parakende يوللانغان ۋاقتى 2013-10-20 18:46:16

جەۋلان ئەپەندىم مۇشۇ تىما مۇناسىۋىتى بىلەن بىر مەسىلىنى ھەل قىلىۋالاي مەن 2010 تىزىملاتقان بىر ئىسىم بار ئىدى ئەمما مەلۇم مەزگىل تورغا چىقىشقا ۋاقتىم چىقماي مەخپى نۇمۇرىنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن . ماڭا بىر ياردەم قىلىۋەتمەمسىز ؟



مۇنبەردە يۇرگىلى ئۇزاق بوپتۇ تۇرمىگە كىرىپ سىناپ بېقىشنى تەلەپ قىلىپ يېتىپ چىققاننى ھىسابلىمىغاندا باشقىلار بىلەن گەپ تالىشىپ يۇرمەپتىمەن . ئىزدىنىشتىنمۇ خۇشچىراي ، 4 دادۇ ، گودلاك ، ۋاپادارىم912 قاتارلىقلار بىلەن كۇرۇشۇپ بېقىپتىمەن باشقىلارنى تۇنۇمايمەن . \"\"

Superstar يوللانغان ۋاقتى 2013-10-20 18:52:13

پىنھاننى پاش قىلىش ۋە پىپەن قىلىش كېرەك.

1. ئۇ بەزى ساراڭلارنىڭ خالىغانچە ئادەم تىللاپ ئىچكىي دۇنياسىدىكى جاراھەتنى چىقىرىۋېلىشىغا يول قويماي، ئۇلارنىڭ تېخىمۇ ساراڭ بولۇپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا.

2. پىنھان جەمئىيەتشۇناس ئاندۇسەمەت مامۇتلارنى ماختىماي كۆپ جىنايەت ئۆتكۈزدى.

3. پىنھان تىل ئاڭلاشنى خالىمىدى. بەزىلەر مۇنبەرگە ئاتايىتىن پىنھاننى تىللىغىلى كىرىۋاتسا ئۇلارنى تىللىغىلى قويمىسا، بۇ مۇستەبىتلىك بولماي نىمە؟

bugday يوللانغان ۋاقتى 2013-10-20 18:52:52

ئىزدىنىش بىر مۇكەممەل دۆلەتكە ئوخشايدۇ، شۇنداقلا قارىسىڭىز ھەممە بولۇشقا تىگشىلىك نەرسىللىرى تولۇق. شۇڭا مەن دەيمەن، تۈزۈمگە بوي سۇنمىغانلارنى قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. بولسا روھى كېسەللەر دوختۇر خانىسى قۇرۇپ، روھى كېسەللەرنى مەڭگۈ (ساقايغىچە)شۇ يەردە ساقلاپ تەربىيلەش كېرەك. مەن بىر نىمىنى يەنىي كەڭ قۇرساق بولۇشنى ئىزدىنىشنىڭ باشقۇرغۇچىللىرىدىن ئۈگەندىم.

Superstar يوللانغان ۋاقتى 2013-10-20 19:11:34

بولسا ئاۋۇ تاۋلەن، كانتېر، سالمان دېگەنلەرنىڭ رېئال سالاھىيىتىنى ئاشكارىلاش كېرەك ئىدى.

كىملىكىمنى بىلمەيدۇ دەپ بەك ھەددىدىن ئاشتى ئۇلار.

ئۇلارنىڭ ئىسمى نىمە؟ نەدە؟

ziltar يوللانغان ۋاقتى 2013-10-20 19:24:16

ئىزدىنىش باشقۇرغۇچىلىرى مەن توردىمۇ ھەم ئەمەليەتتىمۇ بىلىدىغان ياخشى ئادەملەردۇر.

بەزىدە ئۇلارنى نېمىشقا تېخىمۇ قاتتىق قول بولمايدىغاندۇ دەپ ئويلاپ قالىمەن

adreamofmine يوللانغان ۋاقتى 2013-10-20 19:24:57

تاۋلەن، بېغىرلار بىلەن خوشۇم يوق بارلىق تېمىلارنى سېسىتىپلا چىقىدۇ، شەھلا، پىنھان سىلەرنى قوللايمەن...

