enwerjula يوللانغان ۋاقتى 2012-10-5 15:42:19

101- قەۋەتتىكى sansaraنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

98- قەۋەتتىكى enwerjulaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

يىللار ئىلگىرى ئامالسىزلىقتىن بىر سورۇنغا داخىل بولۇپ قالدىم ، ئۆزىنى زىيالى ساناپ يۈرگەن ، بېيجىڭ پىداگوكىكا ئۇنۋېرسىتىنى پۈتتۈرگەن بىرى « ئاللاھ مەۋجۇت بولسا نىمىشقا ھازىرلا پەلەستىنلىكلەرگە ياردەم قىلمايدۇ » دىگەندەك ئۆتە كالاڭپاي بىر گەپنى تاشلىغىنىغا ھەيرانۇ- ھەس قالغان ئىدىم ، ئىنكاسىڭىزدىن بۇ ھەيرانلىق يەنە بىر قېتىم يادىمغا كېلىۋاتىدۇ ...

ــــــــــــــــــــــــــــــــ

مېنىڭ ئىنكاسىم بىلەن سىزنىڭ ئۇ ھەيرانلىقىڭىزنىڭ نېمە مۇناسىۋىتى بار؟

دىننى پاكلاشنى، دىن بىلەن ئىلىم-پەننى تەڭ تەشەببۇس قىلىدىغان ئادەملەر ئەپسانىلىشىپ، ھەررەڭ-سەررەڭ بولۇپ كەتكەن دىنىي چۈشەنچىلەرنى رەت قىلىدۇ. مەسىلەن،« قىسسەسۇل ئەنبىيا» دېگەندەك ياخشى نىيەت بىلەن يېزىلغان، ئەمما كۆپتۈرىۋېتىلگەن كىتاپلارنىمۇ رەت قىلىدۇ ئىسلام دۇنياسى.

مەن پەلسەپەنى خېلى ئوقىغان، ماركىس- ئېنگىلىسنىڭ كىتاپلىرى، فېييىرباخنىڭ «خىرىستيان دىنىنىڭ ماھىيىتى»، نېتچىنىڭ «زوروئاستېر شۇنداق دەيدۇ» دېگەندەك كىتاپلىرىدىكى ھالقىما ئادەم تەلىماتى دېگەندەك. بۇ كىتاپلاردا بىردەك «دىن كىشىلەرنىڭ خام خىيالى، كىشىلەرنىڭ دۇنيانى چۈشۈنۈشتىكى بۇرمىلانغان تەسىراتى» دېگەندەك يەكۈننى چىقىرىدۇ. بۇلار ھازىرقى زامان غەرپ ئىدىيەچىلىكىگە غايەت زور تەسىر كۆرسەتكەن مۇتەپپەككۈرلەردۇر. ھازىرقى زامان ئىلىم-پېنى دەل مۇشۇ خىل ئىدىيەچىلىك تۇپرىقىدىن ئۈنۈپ چىققان. لېكىن، ئۇنىڭلىق بىلەن كائىناتنى كونترول قىلىدىغان ئىلاھى كۈچنىڭ مەۋجۇتلىقى ئاغدۇرۇلۇپ كەتكەن ئەمەس. ھازىرمۇ نۇرغۇن تەبىئىي پەن ئالىملىرى كائىناتنى كونترول قىلىدىغان بىر ئىلاھنىڭ بارلىقىغا ئىشىنىدۇ. شۇنداقلا تەرەققى قىلغان دۆلەتلەر دىنسىزلىقتىن يىرگىنىدۇ، دىنغا ئىشەنمەيدىغان ئادەملەرنىمۇ ئانچە بەك ئادەم قاتارىدا كۆرمەيدۇ.

.



جۇلاكا سىزنىڭ ئۈستىدىكى ئىنكاسىڭىز تولىمۇيۈزە بوپ قالدىمۇ قانداق؟ سىز تەرەققى قىلغان دۆلەتلەر دەپقەيەرلەرنى كۆرسىتىۋاتىسىز؟


ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ


سانسارا، ئىككى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشى، سانائەتلىشىشنىڭ شىددەت بىلەن تەرەققى قىلىشىدىن كېلىپ چىققان تەبىئەت بۇزغۇنچىلىقلىرى، شەھەرلىشىش، زامانىۋېلىشىش بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققى قىلغان كىشىلەر بىلەن كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى، كىشىلەر بىلەن تەبىئەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇۋازىنەتنىڭ بۇزۇلىشى ھازىرقى زامان كىشىلىرىگە ھەقىقەتنىڭ نېمىلىكى، بەختنىڭ نېمىلىكى ھەققىدە قايتىدىن ئويلىنىش ئېلىپ كەلدى. بۇرۇن فېييىرباخ «كىشىلەرنىڭ بىر-بىرىگە بولغان مېھىر-مۇھەببىتىنى تەڭرى ئۆزىگە مەركەزلەشتۈرىۋالدى، ئىنسانلار ئوتتۇرىسىدىكى ئۆچمەنلىك دەل كىشىلەر ئارا مۇھەببەتنىڭ تەڭرىگە مەركەزلىشىپ قالغانلىقنىڭ سەۋەبى» دېگەنھەم كىشىلەر مۇشۇنىڭغا ئىشىنىپ دىنسىزلاشقان بولسا ھازىر ماددىي تەرەققىياتنىڭمۇ مېھىر-مۇھەببەت مەسىلىسىنى ھەل قىلالمايدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىشتى. ھازىر تەرەققىياتنىڭ ئۆلچىمى نوقۇللا ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ قانچىلىك تەرەققى قىلىشى، ماددىي پاراغەتنىڭ مول بولىشى بىلەن ئۆلچەنمەيدىغان بولدى. بەلكى، ئۇنىڭ ئۈچۈن تەبىئەتنىڭ تۆلەيدىغان بەدىلىنىڭ قانچىلىك زور بولىدىغانلىقىنى، ئىنسانىيەت مەنىۋى مۇۋازىنىتىدىنمۇ زور چاتاق چىقىدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىشتى. شۇنىڭ بىلەن تەبىئەتكە قايتىش شۇئارلىرىمۇ كۆپ توۋلىنىدىغان بولدى.ئىلگىرىكى مەرىپەت ئويغىنىش ھەرىكىتىدە پۈتۈنلەي دىنسىزلاشقان نۇرغۇن كىشىلەر بۇ چاغدا دىننىڭ تەبىئەت قانۇنىيىتىنى قوغدايدىغان بىر نەرسىلىكىنى تۇساتتىن ھىس قىلىشتى. شۇنىڭ بىلەن مائارىپىدا، سىياسەتلىرىدە ئىلگىرىكىدەك دىننى يەكلەشكە ئانچە قىزغىن پوزېتسىيە قوللانمايدىغان بولدى.


