appakhoja يوللانغان ۋاقتى 2012-10-13 11:12:23

ئاپپاق خوجام دەۋرىدىكى مەرىپەتچىلىك(4)

موللا ئابدۇلھەلىم ئاخۇنۇمنىڭ مىلادى 1713-يىلى يېزىلغان ‹‹مەنقابەتىل سەئىد خاجى ھىدەيتۇللا ئاففاق›› دىگەن ئەسىرىدە:‹‹شۇ زاماندا ئۆلمىلار ئىزەت-ئىكرام تېپىپ جاھالەتكە خاتىمە بېرىلگەن ئىدى ،ھەممە ئادەم ئۈچۈن شۇ نەرسە ياد ئىدىكى (ئىلىم بار يەردە دىن بار،جاھالەت بار يەردە دىن يوق)دىگەن مۇبارەك كالام ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ تىلى ۋە دىلىدا زىكرى تەجەللى قىلاتتى ،خاجە ھەزرەتللىرى مۇقەددەم ئۆتكەن شۇ ھادە ۋە ئۆلمالارنىڭ دەپنىگاھلىرىنى زىيارەت قىلماق ئۈچۈن،تەمىرى ئاسيىش ئەتكەن ئىدى.

خۇسوسەن شەھىد سۇلتان سىتۇق بۇغراخان بۇزرۇكۋارىمىزنىڭ ۋەخپە ئەخقاپلىرىنى شۇ مەسەلى زورايتىكى تۈركىستان تامانىدىكى ھەر جامى ئالددىكى كاتتا دۇكان سارايلاردىن ،ئابى راۋان بىرنەچچە دوناي ئېتىزلارنى ۋەخپە قىلغان.مۇھتەرەم زات ئۆزى بولسا ھەر سال ئىككى نۆۋبەت ئۇلۇغ بۈزرۈكۋارنىڭ قەۋرىگاھلىرىنى زىيارەت قىلماقنى شەرەپ بىلگەن جەھەتىدىن كاتتا نەزىر-نىياز قىلىپ، بۈزرۈكۋارغا بولغان ئىخلاسىنى ئىپادىلەيتتى››

يەنە شۇ كىتاپتا‹‹بۈزرۈكۋارنى نامىدا ‹‹بەيتۇل ئىرفان››نامىلىق كۇتۇپخانە تەمىر قىلىپ ،ئول ۋە تامامى مۇراسىملاردا ئۇردا ئۆلمالىرىنى دۇئاغا سامى ئەتكەندۇلەر.شۇ ھال ‹‹بەيتۇل ئىرفان››كۇتۇپخانىسىغا تۈرى ئون مىڭ پارچىدىن زىيادىراق كىتابنى قويۇلغاندۇر.ھاسىل كالام ،خاجە ھىدايتۇللا ئافاق دەۋرىدە مەرىپەت سۈيۈنچىلىرى شۇ قەدەر سۈيۈلگەنكى،ھەر ئىلىمنىڭ ساھىبى ئۆز ئورنىدىن قارار ئالغاندۇر.

ھەزرىتى بۈزرۈكۋار سۇلتان سىتۇق بۇغراخان مازرىغا ئاففاق خوجام تەرەپىدىن تەمىر ئېتىلگەن ‹‹بەيتۇل ئىرفان›› كۇتۇپخانىسىنىڭ 1904-يىلغىچە ساقلانغان كىتاپ تۈرى 30 مىڭدىن ئاشقان بولۇپ ،تەخمىنەن 1904-1907 يىللىرى كۈز ئايلىرىدا ،ياڭزىشىڭ دەۋرىدە سۈيقەستلىك ئوت ئاپىتى تەرەپىدىن تامامى كۈيۈك كەتكەن .‹بۇ سىر كېيىن يېشىلگەي››.

ئۇنىدىن باشقا ئاپپاق خوجام ھەزرەتلىرى يىتۈك ئالىم ،قەلەم ساھىبى بولۇپ،ئۇنىڭ ئۆز قەلىمى بىلەن پۈتكەن ئەسىرى 33 پارچە كىتاپتۇر .بۇ ئەسەر 1724-يىلى موللا بارىس ئىبنى توقام ئىبنى موللا ئەيسا ئىبنى موللا چۆلەش ئىبنى موللا باھىر ئبنى موللا توقامخان ھەزرەتلىرى تەرەپىدىن يېزىلغان ‹‹قۇتادنامە›› دىگەن ئەسىرىدە ئېنىق كاتلوگگى بىلەن ئوتتۇرغا قۇيۇلغان.

بۈزرۈكۋارىمىز ئاپپاق خوجام ھەزرەتلىرىنىڭ بۇ ئەسەرلىرىنىڭ مەزمون دائىرىسى ھەممە ئىلىملەرگە چېتىلدىغان بولۇپ دىن ،ئاستورنومىيە، ماتىماتىكا،تىبابەت،پەلسەپە،تارىخ توغۇرلۇق بولۇپ بۇلارنى كېيىكى قېتىم ناھايىتى تەپسىلى يوللايمەن ..چۈنكى بۇ ئەسەرلەر پارىس تىلى ۋە چاغتەيچە بولغاچقا بەك كۈچ تۇتۇدۇ ئاللا ئۇنىڭ روياپقا چىقىشىغا نىسىپ ئەتكەي.

تۆۋەندىكى ئۈچ پارچە ئەسىرىنى زىكرى قىلىپ ئۆتىمەن.

‹‹ئە شىفا فى تەداۋىل مۇقتەزا›› بۇ كىتاپ تىبابەتكە ئائىت يېزىلغان كىتابى --‹‹ئېھتىياجىغا قارىتا داۋالاش شىفالانمىلار››

‹‹تارىخۇل ئەشرەپ ۋەل مۇغەرەتۇل ئەقراپ›› بۇ كىتاپ تارىخقا ئائىت كىتاپ بولۇپ،پۈتكۈلل دۇنيا ،ئىسلام ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدە يېزىلغان بولۇپ ئەڭ مۇفەسەل تارىخى ئۇقۇشلۇقتۇر. ‹‹تارىختىكى شەرەپلەر ۋە پىكىرەتلەر،غورور -ۋىجدانلار›› ..

