paradocs يوللانغان ۋاقتى 2012-10-2 14:15:57

ئاپپاق خوجىنىڭ «جاھان كېزىش» نامى بىلەن تىبەتكە قىلغان سەپىرى ھەققىدە

ئاپپاق خوجىنىڭ «جاھان كېزىش» نامى بىلەن تىبەتكە قىلغان سەپىرى ھەققىدە


ئەخمەتجان ھەسەن



مۇھىم مەزمۇنى:بۇ ماقالىدە «ئاپپاق خوجا» نامى بىلەن مەشھۇر بولغان خوجا ھىدايەتۇللا ئىشاننىڭ 17– ئەسىرنىڭ 70– يىللىرى يەكەن سەئىدىيە خانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانى ئىسمائىلخان تەرىپىدىن يەكەن خانلىقى تەۋەسىدىن قوغلاپ چىقىرىلغاندىن كېيىن، سەئىدىيە سەلتەنەتىنىڭ تەختىنى تارتىۋېلىش، ئۆچ ئېلىش، قارشىلىشىش ئوي– خىياللىرىنىڭ تۈرتكىسىدە، قىلچەئۇيالماستىن ۋە ئارىلىقنى يىراق كۆرمەستىنتىبەتكە بىرىپ لاما دىنىنىڭ دىنىي، سىياسىي داھىيىسى دالاي لاماⅤكە ئۆز «قىيىنچىلىقى» دىن ھال- داتلاشتا قايسى يوللار ئارقىلىق بېرىپ كەلگەنلىكى نۇقتىلىق بايان قىلىنىدۇ.


ئاچقۇچلۇق سۆزلەر:ئاپپاق خوجا؛ قاچقۇن ھايات؛ تىبەتكە سەپەر



ھەممىمىزگە مەلۇم، ئاپپاق خوجا يەكەن خانلىقى تەۋەسىدىن قوغلانغان ۋاقىت تەڭرىتاغنىڭ شىمالىدىكى زېمىنلارغا ئۇيرات موڭغۇللىرى ئىگىدارچىلىق قىلىۋاتقان ھەم ئۇلارنىڭ سىياسىي گەۋدە سۈپىتىدە تارىخ سەھنىسىدىن ئورۇن ئالغان ھاكىمىيەت ئاپپاراتى ـــ جۇڭغار خانلىقى كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان، يەكەن خانلىقى بولسا كۈنسېرى ئاجىزلىشىپ پەقەت تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىدىكى زېمىنلارنىلا ئىدارە قىلىدىغان ھالغا چۈشۈپ قالغان، خانلىق تەۋەسىدە تەپرىقچىلىق، ئىچكى نىزا، مەزھەپچىلىك، پىرقىۋازلىق، بۆلۈنۈش ۋە پارچىلىنىش ئېغىرلىشىۋاتقان، مەخدۇم ئەزەم ئەۋلادلىرى بولغان خوجا– ئىشانلارنىڭ، بولۇپمۇ ئاپپاق خوجا باشچىلىقىدىكى ئاقتاغلىق ئىشانلار گۇرۇھىنىڭ كۈچى كۈنسېرى كۈچىيىپ، خانلىقنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىغا قول تىقىش ھەرىكەتلىرى ئەۋج ئالغان، «ئاقتاغلىق» سوپى– ئىشانلار بىلەن «قاراتاغلىق» سوپى– ئىشانلار ئوتتۇرىسىدىكى جەڭگە جىدەل كۈچەيگەن ۋاقىت ئىدى.

17- ئەسىرنىڭ 70– يىللىرى زالىم، ئىسيانكار يولۋاسخاننى ئۆلتۈرۈپ يەكەن خانلىقىنىڭ تەختىدە ئولتۇرغان ئىسمائىلخان «ئاقتاغلىق» ۋە «قاراتاغلىق» تىن ئىبارەت ئىككى گۇرۇھ ئوتتۇرىسىدىكى ئۆچمەنلىك، قىساس تۈسىنى ئالغان كۈرەشلەرنىڭ ئۆزىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزىشى ئۈچۈن پايدىسىز ئىكەنلىكىنى، بۇ ئىككى گۇرۇھنىڭ خانلىقتا تۈرلۈك قالايمىقانچىلىقلارنى پەيدا قىلىپ، خانلىق ھوقۇققا تەھدىت سېلىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلغان، شۇنىڭ بىلەن ئىسمائىلخان ھاكىمىيىتىگە بولغان تەھدىتنى يوقىتىش ۋە ئۆزىنى قوللىغان قاراتاغلىقلارنىڭ ئارزۇسىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، ئاقتاغلىق ئىشانلار گۇرۇھىنىڭ پىرى ئاپپاق خوجىنى يەكەن خانلىقى تەۋەسىدىن قوغلاپ چىقارغان.

ئاپپاق خوجا ناھايىتى زېرەك بىر سىياسىي قارانىيەتچى بولۇپ، ئۇ شۇ دەۋردە تەڭرىتاغنىڭ شىمالىدا كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان جۇڭغار خانلىقى ھۆكۈمرانلىرىنىڭ تىبەتتىكى دالاي لاماⅤنىڭ سىزغان سىزىقىدىن چىقمايدىغان، سۆزىنى يىرمايدىغان، ئۇنىڭ تاپشۇرۇقىنى جان دەپ ئورۇندايدىغانلاردىن ئىكەنلىكىنى، يەكەن خانلىقىغا تاقابىل تۇرالايدىغان سىياسىي كۈچنىڭ جۇڭغار خانلىقى ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلگەن. چۈنكى، شۇ ۋاقىتتىكى يەكەن سەئىدىيە خانلىقىنىڭ غەربىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىغا نەزەر سالساق، 17– ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن 18– ئەسىرنىڭ باشلىرىغا قەدەر مەزكۇر رايوندا مۇستەھكەم ھاكىمىيەت ئاساسىغا ئىگە بىرەر خانلىق تېخى روياپقا چىقمىغان بولۇپ، پەقەت بىر– بىرى بىلەن ئۇزاقتىن بۇيان ئۇرۇش– جېدەل قىلىپ كېلىۋاتقان بۇخارا خانلىقى بىلەن خىۋە خانلىقى بار ئىدى. بۇلار ئوتتۇرىسىدىكى ئىتتىپاقسىزلىق، شۇنداقلا يەرلىك بەگ– ئەمىر ۋە خوجىلار ئوتتۇرىسىدىكى ھەرقايسى گۇرۇھ ۋە تەبىقىدىكىلەرنىڭ مەنپەئەتلىرىنى چۆرىدەپ ئوتتۇرىغا چىققان زىددىيەتلەر ئاپپاق خوجىنىڭ ئاتا– بوۋىلىىرى ياشاپ ئۆتكەن پەرغانە ۋادىسىدىكى فېئودال ھۆكۈمرانلارنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىپ، يەكەن سەئىدىيە خانلىقىنىڭ تەخت تاجىنى بېشىغا كېيىش «ئارزۇ» سىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا پايدىسىز ئىدى. شۇڭا، ئۇ تەڭرىتاغنىڭ شىمالىدا كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان جۇڭغار ھۆكۈمرانلىرىنىڭ ئۇزاقتىن بېرى يەكەن خانلىقىغا تەھدىت سېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، مەزكۇر رايوننى يۇتۇۋېلىش غەرىزىنىڭ بارلىقىنى ئوبدان بىلگەچكە، جۇڭغار خانلىقىنىڭ ياردىمىنى قولغا كەلتۈرۈپ، يەكەن سەئىدىيە خانلىقىنىڭ ھاكىمىيىتىنى تارتىۋېلىشنى كۆڭلىگە پۈككەن. شۇنداق قىلىپ تارىخىمىزدا ئۆتكەن بۇ «ئۇلۇغ ئەۋلىيا»نىڭ «ئارزۇ»سى ئۇنىڭ جۇڭغار خانلىقىنىڭ 3- خانى غالدانغا يول باشلىشى ۋە ھەمدەمدە بولۇشى بىلەن ئىشقا ئاشقان.

    كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئاپپاق خوجىنىڭ تەخت، ھوقۇق، ئەمەل– مەنسەپلەرنى پۈتۈنلەي ئۆز چاڭگىلىغا ئېلىۋېلىش «قىزغىنلىقى» دىن قىلچە بوشاشماي، سىياسىي مەقسىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، 12 يىل «جاھان كېزىش» نامى بىلەن كۆپ يەرلەرنى ئارىلاپ، ئۇزاق مۇساپىلەرنى بېسىپ ئاخىرى تىبەتتىكى لاما دىنىنىڭ دىنىي، سىياسىي داھىيسى دالاي لاماⅤنىڭ قېشىغا بارغانلىقى، ئۇنىڭ خوجا– ئىشانلارنىڭ «تەخت- سەلتەنەت» ىنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن مەقسەتلىك، غەرەزلىك ۋە پىلانلىق باسقان تۇنجى قەدىمى ئىدى.  

    بۇ ھەقتە تەزكىرە– قوليازمىلاردا ۋە تارىخىي ئەسەرلەردە كۆپلەپ مەلۇمات قالدۇرۇلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ «جاھان كېزىش» نامى بىلەن تىبەتكە قىلغان سەپىرى ھەققىدىكى مەلۇماتلار بىر– بىرىدىن پەرقلىنىدۇ. بۇ يەردىكى ئاساسلىق پەرق، بەزى ئەسەرلەردە ئاپپاق خوجىنىڭ جاھانكەزدىلىك ھاياتى 10 يىل داۋاملاشقان دېيىلسە، يەنە بەزىسىدە 12 يىل داۋاملاشقان دېيىلگەن (قايسى كىتابنىڭ نەچچىنچى بېتىدە شۇنداق دېيىلگەن؟ ئېنىق بولسۇن). تىبەتكە بېرىشى توغرىسىدا بەزى ئەسەرلەردە لەنجۇ، چىڭخەي ئارقىلىق بارغان دېيىلسە، يەنە بەزى ماتېرىياللاردا كەشمىر ئارقىلىق بارغان دېيىلگەن (قايسى كىتابنىڭ نەچچىنچى بېتىدە شۇنداق دېيىلگەن؟ ئېنىق بولسۇن). لېكىن بۇ يەردىكى ئوخشاشلىق ئۇنىڭ تىبەتكە بېرىپ دالاي لاماⅤدىن ياردەم تەلەپ قىلغانلىقى ۋە ئۇنىڭ «تونۇشتۇرۇش خېتى» نى ئېلىپ جۇڭغار خانى غالداننىڭ قېشىغا كەلگەنلىكىدۇر.

    دېمەك، ئاپپاق خوجىنىڭ يەكەن خانلىقىدىن قوغلاپ چىقىرىلغاندىن كېيىنكى سەرگەردانلىق ھاياتى قانچىلىك داۋاملاشتى؟ تىبەتكە بېرىش ئۈچۈن قايسى يولدا ماڭدى؟ دېگەن مەسىلە تەتقىقات ساھەسىدە ھازىرغىچە تالاش– تارتىش بولۇپ كېلىۋاتقان مەسىلىدۇر. مەزكۇر ماقالىدە، مەن ئاپپاق خوجىنىڭ ھايات پائالىيىتىگە دائىر تارىخىي تەزكىرە ۋە قوليازمىلارغا، تەتقىقاتچىلىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتىكى تەتقىقات نەتىجىلىرىگە، شۇنداقلا بۇ ھەقتىكى خەلق ئارىسىدا تارقىلىپ يۈرگەن سۆز– چۆچەكلەرگە مۇراجىئەت قىلىپ، قايسى خىل قاراشنىڭ تارىخىي رېئاللىققا ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ چىقماقچى.

