tujjar365 يوللانغان ۋاقتى 2012-10-6 14:53:09

7- قەۋەتتىكى appakhojaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

پەيغەمبىرىمىزنىڭ 18- ئەۋلادى سەئىد كەمالدىن دىن تەشۋىق قىلىپ ئۆزكەنت شەھرىگە كېلىپ ،قارخانلارنىڭ شۇ جايدا تۇرۇشلۇق ئىلىك خانى سۇلتان ئىلىك مازىنىڭ ئوردىسىغا چۈشتى،سۇلتان ئىلىك مازى ئۆزىنىڭ يىگانە مەلىكىسى فەرۇخ جامالنى سەئىد كامالدىنغا بەردى ،فەرۇخ جامال ئۇنىڭدىن ئېغىر ئاياق بولدى.سەئىد كالالدىن مەدىنىدىن جىددى مەكتۇپ كېلىپ ،مەدىنىگە جىددى ئاتلاندى .فەرۇخ جامال ئېغىر ئاياق بولغاچ بوشانغاندىن كېيىن يولغا چىقماقچى بولدى .لېكىن سەئىد كامالدىن مەدىنىگە بېرىپلا قازا قىلىپ كەتتى.شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر پۇشتى قارخانىلار ئوردىسىدا قالدى.ئاي-كۈنى توشۇپ فەرۇخ جامال ئاپتاپتەك بىر ئوغۇل تۇغدى.ئۇنىڭغا بورھاننىدىن دەپ ئىسىم قويۇلدى.قارخانىلار ئىلىك خانى ئىلىك مازى بۇ نەۋىرسىگە تولۇمۇ ئامراق ئىدى.بورھانىدىن ناھايىتى باتۇر ،قىلىچ ئوينۇتۇشقا ماھىر بولۇپ چوڭ بولدى.ئۇنىڭ قىلىچ ئوينىتىش ماھارىتى يىگانە بولغاچ ‹‹قېلىچدىن››دەپ لەقەملەندى.ئۇنىڭ تارىخ نامى بورھان قېلىچىدىن بولدى.كېيىن سۇلتان ئىلىك مازى بۇ نەۋىرسىگە ئالاھىدە سۆيگىسى ۋە پەيغەمبىرىمىزگە بولغان مۇھەببىتى سەۋەپلىك ئۆزكەتنىڭ قارخانىلار ئىلىكخانلىقىنى ئۇنىڭغا ئۆتكۈزۈپ بەردى.شۇندىن باشلاپ پەيغەمبەر ئەۋلادى بىلەن قارىخانلارنىڭ قېنى قوشۇلۇپ كەتتى .قارخانىلار شۇندىن باشلاپ قىز ئالسا پەيغەمبەر نەسلىدى ئالاتتى ،قىز بەرسە پەيغەمبەر نەسلىگە بېرەتتى مانا بۇلار خوجىلاردۇر.


بۇ نەسەپنامە ئۇيغۇرلاردا ساماندەك جىق .سىز نەپرەتنى قايرىپ قويۇپلا ئىزدەنسىڭىز تاپىسىز.


بۇنىڭ راسلىقىغا ئابدۇقادىر داموللام پەتىۋا بەرگەن.


قۇتلۇق شەۋقى گۇۋا بولغان.


قاغىلىقلىق ئابلىكىم مەخسۇم ھاجىم ،ئىمىر ھۆسەيىن قازاخۇنۇملارمۇ قەشقەردىكى بىر سورۇندا ئاشكارا ئېتراپ قىلغان.



سۇلايمان داموللام ئاپپاق خوجامنى تىلىغانغا لەنەت ئوقىغان.



ئۇلۇغلاردىنۋەئۇستازلارنىڭنۇپۇزىدىنپايدىلىنىشنىھەجەپياخشىبىلىدىكەنسىزھە ، قاغىلىقلىقئابدۇلھەكىممەخسۇمھاجىمئۆزئىچىمىزدىنئارتۇقچەدۈشمەنئىزدەپ   ئۇيغۇرمۇسۇلمانلىرىنىسوپىئۇيغۇر ، ۋەھھابىئۇيغۇر ، خەنزۇۋانئۇيغۇر، كومپارتىيەدىنمۇئاشئالىدىغانئۇيغۇر،دىھقانئۇيغۇردەپ    تۈركۈمگەئايرىپپارچىلاشنىڭ   خەلقىمىزگەكەلتۈرىدىغانزىيىنىنىياخشىچۈشىنىدىغانئىستىداتلىقئالىمبولغاچقائوخشىمىغانكۆزقاراشتىكىقىرىنداشلارنىمۇئىتىراپقىلىپھۆرمەتلىشىپئۆتكەن . بۇيەردەسوپىلارنىڭئابدۇقادىرداموللام ،قۇتلۇقشەۋقى ، ئابدۇلھەكىممەخسۇمھاجىمكەبىئالىملىرىمىزنىنىمەدەيدىغانلىقىنىدەپيۈرمەيبولدى .ئەڭياخشىسىئىناقئۆتەيلى .

jangqi19 يوللانغان ۋاقتى 2012-10-6 14:57:38

ھىم ،،،ياخشىسى شۇ ،،،بىرلىك ،،،قوللايمەن

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2012-10-7 08:04:08

----

فېييىرباخ «كىشىلەرنىڭ بىر-بىرىگە بولغان مېھىر-مۇھەببىتىنى تەڭرى ئۆزىگە مەركەزلەشتۈرىۋالدى، ئىنسانلار ئوتتۇرىسىدىكى ئۆچمەنلىك دەل كىشىلەر ئارا مۇھەببەتنىڭ تەڭرىگە مەركەزلىشىپ قالغانلىقنىڭ سەۋەبى»...

---

ماۋۇ گەپ \"ئۇيغۇر؟مۇسۇلمان؟\" توقۇنۇشىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلەمدۇ -نىمە... كىتاپ ئوقۇمىغىلى بەك ئۇزۇن بوپتۇ...خىجىلچىلىق. جۇلاغا رەھمەت.



بەزى ئاشقۇنلارنى سۇنى لېيىتىپ بېلىق تۇتىدىغان، تۆھپىنى ئۆزىنىڭ قىلىپ باشقىلارنىڭ خىزمىتىنى خۇلاسىلەشتىن باشقا ئىش قىلمايدىغان كەنت سېكىرتارلىرىغا ئوخشىتىمەن.

ھەممىدىن گۇمانلىنىشقا يىتەكلەش بىر ھىلە، مەقسەت 100+100=0 قىلىشتىن باشقا ئەمەس.



appakhoja ئىسىملىك تورداشنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلىساق بولىتى.

kanjebatur يوللانغان ۋاقتى 2012-10-8 19:25:49

1-قەۋەتتىكى نۇرنىڭ پىكرىنى قوللايمەن.ئاپپاق خوجىنى تىللاۋەرگەن بىلەن تارىخ ئۆزگىرىپ قالمايدۇ.دىققىتىمىزنى تارىختىكى ئادەمگىلا قاراتماي ،دەۋرىمىزدىكى ‹‹ئاپپاق خوجا››لارنى ئەيىپلىشىمىز كىرەك

adiyat يوللانغان ۋاقتى 2012-10-9 09:47:18

دۇنيادا تەسەۋۋۇپنىڭ ئوچىقى بولغان يۇرتىمىزدا ساپ تەسەۋۋۇپ جامالىنىڭ ئېچىلىشى، ئۆز تارىخمىزنى ئەسلى بويىچە بىلىش ، ئاپپاق غوجامنىڭ ھاياتىنى توغرا چۈشۈنۈش، بىزنى مىللى ۋە دىننى ماڭقۇرتلۇققا باشلايدىغان ،باشقىلار تەرىپىدىن مەجبۇرى قىقىلغان نوموسلۇق تارىخى قوزۇقنى يۇلۇپ تاشلاش- بىزنىڭ ‹قۇرۇق ئۆستەڭگە مۇراب بولىدىغان گىرىلار›دىن ئەمەسلىكىمىزنى ، ۋە بىزنىڭ چىڭگىزخانغا باغلانغان ھاراامدىن بولغان ئەمەسلىكىمىزنى ئىسپاتلايدىغان ئاچقۇچتۇر.