‹‹ئەقائىدوس سۈننە›› بۇ دىننى تەلىم -تەربىيە كىتابى .‹‹كىتابى سۈننەت ئۈستىدىكى ئەقىدىلەر››

يەنە بۈزرۈكۋارىمىز ئاپپاق خوجام ھەزرەتلىرىنىڭ يېقىنلىرى ۋە مۇرىتلىرىدىن بولغان موللا باقاۋۇل ئىبنى ئاغاي ئىبنى بازىر ئاخۇنۇم ۋە موللا ئىۋەز ئىبنى كېپەكخان خانلار ئايرىم -ئايرىم يازغان ئىككى قۇرئان تەپسىر ئۇيغۇر تارىخدىكى 11 ئۇيغۇرچە يېزىلغان ‹‹تەپسىر ئىلىك››،‹‹تەپسىر خاقانىيە›› قاتارلىق 11 پارچە تەپسىر ئىچىدە چاقتاپتۇرغان ئىرفان يۇلتۇزلىرىدۇر.

بۈزرۈكۋارىمىز ئاپپاق خوجام ھەزرەتلىرىنىڭ يېقىنى ۋە مۇرىتى بولغان موللا باقاۋۇل ئىبنى ئاغاي ئىبنى بازىر ئاخۇنۇم يازغان قۇرئان كەرىم تەپسىرى ‹‹ئەتتەفسىر ۋە تەئبىر فى قۇئانىل ئەزىم›› دۇر .‹‹قۇرئان كەرەمنىڭ تەپسىر ۋە تەبىرلىرى››

بۈزرۈكۋارىمىز ئاپپاق خوجام ھەزرەتلىرىنىڭ يېقىنى ۋە مۇرىتى بولغان موللا ئىۋەز ئىبنى كېپەكخان يازغان قۇرئان كەرەمنىڭ تەپسىرى ‹‹ھەققايىقۇت تەپپاسىر›› دۇر.‹‹ھەقىقەتلەر تەپسىرى››دۇر.

بۇنىڭدىن باشقا بۈزرۈكۋارىمىز ئاپپاق خوجام ھەزرەتلىرىنىڭ سائادەت دەۋرىدە ئايالاردىن تەشكىللەنگەن نەچچە مىڭ كىشلىك ‹‹كىتاپ كۆچۈرگۈچىلەر›› گۇرۇپىلىرى تەشكىلەنگەن بولۇپ ،بۇللارنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى ئالىملار تەرەپىدىن يېزىلغان كىتاپلارنى كۆپەيتىپ كۆچۈرۈپ نەشىر قىلىش ئىدى .ھاسىل كالام بۇدەۋرىنىڭ سائادىتىنى ۋە بەركىتى ھەر دەۋرلەردىن ئۈستۈن بولغان ئىدى.

afiyfiy يوللانغان ۋاقتى 2012-10-13 23:44:15

داۋامى بارمۇ يەنە؟!

dawanqi يوللانغان ۋاقتى 2012-10-14 10:35:12

ئەمدى تۈگىگەن ئوخشايدۇ

appakhoja يوللانغان ۋاقتى 2012-10-14 17:40:16

ئاللا نىسىپ ئەتسە بەك كۆپ...

Umidhalid يوللانغان ۋاقتى 2012-10-14 18:09:21

ھىدايەتۇللا خوجا ھەققىدىكى مەلۇماتلارنىڭ بەكمۇ ئاشۇرۋەتكەندەكلا بىلنەتتى ماڭا .

destiny يوللانغان ۋاقتى 2012-10-14 18:52:04

136- قەۋەتتىكى appakhojaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئالۋەتتە بىزنىڭ بۇرۇن يېزىلغان تارىخ كىتاپلىرىمىز ھەمىسى مۇشۇنداق يېزىلغان ھەم بۇنىڭدىنمۇ رىۋايەت تۈسى ئالغان ..ئاجابا باشقىلار

مۇشۇ كىتاپتىنكى بەزى جايلارنى ئۆزگەرتىپ   ئېلىپ ھازىرقى ماڭقۇرۇتلاشتۇرۇش تارىخنى يازمىغانمۇ...ئەجابا ئۇلار ئالغان جايلار داۋلىغا ئۇيغۇن ،بىزلەر ئالغان جايلار ئۇيغۇن ئەمەسما؟


شەخلا سىز ئىنكاسنى تەپسىلى ئوقۇپ ئىنكاس يېزىڭ


‹‹-تەقسىر قەلەندەرىم.-دىدى قۇنتەيجى شاھ مەشرەپنىڭ قولىدىن تۇتۇپ،ئايرىم ئۆيگە باشلاپ كىرىپ،-ئەگەر ئاشكارا مۇسۇلمان بولسام ،يۇرتىكى پۇقرالىرىمدىن ئەندىشە قىلمەن،غۇۋغا پەيدا بولۇدۇ.ھازىر سىزنىڭ يېنىڭىزدا مۇسۇلمان بولاي،نامازنى مەخپى ئوقۇپ،روزىنى مەخپى تۇتاي،خەير-ساخاۋەت قىلاي.قىيامەت كۈنى خۇدا قازى بولۇپ،ھەزرىتى مۇھەممەد مۇستافا سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللام شاپائەت تەختىدە ئولتۇرغاندا ،مۇسۇلمانلىقىمغا گۇۋالىق بەرگەيسىزمۇ؟-شاھ مەشرەپ قۇبۇل قىلدى.قۇنتەيجى كەلىمە شاھادەت ئېيتىپ مۇسۇلمان بولۇپ،-گۇۋاھ بولۇڭ ئاپپاق خوجامنى پىر تۇتتۇم.شەھەرلىرىمنى ئۇنىڭغا نىياز(سوۋغا)قىلدىم،-دىدى.