ھازىر تەرەققىيات ئەندىزىسى تەبىئەت بىلەن گارمونىك بىرلىشىش، كىشىلەردە ھەقىقىي خاتىرجەملىك تۇيغۇسى ھاسىل قىلىشقا ئۆزگەرمەكتە. ئىلگىرىكىدەك ماددىي مەئىشەتنىلا قوغلىشىدىغان، ئىنساننىڭ پىسخىك قۇرۇلمىسى بەرداشلىق بېرەلمەيدىغان نەرسىلەرگىمۇ يول قويىدىغان ئىشلار ھازىر بارا-بارا ئۆزگۈرىۋاتىدۇ. بۇنداق چاغدا ھەممىدىن بەك قەدرى ئۆتۈلىدىغان نەرسە دىندۇر.


ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، فىرانسىيە قاتارلىق غەرپ ئەللىرىدە بۇ خىل يۈزلىنىش خېلى رۆشەن. ياپونىيىمۇ ئىستىراتىگىيە جەھەتتىن غەرپ ئەللىرىگە كىرىدۇ، ياپونلار نېمىلا بولمىسۇن ئېتىقادىدا، ئەنئەنىسىدە ناھىيىتى چىڭ تۇرىدىغان دۆلەت. شۇڭىمۇ ئۇلاردا تەبىئەت بىلەن ئادەم، ئادەم بىلەن ئادەم ئوتتۇرىسىدىكى مېھىر مۇھەببەت ناھىيىتى ياخشى ئىشقان بىر دۆلەت.


ئاتىكاچىلىق قىلىپ خاتا سۆزلەپ قويغان بولسام سىز مەندىن كۆپ بىلىملىك ئىنىم، تەلىم بېرەرسىز...


gulen يوللانغان ۋاقتى 2012-10-5 15:57:48

بۇ ماقالە ياخشى يېزىلغانىكەن، مەنبەلەرنىمۇ ئوبدان تەكشۈرۈپ چىقىپتۇ.

بۇ يەردە رىۋايەت سۆزلىگەن بىلەن ئاقمايدۇ، مۇشۇنداق پاكىتلىق ماقالە يازماي ھە دېسە تولۇمدىن توقماق چىققاندەك ئۆڭگىلەڭ گەپلەرنى دەپ قويۇش ھىچ كىمنى قايىل قىلالمايدۇ. مۇھەممەد سادىق قەشقەرى، موللا مۇسا سايرامىلار ئۇيغۇر تارىخىدىكى بۈيۈك تارىخچىلاردۇر، مەنچە ھىچ كىمگە، ھىچ بىر سىياسى گورۇھقا تەۋە بولماي ياشىغان بۇ كىشىلەرنىڭ ئاپاق خوجا ھەققىدىكى بايانلىرىدىن گۇمانلىنىش ماڭا غەيرى تۇيۇلدى. مەن ئۆمرۈمدە ئەڭ ياقتۇرغان تارىخ ھەققىدىكى كىتاپ «تارىخى ھەمىدى»

sansara يوللانغان ۋاقتى 2012-10-5 16:09:15

جۇلاكا

مېنىڭ ئاتالمىش غەرىپ توغرىلىق ئويلىنىشىمچە سىز دىگەن ئىككى دۇنيا ئۇرۇشى ۋە بىر يۈۈش زەنجىرسىمان تەسىردە ياۋروپادا دىنسىزلىشىش ياكى دىننىڭ سۇسلىشىش بىر قەدەر ئېغىر بولدى دەپ قارايمەن(ئەلۋەتتە تەپەككۇرچى ئەپەندىم قاتارلىق ياۋروپادا ئىلىم تەھسىل قىلغان ياكى قىلىۋاتقان زاتلار بۇ توغرىسىدا گەپ قىلىشقا ياكى گۇۋاھلىق بېرىشكە مەندىن بەكرەك سالاھىتى توشىدۇ) ئۇندىن تاشقىرى سىزنىڭ تەرەققى قىلغان ئەللەردە دىنغا ئىشەنمەيدىغان ئادەمنى ئادەم قاتارىدا كۆرمەيدۇ دېگىنىڭىز دەل تەتۈر گەپ بولدى،مېنىڭچە تەرەققى تاپمىغان ،دىموكىراتىيەدىن ئەسەر يوق ئەللەردە شۇنداق بولىشى مۇمكىن.ياپۇنلارغا كەلسەك گېپىڭىز تېخىمۇ زىددىيەتلىك بوپتۇ يەنى دەل سىز دەۋاتقان ئىككى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كىيىن ياپۇنلار ساماۋى خان ئىتىقادىنى ئىنتايىن تىز سۈرەتتە سۇسلاشتۇردى ،بەلكىم شەكلى ئۆزگەرگەن بولۇشى مۇمكىن ئەمما كالتە پەمىمچە بۈگۈنكى كۈندە ساماۋى خان ئۈچۈن قورساق يارىدىغان ياپۇن جىق ئەمەستۇدەپ ئويلايمەن


