atella0997 يوللانغان ۋاقتى 2012-10-4 10:27:34

52- قەۋەتتىكى durakنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

49- قەۋەتتىكى atella0997نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

45- قەۋەتتىكى durakنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئاپپاق خوجا تارىختا يۈزمىڭ (100،000) ئادەمنى ئىسلامغا كىرگۈزگەن ، بۇ ئەھۋال بىزنىڭ ھازىرقى سىياسىي ئارزۇيىمىزغا تۈپتىن خىلاپ ، شۇڭا بۇ كىشىنى 9 پۇشتىغا قوشۇپ قاتتىق سۆكۈپ ھەربىر ئۇيغۇر « ئاپپاق خوجا » دىگەن گەپنى ئاڭلىسا قۇيقا چېچى دىڭ قوپۇپ ، قوللىرى تىترەپ ، كالپۇكلىرى كۆكۈرۈپ ھىستىرىيە ھالىتىگە كېلىشى كېرەك ، مانا مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدىلا ئۇيغۇرلارنى كوممىنىستىك غايىگە ئىگە ، ئىدىيەسى ئازات بولغان ، تېنچ ئىتتىپاق شارائىتنى قوبۇل قىلىدىغان ، سوتسىيالىستىك ئىناق جەمىيەتكە لايىق كىشىلەردىن قىلىپ تەربىيەلەپ چىقىش مەقسىدىگە يەتكىلى بولىدۇ ، يولداشلار داۋاملىق تىرىشايلى ....



قايسى يۈزمىڭ كىشىنى ئىسلامغا كىرگۈزگەن بولغىيىتتى.كىرگۈزگەن دېيىلسە ئەسلىدىنلا ئاللاھنىڭ پەرھىزلىرىنى ئادا قىلىپ كېلىۋاتقان 100000كىشىنى ئۆز سۈننىتىنى قېتىپ پەيغەمبەرلىك داۋاسى قىلىپ ئاللاھقا شىرىك كەلتۈررۈپ 100000كىشىنى سوپى قىلدى.چۈنكى ئەينى دەۋىردە ئاباق تەسىر كۆرسەتكەن دىيارلارنىڭ ھەممىسىدە مۇسۇلمان ئۈممەتلەر ياشىغان ئىدى.بېرەر كاپىرلار ياشىغان رايوندا تەسىرى بارلىقىنى ھازىرغىچە ئاڭلاپ باقمىدۇق.



ئاپپاق خوجا ئەجدادىڭىزدىن بىرەر ئۇقۇمۇشلۇق زادقا مەن يۈزمىڭ ئادەمنى سوپى  قىلىۋەتتىم  دەپ  گەپ قالدۇرۇپ  قويغاندەكلا  كېسىپلا  دەيدىكەندىزغۇ  گەپنى ، ئانچە  مۇنچە  ماتىرىيال  كۆرۈپ  قاتناشمامسىز  مۇنازىرىگە ، ئىككى  توكتوك رومانىڭىزدىن ئوقۇۋالغان ئۇچۇرلىرىڭىز  تارىخىي  مۇنازىرىلەرگە مۇناسىپ  كەلمەسمىكىن ؟



خوجىلار  توغۇرلۇق يېزىلغان ئەسەرلەر  خېلى  بار ، بۇنداق  ئەسەرلەرنىڭ تارىخىي قىممىتىنى چەتئەللەردە خېلى  چوڭ  بىلىدىكەن ، لېكىن  ماۋۇ  تېمىغا  بىر نەچى  پارچە  ھىكايە  رومان  ئوقىۋالغان سەيچىمۇ  كىرىۋاتقان ، موزدوزمۇ  كىرىۋاتقان ، تامچى ناۋايمۇ  بار  دىگەندەك  گىچماچلىشىپ  كېتىپتۇ ...



ئاپپاق  خوجا ھاكىمىيەت  يۈرگۈزىۋاتقاندا  يەركەنت  شەھرىگە يىراق  مىسىر ، تۈركىيە ، ئوتتۇرا شەرق ، يېقىنى ھىندىستان ، ئوييۇرا  ئاسىيالاردىن  كەلگەن تۈمەنلەرچە تالىپلار بىلىم  ئالىدىغان ئىسلام مائارىپ  مەركىزىگە ئايلىنىپتىكەن ، ئاپپاق  خوجا ھاكىمىيەت  يۈرگۈزىۋاتقاندا  يەنە  ئايدا  بىر  قېتىم خىرىستىيانلار بىلەن ( ئۇرخۇن ۋادىسىدىن تارتىپ چوڭقۇر يىلتىز تارتقان  ئۇيغۇر نېستورىيانلىرى ) بىلەن ئىنتايىن  قىزىقارلىق  ۋە  جانلىق  مۇنازىرىلەرنى  ئېلىپ  بارىدىكەندۇق ، بۇنىڭدىن  تۈمەنچە  خەلق بىلىم  ئاپتىكەن ...


  


تېخى ئېچىلمىغان  سىرلار  نۇرغۇن بۇرادەرلەر ، ئادەم تىللاشقا  سەرپ قىلغان  قىممەتلىك ۋاقتىڭلارغا  ئىچىڭلارنى  ئاغرىتىپ  ئانچە مۇنچە  تارىخىي يازمىلارنى  ئىزدىنىپ  كۆرمەمدۇق ؟!...



سىزنىڭمۇ بېرەر ئوقۇمۇشلۇق ئەجدادىڭىزغا ھەزرىتى ئاباق پالانى يەردىكى 100000كاپىرنى مۇسۇلمان قىلدىم دەپ گەپ قالدۇرۇپ قويۇپتىكەنما؟ئاباق قەيەردىكى 100000كاپىرنى مۇسۇلمان قىپتىكەن.پاكىت ۋە بېرەر يەردە كۆرگەن ئىسپاتىڭىز بولسا قالدۇرمامسىز؟ئەمما مېنىڭ ئاباقنىڭ نۇرغۇن مۇسۇلماننى سوپى قىلغانلىقىغا ئىسپاتىم بار.يەكەن ياكى قەشقەرگە بېرىپ خالىغان بىر سۇپىدىن سىزنىڭ پىرىڭىز كىملەر ئىدى دەپ سورىسىڭىزلا كۇپايە.


يەنە بىرى ھەزرىتى ئاباقنىڭ دەۋرىدە يەكەننىڭ ئىسلام دىنىنىڭ مائارىپ مەركىزىگە ئايلانغانلىقى ھەققىدىكى گېپىڭىزنىڭ ئاساسى نېمىكىن؟يەكەن خانلىقى دەۋرىدىكى سىز دەۋاتقان ئۇيغۇر خىرىستىيانلىرى قەيەرلەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر خىرىستىيانلىرىكەن؟ئۇيغۇرلار قاچاندا،قايسى دەۋىردا خىرىستىيان دىنىگە كىرىپتىكەن؟


يەنە بىرى سىز دېگەندەك بۇ يەرگە سەيچىمۇ،ناۋايمۇ،موزدوزمۇ ئوقۇۋالغان رومانىغا ئاساسەن پىكىر قىلغىلى تۇرۇپتۇ،ئۇنداقتا سىز نىمىچى؟تارىخ پۈتۈكچىسىمۇ؟سىز ئۇقۇۋالغان نېمىڭىزگە ئاساسلىنىپ سۆزلەۋاتىسىز؟

shah_senem يوللانغان ۋاقتى 2012-10-4 10:56:25

بۇ مۇنازىرىنىڭ داۋاملىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ھەممە كىم ئۆز پىكرىدە تۇرۇۋەرسۇن، ئۆزى بىلەن پىكىرداش چىقىپ قالسا، ئۆز كۆز قارىشىنى شۇ ئارقىلىق مۇستەھكەملىسۇن. مۇنازىرە ئارقىلىق كاللىمىز تەرەققىي قىلىپ قالسا ئەجەب ئەمەس. بۇ تېمىدىن شەخسەن مەن نۇرغۇن ئىشلارنىڭ ماھىيىتىگە يەتكەندەك بولدۇم. بۇ يەردە ئىنكاس يازمىغىنى بىلەن نۇرغۇن كىشى كۆرىدۇ، ئۇلارمۇ توغرا-خاتانى ئۆزىنىڭ ئەقلى بىلەن ئايرىيدۇ، لېكىن، ئاڭلىمىغان گەپنىمۇ ئاڭلاپ قويغانغا يەتمەيدۇ.