adiyat يوللانغان ۋاقتى 2012-10-9 13:26:01

ئاندىن ئاپپاق غوجامنىڭ ھاياتى يورۇتۇلغاندا؛ئىسلام ئەھلى تونوش جەھەتتە تۆت ئىمام يىتەكچىلىكىدىكى تۆت مەزھەپكە بۆلۈنىدىغانلىقى ، بۇ تۆت مەزھەپ ئورتتۇرسىدا مۆتىۋەر مۇناسىۋەت ساقلانغانلىقى ،تۆت ئىمام يولى جۈملىدىن بىز ئەگىشىپ كىلىۋاتقان ھەنەفى مەزھىپى دەتالاشتىن خالىي ئىكەنلىكى ،شۇ سەۋەبتىن ئىسلام ئالىمىدە ئەزەلدىن مەزھەپ توقونىشى دىگەننىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكى ، مەزھەپنىڭ توغرىسى قانلىق بەدەللەرنى تۆلەپ تۇتقان يولىمىزنىڭ خاتاغا چىقىرلىشىنىڭ (بۇ ئىشلار بىرىپ كىيىم كىچەك،تۇرالغۇ ،نىكاھ ۋە ھازىدىن تاتىپ يىزىقىمىزغىچە تۇتىشىدۇ)سەۋەبى ھەققىدە يەنە يۇرتىمىزدىكى ۋاھابى ياكى مەزھەپسىزلىك بىلەن سالاھىيەتلەنگەن ‹ئىسلاھچىلار›نىڭ مۇددىئاسىنىڭ كىلىپ چىقىشى ھەققىدىمۇ ئاشكارە بولغان ئۇچۇرلارغا ئىرىشكىلى بولىدۇ.

rock يوللانغان ۋاقتى 2012-10-9 15:11:56

ئوخخو، ئاپپاق خوجىنى تىرىلدۈرۈپ، قاتتىق ئورۇندۇققا قولىنى كەينىدىن باغلاپ قويۇپ، قىلغان ئەتكەنلىرىنى ئۆزىنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلىسىمۇ ھەل قىلغىلى بولىمىغۇدەك دەرىجىدە مۇرەككەپلىشىپ كېتىپتۇ ما تېما.

appakhoja يوللانغان ۋاقتى 2012-10-10 14:10:16

غالداننىڭ مۇسۇلمان بولىشى(5)

ئۇنىڭدىن كېيىن شەھ مەشرەپ ‹‹ھۇ››دەپ يولىغا راۋان بولدى،شۇ ماڭغىنچە ئۆزنى ئىلىدا كۆردى.ئۇ زامانلاردا ئىلىنىڭ ھاكىمى قۇنتەيجى ئىدى.نۇتەيجىنى بىر قىزى بولۇپ،ئۇ قىزنىڭ ئىسمى ئاپئاق ئىدى.دائىم ئۇنىڭ بىلەن يۈرۈيدىغان 100 نەپەر كېنىزەك بار ئىدى.بىر كۈنى ئۇ قىز كېنىزەكلىرى بىلەن سەھرادا ساياھەت قىلىپ يۈرگەندە ،شاھ مەشرەپكە ئۇچراپ قالدى.ئۇ قارسا قىزلار ئىچىدە بىر قىز كېلۋاتقۇدەك،ئاپپاتاپ مەسەللىك گۈزەل چىرايىدىن ئالەم روشەن بولغىدەك.شاھ مەشرەپ ‹‹ئىبارا خۇدايا،مۇشۇنداق پەرىزاتنى ئۆز قۇدرىتىڭ بىلەن پەيدا قىلىپسەن›› دەپ قىزنىڭ يېنىغا كېلىپ..

-ھەي قىز ،سېنىڭ مۇھەببىتىڭ مېنىڭ قەلبىمگە ئورۇنلاشتى ،-دىدى.

قىز ئېتىنى توختىتىپ ،شاھ مەشرەپنىڭ ئالدىغا ئۇدۇللاپ كېلىپ،ۋەزىرگە :

-ھەي ۋەزىر،بۇ قەلەندەرنى كۆردىڭمۇ؟مەن ئۈمرۈمدە بۇنداق جۈرئەتلىك قەلەندەرنى كۆرگىنىم يوق.قارا ‹‹ساڭا ئاشىق بولدۇم›› دەۋاتىدۇ،-دىدى.

_ھەي مەلىكە بۇ ئاجايىپ قەلەندەر ئىككەن،_دىدى ۋەزىر.

ھەي قەلەندەر،دىدى قىز شاھ مەشرەپكە ،-ئەگەر ماڭا ھەقىقەتەن ئاشىق بولساڭ ،بېشىمدىكى ئوتاغىتىمغا مۇناسىپ بىر بىيىت ئۇقىغىن .

شاھ مەشرەپ بۇ بىيىتنى ئوقىدى:

............................

--ھەي قەلەندەر بۇ كېچە سېنى مېھمان قىلمەن ،-دىدى.

--ھەي مەلىكە تائام يىمەسمەن ،بىر قاچا سۇ بەرگىن ،دىدى شاھ مەشرەپ.

قىز دەرھال بىر جام سۇ ئەكەلدۈرۈپ شاھ مەشرەپكە تۇتتى.جامنىڭ شەنىگە شاھ مەشرەپ بۇ بىيىتنى ئوقىدى:

--------------

قىز بىيىنى ئاڭلاپ زوقلاندى.

-ھەي ۋەزىر ،دىۋانىنى كۆكشىر يايلىقىغا ئېلىپ بارغىن،ئۇ يەردىكى 300 تۆگە ۋە يىلقلىرىمنى باقسۇن ،دىدى.

.....................................................................................................................................

ئەلقىسە شاھ مەشرەپ 300 تۆگىدىن بىرنى تۇتۇپ مىندى،ئۈچ يىل تۆگە باقتى. بۇ جەرياندا يامغۇر سۈيىنى ئىچتى،گىياھ يىلتىزىنى يىدى.

ئۇنىڭ مۇددىئاسى بۇ قىزنىڭ مېھرى-مۇھابىتى بولماستىن ،بەلكى ‹‹بۇ نازىنىن دوزاخ ئوتىدا كۆيمىگەي، نادامەت چەكمىگەي،بۇ قىز مۇسۇلمان بولۇپ جەننەتكە سازاۋەر بولسا›› دەپ رىيازەت چېكەتتى.

كىشلەر قۇنتەيجىگە ‹‹خۇداپەرەس بىر قەلەندەر كېلىپ،قىزىڭىزغا ئاشىق بولۇپ،ئۈچ يىل بولدى تۆگە بېقىۋاتىدۇ›› دىيىشتى.قۇنتىيجى :

‹‹ئۇ قەلەندەرنى بۇ يەرگە ئېلىپ كېلىڭلار ›› دەپ بويرىدى.ئىككى نەپەر ياساۋۇل شاھ مەشرەپنى يېنىغا بارغان ئىدى ،شاھ مەشرەپ كەلگىلى ئۇنمىدى.قۇنتەيجى ؛‹‹قەلەندەر نىمە دەيدۇ›› دەپ سورىدى.ياساۋۇللار :‹‹ئۇ قەلەندەرنىڭ ئاللا دەپ يىغلىغىنىدىن باشقىنى ئۇقالمىدۇق››دىدى.ۋەزىر:‹‹ئۇنداق بولسا ،ئاشىقنى كەلتۈرۈشكە مەشۇق كېرەك.قىزىڭىزنى ئەۋەتىڭ ،بېرىپ ئېلىپ كەلسۇن›› دىدى.