    ئاپپاق خوجىنىڭ سەرگەردانلىق ھاياتى توغرىسىدىكى مەلۇماتلار ئىچىدە ئەڭ تەسىرى بار مەلۇمات ئېكسپېدىتسىيەچى چوقان ۋەلىخانوف[①]نىڭ مەلۇماتىدۇر. ئۇ 1858~ 1859– يىللىرى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ جۇغراپىيەلىك تۈزۈلۈشى، ئاھالىسى، ئىجتىمائىي، سىياسىي، ئىقتىسادىي ئەھۋالىنى ئىگىلەش ئۈچۈن، پەۋقۇلئاددە ھەربىي ۋەزىپە بىلەن جەنۇبىي شىنجاڭغا كەلگەنىدى. ۋەلىخانوف ئۆزىنىڭ تىل جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىقى، تارىخ، جۇغراپىيە بىلىملىرىنىڭ موللۇقى بىلەن ئۆزىنىڭ قەدىمى يەتكەن ھەر بىر جاينىڭ تارىخى، جۇغراپىيەلىك تۈزۈلۈشى، ھاۋا كېلىماتى، ئاھالىسى، خەلقلىرىنىڭ ئۆرپ– ئادىتى، دىنىي ئېتىقادى، ئىقتىسادىي ئەھۋالى قاتارلىق جەھەتلەردە ئىگىلىگەن ماتېرىياللارىدىن ناھايىتى تەپسىلىي خاتىرە يېزىپ ماڭغان. جۈملىدىن ئۇ جەنۇبىي شىنجاڭغا قىلغان سەپىرىدىمۇ، ناھايىتى مول ماتېرىيالغا ئېرىشكەن بولۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ شۇ ۋاقىتقىچە بولغان تارىخى، خوجىلارنىڭ بۇ زېمىنغا كېلىشى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى پائالىيەتلىرى ھەققىدە تەپسىلىي خاتىرە قالدۇرغان. ئۇ قەشقەردىكى پائالىيىتى جەريانىدا توپلىغان ماتېرىياللىرىدىن بىر قىسمىنى تاللاپ رۇسچىغا تەرجىمە قىلىپ، ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى تەتقىقاتى بىلەن قوشۇپ ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇ «تەزكىرەئى ئەزىزان» نى تۇنجى بولۇپ ئىلىم ساھەسىگە ئېلىپ كىرگەنىدى. شۇنىڭدىن كېيىن، ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقاتىغا قىزىققۇچى ئالىملارنىڭ بۇ ئەسەرگە بولغان قىزىقىشى قوزغىلىپ، بۇ ئەسەرنى تەتقىق قىلىشقا كىرىشكەنىدى. چوقان ۋەلىخانوفنىڭ 1858~1859– يىللىرى جەنۇبىي شىنجاڭدا ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈش جەريانىدا يازغان كۈندىلىك خاتىرىلىرى، تەكشۈرۈش دوكلاتلىرى ئۇنىڭ «ئالتىشەھەرنىڭ 1858~1859– يىللىرىدىكى ئومۇمىي ئەھۋالى» ناملىق دوكلاتىدا ئىلان قىلىنغان. ۋەلىخانوف مانا شۇ ماتېرىيالىدا خوجىلار ھەققىدە خېلى كەڭ توختالغان بولۇپ، ئۇ: «قاراتاغلىقلارنىڭ مۇرىتى بولغان يەكەن سەئىدىيە خانلىقىنىڭ خانى ئىسمائىل خان ئاپپاق خوجىنى يەكەن خانلىقىدىن قوغلاپ چىقىرىدۇ. خوجا ھىدايەتۇللا كەشمىرگە قاچىدۇ ۋە ئۇ يەردىن تىبەتكە بارىدۇ. ئۇ دالاي لامانى تاۋاپ قىلىپ ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئالىدۇ، دالاي لاما ئۇنىڭغا بىر پارچە مەكتۇپ يېزىپ بېرىپ، غالدان بىلەن كۆرۈشۈشكە بۇيرۇيدۇ»[②]دەيدۇ.

    ۋەلىخانوفنىڭ يۇقىرىقى مەلۇماتى 1861– يىلى «رۇسىيە خان جەمەتى جۇغراپىيە ئىلمىي جەمىئىيىتى ژۇرنىلى» نىڭ 3– سانىدا ئىلان قىلىنغان. جون مىشىر بىلەن روبىرت مىشىر ئۇنى ئىنگلزچىغا تەرجىمە قىلىپ، «رۇسلار ئوتتۇرا ئاسىيادا» ناملىق كىتابىغا كىرگۈزگەن. شۇنىڭدىن تارتىپ ۋەلىخانوفنىڭ كۆزقارىشى ناھايىتى كەڭ تارقىلىپ، ئىلىم ساھەسىدىكىلەرنىڭ تېزلا دىققىتىنى قوزغاپ، بارتولدنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپ سانلىق ئالىم، تەتقىقاتچىلارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن.

    ئەنگلىيەلىك ئالىم ئېلىئاس (N.Elias) نىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا، ۋەلىخانوف يۇقىرىقى دوكلاتىنى يېزىشتا ئاساسلىقى مۇھەممەد سادىقنىڭ «تەزكىرەئى ئەزىزان» ناملىق ئەسىرىگە ئاساسلانغان، مەزكۇر ئەسەرنى روبېرت شاۋ (R.shao)1897- يىلى ئىنگلىزچىغا تەرجىمە قىلغان. گەرچەروبېرتشاۋ بۇ ئەسەرنى تولۇق ۋە مۇكەممەل تەرجىمە قىلالمىغان بولسىمۇ (ئۇ تەرجىمىدە قىينالغانلىقتىن، خېلى بىر قىسىم مەزمۇنلارنى چىقىرىۋەتكەن)، لېكىن بۇ ئەسەرنىڭ ئىنگلىزچە تەرجىمىسىنىڭ مۇھەررىرى ئېلىئاسمەزكۇر ئەسەرگە ھەجىم جەھەتتىن خېلى ئۇزۇن ھەم تەتقىقات خاراكتېرلىق بىر مۇقەددىمە يازغان بولۇپ، ئۇزۆرۈر ئىزاھلارنى قوشۇپ«مۇقەددىمە ۋە باھا» دەپ ئاتالغان سۆز بېشى ئورنىدىكى بۇ تەتقىقات نەتىجىسىنى ئىلان قىلغان. ئەمەلىيەتتە بۇ «تەزكىرەئى ئەزىزان» ھەققىدە خېلى چوڭقۇر ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقات بولۇپ،1898– يىلى كالكۇتتادا نەشر قىلىنىۋاتقان «بېنگال ئاسىيا تەتقىقات جەمئىيىتى ئىلمىي ژۇرنىلى» (JASB) نىڭ 66– جىلد 1- سانىنىڭ قوشۇمچىسى سۈپىتىدە ئېلان قىلىنغان. شۇنىڭدىن بۇيان«تەزكىرەئى ئەزىزان» نىڭ بۇ تەرجىمىسىغەرپ ئالىملىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ،ئۇلار تەرىپىدىن كەڭ تۈردە پايدىلىنىپ كېلىۋاتىدۇ.

    مەملىكىتىمىزدەچېن جۈنمۇ ئەپەندى بىلەن جۇڭ مېيجۇ ئەپەندى روبېرت شاۋ تەرجىمە قىلغان«تەزكىرەئى ئەزىزان» نىڭئىنگلىزچە تەرجىمە نۇسخىسىنى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىپ، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى مىللەتلەر تەتقىقات ئىنستىتۇتى تارىخ تەتقىقات ئىشخانىسى 1980– يىلى ئىشلىگەن «مىللەتلەر تارىخىغا دائىر تەرجىمە ماقالىلار توپلىمى» نىڭ 8– توپلىمىغا كىرگۈزۈپ ئېلان قىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن، مەملىكىتىمىزدە سەئىدىيە خانلىقى تارىخى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى تارىخلار ھەققىدە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئالىملار ئۆز تەتقىقاتلىرىدا بۇ ئەسەردىن كەڭ پايدىلىنىپ كېلىۋاتىدۇ.

    ئاپپاق خوجىنىڭ سەرگەردانلىق ھاياتى ھەققىدە يۇقىرىقى تەرجىمىدە:«ئىسمائىلخان ئاپاق خاجامنىكاشىغەردىن ھەيدەپ چىقارغاندا، خىراج قىلىپ شەھەر بىشەھەر يۈرۈپ كەشمىر ۋىلايەتلىرى بىلەن كۆزلەرى چىن مەملىكىتىگە چۈشۈپ، ئاندىن يۈرۈپ‹جۇ›دېگەن كافىرلەرنىڭ بۇتخانىسىگە چۈشتىلەر. ئاندا چىن كافىرلەرىدىن بەرەھمەنلەر بار ئىدى»[③]دېيىلگەن بولۇپ، ئاپپاق خوجا ئۆزىنىڭ «كەشپ- كارامەتلىرى» بىلەن ئۇلارنى ھەيرانلىقتا قالدۇرۇپ، كۆڭلىنى ئۇتقاندىن كېيىن، ئۇلار ھىدايەتۇللا ئىشاندىن ئۇنىڭ كىملىكى، قەيەردىن كەلگەنلىكىنى سورىغان. بۇ ھەقتە«تەزكىرەئى ئەزىزان» ناملىق كىتابتا: «سوئال قىلدىكى:‹كىمدۇرسىز؟ قايسى تەرەپتىن كىلۇرسىز؟›ھەزرەت ئەيدىلەر: ‹مەن مۇسۇلمان فىرقەلەرىنىڭ ئالىم، سەيدزادىسىدۇرمەن، خۇسۇسەن ياركەند، كاشىغەر خەلقى مۇرىت- مۇخلىسىم ئەردى. ھالا بۇ شەھەرلەرنى بىراۋ مەندىن سويۇپ ئالدى ۋە مېنى قوغلاپ چىقاردى. سىزدىن ئىلتىماس قىلادۇرمەنكى، كىشى بۇيرۇپ مېنىڭ يۇرتۇمنى قولۇمغا ئالىپ بەرگەيسىز›»[④]دېيىلگەن. دالاي لاما ئاپپاق خوجىنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۇ ئۆزىنىڭ تەسىرى ئاستىدىكى جۇڭغار ھۆكۈمرانى غالدان بۆشۇكتۇغا خەت يېزىپ بېرىدۇ، ئاپپاق خوجا ئۇ يېزىپ بەرگەن خەتنى كۆتۈرۈپ جۇڭغار خانى غالداننىڭ قېشىغا بارىدۇ. بۇ ھەقتە«تەزكىرەئى ئەزىزان» ناملىق كىتابتا:«بەرەھمەن ئەيدى: ‹بۇ يەردىن ئۇ يەرگە لەشكەر بارماغى دىشۋار› دەپ قالماققا خەت پۈتتى»[⑤]. «ئى بىشەۋكەتى خان، ئافاق بىسيار ئۇلۇغ، ئۆز دىنىدا كامىل مۇئەككەل كىشىدۇر. كاشىغەرنىڭ، ياركەندنىڭ خاجەسى ئىكەن. ئىسمائىلخان دېگەن مۇنىڭ يۇرتىنى سويۇپ ئالىپتۇ. كېرەككى لەشكەر ئىبەرىپ، يۇرتىنى قولىغە ئالىپ بەرگەيسەن ۋە ئەگەر سەۋەپ قىلماسەڭ مۈشكۈل بولغۇسىدۇر»[⑥]، «خاجە ئافاق بۇ خەتنى ئالىپ، قالماق تۆرەسىگە يەتكۈزدى. تۆرە كامال تەۋازۇئ بىرلە خەتكە ئەمەل قىلىپ، ئۆز لەشكەرى بىرلە كاشىغەرغە يۈزلەندى»[⑦]دېيىلگەن. ئەلۋەتتە، ئۆزىنى قەشقەر، يەكەننىڭ خوجىسى، سەييىدزادىسى دەپ ئاتاپ كەلگەن ئاپپاق خوجىنىڭ بۇ خەتنى كۆتۈرۈپ غالداننىڭ ئالدىغا كېلىشى، ئۇزاقتىن بېرى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىدىكى رايونلارنى ئۆزىنىڭ تەسىر دائىرىسىگە كىرگۈزۈشنىڭ شىرىن چۈشىنى كۆرۈپ، چىشىنى بىلەپ ئولتۇرغان غالدانغا ئالەمچە خۇشاللىق ئېلىپ كەلگەنىدى.

