patrol يوللانغان ۋاقتى 2012-10-3 11:08:44

ئاپئاق خۇجا پەيغەمبەر ئەۋلادى بۇلامدۇ-بولمامدۇ مىنىڭ كارىم يوق. ئەمما، تىمىغا مۇناسىۋەتلىك ئىككى كەلىمە سۆزلەپ قۇياي؛

1)ئاپئاق خۇجىنىڭ تارىخىنى ئاقلىماقچى بولغانلارنىڭ مەقسىتى ئۇيغۇرلارنى يىڭى تالاش-تارتىش پاتقىقىغا پاتۇرۇشمۇ ياكى قۇيرۇقى بۇغۇلۇپ بولغان ‹ھەقىقەت›نى ئاقارتماقچىمۇ؟ ئالدىنقىسى بولسا بۇ بىر پەسكەشلىك ۋە خائىنلىق، ئاپئاق خۇجىغا مۇناسىۋەتلىك تالاش-تارتىشىنىڭ ھازىرغىچە بىزگە ئېلىپ كەلگەن زىيىنى يىتىپ ئاشىدۇ. شۇڭا يىڭى پارچىلىنىش پەيدا قىلماقچى بولغانلار كۆتىڭىزنى غىت قىسىڭ. كىيىنكىسى بولسا؛ ئوتتۇرا دەۋر تارىخىنىڭ قۇيرۇقى ئاللىقاچان بوغۇلۇپ بولدى. ئەمدى پەقەت ھىساپ-كىتاپ قىلىنسىلا بۇلىدۇ. قاچان قىلىدۇ؟ قىيامەتتە. شۇڭا ‹پىدائىي ئادۋۇكات›بولماقچى بولغانلار ئارتۇقچە ئەمگەك قىلىپ يۈرمەڭلار. چۈنكى سىلەر ھەقىقەتنى ھەرقانچە ئاقارتىپ پارقىرىۋەتسەڭلارمۇ بۇ ھەقىقەت ھازىر تارازا باسالمايدۇ. شۇڭا زىھنىڭلارنى ھازىر دوچ كىلىۋاتقان كىرىزىسلارنى قانداق بىرتەرەپ قىلىش مەسىلىسىگە قارىتىڭلار.



2)بىزنىڭ تىبەتلەر بىلەن بىزنىڭ قىرىنداشلىق مۇناسىۋىتىمىز ھەم ئىستىراتىگىيە دەرىجىسىگە يىتىدىغان سىياسىي مەنپەئەت ئورتاقلىقىمىز يوق.(تارىختا ھەم بولمىغان، كۆپىنچە دۈشمەن مۇناسىۋەتتە بولغان بولىشى مۇمكىن.) لېكىن، تىبەتلەر بىلەن ھىندىستانلىقلار كەڭ مەنپەئەت ئورتاقلىقىغا ئىگە. ھازىر ھىندىستان ئارمىيىسىدە 10مىڭدىن ئۇشۇق تىبەت ئەسكەر بار. بۇلار پۇرسەت ئۈچۈن بېقىلىۋاتىدۇ. يىراق ئىستىراتىگىيىدە ئامىرىكا -ھىندىستان ئىتتىپاقلىقىدىن بەكرەك ھىندىستان-روسىىيە ھەمكارلىقى چوڭقۇرلۇققا ئىگە. ناۋادا ھىندىستان جۇڭگۇ ئۇرۇش مەيدانىدا ئامىرىكىغا بۇيۇنتاۋلىق قىلىپ سالسا قىلىدىغان بىرىنچى ئىشى؛ ئامىرىكىدىن يىراقلىشىپ روسىيە بىلەن ھەمكارلىشىشقا باشلايدۇ ۋە ‹ئاق قۇرۇقلۇق›قا كۆز تىكىدۇ. بەلكىم، روسلار ھىندىلارنىڭ ‹مەركىزى ئاسىيا›غا يۈرۈش قىلىشىغا يېشىل چېقىپ بىرىشى ھەتتا ئاكتىپ قوللىشى مۇمكىن. نەق مۇشۇ يەردە ھازىر تىبەتلەرگە‹ تەقدىرداش› بولغان ‹مەركىزى ئاسىيا›لىقلار ھىندىستاننىڭ قولتۇقىدىكى ئۇكىسى-تىبەتلەر بىلەن قارمۇ-قارشى سەپكە ئايرىلىدۇ. شۇڭا تىبەتلەردىن ئىھتىيات قىلىش، دوس بولغاندا ئاي پالتىنىڭ سېپىنى چىڭ تۇتۇپ زىرەك تۇرۇش كىرەك.

arghtugh يوللانغان ۋاقتى 2012-10-3 11:23:24

41- قەۋەتتىكى enwerjulaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل


33- قەۋەتتىكى arghtughنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

سىلەرنىڭ دەۋاتقان تارىخى پاكىتلىرىڭلارنىڭ ھەممىسى 20- ئەسىرنىڭ 50- يىللىرىدىن بۇيانقى 60 يىل مابەينىدە تۈرلۈك شەكىللەردە تېڭىلىۋاتقان تارىخ، خالاس. بۇلارنىڭ بەزىلىرى ئاتالمىش «ئالىم» لارنىڭ قولىدىن چىققان، بەزىلىرى «يازغۇچىلار» نىڭ قەلىمى ئارقىلىق ۋۇجۇدقا چىققان، يەنە بەزىلىرى ئاۋۇ ئەخمەتجان ھەسەندەك ھېچنىمە بولالمايۋاتقان نانقىپىلارنىڭ قولىدىن چىققان ھەم داۋاملىق چىقىۋاتىدۇ، «مىللىي كىيىم، دىنى كىيىم» دەپ ئايرىش پەتىۋاسىنى ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيەسىدىكى بىر نانقىپى لالما كۆتۈرۈپ چىققاندەك، بۇلارنىڭ ۋەزىپىسى بۇ مىللەتنىڭ تارىخىنى ۋە تارىخىدىكى بۈيۈك سىمالارنى ئامال بار خۇنۇكلەشتۇرۇش، ئامال بار مالىماتاڭچىلىق ئىچىگە پاتقۇزۇپ قويۇش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ شەرەپلىك ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاپ، ئېگىسى تاشلاپ بەرگەن سۆڭەك بىلەن قورسىقىنى تويغۇزۇپ، جېنىنى بېقىشتۇر، خالاس. بۇنداقلارنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى بىزگە مىللەتپەرۋەردەك، ھەققانىيەتچىدەك تۇيغۇ بېرىدۇ.