sansara يوللانغان ۋاقتى 2012-10-5 16:16:42

ئەمدى ماۋۇ ماقالىگە كەلسەك خېلى ياخشى يېزىلىپتۇ ،چۈنكى ،تىلغا ئالغان پايدىلانمىلىرى ھەم يورۇتقان تىمىسى ئېنىق،ئىخچام ،ئۇياقتىن بۇياققا سەكرەيدىغان تۇتامسىزلىق يوق ماقالا ئىكەن

YELKEN يوللانغان ۋاقتى 2012-10-5 16:53:53

بىر نەچچە كۈندىن بېرى كۈندە قاراپ قويىۋاتىمەن تالاش-تارتىشلارغا.

پاكىتلىق ۋە ئىلمىيلىق نۇقتىسىدىن چىقىش قىلىپ تۇرۇپ يېزىلغان ماقالىلارغا قارىغاندا، رىۋايەت-ئەپسانە تۈرىدىكى ماقالىلەر يەنىلا بەكرەك ئالقىشقا ئېرىشىدىكەن.

---------

gulen يوللانغان ۋاقتى 2012-10-5 17:06:05

ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىدە ئىشلىسىلا گۇمان قىلىش بىھاجەت، ئابدۇرەھىم ئۆتكۈر، ئەھمەد زىيائىي، ئابدۇلھەمىد يۈسۈفى قاتارلىق ئۇلۇقلىرىمىزمۇ ئىشلىگەن ئۇ ئورۇندا، شۇڭا خىزمەت ھۆكۈمەتنىڭ بولغان بىلەن مىللەت بىزنىڭ، تارىخ، ئەدەبىيات بىزنىڭ.

temburchi يوللانغان ۋاقتى 2012-10-5 17:34:03

ئاپپاق غوجىنىڭ ياتلارنىڭ قولى بىلەن ئۇيغۇرلارغا كۆپ تالاپەت يەتكۇزگىنى سەكسەنمىڭچە ئۇيغۇر ئۆلگەنلىكى راس بولسا . يەنە بىزنىڭ

   بىر ئەسىرلىك تارىخنى كۆيدۇرۇپ بۇزۇپ چېقىپ يوق قىلغىنى يەنە مەسجىتنى خانقاغا ئۆزگەرىتكەنلىكى دىگەندەك تەرەپلىرى راس بولسا

   قۇرئان ھەدىسلىنى كۆيدۇرۇپ سوپىلىققا تەرغىپ قىلغىنى راس بولسا . ئۇنىڭ قەبرىسىتانلىقىدىكى بىناكارلىق تارىخىنى دىمىسەك ئۇنىڭ

   قەبرىسگە ھەر بىر ساياھەتچى ئۇيغۇرمىز بېشىغا چوڭ تەرەت قىلسا بولغىدەك دەپ قالىمەن \"\"

surgundi يوللانغان ۋاقتى 2012-10-5 17:52:51

107- قەۋەتتىكى gulenنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىدە ئىشلىسىلا گۇمان قىلىش بىھاجەت، ئابدۇرەھىم ئۆتكۈر، ئەھمەد زىيائىي، ئابدۇلھەمىد يۈسۈفى قاتارلىق ئۇلۇقلىرىمىزمۇ ئىشلىگەن ئۇ ئورۇندا، شۇڭا خىزمەت ھۆكۈمەتنىڭ بولغان بىلەن مىللەت بىزنىڭ، تارىخ، ئەدەبىيات بىزنىڭ.




گۈلەن ئەپەندى، سىز داۋاتقان تارىخىمىز، ئەدەبىياتىمىزغا ھۆكۈمەت ئارىلاشمايۋاتقانمىدۇ؟ يۇقىرىدا سىز ئىسمىنى تىلغا ئالغان ئالىملار ياشىغان ۋاقىت بىلەن ھازىرقى ۋاقىتنى سېلىتۇرالمىغىدەك يەردە ئەمەسقۇ سىز؟! قاچانغىچە 80- يىللاردىكى ئەركىن پىكىر، ئازادە تەتقىقات مۇھىتىنى ھازىرمۇ مەۋجۇت دەپ ئويلىۋېلىپ، ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز ئالدايمىز؟! تەتقىقات يۆنىلىشى، قانداق خۇلاسە چىقىرىلىشى كېرەكلىكى ھۆكۈمەت ۋە ئۇنىڭ فۇكسىيەلىك ئورگانلىرى تەرىپىدىن ئالدىنئالا بەلگىلەنگەن پىرىنسىپ بويىچە ئېلىپ بېرىلىدىغان، شۇنداقلا كونترول قىلىنىپ تۇرىدىغان تەتقىقات ئىشەنچلىك بولارمۇ سىزنىڭچە؟ ئەگەر ئىشەنچلىك بولسا قانچىلىك دەرىجىدە بولىدۇ؟مۇشۇ مەسىلىگە جاۋاب بېرىپ باقسىڭىز.