    19– ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا يېزىلغان «ئىخلاسمەنلەرنىڭ سىرى ــــ مەخدۇم ئەزەم تەزكىرىىسى» دە: «جانابى ئاپاق خوجام بۇ نۆۋەت جاھاننى 10 يىل ساياھەت قىلدى. ئاخىرى *** مەملىكىتىگە باردى، لەنجۇ شەھىرىگە يەتتى. لەنجۇ خەلقىنىڭ ئىنتايىن تولالىقى بىلەن ئاۋات ئىدى، ئۇ چاغلاردا ***لار قالماقلاردىن تولا ئەندىشە قىلاتتى. ئاپاق خوجام شەھەرنىڭ سىرتىدىكى تۇڭگان مەسچىتىگە چۈشتى، مەسچىتنىڭ سەيناسىدا بىر تۈپ ئاچچىق ئۈرۈك بولۇپ، مېۋىسى زەھەر ئىدى، ھەر كىم يېسە ئۆلەتتى. بۇ ئەھۋالدىن ھەممە خەلق ھەيران قالغانىدى. بۇ مەسچىتنى سۈپۈرۈدىغان جارۇپكەش مۇنداق دېدى: سىزلەر مۇساپىر ئىكەنسىزلەر، مۇنۇ ئۆرۈكنىڭ مېۋىسىدىن يەپ سالمىغايسىزلەر، بۇ ئۆرۈك بۇ يىل زەھەر بولۇپ قالدى. ئاپاق خوجام مۇنداق دېدى: دەرەخنىڭ مېۋىسىنى زەھەر قىلغانلىق خۇدانىڭ قۇدرىتىدۇر، يەنە ئۇ زەھەردەك مېۋىنى بىز ئۈچۈن ھەسەلدەك قىلىپ بېرىشكىمۇ قادىر، ھەسەل بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس دەپ، تازا پىشىپ تۇرغان ئاچچىق ئۆرۈكنى ئاپاق خوجام مۇبارەك قولى بىلەن ئىرغىتتى، مېۋىلىرى تۆكۈلۈپ چۈشتى. ئاپاق خوجام: ئەي يارانلىرىم ئەندىشە قىلماي يەڭلار دېدى. سوپىلار دەرھال يېدى. تۇڭگانلار ئەھۋالدىن قورقۇپ ئۆزلىرىنىڭ كاتتىباشلىرىغا مەلۇم قىلدى. كاتتىباش تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئادەم ئەۋەتىپ ھېچ نەرسە تاپالمىدى. خادىملار بۇ ئەھۋالنى كاتتىباشقا مەلۇم قىلدى، كاتتىباش خاقانىغا مەلۇم قىلدىكى، بۇ شەھەرگە مۇسۇلمان سودىگەرلىرىدىن بىر گۇرۇھ كىشىلەر پەيدا بولدى، سودىگەرمىكىن دېسەم رەخت- ماتالىرى يوق، قاچقان ئەسكەرلەرمىكىن دېسەم جەڭ ئەسۋاپلىرى يوق دېدى. خان: بۇ مۇساپىرلار بىر ئىشتىن خالىي ئەمەس، بىر قانچە كۈن ئېھتىيات بىلەن دىققەت قلىڭلار دېدى. بىر نەچچە كۈندىن كېيىن، خان ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولدى. بۇ يۇرتتىكى پۈتۈن تېۋىپلار خاننى داۋالاشقا ئاجىزلىق قىلدى. چۈنكى ھەزرىتى ئاپاق خوجامنىڭ دىلى خاندىن رەنجىگەن ئىدى، شۇڭلاشقا خانغا كېسەل چاپلاشتى. چىراغچىلار، قۇرئەندازلار دېدىكى: خاننىڭ كېسىلى مىجەزىنىڭ ۋە تەبىئىتىنىڭ ئېگىز- پەسلىكىدىن ئەمەس، بەلكى ئاخىر زامان پەيغەمبىرى مۇھەممەدنىڭ ئەۋلادىدىن بىر كىشىنىڭ دىلى خاندىن ئاغرىغان ئىكەن، شۇنىڭ ئۈچۈن خان كېسەلگە گىرىپتار بولۇپتۇ، دىدى. خان ھەزرىتى ئاپاق خوجامغا خەت ئەۋەتتى: جانابلىرىغا يامان گۇمان بىلەن قارىغان ئىكەنمىز، ئۆزرىمىزنى قوبۇل قىلىپ گۇناھىمىزنى ئەپۇ قىلىشلىرىنى سورايمىز دېدى. ئاپاق خوجام تۈكۈرۈكىگە بىر ئاز سۇ ئارىلاشتۇرۇپ بىر شىشە قۇتىغا سالدى ۋە خانغا ئىبەرىتتى، خان شۇ زامان ساقايدى. خان رەھمىتىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، ھەر خىل رەخت- ماتا، زىلچە- گىلەملەرنى 40 تۆگىگە يۈكلەپ خوجامغا سوۋغا قىلدى. خان لەنجۇ تەۋەسىدىكى بارلىق ئەمەلدارلارغا مۇنداق دەپ خەت يازدى: بىزگە تەۋە ھەر قانداق شەھەرگە مۇشۇ مۇساپىر مېھمانلار بارسا، زىياپەت بېرىپ، ياخشى كۈتۈڭلار، ھەممە خادىملار ۋە تەۋەلىكتىكى بارلىق خەلقلەر بىلەن خەزىنىدىكى ئىقتىسادنى سەرپ قىلىپ، مۇشۇ مېھمانلارنىڭ خىزمىتىنى قىلىڭلار. ئەگەر بۇ مېھمان خەزىنىدىكى نەرسىنىڭ قاندىقىنى تاللىسا دەرھال بېرىڭلار، ھەرگىز ئايىماڭلار دېدى. ئاپاق خوجام خاننىڭ خەزىنىسىگە كىرىپ ھەممە نەرسىنى كۆردىيۇ، ھېچ نەرسىنى قوبۇل كۆرمىدى. پەقەت چاي خەزىنىسىگە نەزەر قىلدى. بىزگە مۇشۇ چايدىن بېرىڭلار دېدى، خەزىنىچى نېمىنى كۆڭۈللىرى تارتسا ئېلىۋەرسىلە دېدى. ئاپاق خوجام 18 تۆگىگە خۇشبۇي چاي ئارتىپ سالا دېگەن شەھەرگە كەلدى. بۇ شەھەرنىڭ خەلقى پۈتۈنلەي مۇسۇلمان ئىدى. ئاپاق خوجام بۇ شەھەردە ئالتە ئاي تۇردى. خانىقا بىنا قىلدى. سالا شەھرىنىڭ پۈتۈن خەلقى ھەزرىتى خوجامغا قول بەردى. ئالتە ئايدىن كېيىن ئۇقايەتۇللا ئىسىملىك، لەقىمى ئالتۇن باش ئاخۇن ناملىق ئىبادەت ۋە ئىستىقامىتى ئىنتايىن كۈچلۈك بىر كىشىنى ئۆز ئورنىدا خەلىپە قىلىپ تەيىنلەپ، سالادىن چىقىپ سىچۇئەن (سىچۈەن) گە كەلدى. بۇ ئۆلكىدە ***، قالماق ۋە تىبەت كاپىرلىرى بار ئىدى. تىبەت خەلقى چىراغچى ۋە رەمباللارغا ئېتىقاد قىلاتتى. تىبەت دېگەن جايدا دالاي لاما ناملىق بىر چىراغچى بولغان. ئاپاق خوجام تىبەتكە يېتىپ كەلگەننى دالاي لاماغا شېپى قىلدى. بىزنىڭ تەرەپىمىزگە ئاق دەستار كىشى كەلدى. بۇ كىشى ئۇلۇغ زاتتۇر دەپ ئاپاق خوجامنى قارشى ئېلىپ ئالدىغا چىقتى. ئات- ئۇلاغ ۋە باشقا پەش- كەشلەرنىئالدىغا ئىبەرىتتى. دالاي لاما يولدا بىر چېدىر تىكتى، چېدىرغا بىرقانچە تۆشۈكلەرنى قويدى. بىرقانچە قاچىلارنى سۇغا تولدۇرۇپ، ھەر بىر قاچىنى بىردىن تۆشۈككە ئېسىپ قويدى. ۋاقىتكى ئاپاق پادىشاھىم يېتىپ كەلدى. دالاي لاما جانابى پادىشاھىمنىڭ ئالدىغا يۈگۈردى، ئاتنىڭ يۈگۈنىنى يېتىلەپ چېدىرنىڭ قېشىغا كەلدى ۋە چېدىرغا تەكلىپ قىلدى. ھەزرىتى پادىشاھىم بىسمىللاھىررەھمانىررەھىم دەپ چېدىرغا قەدەم قويىۋىدى، دالاي لامانىڭ قىلغان ھىيلىلىرى، ئەپسۇنلىرى يوقاپ كەتتى. چېدىرنىڭ ئورنى بولغان زېمىن قالدى. دالاي لاما كۈلۈپ تۇرۇپ: يەر يۈزىدە مەندىن ئۇلۇغراق كىشى يوق دەپ ئويلايتتىم، ئەمما جانابلىرى مەندىن ئۇلۇغراق ئىكەنلا. ئاندىن دالاي لاما ئاپاق خوجامنى ئۆزىنىڭ جايىغا تەكلىپ قېلىپ ئۈچ كۈن زىياپەت ئۆتكۈزدى. ئاپاق خوجام يەنە سەپەرنى ئىرادە قىلدى، دالاي لاما: ئەي خوجام بىزگە خىزمەت تاپشۇرۇڭ، بىزنىڭ سىزگە خىزمەت يەتكۈزۈش ئارزۇيىمىز بار ئىدى، دېدى. ئاپاق خوجام: ئەي دالاي لاما سېنىڭ خىزمەت قىلىش ئارزۇيىڭ بولسا، ئىمان ئېيتقىنكى سېنىڭ خىزمىتىڭ مۇشۇدۇر دېدى. دالاي لاما: ھەقىقەتەن بۇ گەپلىرىنىڭ راست ئىكەنلىكىنى بىلىمەن، ئەمما ئىمان ئېيتسام بىرقانچە مەملىكىتىم قولۇمدىن كېتىدۇ، بۇنىڭدىن باشقا خىزمەت بولسا بۇيرۇق قىلسىڭىز، مېنى مەيۇسلەندۈرمەڭ دەپ تولا يالۋۇردى. ئاپاق خوجام مۇنداق دېدى: يەكەن ۋە قەشقەردىكى خەلق بىزنىڭ مۇرىت- سوپىلىرىمىز ئىدى، ئەلھال زالىملار بۇ ۋىلايەتلەرنى تەسەررۇپ قىلىۋاتىدۇ. بۇ ۋىلايەتلەرنى قولىمىزغا كەلتۈرۈپ بېرىڭ، بۇ ۋىلايەتلەرنى زالىملاردىن خالىي ۋە بىز ئۈچۈن مەخسۇس قىلىپ بەرسىڭىز دېدى. دالاي لاما دەرھال بۇ سۆزنى ماقۇل كۆردى. ئىلىنىڭ باشلىقى بۆشۈكتۇ ناملىق قالماق ئىدى، بۇ قالماققا دالاي لاما بۇيرۇق قىلدىكى، سەن ئۆزۈڭ بېرىپ شەھەرلەرنى زالىملارنىڭ قولىدىن ئېلىپ مۇشۇ خوجامنى پادىشالىق تەخت ئۈستىدە ئولتۇرغۇزۇپ قويۇپ قايتىپ كەل، دېگەن مەزمۇندا بۇيرۇق خېتى يېزىپ تامغىسىنى بېسىپ بەردى. بۆشۈكتۇ قالماق خەتنى ئېلىپ 10 مىڭ ئاتلىق ئەسكەر بىلەن قەشقەر تەرەپكە راۋان بولدى. ئاپاق خوجام ئاق ساي يولى بىلەن ئىككى كۈندە قەشقەرگە يېتىپ كېلىپ ئۈستۈن ئاتۇشقا چۈشتى. شۇ كۈنلەردە پۈتۈن قەشقەر خەلقى ئاپاق خوجامنىڭ خىزمىتىگە كېلىپ يېڭىدىن قول بەردى. بۆشۈكتۇ (غالدان) قەشقەرگە تاجاۋۇز قىلغان زالىملارنى ئەسىر ئېلىپ ئىلىغا قايتىتى»[⑧]دېيىلگەن.

    «چوڭ خوجىلار تەزكىرىسى» دىمۇ «ئىخلاسمەنلەر سىرى ـــ مەخدۇم ئەزەم تەزكىرىسى» دىكىگە ئوخشاش مەلۇمات قالدۇرۇلغان بولۇپ، ئىسمائىل خان تەرىپىدىن ھەيدەلگەن خوجا ھىدايەتۇللا ئىشان ۋە ئۇنىڭ «ئىشقىيە» گۇرۇھىدىكىلەرنىڭ مەغلۇبىيىتىگە تەن بەرمەي، كۈچ توپلاپ قايتا باش كۆتۈرۈش كويىغا چۈشكەنلىكى، ھەم ئاشۇ رەزىل سىياسىي قارانىيىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، «دىنىي تەرغىبات ئېلىپ بېرىش»، «جاھان كېزىش» نامى بىلەن «سىرتتىن ياردەمچى ئىزدەش» سەپىرىگە ئاتلانغانلىقى، شۇ قېتىمقى سەپەردە گەنسۇ، چىڭخەي ئارقىلىق تىبەتنىڭ لخاساشەھىرىگە بېرىپ دالاي لاماⅤتىن ياردەم تىلىگەنلىكى، كېيىن ئۇ دالاي لاماⅤيېزىپ بەرگەن خەتنى كۆتۈرۈپ جۇڭغار خانى غالدان باشلاپ ماڭغان قوشۇنغا يول باشلىغۇچى بولۇپ، يەكەن خانلىقىنى ئاغدۇرۇش ھەرىكىتىگە قاتناشقانلىقى بايان قىلىنغان.

    «چوڭ خوجىلار تەزكىرىسى» بىلەن «ئىخلاسمەنلەر سىرى ـــ مەخدۇم ئەزەم تەزكىرىسى» نى بىرلەشتۈرۈپ تەھلىل قىلساق، ئاپپاق خوجىنىڭ شىزاڭغا قۇمۇل، گەنسۇ ۋە چىڭخەيلەر ئارقىلىق بارغانلىقىنىڭ تارىخىي رېئاللىققا بىرقەدەر ئۇيغۇنلۇقىنى بايقىۋالغىلى، شۇنداقلا ئاپپاق خوجىنىڭ شۇ قېتىمقى سەپىرىنىڭ ئەھۋالىنى بىلگىلى بولىدۇ. ئاپپاق خوجىنىڭ شىزاڭغا بارغان ئېنىق ۋاقتىنى چەت ئەللىك ئالىملار 1678– يىلى دەپ مۇقىملاشتۇرغان. شۇنداق بولغاندا ئۇنىڭ تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىغا 1680– يىلى قايتىپ كەلگەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇ[⑨].