بۇ جاينى ئوبدان ئۇقۇڭ...

مەن پاكىت كۆرسىتىشكا ئاجىزلىق قىلىپ قالمايمەن ...ئاستا -ئاستا كېلەيلى ..قانچىلىق قەبىھ ئىنكاسلار چۈشىدۇ .مەن غەزەپ-نەپرەتنىڭ  قانچىلىق چەكتە ئىككەنلىكىنى بىلىپ باققىم بار.چۈنكى بىر پەيغەمبەر نەسلىنى كاپىرغا چىقىرىشقا تىرىشۋاتقان بۇ قەۋم نەسلىنىدىن ئاللانىڭ زور ھىكمەتلىرىنى ،سەۋرىسىنى چۈشۈشنۈپ قېلۋاتمەن.ئىشلانىڭ سەۋەبىنى بىلىپ قالغاندەك  .نىمىنىڭ زالالەت ،جاھالەت ئىككەنلىكىنى بىلىپ قېلۋاتقاندەك مەن...



يەنە دىسەم يەنە شۇ ،مۇشۇ گەپلىرىڭىزگە ئىسپات كۆرسىتىڭە، مىنىڭ باشقا گەپلىرىڭىز بىلەن ئالاقەم يوق




enwerjula يوللانغان ۋاقتى 2012-10-14 21:51:23

ھەزرىتى بۈزرۈكۋار سۇلتان سىتۇق بۇغراخان مازرىغا ئاففاق خوجام تەرەپىدىن تەمىر ئېتىلگەن ‹‹بەيتۇل ئىرفان›› كۇتۇپخانىسىنىڭ 1904-يىلغىچە ساقلانغان كىتاپ تۈرى 30 مىڭدىن ئاشقان بولۇپ ،تەخمىنەن 1904-1907 يىللىرى كۈز ئايلىرىدا ،ياڭزىشىڭ دەۋرىدە سۈيقەستلىك ئوت ئاپىتى تەرەپىدىن تامامى كۈيۈك كەتكەن .‹بۇ سىر كېيىن يېشىلگەي››.



----------------------------

يازغانلىرىڭىزنىڭ ئىچىدە مۇشۇ بىر سۆزۈڭىزنىڭ جىڭ-جالىقىنى بىلىپ بېقىشقا ئەرزىيدىكەن. ئاران بىر نۇسخىدىن قويۇپتىكەنما ئۇ كىتاپلارنى. سوپىلار بىرەر نۇسخىدىن ساقلىۋالماپتىكەنما؟

appakhoja يوللانغان ۋاقتى 2012-10-15 11:59:58

149- قەۋەتتىكى enwerjulaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ھەزرىتى بۈزرۈكۋار سۇلتان سىتۇق بۇغراخان مازرىغا ئاففاق خوجام تەرەپىدىن تەمىر ئېتىلگەن ‹‹بەيتۇل ئىرفان›› كۇتۇپخانىسىنىڭ 1904-يىلغىچە ساقلانغان كىتاپ تۈرى 30 مىڭدىن ئاشقان بولۇپ ،تەخمىنەن 1904-1907 يىللىرى كۈز ئايلىرىدا ،ياڭزىشىڭ دەۋرىدە سۈيقەستلىك ئوت ئاپىتى تەرەپىدىن تامامى كۈيۈك كەتكەن .‹بۇ سىر كېيىن يېشىلگەي››.



----------------------------

يازغانلىرىڭىزنىڭ ئىچىدە مۇشۇ بىر سۆزۈڭىزنىڭ جىڭ-جالىقىنى بىلىپ بېقىشقا ئەرزىيدىكەن. ئاران بىر نۇسخىدىن قويۇپتىكەنما ئۇ كىتاپلارنى. سوپىلار بىرەر نۇسخىدىن ساقلىۋالماپتىكەنما؟

بۇنىڭ جىڭ-جالىقىنى مەن بىلمەيمەن ،قاراڭ ئەپەندىم مەن 10000 پارچە كىتاپ قويۇلغان ئىشنى بىز كىتاپتىن كۆردۇق،يازدۇق،30 مىڭ پارچە كىتاپنىڭ كۆيۈپكەتكەنلىكىنى ئاڭلىدۇ...سوزلەپ بەرگۈچى يىل سانىنى بىلمىدى لېكىن كۈز ئېيى ئىككەنلىكىنى ..ياڭ دەۋرى ئىككەنلىكىنى دەپ 1904يىلدىن 1907 يىللار ئىچىدە دىدى.شۇ بويىچە ئالدۇق...ئەسلى مەن بۇ ماقالىنى پۇتتۇرۇپ مۇكەمەل ئىلمى ماقالە ھالىتىگە كەلتۈرۈپ چىقىراي دىگەن ،لېكىن توردىكى بەزى تېما -ئىنكاسلار بۇ ئىشنى قانچە تېز يەتكۈزۈلسە شۇنچە ياخشى بولدىغانلىقىنى ھىس قىلدۇردى شۇڭا ..يازما پارىسچە،چاغتايچە يازمىلاردىن پايدىلىنىپ ،تەرجىمە قىلىنىپ يوللانغاچقا بەزى سۆزلەرنى خاتا تەرجىم قىلىپ قويۇشۇمىزمۇ مۈمكىن،،ئۇنداق بولسا خاتالىقىمىزنى تۈزۈتۈزىمىزگە بىز ھەر ۋاقىت تەييار.بىز يۈكسەك بىر سەۋرە،ئىنساپ بىلەن تاللاپ ئىنكاس يوللاۋاتىمىز..ئەينى ۋاقىتىكى ئەسەر يېزىش ئۇسلۇبى ،بۇگۇنگە ئوخشىمايدۇ ...ئەپسانىلاشتۇرۇش بەك ئېغىر،بولغان سىزمۇ بىلسىز..خوسوسەن مەن خوجامغا بولغان ھۆرمىتىم سەۋەپلىك ئۇنىڭ خاتالىقلىرى ئۈستىدە توختالمىدىم،يەنە بىر جەھەتتىن ئۇنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ سەلبىلەشتۈرگەن ئەسەرلەر تولۇپ تېشىپ تۇرۇپتۇ.مەن ئۇنىڭدىن ياماناراقلىرىنى تاپالسام شۇندا قىلسام بولۇدۇ ئەلۋەتتە.سىز نەدىن ؟ئۈرۈمچە بولسىڭىز كۆرۈشكەندە ئاندىن سىزگە ساقلانغان ساقلانمىغىنى دەپ بەرسەم بولۇدۇ  .