newstar يوللانغان ۋاقتى 2013-10-20 20:01:14

چىۋىن قونسا غىڭشىيدىغان، پالاق تەگسە جىم تۇرىدىغانلار ئىنكاس يازمىساڭلامۇ ھېچكىم خاپا بولمايدۇ. يەنە بەزى ئادەملەرگە شۇنداق بىر خەۋەرنى دەپ قويغۇم كېلىدۇ: بەش مو پۇلغا بىر قېتىم خالاغا كىرگىلىمۇ قويمايدۇ شەھەرلەردە...  {:134:}

yuksel يوللانغان ۋاقتى 2013-10-20 20:36:35

ئىشقىلىپ بەزىلەرگە ئىچىم ئاغرىيدۇ. نېمە جاپا ئۇلارغىمۇ دەپ قالىمەندە؟!... \"\"

barchuq يوللانغان ۋاقتى 2013-10-20 20:37:11

پىنھان بىلەن مەتۇ نىڭ ئىنكاسلىرى ئۆزىگە ئوخشاشلا كەسكىن، مىسرانىمدا ‹ جانپولات› دەپ بىر تورداش بولىدىغان، ئاتتىللانى ‹ تەڭرى قامچىسى › دەپ تەرىپلىسە ئۇنى ‹ مۇنبەر قامچىسى › دەپ بىلەتتىم. مۇشۇ پىنھان بىلەن مەتۇ ئىزدىنىشنىڭ يارىشىقى، ناۋادا ئۇلار بولمىسا ئىزدىنىشنى ئۆسمۈرلەر ئاللىقاچان پېتىقداپ بولاتتى. پىنھاننىڭ ئىنكاسلىرى مەيلى قىزىسۇن قىزىمىسۇن ماڭا شۇنچە ياقىدۇ.  ئىزدىنىشقا پىنھان ، مەتۇلار بولمىسا بولمايدۇ، ئىزدىنىشنى پېتىقدىماقچى بولغانلارنى تۇنجۇقتۇرۇپ قويۇش كېرەك.

turantikin يوللانغان ۋاقتى 2013-10-20 20:47:25

ئىزدىنىشقا كۆز تەگمىسۇن جۇما  {:92:}   {:92:}

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-20 21:09:51

قېنى ماۋۇ بەز، تېخى ئىپادە بىلدۈرمەپتىغۇ \"\"

imtiyaz يوللانغان ۋاقتى 2013-10-20 21:18:03

61- قەۋەتتىكى xahla91نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

قېنى ماۋۇ بەز، تېخى ئىپادە بىلدۈرمەپتىغۇ \"\"

ئاچچىق چىقماپتۇدە !


-------------------------------------------------


مەنمۇ ھېلىقى خرىستىئاننىڭ نەچچە چاپاندا كىرىپ چېلىشىغا ئۇچراپ بۇغۇلۇپلا قالغان ئىدىم

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2013-10-20 21:22:07

ھېلىمۇ مۇنبەر تۈرمىسىگە قاماشنىڭ ئەڭ ئۇزۇن چېكى 30 كۈندىن ئاشمىسۇن دەپ قويغىنىم... 30 كۈن- 30 كۈن قاماۋەرسە نەچچە ئىسىمدا تىزىملىتىشى تەبئىي. \"\"



سەت گەپ، ئېغىز نوچىلىقى ئىزدىنىشتا كۆرۈلمەسلىكى كېرەك ئىدى.

kosan يوللانغان ۋاقتى 2013-10-20 21:25:52

ماۋۇ تېمىمۇ قىزىپتىغۇ... يەنە قانداق ئارخىپلار ئاشكارا بوپ كېتەركىن بۇ تېمىدا؟



ئاۋۇ شەھلاخانىمغا تەسەللى ئېيتىمەن. ئۆزىڭىزنى ئەمدى ئۇپرىتىۋالماڭ. ھېلىمۇ تازا چىقىرىپسىز ئاچچىق دىگەننى \"\" سىزگە خۇشاللىق تىلەيمەن!

bariber يوللانغان ۋاقتى 2013-10-20 21:43:39

كېسەلنى يوشۇرسا ئۆلۈم ئاشكارە.ئاۋۋال مۇنبەرنىڭ ساغلاملىغى ئۈچۈن ناچار ئىنكاسلار كەسكىنلىك بىلەن تازىلىنىشى كېرەك.

uyghurjan0997 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-20 22:08:47

خۇداغا شۇكرى پەقىرمۇ ئەزە بولغاننىڭ بۇينى تۈرمىگە چۈشمۈدۈم .  {:92:}  

مەنمۇ ئىزدىنىشقا باشقا بىر ئىسىمدا ئەزا بولغان ، بىرسىگە يامان گەپ قىلغىنىم ئۈچۈن  قايتا تىزىملىتىپ كىرگەن . ئۇ ئىسىمدا قايتا كىرمىدىم بىرسىنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتقىنىمدىن خىجالەتچىلىكتە . كىشىنى رەنجىتكەنلەرمۇ ئويلاپ قالدىغانسىلە غاتا قىلغىنىڭلىنى ؟ .