    يۇقىرىقىلاردىن باشقا يەنە، ئاپپاق خوجىنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە بارغان ۋاقتى ۋە ئۇ بارغان جايلار توغرىسىدا گەنسۇ، چىڭخەيلەردە ساقلانغان ئاپپاق خوجىغا دائىر ماتېرىياللار ۋە غەربىي شىمالدىكى سوپىزم تەرىقەتلىرىگە دائىر ماتېرىياللاردا، ئۇنىڭ قۇمۇل، خېشى كارىدورى، لەنجۇ ئارقىلىق جەنۇبقا مېڭىپ، خېجۇ ۋە شىنىڭ قاتارلىق جايلاردا 1671– يىلىدىن 1674– يىلىغىچە تەرىقەت تارقىتىپ شىزاڭلخاساغا بارغانلىقىقەيت قىلىنغان. شۇ ۋەجىدىن گەنسۇ، نىڭشيا، چىڭخەي قاتارلىق ئۆلكە– ئاپتونوم رايونلاردىكى مۇسۇلمانلار ئارىسىدا «پەيغەمبەرنىڭ 25– ئەۋلادى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە كەلگەن»[⑩]دېگەن گەپ تارقالغان.

    ئاپپاق خوجىنىڭ گەنسۇ، چىڭخەيلەردە تەرىقەت تارقاتقانلىقى ھەققىدە خۇفىيە سۈلۈكىگە مەنسۇپ بولغان بىجياچاڭ (گەنسۇ ئۆلكىسى لىنشيا خۇيزۇ ئاپتونۇم ئوبلاستىنىڭ لىنشيا شەھىرىگە جايلاشقان) خانىقاسىدىكىلەر مۇنداق رىۋايەت قىلىدۇ: «كاڭشىنىڭ 11– يىلى مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ 25– ئەۋلادى بولغان خوجا ھىدايەتۇللاھ مەككىدىن تەڭرىتاغ ئارقىلىق چىڭخەينىڭ خۇاڭجۇڭ رايونىغا كېلىپ تەرىقەت تارقاتقان». بۇ خانىقادىكىلەرنىڭ يەنە بىر بايانىدا: «كاڭشىنىڭ 11– يىلى (مىلادىيە 1672– يىلى) مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ 25– ئەۋلادى خوجا ھىدايەتۇللا ئاپپاق مەسئۇلى ئىسىملىك ئۇستاز ئوتتۇرا ئاسىيادىن شىنجاڭ ئارقىلىق چىڭخەينىڭ خۇاڭجۇڭ رايونىدىكى فېڭخۇاڭشەن (رىۋايەتلەرگە ئاساسلانغاندا، ئاپپاق خوجا شىنىڭغا بىرنەچچە قىتىم بارغان) گە كېلىپ تەرىقەت تارقاتقان»دېيىلىدۇ.

    خۇاسى (گەنسۇ ئۆلكىسى لىنشيا خۇيزۇ ئاپتونۇم ئوبلاستىنىڭ لىنشيا شەھىرىگە جايلاشقان) سۈلۈكىدىكىلەر مۇنداق رىۋايەت قىلىدۇ: «...كاڭشىنىڭ 10– يىلى (مىلادىيە 1671– يىلى) مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ 25– ئەۋلادى ھىدايەتۇللا چىڭخەينىڭ شىنىڭ شەھىرىدە ئىسلام دىنىنىڭ سوپىزم تەلىماتىنى تارقىتىپ، يەرلىك مۇسۇلمانلارنىڭ ھۆرمىتى ۋە ھىمايىسىگە ئېرىشكەن...».

    مۇپتى سۈلۈكىدىكىلەر بولسا مۇنداق رىۋايەت قىلىدۇ: «كاڭشىنىڭ 10– يىلى (مىلادىيە 1671– يىلى) ما شۇجېن شەنشىنىڭ شىشياڭ دېگەن يېرىدىن گەنسۇنىڭ خېجۇ رايونىغا چاي ئېلىپ كېتىۋاتقاندا، مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ 25– ئەۋلادى ھەزرىتى ھىدايەتۇللا ئاپپاق مەسئۇلىنىڭ خېجۇ، خۇاڭجۇڭ رايونلىرىغا دىن تارقىتىش ئۈچۈن كېتىۋاتقانلىقىنى ئۇچراتقان... كاڭشىنىڭ 12– يىلى (مىلادىيە 1673– يىلى) ئاپپاق چىڭخەيدە تەرىقەت تارقىتىۋاتقاندا... ما شۇجېن (مۇپتى سۈلۈكىنىڭ ئاساسچىسى) شىنىڭ خۇاڭجۇڭغا بېرىپ ئۇنى زىيارەت قىلغان». مۇپتى سۈلۈكىدىكىلەرنىڭ يەنە بىر بايانىدا: «ما شۇجېن يول ئۈستىدە ھىدايەتۇللانىڭ تەرىقەت تارقىتىش ئۈچۈن چىڭخەيگە كېتىۋاتقانلىقىنى ئۇچراتقان، بۇ چاغ كاڭشىنىڭ 11– يىلى ئىدى»دېيىلىدۇ.

    يۇقىرىقى سۈلۈكلەرنىڭ رىۋايەتلىرىگە ئاساسلانغاندا، ئاپپاق خوجا كاڭشىنىڭ 10– يىلى (مىلادىيە 1671– يىلى) دىن 12– يىلى (مىلادىيە 1673– يىلى) غىچە بولغان ئارىلىقتا گەنسۇ، چىڭخەيلەردە تەرىقەت تارقاتقان. بۇ، ئۇنىڭ تىبەتكە بېرىش ئۈچۈن قىلغان تەييارلىق ئىشلىرىنىڭ بىر قىسمى ئىدى. لېكىن، بىجياچاڭ سۈلۈكى، خۇاسى سۈلۈكى ياكى مۇپتى سۈلۈكى بولسۇن، ئۇلارنىڭ ئاپپاق خوجىنىڭ تەرىقەت تارقاتقانلىقىغا ئائىت خاتىرىلىرىدە بۇ «ئۇلۇغ ئەۋلىيا» نىڭ سىياسىي غەرىزى توغرىسىدا ھېچقانداق مەلۇمات قالدۇرۇلمىغان. بۇ، «ئۇلۇغ ئەۋلىيا» نىڭ مەقسەت– مۇددىئالىرىنى مەخپىي تۇتقانلىقىدىن بولسا كىرەك. شۇڭا، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان سۈلۈكلەرنىڭ ماتېرىياللىرىدا بۇ ھەقتە مەلۇمات بولماسلىقى تەبىئىي. لېكىن، بۇ ھەرگىز ئاپپاق خوجىنىڭ ھايات پائالىيەتلىرىگە دائىر شىنجاڭدا ساقلانغان ماتېرىياللار بىلەن گەنسۇ، چىڭخەيلەردە ساقلانغان ماتېرىياللار بىر– بىرىگە زىت دېگەنلىك ئەمەس، ئەكسىچە ئۇلار بىر– بىرىنى تولۇقلاش رولىغا ئىگە. چۈنكى شىنجاڭدا ساقلانغان ئاپپاق خوجىغا ئائىت ماتېرىياللاردا ئاساسلىقى ئۇنىڭ لخاسادىكى دالاي لاماⅴنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇنىڭ «تونۇشتۇرۇش خېتى» نى كۆتۈرۈپ، جۇڭغار خانلىقىنىڭ خانى غالداننىڭ يېنىغا كەلگەنلىكى ۋە ئۇنىڭغا «يول باشلىغۇچى» بولۇپ يەكەن خانلىقى زېمىنىغا تاجاۋۇزچى قوشۇننى باشلاپ كەلگەنلىكى بايان قىلىنغان بولسا؛ گەنسۇ، چىڭخەيلەردىكى سوپىزم تەرىقەتلىرىنىڭ ئاپپاق خوجا ھەققىدە يېزىپ قالدۇرغان ماتېرىياللىرىدا، ئۇنىڭ چىڭخەي، گەنسۇلاردا تەرىقەت تارقىتىش بىلەن شۇغۇللىنىپ، خانىقا بىنا قىلغانلىقى ۋە مۇرىت تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەنلىكىگە ئائىت مەلۇمات بار. بۇ مەنبەلەر بىزنى تارىخىمىزدىكى ئىشانلىق ئېقىمىنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەر سوپىزم تەرىقەتلىرى بىلەن بولغان ئالاقىسى ۋە ئىشانلىق ئېقىمىنىڭ ئاساسلىق رەھبىرى ئاپپاق خوجىنىڭ ھايات پائالىيەتلىرى بىلەن تېخىمۇ ئەتراپلىق ۋە چوڭقۇر چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.

    بىزگە مەلۇم، ئاپپاق خوجا ھەرگىز ئىشانلىق ئەقىدىسىنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچلۈكلىكىدىن، خاس تەرىقەت تارقىتىش مەقسىتىدە گەنسۇ، چىڭخەيلەرگە بارغان ئەمەس، ياكى گەنسۇ، چىڭخەيدىكى مۇسۇلمانلار ئاپپاق خوجىنىڭ يەكەن خانلىقىدا قىيىن ئەھۋالدا قالغانلىقىنى بىلىپ، بۇ «ئۇلۇغ ئەۋلىيا» نى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىدىن گەنسۇ، چىڭخەيگە «ھىجرەت» قىلسۇن دەپ تەكلىپ قىلغان ئەمەس ۋە ياكى ئۇنى تەرىقەت تارقىتىپ بەرسۇن دەپ چاقىرغان ئەمەس. ئاپپاق خوجا «جاھان كېزىش» نامى بىلەن تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىدىن تىبەتكە قىلغان شۇ سەپىرىدە، گەنسۇ، چىڭخەي ئۇنىڭ ئۆتەر يولى بولغاچقا، زۆرۈرىيەت تۈپەيلى تەرىقەت تارقىتىش پائالىيىتى بىلەن مەشغۇل بولغان. چۈنكى، ئاپپاق خوجىنىڭ بىردىنبىر دەسمايىسى ئۆزىنى «پەيغەمبەر ئەۋلادى» ۋە «ئىشانلىق تەرىقىتىنىڭ پىرى» دېگەن ناملار بىلەن ئاتاش بولۇپ، ئۇ مۇشۇنىڭغا تايىنىپ گەنسۇ، چىڭخەيدىكى مۇسۇلمانلار ئارىسىدا چوڭقۇر تەسىرگە ۋە كەڭ ئاممىۋى ئاساسقا ئىگە بولغان. شۇنىڭ بىلەن ناھايىتى ئاسانلا كۆپلىگەن ئاخباراتقا ۋە سەدىقە، پۇل– پۈچەككە ئېرىشىپ، تەرەپ– تەرەپ بىلەن ئالاقىلىشىپ، سىرتقى ھەربىي كۈچنىڭ ياردىمىنى قولغا كەلتۈرۈشكە مۇۋەپپەق بولالىغان. بۇ، ئۇنىڭ «تەرىقەت تارقىتىش» نامى بىلەن ئىچكىرى ئۆلكىلەردە يۇرت كېزىپ يۈرگەن ۋاقىتلىرىدىمۇ ئۆزىنى ئوڭشاپ كۈچ توپلاپ، قولدىن كەتكەن دىنىي ۋە سىياسىي ئورنىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى زادى ئېسىدىن چىقارمىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

    بىجياچاڭ سۈلۈكى، خۇاسى سۈلۈكى، مۇپتى سۈلۈكى ۋە شيەنمىن سۈلۈكى قاتارلىق تەرىقەتلەرنىڭ ماتېرىياللىرىدىكى ئاپپاق خوجىنىڭ تەرىقەت تارقىتىشىغا دائىر بايانلارنى تەھلىل قىلساق، ئاپپاق خوجىنىڭ شىنجاڭدىن ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە بۇرۇن بېرىپ تەرىقەت تارقىتىش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان ئىشان ئىكەنلىىنى، شۇنداقلا ئۇنىڭ 1671– يىلىدىن باشلاپ گەنسۇ، چىڭخەيلەردە بىرنەچچە يىل پائالىيەت ئېلىپ بارغانلىقىنى، ئۇنىڭ تەرىقەت تارقىتىش پائالىيىتى بىلەن يۇقىرىدىكى سۈلۈكلەرنىڭ مەيدانغا كېلىشىنىڭ باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى چۈشىنەلەيمىز. مەسىلەن، خېجۇ ئايمىقىنىڭ بافاڭ دېگەن يېرىدىكى ما زۇڭشېڭ بىجياچاڭ سۈلۈكىنىڭ ئاساسچىسى بولۇپ، ئۇ خوجا ھىدايەتۇللا ئىشاندىن تەلىم ئالغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ دەۋىتى بىلەن بىجياچاڭ سۈلۈكىنى بەرپا قىلغان. گەنسۇ لىنتاۋنىڭ بېيشياڭ دېگەن يېرىدىكى ما شۇجېن مۇپتى سۈلۈكىنىڭ ئاساسچىسى بولۇپ، ئۇ خوجا ھىدايەتۇللا ئىشاندىن تەلىم ئالغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ دەۋىتى بىلەن مۇپتى سۈلۈكىنى بەرپا قىلغان. خوجا ھىدايەتۇللا ئۇنىڭغا «مۇپتى» (دىنىي شەرىئەت ئەھكاملىرىغا ئاساسەن ھۆكۈم چىقارغۇچى) دېگەن نامنى بەرگەن. شەنشىنىڭ چاڭئەن دېگەن يېرىدىن گەنسۇنىڭ خېجۇ ئايمىقىغا كۆچۈپ كەلگەن ما لەيچى خۇاسى سۈلۈكىنىڭ ئاساسچىسى بولۇپ، ئۇ خوجا ھىدايەتۇللا ئىشاندىن تەلىم ئالغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ دەۋىتى بىلەن خۇاسى سۈلۈكىنى بەرپا قىلغان. چىڭخەينىڭ خۇاڭجۇڭ دېگەن يېرىدە ئولتۇرۇشلۇق شيەن مېيجېن شيەنمېن سۈلۈكىنىڭ ئاساسچىسى بولۇپ، ئۇ خوجا ھىدايەتۇللا ئىشاندىن تەلىم ئالغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ دەۋىتى بىلەن شيەنمېن سۈلۈكىنى بەرپا قىلغان.