Marshal يوللانغان ۋاقتى 2012-10-15 12:40:02

مەن يازغۇچىلارنىڭ ئاپاق غوجا تارىخىغا بەك تېز باھا بېرىپ ئەسەر يازدىمىكىن دەپ ئويلاپ قالىمەن.

ئەسلى،مۇزىيخانىلاردا ساقلىنۋاتقان قەدىمقى ئۇيغۇرچە كىتابلاردىكى تارىخىي كىتابنى ئوقۇپ باققان،بۇرۇنقى ئۇيغۇر يېزىقىدىن مۇكەممەل ساۋادى بار ئادەم تەتقىق قىلىپ يېزىپ چىققان بولسا ياخشى بولاركەن دەپ ئويلاپ قالدىم.

تۈنۈگۈن شىنجاڭ پەن-تېخىنىكا نەشرىياتى نەشىر قىلىپ تارقاتقان ‹‹قەدىمقى قوليازمىلار››دېگەن كىتابقا كۆزۈم چۈشۈپ قېپ ئوقۇپ باقتىم،ئاپاق غوجا دەۋرىدە تارىخىي مۇھىتنى يازغان نۇرغۇن تارىخچىلارنىڭ كىتابلىرى مۇزىيخانىلاردا،ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدە ساقلاقلىق پېتى تۇرغىل تۇرۇپتۇ.

تېخى نۇرغۇن كىتابلار ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشمەي قاپتۇ.

بەزىدە شۇنداق ئويلاپ قالىمەن،بېتۇن،سېمىنۇت ئىشلەتمەي شۇنچە ئېگىز مۇنارنى تىكلەپ،ئۆزىگە قەبرە تىكلەپ،ئادەمنى ھەيرەتتە قالدۇردىغان بىناكارلىق قۇرۇلىشى ئېلىپ بارغان بۇ كىشىنىڭ شۇنچىلىك ئەقىل-پاراسىتى ‹‹ئاپاق غوجا››مازىرىدا ئابىدە بوپ تۇرۇپتۇ.لېكىن،ئۇيغۇر بىناكارلىقىنى ۋايىغا يەتكۈزگەن بۇ غوجىنىڭ ئۇيغۇر جەمىيتىدىكى ئوبرازىنى،ھاياتلىق كەچۈرمىشىنى تېخىمۇ سېستىمىلىق تەتقىق قىلىپ بېقىش كېرەكتەك قىلىدۇ.

@appakhojaئىسىملىك تورداش،مۇشۇ ھەقتە بىر تەتقىق قىپ بېقىڭە،قارىسام بۇرۇنقى كونا ئۇيغۇر يېزىقىنى بىلدىغان ئوخشايسىز.

enwerjula يوللانغان ۋاقتى 2012-10-15 21:55:10

150- قەۋەتتىكى appakhojaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

149- قەۋەتتىكى enwerjulaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ھەزرىتى بۈزرۈكۋار سۇلتان سىتۇق بۇغراخان مازرىغا ئاففاق خوجام تەرەپىدىن تەمىر ئېتىلگەن ‹‹بەيتۇل ئىرفان›› كۇتۇپخانىسىنىڭ 1904-يىلغىچە ساقلانغان كىتاپ تۈرى 30 مىڭدىن ئاشقان بولۇپ ،تەخمىنەن 1904-1907 يىللىرى كۈز ئايلىرىدا ،ياڭزىشىڭ دەۋرىدە سۈيقەستلىك ئوت ئاپىتى تەرەپىدىن تامامى كۈيۈك كەتكەن .‹بۇ سىر كېيىن يېشىلگەي››.



----------------------------

يازغانلىرىڭىزنىڭ ئىچىدە مۇشۇ بىر سۆزۈڭىزنىڭ جىڭ-جالىقىنى بىلىپ بېقىشقا ئەرزىيدىكەن. ئاران بىر نۇسخىدىن قويۇپتىكەنما ئۇ كىتاپلارنى. سوپىلار بىرەر نۇسخىدىن ساقلىۋالماپتىكەنما؟

بۇنىڭ جىڭ-جالىقىنى مەن بىلمەيمەن ،قاراڭ ئەپەندىم مەن 10000 پارچە كىتاپ قويۇلغان ئىشنى بىز كىتاپتىن كۆردۇق،يازدۇق،30 مىڭ پارچە كىتاپنىڭ كۆيۈپكەتكەنلىكىنى ئاڭلىدۇ...سوزلەپ بەرگۈچى يىل سانىنى بىلمىدى لېكىن كۈز ئېيى ئىككەنلىكىنى ..ياڭ دەۋرى ئىككەنلىكىنى دەپ 1904يىلدىن 1907 يىللار ئىچىدە دىدى.شۇ بويىچە ئالدۇق...ئەسلى مەن بۇ ماقالىنى پۇتتۇرۇپ مۇكەمەل ئىلمى ماقالە ھالىتىگە كەلتۈرۈپ چىقىراي دىگەن ،لېكىن توردىكى بەزى تېما -ئىنكاسلار بۇ ئىشنى قانچە تېز يەتكۈزۈلسە شۇنچە ياخشى بولدىغانلىقىنى ھىس قىلدۇردى شۇڭا ..يازما پارىسچە،چاغتايچە يازمىلاردىن پايدىلىنىپ ،تەرجىمە قىلىنىپ يوللانغاچقا بەزى سۆزلەرنى خاتا تەرجىم قىلىپ قويۇشۇمىزمۇ مۈمكىن،،ئۇنداق بولسا خاتالىقىمىزنى تۈزۈتۈزىمىزگە بىز ھەر ۋاقىت تەييار.بىز يۈكسەك بىر سەۋرە،ئىنساپ بىلەن تاللاپ ئىنكاس يوللاۋاتىمىز..ئەينى ۋاقىتىكى ئەسەر يېزىش ئۇسلۇبى ،بۇگۇنگە ئوخشىمايدۇ ...ئەپسانىلاشتۇرۇش بەك ئېغىر،بولغان سىزمۇ بىلسىز..خوسوسەن مەن خوجامغا بولغان ھۆرمىتىم سەۋەپلىك ئۇنىڭ خاتالىقلىرى ئۈستىدە توختالمىدىم،يەنە بىر جەھەتتىن ئۇنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ سەلبىلەشتۈرگەن ئەسەرلەر تولۇپ تېشىپ تۇرۇپتۇ.مەن ئۇنىڭدىن ياماناراقلىرىنى تاپالسام شۇندا قىلسام بولۇدۇ ئەلۋەتتە.سىز نەدىن ؟ئۈرۈمچە بولسىڭىز كۆرۈشكەندە ئاندىن سىزگە ساقلانغان ساقلانمىغىنى دەپ بەرسەم بولۇدۇ  .


ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ


ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم، تەتقىقاتىڭىزنىڭ ئوڭۇشلۇق بولىشىنى تېلەيمەن. دېگىنىڭىز توغرا. بۇرۇنقىلاردا تارىخنى ئەپسانىلاشتۇرۇپ يېزىش ئېغىر. خەنزۇلاردىمۇ «نۈيۋانىڭ ئاسماننى يامىشى»، ئەجدىھانىڭ تۈۋرۈككە ئايلىنىشى» دېگەندەك ئەپسانىلار رەسمىي تارىخ سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ھازىر بەزى خەنزۇ ئالىملىرى بۇ خىل رىۋايەت ۋە ئەپسانە قىسمىنى چىقىرىۋەتكەندە خەنزۇلارنىڭ تارىخىنىڭ ئاران ئىككى مىڭ يىل بولىدىغانلىقىنى، 3مىڭ يىلنىڭ قىسقىراپ كېتىدىغانلىقىنى ئېيتىشىدۇ.


لېكىن، بۇنىڭلىق بىلەن تارىخنى ئىنكار قىلغىلىمۇ بولمايدۇ. ئەپسانە-رىۋايەت، ئېيتىم، تۇتېم، مەدەنىي يادىكارلىقلارنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق تارىخ ھەققىدە ئانالىز قىلغىلى بولىدۇ.


ھۆرمەتلىك ئەپەندى، ناھىيىتى زىل ۋە چوڭ تېمىغا تۇتۇش قىلىپسىز، تەتقىقات خىزمىتىنىڭ قانچىلىك جاپالىق بولىدىغىنىنى ئوبدان بىلىمەن. چوڭ بولۇپ ھازىرغىچە ئوقىغان ماتىرىياللىرىمدا ئۇيغۇرلارنىڭ زاۋاللىققا يۈزلىنىشىدە ئاپئاق خوجا، ئاق تاغلىق،قارا تاغلىق دېگەندەك ھالقىلىق سۆزلەر كاللامغا ئورناپ كەتكەچكە بىراز سوغۇق ئىسقىرتىپ قالدىم. لېكىن، بىر ئادەم مەيلى مەغلۇپ بولسۇن ياكى غەلىبە قازانسۇن ئىزدىنىش جەريانى ئادەمگە نۇرغۇن بىلىم ئاتا قىلىدۇ. ئىزدىنىشنىڭ ئۆزى بەخت. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئخشىمىغان بىر ھەقىقەتنى ئالدىمىزغا يېيىشىڭىزغا تېلەكداشلىق بىلدۈرىمەن.




atella يوللانغان ۋاقتى 2012-10-15 23:43:30

ئاپپئاق خوجا مەقبەرىسنى تۇنجى كۆرگەندىكى ھېسياتىم ھازىرغا قەدەر ئىچىمدە تاشقىنلاپ تۇرۇپتۇ،

بىر ئاغىنەم بىلەن باردۇق، بىلەتچى چوكان بىلەت ئالمىساڭلار كىرگۈزمەيمىز دېدى. بىلەت سېتىش ئورندىن 30 يۈەندىن بلەت ئالدۇق، كىرش سول قول تەرەپتە بىر مەسچىد تاقاقلىق تۇرۇپتۇ،چۈشەندۈرگۈچى خادىم بولمىغاچ بۇ مەسچىدىكە ئالاقدار ھېچنىمنى بىلمىدىم...

ئاندىن كىرىپ ئاپئاق خوجا مەقبەرىسگە كىردۇق، مەقبەرىنى تۇنجى كۆرگەندە ۋۇجۇدۇمنى بىر خىل تىتىرەك باستى، قەبىرلەرگە قويۇلغان «شاھ، خوجا، خېنم،» دېگەندەك خەتلەرنى ئوقۇپ كۆزلرىمگە يىغا ئولاشتى.... ئۆزۈمنى شۇنداق تەستە تۇتىۋالدىم، مەقبەرە بەك سرىلىق ئىكەن...

قەبىرنى زىيارەت قىلدىغانلار كۆپرەك خەنزۇلار ئاندا ساندا چەتئەللىكەر دەك قىلىدۇ.

چۈشەندۈرگۈچى قىزنىڭ خەنزۇ ساياھەتچىلەرگە ئېيتىپ بېرشدىن بىلشمچە بۇ مەقبەرە قوپۇرۇلغاندا ھېچقانداق پولات،تۆمۈر، تاش-ياغاچ دېگەندە نەرسلەر ئىشلتىلمەپتۇ، مۇتەخەسىسلەرنىڭ ئېيتىشچە سەككىز بال يەر تەۋرەشكە بەرداشلىق بېرەلەيدىكەن.