مەن بۇ يەردە ھۆكۈمەتتىن مائاش ئېلىپ ئىشلەۋاتقانلاردىن گۇمان قىلمىدىم، بەلكى ئۇلار بىلىپ- بىلمەي ئىجرا قىلىۋاتقان بەزى خىزمەتلەرنىڭ جەمئىيەتكە كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى كۆزدە تۇتتۇم. بولۇپمۇ، تارىخ، ئەدەبىياتقا ئوخشاش ئىدىئولوگىيە ۋە ھېسسىياتقا تەسىر كۆرسىتىدىغان نازۇك پەنلەر بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارنى نەزەرگە ئالدىم.

UQKUN28 يوللانغان ۋاقتى 2012-10-5 18:07:56

«ئاپپاق خوجا» ئىسملىك تورداش يوقاپ كەتتىغۇ؟ ئۇمۇ ئۆزىنىڭ قاراشلىرىنى يەنىمۇ كېڭەيتپ بايان قىلىپ باقسا بولاتتى. «ئاقلغۇچى» چىلار بىلەن«قارلىغۇچى» چىلار ئۆزىنىڭ سۆزىنىڭ راستىلىقى ھەم سۆزنىڭ كىلىش مەنبەسى ئۈچۈن مۇناسىپ پاكىت كۆرسەتكەندە، پىكىرنىڭ باشقىلارغا تەسىر قىلىشچانلىقىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ. ھەر قانداق ياخشى ئىش يامان ئىشىنىڭ باشلامچىىسى بولمىسا، شۇنداقراق يول تۇتقان كىشلەرنى تۈرگە ئايرىشتا قىينچلىق كۆرۈلىدۇ، بەلىكىم ئاپپاق خوجىمۇ خوراپاتلىق، ئەسلىيەتچلىك يۇلىغا ماڭغان كىشلەرنى تۈرگە ئايرىشنىڭ ئىھتىياجى تۈپەيلى تىكلەنگەن موما بولىشىمۇ مۇمكىن.

پېقىرنىڭ ئاپپاق خوجا ھەققىدە بىلىدىغانلىرىم جىق ئەمەس، شوڭا مەن نېېتىرال نوقتىدا ئولتۇرۇپ پاراڭلىرىڭلارغا قۇلاق سالاي!

bayram يوللانغان ۋاقتى 2012-10-5 18:08:44

قارىغاندا بىز ئاپپاق خۇجىنى ئاقلىغۇچىلارنىڭ، ئۇ ھەقتىكى مۇكەممەلراق بايانلىرىنى ئاڭلاپ باقساق بولغۇدەك، ئۇلارنىڭ پارچە-پارچە بايانلىرى ئادەمنى قايىل قىلالمايدۇ. ئاپپاق غۇجا ئاتلىق تورداشنىڭ ئىنكاسلىرىنى مەن بۇرۇن ئەلكۈيىدە كۆرگەن، بەزى نۇقتىلق ھالقىلاردا ئەگىپ ئۈتۈپ كىتىدۇ. ۋە ياكى سۆز ئۇيۇنى ئىلىپ بارىدۇ. بىز بۇ يەردە مەنبە تەلەپ قىلمايمۇ تۇرايلى ئەمما ئاپپاق خۇجا ھەققىدە ئۈزۈندە خاراكتېرلىك ئەمەس ئاممىباپ تەپسىلى بىر ئاقلاش خاتىرىسى يېزىپ باقسۇن. دۇراك ئاپپاق خۇجىنىڭ بالىسىنىڭ ئىش -ئىزلىرى ئارقىلىق ئاپپاق خۇجىنى ئاقلىماقچى بولغاندەك قىپتۇ. بۇ تازا چەك باسمايدۇ..

surgundi يوللانغان ۋاقتى 2012-10-5 18:35:35



......

\"\"

durak يوللانغان ۋاقتى 2012-10-5 18:40:14

ئەلبەتتە ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ تۈزگەن كىتابى ياكى ماقالىلەر مۇتلەق ۋە چوقۇم 马克思主义唯物主义历史观 دىگەندەك بىر قاتار پىرىنسىپلارنىڭ ئۆلچىمىگە چۈشىشى ۋە شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالى مۇتلەق كۆزدە تۇتىىشى كېرەك . ئەلبەتتە ئۇ جايدا ئىشلەيدىغان تەتقىقاتچىلارمۇ بىكارغا مااش ئالىدىغان كىشىلەر ئەمەستە .



مەسىلە بۇ يەردە ئاپپاق خوجىنى ئاقلاش ياكى قارىلاشئەمەس , دۇنيادا ئىلىم - پەن دىگەن نەرسە مەۋجۇت , تارىخ پېنى مانا مۇشۇ ئىلىم- پەن مەۋقەسىگە كىرىدۇ , گۇمان , مانا بۇ ئىنسانىيەتنىڭ ئىلىم-پەن ئىشلىرىدىكى چەكسىز تۈرتكە كۈچ .



بىزمۇ بىر ئىلىم-پەن مىللىتى بولساق بولىدۇ , ناغرىغا ئوپچە ئۇسۇلغا چۈشىدىغان چېلىنارمەنلەردىن بولۇپ قالمايلى دىگەن گەپ .