قۇنتەيجى :‹‹ھەي قىزىم ،بېرىپ ئاشىقىڭنى ئېلىپ كەل مەن كۆرەي››دىدى.

قىز ئاتلاندى ،شاھ مەشرەپ بۇ ۋەقەلەرنى ئاڭلاپ قىزنىڭ شەنىگە ئاتاپ بۇ بېيىتنى ئوقىدى:

........................................

ئەلقىسە شاھ مەشرەپ قۇنتەيجىنىڭ ئوردىسىغا كېلىپ قارغۇدەك بولسا ،قۇنتەيجى تەختىدىن چۈشۈپ،شاھ مەشرەپنىڭ يولىغا ئىنتىزار بولۇپ تۇتۇپتۇ،ئىككى قالماق قولتىقىدىن يۆلەپ تۇرۇپتۇ.شاھ مەشرەپنى كۆرگەن قۇنتەيجى:

ھەي غەزىنىچى ،غەزىنىدىن ئالتۇن ئېلىپ كەل،_دەپ بۇيرىدى.غەزىنىچى بىر تاۋاق ئالتۇن ئېلىپ كەلدى.

-ھەي دىۋادە،خۇدايىڭ بەرھەق ئىكەن،دىنىڭ راست ئىككەن،-دىدى قۇنتەيجى تامامى ئۆمرىمنى خۇدا يولىدىن بىخەۋەر ئۆتكۈزۈپتىمەن.نۇ ئالتۇننى ئېلىپ،مېنىڭ ھەققىمگە دۇئا قى؛،بەلكى مۇسۇلمان بولغايمەن.

شاھ مەشرەپ ئالتۇننى ئالماي،بۇ غەزەلنى ئوقىدى:

.......................................

-ماڭا ئالتۇن بېرىپ ،دۇئا قىل،دىگەن كىشىنىڭ ھەققىگە دۇئا قىلمايمەن.ئاۋۋال مۇسۇلمان بول،ئاندىن كېيىن ساڭا دۇئا قىلاي.دۇنيا ۋە ئاخىرىتىڭ ياخشى بولغاي،.-دىدى شاھ مەشرەپ.

-تەقسىر قەلەندەرىم.-دىدى قۇنتەيجى شاھ مەشرەپنىڭ قولىدىن تۇتۇپ،ئايرىم ئۆيگە باشلاپ كىرىپ،-ئەگەر ئاشكارا مۇسۇلمان بولسام ،يۇرتىكى پۇقرالىرىمدىن ئەندىشە قىلمەن،غۇۋغا پەيدا بولۇدۇ.ھازىر سىزنىڭ يېنىڭىزدا مۇسۇلمان بولاي،نامازنى مەخپى ئوقۇپ،روزىنى مەخپى تۇتاي،خەير-ساخاۋەت قىلاي.قىيامەت كۈنى خۇدا قازى بولۇپ،ھەزرىتى مۇھەممەد مۇستافا سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللام شاپائەت تەختىدە ئولتۇرغاندا ،مۇسۇلمانلىقىمغا گۇۋالىق بەرگەيسىزمۇ؟-شاھ مەشرەپ قۇبۇل قىلدى.قۇنتەيجى كەلىمە شاھادەت ئېيتىپ مۇسۇلمان بولۇپ،-گۇۋاھ بولۇڭ ئاپپاق خوجامنى پىر تۇتتۇم.شەھەرلىرىمنى ئۇنىڭغا نىياز(سوۋغا)قىلدىم،-دىدى.

شاھ مەشرەپ قۇنتەيجى بىلەن خوتىنىغا ناماز ئوقۇشنى ئۈگەتتى ۋە غوسلى قىلىشنى ئۈگەتتى.

-ھەي ئىنىك ئانىلار مەن قىزىمنى شاھ مەشرەپكە سوۋغا قىلدىم ؛-دىدى .

..........................

ئىنكانىلار كېلىپ ؛

-ھەي مەلىكەم ،دادىڭىز ئىمان كەلتۈرۈپ مۇسۇلمان بولدى،سىزمۇ مۇسۇلمان بولۇڭ دىدى.

-ھەي ئانىلار -دىدى مەلىكە،-مەن مەشرەپنى كۆرگەندىلا مۇسۇلمان بولغان،ئەمما پىنھان تۇتقان،-دىدى

....................

‹‹شاھ مەشرەپ ھەققىدە قىسە››59-بەتتىن-77-بەتكىچە

1.‹‹دىۋان مەشرەپ››تاشكەنىت فورسۇف چاپخانىسىدا بېسىلغان نۇسقا.

2.‹‹دىۋان مەشرەپ›› 1900-يىلى تاشكەنىت چاپخانىسىدا بېسىلغان نۇسقا.

saktikin يوللانغان ۋاقتى 2012-10-10 14:28:36

1.ئاپپاق خوجا تىبەتكە بارغانداكۆرۈشكىنى دالاي لاماⅤمۇ ياكى باشقاكىشىمۇ؟ بۇ توغرىدىكى ماتىرىياللارنىدالاي لاماⅤ ئائىت تىبەتچە ياكى خەنزۇچە ماتىرىياللاردىن ئىزدەپ باققانلار بارمۇ؟



2.«ئافاق» دېگەن بۇ نامنى نېمە سەۋەبتىن« ق» ھەرىپى يوق تىبەت تىلىدىن ئىزدەش زۆرۈر بولۇپ قالدى؟نېمىشقا ئەرەب ، فارس تىللىرىدىنمەنىسى ئىزدەپ بېقىلمايدۇ؟




otkur1 يوللانغان ۋاقتى 2012-10-11 01:21:56

ئاپپاق خوجىنىڭ جۇڭغارىيە قوشۇنىنى باشلاپ كىرىش مەسىلىسىدە شۇ دەۋردىكى تارىخىي شارائىت بىلەن ، بولۇپمۇ دۇنيا تارىخىدىكى كۆچمەن مىللەتلەر قۇرغان ئىمپىرىيەنىڭ ئەڭ ئاخىرقىسى ھىساپلىنىدىغان جۇڭغارىيە ۋە چوڭ پۇرسەتپەرەس ، سىياسىي قارانىيەتچى ھىساپلىنىدىغان غالداننىڭ ئەمىلىي ئەھۋالى ھىساپقا ئېلىنىشى كېرەك ، كۆچمەن قەبىلىلەرنىڭ ئولتۇراق - بوستانلىق مىللەتلىرىنى تالان- تاراج قىلىشى بۇ بىر تارىخىي رېئاللىق ، قەشقەرىيەنىڭ جۇڭغارىيە تەرىپىدىن تالان- تاراج بولىشى تارىخنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئاپتوبۇسىغا ئۈلگۈرگەندەك بىر ئىش . غالدان سىياسىي جەھەتتە ھەتتا شۇ چاغدىكى چىڭ ئىمپىرىيەسىنىڭ ئىمپىراتورى كاڭشى بىلەن ئۈستۈنلۈك تالىشىپ يۈرگەن دەۋر ، ئەمدى ئاپپاق خوجىنىڭ غالداننىڭ قەشقەرىيەگە بېسىپ كىرىشىدە تۈرتكىلىك رول ئوينىدىمۇ ياكى قارا كەلكۈن ئەلپازىدىكى بەدىۋىي كۆچمەن قەۋمنىڭ تالان - تاراج قىلىشىدا ئاز بولسىمۇ بۇففېرلىق رول ئوينىدىمۇ ، بۇ تارىخشۇناسلارنىڭ يەنىمۇ ئىنچىكە تەتقىق قىلىشىغا تەئەللۇق ئىنچىكە مەسىلى .