مەقبەرەنىڭ كرىش ئىشكى تەرپىدە چۇۋۇلۇپ ياتقان بىر ساندۇقلۇق ھارۋا تۇرىدۇ، چۈشەندۇرگۈچى قىز ئۇنى «ئىپارخان»ننىڭ جەسدىنى يۆتكەپ كەلگەن ساندۇق ۋە ھارۋا دەپ چۈشەندۇردى....

مەقبەرنىڭ يان تەرپىدە رىمونت قىلنۋاتقان بىر پىشايۋانلق مەسچىد بار ئىكەن، ئۇنىڭغا 66 دانە ئوخشىمغان ھۆنەر نۇسخدىكى تۈۋرۈك ئىشلتىلپتۇ، ئۇنىڭ ئىچى تەرەپتىكى ئايرىمخانلىرى ئاجايىپ بىر خىل مەنا ۋە سىرلارنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىپتۇ،

ئىشقىلىپ ئاپئاق خوجىغا بولغان قىزىقىشىم بارغانسىرى كۈچەيدى....

ئاپئاق خوجا ئىسملىك قېرندشىمزىنىڭ تەمىن ئېتىدىغان مەنبەلىرىگە دېققەت قىلايلى...

afiyfiy يوللانغان ۋاقتى 2012-10-15 23:51:19

ئاپپاق خوجا، ئىنكاسىڭىزنىڭ ئاخىرىنى كۈتۈمىز.

saktikin يوللانغان ۋاقتى 2012-10-16 09:26:42

ئاپپاق خوجا ، يولىڭىزغا قاراپ قالدۇق

jangqi19 يوللانغان ۋاقتى 2012-10-16 11:12:48

داۋامىنى كۆرۈشكە ئىنتىزارمەن،،قىرىندىشىمىز ئاپپاقغوجىنىڭ بىزگەبەرگەن مەلۇمەتىنى تارىخى جەھەتىن

دەلىل كەلتۈرۈپ ئاغدۇرۋىتلمىسەڭلار ئارتۇقچە سۆز ئويناتماسلقىڭلارنى ئۆمۈدقىلمە................. \"\"

kokkaptar يوللانغان ۋاقتى 2012-10-16 16:39:22

ئەيىپكە بۇيرىماڭلار، بىر نەرسە سورىۋالاي: پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئوغلى يوق دەپ ئاڭلىغان، ئايال كىشىدىن نەسەب تارقىلامدۇ؟ \"\"

appakhoja يوللانغان ۋاقتى 2012-10-19 09:29:59

بۈزۈرۈكىمىز ھىدەيتۇللا ئافاق خوجام يازغان ئەسەرلەر كاتولوگى(5)

1724-يىلى موللا بارىس (موللا بارىس ئاخۇنۇم ئىبنى بەختى ئاخۇنۇم تۇزاقتۇرى دەپمۇ ئاتىلدۇ) توقام ئىبنى موللا ئەيسا ئىبنى موللا چۆلەش ئىبنى موللا باھىر ئبنى موللا توقامخان ھەزرەتلىرى تەرەپىدىن يېزىلغان ‹‹قۇتادنامە›› دىگەن ئەسىرىدە بۈزۈرۈكىمىز ھىدەيتۇللا ئافاق خوجام يازغان ئەسەرلىرىنىڭ ئېنىق كاتلوگگى بىلەن ئوتتۇرغا قۇيۇلغان.

مەزكۇر ئەسەرنىڭ ساقلىنىش ۋاقتىنىڭ ئۇزۇنلىقى سەۋەپلىك ،ۋاراقلىرى تىتىلىپ كەتكەن ھەم بەزى جۈملىلەردىكى سۆزلەرنى ئوقىغىلى بولمىدى. شۇنداق جايلارغا بىز چېكىت چېكىپلا قويدۇق. ھەمدە تەرجىم سەۋەپلىك خاتالىق كەتكەن جايلارمۇ باردۇ ئەلۋەتتە تورداشلارنىڭ تۈزۈتۈش پوزىتسىيىسىدە تۇرۇپ پىكىر تەكلىپلىرىنى بېرىشىنى ۋە پايدىلىنىشىنى ئۈمۈت قىلمىز.

1.‹‹مەناقىبۇل ئارىفىن››--تەرجىمىسى-(ئارىفلارنىڭ خىسلىتى ھەقىدە) تەرىققەت ھەقىدە.

2.‹‹كەشفىل ئەسرار ۋەل ھۇرۇفۇل......››-(قۇرئاننىڭ ھەرىفىگە مۇناسىۋەتلىك سىرلارنى ئېچىش) –دىن ھەقىدە.

3.‹‹كۇنۇسۇل ھىكمە،ئولومول نۇتپە›› -(تۆرەلمەشۇناسلىق بىلىملىرى ۋە ھىكمەت خەزىنىلىرى)بۇ فىزولوگىيەگە مۇناسىۋەتلىك ئەسەر.

4.‹‹تۆھپەتىل ئەھرار ۋە مەدھۇل ئەسرار››-(ئەھرارلارنىڭ تۆھپىسى ۋە سىرلارغا مەدىھيە)ئەجداتلىرى ھەقىدە يېزىلغان.

5،‹‹مەپاتىھول ئەفكار››-(ئەڭ ئىلغار پىكىرلەر)-پەلسەپە ھەقىدە

6.‹‹مىفتاھۇل كۇنۇس،مىسفاھۇل.......››-(خەزىنىلەر ئاچقۇچى.....)-پەلسەپىۋى ئەسەر.

7.‹‹ھەقىقەتۇل تەرىقە،شەرىئەتۇل مەرىفە››-(تەرىقەت يولىنىڭ ھەقىقىتى،شەرىئەت يولىنى تۇنۇشتا)

8.‹‹ۋاقىئەتۇل كاشىغەر ،خىلافەتەل مۇقتەبەر››-(مۆتىۋەر خەلپىلىك دەۋرىدىكى قەشقەردە يۈز بەرگەن ۋەقەلەر) تارىخى ئەسەر.