durak يوللانغان ۋاقتى 2012-10-4 11:50:35

تۆۋەندىكىسى بۇرۇن مۇشۇ تۈردىكى تېمىغا يازغان دەسلەپكى ئىزدىنىشلىرىمنىڭ بىر قىسمى ئىدى ، بۇنى بۇ يەردىكى « ئۇنى دىسە بۇنى دەيدىغان ، بۇنى دىسە ئۇنى دەيدىغان » كىچىك نادانچاق ئەزۋەيچىلەرگە ئەمەس ، مىلللىتىمىزنىڭ تارىخىغا ھەقىقىي قىزىقىدىغان ، مىللىتىمىزنىڭ ئۆتمۈشىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان ،  تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشىش ئۈچۈن سۇنۇلدى :





ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۇ تېمىدا بولۇنغان بەزى بىرتەرەپلىمە قاراشلار ھەتتا تىل -ھاقارەتلەر مۆلچەرنىڭ دائىرىسىدە بولسىمۇ ، ئەمما خوجىلارغا نىسبەتەن ئۇيغۇردىكى ئۇلۇغ- ئۇششاقنىڭ ھەممىسى تىللايدىغانلىقى كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدۇ ، ئەلبەتتە تارىخ بىر ئىلىم ، ئىلمىي مەسىلىلەرگە سالاپەتلىكراق بولايلى ،





ئاپپاق خوجىنىڭ جۇڭغارىيە قوشۇنىنى باشلاپ كىرىش مەسىلىسىدە شۇ دەۋردىكى تارىخىي شارائىت بىلەن ، بولۇپمۇ دۇنيا تارىخىدىكى كۆچمەن مىللەتلەر قۇرغان ئىمپىرىيەنىڭ ئەڭ ئاخىرقىسى ھىساپلىنىدىغان جۇڭغارىيە ۋە چوڭ پۇرسەتپەرەس ، سىياسىي قارانىيەتچى ھىساپلىنىدىغان غالداننىڭ ئەمىلىي  ئەھۋالى ھىساپقا ئېلىنىشى كېرەك ، كۆچمەن قەبىلىلەرنىڭ ئولتۇراق - بوستانلىق مىللەتلىرىنى تالان- تاراج قىلىشى بۇ بىر تارىخىي رېئاللىق ، قەشقەرىيەنىڭ جۇڭغارىيە تەرىپىدىن تالان- تاراج بولىشى تارىخنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئاپتوبۇسىغا ئۈلگۈرگەندەك بىر ئىش . غالدان سىياسىي جەھەتتە ھەتتا شۇ چاغدىكى چىڭ ئىمپىرىيەسىنىڭ ئىمپىراتورى كاڭشى بىلەن ئۈستۈنلۈك تالىشىپ يۈرگەن دەۋر ، ئەمدى ئاپپاق خوجىنىڭ غالداننىڭ قەشقەرىيەگە بېسىپ كىرىشىدە تۈرتكىلىك رول ئوينىدىمۇ ياكى قارا كەلكۈن ئەلپازىدىكى بەدىۋىي كۆچمەن قەۋمنىڭ تالان - تاراج قىلىشىدا ئاز بولسىمۇ بۇففېرلىق رول ئوينىدىمۇ ، بۇ تارىخشۇناسلارنىڭ يەنىمۇ ئىنچىكە تەتقىق قىلىشىغا تەئەللۇق ئىنچىكە مەسىلى .



تۆۋەندىكىسى شۇ دەۋرنىڭ تارىخىي قوليازمىلىرىدىن \" تەزكىرائىي خوجىگان\" دا ئاپپاق خوجىنىڭ ئوغلى ھەسەن خوجا توغۇرلۇق مەلۇماتلار ، خوجىلارغا باھا بېرىشتە ئازراق كونكىرىت پايدىلىنىش رولى بولىشى مۈمكىن :

ھەسەن خوجا 1688-يىلى تۇغۇلغان ، ئۇ ئاپپاق خوجا بىلەن خانىم پاشانىڭ 2- ئوغلى ئىدى . 1696-يىلى 8 يېشىدا قوۋمى بىلەن يەكەندىن يولغا چىقىپ قەشقەردىن ئۆتۈپ تاشقورغانغا بارغان ، سابىق خوجىنىڭكىدە 2ئاي تۇرۇپ ، يول خىراجىتى جەملەپ ، ھىندىستانغا قاراپ راۋان بولغان . ئۇلار يول ئۈستىدە بەدەخشاننىڭ بارخان دىگەن يېرىدە 3 يىل تۇرۇپ قالغان ، ئۇنىڭدىن كېيىن ھەسەن خوجىنى شۇ يەردە قالدۇرۇپ ، قالغانلىرى ھىندىستانغا بېرىپ ماكانلاشقان . ھەسەن خوجا بەرەق شەھرىدە سەئىد ئابدۇللا دىگەن كىشىدىن سوفىزىم ئەقىدىلىرىنى ئۈگىنىپ ، ئىستىقامەت قىلغان ، چوڭ بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ قىزىغا ئۆيلەنگەن ، ھەسەن خوجا بىلىمىنىڭ كەڭلىگى ، ۋە كارامەت كۆرسىتەلەيدىغانلىقى بىلەن ئالقىش ۋە ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان . ئۇ ھىندىستاندا بىر مەزگىل تۇرغاندىن كېيىن ، ھەج قىلىش ئۈچۈن مەككىگە يولغا چىقىپ ئوتتۇرا ئاسىياغا بارغان ، غەربىي ئاسىيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىنى ئايلىنىپ دىن تارقاتقان . دىيىلىشىچە ، ئۇ قەشقەرگە قايتىپ كېلىپ ، ئالاي، بوستانتېرەك قاتارلىق جايلاردا قىرغىزلار بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ ، جوڭغارلارغا قارشى جەڭ قىلغان ، ھەسەن خوجا ، يەنە دىيىلىشىچە ، ئۇ قەشقەر يېڭىسار ، يەكەن قاتارلىق جايلاردا ئاپپاق خوجىنىڭ بايرىغىنى قايتا تىكلەپ ، ئىسلام ھەقىقىتىنى قوغداشتىكى ئابرويىنى ئۆستۈرگەن . ( شۇڭا ئاقتاغلىقلارغا دائىر تەزكىرىلكەردە ھەسەن خوجا ئاپپاق خوجىدىن كېيىنكى يەنە بىر ئەۋلىيا ، بولۇپلا قالماي ، بەلكى شۆھرىتى ئەجدادىدىن ئېشىپ كەتكەن دەپ قارىلىدۇ .

  ھەسەن خوجىنىڭ تاشمىلىق ، بەرەق ، ھىندىستان ، سەمەرقەند ، ھىسار قاتارلىق جايلاردا \" كارامەت \" كۆرسەتكەنلىكى ، ئىشانلىق قىلىپ مۇرىت ۋە شاگىرت قوبۇل قىلىپ ، سوفىزىم تەشكىلاتلىرىنى قۇرغانلىغى توغۇرسىدا نۇرغۇنلىغان ھىكايىلەر تارقالغان . ھەسەن خوجا يىراقتا قەدىمقى قۇرۇقلۇق يىپەك يولىنىڭ ئاخىرى ، تۈركىيەنىڭ ئىستانبول شەھرىگىچە بېرىپ دىن تارقاتقان ، ئۇ ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىنمۇ ئۇنىڭ شاگىرتلىرى تۈركىيەدە ئامما ئىچىدە كەڭ كۆلەمدە مۇرىت قوبۇل قىلغان . شاگىرتلىرى ئۇنىڭ جەسىدىنى ئات تېرىسىگە يۆگەپ يۇرتىغا ئېلىپ كەلگەن . بۇ چاغدا تارىخ قارا تاغلىقلار ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋرگە قەدەم قويغان ئىدى .