ئىزدىنىشقا كۆز تەگمىسۇن ، ئىزدىنىشنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولسۇن . پىنھاندىن رەنجىمەسلىك كېرەك،

باشقۇرغۇچىلار بەك يۇمشاق قوللۇق قىلسا ئاقىبىتى ياخشى بولمايدۇ . پىنھانغا خوشامەت قىلىپ

دىمىدىم جۇما ما گەپنى  \"\" .

uchkur1 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-20 22:16:22

ئىزدىنىشنىڭ پەيزنى قويمىغىلى تۇردىمۇ نىمە بۇخەق .

راست گەپنى قىلسام مۇشۇ 2-3يىلنىڭ ياقى سەل قالايمىقان بۇ مۇنبەر.

سوقاشماي بەش ئالتە يىل ئۆتكەن مۇشۇ مۇنبەردە(ئېسىل چاغلارتىدە ئۇ كاساپەت)

ئەڭ بىلىملىك بالىلار كىرىدۇ بىلىم ئۈگىنەلەيمىز دەپ ئەزا بولىتۇق شۇ چاغدىمۇ

پەن تىخنىكىغا ئائىت نەرسىلەر80% تىن ئارۇقمىكىن دەيمەن

مۇشۇ ئۆزھال ، پىنھان قاتارلىق بالىلار يوللىغاندىن باشقا ئەدەبىيات سەنەت

يوللانمايتى بۇرۇن . يوللىغاندىمۇ شۇنداق قىزقارلىق مىيۇزىكفەن قاتارلىق بالىلار.

ھازىر خاسىلىقى قالماي بىر ناخشچىنى تونۇشتۇرسا ئۇنى غاجاپ (بۇرۇن ئۇنداق ئش يوقتى )

بىر شىئىر يازسسا ئۇنى تالاپ، ئۇرۇش جىدەل ، چىقىۋاتقان

مىسرانىم ئۇبۇ قاتارلىق ئاڭقاۋلاردىن زىركىپ ، ئۇرۇش جىدەلدىن قىچىپ

مۇشۇ مۇنبەرگە كىرسە مۇشەمۇ شۇنداق بوپقالدى (مەسىلە زادى قەيەردە)

يا بالىلارنىڭ ئاڭ سەۋىيەسى تۆۋەنمىكى دىسە بىر بىرگە گەپ بەرمەي

ئۈستۈنلۈك تالىشۋاتقان ،(شۇنىڭغا قارىغاندا \"\" مىكىن )

ئاياللىرى تېخى بولدى قىلمىغان يا ئەرلىرى (ماشتا ساراڭلىنى IP ID توڭلىتىۋەتكەن بولسا)

باشنى ئاغرىتىپ

ekram8100 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-20 22:28:24

مەنمۇ ئىزدىنىشقا 2009يىلدىن بۇرۇن ئەزا بولغان،تور ئەسلىگە كەلگەندىن كىيىن ھازىرقى ئىسمىم بىلەن تىزملاتقان،ئىزدىنىش مۇنبىرىدە بۇرۇن بەك سەرخىل تىمىلار يوللىناتتى،ھەم ئىنكاسلارمۇ ھەققى مۇنازىرىدەك ئىدى،بولسا مۇشۇ بۇرۇنقىدەك ئاز بولسىمۇ ساز بولسا

ulukjan يوللانغان ۋاقتى 2013-10-20 22:28:51

بەزىلەرنىڭ ئىنكاسىنى كۆرۈپ كىچىك بالىلار يىغىلىپ قالدىمۇ نېمە دەپ قالدىم.

umut33 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-20 22:38:50

توربەتنى قۇرۇپ ،ماڭدۇرۇپ ،يەنە شاماللاردىن ساقلاپ قېلىش ئاسان ئىش ئەمەس ،شۇڭا مۇنبەر ئۈچۈن قاتتىق قول بولغان باشقۇرغۇچىلارنى ،مۇستەبىت دەپ خاپا بولساق بولمايدۇ .بۇرۇن خېلى تور بەتلەر بولدىغان شۇلارمۇ شامالدا ئۇچۇپ كەتتى شۇڭا بەزىدە مۇستەبىتلىكمۇ ئارتۇقچە ئەمەس .

لىكىن يېقىنقى مەزگىلدە مۇنبەردە ،ساپلا ئۆزۈمنىڭ راس دەپ تۇرۋالدىغان تورداشلار كۆپىيىپ قاپتۇ باشقىلارنىڭ پىكرىگە ،ئىنكاسلىرىغا ھۆرمەت قىلدىغان ئىشلار ئازلاپ كىتىپتۇ
بەت: 1 2 [3] 4 5 6 7 8 9
: ئىزدىنىش مۇنبىرى كىمنىڭ دۈشمىنى ؟