بۇ تېمىدا پاراڭ قىلىۋاتقانلارنىڭ زور كۆپچىلىكى 60 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بىرى تېڭىلىپ كەلگەن تارىخ ۋە سىڭدۈرۈلگەن ئىدىيە بويىچە گەپ قىلىۋاتىدۇ، بىلمەي پاساڭ قىستۇرۇۋاتقانلارمۇ بار... ئۆتكەن دەۋرلەرگە ئائىت يازمىلارنىڭ قانچلىكىنى بىز كۆرەلىدۇق قانچىلىكى يىغىپ ئېلىپ كېتىلىپ ئىز دېرەكسىز غايىپ بولدى، قانچىلىكى كۆيدۈرۈپ قەتلى قىلىۋېتىلدى، يەنە قانچىلىكى جان تىكىپ ساقلىنىۋاتىدۇ بۇنىسى بىزگە قاراڭغۇ. بىزنىڭ كۆرۈۋاتقانلىرىمىز پارتىيە- ھۆكۈمەت كۆرسە بولىدىكەن، دەپ قاراپ رۇخسەت قىلغانلىرىلا خالاس. شۇڭا، نەشرىيات نەشر قىلغان، ژۇرناللار باسقان نەرسىنىلا پاكىت دەپ تۇرۇۋالمايلى، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى تەشۋىقات بۆلۈمى بىلەن ئاخبارات نەشرىيات ئىدارىسى باشقۇرىدۇ ۋە كىم ئۈچۈن، نېمە ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتەك پىرىنسىپال مەسىلىلىرى ئىنتايىن ئىنىق.

بىر مىللەتنىڭ روھى شۇ مىللەتنىڭ سىياسى تارىخىغا بايراق بولالىغىدەك كشىلەرنىڭ خۇنۇكلىشىشى بىلەن سۇنىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ كېيىنكى 500 يىللىق سىياسى تارىخىدا خۇنۇكلەشمىگەن كىم قالدى؟ ئىدىئولوگىيەلىك تەشۋىقات ئىھتياجى ۋە مۇقىملىق ئىھتىياجىدىن بىر نەچچەيلەننىڭ خۇنۇكلەشتۈرەلمىگىنىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ھەممىسى خۇنۇكلەشتۈرۈلۈپ بولۇندى. داۋاملىق خۇنۇكلەشتۈرۈشىڭلارغا تىلەكداشمەن قېرىنداشلار!


ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ


دوستۇم ئارىغتۇغ، بۇ گەپنى تالىشىپ قالدۇق، لېكىن قىزىرىشىپ قالمايلى. سىزنىڭ تارىخچىلىق ھەققىدىكى بەزى گەپلىرىڭىزنىڭ ئاساسى بار، قوشۇلىمەن. لېكىن ھەممە سىز دېگەندەك بولۇپ كېتىشى ناتايىن.


ئاپئاق خوجىنىڭ كېيىن ئېچىلغان ئەپتى- بەشىرىسى دۆلەت مائاش بېرىدىغان ئاكېدىمىيىنىڭ سىياسىي تارىخ يېزىش ۋەزىپىسى بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق. مەن شۇنداق قارايمەن. مەن نىزامىدىن ھۈسەيىنگە ئوخشاش خالىس تارىخچىنىڭ ئاپئاق خوجا ۋە باشقا سەئىدزادىلارنىڭ ئۇيغۇر تارىخىدا قانچىلىك ئۆچمەس داغ كەلتۈرگەنلىكىنى پاش قىلغىنى ئۈچۈن گوۋۇيەننىڭ ئالاھىدە تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولۇپ كەتكىنىنى ئاڭلاپ باقمىدىم. ئۇ ئادەم شۇ نەرسىلەرنى يازغاندىن كېيىنلا بىر تال بىر نېمىسىنى كۆرمىدۇق.


ھازىرغىچە كۆرۈپ- ئاڭلاۋاتقىنىم ئاكادېمىيە تۈزىۋاتقان ۋەتەنپەرۋەرلىك، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسى ئوقۇشلۇق ماتىرىياللىرىدا ئاپئاق خوجا بىر ئۈلگە. ئۇنىڭ ئەپتى- بەشىرىسىنىڭ ئېچىلىشى قانداقسىگە مېڭە يۇيغۇچىلارنىڭ غەرىزى بولۇپ قالدى. ئاپئاق خوجىنىڭ قەبرىسىگە بېرىپ كۆرۈپ باققىلىمۇ ئىككى يىل بولدى، ئىككى ئاپتوبوسلۇق تەيۋەن- سىنگاپوردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ ئارىسىدا ئۇرۇقلۇق بىر ئۇيغۇر بولۇپ ئارىسىدا تۇرۇپ چۈشەندۈرگىچىنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ كەلدىم. ئۇ يەردە مەن ئاپئاق خوجىغا بولغان ھۆرمەت ھېسسىياتىدىن باشقا كەيپىياتنى ئۇچراتمىدىم.


ئۇنىڭ ئەكسىچە، ئۇيغۇرىمىزنىڭ 80- يىللاردىن بۇرۇنقى ئاپئاق خوجىنى ئۇلۇغلاپ تاۋاپ قىلىدىغان كەيپىياتنىڭ ھازىر ھېچنېمىسى قالمىغان. بۇ خىل كەيپىياتنى ئاكېدىمىيە خىزمىتىنىڭ نەتىجىسى دېسىڭىز، بىلمەي قالغان بولساق بىلىۋالساق. مەن ئۇنى ئەنئەنىنى جان تىكىپ قوغدايدىغان، شۇنداقلا ناھىيىتى چېچەن قەشقەر خەلقىنىڭ مېڭە يۇيۇش ھەرىكىتىگە ئەمەس بەلكى ئەقىلغە ئەڭ مۇۋاپىق نەرسىگە ئىشەنگەنلىكى دەپ قارايمەن.