بۇ يۇقۇرىدىكى ھەسەن خوجا ، ئاپپاق خوجىنىڭ پەرزەنتى ھەققىدىكى ئۇچۇرلار ، خوجىلارنىڭ مۇرىتلىرى شۇ دەۋردىكى ئەجداتلىرىمىز \" ئەخمەق ، نادان \" ئۇيغۇر لار بولۇپلا قالماي ، ھىندىستانلىقلار ، سەمەرقەنتلىكلەر ، غەربىي ئاسىيالىقلار ھەتتا شۇ چاغدىكى ئەڭ كۈچلۈك دۆلەت تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئىستانبولدىمۇ نۇرغۇن ئىكەن ...





  مۇنازىرە تارىخىي شەخس توغرىسىدا كېتىپ بارغان بولغاچقا ، مۇنازىرىدىكى مەقسىدىمىزنى ئامال بار شۇ دەۋرنىڭ تارىخىي چىنلىغى بىلەن يېقىنلىشىش قىلساق ، مېنىڭچە بىرتەرەپلىمىلىك خاھىشىدىن ساقلىنىپ تارىخىي مەسىلىلەرگە ئادىللىق بىلەن بازا بېرىش دەرىجىسىگە يېقىنلىشالايمىز .

ئاپپاق خوجا دىنىي غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن بىرقاتار ئىشلارنى قىلغان ،قەشقەرىيەگە ھۆكۈمرانلىق قىلىشىمۇ مۇشۇ دىنىي غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ بىر ۋاستىسى .

مەسىلە، غالدان 120مىڭ ئەسكىرى بىلەن قەشقەرىيەگە بېسىپ كىردى ۋە پادىشالىقنى ئېلىپ ئاپپاق خوجىنى ھاكىمىيەتكە تىكلىدى ، ئۇنى ھەريىلى جۇڭغارىيەگە ئولپان تاپشۇرىدىغان قىلدى . نوقۇل مۇشۇ ۋەقەلىكتىن تەھلىل قىلساق ، ئالدى بىلەن بۇنداق بىر پەرەزنى ئوتتۇرىغا قويىشىمىز كېرەك : شۇ دەۋردىكى تارىخىمىزدا ئاپپاق خوجا بولمىغان بولسا ، غالدان قەشقەرىيەگە بېسىپ كىرەتتىمۇ ؟ ئەگەر بېسىپ كىرسە قانداق پاجىەلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۈمكىن ؟ لېكىن بۇ تارىخىي ۋەقەلىككە ئاپپاق خوجا كىردى ، ئاپپاق خوجىنىڭ جۇڭغارىيە قوشۇنىنىڭ قەشقەرىيەگە بېسىپ كىرىشىدە شۇ چاغدىكى قەشقەرىيەگە نىسبەتەن سەلبىي رولى چوڭمۇ ئىجابىي رولى چوڭمۇ ؟ يەنى ئېچىنىشلىق زىيان چوڭمۇ ياكى ئاپپاق خوجا سەۋەپلىك بەدىۋىلەرنىڭ بوستان خەلقىگە ئېلىپ كېلىدىغان بالايى - ئاپىتى بۇرۇنقى ۋە باشقا تارىخىي ۋەقىلىكلەرگە قارىغاندا ئۇنچىلىك چوڭ پاجىەلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىغا ئاپپاق خوجا بۇففېرلىق رول ئوينىدىمۇ ؟



تارىخقا قاراپ باقايلى ، 1680- يىلى غالدان قەشقەرىيەگە بېسىپ كىرىشتىن بىر يىل بۇرۇن ، يەنى 1679-يىلى غالدان 40مىڭ ئەسكىرى بىلەن خانلىقنىڭ شەرقى قىسمى قۇمۇل ۋە تۇرپانلارنى بېسىۋالغان ۋە 6 شەھەر رايونىغا چىشىنى بىلەپ تۇرغان بىر ھالقىلىق پەيت .

  مۇشۇ يەردە تارىخىمىزنىڭ باشقا بۆلەكلىرىگە كۆز يۈگۈرتۈپ باقايلى ، قاراخانىلارنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە قارا ***لاردىن كېيىن تارىختا نايمانلاردىن بولغان شاھزادە كۈچلۈك دىگەن بىر كىشى قاراخانىلار زىمىنىگە بېسىپ كىرگەن ، نايمانلار شۇ دەۋرنىڭ يايلاق مىللەتلىرىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان قوۋم بولۇپ نايمان سۆزى موڭغۇلچە 8 نى بىلدۈرىدۇ ، ئەمىلىيەتتىكى نامى سەككىز ئوغۇز - سەككىز ئۇيغۇر قەبىلىلەر ئىتتىپاقى بولۇپ ، ئۇيغۇر قەبىلىلىرى 840- يىلىدىكى كۆچۈشتە شىمالدا قېلىپ قالغان ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ بىر قىسمى ، نىستورىيان ( خىرىستىيان دىنىنىڭ بىر تۈرى ) دىنىغا ئېتىقات قىلغان ، تېرىسى ئاق ، كۆزى كۆك كەلگەن نىسبەتەن مەدىنىيەتلىك قوۋم . مانا مۇشۇ قېرىنداشلىرىمىز قارا خانىلار زىمىنىغا باستۇرۇپ كىرگەن چاغدا قانداق پاجىەلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ؟

  بۇنىڭ مىساللىرىدىن بىرى ، كۈچلۈك خوتەن ، يەكەن ۋە قەشقەرلەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلىش جەريانىدا يەرلىك مىللەتلەرنى ئىسلام دىنىدىن ۋاز كېچىپ ، نېستورىيان دىنىغا ئېتىقاد قىلىشىقا زورلىغان . شۇنىڭ بىرگە يەنە ئىسلام دىنى ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسالامغا ھاقارەت كەلتۈرىدىغان گەپلەرنى قىلىپ ، ئەلائىددىن مۇھەممەد خوتەنى باشچىلىقىدىكى ئىسلام ئۆلىمالىرى بىلەن بەس-مۇنازىرىگە چۈشكەن . مۇنازىرىدە ئۇتتۇرۇپ قۇيغان كۈچلۈك ئاچچىقىغا پايلىماي 3000 نەپەر مۇسۇلمان ئالىمنى ۋەھشىيلەرچە قەتلى قىلغان ، ئەلائىددىن خوتەنى ھەزرەتلىرىنى مەسچىت دەرۋازىسىغا چاھار مىخ ( ئىككى پۇت ۋە قولىدىن مىخلاپ قويۇش ) بىلەن قېقىپ ئازاپلىغان .ئەللامە ئاستا-ئاستا قانسىراپ شېھىت بولغان ۋە ئاخىرقى تىنىقىغىچە ئېتىقادىدىن يانمىغان ، ئىسلامىي كىتاپلارنىڭ ھەممىنى كۆيدىرىۋەتكەن ، بۇ پەقەت  مەدىنىيەت جەھەتتىكى كەلتۈرگەن پاجىەسى ھىساپلىنىدۇ .