ئاپپاق خوجا مەسىلىسى بۇ مۇنبەردىن ئىبارەت ئەركىن بازاردىكى غەۋغادا مەڭگۈ ھەل بولىدىغان مەسىلە ئەمەس , پەقەت بىر يۆلۈنۈش , ھىسسىياتىمىزنى ئىپادىلەپ قويساق كۇپايە . مۇشۇنچىلىك ئىش , چۈنكى ھەممىمىزنىڭ چۈشۈپ قالغان ۋاقتىمىز يوقتە ...

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2012-10-5 19:23:16

104- قەۋەتتىكى sansaraنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

جۇلاكا

مېنىڭ ئاتالمىش غەرىپ توغرىلىق ئويلىنىشىمچە سىز دىگەن ئىككى دۇنيا ئۇرۇشى ۋە بىر يۈۈش زەنجىرسىمان تەسىردە ياۋروپادا دىنسىزلىشىش ياكى دىننىڭ سۇسلىشىش بىر قەدەر ئېغىر بولدى دەپ قارايمەن(ئەلۋەتتە تەپەككۇرچى ئەپەندىم قاتارلىق ياۋروپادا ئىلىم تەھسىل قىلغان ياكى قىلىۋاتقان زاتلار بۇ توغرىسىدا گەپ قىلىشقا ياكى گۇۋاھلىق بېرىشكە مەندىن بەكرەك سالاھىتى توشىدۇ) ئۇندىن تاشقىرى سىزنىڭ تەرەققى قىلغان ئەللەردە دىنغا ئىشەنمەيدىغان ئادەمنى ئادەم قاتارىدا كۆرمەيدۇ دېگىنىڭىز دەل تەتۈر گەپ بولدى،مېنىڭچە تەرەققى تاپمىغان ،دىموكىراتىيەدىن ئەسەر يوق ئەللەردە شۇنداق بولىشى مۇمكىن.ياپۇنلارغا كەلسەك گېپىڭىز تېخىمۇ زىددىيەتلىك بوپتۇ يەنى دەل سىز دەۋاتقان ئىككى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كىيىن ياپۇنلار ساماۋى خان ئىتىقادىنى ئىنتايىن تىز سۈرەتتە سۇسلاشتۇردى ،بەلكىم شەكلى ئۆزگەرگەن بولۇشى مۇمكىن ئەمما كالتە پەمىمچە بۈگۈنكى كۈندە ساماۋى خان ئۈچۈن قورساق يارىدىغان ياپۇن جىق ئەمەستۇدەپ ئويلايمەن




ھىم


دىگىنىڭىزدەك ھازىرقى ياپۇنىيەدە،بولۇپمۇ ياشلاردا ئېتقادسىزلار(خىرىستىيان دىنى مۇرىتلىرى بۇنىڭ سىرتىدا،لېكىن بۇنداقلارمۇ ئاز.) ئاساسى سالماقنى ئىگەللەيدۇ.ياشقا سەل چوڭلار بىلەن پاراڭلاشقاندا،ياپۇنىيەلىكتىن دىنىڭ نىمە دەپ سورىغاندا مەن دىنسىز دەپ جاۋاپ بەرگەنلەر ئاساسەن بۇددا دىنى مۇرتى دەپ تولا ئاڭلايدىغان ئىدىم.ئەمما ياش باللاردىن دىنىڭ نىمە دەپ سورىسا دىنسىز دەپ جاۋاپ بېرىدىغانلار ھەقىقەتەن دىنسىز بولسا كېرەك.


ساماۋى خان توغرىسدا پاراڭ قىلغانلارنى ئاڭلاپ باقمىدىم.ھېس قىلىشىمچە توردىكى ئوڭچىلاربىلەن خان جەمەت ئوتاكۇلىرىدىن باشقا خان توغۇرلۇق ئۇچۇرلارنى بىلىدىغانلار ياكى ئۇنداق ئۇچۇرلارغا قىزىقىدىغانلار ئىنتايىن ئاز ساندا.

jangqi19 يوللانغان ۋاقتى 2012-10-5 19:29:22

بەزىلەر نىمىشقا ھە دىسلا غوجىلارنى سىستىدۇ ،ۇلار نىم قىلغان بولغۇيتى \"\" ،،،،

تازىم قىلغىلى ۇنمىغان بولمىيمىدى يا \"\"

phonon يوللانغان ۋاقتى 2012-10-5 20:02:17

ھەرقانداق ئادەمنى ئاقلىغىلى بولىدۇ.

سىتالىننى روسىيەنى سانائەتلەشكەن قۇدرەتلىك دۆلەتكە ئايلاندۇردى دەيمىز. 20 مىليون ئاۋامنىڭ قان قەرزى بولسىمۇ.

چىڭگىزخاننى شەرق بىلەن غەرىپنىڭ ئالاقىسىنى كۈچلەندۈردى، مىللەتلەرنىڭ قوشۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈردى دەيمىز. 200 مىليون ئاۋامنىڭ قان قەرزى بولسىمۇ.

‹太平天国› جاھانگىرلارغا زەربە بەردى دەيمىز. 120 مىليون ئاۋامنىڭ قان قەرزى بولسىمۇ.

گىتلېرنى ‹ياخشى رەھبەر› دەپ يىزىلغان تېمىلار بار. 50 مىليون ئاۋامنىڭ قان قەرزى بولسىمۇ.

ئاپپاق غوجىنى ئاقلايمەن دىسىڭىز دىگىلى گەپ چىقىدۇ.