مەسىلە، غالدان 120مىڭ ئەسكىرى بىلەن قەشقەرىيەگە بېسىپ كىردى ۋە پادىشالىقنى ئېلىپ ئاپپاق خوجىنى ھاكىمىيەتكە تىكلىدى ، ئۇنى ھەريىلى جۇڭغارىيەگە ئولپان تاپشۇرىدىغان قىلدى . نوقۇل مۇشۇ ۋەقەلىكتىن تەھلىل قىلساق ، ئالدى بىلەن بۇنداق بىر پەرەزنى ئوتتۇرىغا قويىشىمىز كېرەك : شۇ دەۋردىكى تارىخىمىزدا ئاپپاق خوجا بولمىغان بولسا ، غالدان قەشقەرىيەگە بېسىپ كىرەتتىمۇ ؟ ئەگەر بېسىپ كىرسە قانداق پاجىەلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۈمكىن ؟ لېكىن بۇ تارىخىي ۋەقەلىككە ئاپپاق خوجا كىردى ، ئاپپاق خوجىنىڭ جۇڭغارىيە قوشۇنىنىڭ قەشقەرىيەگە بېسىپ كىرىشىدە شۇ چاغدىكى قەشقەرىيەگە نىسبەتەن سەلبىي رولى چوڭمۇ ئىجابىي رولى چوڭمۇ ؟ يەنى ئېچىنىشلىق زىيان چوڭمۇ ياكى ئاپپاق خوجا سەۋەپلىك بەدىۋىلەرنىڭ بوستان خەلقىگە ئېلىپ كېلىدىغان بالايى - ئاپىتى بۇرۇنقى ۋە باشقا تارىخىي ۋەقىلىكلەرگە قارىغاندا ئۇنچىلىك چوڭ پاجىەلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىغا ئاپپاق خوجا بۇففېرلىق رول ئوينىدىمۇ

يايلاق مىللىتىنىڭ بوستانلىق مىللىتىگە كەلتۈرىدىغان پاجىەسى تارىختا مىساللىرى ئىنتايىن كۆپ ، ئەگەر غالدان تۆمۈر تاپان ئاتلىق ئەسكەرلىرى بىلەن بەرىبىر باستۇرۇپ كىرىدىغان قەشقەرىيەگە ھىچقانداق بىر كىشىنىڭ ۋاستىسىسىز مۇنقەرز قىلسا ئاقىۋەت قانداق بولاتتى ؟



دوستىمىز دۇراكنىڭ يۇقارقى بايانلىرى ئادەمنىڭ قۇلىقىغا ئا غالچا ياخشىمۇ ياكى ب غالچا ياخشىمۇ دېگەندەك ئاڭلىنىدىكەن \"\" \"\" \"\"

abdulehed يوللانغان ۋاقتى 2012-10-11 04:52:21

129- قەۋەتتىكى appakhojaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

غالداننىڭ مۇسۇلمان بولىشى(5)

....................

‹‹شاھ مەشرەپ ھەققىدە قىسە››59-بەتتىن-77-بەتكىچە

1.‹‹دىۋان مەشرەپ››تاشكەنىت فورسۇف چاپخانىسىدا بېسىلغان نۇسقا.

2.‹‹دىۋان مەشرەپ›› 1900-يىلى تاشكەنىت چاپخانىسىدا بېسىلغان نۇسقا.




ھېكايە.قىسسە،پوۋېست،رومان،تارىخي رومانلار يالغانچى - كاززابلار سۆز ئويۇنى. ئۇنى پاكىت قىلىشقا يارىمايدۇ.كىچىك بالىدەك گەپ قىلىپ يۈرۈش كاللىسى ساق كىشىلەرگە ياراشمايدۇ.

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2012-10-11 08:11:50

129- قەۋەتتىكى appakhojaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

غالداننىڭ مۇسۇلمان بولىشى(5)

ئۇنىڭدىن كېيىن شەھ مەشرەپ ‹‹ھۇ››دەپ يولىغا راۋان بولدى،شۇ ماڭغىنچە ئۆزنى ئىلىدا كۆردى.ئۇ زامانلاردا ئىلىنىڭ ھاكىمى قۇنتەيجى ئىدى.نۇتەيجىنى بىر قىزى بولۇپ،ئۇ قىزنىڭ ئىسمى ئاپئاق ئىدى.دائىم ئۇنىڭ بىلەن يۈرۈيدىغان 100 نەپەر كېنىزەك بار ئىدى.بىر كۈنى ئۇ قىز كېنىزەكلىرى بىلەن سەھرادا ساياھەت قىلىپ يۈرگەندە ،شاھ مەشرەپكە ئۇچراپ قالدى.ئۇ قارسا قىزلار ئىچىدە بىر قىز كېلۋاتقۇدەك،ئاپپاتاپ مەسەللىك گۈزەل چىرايىدىن ئالەم روشەن بولغىدەك.شاھ مەشرەپ ‹‹ئىبارا خۇدايا،مۇشۇنداق پەرىزاتنى ئۆز قۇدرىتىڭ بىلەن پەيدا قىلىپسەن›› دەپ قىزنىڭ يېنىغا كېلىپ..

-ھەي قىز ،سېنىڭ مۇھەببىتىڭ مېنىڭ قەلبىمگە ئورۇنلاشتى ،-دىدى.

قىز ئېتىنى توختىتىپ ،شاھ مەشرەپنىڭ ئالدىغا ئۇدۇللاپ كېلىپ،ۋەزىرگە :

-ھەي ۋەزىر،بۇ قەلەندەرنى كۆردىڭمۇ؟مەن ئۈمرۈمدە بۇنداق جۈرئەتلىك قەلەندەرنى كۆرگىنىم يوق.قارا ‹‹ساڭا ئاشىق بولدۇم›› دەۋاتىدۇ،-دىدى.

_ھەي مەلىكە بۇ ئاجايىپ قەلەندەر ئىككەن،_دىدى ۋەزىر.

ھەي قەلەندەر،دىدى قىز شاھ مەشرەپكە ،-ئەگەر ماڭا ھەقىقەتەن ئاشىق بولساڭ ،بېشىمدىكى ئوتاغىتىمغا مۇناسىپ بىر بىيىت ئۇقىغىن .

شاھ مەشرەپ بۇ بىيىتنى ئوقىدى:

............................

--ھەي قەلەندەر بۇ كېچە سېنى مېھمان قىلمەن ،-دىدى.

--ھەي مەلىكە تائام يىمەسمەن ،بىر قاچا سۇ بەرگىن ،دىدى شاھ مەشرەپ.

قىز دەرھال بىر جام سۇ ئەكەلدۈرۈپ شاھ مەشرەپكە تۇتتى.جامنىڭ شەنىگە شاھ مەشرەپ بۇ بىيىتنى ئوقىدى:

--------------

قىز بىيىنى ئاڭلاپ زوقلاندى.

-ھەي ۋەزىر ،دىۋانىنى كۆكشىر يايلىقىغا ئېلىپ بارغىن،ئۇ يەردىكى 300 تۆگە ۋە يىلقلىرىمنى باقسۇن ،دىدى.

.....................................................................................................................................

ئەلقىسە شاھ مەشرەپ 300 تۆگىدىن بىرنى تۇتۇپ مىندى،ئۈچ يىل تۆگە باقتى. بۇ جەرياندا يامغۇر سۈيىنى ئىچتى،گىياھ يىلتىزىنى يىدى.

ئۇنىڭ مۇددىئاسى بۇ قىزنىڭ مېھرى-مۇھابىتى بولماستىن ،بەلكى ‹‹بۇ نازىنىن دوزاخ ئوتىدا كۆيمىگەي، نادامەت چەكمىگەي،بۇ قىز مۇسۇلمان بولۇپ جەننەتكە سازاۋەر بولسا›› دەپ رىيازەت چېكەتتى.