    ئەمدى بىز، ئاپپاق خوجا يەكەن خانلىقى تەۋەسىدىن قوغلاپ چىقىرىلغاندىن كېيىن، نېمە ئۈچۈن بىۋاسىتە ئىلىدىكى غالداننى ئىزدىمەي ئەكسىچە تىبەتتىكى دالاي لاماⅤنىڭ قېشىغا بارغانلىقى، ئارىلىقتا 1671– يىلىدىن باشلاپ گەنسۇ، چىڭخەيلەردە تەرىقەت تارقىتىش نامى بىلەن قاتراپ يۈرگەنلىكىگە دىققەت قىلساق، «جۇڭغارلار تارىخىغا دائىر ماقالىلەر توپلىمى» دىكى مۇنداق بىر ۋەقە كۆزىمىزگە چېلىقىدۇ: «1671– يىلى (كاڭشىنىڭ 10– يىلى) جۇڭغارىيەدە سىياسىي مالىمانچىلىق يۈز بېرىپ، زىڭگې ئانا باشقا ئىنىلىرى چىچەن ۋە باتۇرلار تەرىپىدىن كېچىسى ئۇخلاۋاتقان يېرىدە ئۆلتۈرۈلدى. ئانۇ خاتۇن (زىڭگېنىڭ ئايالى) ئادەم ئەۋەتىپ، زىڭگېنىڭ ئانا بىر ئىنىسى غالداننى شىزاڭدىن چاقىرتىپ كەلدى. بۇ ۋاقىتتا غالدان شىزاڭدا دالاي لاماⅤنىڭ شاگىرتى ئىدى. ئاكىسىنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ناھايىتى تېز سۈرئەتتە شىزاڭدىن جۇڭغارىيەگە قايتىپ كېلىپ، ئاكىسىنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلدى. ئاكىسىنىڭ ئايالى ئانۇخاتۇننى ئەمرىگە ئالدى، شۇ ئارقىلىق خوشۇت قەبىلىسىنىڭ باشلىقى ئوجىرتۇخان (ئانۇخاتۇننىڭ دادىسى) نىڭ ياردىمىنى قولغا كەلتۈردى. سىياسىي ئورنىنىڭ مۇستەھكەملىنىشىگە ئەگىشىپ، ئاكىسىنىڭ قىساسىنى ئېلىپ قاتىللارنى جازالىدى».

    دېمەك، غالدان ھاكىمىيەت بېشىغا چىققان دەسلەپكى 5 ~ 6 يىل سىياسىي سەھنىدىكى ئاساسىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن، ئەتراپىغا ئادەم توپلاپ كۈچىنى زورايتىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان ۋاقىت ئىدى. ئەگەر ئاپپاق خوجا ھالداتلاپ ئۇدۇل غالداننىڭ ئالدىغا بارغان تەقدىردىمۇ، غالدان ھەرگىز ئۇنىڭ«ئارزۇ»سىنى قاندۇرالمايىتتى. شۇڭا، ئاپپاق خوجا قۇمۇل، خېشى كارىدورى، لەنجۇ ئارقىلىق جەنۇبقا سەپەر قىلىپ چىڭخەينىڭ شىنىڭ شەھىرىگە بېرىپ، ئاندىن شىزاڭنىڭ لخاسا شەھىرىگە بېرىشقا تەييارلىق قىلغان. ئۇنىڭ قۇمۇل ئارقىلىق ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە بارغانلىقى ھەققىدىكى: «ئاپپاق خوجا ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە بېرىشتا قۇمۇلدىن ئۆتكەن بولۇپ، سۇباشى دېگەن جايدا تۇرغان ۋە شۇ يەردە مۇسۇلمانلارغا تەرىقەتتىن تەلىم بەرگەن. ئۇ جايدا بىر ياغاچ ئۆي بولۇپ... كېيىنچە مۇسۇلمانلار ئۇنىڭ ئورنىغا بىر مەسچىت سالغان ۋە ئۇنى ‹ئاپپاق خوجا مەسچىتى› دەپ ئاتىغان. بۇ جاي ھازىرقى قۇمۇل ۋىلايەتلىك سىياسىي مەكتەپ ۋە قۇمۇل مېھمانخانىسىنىڭ يېنىغا توغرا كېلىدۇ»دېگەن مەلۇماتمۇ ئاپپاق خوجىنىڭ قۇمۇل، گەنسۇ ۋە چىڭخەي ئارقىلىق تىبەتكە بارغانلىقى ھەققىدىكى قاراشنى ئىگىرى سۈرىدۇ.


    ئاپتورنىڭ خىزمەت ئورنى:ش ئۇ ئا ر ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى دىن تەتقىقات ئىنستىتۇتى


(مەزكۇر تىمىنىڭ كىلىش مەنبەسى - بەشتاش بالىلار مائارىپ تورى - http://www.baxtax.cn ئەسلى ئادرىس :http://www.baxtax.cn/a/sankao/lishi/2012/0910/5515.html)

nur يوللانغان ۋاقتى 2012-10-2 21:50:57

ماۋۇ ماقالىنى كىم يازغان بولسۇن مىنىڭ ئون يىلدىن بۇيان توردا ئوتتۇرىغا قويىۋاتقىنىم ھەم ئىزچىل ئىنكاس شەكلىدە يىزىۋاتقىنىم ، بىز ئاپپاق غوجىنىڭ قىلمىش ئەتمىشلىرىنى يىتەرلىك ھالدا بىلىپ يەتتۇق.كۆز ئالدىمىزدىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلە شۇكى بىزگە ھازىر ۋە كەلگۈسىدە زىيان سالىدىغىنى گۆرىدە چىرىپ تۇپراققا ئايلىنىپ كەتكەن ئاپپاق غوجام ئەمەس بەلكى ئەمەل مەنسەپ تاجىنى كىيىۋالغان،ئۆز خەلقىنىڭ قىنىنى شوراش،رىسقىنى يىيىش بىلەن راھەت سۈرىۋاتقان تىرىك ئاپپاق غوجىلاردۇر.ئۆلۈك غوجامنى كۈندە يەتمىش قىتىم تىللاپ يادلاپ يۈرسەك بىزگە نىسپەتەن ھىچقانداق پايدىسى يوق.

ئاشۇ ئۆلۈكنى تەتقىق قىلغان،كاللا قاتۇرغان،ماتىرىيال ئىزدىگەن بىچارە يىتىم ۋاقىتلىرىمىزنى ئەتراپىمىزدىكى تىرىك ئاپپاق غوجاملارنىڭ ناتوغرا ئىشلىرىنى پاش قىلىش،ئۇلارنىڭ ئەدىۋىنى بىرىش،نازارەت قىلىش بىلەن ئۆتكۈزسەك ئالىدىغان ئەمىلى نەپ ئۆلۈكنى تەتقىق قىلغاندىنمۇ ئارتۇقراق بولاتتى دەپ قارايمەن.كەمىنە مۇنبەر كىزىپ يۈرگەن ئون يىلچە ۋاقىتتىن بۇيان ئاشۇ چىرىپ تۇپراق بوپ كەتكەن غوجامنىڭ ئۆتمۈشى،قىلمىش-ئەتمىشى توغرىسىدا كۆرگەن تېمىلىرىم ساماندەك بوپ كىتىپتۇ.لىكىن تىرىك غوجاملار توغرىسىدا تۈزۈك بىر نىمە يوق.



قارىغاندا ھازىرقى تىرىك غوجىلار ئۆلۈپ تۇپراق بولۇپ كەتكەندە ھازىرقىلىرىمىزنىڭ نەۋرە،چەۋرىلىرى ئۇلارنىڭ گۆرىنى ئاچماي سىسىق-بەتپۇيلىرىنى ئاندىن تارقىتىدىغان ئوخشايدۇ.خۇددى ماۋۇ ماقالىنى جىجىلىغان يولداشتەك.



بولا ئەمدى،يېتەر ئەمدى.ئاپپاق غوجىدا ھەرقانچە جىنايەت بولسىمۇ تىللاپ غاجىلاپ ھەققىمىزنى ئىلىپ بولغاندىمىز.ئەتراپىمىزدىكى بىر قىسىم مۇناپىقلىرىمىز ئاشۇ غوجامنى دەستەك قىلىپ ھازىرمۇ دىننى بۇرمىلايدىغان،چەتكە قاقىدىغان،دىندىن نەپرەتلىنىدىغان ئىشلار يۈز بىرىۋاتىدۇ.مۇشۇنداق بىمەنە قىلىقلارنىڭ يۈز بىرىشىدە مۇشۇ تېمىنى جىجىلىغان ئونۋان ئۈچۈن ھەممىنى قىپ باقىدىغانلارنىڭ مەسئۇلېيتى ئىغىر.

ئويلاپمۇ قالىمەن،ئۆلۈكنى تىللاپ بەرسە،بولۇپمۇ دىنغا مۇناسىۋەتلىك ئۆلۈكنى بەكراق تىللىسا،شۇ توغۇرلۇق كىتاپ،ماقالە،ئەسەر يازسا ھوقۇق بەكراق ئۆسىدىغان ئوخشايدۇ.ھوقۇق ئۈچۈن كۈرەش قىلىڭلار يازامەنلەر.بىر كۈنلەردە سىلەرمۇ ئۆلۈپ كەتكەن شۇ غوجامنىڭ قاتارىغا قوشۇلساڭلار ئەۋلاتلىرىمىز سىلەرنىمۇ گۆرۈڭلاردا ياتقىلى قويماي كىتاپ يىزىپ،تارىخ تەتقىق قىلىپ چاۋاڭلارنى چىتقا يايغاي.

appakhoja يوللانغان ۋاقتى 2012-10-2 22:09:56

ئەخمەتجان ھەسەن:

سىز ئاپپاق خوجام ھەققىدە جىق ‹‹ئىلمىي››ئەسەرلەرنى يېزىپ ئاللاھىدە تۆھپە قوشۋاتسىز ئاللا سىزگە دۇنيادا ۋە قىيامەتتە لايىقىدا ساۋاق بەرگەي!

1.سىز ئاپپاق خوجامنىڭ پەيغەمبەر نەسلىدىن ئىككەنلىگىنى بىلمەمسىز؟

2.ئاپپاق خوجامنىڭ ئۇلۇغ ئۇيغۇر خاقانى سىتىق بۇغراخانىڭ ئەۋلادى ئىككەنلىكىنى بىلمەمسىز؟

3.ئاپپاق خوجامنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركلەر ئىچىدە ئۇيغۇرلارغا تۇنجى خىلاپەت ئېلىپ كېلىپ ،بۈگۈنكى تۈركىيە بايرىقىنى سۈلۈك ۋە دۆۋلەت بايرىقى قىلغانلىقىنى بىلمەمسىز؟ئۇيغۇرلارغا 2- قېتىم خىلاپەت ئېلىپ كەلگەن كىشى بەدۆلەت ياقۇپخان ،تۇنجى قېتىم خىلاپەت ئېلىپ كېلىپ ئۇيغۇرلارنى  بۈيۈك ئىسلام خەلپىلىكىگە تەۋەلىك بۈلدۈرگەن كىشى ئاپپاق خوجامدۇر.بىز ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى خىلاپەتتىن تىنىق ئالدۇرغان كىشى دەل  ئاپپاق خوجامدۇر.ئاي -يۇلتۇزنى ئېلىپ كېلىپ مەسچىتلەرگە قۇبا قىلغان كىشى ئاپپاق خوجامدۇر.سەئىدىن قەشقىرى ئاپپاق خوجامنىڭ ئوسمانلى ئىسلام خەلپىلكىدە تۇرۇشلۇق ۋەكىلى ئىدى.