لېكىن بىر نۇقتا ئېسىمىزدە بولسۇن، ياخشى تەرەپ بىلەن يامان تەرەپ ئاددى پىلوس، مىنوس مۇناسىۋىتى ئەمەس. ئىككىسى چوڭ كىچىكلىكىنى سېلىشتۇرغىلى بولمايدىغان بىرلىگى ئوخشاش بولمىغان قىممەت.

ئەگەر ئاپئاق نىڭ ياخشى تەرەپلىرى بولغان تەغدىردىمۇ، سەلبىي تەسىرى 1% مۇ ئازلىمايدۇ.

بۇ خۇددى بىر دوختۇر 1000 ئادەمنى قۇتقازغان بولسىمۇ، ئۆلتۈرۈپ قويغان بىر ئادەم ئۈچۈن جازاغا تارتىلغاندەك ئىش.

enwerjula يوللانغان ۋاقتى 2012-10-5 20:03:23

114- قەۋەتتىكى ziyaliنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

104- قەۋەتتىكى sansaraنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

جۇلاكا

مېنىڭ ئاتالمىش غەرىپ توغرىلىق ئويلىنىشىمچە سىز دىگەن ئىككى دۇنيا ئۇرۇشى ۋە بىر يۈۈش زەنجىرسىمان تەسىردە ياۋروپادا دىنسىزلىشىش ياكى دىننىڭ سۇسلىشىش بىر قەدەر ئېغىر بولدى دەپ قارايمەن(ئەلۋەتتە تەپەككۇرچى ئەپەندىم قاتارلىق ياۋروپادا ئىلىم تەھسىل قىلغان ياكى قىلىۋاتقان زاتلار بۇ توغرىسىدا گەپ قىلىشقا ياكى گۇۋاھلىق بېرىشكە مەندىن بەكرەك سالاھىتى توشىدۇ) ئۇندىن تاشقىرى سىزنىڭ تەرەققى قىلغان ئەللەردە دىنغا ئىشەنمەيدىغان ئادەمنى ئادەم قاتارىدا كۆرمەيدۇ دېگىنىڭىز دەل تەتۈر گەپ بولدى،مېنىڭچە تەرەققى تاپمىغان ،دىموكىراتىيەدىن ئەسەر يوق ئەللەردە شۇنداق بولىشى مۇمكىن.ياپۇنلارغا كەلسەك گېپىڭىز تېخىمۇ زىددىيەتلىك بوپتۇ يەنى دەل سىز دەۋاتقان ئىككى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كىيىن ياپۇنلار ساماۋى خان ئىتىقادىنى ئىنتايىن تىز سۈرەتتە سۇسلاشتۇردى ،بەلكىم شەكلى ئۆزگەرگەن بولۇشى مۇمكىن ئەمما كالتە پەمىمچە بۈگۈنكى كۈندە ساماۋى خان ئۈچۈن قورساق يارىدىغان ياپۇن جىق ئەمەستۇدەپ ئويلايمەن




ھىم


دىگىنىڭىزدەك ھازىرقى ياپۇنىيەدە،بولۇپمۇ ياشلاردا ئېتقادسىزلار(خىرىستىيان دىنى مۇرىتلىرى بۇنىڭ سىرتىدا،لېكىن بۇنداقلارمۇ ئاز.) ئاساسى سالماقنى ئىگەللەيدۇ.ياشقا سەل چوڭلار بىلەن پاراڭلاشقاندا،ياپۇنىيەلىكتىن دىنىڭ نىمە دەپ سورىغاندا مەن دىنسىز دەپ جاۋاپ بەرگەنلەر ئاساسەن بۇددا دىنى مۇرتى دەپ تولا ئاڭلايدىغان ئىدىم.ئەمما ياش باللاردىن دىنىڭ نىمە دەپ سورىسا دىنسىز دەپ جاۋاپ بېرىدىغانلار ھەقىقەتەن دىنسىز بولسا كېرەك.


ساماۋى خان توغرىسدا پاراڭ قىلغانلارنى ئاڭلاپ باقمىدىم.ھېس قىلىشىمچە توردىكى ئوڭچىلاربىلەن خان جەمەت ئوتاكۇلىرىدىن باشقا خان توغۇرلۇق ئۇچۇرلارنى بىلىدىغانلار ياكى ئۇنداق ئۇچۇرلارغا قىزىقىدىغانلار ئىنتايىن ئاز ساندا.


ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ


مېنىڭ قارىشىمچە، مەيلى تەرەققى قىلغان ئامېرىكا- ياۋروپا ئەللىرى بولسۇن ياكى ياپونىيە بولسۇن كۆپۈنچە كىشىلەر دىنغا ئېتىقات قىلمىغاندەك قىلغان بىلەن ئەمما ئۈستۈن مەدەنىيەتكە كۆمۈلگەن بىر خىل يوشۇرۇن دىنغا ئېتىقاد قىلىدۇ. بۇ دىننى كونكىرىتنى بىر دىن دەپ ئاتىغىلى بولمايدۇ، ئۇنىڭدا ھەممە دىننىڭ ئېسىل جەۋھەرلىرى بولىشى مۈمكىن. مۇنداقچە ئېيتقاندا، قانۇن-تۈزۈم بىلەنلا بەرپا قىلغىلى بولمايدىغان ئېسىل ئەخلاقىي ئۆرنەكلەر جەملەنگەن بولىشى مۈمكىن، خۇددى، ھەر خىل دورا-دەرمەكلەر بىلەن دەملەنگەن ئېسىل چايدەك. دېمىسىمۇ، دۇنيادا نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزىنى دىنسىز ئاتايدۇ-يۇ، لېكىن قانۇن-تۈزۈم ۋە ئەخلاق- ئەركانغا ناھىيىتى بويسۇنۇپ ياشايدۇ. مەن ئوقىغان ياپون ھەققىدىكى ساياھەت خاتىرىلىرىدە ياپونلارنىڭ مۇئامىلىدىكى قائىدە- يوسۇنلىقى، ئىلمىيلىقىنى جۇڭگولۇقلار 100 يىلدىمۇ ئۆگۈنۈپ بولالمايدۇ، دېگەندەك گەپلەر ئالغا سۈرۈلگەن. مەن ياپونىيىگە بېرىپ باقمىغاچقا كىتاپ-ژورناللاردىكى باشقىلارنىڭ تەسىراتىدىن شۇنداق تونۇشقا كېلىمەن، ئەلۋەتتە.