كىشلەر قۇنتەيجىگە ‹‹خۇداپەرەس بىر قەلەندەر كېلىپ،قىزىڭىزغا ئاشىق بولۇپ،ئۈچ يىل بولدى تۆگە بېقىۋاتىدۇ›› دىيىشتى.قۇنتىيجى :

‹‹ئۇ قەلەندەرنى بۇ يەرگە ئېلىپ كېلىڭلار ›› دەپ بويرىدى.ئىككى نەپەر ياساۋۇل شاھ مەشرەپنى يېنىغا بارغان ئىدى ،شاھ مەشرەپ كەلگىلى ئۇنمىدى.قۇنتەيجى ؛‹‹قەلەندەر نىمە دەيدۇ›› دەپ سورىدى.ياساۋۇللار :‹‹ئۇ قەلەندەرنىڭ ئاللا دەپ يىغلىغىنىدىن باشقىنى ئۇقالمىدۇق››دىدى.ۋەزىر:‹‹ئۇنداق بولسا ،ئاشىقنى كەلتۈرۈشكە مەشۇق كېرەك.قىزىڭىزنى ئەۋەتىڭ ،بېرىپ ئېلىپ كەلسۇن›› دىدى.

قۇنتەيجى :‹‹ھەي قىزىم ،بېرىپ ئاشىقىڭنى ئېلىپ كەل مەن كۆرەي››دىدى.

قىز ئاتلاندى ،شاھ مەشرەپ بۇ ۋەقەلەرنى ئاڭلاپ قىزنىڭ شەنىگە ئاتاپ بۇ بېيىتنى ئوقىدى:

........................................

ئەلقىسە شاھ مەشرەپ قۇنتەيجىنىڭ ئوردىسىغا كېلىپ قارغۇدەك بولسا ،قۇنتەيجى تەختىدىن چۈشۈپ،شاھ مەشرەپنىڭ يولىغا ئىنتىزار بولۇپ تۇتۇپتۇ،ئىككى قالماق قولتىقىدىن يۆلەپ تۇرۇپتۇ.شاھ مەشرەپنى كۆرگەن قۇنتەيجى:

ھەي غەزىنىچى ،غەزىنىدىن ئالتۇن ئېلىپ كەل،_دەپ بۇيرىدى.غەزىنىچى بىر تاۋاق ئالتۇن ئېلىپ كەلدى.

-ھەي دىۋادە،خۇدايىڭ بەرھەق ئىكەن،دىنىڭ راست ئىككەن،-دىدى قۇنتەيجى تامامى ئۆمرىمنى خۇدا يولىدىن بىخەۋەر ئۆتكۈزۈپتىمەن.نۇ ئالتۇننى ئېلىپ،مېنىڭ ھەققىمگە دۇئا قى؛،بەلكى مۇسۇلمان بولغايمەن.

شاھ مەشرەپ ئالتۇننى ئالماي،بۇ غەزەلنى ئوقىدى:

.......................................

-ماڭا ئالتۇن بېرىپ ،دۇئا قىل،دىگەن كىشىنىڭ ھەققىگە دۇئا قىلمايمەن.ئاۋۋال مۇسۇلمان بول،ئاندىن كېيىن ساڭا دۇئا قىلاي.دۇنيا ۋە ئاخىرىتىڭ ياخشى بولغاي،.-دىدى شاھ مەشرەپ.

-تەقسىر قەلەندەرىم.-دىدى قۇنتەيجى شاھ مەشرەپنىڭ قولىدىن تۇتۇپ،ئايرىم ئۆيگە باشلاپ كىرىپ،-ئەگەر ئاشكارا مۇسۇلمان بولسام ،يۇرتىكى پۇقرالىرىمدىن ئەندىشە قىلمەن،غۇۋغا پەيدا بولۇدۇ.ھازىر سىزنىڭ يېنىڭىزدا مۇسۇلمان بولاي،نامازنى مەخپى ئوقۇپ،روزىنى مەخپى تۇتاي،خەير-ساخاۋەت قىلاي.قىيامەت كۈنى خۇدا قازى بولۇپ،ھەزرىتى مۇھەممەد مۇستافا سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللام شاپائەت تەختىدە ئولتۇرغاندا ،مۇسۇلمانلىقىمغا گۇۋالىق بەرگەيسىزمۇ؟-شاھ مەشرەپ قۇبۇل قىلدى.قۇنتەيجى كەلىمە شاھادەت ئېيتىپ مۇسۇلمان بولۇپ،-گۇۋاھ بولۇڭ ئاپپاق خوجامنى پىر تۇتتۇم.شەھەرلىرىمنى ئۇنىڭغا نىياز(سوۋغا)قىلدىم،-دىدى.

شاھ مەشرەپ قۇنتەيجى بىلەن خوتىنىغا ناماز ئوقۇشنى ئۈگەتتى ۋە غوسلى قىلىشنى ئۈگەتتى.

-ھەي ئىنىك ئانىلار مەن قىزىمنى شاھ مەشرەپكە سوۋغا قىلدىم ؛-دىدى .

..........................

ئىنكانىلار كېلىپ ؛

-ھەي مەلىكەم ،دادىڭىز ئىمان كەلتۈرۈپ مۇسۇلمان بولدى،سىزمۇ مۇسۇلمان بولۇڭ دىدى.

-ھەي ئانىلار -دىدى مەلىكە،-مەن مەشرەپنى كۆرگەندىلا مۇسۇلمان بولغان،ئەمما پىنھان تۇتقان،-دىدى

....................

‹‹شاھ مەشرەپ ھەققىدە قىسە››59-بەتتىن-77-بەتكىچە

1.‹‹دىۋان مەشرەپ››تاشكەنىت فورسۇف چاپخانىسىدا بېسىلغان نۇسقا.

2.‹‹دىۋان مەشرەپ›› 1900-يىلى تاشكەنىت چاپخانىسىدا بېسىلغان نۇسقا.




سىزنى بۇنداق پاكىت كۆرسىتىدۇ دەپ ئويلىمىغان ئىدىم، شاھ مەشرەپ بىلەن ئاپپاقغۇجا بىر ئادەم دىمەكچىمۇ؟

durak يوللانغان ۋاقتى 2012-10-11 09:48:59

ئالدى بىلەن ئىسلام تارىخچىلىرىنىڭ تەتقىقات مېتودى ھەققىدە تونۇشۇپ بېقىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن ، بەزىلەرگە كوممىنىستلار خىتاپنامىسىدىن باشقا كىتاپلارنىڭ ھەممىسى توقۇلما ، ئەفسانە ، خىيال ، تەسەۋۋۇر تۇيۇلسا كېرەك ...


appakhoja يوللانغان ۋاقتى 2012-10-11 10:46:45

ئالۋەتتە بىزنىڭ بۇرۇن يېزىلغان تارىخ كىتاپلىرىمىز ھەمىسى مۇشۇنداق يېزىلغان ھەم بۇنىڭدىنمۇ رىۋايەت تۈسى ئالغان ..ئاجابا باشقىلار

مۇشۇ كىتاپتىنكى بەزى جايلارنى ئۆزگەرتىپ   ئېلىپ ھازىرقى ماڭقۇرۇتلاشتۇرۇش تارىخنى يازمىغانمۇ...ئەجابا ئۇلار ئالغان جايلار داۋلىغا ئۇيغۇن ،بىزلەر ئالغان جايلار ئۇيغۇن ئەمەسما؟


شەخلا سىز ئىنكاسنى تەپسىلى ئوقۇپ ئىنكاس يېزىڭ


‹‹-تەقسىر قەلەندەرىم.-دىدى قۇنتەيجى شاھ مەشرەپنىڭ قولىدىن تۇتۇپ،ئايرىم ئۆيگە باشلاپ كىرىپ،-ئەگەر ئاشكارا مۇسۇلمان بولسام ،يۇرتىكى پۇقرالىرىمدىن ئەندىشە قىلمەن،غۇۋغا پەيدا بولۇدۇ.ھازىر سىزنىڭ يېنىڭىزدا مۇسۇلمان بولاي،نامازنى مەخپى ئوقۇپ،روزىنى مەخپى تۇتاي،خەير-ساخاۋەت قىلاي.قىيامەت كۈنى خۇدا قازى بولۇپ،ھەزرىتى مۇھەممەد مۇستافا سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللام شاپائەت تەختىدە ئولتۇرغاندا ،مۇسۇلمانلىقىمغا گۇۋالىق بەرگەيسىزمۇ؟-شاھ مەشرەپ قۇبۇل قىلدى.قۇنتەيجى كەلىمە شاھادەت ئېيتىپ مۇسۇلمان بولۇپ،-گۇۋاھ بولۇڭ ئاپپاق خوجامنى پىر تۇتتۇم.شەھەرلىرىمنى ئۇنىڭغا نىياز(سوۋغا)قىلدىم،-دىدى.