چىڭگىزخاننىڭ غەرپكە يۈرۈشىدىن باشلانغان موڭغۇللارنىڭ ئىسلام دۇنياسىغا كەلتۈرگەن مىسلىسىز ، ئېچىنىشلىق ، ھالاك قىلىش خاراكتىرلىق ئىستىلالىرى ... مانا مۇشۇنداق مىساللار ، يايلاق مىللىتىنىڭ بوستانلىق مىللىتىگە كەلتۈرىدىغان پاجىەسى تارىختا مىساللىرى ئىنتايىن كۆپ ، ئەگەر غالدان  تۆمۈر تاپان ئاتلىق ئەسكەرلىرى بىلەن بەرىبىر باستۇرۇپ كىرىدىغان قەشقەرىيەگە ھىچقانداق بىر كىشىنىڭ ۋاستىسىسىز مۇنقەرز قىلسا ئاقىۋەت قانداق بولاتتى ؟





ئەمدى يەنە بىر مەسىلە ، ئاپپاق خوجا - يولۋاس ( قەشقەر ھاكىمى ، ئابدۇللاخاننىڭ ئوغلى ) ئىتتىپاقلىق سېپىدە قارشى تۇرغان خان” ئابدۇللاخان “ قانداق خان ئىدى ؟

تارىخنامىلەرگە مۇراجەت قىلىپ باقايلى ،

   تارىخىي ھىجرىيىنىڭ 1048- يىلى سۇلتان ئابدۇرىشىتخاننىڭ توققۇزىنچى ئوغلى ئابدۇللاخان بۆلۈنۈپ كەتكەن خانلىقلارنى بىرلەشتۈرۈپ، ئاتا- بوۋىسىغا ۋارىسلىق قىلىپ خانلىق تەختىدە ئولتۇرۇپ، 32 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئەمما ئۇ رەھىمسىز، زالىم، قانخور، گۇمانخور بىر ئادەم ئىدى. ئۇ ئىلگىرىكى خان- بەگلەرنىڭ ئەۋلادىدىن بولغان ئىشەنچلىك، ۋەتەنپەرۋەر ياخشى كىشىلەردىن گۇمان قىلىپ كۆپلىرىنى ئۆلتۈرۈپ، قالغانلىرىنى يۇرتتىن قوغلىۋەتتى. ئۆزىنىڭ ئىنىلىرىدىن بىرىنى ئۆلتۈرۈپ، قالغان ئىككى ئىنىسى ― ئىبراھىم سۇلتان ۋە ئىسمائىل سۇلتاننىمۇ قوغلىۋەتتى. ئۇ ھېچ كىشىگە ئىشەنمىدى. ھەتتا ئۆز پەرزەنتلىرىگىمۇ ئىشەنمىدى. بالىلىرىمۇ دادىسىدىن خاتىرجەم بولالمىدى. ئاقىۋەت ئۆز تەۋەلىكىدىكى يۇرتلارغا قىرغىزلارنى ھاكىم قىلدى. قەشقەرگە قويسارى بەگنى، ئاقسۇغا ئولجاتاي بەگنى، ئۈچتۇرپانغا ئالتىقۇرتقا بەگنى ھاكىم قىلىپ ھاكىمىيەتنىڭ تولىسىنى قىرغىزلارغا تۇتقۇزدى. شۇنداقتىمۇ يەنە قىرغىزلاردىن، يۇرت خەلقىدىن خاتىرجەم بولالماي گۇمانخورلۇق بىلەن تولا ئادەم ئۆلتۈرۈپ ناھەق قان تۆكتى. ئاخىر ئارام ئالالماي ھىجرىيىنىڭ 1080- يىلى ئورنىغا ئوغلى يولۋاسخاننى ئولتۇرغۇزۇپ قويۇپ، ئۆزى «مەككىگە بېرىپ ھەج قىلىپ كېلىمەن» دەپ خوشلىشىپ يولغا چىقتى.

يولۋاسخان تەختكە چىققاندىن كېيىن ئىتتىپاقدىشى ، يەنى يولۋاسخاننىڭ ئۇستازى ئاپپاق خوجا خانلىقنىڭ تارىخ سەھنىسىگە چىقىشقا باشلىغان ئىدى . يولۋاسخاندىن كېيىن ئىسمائىلخاننىڭ تەختكە چىقىشى ۋە قارا تاغلىقلار بىلەن بىرلىشىپ ئاپپاق خوجىنى قوغلىغانلىق تارىخىي بايانلار يۇقۇرىدىكى ئىنكاستا دىيىلىپ ئۆتتى .

جۇڭغارىيە ئىستىلاسى غالدان ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلار : 1696-يىلى جۇڭغارلارنىڭ خانى غالدان زەھەر ئىچىپ ئۆزىنى ئۆلتىرىۋالدى . ئۇنىڭ ئورنىغا چىۋان ئاراپتان ۋارىسلىق قىلدى . قەشقەرىيەكلىكلەر بۇ پۇرسەتتىن پايدىلنىپ جۇڭغارلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلدى .  

  مىلادىنىڭ 1700-يىلى

چىۋان ئاراپتان لەشكەر تارتىپ كېلىپ ، قەشقەرىيەنى قايتا بويسۇندۇردى ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ھۆكىمرانلىق ھوقۇقى ئاق تاغلىقلار قولىدىن قارا تاغلىقلار قولىغا ئۆتتى . جۇڭغار خانى چىۋان ئاراپتان قارا تاغلىقلارنىڭ ئاقساقىلى دانىيال خوجىنى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ خانى قىلىپ تەيىنلەپ ، ھەر يىلى جۇڭغارلارغا ئون تۈمەن كۈمۈش پۇل ئولپان تاپشۇرۇشنى بەلگىلەپ ئىلىغا قايتىپ كەتتى .

مىلادىنىڭ 1755-يىلى چىڭ سۇلالىسى ھۆكىمىتى جۇڭغار خانلىقىنى يوقىتىپ ، ئۇنىڭ 70 نەچچە يىللىق ھۆكۈمرانلىقىغا خاتىمە بەردى .



دىمەك ، ئاپپاق خوجىنىڭ تارىختىكى ئوينىغان رولى توغۇرلۇق ۋەقەلىكلەر ئىنچىكە تەھلىل - تەتقىق قىلىنىپ خەلققە تارىخنىڭ ھەقىقى ماھىيىتى ئېچىپ بېرىلگەندە ، ناھەق ئۇۋال قىلىنغان بۇ تارىخىي شەخسنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى بىزگە ئاشكارە بولىشى مۈمكىن .



ھەممىنى بىلگۈچى بىزنىڭ ئىگىمىز قۇدرەتلىك ئاللاھتۇر !

تورداشلارنىڭ مۇشۇ تارىخنى بويلاپ ئىلمىي مۇنازىرە قىلىشىنى ئۈمىت قىلىمەن .



  ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئۇيغۇر تارىخىغا ، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئىسلام تارىخىغا ئائىت مەسىلىلەرگە باھا بەرگەندە ئادىل پوزىتسىيەسىدە بولساق ، مەسىلىنىڭ ماھىيىتىگە يەتمەي تۇرۇپ ، خالىغانچە ھاقارەتلەپ ئۆزىمىزگە بىھۇدە گۇناھلارنى ئارتمىساق .  

  خانلىق بىلەن جۇڭغارىيە مەسىلىسىدە ، ئىسمائىلخاننىڭ ھىماتچىسى چېچېنخان غالدان تەرىپىدىن مىلادى 1677- مەغلۇپ قىلىنغاندىن كېيىن مۇنبەت قەشقەرىيەنى قوشۇۋېلىش غالداننىڭ بىرقاتار سىياسىي ھەربىي پىلانلىرى ئىچىدە ئەڭ ئالدىنقى قاتارغا ئۆتتى دىيىشكە بولىدۇ ، تارىختىن بىلىمىزكى غالدان ھازىرقى روسىيە ، قازاقىستانلارغا تەۋە قىپچاق دالاسى ، ھەتتا ۋولگا دەرياسى بويىدىكى نوغايلارغىچە ئۆز تېررىتورىيەسىگە قوشۇۋالغان ، دۇنيا تارىخىدا كۆچمەن قوۋم قۇرغان يايلاق ئىمپىرىيەلىرىىنىڭ ئەڭ ئاخىرقىسى ھىساپلىنىدۇ ، قەشقەرىيە ئەلۋەتتە ئۇنىڭ ئارقا ھويلىسىغا جايلاشقان . ئۇ ئۆز دەۋرىدە چىڭ ئىمپىرىيەسى خانى كاڭشى بىلەن ئۈستۈنلۈك تالىشىپ تۇرىۋاتقان .