ziyali يوللانغان ۋاقتى 2012-10-5 20:33:22

116- قەۋەتتىكى phononنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ھەرقانداق ئادەمنى ئاقلىغىلى بولىدۇ.

سىتالىننى روسىيەنى سانائەتلەشكەن قۇدرەتلىك دۆلەتكە ئايلاندۇردى دەيمىز. 20 مىليون ئاۋامنىڭ قان قەرزى بولسىمۇ.

چىڭگىزخاننى شەرق بىلەن غەرىپنىڭ ئالاقىسىنى كۈچلەندۈردى، مىللەتلەرنىڭ قوشۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈردى دەيمىز. 200 مىليون ئاۋامنىڭ قان قەرزى بولسىمۇ.

‹太平天国› جاھانگىرلارغا زەربە بەردى دەيمىز. 120 مىليون ئاۋامنىڭ قان قەرزى بولسىمۇ.

گىتلېرنى ‹ياخشى رەھبەر› دەپ يىزىلغان تېمىلار بار. 50 مىليون ئاۋامنىڭ قان قەرزى بولسىمۇ.

ئاپپاق غوجىنى ئاقلايمەن دىسىڭىز دىگىلى گەپ چىقىدۇ.

لېكىن بىر نۇقتا ئېسىمىزدە بولسۇن، ياخشى تەرەپ بىلەن يامان تەرەپ ئاددى پىلوس، مىنوس مۇناسىۋىتى ئەمەس. ئىككىسى چوڭ كىچىكلىكىنى سېلىشتۇرغىلى بولمايدىغان بىرلىگى ئوخشاش بولمىغان قىممەت.

ئەگەر ئاپئاق نىڭ ياخشى تەرەپلىرى بولغان تەغدىردىمۇ، سەلبىي تەسىرى 1% مۇ ئازلىمايدۇ.

بۇ خۇددى بىر دوختۇر 1000 ئادەمنى قۇتقازغان بولسىمۇ، ئۆلتۈرۈپ قويغان بىر ئادەم ئۈچۈن جازاغا تارتىلغاندەك ئىش.


روسيەنى يېقىنقى زامان تارىخىغا ئەپ كىرگىنى ئىسلاھات قىلغان پىتىر ياكى چارلىز دىگەن تاز.سىتالىن ۋە سوۋىت ئىتتپاقى پارچىلانغىچە بولغان دەۋىرلەردە روسيەنىڭ ئۇرۇش تەييارلىقلىرىغا ئائىت بولغان ئېغىر سانائەتتىن باشقا سانائەتلەر تۈزۈكرەك تەرەققى قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىگەن.شۇڭا سانائەت تەرەقىياتى ئەكسىنچە نەق سىتالىننىڭ قۇلىدا ۋەيران بولغان دىسەك ئېشىپ كەتمەيدۇ.


سىتالىننى ھازىر كومىنىستلارمۇ ئالدىراپ ئاقلاپ سالمايدۇ.پەقەت روسىيەدە تىللاشقا ئىمكان بولمىغاچقىلا تىللانمايۋاتقانلا گەپ.



ئەمما دىمەكچى بولغان گىپىڭىز چۈشىنىشلىك.

قوشۇلىمەن

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2012-10-5 20:42:45

ئەنۋەركا

قانۇن قوشۇمچە،جەمىيەت ئەخلاق تۈزۈلمىسى ئاساس بولۇپ ئىدارە قىلىنىۋاتقان جەمىيەت ئىكەنلىكى راسىت.بۇجەمىيەت تۈزۈلمىسىنىڭ ئاساسىدا ھەقىقەتەن دىننىڭمۇ تەسىرى بارلىقى راسىت.