بۇ يەردە ھېچنېمىنى بىلمەيلا پاساڭ قىستۇرىدىغان ئىشمۇ يوق ھەم ھەممىنى بىلىمەن دەيدىغان كۆرەڭلىكمۇ يوق. 1950- يىلىدىن كېيىنكى-بۇرۇنقى...بۇنداق ئىشلارنى ئايرىيالىغۇدەك كاللا بولمايدىغان ئىشمۇ يوق. موللا مۇسا سايرامى بەدۆلەت ياقۇپبەگنىڭ ئوردا غەزىنىچىسى بولغان. جىق تارىخنى ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ «تارىخىي ھەمىدىيە»،«تارىخىي ئەمىنىيە» دېگەن ئىككى تارىخ كىتاۋىنى يازغان. ئەجابا ئۇنىمۇ مېڭە يۇيغۇچىلار ئويدۇرۇپ چىقارغان، دېگەندەك قالتىس گەپلەرنى ئاڭلاشقا مۇيەسسەر بولمايدىغاندىمىز؟








جۇلا ئاغىينەم:

چىڭ سۇلالىسىنىڭ چىيەنلوڭ يىللىرىدىن باشلاپ ئوردا مەخسۇس ئۇيغۇرلار توغرىسىدا سىستېمىلىق تەتقىقات يۈرگۈزۈشنى باشلىغان ۋە مۇشۇ تەتقىقاتلار ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان سىياسەتنى بەلگىلىگەن، چىڭ سۇلالىسى ئاغدۇرۇلۇپ مىنگو دەۋرىگە كەلگەندە، «موڭغۇل- تىبەت كومىتېتى» نامىدا بۇ تەتقىقات داۋاملاشقان، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىتىيى قۇرۇلغاندىن كېيىنمۇ مۇشۇ ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىنىپ، بۈگۈنكى كۈندە ما داجىڭ، فەن جىپىڭ، ما روڭقاتارلىقلارنى يادرو قىلىپ، ئۆزىنىڭ فۇنكسىيەسىنى جارى قىلدۇرۇۋاتىدۇ . ئۇيغۇرلار مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق دۆلەت دەرىجىلىك ياكى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك تەتقىقات قايسى بىر تەتقىقاتچى تەرىپىدىن ئورۇنلانسۇن، ئاخىرقى يۇقىرىقى كىشىلەرنىڭ ياكى شۇلارغا مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنىڭ قولىغا بېرىپ،سىياسەت ۋە تەدبىر بەلگىلەشتە رول ئوينايدۇ. بۇ بىر سىستېما، ئاز بولغاندا 300 يىللىق تارىخقا ئىگە سىستېما، بۇ 300 يىلدا ھاكىم ئىدىئولوگىيە ۋە سىياسىينىڭ قانداق نەتىجە پەيدا قىلغانلىقى ۋە تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى نەزەردىن ساقىت قىساق بولمايدۇ . بۇنىڭ ھەممىسى يىراق ئىستراتىگىيەنى كۆزلەپ قىلىنغان. شۇڭا، بۇ مېڭە يۇيۇشنىڭ يىلتىزى چوڭقۇر. ئاپپاق خوجا ھەققىدىكى ئىنكارى گەپنى ئاۋۋال كۆتۈرۈپ چىققىنى مۇھەممەد سادىق قەشقەرى قەلىمىگە مەنسۇپ بولغان «تەزكىرەئى ئەزىزان» دېگەن ئەسەر. ئەمما ئۇنىڭدىن خېلى بۇرۇن قەلەمگە ئېلىنغان \"دىۋانى مەشرەپ\" دىكى ئاپپاق خوجا بولسا باشقا بىر ئادەم سۈپىتىدە، ئەگەر بىز مەشرەپنى ئىسيانكار دەپ ئويلىساق، بۇ مەسىلىدە مۇھەممەد سادىق قەشقەرىيدەك ئوردا تارىخچىسىنىڭ ئەمەس، مەشرەپتەك ئىسيانكارنىڭ يازمىسىدىن مەنبە ۋە پاكىت ئىزدەپ باقساق بولىدۇ. مەن بايا دېگەندەك بىز كۆرەلەيدىغان ۋە كۆرۈۋاتقان تارىخى ئەسەرلەر ۋە قول يازمىلار ئىنتايىن چەكلىك. نۇرغۇنلىرىنى كۆرەلمەيمىز ۋە كۆرەلمەيۋاتىمىز، بىزنىڭ كۆرۈۋاتقىنىمىز بىزگە كۆرسىتىپ قويۇلۇۋاتقان دېڭىز تامچىسىنىڭ تامچىسى، خالاس. شۇڭا، بىر ئىككى پارچە يازما بىلەن بىر شەخسنىڭ پۈتۈن تارىخىنى خۇنۇكلەشتۈرۈش بىر تەرەپلىمىلىك بولۇپ قالىدۇ. تارىخ توغرىسىدا گەپ قىلغۇچىنىڭ سۇبيېكتىپ ھىسسىياتى ۋە ئېڭىنىڭ ئۆزى خاتىرىلەۋاتقان تارىخ ئارقىلىق كېيىنكىلەردە قالدۇرىدىغان تەسىرىنىمۇ نەزەرگە ئېلىش كېرەك. مەن بۇ مەسىلىنى ناھايىتى چوڭقۇر سىياسى ئارقا كۆرۈنۈشى باردەپ قارايمەن، شۇڭا بۇ ھەقتە بۇنىڭدىن ئارتۇق گەپ قىلىشنى خالىمايمەن.


نىزامىدىن ئەپەندىنىڭ مەسىلىسىگە كەلسەك، مەن ئۇنى مەنىۋىيەت ۋە ھۆرىيەت قۇربانى سۈپىتىدە ناھايىتى يۈكسەك بىلىمەن. لېكىن، \"جاھالەت پىرلىرى شىنجاڭدا\"، \"كېيىنكى ئوتتۇرا ئەسىرلەر ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ تارىخى ئوچرىكلىرى\" دېگەن يازمىلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ سەئىدىيە خانلىقىدىن كېيىنكى 500 يىللىق ئىدىئولوگىيەسىگە قارىتا ئېلىپ بارغان ئىنكارىنى بىر تەرەپلىمە دەپ قارايمەن ۋە بۇ 500 يىللىق ئىدىئولوگىيەنىڭ يوققا چىقىرىلىشىدا نىزامىدىن ئەپەندىگە تېگىشلىك مەسئۇلىيەت يۈكلىنىشى ياكى ئۇنىڭ خاتالىقى كۆرسىتىلىشى كېرەك دەپ ئويلايمەن. بۇ مەسلىدە قارىشىمىز بىر يەردىن چىقمايدۇ، قارىشىمىزنى بىر يەرگە كەلتۈرۈشنىڭمۇ زۆرۈرىيىتى يوق. شۇڭا، بۇ مەسىلىدە سىز بىلەن، ھەتتا ھەرقانداق ئادەم بىلەن مۇنازىرىلەشمەيمەن. كۆز قارىشىمنى ئوتتۇرىغا قويۇشۇم مېنىڭ ئەركىنلىكىم بولغاندەك، مۇنازىرە قىلماسلىقممۇ مېنىڭ ئەركىنلىكىم، ئەلۋەتتە.