  ئەسلى نۇسخىسى پارىسچە ، كېيىن خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنغاان شۇ دەۋرگە ئائىت تارىخىي قوليازما \" چوڭ خوجا تەزكىرىسى \" دىگەن كىتاپتا ، تىبەت تەرەپتىن ( تارىخچىلاردا دالاي ياكى دىبزەنگى گاسو تەرىپىدىن ئەۋەتىلگىنى تالاش- تارتىشتا ، ) ئاپپاق خوجاغا بېرىلگەن ، غالدانغا ئەۋەتىلگەن مەكتۇپنىڭ مەزمۇنى مۇنداق يېزىلغان:

\" ئاپپاق خوجا ناھايىتى ئۇلۇغ شەخس ئىكەن ، ئۇنىڭ يۇرتى ياركەنت ۋە قەشقەر بولۇپ شۇ يەدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ داھىسى ئىكەن ، سەن ئۆزۇڭ لەشكەر باشلاپ بېرىپ ، زالىم پادىشانىڭ قولىدىن ئاشۇ شەھەرلەرنى قايتۇرۇپ ئېلىپ ئافاق خوجانى پادىشالىق تەختكە ئولتۇرغۇزغاندىن كېيىن ،ئۆزۈڭ ئەسلى جايىڭغا قايتىپ كەتكەيسەن \" ،

لېكىن غالدان دەسلەپكى بۇيرۇقنى ئورۇندىغانيۇ ، مەكتۇپنىڭ كېيىنكى مەزمۇنىغا زىت ، خانلىقنى ئولپان تۆلەيدىغان قىلىپ ئۆزىنىڭ دەھرىلىككە قايتقاندىن كېيىنكى ھەربى پىلانىنىڭ بىر قىسمى قىلغان .

ئولپان تاپشۇرۇش مەسىلىسىدە ئەلبەتتە ئىسمائىلخانمۇ ھىماتچىسى چېچېنخانلارغا تاپشۇرغان ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا چىڭ ئىمپىرىيىسىگىمۇ ئولپان تاپشۇرغان ئىدى .



1622-يىلى دادىسى ئالەمدىن ئۆتكەندە ئاپاق خوجا 18 ياشقا كىرگەن ۋە قۇمۇل ، تۇرپانلارغا سەرگەردان بولغان ، كېيىن لەنجۇ ۋە سالالار شەھرىگە بارغان ، 1638- يىلى ئابدۇلەتىف خاننىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن قەشقەرگە قايتىدۇ ۋە 20 نەچچى يىل مىڭبىر جاپا بىلەن 6 شەھەر رايونىدا \" ئىشقىيە \" نىڭ تارماق سۈلۈكىنى شەكىللەندۈرىدۇ ،  ئۇ يەركەنت خانىنىڭ ئوغلى، قەشقەر ھاكىمى يولۋاس بىلەن ئىتتىپاق تۈزىدۇ ، 1662-يىلى ئۇ خانلىقنىڭ چىڭ ئوردىسىغا ئەلچى ئەۋەتىپ ئولپان تاپشۇرىشىغا قارشى تۇرۇشقا باشلايدۇ ۋە 1669-يىلى ئابدۇللا خان  مەككىگە ھەجگە بېرىشكە يولغا چىقىپ ، خانلىقنى يولۋاسخانغا ئۆتىنىپ بېرىدۇ . 1670-يىلى يولۋاسخان ئالەمدىن ئۆتىدۇ ، ئىنىسى ئىسمائىلخان ئىسھاقىيە مۇرىتلىرىنىڭ يۆلىشى بىلەن تەختكە ئولتۇرىدۇ ، ئاپپاق خوجىنى قەشقەرىيەدىن قوغلايدۇ . ئاپاق خوجا ئوتتۇرا ئاسىيا ، كەشمىر ، تەڭرىتاغنىڭ شىمالى ئارقىلىق گەنسۇ ، نىڭشا ، چىڭخەي قاتارلىق جايلارغا بېرىپ ( 1671-1673-يىللىرى ) سوفىزىم تەشكىلاتلىرىنى قۇرىدۇ . \" ئاپپاق خوجا تەزكىرىسى \" دىگەن كىتاپتا ، \" ھازىر سالالارنىڭ ھەممىسى مۇسۇلمان ، ئۇ سالالار شەھرىدە 6 ئاي تۇرۇپ، خانىقالارنى ياساتقۇزۇپ ، دىننى تەرغىپ قىلدى . سالالارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا قايىللىق ۋە ھۆرمەت بىلدۈرۈپ ، ئۇنىڭغا ئەگەشتى . بەزى كىشىلەر تەرىقەت يولى ئارقىلىق ئاللاھقا يېقىنلىشىپ ، يۇقۇرى ماقاملارغا يەتتى ، يەنە بىر قىسىم كىشىلەر بەگ بولدى ، 6 ئاي تۇرغاندىن كېيىن ئۇ ئۆزىگە ۋاكالەت خەلپە تەيىنلىدى ، بۇ كىشىنىڭ ئىسمى ۋىقايەتۇللاھ ئاخۇن بولۇپ لەقىمى ئالتۇنباش ئاخۇن \" . كېيىن بۇ كىشى تىبەتكە بارغان .



شۇنىڭغا دىققەت قىلىشىمىز كېرەككى ، ئاپپاق غوجىنىڭ جۇڭغارىيەگە مەكتۇپ كۆتۈرۈپ بارغىنى ئۆز قەلبىدىمۇ بىر قەۋەت ھەسرەتلىك داغ قالدۇرغان .

\" چوڭ خوجا تەزكىرىسى\" دە مۇنداق يېزىلغان ،

ئۇ ئۆز پەرزەنتىگە مۇنداق دىگەن ئىدى :\"جانابى ئاللاھنىڭ ئالدىدا ۋىجدانىم ئازاپلىنىدۇ ، ھازىر مەن باشقۇرىۋاتقان بۇ شەھەرلەر كاپىرلارنىڭ ياردىمىدە ئەمەلگە ئاشتى ، بۇ ئىشلار ئۆتۈپ كەتتى ، لېكىن بۇ مېنىڭ ھاياتىمدىكى ۋىجدانىمنى ئازاپلايدىغان ئىش...\"



  ئاپپاق خوجانىڭ ئۆز دەۋرىدە كىتاپ كۆيدىرىش مەسىلىسىگە كەلسەك ، بۇ كىشىنىڭ ئەجدادى ، بوۋىسى مەخدۇم ئەزەم زامانىسىنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ ئالىم- پەيلاسوپىدىن بولغان بىلىملىك كىشى بولغان ، ھاياتىدا 130نەچچى پارچە چوڭ ھەجىملىك كىتاپ يازغان ئىكەن ، ئاپپاق خوجىنىڭ بۇ تۈردىكى كىتاپلارنى كۆيدۈرىشى ئەقىلگە ئانچە سىغمايدۇ ، لېكىن \" چوڭ خوجا تەزكىرىسى\" دىگەن قوليازمىدا ئاپپاق خوجىنىڭ شۇ دەۋردە ياركەنت ، قەشقەرلەردە ياشايدىغان مەلۇم سالماقنى ئىگەللەيدىغان مانى ،نىستورىيان دىنىدىكىلەر بىلەن بولغان مۇنازىرىلىرى ئىنتايىن قىزىقارلىق يوسۇندا تەسۋىرلەنگەن ، تەتقىقاتلارغا قارىغاندا ئۇيغۇرلار ئارىسىدا مانىي دىنى 19- ئەسىرلەرگىچە مەۋجۇت بولۇپ نۇرغۇن ئىشىنىدىغان مۇرىتلىرى بولغان .   مانى دىنى خىرىستىيان دىنىغا ئوخشاپ كېتىدىغان ، قەدىمىي ئۇيغۇرلار ئىشەنگەن بىر دىن ، ئۇنىڭدىن باشقا شۇ دەۋردە 4 چوڭ قەدىمى دۆلەتنىڭ بىرى ھىساپلىنىدىغان ھىندىستان خوشنىسىدىنمۇ نۇرغۇن ۋە ھەرخىل ئېقىمدىكى ئىسلامغا زىت بىدئەتلىكنى تەرغىپ قىلىدىغان كىتاپلارنىڭ بولىشى تەبىىى ...