بۇ جاينى ئوبدان ئۇقۇڭ...

مەن پاكىت كۆرسىتىشكا ئاجىزلىق قىلىپ قالمايمەن ...ئاستا -ئاستا كېلەيلى ..قانچىلىق قەبىھ ئىنكاسلار چۈشىدۇ .مەن غەزەپ-نەپرەتنىڭقانچىلىق چەكتە ئىككەنلىكىنى بىلىپ باققىم بار.چۈنكى بىر پەيغەمبەر نەسلىنى كاپىرغا چىقىرىشقا تىرىشۋاتقان بۇ قەۋم نەسلىنىدىن ئاللانىڭ زور ھىكمەتلىرىنى ،سەۋرىسىنى چۈشۈشنۈپ قېلۋاتمەن.ئىشلانىڭ سەۋەبىنى بىلىپ قالغاندەك.نىمىنىڭ زالالەت ،جاھالەت ئىككەنلىكىنى بىلىپ قېلۋاتقاندەك مەن...

appakhoja يوللانغان ۋاقتى 2012-10-11 10:55:35

133- قەۋەتتىكى xahla91نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

129- قەۋەتتىكى appakhojaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

غالداننىڭ مۇسۇلمان بولىشى(5)

ئۇنىڭدىن كېيىن شەھ مەشرەپ ‹‹ھۇ››دەپ يولىغا راۋان بولدى،شۇ ماڭغىنچە ئۆزنى ئىلىدا كۆردى.ئۇ زامانلاردا ئىلىنىڭ ھاكىمى قۇنتەيجى ئىدى.نۇتەيجىنى بىر قىزى بولۇپ،ئۇ قىزنىڭ ئىسمى ئاپئاق ئىدى.دائىم ئۇنىڭ بىلەن يۈرۈيدىغان 100 نەپەر كېنىزەك بار ئىدى.بىر كۈنى ئۇ قىز كېنىزەكلىرى بىلەن سەھرادا ساياھەت قىلىپ يۈرگەندە ،شاھ مەشرەپكە ئۇچراپ قالدى.ئۇ قارسا قىزلار ئىچىدە بىر قىز كېلۋاتقۇدەك،ئاپپاتاپ مەسەللىك گۈزەل چىرايىدىن ئالەم روشەن بولغىدەك.شاھ مەشرەپ ‹‹ئىبارا خۇدايا،مۇشۇنداق پەرىزاتنى ئۆز قۇدرىتىڭ بىلەن پەيدا قىلىپسەن›› دەپ قىزنىڭ يېنىغا كېلىپ..

-ھەي قىز ،سېنىڭ مۇھەببىتىڭ مېنىڭ قەلبىمگە ئورۇنلاشتى ،-دىدى.

قىز ئېتىنى توختىتىپ ،شاھ مەشرەپنىڭ ئالدىغا ئۇدۇللاپ كېلىپ،ۋەزىرگە :

-ھەي ۋەزىر،بۇ قەلەندەرنى كۆردىڭمۇ؟مەن ئۈمرۈمدە بۇنداق جۈرئەتلىك قەلەندەرنى كۆرگىنىم يوق.قارا ‹‹ساڭا ئاشىق بولدۇم›› دەۋاتىدۇ،-دىدى.

_ھەي مەلىكە بۇ ئاجايىپ قەلەندەر ئىككەن،_دىدى ۋەزىر.

ھەي قەلەندەر،دىدى قىز شاھ مەشرەپكە ،-ئەگەر ماڭا ھەقىقەتەن ئاشىق بولساڭ ،بېشىمدىكى ئوتاغىتىمغا مۇناسىپ بىر بىيىت ئۇقىغىن .

شاھ مەشرەپ بۇ بىيىتنى ئوقىدى:

............................

--ھەي قەلەندەر بۇ كېچە سېنى مېھمان قىلمەن ،-دىدى.

--ھەي مەلىكە تائام يىمەسمەن ،بىر قاچا سۇ بەرگىن ،دىدى شاھ مەشرەپ.

قىز دەرھال بىر جام سۇ ئەكەلدۈرۈپ شاھ مەشرەپكە تۇتتى.جامنىڭ شەنىگە شاھ مەشرەپ بۇ بىيىتنى ئوقىدى:

--------------

قىز بىيىنى ئاڭلاپ زوقلاندى.

-ھەي ۋەزىر ،دىۋانىنى كۆكشىر يايلىقىغا ئېلىپ بارغىن،ئۇ يەردىكى 300 تۆگە ۋە يىلقلىرىمنى باقسۇن ،دىدى.

.....................................................................................................................................

ئەلقىسە شاھ مەشرەپ 300 تۆگىدىن بىرنى تۇتۇپ مىندى،ئۈچ يىل تۆگە باقتى. بۇ جەرياندا يامغۇر سۈيىنى ئىچتى،گىياھ يىلتىزىنى يىدى.

ئۇنىڭ مۇددىئاسى بۇ قىزنىڭ مېھرى-مۇھابىتى بولماستىن ،بەلكى ‹‹بۇ نازىنىن دوزاخ ئوتىدا كۆيمىگەي، نادامەت چەكمىگەي،بۇ قىز مۇسۇلمان بولۇپ جەننەتكە سازاۋەر بولسا›› دەپ رىيازەت چېكەتتى.

كىشلەر قۇنتەيجىگە ‹‹خۇداپەرەس بىر قەلەندەر كېلىپ،قىزىڭىزغا ئاشىق بولۇپ،ئۈچ يىل بولدى تۆگە بېقىۋاتىدۇ›› دىيىشتى.قۇنتىيجى :

‹‹ئۇ قەلەندەرنى بۇ يەرگە ئېلىپ كېلىڭلار ›› دەپ بويرىدى.ئىككى نەپەر ياساۋۇل شاھ مەشرەپنى يېنىغا بارغان ئىدى ،شاھ مەشرەپ كەلگىلى ئۇنمىدى.قۇنتەيجى ؛‹‹قەلەندەر نىمە دەيدۇ›› دەپ سورىدى.ياساۋۇللار :‹‹ئۇ قەلەندەرنىڭ ئاللا دەپ يىغلىغىنىدىن باشقىنى ئۇقالمىدۇق››دىدى.ۋەزىر:‹‹ئۇنداق بولسا ،ئاشىقنى كەلتۈرۈشكە مەشۇق كېرەك.قىزىڭىزنى ئەۋەتىڭ ،بېرىپ ئېلىپ كەلسۇن›› دىدى.

قۇنتەيجى :‹‹ھەي قىزىم ،بېرىپ ئاشىقىڭنى ئېلىپ كەل مەن كۆرەي››دىدى.

قىز ئاتلاندى ،شاھ مەشرەپ بۇ ۋەقەلەرنى ئاڭلاپ قىزنىڭ شەنىگە ئاتاپ بۇ بېيىتنى ئوقىدى:

........................................