ھاكىم ئىدىئولوگىيەنىڭ تارىخقا ئارىلىشىشى بەزىدە خەققە تەمىنات بېرىش ئارقىلىق بىۋاسىتە ئېلىپ بېرىلسا، بەزىدە كوللېكتىپ يوشۇرۇن ئاڭنىڭ سىياسى تەرىپىدىن كونترول قىلىنىشى ۋە سىياسىينىڭ ئىنسان تەبىئىيىتىنى بۇرمىلىشى ئارقىلىق ئىجرا قىلىنىدۇ. بۇنداق ھەرىكەتكە بەزى كىشىلەر مەقسەتلىك ھالدا تەمىنات ئۈچۈن قاتنىشىپ قالسا، بەزى كىشىلەر مەقسەتسىز، ئاڭسىز ھالدا قاتنىشپ قالىدۇ. ئۇلارنىڭ ئالدىغان رولى ئوخشىمايدۇ، بىرى ئاشكارا، بىرى يوشۇرۇن.... بىزنىڭ مۇشۇنداق ھەرىكەتكە ئاڭسىز ھالدا قاتنىشىپ قېلىشتىن ساقلىنغالىغانلىقىمىزنىڭ ئۆزى ئەڭ چوڭ غەلىبە.



پاترول:


بۇ يەردىكى مەسىلە بىر شەخسنىڭ تارىختىكى رولىغا ۋە ئۇ ھەقتىكى ئاخىرقى ھۆكۈمگە چېتىلغان بولسا بۇنچە تالاش- تارتىش قىلىشنىڭ ئورنى قالمايتى. بۇ مەسىلە بىر مىللەتنىڭ 500 يىللىق سىياسى تارىخى ۋە ئىدىئولوگىيەسىنىڭ ئىنكار قىلىنىشىغا چېتىلغانلىقى ئۈچۈن تالاش- تارتىش قىلىنىپ قېلىۋاتىدۇ. شۇنداقلا، بۇ يەردە ھالىم بولغۇچى ئىدىئولوگىيە بىلەن ھاكىم بولۇنغۇچى ئىدىئولوگىيە ئوتتۇرىسىدىكى كېلىشتۈرگىلى بولمايدىغان زىددىيەت ئوتتۇرىغا چىقىۋاتىدۇ. شۇنداقلا بىزگە تارىخقا قانداق يوسۇندا مۇئامىلە قىلىش، تارىخقا قانداق يوسۇندا كىرىش ۋە ئۇنىڭدىن قانداق يوسۇندا قۇتۇلۇپ چىقىپ، رېئاللىققا قايتىپ كېلىش ھەققىدىكى بىشارەت بېرىلىۋاتىدۇ.




بۇ تېمىدىكى گېپم مۇشۇ يەردە تامام!


Estami يوللانغان ۋاقتى 2012-10-3 11:42:00

قىلدىغان ئىشڭلار يوقىما ؟

durak يوللانغان ۋاقتى 2012-10-3 11:53:46

ئاپپاق خوجا تارىختا يۈزمىڭ (100،000) ئادەمنى ئىسلامغا كىرگۈزگەن ، بۇ ئەھۋال بىزنىڭ ھازىرقى سىياسىي ئارزۇيىمىزغا تۈپتىن خىلاپ ، شۇڭا بۇ كىشىنى 9 پۇشتىغا قوشۇپ قاتتىق سۆكۈپ ھەربىر ئۇيغۇر « ئاپپاق خوجا » دىگەن گەپنى ئاڭلىسا قۇيقا چېچى دىڭ قوپۇپ ، قوللىرى تىترەپ ، كالپۇكلىرى كۆكۈرۈپ ھىستىرىيە ھالىتىگە كېلىشى كېرەك ، مانا مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدىلا ئۇيغۇرلارنى كوممىنىستىك غايىگە ئىگە ، ئىدىيەسى ئازات بولغان ، تېنچ ئىتتىپاق شارائىتنى قوبۇل قىلىدىغان ، سوتسىيالىستىك ئىناق جەمىيەتكە لايىق كىشىلەردىن قىلىپ تەربىيەلەپ چىقىش مەقسىدىگە يەتكىلى بولىدۇ ، يولداشلار داۋاملىق تىرىشايلى ....

beliver يوللانغان ۋاقتى 2012-10-3 12:11:24

مەنمۇ ئويلاپ قالدىم ،ناۋادا ئاپاق غوجا ئاشۇنداق ناچار ئادەم بولسا نېمە ئۈچۈن ئەينى زاماندا شۇنداق زور ئىناۋەتكە ئىگە بولىدۇ؟ \"\"

otkur1 يوللانغان ۋاقتى 2012-10-3 12:18:33

بۇ ئۇلۇغ خوجامنىڭ شاپائىتى بىلەن سەلتەنەتنىڭ قولدىن كەتكىنى راست!

atella0997 يوللانغان ۋاقتى 2012-10-3 12:45:59

31- قەۋەتتىكى kuyaxoghliنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

سىلەر بىلىسىلەر ياكى بىلمەيسىلەر. مەنمۇ پەيغەمبەر نەسلىدىن. پەيغەمبەر بولغاندىمۇ مەن ناھايتىمۇ ئېسىل ئىككى پەيغەمبەرنىڭ نەسلىدىنمەن. بىرى ئادەم ئەلەيھىسالام، يەنە بىرى نوھ ئەلەيھىسالام. لېكىن مۇھەممەد ئەلەيھىسالامنىڭ ئەمەس بولۇش ئېھتىماللىقىم بەكلا يۇقۇرى. ناھايتىمۇ ئەپسۇس. لېكىن مەيلىلا مىنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسالامنىڭ ئۈممىتى بولغانلىقىممۇ مىنىڭ ئەڭ چوڭ شان-شەرىپىم. ئاپپاق خوجىدەك دىنى بىلىمى يۇقۇرى بىر ئۆلىمانىڭ راستلا پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ ئەۋلادى بولغان تەقدىردىمۇ شۇنى دەستەك قىلىپ ئىلىپ بارغان ئىش-پائالىيەتلېرى كىشىنىڭ ئوغىسىنى قاينىتىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ نامىنى سۈيئىستىمال قىلغان بولسا بۇمۇ كەچۈرگىسىز گۇناھ.

لېكىن ئاپپاق خوجا توغرىلىق يەنىلا ئىشەنچلىك تارىخى ماتىرىياللارغا مۇھتاجمىز.