  تارىخنىڭ قېتىغا نۇرغۇنلىغان سىرلار يوشۇرۇنغان ، قىزىقساق ئىزدىنىپ كۆرسەك ، قىزىقمىساق باشقا نەرسە ئۈگەنسەكمۇ بولىدۇ ، بىھۇدە ، ئالاھىتەن تىللاپ ئەخمەقلىق قىلمايلى ، تارىختا مۇشۇ ئۆلچەم بىلەن ئەجداتلىرىمىزنى تىللايدىغان بولساق ، پەقەت 24 سائەت مەخسۇس ئولتۇرۇپ ئادەم تىللاش ئۈچۈنلا بۇ قىسقىغىنە ئۆمرىمىز يېتىشمەسلىگى مۈمكىن .

durak يوللانغان ۋاقتى 2012-10-4 11:59:59

ئەمدىكى تورداشلارنىڭ ئىزدىنىدىغىنى ، ئاپپاق خوجا ھاكىمىيىتى ۋاقتىدا ئۇلار جۇڭغارىيەگە يىلىغا زادى قانچىلىك باج- ئولپان تاپشۇرغان ؟



ئۇ يىلىغا نۇرغۇن قىز- يىگىت ئۇيغۇرلارنى جۇڭغارىيەگە قۇللۇققا تاپشۇرغانمۇ ؟ ئەگەر شۇنداق دىسىڭىز بۇنىڭ ئىسپاتى بارمۇ ؟ مەسىلەن نۇرغۇن قىز- يىگىت قۇللار ئەگەر جۇڭغارلارغا قۇللۇققا تۇتۇپ بېرىلگەن بولسا جۇڭغارلار ۋە ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىسىدا ئاز دىگەندە بىر شالغۇت كىشىلەر تۈركۈمى قېلىپ قالاتتى ، ھازىر مۇشۇنداق كىشىلەرنى تاپقىلى بولامدۇ ؟



ئۇيغۇرلارغا بۇ زىيان قانچىلىك ؟ ھەم قانچە ئۇزۇن داۋاملاشقان ؟ قاتارلىق مەسىلىلەر .



ئىنسان يارىلىشىدىن ئاجىز ، مۇتلەق پەرىشتىدەك ، ياكى مۇتلەق ئىبلىس كەبى ئەمەس ، بىراقلا يوققا چىقىرىش ۋەياكى بىراقلا سەجدە بىلەن چوقۇنۇش بۇ ئىنتايىن نادانلىقنىڭ ئىپادىسى ، شۇڭا ئۆز تارىخىمىزنى ئادىللىق بىلەن ئىزدىنىپ كۆرەيلى .


anty_almas يوللانغان ۋاقتى 2012-10-4 14:42:13

تىللايدىغانلار جىم ئولتورۇپ تۇرساڭلار ، ئۆز كۆز قارىشىڭلار قىتىلمىغان تارىخ بولسا دىسەڭلار بولدى . ياخشى يا ئەسكى ئىكەنلىكىنى ھەممەيلەن كاللىسى بىلەن تۇغۇلغان بولغاندىكىن ئۆزى بىلەلەيدۇ . مەنمۇ ئاپپاق خوجىغا بەك ئۆچتىم ، مىنىڭ ئۆچلۈكۈمنىڭ ئاساسلىق مەنبەسى شۇ رومانلار ، شۇ رومانلاردا دىيىلگنى ئويدۇرما بولسىچۇ ؟ مەلۇم سىياسىي مەخسەت ، ياكى قارا تاغلىقلارنىڭ بىۋاستە دۈشمەنلىكى بولسىچۇ ؟

مىنىڭ بۇنداق دىيشىمدىكى سەۋەپ ، ئەسكى ئاپپاق خوجا تارىخىدا بەزى گۇمانلىق نوختىلار بار . ئەمدى ياخشى ئاپپاق خوجا تارىخىنى ئاڭلاپ باقايلى . بۇ دىگنىم ئاپپاق خوجىنى ياخشى ياكى ئەسكى ئىكەنلىكىنى ئايرىش ئەمەس ، مۇھىمى چىن تارىخنى بىلىش ، كىشىلەرگە بىھۇدە ئۇۋال قىلىشتىن ساقلىنىش(ئۆلگەنلەرلا ئەمەس تىرىكلەرگىمۇ).

ئۆتكەندە ئاپپاق خوجا دىگەن تورداشتىن چاخچاق ئارىلاش بىر سۇئاللارنى سورىغان ، بەزىسىگە جاۋاپ چىقىپتۇ . بىلۋالدىم . دىلارە ھەدەمنىڭ دىگەنلىرىدىنمۇ مەن ئويلاپمۇ باقمىغان نەرسىلەرنى ئۇقۋالدىم . دىلارە ھەدەمنىڭ تىخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلانى يەتكۈزۈشىنى ئۈمۈد قىلىمەن . دىلارە ھەدەمنىڭ سوزلەش ئۇسۇلىنى ياختۇردۇم ، بىرەر ئىدىيەنى زورلاپ تاڭماپتۇ ، بەك ياخشى - ئەسكى دەپ تىللىشىپ كەتكەنلەربۇ ئۇسۇلنى ئويلىشىپ بىقىڭلار، ئىدىيە زوراۋانلىقىدىن بەك زىرىكتۇق .  

dilare@دىلارە ھەدەمنىڭ دىگەن قانۇن ۋە بايراق ئالماشتۇرۇش توغرىسىدىكى گەپلەرگە بەك قىزىقتىم ، قانۇننى ياقۇپبەگ ئالماشتۇرغان بولىشىمۇ مۇمكىنغۇ ؟

Marshal يوللانغان ۋاقتى 2012-10-4 15:12:40

ئاپپاق غوجا،قېنى سىز،يوقاپ كەتتىڭىزغۇ؟ \"\"

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2012-10-4 17:20:40

ئاپپاق خۇجا دەۋرى توغرىسىدا يەنە تەپسىلى مەلۇمات بارمىدۇ.

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2012-10-4 17:40:34

ئادەم تىللىماڭلا باللا، يامان بولىدۇ \"\"

muzatd يوللانغان ۋاقتى 2012-10-4 18:50:57

85- قەۋەتتىكى goodluckنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئادەم تىللىماڭلا باللا، يامان بولىدۇ \"\"



كىم ئادەم تىللاپتۇ؟ 007.gif



ئىزدىنىش باشقۇرغۇچىلىرى شاش جۇمۇ.