دىن تارىخ سىياسەت.......دىگەنلەرگە قىزىقماسلىق بەلكىم «ياشلىقتىنلا» بولسا كېرەك.ياشقا سەل چوڭلار بىلەن پاراڭلىشىپ قالغىنىمدا بۇلار توغۇرلۇق چۈشەنچىسى ئوبدانلا چوڭقۇرلارمۇ يوقمۇ ئەمەس.

patrol يوللانغان ۋاقتى 2012-10-5 20:52:21

117- قەۋەتتىكى enwerjulaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل


مېنىڭ قارىشىمچە، مەيلى تەرەققى قىلغان ئامېرىكا- ياۋروپا ئەللىرى بولسۇن ياكى ياپونىيە بولسۇن كۆپۈنچە كىشىلەر دىنغا ئېتىقات قىلمىغاندەك قىلغان بىلەن ئەمما ئۈستۈن مەدەنىيەتكە كۆمۈلگەن بىر خىل يوشۇرۇن دىنغا ئېتىقاد قىلىدۇ. بۇ دىننى كونكىرىتنى بىر دىن دەپ ئاتىغىلى بولمايدۇ، ئۇنىڭدا ھەممە دىننىڭ ئېسىل جەۋھەرلىرى بولىشى مۈمكىن. مۇنداقچە ئېيتقاندا، قانۇن-تۈزۈم بىلەنلا بەرپا قىلغىلى بولمايدىغان ئېسىل ئەخلاقىي ئۆرنەكلەر جەملەنگەن بولىشى مۈمكىن، خۇددى، ھەر خىل دورا-دەرمەكلەر بىلەن دەملەنگەن ئېسىل چايدەك. دېمىسىمۇ، دۇنيادا نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزىنى دىنسىز ئاتايدۇ-يۇ، لېكىن قانۇن-تۈزۈم ۋە ئەخلاق- ئەركانغا ناھىيىتى بويسۇنۇپ ياشايدۇ. مەن ئوقىغان ياپون ھەققىدىكى ساياھەت خاتىرىلىرىدە ياپونلارنىڭ مۇئامىلىدىكى قائىدە- يوسۇنلىقى، ئىلمىيلىقىنى جۇڭگولۇقلار 100 يىلدىمۇ ئۆگۈنۈپ بولالمايدۇ، دېگەندەك گەپلەر ئالغا سۈرۈلگەن. مەن ياپونىيىگە بېرىپ باقمىغاچقا كىتاپ-ژورناللاردىكى باشقىلارنىڭ تەسىراتىدىن شۇنداق تونۇشقا كېلىمەن، ئەلۋەتتە.







دۇرۇس! بۇلۇپمۇ ياپۇنىيىلىكلەرنىڭ ئىتىقاد ئىپادىسىدە دىنى تۈس ئەمەس بەلكى مىللىي روھ ئىپادىلىنىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇمۇ بىر ئىتىقاد، ئىتىقاد بولغاندىمۇ ھۆرمەتلەشكە ئەرزىيدىغان ئىتىقاد. زىيالىينىڭ پىكرىنىڭ ئاساسى شۇكى؛ ياپونىيە 2-جاھان ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولغاندىن كىيىن ياپۇن مىللىتارىزمى قاتتىق تەقىپ ئاستىغا ئېلىندى. بۇ نۇقۇل ئامىرىكىنىڭ ياپۇنىيىنى ھەربىي جەھەتتە ئىشغال قىلىشى بۇلۇپلا قالماي، بەلكى ياپونىيە خەلقىنىڭ ئۇرۇشتىن قورقۇش، زىرىكىش ئىپادىسىنىڭ مەھسۇلى ئىدى. ياپونىيە تىنچلىق ئاساسى قانۇنىنى ماقۇللاپ قۇيۇپ مىللەتچىلىك قالپىقىنى چۆرىۋەتتى. 50يىلدىن كىيىن ياپونىيە تەرەققىياتتا ئامىرىكىنى تاپ باستۇرۇپ كەلدى. ياپۇنىيە تىنچ كىتىۋەردى.لېكىن، جۇڭگۇ ئىقتىسادىنىڭ راۋاجلىنىشى، ئونىۋىرسال دۆلەت كۈچىنىڭ كۈنسىرى كۈچىيىپ باش كۆتۈرىشى ياپۇنىيىلىكلەرنىڭ مىللىي نىرۋىسىنى غىدىقلاشقا باشلىدى.نەچچە ئاينىڭ ياقى كۆرۈپ تۇردۇق ياپونىيە ھۆكۈمىتىدە زور خەتەرگە تەۋەككۇل قىلىپ سىنكاكو ئارىلىغا ھەربىي يۈرۈش قىلىشنىڭ تەييارلىق باسقۇچىنى تاماملىدى. مۇشۇنداق زور خەتەرگە تەۋەككۇل قىلىشتا ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ يۈرىكىنى يۇغىنىتىپ بىغەم قىلىپ قويغان كوزور ھەرگىزمۇ ياپۇنىيە-ئامىرىكا بىخەتەرلىك كىلىشىمى ئەمەس. بەلكى، ياپونىيىلىكلەرنىڭ قايتا جاللىنىۋاتقان مىللەتچىلىك ھۈجەيرىلىرى...مانا بۇ تەڭرىلىگە باغلانمىغان بىرخىل قىممەت-قاراش، بىرخىل ئىتىقادنىڭ قايتا باش كۆتۈرىشى.




nasin يوللانغان ۋاقتى 2012-10-5 21:01:29

بۇرۇنقىلارنىڭ تەتقىقات ئەمگەكلىرىگە نىسبەتەن ئۈزۈل-كىسىل ئىنكارچىلىقتىن ساقلانساق. جاھان بىز بىلەنلا باشلانغان جاھان ئەمەس. پەقەت سىياسى كونتىروللۇق ئىچىدە ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى باھانە قىلىپ 60 نەچچە يىللىق ئەمگەك ھەم تەتقىقاتلارنى نۆلگە تەڭ قىلىۋىتىشكە بولمايدۇ.
بەت: 1 2 3 4 5 [6] 7 8 9 10
: ئاپپاق خوجىنىڭ «جاھان كېزىش» نامى بىلەن تىبەتكە قىلغان سەپىرى ھەققىدە