قاتىل ئىنكاس

atella0997 يوللانغان ۋاقتى 2012-10-3 12:56:10

45- قەۋەتتىكى durakنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئاپپاق خوجا تارىختا يۈزمىڭ (100،000) ئادەمنى ئىسلامغا كىرگۈزگەن ، بۇ ئەھۋال بىزنىڭ ھازىرقى سىياسىي ئارزۇيىمىزغا تۈپتىن خىلاپ ، شۇڭا بۇ كىشىنى 9 پۇشتىغا قوشۇپ قاتتىق سۆكۈپ ھەربىر ئۇيغۇر « ئاپپاق خوجا » دىگەن گەپنى ئاڭلىسا قۇيقا چېچى دىڭ قوپۇپ ، قوللىرى تىترەپ ، كالپۇكلىرى كۆكۈرۈپ ھىستىرىيە ھالىتىگە كېلىشى كېرەك ، مانا مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدىلا ئۇيغۇرلارنى كوممىنىستىك غايىگە ئىگە ، ئىدىيەسى ئازات بولغان ، تېنچ ئىتتىپاق شارائىتنى قوبۇل قىلىدىغان ، سوتسىيالىستىك ئىناق جەمىيەتكە لايىق كىشىلەردىن قىلىپ تەربىيەلەپ چىقىش مەقسىدىگە يەتكىلى بولىدۇ ، يولداشلار داۋاملىق تىرىشايلى ....



قايسى يۈزمىڭ كىشىنى ئىسلامغا كىرگۈزگەن بولغىيىتتى.كىرگۈزگەن دېيىلسە ئەسلىدىنلا ئاللاھنىڭ پەرھىزلىرىنى ئادا قىلىپ كېلىۋاتقان 100000كىشىنى ئۆز سۈننىتىنى قېتىپ پەيغەمبەرلىك داۋاسى قىلىپ ئاللاھقا شىرىك كەلتۈررۈپ 100000كىشىنى سوپى قىلدى.چۈنكى ئەينى دەۋىردە ئاباق تەسىر كۆرسەتكەن دىيارلارنىڭ ھەممىسىدە مۇسۇلمان ئۈممەتلەر ياشىغان ئىدى.بېرەر كاپىرلار ياشىغان رايوندا تەسىرى بارلىقىنى ھازىرغىچە ئاڭلاپ باقمىدۇق.

shahzada يوللانغان ۋاقتى 2012-10-3 13:29:36

قاباھەتلىك تارىخ يەنە قايتا باشلىنامدۇ نىمە ؟ ئاباق خوجا بۇ زىمنغا كىلشتىن بۇرۇنلا بۇ زىمندىكى كىشلەر مۇسۇلمان بۇلۇپ بولغان تۇرسا. توۋا. ئاباق خوجىنىڭ تۇتقان يۇلى سۇپى ئىشانلىق. ئۇلۇغ ئىسلام دىنغا يات قىلمىش .

uqkuri يوللانغان ۋاقتى 2012-10-3 13:53:05

ماۋۇ تېمىغا خەتچۈك .جىم ئولتۇرۇپ ئاڭلاي...

durak يوللانغان ۋاقتى 2012-10-3 14:15:06

49- قەۋەتتىكى atella0997نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

45- قەۋەتتىكى durakنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئاپپاق خوجا تارىختا يۈزمىڭ (100،000) ئادەمنى ئىسلامغا كىرگۈزگەن ، بۇ ئەھۋال بىزنىڭ ھازىرقى سىياسىي ئارزۇيىمىزغا تۈپتىن خىلاپ ، شۇڭا بۇ كىشىنى 9 پۇشتىغا قوشۇپ قاتتىق سۆكۈپ ھەربىر ئۇيغۇر « ئاپپاق خوجا » دىگەن گەپنى ئاڭلىسا قۇيقا چېچى دىڭ قوپۇپ ، قوللىرى تىترەپ ، كالپۇكلىرى كۆكۈرۈپ ھىستىرىيە ھالىتىگە كېلىشى كېرەك ، مانا مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدىلا ئۇيغۇرلارنى كوممىنىستىك غايىگە ئىگە ، ئىدىيەسى ئازات بولغان ، تېنچ ئىتتىپاق شارائىتنى قوبۇل قىلىدىغان ، سوتسىيالىستىك ئىناق جەمىيەتكە لايىق كىشىلەردىن قىلىپ تەربىيەلەپ چىقىش مەقسىدىگە يەتكىلى بولىدۇ ، يولداشلار داۋاملىق تىرىشايلى ....



قايسى يۈزمىڭ كىشىنى ئىسلامغا كىرگۈزگەن بولغىيىتتى.كىرگۈزگەن دېيىلسە ئەسلىدىنلا ئاللاھنىڭ پەرھىزلىرىنى ئادا قىلىپ كېلىۋاتقان 100000كىشىنى ئۆز سۈننىتىنى قېتىپ پەيغەمبەرلىك داۋاسى قىلىپ ئاللاھقا شىرىك كەلتۈررۈپ 100000كىشىنى سوپى قىلدى.چۈنكى ئەينى دەۋىردە ئاباق تەسىر كۆرسەتكەن دىيارلارنىڭ ھەممىسىدە مۇسۇلمان ئۈممەتلەر ياشىغان ئىدى.بېرەر كاپىرلار ياشىغان رايوندا تەسىرى بارلىقىنى ھازىرغىچە ئاڭلاپ باقمىدۇق.



ئاپپاق خوجا ئەجدادىڭىزدىن بىرەر ئۇقۇمۇشلۇق زادقا مەن يۈزمىڭ ئادەمنى سوپىقىلىۋەتتىمدەپگەپ قالدۇرۇپقويغاندەكلاكېسىپلادەيدىكەندىزغۇگەپنى ، ئانچەمۇنچەماتىرىيالكۆرۈپقاتناشمامسىزمۇنازىرىگە ، ئىككىتوكتوك رومانىڭىزدىن ئوقۇۋالغان ئۇچۇرلىرىڭىزتارىخىيمۇنازىرىلەرگە مۇناسىپكەلمەسمىكىن ؟



خوجىلارتوغۇرلۇق يېزىلغان ئەسەرلەرخېلىبار ، بۇنداقئەسەرلەرنىڭ تارىخىي قىممىتىنى چەتئەللەردە خېلىچوڭبىلىدىكەن ، لېكىنماۋۇتېمىغابىر نەچىپارچەھىكايەرومانئوقىۋالغان سەيچىمۇكىرىۋاتقان ، موزدوزمۇكىرىۋاتقان ، تامچى ناۋايمۇباردىگەندەكگىچماچلىشىپكېتىپتۇ ...