sazguri يوللانغان ۋاقتى 2012-10-4 18:57:22

توۋا  ئۆلگىلى نەچچە ئەسىر بولغان جەسسىدىنىڭ توپىسىمۇ قالمىغان ئادەم ماۋۇ مۇنبەردە بىرمۇنچە جىدەل تېرۋىتىپتۇ دىسە....شۇنىڭدىن قارغاندا ئۇ ئادەممۇ يامان ئادەمكەن جىمۇ \"\" \"\"

qutghur يوللانغان ۋاقتى 2012-10-4 18:59:47

ئەملىيەتتە نۇرغۇن مەسىللەرگە پەقەت ھۆكىمەتنىڭ ئارخىپخانىلىرىدىكى سانى ،تۈرى كۆپ بولغان تەزكىرىلەرنى كۆرۈش ،سېلىشتۇرۇش ئىمكانىيتى بولغان مۇتەخەسىسىلەرنىڭ جاۋاپ تېپىشى رىئاللىققا ۋە تارىخ تەتقىقات مىتودىغا ئۇيغۇن .ھازىرنىڭ ئۆزىدە يالغۇز زىيالى ئاتىلىدىغانلارلا(كۆپلىرىنىڭ خوجىلار ھەققىدىكى چۈشەنچىسى تارىخى رۇمانلاردىن كەلگەن) ئەمەس ،بەلكى خىېلى تۈركۈم ياش دىنى ئولىمالارمۇ تۇرمۇشتىكى ۋە ئېتقادىمىزدىكى مۇڭغۇلچە ياكى بۇددا دىنىغا خاس ئادەتلەرنىڭ خۇجىلار ھاكىيەت تۇتقان ۋاقىتتىكى چىرىكلىكتىن بىخ سۈرۈپ تەرەققى قىلغانلىغىنى دىيىشىدىكەن.بۇلارنىڭ ئاغزىدىكى ئۇچۇرلارمۇ پەن زىيالىلىرى بىلگەن ئۇچۇرلار بىلەن مەنبەداش بولىشى مۈمكىن .دىمەك خۇجىلارنى ،بولۇپمۇ ئاباقخۇجىنى سەلبى ھالەتتە چۈشىنىش 50 يىللاردىن كېيىن بولغانلىغى ئېنىق .دۇراك ۋە ئارغتۇغ ئەپەندىلەرنىڭ خوجىلارغا بېرىلگەن باھاغا گۇمانى پوزىتسىيە تۇتىشىنىمۇ چۈشىنىشكە بولىدۇ ،تارىخى شەخسلەر زامانىسىدىمۇ سىياسىغا ئاكتىپ ئىشتىراك قىلغۇچىلار ۋە ياكى خىزمەت قىلغۇچىلار ،بۇلار ھېلىھەم مۇشۇ خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرىۋاتقان بولىشى تامامەن مۈمكىن .لىكىن خۇجىلارنىڭ ھەممىسىنى لەنەت تۇۋرىگىگە مىخلاش ئادىللىق ئەمەس .دىيارىمىزدا مانجۇ زۇلۇمىغا قارشى قوزغىلاڭلارنىڭ ھەممىسىگە دىگۈدەك خۇجىلارنىڭ ئەۋلادلىرى رەبەرلىك قىلغان .گەرچە قۇزغىلاڭلار مەۈلۇبىيەت بىلەن نەتىجىلىنىپ تۇرغان بولسىمۇ خەلقىمىزنىڭ زۇلۇمغا باش ئەگمەيدىغانلىغىنى مانجۇ ھۆكۈندارلىرىغا بىلدۈرۈپ تۇرغان .

موللا مۇسا سايرامى ھەزرەت دىيارىمىز تارىخ شەىسلىرىگە تولىمۇ لىللا باھا بەرگەن دەپ قارىدىم .

beliver يوللانغان ۋاقتى 2012-10-4 19:02:07

81- قەۋەتتىكى durakنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئەمدىكى تورداشلارنىڭ ئىزدىنىدىغىنى ، ئاپپاق خوجا ھاكىمىيىتى ۋاقتىدا ئۇلار جۇڭغارىيەگە يىلىغا زادى قانچىلىك باج- ئولپان تاپشۇرغان ؟



ئۇ يىلىغا نۇرغۇن قىز- يىگىت ئۇيغۇرلارنى جۇڭغارىيەگە قۇللۇققا تاپشۇرغانمۇ ؟ ئەگەر شۇنداق دىسىڭىز بۇنىڭ ئىسپاتى بارمۇ ؟ مەسىلەن نۇرغۇن قىز- يىگىت قۇللار ئەگەر جۇڭغارلارغا قۇللۇققا تۇتۇپ بېرىلگەن بولسا جۇڭغارلار ۋە ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىسىدا ئاز دىگەندە بىر شالغۇت كىشىلەر تۈركۈمى قېلىپ قالاتتى ، ھازىر مۇشۇنداق كىشىلەرنى تاپقىلى بولامدۇ ؟



ئۇيغۇرلارغا بۇ زىيان قانچىلىك ؟ ھەم قانچە ئۇزۇن داۋاملاشقان ؟ قاتارلىق مەسىلىلەر .



ئىنسان يارىلىشىدىن ئاجىز ، مۇتلەق پەرىشتىدەك ، ياكى مۇتلەق ئىبلىس كەبى ئەمەس ، بىراقلا يوققا چىقىرىش ۋەياكى بىراقلا سەجدە بىلەن چوقۇنۇش بۇ ئىنتايىن نادانلىقنىڭ ئىپادىسى ، شۇڭا ئۆز            تارىخىمىزنى ئادىللىق بىلەن ئىزدىنىپ كۆرەيلى .                                                                    قانچىلىك باج تاپشۇرغانلىقى مەلۇم ئەمەس،ئەمما بۈگۈنكى ئۇيغۇرلار شالغۇت كىشىلەر تۈركېمىگە كىرمەمدۇ؟ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدە ئەرەبگە ،خەنزۇغا ،ھەتتا ئورۇسقا ئوخشايدىغانلاربارغۇ؟

enwerjula يوللانغان ۋاقتى 2012-10-4 20:03:06

80- قەۋەتتىكى durakنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

تۆۋەندىكىسى بۇرۇن مۇشۇ تۈردىكى تېمىغا يازغان دەسلەپكى ئىزدىنىشلىرىمنىڭ بىر قىسمى ئىدى ، بۇنى بۇ يەردىكى « ئۇنى دىسە بۇنى دەيدىغان ، بۇنى دىسە ئۇنى دەيدىغان » كىچىك نادانچاق ئەزۋەيچىلەرگە ئەمەس ، مىلللىتىمىزنىڭ تارىخىغا ھەقىقىي قىزىقىدىغان ، مىللىتىمىزنىڭ ئۆتمۈشىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان ، تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشىش ئۈچۈن سۇنۇلدى :





ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۇ تېمىدا بولۇنغان بەزى بىرتەرەپلىمە قاراشلار ھەتتا تىل -ھاقارەتلەر مۆلچەرنىڭ دائىرىسىدە بولسىمۇ ، ئەمما خوجىلارغا نىسبەتەن ئۇيغۇردىكى ئۇلۇغ- ئۇششاقنىڭ ھەممىسى تىللايدىغانلىقى كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدۇ ، ئەلبەتتە تارىخ بىر ئىلىم ، ئىلمىي مەسىلىلەرگە سالاپەتلىكراق بولايلى ،





ئاپپاق خوجىنىڭ جۇڭغارىيە قوشۇنىنى باشلاپ كىرىش مەسىلىسىدە شۇ دەۋردىكى تارىخىي شارائىت بىلەن ، بولۇپمۇ دۇنيا تارىخىدىكى كۆچمەن مىللەتلەر قۇرغان ئىمپىرىيەنىڭ ئەڭ ئاخىرقىسى ھىساپلىنىدىغان جۇڭغارىيە ۋە چوڭ پۇرسەتپەرەس ، سىياسىي قارانىيەتچى ھىساپلىنىدىغان غالداننىڭ ئەمىلىي ئەھۋالى ھىساپقا ئېلىنىشى كېرەك ، كۆچمەن قەبىلىلەرنىڭ ئولتۇراق - بوستانلىق مىللەتلىرىنى تالان- تاراج قىلىشى بۇ بىر تارىخىي رېئاللىق ، قەشقەرىيەنىڭ جۇڭغارىيە تەرىپىدىن تالان- تاراج بولىشى تارىخنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئاپتوبۇسىغا ئۈلگۈرگەندەك بىر ئىش . غالدان سىياسىي جەھەتتە ھەتتا شۇ چاغدىكى چىڭ ئىمپىرىيەسىنىڭ ئىمپىراتورى كاڭشى بىلەن ئۈستۈنلۈك تالىشىپ يۈرگەن دەۋر ، ئەمدى ئاپپاق خوجىنىڭ غالداننىڭ قەشقەرىيەگە بېسىپ كىرىشىدە تۈرتكىلىك رول ئوينىدىمۇ ياكى قارا كەلكۈن ئەلپازىدىكى بەدىۋىي كۆچمەن قەۋمنىڭ تالان - تاراج قىلىشىدا ئاز بولسىمۇ بۇففېرلىق رول ئوينىدىمۇ ، بۇ تارىخشۇناسلارنىڭ يەنىمۇ ئىنچىكە تەتقىق قىلىشىغا تەئەللۇق ئىنچىكە مەسىلى .