ئەلقىسە شاھ مەشرەپ قۇنتەيجىنىڭ ئوردىسىغا كېلىپ قارغۇدەك بولسا ،قۇنتەيجى تەختىدىن چۈشۈپ،شاھ مەشرەپنىڭ يولىغا ئىنتىزار بولۇپ تۇتۇپتۇ،ئىككى قالماق قولتىقىدىن يۆلەپ تۇرۇپتۇ.شاھ مەشرەپنى كۆرگەن قۇنتەيجى:

ھەي غەزىنىچى ،غەزىنىدىن ئالتۇن ئېلىپ كەل،_دەپ بۇيرىدى.غەزىنىچى بىر تاۋاق ئالتۇن ئېلىپ كەلدى.

-ھەي دىۋادە،خۇدايىڭ بەرھەق ئىكەن،دىنىڭ راست ئىككەن،-دىدى قۇنتەيجى تامامى ئۆمرىمنى خۇدا يولىدىن بىخەۋەر ئۆتكۈزۈپتىمەن.نۇ ئالتۇننى ئېلىپ،مېنىڭ ھەققىمگە دۇئا قى؛،بەلكى مۇسۇلمان بولغايمەن.

شاھ مەشرەپ ئالتۇننى ئالماي،بۇ غەزەلنى ئوقىدى:

.......................................

-ماڭا ئالتۇن بېرىپ ،دۇئا قىل،دىگەن كىشىنىڭ ھەققىگە دۇئا قىلمايمەن.ئاۋۋال مۇسۇلمان بول،ئاندىن كېيىن ساڭا دۇئا قىلاي.دۇنيا ۋە ئاخىرىتىڭ ياخشى بولغاي،.-دىدى شاھ مەشرەپ.

-تەقسىر قەلەندەرىم.-دىدى قۇنتەيجى شاھ مەشرەپنىڭ قولىدىن تۇتۇپ،ئايرىم ئۆيگە باشلاپ كىرىپ،-ئەگەر ئاشكارا مۇسۇلمان بولسام ،يۇرتىكى پۇقرالىرىمدىن ئەندىشە قىلمەن،غۇۋغا پەيدا بولۇدۇ.ھازىر سىزنىڭ يېنىڭىزدا مۇسۇلمان بولاي،نامازنى مەخپى ئوقۇپ،روزىنى مەخپى تۇتاي،خەير-ساخاۋەت قىلاي.قىيامەت كۈنى خۇدا قازى بولۇپ،ھەزرىتى مۇھەممەد مۇستافا سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللام شاپائەت تەختىدە ئولتۇرغاندا ،مۇسۇلمانلىقىمغا گۇۋالىق بەرگەيسىزمۇ؟-شاھ مەشرەپ قۇبۇل قىلدى.قۇنتەيجى كەلىمە شاھادەت ئېيتىپ مۇسۇلمان بولۇپ،-گۇۋاھ بولۇڭ ئاپپاق خوجامنى پىر تۇتتۇم.شەھەرلىرىمنى ئۇنىڭغا نىياز(سوۋغا)قىلدىم،-دىدى.

شاھ مەشرەپ قۇنتەيجى بىلەن خوتىنىغا ناماز ئوقۇشنى ئۈگەتتى ۋە غوسلى قىلىشنى ئۈگەتتى.

-ھەي ئىنىك ئانىلار مەن قىزىمنى شاھ مەشرەپكە سوۋغا قىلدىم ؛-دىدى .

..........................

ئىنكانىلار كېلىپ ؛

-ھەي مەلىكەم ،دادىڭىز ئىمان كەلتۈرۈپ مۇسۇلمان بولدى،سىزمۇ مۇسۇلمان بولۇڭ دىدى.

-ھەي ئانىلار -دىدى مەلىكە،-مەن مەشرەپنى كۆرگەندىلا مۇسۇلمان بولغان،ئەمما پىنھان تۇتقان،-دىدى

....................

‹‹شاھ مەشرەپ ھەققىدە قىسە››59-بەتتىن-77-بەتكىچە

1.‹‹دىۋان مەشرەپ››تاشكەنىت فورسۇف چاپخانىسىدا بېسىلغان نۇسقا.

2.‹‹دىۋان مەشرەپ›› 1900-يىلى تاشكەنىت چاپخانىسىدا بېسىلغان نۇسقا.




سىزنى بۇنداق پاكىت كۆرسىتىدۇ دەپ ئويلىمىغان ئىدىم، شاھ مەشرەپ بىلەن ئاپپاقغۇجا بىر ئادەم دىمەكچىمۇ؟

شاھ مەشرەپ قۇبۇل قىلدى.قۇنتەيجى كەلىمە شاھادەت ئېيتىپ مۇسۇلمان بولۇپ،-گۇۋاھ بولۇڭ ئاپپاق خوجامنى پىر تۇتتۇم.شەھەرلىرىمنى ئۇنىڭغا نىياز(سوۋغا)قىلدىم،-دىدى. بۇ جاينى ئوبدان ئۇقۇڭ...

مەن مەشرەپنى ئاپپاق خوجا دىمىگەندۈمەن

dawanqi يوللانغان ۋاقتى 2012-10-11 11:40:33

ئۇيغۇر خەلىق چۆچەكلىرنى ئۇقۇپ كىرەي بىردەم

dawanqi يوللانغان ۋاقتى 2012-10-11 11:50:03

لىكىن چۆچەك ئۇقۇپ كىرگىچە بولغان ئارلىقتا تورداشلارنىڭ سەمىگە شۇنى سېلىپ قۇيايكى بىزنىڭ يېقىنقى زاماندىدىكى(16-ئەسىردىن كىيىنكى)تەغدىرمىزگە مۇناسىۋەتلىك بولغان تارىخى قوليازمىلاردىن ھەر دەرجىلىك ئۇرۇنلاردا ساقلىنىۋاتقىنى 2300پارچىدىن ئاشىدۇ،بىراق بۇلارنىڭ ئىچىدىن ھازرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا ئاغدۇرلۇپ خەلقىمىز بىلەن يۈز كۈرۈشكىنى 50پارچىغىمۇ يەتمەيدۇ.بۇ سىتاسىتكا تېخى خەلىق ئارىسىدا ساقلىنىپ قالغان قوليازمىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ.شۇڭا تارىخى مەسىللەرگە ئالدىراپ يەكۈن چىقارمىغۇلۇق،بىزنىڭ يازما تارىخمىز يوق ياكى تۇلۇق بولغان ئەمەس،بەلكى بار ھەم بىر قەدەر تۇلۇق.بۇلۇپمۇ تۇغلۇق تۈمۈرخان ئىسلامغا كىرگەندىن كىيىنكى تارىخى سالنامىلەر بىزدە ئۈزۈلۈپ قالمىغان.

surgundi يوللانغان ۋاقتى 2012-10-11 13:24:14

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا مەخسۇس قەدىمكى ئەسەرلەرنى يىغىپ- ساقلايدىغان، رەتلەيدىغان بىر ئورگان بار، بۇ ئورگاننىڭ ئىسمى «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاز سانلىق مىللەت قەدىمكى ئەسەرلىرىنى توپلاش، رەتلەش ئىشخانىسى»، ھۆكۈمەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرى ئېلان قىلىنغان ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ ئورگان 2008- يىلىغا قەدەر توپلىغان، تىزىمغا ئالغان ئاز سانلىق مىللەت قەدىمكى ئەسەرلىرى 20 مىڭدىن ئاشقان . بۇلارنىڭ قانچىلىكى ئۇيغۇرچە ياكى ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك، قانچىلىكى يورۇقلۇققا چىققان، قانچىلىكى چىقالمايۋاتىدۇ، قانچىلىكىنىڭ تىزىملىكى بار، ئۆزى يوق، بۇنى پەرەز قىلىۋالساڭلار بولىدۇ، ئۆزىمىز كۆرگەننىلا پاكىت دەپ تۇرۇۋالساق بولماس.....

appakhoja يوللانغان ۋاقتى 2012-10-11 13:35:02

132- قەۋەتتىكى abdulehedنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

129- قەۋەتتىكى appakhojaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

غالداننىڭ مۇسۇلمان بولىشى(5)

....................