ئاپپاقخوجا ھاكىمىيەتيۈرگۈزىۋاتقاندايەركەنتشەھرىگە يىراقمىسىر ، تۈركىيە ، ئوتتۇرا شەرق ، يېقىنى ھىندىستان ، ئوييۇرائاسىيالاردىنكەلگەن تۈمەنلەرچە تالىپلار بىلىمئالىدىغان ئىسلام مائارىپمەركىزىگە ئايلىنىپتىكەن ، ئاپپاقخوجا ھاكىمىيەتيۈرگۈزىۋاتقاندايەنەئايدابىرقېتىم خىرىستىيانلار بىلەن ( ئۇرخۇن ۋادىسىدىن تارتىپ چوڭقۇر يىلتىز تارتقانئۇيغۇر نېستورىيانلىرى ) بىلەن ئىنتايىنقىزىقارلىقۋەجانلىقمۇنازىرىلەرنىئېلىپبارىدىكەندۇق ، بۇنىڭدىنتۈمەنچەخەلق بىلىمئاپتىكەن ...



تېخى ئېچىلمىغانسىرلارنۇرغۇن بۇرادەرلەر ، ئادەم تىللاشقاسەرپ قىلغانقىممەتلىك ۋاقتىڭلارغائىچىڭلارنىئاغرىتىپئانچە مۇنچەتارىخىي يازمىلارنىئىزدىنىپكۆرمەمدۇق ؟!...

durak يوللانغان ۋاقتى 2012-10-3 14:23:18

ھە راس ، ھېلىقى ئىجتىمايى پەنلەر ئاكادېمىيەسى تۈزگەن كىتاپقا ئاپپاق خوجا تۈمەنلىگەن ئېسىل كىتاپلارنى كۆيدۈرۈۋەتكەن دەپ مىسالىغا ھېلىقى يۈسۈپخان يەركەندى ، ئاماننىسا خانىم دىگەندەك سەنئەتچىلەرنىڭ نەزمە- بىيىت كىتاپلىرىنى مىسالغا ئالغان ، مېنىڭچە بۇ كىتاپلارنى كۆيدۈرىۋەتكىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈزۈل- كېسىل « ناخشا - ئۇسۇل مىللىتى » بولۇپ كېتىشىگە بىراز بولسىمۇ توسالغۇلۇق قىلدىمىكىن بۇ كىشى ...


jangqi19 يوللانغان ۋاقتى 2012-10-3 14:49:14

52- قەۋەتتىكى durakنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

49- قەۋەتتىكى atella0997نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

45- قەۋەتتىكى durakنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئاپپاق خوجا تارىختا يۈزمىڭ (100،000) ئادەمنى ئىسلامغا كىرگۈزگەن ، بۇ ئەھۋال بىزنىڭ ھازىرقى سىياسىي ئارزۇيىمىزغا تۈپتىن خىلاپ ، شۇڭا بۇ كىشىنى 9 پۇشتىغا قوشۇپ قاتتىق سۆكۈپ ھەربىر ئۇيغۇر « ئاپپاق خوجا » دىگەن گەپنى ئاڭلىسا قۇيقا چېچى دىڭ قوپۇپ ، قوللىرى تىترەپ ، كالپۇكلىرى كۆكۈرۈپ ھىستىرىيە ھالىتىگە كېلىشى كېرەك ، مانا مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدىلا ئۇيغۇرلارنى كوممىنىستىك غايىگە ئىگە ، ئىدىيەسى ئازات بولغان ، تېنچ ئىتتىپاق شارائىتنى قوبۇل قىلىدىغان ، سوتسىيالىستىك ئىناق جەمىيەتكە لايىق كىشىلەردىن قىلىپ تەربىيەلەپ چىقىش مەقسىدىگە يەتكىلى بولىدۇ ، يولداشلار داۋاملىق تىرىشايلى ....



قايسى يۈزمىڭ كىشىنى ئىسلامغا كىرگۈزگەن بولغىيىتتى.كىرگۈزگەن دېيىلسە ئەسلىدىنلا ئاللاھنىڭ پەرھىزلىرىنى ئادا قىلىپ كېلىۋاتقان 100000كىشىنى ئۆز سۈننىتىنى قېتىپ پەيغەمبەرلىك داۋاسى قىلىپ ئاللاھقا شىرىك كەلتۈررۈپ 100000كىشىنى سوپى قىلدى.چۈنكى ئەينى دەۋىردە ئاباق تەسىر كۆرسەتكەن دىيارلارنىڭ ھەممىسىدە مۇسۇلمان ئۈممەتلەر ياشىغان ئىدى.بېرەر كاپىرلار ياشىغان رايوندا تەسىرى بارلىقىنى ھازىرغىچە ئاڭلاپ باقمىدۇق.



ئاپپاق خوجا ئەجدادىڭىزدىن بىرەر ئۇقۇمۇشلۇق زادقا مەن يۈزمىڭ ئادەمنى سوپىقىلىۋەتتىمدەپگەپ قالدۇرۇپقويغاندەكلاكېسىپلادەيدىكەندىزغۇگەپنى ، ئانچەمۇنچەماتىرىيالكۆرۈپقاتناشمامسىزمۇنازىرىگە ، ئىككىتوكتوك رومانىڭىزدىن ئوقۇۋالغان ئۇچۇرلىرىڭىزتارىخىيمۇنازىرىلەرگە مۇناسىپكەلمەسمىكىن ؟



خوجىلارتوغۇرلۇق يېزىلغان ئەسەرلەرخېلىبار ، بۇنداقئەسەرلەرنىڭ تارىخىي قىممىتىنى چەتئەللەردە خېلىچوڭبىلىدىكەن ، لېكىنماۋۇتېمىغابىر نەچىپارچەھىكايەرومانئوقىۋالغان سەيچىمۇكىرىۋاتقان ، موزدوزمۇكىرىۋاتقان ، تامچى ناۋايمۇباردىگەندەكگىچماچلىشىپكېتىپتۇ ...



ئاپپاقخوجا ھاكىمىيەتيۈرگۈزىۋاتقاندايەركەنتشەھرىگە يىراقمىسىر ، تۈركىيە ، ئوتتۇرا شەرق ، يېقىنى ھىندىستان ، ئوييۇرائاسىيالاردىنكەلگەن تۈمەنلەرچە تالىپلار بىلىمئالىدىغان ئىسلام مائارىپمەركىزىگە ئايلىنىپتىكەن ، ئاپپاقخوجا ھاكىمىيەتيۈرگۈزىۋاتقاندايەنەئايدابىرقېتىم خىرىستىيانلار بىلەن ( ئۇرخۇن ۋادىسىدىن تارتىپ چوڭقۇر يىلتىز تارتقانئۇيغۇر نېستورىيانلىرى ) بىلەن ئىنتايىنقىزىقارلىقۋەجانلىقمۇنازىرىلەرنىئېلىپبارىدىكەندۇق ، بۇنىڭدىنتۈمەنچەخەلق بىلىمئاپتىكەن ...