9.‹‹........لايىقۇل ئەل جىزيەتى››-(.....جىزيە تۆلەشكە لايىق بولغانلار).فىقھى توغىرسىدى ئەسەر.

10.‹‹ئەتتەلەبۇ فى شەرىئەتى ۋەل ئەدەبۇ تەرىقەتى››-(شەرىئەتتىكى تەلەپلەر،تەرىقەتتىكى ئەدەپلەر››

11.‹‹ئەرىدۇل فەنا بىل قۇرئانىل ۋەل ئاھادىسى ۋەل ئىجمائى ۋەل قىياسى››-(قۇرئان،ھەدىس،ئىجما،قىياسلار ئارقىلىق خاتالىقلارغا رەدىي بېرىش››

12.‹‹ئىشقى مەشھۇر،چەشمە مەنزۇر››.

13.‹‹مەنقىبەتۇل ئەزىزان›› -(ئەزىزلەر خىسلىتى)

14.‹‹كەشپى رىيازەت››-(ماتىماتىكا ئىلمىنى يېشىش) –ماتىماتىكا ئىلمى ھەقىدىكى مەدىرس دەرىسلىكى.

15.‹‹ئەل ئۇنسۇ قەلە ۋەل قەتىھۇش سالا››-(نىجات تاپقان ئىنسانلار ۋە ئىسلاھاتىنى ئېچىش)

16 .‹‹دەۋلەتۇل ئوسمانىيە فى دىيارۇل ئىسلام››-(ئىسلام يۇرتلىرىدىكى ئوسماننىلار دۆلىتى).

17.‹‹ئەل ئىدارە.......››--(خەلقنى ئىدارە قىلىش ئىلىملىرى......)

18.‹‹سىرۇل كىمىيا ۋەل تەبىرۇل سىميا››-(خىمىيە ئىلمىنىڭ سىرى ۋە سىميا ئىلمىنىڭ تەبىرى)

خىمىيە ۋە سىمىيا ئىلملىرى ھەققىدىكى مەدىرىس ئوقۇشلىقى.

19.‹‹ئىلمى تەقۋىم››--(كالىدارشۇناشلىق ئىلمى)-كالىندارشۇناشلىق ھەقىدىكى مەدىرىس ئوقۇشلىقى.

20.‹‹دەستۇرۇل قۇززاتى››-(قازى –قوزۇتلار قوللانمىسى)—قانۇنچىقىق كىتابى.

21.‹‹ئەل مەدھۇ ئەلەل ئوسمانىيە خىلافەتى››-(ئوسمەنىيە خىلاپىتىگە مەدىھىيەلەر)

22.‹‹تەقھىيمۇل مەسنەۋى››--(مەسنەۋىنى چۈشۈنۈش)-مەدىرىس دەرىسلىكى.

23.‹‹فى ئەتەبەيتىت تەسەۋوف››-(تەسەۋوف بوسىغىسىدا)

24.‹‹ئەددۇرۇسۇت تەسەۋوف››-(تەسەۋوف دەرىسلىكى)

25.‹‹تەۋھىدۇللاھى ۋەل نوبۇۋەتىت نەبىي››- (ئاللانىڭ بىرلىكى ،پەيغەمبەرنىڭ نەبۇۋەتى)

26.‹‹سابىيھۇن نەقشىبەندىيە››-(نەقشىبەندىيە چىراقلىرى)

27.‹‹ئەل ھاياتىيۇل بەئەدىل مەمەتى››-(ئاخىرەت ھاياتى)

28.‹‹ئەقائىدوس سۈننە››- ‹‹كىتابى سۈننەت ئۈستىدىكى ئەقىدىلەر››

29.‹‹ھودوۋدول مەھەللەتۇل مۇسلىمىيىن ۋە مەھەللەتۇل كافىرىن››-(مۇسۇلمان رايونلىرىنىڭ چېگرلىرى ۋە كاپىرلار يۇرتلىرى››

30 .‹‹خۇلاسەتۇ تەجرىب››-(تەجىربىلەرنى يەكۈنلەش) تىبەبەتكە مۇناسىۋەتلىك.

31 .‹‹دەستۇۋرول ئىدارەتۇ موغۇليە››-(موغۇللارنى ئىدارە قىلىش قوللانمىسى

32.‹‹تارىخۇل ئەشرەپ ۋەل مۇغەرەتۇل ئەقراپ››- ‹‹تارىختىكى شەرەپلەر ۋە پىكىرەتلەر،غورور -ۋىجدانلار›› ..

بۇ كىتاپ تارىخقا ئائىت كىتاپ بولۇپ،پۈتكۈلل دۇنيا ،ئىسلام ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدە يېزىلغان بولۇپ ئەڭ مۇفەسەل تارىخى ئۇقۇشلۇقتۇر.

33.)‹‹ئە شىفا فى تەداۋىل مۇقتەزا››--‹‹ئېھتىياجىغا قارىتا داۋالاش شىفالانمىلار››-- بۇ كىتاپ تىبابەتكە ئائىت يېزىلغان كىتابى








lawrence يوللانغان ۋاقتى 2012-10-19 11:50:23

ئاللاھ ئىگىمىز ئىلمىڭىزنى زىيادە قىلغاي appakhoja ئەپەندى ، سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن ، بىزنى قىممەتلىك ئۇچۇرلار بىلەن ئۇچرىشىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىۋاتىسىز .

almas333 يوللانغان ۋاقتى 2012-10-19 17:16:30

يۇقىرىدا ئاپپاق خوجا ئىسىملىك تورداش تەمىنلىگەن ئاپپاق خوجا يازغان ئەسەرلەر كاتولوگىغا قارايدىغان بولساق، يازغان كىتاپلىرى دىن،پەلسەپە،ئەدىبىيات،تارىخ،فىزىئولوگىيە،ماتېماتىكا،خىمىيە،تىبابەت،قانۇن،ئاستىرونومىيە،ئىشقىلىپ تۇرمۇشنىڭ ھەممە ساھەسىگە چېتىشلىق ئىكەن. ئالەم بىنا بولغاندىن بۇيان ئىنسانىيەت تارىخىدىكى« ئەڭ بىلىملىك زات» بولۇشقا مۇناسىپ ئىكەن. بۇ« خىسلەتلىك جاناپ »قىسىقىغىنە نەچچە ئون يىل ئۆمىرىدە بۇنچىلىك بىلىملەرنى قانداق ئۆگىنىپ بولغاندۇ؟ھەيرانمەن!

kokkaptar يوللانغان ۋاقتى 2012-10-19 17:33:36

مېنىڭ 157-قەۋەتتىكى سۇئالىمغا جاۋاب بىرىدىغان ئادەم يوقما؟ \"\"

adiyat يوللانغان ۋاقتى 2012-10-20 22:10:39

1.ھازىر ئاپپاق غوجام ۋە سوپىلار ھەققىدە يىزىلغان ئەسەرلەردە پاكىت دەپ ئوتتۇرغا قويولغان

بايانلاردا ئېغىر مەسىلىلەر ساقلانغان.. غوجام ۋە سوپىلار سەلبىلەشتۈرۈلگەن ئەسەرلەرنىڭ ئۆزىگە

مەنبە قىلغىنى چىيەنلۇڭنىڭ ئوردا تارىخچىسى ۋە چاروسسىيەنىڭ جاسۇسلىرىرىنىڭ خاتىرىلىرى..

چىلەنلۇڭ بىلەن چاروسسىيەنىڭ غوجىلار بىلەن نىمە ئاداۋىتى بار؟ ..ئەمدى سىلەر تارىخى رەشىدى ۋە تارىخى

ئەمىنى دىگەن كىتاپلارنى ئوقوپ چىقىڭلار.

2. ئەھلى سۈننى ۋەلجەمائەسىگەتەۋە تەرىقەتچىلىك بىلەن سالاھىيەتلەنگەن ئوسمانلى خەلىپىلىگى

دۇنيادا ئادالەت يۈرگۈزگەندە ، شەرىئەتنى ئۆرۈش، ئوسمانلى خەلىپىلىگىنى ئاغدۇرۇش ئۈچۈن ئىنگىلىزلار

ئەرەب مىللەتچىلىرى بىلەن بىرلىشىپ قۇرئان ۋە ھەدىسلەرنىڭ راي ۋە ئوبىكتىنى بۇرمىلاپ ۋاھابىزىمنى

ئىجاد قىلدى ۋە ۋاھابىزىم ئىدىيەسنى ئۆلچەم قىلىپ خەلىپىلىكنىڭ ئەقىداتىنى كاپىرغا چىقاردى، ۋە خەلىپىلىك قوشۇنلىرىنى كۆرگەنلا يەردە قىرغىن قىلدى.

ھازىرقى نەزىر ھارام، مەۋلۇد بىدئەت دىگەن گەپلەر شۇلارنىڭ داۋامى ھىسابلىنىدۇ..

قەۋرە قاتۇرۇش مەسلىسىگە كەلسەك بۇ يەردىكى ئالىم ئۆلىمالارنىڭ قەۋرىسىنى قاتۇرۇپ ھىلال ئاي ۋە يۇلتۇز بەلگىسىنى چۈشۈرۈش بىلەن يەھۇدىلارنىڭ پەيغەمبەرلەر قەبرىسىنى ئىبادەتگاھ قىلىېۋىلىشى ئارسىدا قانچىلىك پەرىق بارلىقىنى غەرىزى دۇرۇس ،ئەقلى جايىدا ئادەم چۈشۈنەلەيدۇ..دىمەك مۇشۇنداق ئاددى بىر مەسىلىلەردە بۇنداق چوڭ خاپىلىق ئۇقۇشماسلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرۋاتقانلار جەزمەن ئەتىراپلىق تەربىلەنگەن كىشىلەردۇر..

كوچا كويلاردا ھاياجانلىنىپ بۇ پىتنىگە ئەگىشۋاتقانلار ئەقلى كەمتۈك كىشىلەردۇر، ياكى دىننى بىلىمى ئىنتايىن يۈزە بولغان كىشىلەردۇر...

خەلىپىلىكنىڭ ئاجىزلىشىشى- ئەرەبلەرنىڭ مىللەتچىلىك ئىسيانىدىن باشلىنىپ خەلىپىلىك ئۆرۈلگەن كۈندىن باشلاپ بىز ھەر جۈمەدە ئىھتىيات پىشىننى ئۆتەۋاتىمىز .. يۇرتىمىزدىكى ۋاھابىلار بىلەن بۇ ئىشتا تەگىشىپ قىلىشىمىزنىڭ سەۋەبى - ئۇلار خەلىپىلىك ئىشىدا ئىنگىلىزلارنىڭ رۇخسىتىنى ئالاممايدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتسا كىرەك( دىمەكچى بولغان گەپ جۈمە نامىزىنىڭ قوبول بولىشىنىڭ شەرتلىرى ئىچىدە خۇتبە مۇسۇلمان ئەمىرنىڭ نامىغا ئوقولىدۇ).. لىكىن بىر مۇسۇلماننىڭ خەلىپىكنى ئارزۇ قىلماسلىقىنى، ئىسلامىيەتنىڭ ئۈستۈنلىكى ۋە شەرىئەت قانۇنىنىڭ تۇرغۇزۇلىشىنى ئۈمۈد قىلماسلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ.ئىھتىيات پىشىن ھەر جۈمەدە بۇ ئىشلارنى ۋە خەلىپىلىكنىڭ قانداق ئۆرۈلۈپ كەتكەنلىكىنى ئىسىمىزغا سالىدۇ.
بەت: 1 2 3 4 5 6 7 [8] 9 10
: ئاپپاق خوجىنىڭ «جاھان كېزىش» نامى بىلەن تىبەتكە قىلغان سەپىرى ھەققىدە