۋاقت ئېسىمىزدە چىڭ تۇتساق بولىدۇ…ماۋۇ< بالىلار كىچىگىدە ئويۇنغا قانسۇن > دىگەن گەپ بەزى بىر قىسىم مەسئۇليەتسىز ئاتا ئانىلارنىڭ ئۆزلىرىگە تەسسەللى تاپىدىغان باھانىسىگە ئايلىنىپ قالغىلى تۇرۇپتۇ ھازىر . توغرا ، ئويناش كېرەك …ئەمىسە قانداق ئوينىغان ئويۇن ئويۇن بولىدۇ زادى ؟ سان ئارلاشتۇرماي ، ھەرپ ئارلاشتۇرماي، ھېچقانداق نىمىنى خىيال قىلماي ، قۇمدا ئېغىناپ ، يەردە سەكىرەپ ، ھوشۇقنى ئېتىپ ئەتتىگەن چىقىپ كەتسە كەچتە بىر كىرسە بىزنىڭ كىچىك چاغلاردىكىدەك …..مۇشۇ نداق ئوينىسا ئويۇن بولامدۇ ؟ ئويناش كېرەك ، بالا دىگەن ئوينىماي نىمە قىلىدۇ ، ئاشۇ ئويۇنلارغا ئازىراق مەقسەدلەرنى ئارلاشتۇرپ ، بالىنى مەلۇم تەرەپلەرگىرەك يېتەكلەيدىغان ھالقىلارنى قوشۇپ قويساق بولماسمۇ زادى ؟ بىزگە ئوخشاش ئويۇنلارغا تازا قېنىپ چوڭ بولغانلار نىمە بولدۇق ، دىمەك كېيىنكى يېتەكلەش بەك مۇھىم بەك مۇھىمكەن …


شۇنداق قىلىپ ئالدىدا ئازىراق ئوقۇغۇدەك بولغان چاغدا بىر سۆزنى ئوقۇسا بىر خىل قىززىقچىلىق قىلىپ بەردىم ، بەزىدە بىر سۆزنى ئوقۇسا بىر قېتىم توخو بولۇپ ئاپىسىنى ، ئاچىسىنى قوغلاپ چوقۇپ ئوينىدۇق ، يەنە يەنە دەپ تۇرىۋالىدۇ بۇ شاكىچىك ، بەزىدە خوش ياقمىسىمۇ زورلاپ تۇرىۋالىدۇ ، بۇنداق بولسا بالىنىڭ ساۋادى چىقماي ئامال يوقكەن …..ساۋادىنى چىقارماي غا قاندۇردىغانغا ئامالىم بولمىدى …….

يەنە بىر ئىش ، ھازىر قاتتىق قەغەزگە يېزىقلىق تەييار ھەرپلەر بار ساتىدىغان ، كىتاپخانىلاردا بارغۇ دەيمەن. ئاشۇ ھەرپلەرنى ئىشلەتسەكمۇ بولىدۇ ، ئەمما ئۇ ھەرپلەر ، باش، ئوتتۇرا ، يالغۇز دەپ ئايرىم -ئايرىم ئايرىلغان ، بەك تارقاق ، بىز ئۇنى يىپ يىڭنە بىلەن بىرلەشترۋالساق بولىدۇ، يەنى نىڭ ھەممىسىنى بىرلەشتۈرۈپ يىپ بىلەن چېتىۋالىمىز ، ئەڭ ئالدىغا باش نى كەلتۈرىمىز، قالغان ھەرپلەرمۇ ئوخشاش ، ئىشقىلىپ بالا قايسىنى ئاسان قوبۇل قىلغۇدەك بولسا شۇنى ئەڭ ئالدىغا تىزىمىز، نى ئۈگەتمەكچى بولساق ئالدىدا ، ئوتتۇرا ، ئۇلانما دىگەنلەر بىلەن كارىمىز بولمىسۇن ، نى تونۇتۇپ تۇرساقلا كۇپايە ، ئامال بارا قالغانلىرىنى بالىغا كۆرسەتمەيلى ، بولمىسا بالا ئازىراق بىزارلىق ھېس قىلىپ قېلىشى مۈمكىن ، مېنىڭ ئەڭ ئالدىدا لارنى تاللىشىمدىكى سەۋەپ بالا بۇ ھەرپلەرنى ئىگەللەپ بولغاندا ئا+ت =ئات ، ئا+ل=ئال ، ئو+ت=ئوت ئە+ت=ئەت مۇشۇلارنى قوشۇپ ئوقۇتۇپ ، بالىغا بىر ئىلھام بېرىۋېتىش ئىدى ……..

justone يوللانغان ۋاقتى 2013-10-23 08:51:07

ھۆرمەتلىك باشقۇرغۇچىلار،ئاۋۇ تېما ئىزدىنىشتىكى ئىليارۇقنىڭ تېمىسىتى،ئىزدەپ تاپقىلى بولماس بوپتۇ،بىر ئەسلىگە كەلتۈرۈپ قويغان بولساڭلار بۇرادەرلەر!

jewlan يوللانغان ۋاقتى 2013-10-23 09:45:31

شۇنداق قىلىپ بۇتورداش سانلىق مەلۇمات ئامبىرىدىن ئۆچۈرۋېتىلدى ، دەپ قويۇشقا تېگىشلىك يېرى شۇكى ، بىز پەقەت ئۇنىڭ قائىدىگە خىلاپلىق قىلغاندا ئىشلەتكەن ئىسىملىرىنىلا ئۆچۈرۋەتتۇق ، باشقا تىزىملاتقان ئىسمى ياكى يېڭىدىن تىزىملاتقان ئىسىملىرى بىلەن كىرىشىنى (IP سىىنى) چەكلىمىدۇق .
بەت: 1 2 3 4 5 6 [7] 8 9
: ئىزدىنىش مۇنبىرى كىمنىڭ دۈشمىنى ؟