4. ئاپپاق خوجام ئىچكىر سەپىرىدە 276 مەسچىت ئەھياقىلىپ خۇيزۇ مۇسۇلمانلارنى  سۈلۈك يوللىرى بىلەن تەشكىلەپ ،ئۇلارغا جاسارەت ئاتا قىلىپ ،غالدان بىلەن ھەمكارلىشىپ مانجۇلارنىڭ مۇسۇلمان يۇرتلىرىغا بولغان كېڭەيمىچىلىكىنى توسۇپ، كاڭشى خاننى سۈلھىگە مەجبۇرلىغانلىقىنى نىمىشقا دىمەيدىلا ؟

5. غالداننىڭ ئاپپاق خوجامنىڭ قولىدا مۇسۇلمان بولغانلىقىنى نىمىشقا ئېنىق ئوتتۇرغا قويمايدىلا ؟

6. ئىسمايىل خاننىڭ مۇشرىك جۇڭغارلارنىڭ 10000 كىشلىك ئاھالىسىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىگە تارقىتىپ ،ئۇلارغا بېقىشنى يۈكلەپ ئۇيغۇرلانىڭ خۇتۇن -قىزلىرىنىڭ دەپسەندە بولىشىغا سەۋەپكار بولغانلىقىنى ،ئۇيغۇرلارنى مىسلىسىز خورلۇققا ئىتتەرگەنلىكىنى نىمىشقا يازمايلا؟.خەلقنىڭ غەزەپ-نەپرىتى شۇ سەۋەپلىك قوزغالغانلىقىنى،ھەم ئاپپاق خوجامدىن ياردەم سوراپ ھەزرەتكە كېلىپ يېتۋالغانلىقىنى،ئاپپاق خوجامنىڭ تەپرىقچىلىقتى قېچىپ قىرغىزلار ئارسىغا كەتكەنلىكىنى  ،ئىسمايىل خان بۇ ئىشنى ئاپپاق خوجامدىن كۆرۈپ،ئاپپاق خوجامنىڭ ئانىسى يىتىۈك ئۇيغۇر ئالىمى ،شائىرە ،مۇتەرجىمە زىلايخا بېگىمنى، بالاچاقىسى ۋە نەبىرلىرى بولۇپ 23 كىشىنى بىلەن قوشۇپ بۇغۇپ ئۆلتۈرۈپ،قىساس ئوتىنى ياقانلىقىنى يازمايلا؟


7.ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى ئەمىر تېمۇرنى رەھپەرلكىدە ،خەنزۇلار جۇيۈنجاڭنىڭ رەھپەرلىكىدە،ئۇيغۇر خەلقى ئاپپاق خوجامنىڭ رەھپەرلىكىدە مۇڭغۇلارنىڭ قان خور ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلغانلىقىنى يازمايلار .ئۇيغۇرلارنىڭ خوجىلار رەھپەرلىكىدە 42 قېتىملىق جۇڭغار ۋە مانجۇلار بىلەن بولغان ھايات -ماماتلىق كۆرەش قىلغانلىقنى يازمايلار.

8.خۇيزۇ مۇسۇلمانلارنىڭ ئاپپاق خوجامنىڭ سۈلۈك تەۋرىتىش بىلەن جەڭگىۋار گۇرۇپىلارغا تەشكىلىنىپ،كاپىرلارغا بوزەك بولۇش تارىخىغا خاتىمە بېرىپ، كاپىرلار بىلەن جىھاد قىلىش تارىخنى باشلىغانلىقىنى ..ھەر قېتىملىق كۆرەشلىرىدە ئۇنىڭ ئۇلارغا ھەدىيە قىلغان سۈلۈك بايرىقىنى جەۋلان قىلدۇرغانلىقىنى يازمايلا؟

سىلى كۆرگەن كىتاپتا ھەممىسى بار !

arghtugh يوللانغان ۋاقتى 2012-10-2 22:23:55

2- قەۋەتتىكى appakhojaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئەخمەتچان ئوسمان:

سىز ئاپپاق خوجام ھەققىدە جىق ‹‹ئىلمىي››ئەسەرلەرنى يېزىپ ئاللاھىدە تۆھپە قوشۋاتسىز ئاللا سىزگە دۇنيادا ۋە قىيامەتتە لايىقىدا ساۋاق بەرگەي!

1.سىز ئاپپاق خوجامنىڭ پەيغەمبەر نەسلىدىن ئىككەنلىگىنى بىلمەمسىز؟

2.ئاپپاق خوجامنىڭ ئۇلۇغ ئۇيغۇر خاقانى سىتىق بۇغراخانىڭ ئەۋلادى ئىككەنلىكىنى بىلمەمسىز؟

3.ئاپپاق خوجامنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركلەر ئىچىدە ئۇيغۇرلارغا تۇنجى خىلاپەت ئېلىپ كېلىپ ،بۈگۈنكى تۈركىيە بايرىقىنى سۈلۈك ۋە دۆۋلەت بايرىقى قىلغانلىقىنى بىمەمسىز؟ئۇيغۇرلارغا 2- قېتىم خىلاپەت ئېلىپ كەلگەن كىشى بەدۆلەت ياقۇپخان ،تۇنجى قېتىم خىلاپەت ئېلىپ كېلىپ ئۇيغۇرلارنى  بۈيۈك ئىسلام خەلپىلىكىگە تەۋەلىك بۈلدۈرگەن كىشى ئاپپاق خوجامدۇر.بىز ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى خىلاپەتتىن تىنىق ئالدۇرغان كىشى دەل  ئاپپاق خوجامدۇر.ئاي -يۇلتۇزنى ئېلىپ كېلىپ مەسچىتلەرگە قۇبا قىلغان كىشى ئاپپاق خوجامدۇر.سەئىدىن قەشقىرى ئاپپاق خوجامنىڭ ئوسمانلى ئىسلام خەلپىلكىدە تۇرۇشلۇق ۋەكىلى ئىدى.

4. ئاپپاق خوجام ئىچكىر سەپىرىدە 276 مەسچىت ئەھياقىلىپ ئۇلارنى سۈلۈك يوللىرى بىلەن تەشكىلەپ ئۇلارغا جاسارەت ئاتا قىلىپ ،غالدان بىلەن ھەمكارلىشىپ مانجۇلارنىڭ مۇسۇلمان يۇرتلىرىغا بولغان كېڭەيمىچىلىكىنى توسۇپ كاڭشى خاننى سۈلھىگە مەجبۇرلىغانلىقىنى نىمىشقا دىمەيدىلا ؟

5. غالدىنىڭ ئاپپاق خوجامنىڭ قولىدا مۇسۇلمان بولغانلىقىنى نىمىشقا ئېنىق ئوتتۇرغا قويمايدىلا ؟

6. ئىسمايىل خاننىڭ مۇشرىك جۇڭغارلارنىڭ 10000 كىشلىك ئاھالىسىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىگە تارقىتىپ ،ئۇلارغا بېقىشنى يۈكلەپ ئۇيغۇرلانىڭ خۇتۇن -قىزلىرىنىڭ دەپسەندە بولىشىغا سەۋەپكار بولغانلىقىنى نىمىشقا يازمايدىلار..خەلقنىڭ غەزەپ-نەپرىتى قوزغانلىقنىڭ ئۇيغۇرلارنى مىسلىسىز خورلۇققا ئىتتەرگەنلىكىنى نىمىشقا يازمايلا؟

7.ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى ئەمىر تېمۇرنى رەھپەرلكىدە ،خەنزۇلار جۇيۈنجاڭنىڭ رەھپەرلىكىدە،ئۇيغۇر خەلقى ئاپپاق خوجامنىڭ رەھپەرلىكىدە مۇڭغۇلارنىڭ قان خور ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلغانلىقىنى يازمايلار .ئۇيغۇرلارنىڭ خوجىلار رەھپەرلىكىدە 42 قېتىملىق جۇڭغار ۋە مانجۇلار بىلەن بولغان ھايات -ماماتلىق كۆرەش قىلغانلىقنى يازمايلار.

8.خۇيزۇ مۇسۇلمانلارنىڭ سۈلۈك تەۋرىتىش بىلەن جەڭگىۋار گۇرۇپىلارغا تەشكىلىنىپ كاپىرلار بىلەن كۆرەش قىلىش تارىخنى باشلىغانلىقىنى ..ھەر قېتىملىق كۆرەشلىرىدە ئۇنىڭ ئۇلارغا ھەدىيە قىلغان سۈلۈك بايرىقىنى جەۋلان قىلدۇرغانلىقىنى يازمايلا؟

9.ئىسمايىلخاننىڭ ئاپپاق خوجامنىڭ ئانىسى يىتىۈك ئۇيغۇر ئالىمى ،شائىرە ،مۇتەرجىمە زىلايخا بېگىمنى، بالاچاقىسى ۋە نەبىرلىرى بولۇپ 23 كىشىنى بىلەن قوشۇپ بۇغۇپ ئۆلتۈرۈپ،قىساس ئوتىنى ياقانلىقىنى يازمايلا؟

سىلى كۆرگەن كىتاپتا ھەممىسى بار !





جىڭ باسار ئىنكاس.

enwerjula يوللانغان ۋاقتى 2012-10-2 23:06:47

ئاپئاق خوجا ئۇيغۇر تۇرسا قانداقسىگە مۇھەممەت ئەلەيھىسسالامنىڭ 25- نەۋرىسى بولۇپ قالدى؟ يەنە تېخى سۇتۇق بۇغراخاننىڭ ئەۋلادىما؟ شۇنداق بولغاندا سۇتۇق بۇغراخانمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋلادىما؟

يۇقۇرىدىكى ماقالىدە ستاتا ئېلىنغان ئاپئاق خوجىنىڭ كارامەتلىرى ئادەمگە تارىخ ئەمەس مىڭ بىر كېچە چۆچەكلىرىدەك تۇيۇلىدۇ.

مانا بۇ تەتقىقاتچىلىرىمىزنىڭ ھالى.

arghtugh يوللانغان ۋاقتى 2012-10-2 23:19:18

4- قەۋەتتىكى enwerjulaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئاپئاق خوجا ئۇيغۇر تۇرسا قانداقسىگە مۇھەممەت ئەلەيھىسسالامنىڭ 25- نەۋرىسى بولۇپ قالدى؟ يەنە تېخى سۇتۇق بۇغراخاننىڭ ئەۋلادىما؟ شۇنداق بولغاندا سۇتۇق بۇغراخانمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋلادىما؟

يۇقۇرىدىكى ماقالىدە ستاتا ئېلىنغان ئاپئاق خوجىنىڭ كارامەتلىرى ئادەمگە تارىخ ئەمەس مىڭ بىر كېچە چۆچەكلىرىدەك تۇيۇلىدۇ.

مانا بۇ تەتقىقاتچىلىرىمىزنىڭ ھالى.




ئاپئاق خوجىنىڭ بىر تەرىپى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى سەئىدلەر (پەيغەمبەر ئەۋلادى) گە، بىر تەرىپى قاراخانىيلاردىن قىلىچ بۇغراخاننىڭ نەسەبىگە تۇتىشىدۇ. شۇڭا ئۇ قاراخانىيلار خان جەمەتىنىڭ ئەۋلادى. ئۇنىڭ مازىرى ئەينى ۋاقىتتىكى قاراخانىيلارنىڭ خان جەمەتى قەبرىستانلىقى. شۇڭا، ئۈستىدىكى ئاپئاق خوجا ئىسىملىك تورداشنىڭ دېگەنلىرىدە پاكىت بار. بۇ تورداش ماڭا ناھايىتى تونۇش بىلىنىۋاتىدۇ، ئەگەر شۇ بولۇپ قالسا دەۋاتقانلىرىنىڭ پاكىتى بار، ھەتتا قايىل قىلارلىق پاكىتى..... شۇڭا، نۇرغۇن ئىشلارغا بىزگە تېڭىلىۋاتقان تارىختىن چىقىپ تۇرۇپ قاراش ئاقىلانىلىك.

enwerjula يوللانغان ۋاقتى 2012-10-2 23:20:51

بىزدە قېرىغاندا ئالجىپ مەن مەخمۇت قەشقىرىنىڭ مانچىنچى كۈكۈن نەۋرىسى دەيدىغان تەتقىقاتچىلار جىق چىقاتتى. ئادەمنى تاڭ قالدۇرىدىغان گەپلەرنى ئويدۇرۇپ تاپمىسا پۇخادىن چىقمامدىغاندۇ دەيمەن بۇ ئادەملەر.

appakhoja يوللانغان ۋاقتى 2012-10-2 23:24:03

پەيغەمبىرىمىزنىڭ 18- ئەۋلادى سەئىد كەمالدىن دىن تەشۋىق قىلىپ ئۆزكەنت شەھرىگە كېلىپ ،قارخانلارنىڭ شۇ جايدا تۇرۇشلۇق ئىلىك خانى سۇلتان ئىلىك مازىنىڭ ئوردىسىغا چۈشتى،سۇلتان ئىلىك مازى ئۆزىنىڭ يىگانە مەلىكىسى فەرۇخ جامالنى سەئىد كامالدىنغا بەردى ،فەرۇخ جامال ئۇنىڭدىن ئېغىر ئاياق بولدى.سەئىد كالالدىن مەدىنىدىن جىددى مەكتۇپ كېلىپ ،مەدىنىگە جىددى ئاتلاندى .فەرۇخ جامال ئېغىر ئاياق بولغاچ بوشانغاندىن كېيىن يولغا چىقماقچى بولدى .لېكىن سەئىد كامالدىن مەدىنىگە بېرىپلا قازا قىلىپ كەتتى.شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر پۇشتى قارخانىلار ئوردىسىدا قالدى.ئاي-كۈنى توشۇپ فەرۇخ جامال ئاپتاپتەك بىر ئوغۇل تۇغدى.ئۇنىڭغا بورھاننىدىن دەپ ئىسىم قويۇلدى.قارخانىلار ئىلىك خانى ئىلىك مازى بۇ نەۋىرسىگە تولۇمۇ ئامراق ئىدى.بورھانىدىن ناھايىتى باتۇر ،قىلىچ ئوينۇتۇشقا ماھىر بولۇپ چوڭ بولدى.ئۇنىڭ قىلىچ ئوينىتىش ماھارىتى يىگانە بولغاچ ‹‹قېلىچدىن››دەپ لەقەملەندى.ئۇنىڭ تارىخ نامى بورھان قېلىچىدىن بولدى.كېيىن سۇلتان ئىلىك مازى بۇ نەۋىرسىگە ئالاھىدە سۆيگىسى ۋە پەيغەمبىرىمىزگە بولغان مۇھەببىتى سەۋەپلىك ئۆزكەتنىڭ قارخانىلار ئىلىكخانلىقىنى ئۇنىڭغا ئۆتكۈزۈپ بەردى.شۇندىن باشلاپ پەيغەمبەر ئەۋلادى بىلەن قارىخانلارنىڭ قېنى قوشۇلۇپ كەتتى .قارخانىلار شۇندىن باشلاپ قىز ئالسا پەيغەمبەر نەسلىدى ئالاتتى ،قىز بەرسە پەيغەمبەر نەسلىگە بېرەتتى مانا بۇلار خوجىلاردۇر.