تېخى ئېچىلمىغانسىرلارنۇرغۇن بۇرادەرلەر ، ئادەم تىللاشقاسەرپ قىلغانقىممەتلىك ۋاقتىڭلارغائىچىڭلارنىئاغرىتىپئانچە مۇنچەتارىخىي يازمىلارنىئىزدىنىپكۆرمەمدۇق ؟!...



=============================


دۇراك،اغزىڭىزغا ناۋات قىرىندىشىم ،،،، \"\"


تەشۋىقات ماقالىسىوۇب كۆنۈب قالغان


بۇرادەرلەر كاللىنى سەل مىدىرلىتىڭلار \"\"\"\"


تۇرۇۋېتىب داتلىشىب قالمىسۇن يەنە

elqut يوللانغان ۋاقتى 2012-10-3 14:50:30

ئابلىكىم مەخسۇم داموللا ھاجىمنىڭ ئافاق غوجىنى داڭلىغىنىنى پەقەت ئاڭلاپ باقماپتىكەنمەن، ئاڭلىغىنىم مەخسۇم ھاجىمنىڭ تالىپلىرىنىڭ كوپىنچىسى تىرورچى ياكى تىرورچىلارنىڭ ئۇستازى مەسلەن ،ھەسەن مەخسۇم دىگەندەك ،يەنە ئاڭلىغىنىم مەخسۇم ھاجىمنىڭ شاگىرتلىرىنىڭ ھەممىسى تەرىقەتچىلەر بىلەن سىغىشالمايدۇ ھەتتاكى چوڭ بىر تەرىقەتچىنىڭ مۇردىنىڭ ئاغزىدىن، ئابلىكىم مەخسۇم ھاجىم ھەققىدە قىيامەت كۈنى قانداق جاۋاپ بىرەر بەك ئىزىپ كەتكەن ئادەم دەپ ئاڭلاپ تاس قالغان قۇسۇۋەتكىلى ،شۇڭا ئافاق غوجا ئىسىملىك تورداش ئابلىكىم مەخسۇم ھاجىمنى تەرىقەت جەھەتتە تىلغا ئالماڭ

dilara يوللانغان ۋاقتى 2012-10-3 14:54:57

مەن ئىلگىرى ئەڭ نەپرەتلىنىدىغان ئاپپاق خوجا توغرىلىق ئۇچراتقان بەزى ئۇچۇرلار: (بۇلارنىڭ توغرا ياكى خاتالىقىنى تەكشۈرۈپ باقساق بولىدۇ)



1. ئاپپاق خوجا ئىچكىرىدە سۈرگۈندە تۇرغان مەزگىلدە ماجىياجۈننىڭ ئۇنى ئىزدەپ كېلىپ دۇئا تەلەپ قىلغانلىقى (چۈنكى ماجىياجۈن قىرىق نەچچە ياشقا كىرىپمۇ پەرزەنتلىك بولالمىغان)، ئاپپاق خوجا ئۇنىڭغا دۇئا قىلىش بىلەن بىر ئوغۇل پەرزەنتلىك بولغانلىقى، بۇ ئوغلىغا مالەيچى 马来迟 دەپ ئىسىم قويغانلىقى، بو ئوغۇلنىڭ كېيىنچە خۇيزۇلارنىڭ ئىسلام تارىخىدىكى كاتتا شەخس بولۇپ يېتىشىپ چىققانلىقى.....

مەنبە:

Lipman, Jonathan Neaman (1998). Familiar strangers: a history of Muslims in Northwest China. Hong Kong University Press. ISBN 962-209-468-6



2. مالەيچىنىڭ كىملىكى، ئىش-پائالىيىتى، پىكىر كۆز قارىشى ھەققىدە مەنبە:

http://www.yslzc.com/rw/Class124/rw1/201204/38419.html

http://www.2muslim.com/forum.php?mod=viewthread&tid=331915

http://www.hudong.com/wiki/%E9%A9%AC%E6%9D%A5%E8%BF%9F



3. مالەيچىنىڭ تەبلىغى بىلەن مۇسۇلمان بولغان زاڭزۇلار:

http://china-floklore.jlmpc.cn/link/%C7%E0%BA%A3%BE%ED/a056.htm



مالەيچىنىڭ دادىسى ئاپپاق خوجىغا مۇرت بولغان، ئوغلىمۇ شۇ يولدا ماڭغان، 83 ياشتا ۋاپات بولغان مالەيچى بىزنىڭ دىيارىمىز ئارقىلىق مەككە مەدىنىگە بېرىپ ئىلىم تەھسىل قىلغان، يەمەن، باغدات، قاھىرە، دەمەشق قاتارلىق شەھەرلەرنى ئايلىنىپ ئالىملار بىلەن ھەمسۆھبەت بولغان. ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن نۇرغۇن تالىپ يېتىشتۈرگەن. ھازىرقى شىزاڭدىكى مۇسۇلمانلارمۇ شۇ مالەيچىنىڭ تەبلىغى بىلەن ئىسلامغا كىرگەنلەرنىڭ نەۋرىلىرى.....

مەنبە: http://www.2muslim.com/forum.php?mod=viewthread&tid=331915

abdulehed يوللانغان ۋاقتى 2012-10-3 14:59:20

27- قەۋەتتىكى Erktekinنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

18- قەۋەتتىكى abdulehedنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

17- قەۋەتتىكى xahla91نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بۇرۇن ئاپپاق غۇجىنىڭ بايانلىرىنى ئاڭلاپ باققۇم بار،مەيلى مەنبەنى دىمىسىمۇ.



چۆچەككە ئامراقكەنسىز ھە خان؟\"\"

بۇ ئادەمنىڭ يۇقارقىجۈملىسىنى   نەقىلئېلىپ بىرەرتوربەتتە «يۇقارقى جۈملىنىڭئىگىسى تورموللىسىمۇياكىتور شاپاقچىسى » دەپ رايسىنىش ئېلىپبېرىلسا نەتىجىسىقانداقچىقار ؟\"\"


كومپىيوتېر ئالدىدا ئاجايىپ ئادەملەر بار





شاپاقچىغا ھەممە ئادەم شاپاقچى كۆرىنىشى مۇمكىن. شۇڭا ئىنكاسىڭنىڭ ھەيران قالغۇچىلىكى يوق.

jangqi19 يوللانغان ۋاقتى 2012-10-3 15:07:27

{:92:}   {:92:}

arman78 يوللانغان ۋاقتى 2012-10-3 15:36:22

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.قېرىنداشلار.مۇسۇلمانغا ئىتتپاقلىق پەرز.ئۆزئارا ھاقارەت قىلىشماي ،چىرايلىق مۇنازىرلەشسەك دىگەن ئۈمىدتىمەن.