‹‹شاھ مەشرەپ ھەققىدە قىسە››59-بەتتىن-77-بەتكىچە

1.‹‹دىۋان مەشرەپ››تاشكەنىت فورسۇف چاپخانىسىدا بېسىلغان نۇسقا.

2.‹‹دىۋان مەشرەپ›› 1900-يىلى تاشكەنىت چاپخانىسىدا بېسىلغان نۇسقا.




ھېكايە.قىسسە،پوۋېست،رومان،تارىخي رومانلار يالغانچى - كاززابلار سۆز ئويۇنى. ئۇنى پاكىت قىلىشقا يارىمايدۇ.كىچىك بالىدەك گەپ قىلىپ يۈرۈش كاللىسى ساق كىشىلەرگە ياراشمايدۇ.

توغرا دىدىڭىز بۇ تارىخى ماتىريال ئۇنداقتا ھازىر پىرىم ئاپپاق خوجام توغۇرلۇق تۈزۈك بىر ئىلمى ئەسەر بارمۇ؟؟؟ ئەلۋەتتە يوق !


نىزامدىن ھۈسەيىننىڭ ئەسىردىن باشلانغان پارچە پۇرات نەرسىلە خالاس ..تەزكىرىلەر ئىچىدە خوجىلارغا دائىر تەزكىرىلەر ئەڭ كۆپ ...نىمىشقا مۇشۇلارنىڭ ھەمىسىنى ئۇچۇق ئوتۇرغا قويمايمىز ..تارىخى كىتاپلاردىن موللا موسا سايرامىنىڭ ئەسەرلىرىنى قەيت قىلۋاتىدۇ بەزىلەر ،لېكىن شۇ كىتاپ تەھرىرلەش جەريانىدا قانداق قازالارغا ئۇچرىدى بۇنىسى تېخى نامالۇم .


يەھۇدى ،ناسارالارنىڭئىسلامنى بۇزغۇنچىلىق قىلىش تارىخىنى 1600 يىللىرى زور ئىستاراتىگىلىك پىلان بويىچە باشلىغان شۇ چاغدا ئافرىقا قىتئەسىدىكى مۇسۇلمانلارنى دىنسىزلاشتۇرۇش فىرانسىيەگە بۆلۈنگەن،ھىجاز ،يەمەن ،ئىراق ،ئىران.ئافغان،ھىندىستان قاتارلىق رايونلار ئېنگىلىسلارغا بۆلىنگەن،ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى روسلارغا بۆلىنگەن ...بۇنداق شامال بىزگە بەك كېچىكىپ كەلگەن.


شۇنىڭغا كىلاستىك ئۆلمالارنىڭ 500 يىلنىڭ مۇنىسىغا چىققان تەپسىر ۋە دىننى كىتاپلارنىڭ ئىشەنچىلىك دەرىجىسى بەك تۆۋەن دىگەن ئىدى.ئەمدى ئۇنىڭ بىكار گەپ ئەمەس .ئىككەنلىگىگە بەك ئىشىنىپ قېلۋاتمەن.


چۈنكى ئىسلامغا ئۆچمەنلىك قىلدىغان كىشلەر ،ئىسلامغا ئەڭ سادىق قىياپەت ،مەزھەپلەردە مەيدانغا چىقىپ ،شۇ ئاساستا دىننى بۇزۋاتقان بۈگۈنكى كۈنلەردە ئالۋەتتە ھەر بۇر مۇسۇلمانىڭشەنىنى پايخان قىلىش ئادەتتىكى ئىشقا ئايلىنپ قالدى.

appakhoja يوللانغان ۋاقتى 2012-10-13 10:23:55

ئوسمانلى ئىسلام خەلپىلىكى ۋە ئاپپاق خوجام(3)

ئاپپاق خوجامنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركلەر ئىچىدە ئۇيغۇرلارغا تۇنجى خىلاپەت ئېلىپ كېلىپ ،بۈگۈنكى تۈركىيە بايرىقىنى سۈلۈك ۋە دۆۋلەت بايرىقى قىلدۇرغان. ئۇيغۇرلارغا 2- قېتىم خىلاپەت ئېلىپ كەلگەن كىشى بەدۆلەت ياقۇپخان ،تۇنجى قېتىم خىلاپەت ئېلىپ كېلىپ ئۇيغۇرلارنى بۈيۈك ئىسلام خەلپىلىكىگە تەۋەلىك بۈلدۈرگەن كىشى ئاپپاق خوجامدۇر.بىز ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى خىلاپەتتىن تىنىق ئالدۇرغان كىشى دەل ئاپپاق خوجامدۇر.ئاي -يۇلتۇزنى ئېلىپ كېلىپ مەسچىتلەرگە قۇبا قىلغان كىشى ئاپپاق خوجامدۇر.سەئىدىن قەشقىرى ئاپپاق خوجامنىڭ ئوسمانلى ئىسلام خەلپىلكىدە تۇرۇشلۇق ۋەكىلى ئىدى.

موللا ئابدۇلھەلىم ئاخۇنۇمنىڭ مىلادى 1713-يىلى يېزىلغان ‹‹مەنقابەتىل سەئىد خاجى ھىدەيتۇللا ئاففاق›› دىگەن ئەسىرىدە:‹‹شۇ ئەسىردە دەۋىر زامانىمىز ئوسمانلى ياساقلىرى ئاستىدا شۇنداق تىنچ زامان بولدىكى قوي بىلەن بۆرە ئىتپاق بولۇپ ،سۇ بىلەن ئوتنىڭ مۇداخىلىسى بولمىدى،ھەر بىر ئىنسان دىللىرى سۈيۈنۈشكە تولدى ›› بايان قىلىپ .

قارخانىلار خانلىقى ئاغدۇرۇلۇپ 400 يىلدىن ئۇشۇق جاھالەت ئىچىگە چۈشۈپ قالغان خەلقىمىزنىڭ خىلافەت ھوزورىغا ئۇلۇشۇپ،شەرىئەتنىڭ تۇرغۇزۇلغانلىقىنى بىزگە ئۇقتۇرۇدۇ.

مەن سۆرەت يوللاشنى بىلەلمىدىم بىلگەن بولسام شۇ چاغدىكى نەقشىبەندىيە سۈلكىنىڭ توغ-شەدىسى يوللاپ قوياتتىم

سۈلۈكتە تۇغ -شەدە بەك مۇھىم بولۇپ بۇ شۇ سۈلۈكنىڭ بايرىقى ۋە بەلگىسىدۇر.شۇ سۇلۇك تەۋە بولغان سوپى سالىكلەر ھەتتاكى ۋاپات تاپقاندىن كېيىنمۇ شۇ سۈلكىگە‹گۇرۇوھىغا››تەۋەلىكىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ھەتتاكى قەبرلىرىگە قاداپ قويۇشنى،يېپىپ قويۇشنى ۋەسىيەت قىلدۇ ياكى كېيىنكىلەر شۇنداق قىلدۇ....ھازىر بۇنىڭ مەزمۇننى بىلمەي قەبرىلەرگە قالايماقان رەخت ،شەدىلەرنى ياپىدىغان ،قادايدىغان ئىشلار بولۋاتىدۇ.




بەت: 1 2 3 4 5 6 [7] 8 9 10
: ئاپپاق خوجىنىڭ «جاھان كېزىش» نامى بىلەن تىبەتكە قىلغان سەپىرى ھەققىدە