بۇ نەسەپنامە ئۇيغۇرلاردا ساماندەك جىق .سىز نەپرەتنى قايرىپ قويۇپلا ئىزدەنسىڭىز تاپىسىز.


بۇنىڭ راسلىقىغا ئابدۇقادىر داموللام پەتىۋا بەرگەن.


قۇتلۇق شەۋقى گۇۋا بولغان.


قاغىلىقلىق ئابلىكىم مەخسۇم ھاجىم ،ئىمىر ھۆسەيىن قازاخۇنۇملارمۇ قەشقەردىكى بىر سورۇندا ئاشكارا ئېتراپ قىلغان.



سۇلايمان داموللام ئاپپاق خوجامنى تىلىغانغا لەنەت ئوقىغان.

dilara يوللانغان ۋاقتى 2012-10-2 23:37:14

1- قەۋەتتىكى nurنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

...........

قارىغاندا ھازىرقى تىرىك غوجىلار ئۆلۈپ تۇپراق بولۇپ كەتكەندە ھازىرقىلىرىمىزنىڭ نەۋرە،چەۋرىلىرى ئۇلارنىڭ گۆرىنى ئاچماي سىسىق-بەتپۇيلىرىنى ئاندىن تارقىتىدىغان ئوخشايدۇ.خۇددى ماۋۇ ماقالىنى جىجىلىغان يولداشتەك.



بولا ئەمدى،يېتەر ئەمدى.ئاپپاق غوجىدا ھەرقانچە جىنايەت بولسىمۇ تىللاپ غاجىلاپ ھەققىمىزنى ئىلىپ بولغاندىمىز.ئەتراپىمىزدىكى بىر قىسىم مۇناپىقلىرىمىز ئاشۇ غوجامنى دەستەك قىلىپ ھازىرمۇ دىننى بۇرمىلايدىغان،چەتكە قاقىدىغان،دىندىن نەپرەتلىنىدىغان ئىشلار يۈز بىرىۋاتىدۇ.مۇشۇنداق بىمەنە قىلىقلارنىڭ يۈز بىرىشىدە مۇشۇ تېمىنى جىجىلىغان ئونۋان ئۈچۈن ھەممىنى قىپ باقىدىغانلارنىڭ مەسئۇلېيتى ئىغىر.

ئويلاپمۇ قالىمەن،ئۆلۈكنى تىللاپ بەرسە،بولۇپمۇ دىنغا مۇناسىۋەتلىك ئۆلۈكنى بەكراق تىللىسا،شۇ توغۇرلۇق كىتاپ،ماقالە،ئەسەر يازسا ھوقۇق بەكراق ئۆسىدىغان ئوخشايدۇ.ھوقۇق ئۈچۈن كۈرەش قىلىڭلار يازامەنلەر.بىر كۈنلەردە سىلەرمۇ ئۆلۈپ كەتكەن شۇ غوجامنىڭ قاتارىغا قوشۇلساڭلار ئەۋلاتلىرىمىز سىلەرنىمۇ گۆرۈڭلاردا ياتقىلى قويماي كىتاپ يىزىپ،تارىخ تەتقىق قىلىپ چاۋاڭلارنى چىتقا يايغاي.



ئەڭ خەتەرلىك ئادەمنى مۇشۇنداق ئەڭ قاتتىق سېسىتىدىغان سىياسىي ۋەزىپىسى بولغاچقا شۇنداق قىلىدىغاندۇ، بۇنىمۇ توغرا چۈشىنەيلى. دېمىسىمۇ، بۇ مەقسەتكە ئاللىقاچان غەلبىلىك يېتىپ بولدى. ئۇيغۇرلاردا \"ئاپپاق غوجا\" دېسىلا، ئۇنىڭدىن يىرگىنىشلىك، بەتبششىرە ئادەم يوق. ئىسمى چىقىپ بولغىچىلا تىللاش باشلىنىدۇ.....


ئاپپاق خوجا 1693 -يىلى ياكى 1694-يىلى ئۆلتۈرۈلۈپتىكەن.  جوڭگۇنىڭ تارىخچىلىرى ئىنتايىن پەخىرلىنىپ تىلغا ئالىدىغان كاڭشىخان (1654-1722) جەمئى 61 يىل تەختتە ئولتۇرغان بولۇپ، ئۇ ھوقۇق تۇتقان مەزگىلدە دۆلەت زېمىنى 13 مىليون كوۋادىرات كىلومېتىر بولغان دەيدىكەن، بۇ راستمۇ؟ ياكى يالغانمۇ؟ بىلمەيمىز. ئەمما، ئېنىق بولغىنى، كاڭشىنىڭ دۆلەت تېرىتورىيىسىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن توختىماي ھەربىي يۈرۈش قىلغانلىقى، تەيۋەننى ئالغانلىقى...ۋاھاكازالار.  ئاپپاق خوجىنىڭ نەۋرىسى جاھانگىرخان غوجىنىڭ مانجۇلارغا قارشى قانچىلىك ئۇرۇش قىلغانلىقى سىر ئەمەس. ئەگەر ئۇمۇ بوۋىسىنىڭ ئىزىدىن ماڭغان بولسا، مانجۇلارغا قارشى ئۇرۇش قىلماي، جوڭخۇا ئائىلىسىگە قوشۇلۇپ كەتسە بولماسمىدى؟!...


李静远 يازغان خەنچە تەپسىرنى ئوقىۋاتقانتىم. ئۇنىڭدا كاڭشى خانغا غەربىي يۇرتتىن كەلگەن بىر كىشىنىڭ قۇرئان-كەرىم سوۋغا قىلغانلىقى، لېكىن شۇ چاغدا پۈتۈن پايـتەخىتتىن بۇ كىتابنى تەرجىمە قىلىپ بېرەلەيدىغان ئادەم تېپىلمىغانلىقى، بىر ئىككى تۇڭگان ئىمام تېپىلغان بولسىمۇ، بۇلار پەقەت  ئوقۇيالىغان، ئەمما تەرجىمە قىلالمىغانلىقىنى، كاڭشىنىڭ بۇ كىتابقا (قۇرئانغا) بەكلا قىزىققانلىقىنى يېزىپتىكەن...


《乃格什班底耶的源与流》\"نەقشىبەندىيە تەرىقىتىنىڭ مەنبەسى ۋە تارقىلىشى\" ناملىق خەنچە كىتابتا 1950-يىللاردىن كېيىن ئۇيغۇر سىياسىي تارىخچىلار ئاپپاى خوجا ھەققىدە پەقەت يېزىپ باقمىغان بەزى مەزمۇنلار باركەن.  قىزىققۇچىلارغا بۇ كىتابنى ئوقۇشنى تەۋسىيە قىلىمەن. توردىن ياكى بېيجىڭدىن سېتىۋالغىلى بولىدۇ.


tilsimat يوللانغان ۋاقتى 2012-10-2 23:39:37

7- قەۋەتتىكى appakhojaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

پەيغەمبىرىمىزنىڭ 18- ئەۋلادى سەئىد كەمالدىن دىن تەشۋىق قىلىپ ئۆزكەنت شەھرىگە كېلىپ ،قارخانلارنىڭ شۇ جايدا تۇرۇشلۇق ئىلىك خانى سۇلتان ئىلىك مازىنىڭ ئوردىسىغا چۈشتى،سۇلتان ئىلىك مازى ئۆزىنىڭ يىگانە مەلىكىسى فەرۇخ جامالنى سەئىد كامالدىنغا بەردى ،فەرۇخ جامال ئۇنىڭدىن ئېغىر ئاياق بولدى.سەئىد كالالدىن مەدىنىدىن جىددى مەكتۇپ كېلىپ ،مەدىنىگە جىددى ئاتلاندى .فەرۇخ جامال ئېغىر ئاياق بولغاچ بوشانغاندىن كېيىن يولغا چىقماقچى بولدى .لېكىن سەئىد كامالدىن مەدىنىگە بېرىپلا قازا قىلىپ كەتتى.شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر پۇشتى قارخانىلار ئوردىسىدا قالدى.ئاي-كۈنى توشۇپ فەرۇخ جامال ئاپتاپتەك بىر ئوغۇل تۇغدى.ئۇنىڭغا بورھاننىدىن دەپ ئىسىم قويۇلدى.قارخانىلار ئىلىك خانى ئىلىك مازى بۇ نەۋىرسىگە تولۇمۇ ئامراق ئىدى.بورھانىدىن ناھايىتى باتۇر ،قىلىچ ئوينۇتۇشقا ماھىر بولۇپ چوڭ بولدى.ئۇنىڭ قىلىچ ئوينىتىش ماھارىتى يىگانە بولغاچ ‹‹قېلىچدىن››دەپ لەقەملەندى.ئۇنىڭ تارىخ نامى بورھان قېلىچىدىن بولدى.كېيىن سۇلتان ئىلىك مازى بۇ نەۋىرسىگە ئالاھىدە سۆيگىسى ۋە پەيغەمبىرىمىزگە بولغان مۇھەببىتى سەۋەپلىك ئۆزكەتنىڭ قارخانىلار ئىلىكخانلىقىنى ئۇنىڭغا ئۆتكۈزۈپ بەردى.شۇندىن باشلاپ پەيغەمبەر ئەۋلادى بىلەن قارىخانلارنىڭ قېنى قوشۇلۇپ كەتتى .قارخانىلار شۇندىن باشلاپ قىز ئالسا پەيغەمبەر نەسلىدى ئالاتتى ،قىز بەرسە پەيغەمبەر نەسلىگە بېرەتتى مانا بۇلار خوجىلاردۇر.


بۇ نەسەپنامە ئۇيغۇرلاردا ساماندەك جىق .سىز نەپرەتنى قايرىپ قويۇپلا ئىزدەنسىڭىز تاپىسىز.


بۇنىڭ راسلىقىغا ئابدۇقادىر داموللام پەتىۋا بەرگەن.


قۇتلۇق شەۋقى گۇۋا بولغان.


قاغىلىقلىق ئابلىكىم مەخسۇم ھاجىم ،ئىمىر ھۆسەيىن قازاخۇنۇملارمۇ قەشقەردىكى بىر سورۇندا ئاشكارا ئېتراپ قىلغان.



سۇلايمان داموللام ئاپپاق خوجامنى تىلىغانغا لەنەت ئوقىغان.







ئەگەر ئاپاق قەۋرىسىدىن قوپۇپلا چىقسا پۇتىغا سۆيىدىغىنىڭغا ئىشىنىمەن،ياتنىڭ قېلىچى بىلەن ئۆزخەلقىنى قىرغانلارنى نومۇس قىلماي پەيغەمبەر ئەۋلادى دىيىشلىرىنى!!!!

enwerjula يوللانغان ۋاقتى 2012-10-2 23:46:23

7- قەۋەتتىكى appakhojaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

پەيغەمبىرىمىزنىڭ 18- ئەۋلادى سەئىد كەمالدىن دىن تەشۋىق قىلىپ ئۆزكەنت شەھرىگە كېلىپ ،قارخانلارنىڭ شۇ جايدا تۇرۇشلۇق ئىلىك خانى سۇلتان ئىلىك مازىنىڭ ئوردىسىغا چۈشتى،سۇلتان ئىلىك مازى ئۆزىنىڭ يىگانە مەلىكىسى فەرۇخ جامالنى سەئىد كامالدىنغا بەردى ،فەرۇخ جامال ئۇنىڭدىن ئېغىر ئاياق بولدى.سەئىد كالالدىن مەدىنىدىن جىددى مەكتۇپ كېلىپ ،مەدىنىگە جىددى ئاتلاندى .فەرۇخ جامال ئېغىر ئاياق بولغاچ بوشانغاندىن كېيىن يولغا چىقماقچى بولدى .لېكىن سەئىد كامالدىن مەدىنىگە بېرىپلا قازا قىلىپ كەتتى.شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر پۇشتى قارخانىلار ئوردىسىدا قالدى.ئاي-كۈنى توشۇپ فەرۇخ جامال ئاپتاپتەك بىر ئوغۇل تۇغدى.ئۇنىڭغا بورھاننىدىن دەپ ئىسىم قويۇلدى.قارخانىلار ئىلىك خانى ئىلىك مازى بۇ نەۋىرسىگە تولۇمۇ ئامراق ئىدى.بورھانىدىن ناھايىتى باتۇر ،قىلىچ ئوينۇتۇشقا ماھىر بولۇپ چوڭ بولدى.ئۇنىڭ قىلىچ ئوينىتىش ماھارىتى يىگانە بولغاچ ‹‹قېلىچدىن››دەپ لەقەملەندى.ئۇنىڭ تارىخ نامى بورھان قېلىچىدىن بولدى.كېيىن سۇلتان ئىلىك مازى بۇ نەۋىرسىگە ئالاھىدە سۆيگىسى ۋە پەيغەمبىرىمىزگە بولغان مۇھەببىتى سەۋەپلىك ئۆزكەتنىڭ قارخانىلار ئىلىكخانلىقىنى ئۇنىڭغا ئۆتكۈزۈپ بەردى.شۇندىن باشلاپ پەيغەمبەر ئەۋلادى بىلەن قارىخانلارنىڭ قېنى قوشۇلۇپ كەتتى .قارخانىلار شۇندىن باشلاپ قىز ئالسا پەيغەمبەر نەسلىدى ئالاتتى ،قىز بەرسە پەيغەمبەر نەسلىگە بېرەتتى مانا بۇلار خوجىلاردۇر.