قىيامەتتە ھەر بىر تىنىقىمىزدىن ھىساپ بېرىمىز.ھەر قانچە دەلىلىمىز بولسىمۇ باشقىلارنىڭ شەخسىيىتىگە ھۇجۇم قىلىدىغان ئىنكاس يازمىساق.

مەن‹‹ تەزكىرەئى ھىدايەت››تىكى ئاپپاق خوجىنىڭ‹‹بۇ قەبرىدىكىلەرنى تىرىل دىسەم ھازىر تىرىلىدۇ،ئەمما بۇ ئادىتۇللاغا (ئاللاھنىڭ ئادىتىگە )ئۇدۇل كەلمەيدۇ››دىگەن سۆزىنى يېڭى ئاپپاق خوجىنىڭ چۈشەندۈرۈپ بېرىشىنى سورايمەن.

ئىسلامدا قەبرە قاتتۇرۇش،ئىگىزلىتىش سەھىھ ھەدىسلەر بىلەن چەكلەنگەن ،ئەمما نىمە ئۈچۈن خوجىلار دەۋرىدىن قالغان مازارلىقلار شۇنچە ھەشەمەتلىك؟بۇنىمۇ

چۈشەندۈرۈپ باقساڭلار.يەنە جىق سۇئاللىرىم بار.

ئەمما بۇ تېما بىلىم ئالماشتۇرۇش بولسۇنكى پىتنە -پاسات ،بۆلۈنمىچىلىكنىڭ سەۋەبى بولۇپ قالمىسۇن.

patrol يوللانغان ۋاقتى 2012-10-3 16:45:11

ھا ھا ھا! توردا ئاپئاق خۇجىنى ئاقارتىشقا كەم دىگەندە 10 يىل كىتىدۇ. جىمى ئۇيغۇرلارغا ‹ھەقىقەت›نى بىلدۈرۈپ ئىددىيىسىدىكى ئاڭ-قىممەت قاراشنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن 50يىل كىتىدۇ. بۇلىدۇ، بىز تاشقىي دۇنيانى چۆرىۋىتىپ قۇلاقنى يۇپۇرۇپ ‹ئاپئاق›نىڭ خەلىق قەلبىدىكى ئوبرازىنى ‹سۈيۈملۈك›لىك قىلىش ئۈچۈن 50يىل سەرپ قىلايلى. خوش! ئاقىۋەتتە بىزگە نەق بىرىدىغان پايدىسى نىمە؟

شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى؛ ناۋادا بىز مۇشۇنداق زۆرۈر بولمىغان ئىشلارغا زىھىن-قۇۋۋىتىمىزنى سەرپ قىلساق 50يىلدا جاھاندىن سۈپۈرۈلۈپ كىتىمىز. شۇڭا بۇ ‹ھەقىقەت›نى ھازىرچە قۇيۇپ تۇرايلى. تور موللىسى ئەپەندىلەرمۇ كامپىياتۇرنىڭ ئالدىدا قىرىنداشىلىرىمىز بىلەن ‹ئىلاھى ئۇرۇش›قىلماي، رىئاللىققا قۇرئان-كەرىم، قېنى ئۇرغۇپ تۇرغان ھەدىسلەر بولسا خەلىقكە يەتكۈزۈپ مۇسۇلمانلارنىڭ روھىغا ئىلھام بىرىڭلار.

...






patrol يوللانغان ۋاقتى 2012-10-3 16:51:22

52- قەۋەتتىكى durakنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئاپپاق خوجا ئەجدادىڭىزدىن بىرەر ئۇقۇمۇشلۇق زادقا مەن يۈزمىڭ ئادەمنى سوپىقىلىۋەتتىمدەپگەپ قالدۇرۇپقويغاندەكلاكېسىپلادەيدىكەندىزغۇگەپنى ، ئانچەمۇنچەماتىرىيالكۆرۈپقاتناشمامسىزمۇنازىرىگە ، ئىككىتوكتوك رومانىڭىزدىن ئوقۇۋالغان ئۇچۇرلىرىڭىزتارىخىيمۇنازىرىلەرگە مۇناسىپكەلمەسمىكىن ؟


خوجىلارتوغۇرلۇق يېزىلغان ئەسەرلەرخېلىبار ، بۇنداقئەسەرلەرنىڭ تارىخىي قىممىتىنى چەتئەللەردە خېلىچوڭبىلىدىكەن ، لېكىنماۋۇتېمىغابىر نەچىپارچەھىكايەرومانئوقىۋالغان سەيچىمۇكىرىۋاتقان ، موزدوزمۇكىرىۋاتقان ، تامچى ناۋايمۇباردىگەندەكگىچماچلىشىپكېتىپتۇ ...



ئاپپاقخوجا ھاكىمىيەتيۈرگۈزىۋاتقاندايەركەنتشەھرىگە يىراقمىسىر ، تۈركىيە ، ئوتتۇرا شەرق ، يېقىنى ھىندىستان ، ئوييۇرائاسىيالاردىنكەلگەن تۈمەنلەرچە تالىپلار بىلىمئالىدىغان ئىسلام مائارىپمەركىزىگە ئايلىنىپتىكەن ، ئاپپاقخوجا ھاكىمىيەتيۈرگۈزىۋاتقاندايەنەئايدابىرقېتىم خىرىستىيانلار بىلەن ( ئۇرخۇن ۋادىسىدىن تارتىپ چوڭقۇر يىلتىز تارتقانئۇيغۇر نېستورىيانلىرى ) بىلەن ئىنتايىنقىزىقارلىقۋەجانلىقمۇنازىرىلەرنىئېلىپبارىدىكەندۇق ، بۇنىڭدىنتۈمەنچەخەلق بىلىمئاپتىكەن ...



تېخى ئېچىلمىغانسىرلارنۇرغۇن بۇرادەرلەر ، ئادەم تىللاشقاسەرپ قىلغانقىممەتلىك ۋاقتىڭلارغائىچىڭلارنىئاغرىتىپئانچە مۇنچەتارىخىي يازمىلارنىئىزدىنىپكۆرمەمدۇق ؟!...




<ئاپتىكەن> <قىپتىكەن><باركەن>...مۇشۇلارنى چۇقۇم جەزىملەشتۈرگۈدەك دەلىل-ئاساس بولغاندىلا باشقىلارنى قايىل قىلغىلى بۇلىدۇ.

بەت: 1 2 [3] 4 5 6 7 8 9 10
: ئاپپاق خوجىنىڭ «جاھان كېزىش» نامى بىلەن تىبەتكە قىلغان سەپىرى ھەققىدە