بۇ نەسەپنامە ئۇيغۇرلاردا ساماندەك جىق .سىز نەپرەتنى قايرىپ قويۇپلا ئىزدەنسىڭىز تاپىسىز.


بۇنىڭ راسلىقىغا ئابدۇقادىر داموللام پەتىۋا بەرگەن.


قۇتلۇق شەۋقى گۇۋا بولغان.


قاغىلىقلىق ئابلىكىم مەخسۇم ھاجىم ،ئىمىر ھۆسەيىن قازاخۇنۇملارمۇ قەشقەردىكى بىر سورۇندا ئاشكارا ئېتراپ قىلغان.



سۇلايمان داموللام ئاپپاق خوجامنى تىلىغانغا لەنەت ئوقىغان.


ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ


ياق ئەپەندىم، پاكىت ئالدىدا ھەرقانداق ئادەمنىڭ نەپرىتى ياكى باشقا خىل ھېسسىياتى ئىناۋەتسىز. ئەمما گەپ شۇ پاكىتنىڭ ھەقىقىي ئىشەنچلىك- ئىشەنچلىك ئەمەسلىكىدە. ئابدۇقادىر داموللام، قۇتلۇق شەۋقى قاتارلىق ئۇلۇغلىرىمىز پەتىۋا بەرگەنگىلا پاكىتنىڭ ئىشەنچلىك بولۇپ كېتىشى ناتايىن. ئۇلار تارىخىي پاكىتلارنى نېمىگە ئاساسەن دەلىللىگەن؟ تارىخىي دىئالىكتىكىغا ئۇيغۇنمۇ؟


appakhoja يوللانغان ۋاقتى 2012-10-2 23:46:45

خوجىلار ۋە قارخانىلار خان جەمەئەتى مۇڭغۇللار ھۆكۈمرانلىقى دەۋرىدە ناھىيىتى كۆپ ئەرزىيەتلەرگە ئۇچرىغان .پەقەت ئەمىر تېمۇر دەۋرىگە كەلگەندىلا ئۇلار ئازادىلىككە ئېرىشكەن .خوجىلار ۋە قارىخانىلار خان جەمەئەتى يەركەن سەئىدىيىلار زامانلىرىدىمۇ تەقىپلىنىپ كىرىيە،چىريە ۋە قارقاشتا سۇرگۈنلۈكتە ئۆتكەن.ئىساق ۋەلىيۇللامۇ چىرىيەگە سۈرگۈن قىلىنىپ ئۇجايدىن دەھبىتكە چىقىپ كەتكەن.

abdulehed يوللانغان ۋاقتى 2012-10-3 00:04:15

ئاپپاق خوجىنى تەنقىتلەيدىغانلار ۋە ماختايدىغانلار ئۇنىڭ بىلەن زامانداش بولمىغاندىكىن مەنبە، پاكىت مەسىلىسىنى ئويلىشىپراق بىر نەرسە يازساڭلار.

قاچانغىچە نېشىكەشتەك خىيالى توقۇلمىلارنى سۆزلەپ يۈرەرسىلەر؟

abdulehed يوللانغان ۋاقتى 2012-10-3 00:09:44

يېڭى ئاپپاق خوجا.



سىز بىرمۇنچە گەپلەرنى قىلىۋەتتىڭىز، ئەپسانىسىمان. ئاشۇلارغا ئىشەنچلىك مەنبەنى قوشۇمچە قىلىپ يوللىغايسىز. يۇمۇر بىلەن تارىخ يۇرۇتۇلمايدۇ، ئۇيغۇردىن باشقا قەۋمدە.

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2012-10-3 00:32:56

‹‹ئەمىر تۆمۈر كوراگان ھەققىدە قىسسە›› دىگەن كىتاپنى ئوقۇغانمۇ سىلەر؟ كىتاپتا يىزىلىشىچە ھەر 800 يىلدا ئاسماندىكى مەلوم ئىككى يۇلتۇز تۈركۈمى بىر يەرگە كەلگەندە يەر يۈزىدە تۇغۇلغان بوۋاق ناھايتىمۇ شان-شۆھرەتلىك بولارمىش. ئەلمىساقتىن بويان ئۈچ كىشى بۇ شەرەپكە ئېرىشكەن ئىكەن. بىرىنچىسى ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن، ئىككىنچىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسالام، ئۈچىنچىسى ئەمىر تۆمۈر كوراگان. ئاقساق تۆمۈر بوۋاق ۋاقتىدىلا بىر يوغان يىلاننى ئۆلتۈرۋەتكەن. چوڭ بولغاندا بىر بۈيۈك ئىمپىرىيەنى قۇرغان. نۇرغۇن پەيغەمبەرلەرنىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلغان ھەم نۇرغۇن پەيغەمبەرلەر بىلەن كۆرۈشكەن، ئەۋەتكەن ئادەملېرى يەجۇجى-مەجۇجىلار بىلەن كۆرۈشكەن. ئوغلىمۇ ياكى ئۆزىمۇ ئېسىمدە يوق بىر پىلنى دەس كۆتۈرگەن. ئەمىر تۆمۈر ۋاقتىدىن كېيىن جىنلارنىڭ ئەرشكە چىقىشىغا رۇخسەت قىىلىنمىغان. يەزدى دىگەن تارىخچى ئەمىر تۆمۈر توغرىلىق مانا مۇشۇنداق غايىۋى قىسسەنى تۇقۇپ چىققان. ئاپپاق خوجا بىلەن مۇھەممەد ئەلەيھىسالام ئوتتۇرسىدا 1000 يىل ۋاقىت بار. ئاپپاق خوجىنىڭ شۇ نەسەپنامىسى ئىشەنچلىكمىدۇ؟

ھېلىمۇ شىڭ شىسەي خەنسو بۇلۇپ قاپتۇ بولمىغان بولسا شاپتول داموللام ئۇنى نىمە دەپ ماختار بولغىيتتى؟

dilara يوللانغان ۋاقتى 2012-10-3 00:33:16

چىڭگىزخان قانۇنى ياكى موڭغۇل ياساسى

http://elibrary.sd71.bc.ca/subject_resources/socials/mogol_great_yassa.htm

نى ئوقۇپ بېقىڭلار. 1220-يىللاردىن كېيىن دىيارىمىزدا قاراخانلارنىڭ شەرىئەت دۆلىتى يىقىلغاندىن كېيىن مۇشۇ موڭغۇل قانۇنى ئىجرا قىلىنغان. (قەشقەردە 932-يىلى ئىسلام شەرىئىتى دۆلىتى ئېلان قىلىنغانلىقىنى، سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاننىڭ تارىخىنى بىلىدىغانلار بىلىدۇ.)

ئېنگلىزچە تارىخ ماتىرىياللىرىدا مۇشۇ \"ئاپپاق خوجا چاغاتاي خانلىرى ئىجرا قىلىۋاتقان موڭغۇل قانۇنىنىڭ ئورنىغا ئىسلام شەرىئەت قانۇنىنى دەسسەتكەن كىشى\" دەپ تەسۋىرلەيدىكەن.

As a highly respected religious figure, Afaq Khoja was in a clash with ruling elite of Chagatai dynasty and this conflict does have both religious and secular nature, for the religious part he was an advocator of implementing Islamic law against Mongol Yassa law which was legal law at that time, for secular part he heavily criticized the luxurious lifestyle which the ruling elites enjoying

زۇزۇڭتاڭ 1884-يىلى يۇرتىمىزنى ئېلىشتىن ياكى 1949-يىلدىن ئىلگىرى قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ ... قاتارلىق جايلاردا مەھكىمە شەرئىي بارلىقى، قازاخۇنۇملارنىڭ شەرىئەت بويىچە ھۆكۈم چىقارغانلىقىنى ئوقىدۇق. دېمەك، موڭغۇللارنىڭ قانۇنى 17-ئەسىردە ئەمەلدىن قالغانلىقى، قايتىدىن ئىسلام شەرىئىتىنىڭ تىكلەنگەنلىكى راست.

يالغان دېگۈچىلەر پاكىت كۆرسەتسەڭلار، رەھمەت ئېيتىمەن.


makansiz يوللانغان ۋاقتى 2012-10-3 00:41:26

11- قەۋەتتىكى appakhojaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

خوجىلار ۋە قارخانىلار خان جەمەئەتى مۇڭغۇللار ھۆكۈمرانلىقى دەۋرىدە ناھىيىتى كۆپ ئەرزىيەتلەرگە ئۇچرىغان .پەقەت ئەمىر تېمۇر دەۋرىگە كەلگەندىلا ئۇلار ئازادىلىككە ئېرىشكەن .خوجىلار ۋە قارىخانىلار خان جەمەئەتى يەركەن سەئىدىيىلار زامانلىرىدىمۇ تەقىپلىنىپ كىرىيە،چىريە ۋە قارقاشتا سۇرگۈنلۈكتە ئۆتكەن.ئىساق ۋەلىيۇللامۇ چىرىيەگە سۈرگۈن قىلىنىپ ئۇجايدىن دەھبىتكە چىقىپ كەتكەن.


باشقىسىنى قويۇپ ئاپپاق غوجىنىڭ دالاي لاما دىن ياردەم سوراپ جۇڭغارلارنى باشلاپ كىرگىنى زادى قانداق ئىش شۇ توغرۇلۇق گەپ قىپ بېقىڭە

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2012-10-3 00:45:39

ئاپپاق غۇجىنىڭ بايانلىرىنى ئاڭلاپ باققۇم بار،مەيلى مەنبەنى دىمىسىمۇ.

abdulehed يوللانغان ۋاقتى 2012-10-3 00:53:17

17- قەۋەتتىكى xahla91نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بۇرۇن ئاپپاق غۇجىنىڭ بايانلىرىنى ئاڭلاپ باققۇم بار،مەيلى مەنبەنى دىمىسىمۇ.



چۆچەككە ئامراقكەنسىز ھە خان؟\"\"

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2012-10-3 01:07:07

18- قەۋەتتىكى abdulehedنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

17- قەۋەتتىكى xahla91نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بۇرۇن ئاپپاق غۇجىنىڭ بايانلىرىنى ئاڭلاپ باققۇم بار،مەيلى مەنبەنى دىمىسىمۇ.



چۆچەككە ئامراقكەنسىز ھە خان؟\"\"



بەلكىم ئۇنىڭ داۋاتقانلىرى چۆچەك بولماسلىقى مۇمكىن، كەڭسايدىن باشلاپ ئۇنىڭ ئىنكاسلىرىغا دىققەت قىلىپ كېلىۋاتىمەن،بارغانسىرى ئاپپاق غۇجا نامىدىكى بۇ تورداش شۇنچە كۈچەپ بىزگە بىر ھەقىقەتنى بىلدۈرمەكچى بولىۋاتقاندەك بىلىندى.


ئۇنىڭدىن مەنبە تەلەپ قىلماسلىقىم ،ئۇنىڭغا ئىشەنگەنلىكىم، چۈنكى ئۇ ماڭا قاراڭغۇ بولغان تارىخنى سۆزلەۋاتىدۇ،مەن بىچارە مۇشۇ يىشىمغىچە دۇمبەمگە يېزىلغان تارىخنى ئوقۇپتىمەن،يېزىلمىغىنىنىمۇ بىر ئاڭلاي دىدىم.



ئەمدى قۇتلۇق ھاجى ھەزرىتىم،بۇ بىر ھەدىس بولمىغانكىن مەنبەسىنى سورىمايراق تۇرسا،تارىخى دىگەن خاتا كەتسىمۇ چوڭ ئىش بولمايدىكەنغۇ، نى يالغان تارىخنى رومان قىلىپ يېزىۋىلىپ ياتلاپ يۈرگەن خەقكەنمىز،ئاسمان ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ بىسىۋالماپتۇ بىزنى ،مانى ئاڭلىۋەتسەكمۇ ئارتۇق كەتمەس.

بەت: [1] 2 3 4 5 6 7 8 9 10
: ئاپپاق خوجىنىڭ «جاھان كېزىش» نامى بىلەن تىبەتكە قىلغان سەپىرى ھەققىدە