تۆۋەندىكىسى شۇ دەۋرنىڭ تارىخىي قوليازمىلىرىدىن \" تەزكىرائىي خوجىگان\" دا ئاپپاق خوجىنىڭ ئوغلى ھەسەن خوجا توغۇرلۇق مەلۇماتلار ، خوجىلارغا باھا بېرىشتە ئازراق كونكىرىت پايدىلىنىش رولى بولىشى مۈمكىن :

ھەسەن خوجا 1688-يىلى تۇغۇلغان ، ئۇ ئاپپاق خوجا بىلەن خانىم پاشانىڭ 2- ئوغلى ئىدى . 1696-يىلى 8 يېشىدا قوۋمى بىلەن يەكەندىن يولغا چىقىپ قەشقەردىن ئۆتۈپ تاشقورغانغا بارغان ، سابىق خوجىنىڭكىدە 2ئاي تۇرۇپ ، يول خىراجىتى جەملەپ ، ھىندىستانغا قاراپ راۋان بولغان . ئۇلار يول ئۈستىدە بەدەخشاننىڭ بارخان دىگەن يېرىدە 3 يىل تۇرۇپ قالغان ، ئۇنىڭدىن كېيىن ھەسەن خوجىنى شۇ يەردە قالدۇرۇپ ، قالغانلىرى ھىندىستانغا بېرىپ ماكانلاشقان . ھەسەن خوجا بەرەق شەھرىدە سەئىد ئابدۇللا دىگەن كىشىدىن سوفىزىم ئەقىدىلىرىنى ئۈگىنىپ ، ئىستىقامەت قىلغان ، چوڭ بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ قىزىغا ئۆيلەنگەن ، ھەسەن خوجا بىلىمىنىڭ كەڭلىگى ، ۋە كارامەت كۆرسىتەلەيدىغانلىقى بىلەن ئالقىش ۋە ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان . ئۇ ھىندىستاندا بىر مەزگىل تۇرغاندىن كېيىن ، ھەج قىلىش ئۈچۈن مەككىگە يولغا چىقىپ ئوتتۇرا ئاسىياغا بارغان ، غەربىي ئاسىيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىنى ئايلىنىپ دىن تارقاتقان . دىيىلىشىچە ، ئۇ قەشقەرگە قايتىپ كېلىپ ، ئالاي، بوستانتېرەك قاتارلىق جايلاردا قىرغىزلار بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ ، جوڭغارلارغا قارشى جەڭ قىلغان ، ھەسەن خوجا ، يەنە دىيىلىشىچە ، ئۇ قەشقەر يېڭىسار ، يەكەن قاتارلىق جايلاردا ئاپپاق خوجىنىڭ بايرىغىنى قايتا تىكلەپ ، ئىسلام ھەقىقىتىنى قوغداشتىكى ئابرويىنى ئۆستۈرگەن . ( شۇڭا ئاقتاغلىقلارغا دائىر تەزكىرىلكەردە ھەسەن خوجا ئاپپاق خوجىدىن كېيىنكى يەنە بىر ئەۋلىيا ، بولۇپلا قالماي ، بەلكى شۆھرىتى ئەجدادىدىن ئېشىپ كەتكەن دەپ قارىلىدۇ .

ھەسەن خوجىنىڭ تاشمىلىق ، بەرەق ، ھىندىستان ، سەمەرقەند ، ھىسار قاتارلىق جايلاردا \" كارامەت \" كۆرسەتكەنلىكى ، ئىشانلىق قىلىپ مۇرىت ۋە شاگىرت قوبۇل قىلىپ ، سوفىزىم تەشكىلاتلىرىنى قۇرغانلىغى توغۇرسىدا نۇرغۇنلىغان ھىكايىلەر تارقالغان . ھەسەن خوجا يىراقتا قەدىمقى قۇرۇقلۇق يىپەك يولىنىڭ ئاخىرى ، تۈركىيەنىڭ ئىستانبول شەھرىگىچە بېرىپ دىن تارقاتقان ، ئۇ ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىنمۇ ئۇنىڭ شاگىرتلىرى تۈركىيەدە ئامما ئىچىدە كەڭ كۆلەمدە مۇرىت قوبۇل قىلغان . شاگىرتلىرى ئۇنىڭ جەسىدىنى ئات تېرىسىگە يۆگەپ يۇرتىغا ئېلىپ كەلگەن . بۇ چاغدا تارىخ قارا تاغلىقلار ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋرگە قەدەم قويغان ئىدى .



بۇ يۇقۇرىدىكى ھەسەن خوجا ، ئاپپاق خوجىنىڭ پەرزەنتى ھەققىدىكى ئۇچۇرلار ، خوجىلارنىڭ مۇرىتلىرى شۇ دەۋردىكى ئەجداتلىرىمىز \" ئەخمەق ، نادان \" ئۇيغۇر لار بولۇپلا قالماي ، ھىندىستانلىقلار ، سەمەرقەنتلىكلەر ، غەربىي ئاسىيالىقلار ھەتتا شۇ چاغدىكى ئەڭ كۈچلۈك دۆلەت تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئىستانبولدىمۇ نۇرغۇن ئىكەن ...





مۇنازىرە تارىخىي شەخس توغرىسىدا كېتىپ بارغان بولغاچقا ، مۇنازىرىدىكى مەقسىدىمىزنى ئامال بار شۇ دەۋرنىڭ تارىخىي چىنلىغى بىلەن يېقىنلىشىش قىلساق ، مېنىڭچە بىرتەرەپلىمىلىك خاھىشىدىن ساقلىنىپ تارىخىي مەسىلىلەرگە ئادىللىق بىلەن بازا بېرىش دەرىجىسىگە يېقىنلىشالايمىز .

ئاپپاق خوجا دىنىي غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن بىرقاتار ئىشلارنى قىلغان ،قەشقەرىيەگە ھۆكۈمرانلىق قىلىشىمۇ مۇشۇ دىنىي غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ بىر ۋاستىسى .

مەسىلە، غالدان 120مىڭ ئەسكىرى بىلەن قەشقەرىيەگە بېسىپ كىردى ۋە پادىشالىقنى ئېلىپ ئاپپاق خوجىنى ھاكىمىيەتكە تىكلىدى ، ئۇنى ھەريىلى جۇڭغارىيەگە ئولپان تاپشۇرىدىغان قىلدى . نوقۇل مۇشۇ ۋەقەلىكتىن تەھلىل قىلساق ، ئالدى بىلەن بۇنداق بىر پەرەزنى ئوتتۇرىغا قويىشىمىز كېرەك : شۇ دەۋردىكى تارىخىمىزدا ئاپپاق خوجا بولمىغان بولسا ، غالدان قەشقەرىيەگە بېسىپ كىرەتتىمۇ ؟ ئەگەر بېسىپ كىرسە قانداق پاجىەلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۈمكىن ؟ لېكىن بۇ تارىخىي ۋەقەلىككە ئاپپاق خوجا كىردى ، ئاپپاق خوجىنىڭ جۇڭغارىيە قوشۇنىنىڭ قەشقەرىيەگە بېسىپ كىرىشىدە شۇ چاغدىكى قەشقەرىيەگە نىسبەتەن سەلبىي رولى چوڭمۇ ئىجابىي رولى چوڭمۇ ؟ يەنى ئېچىنىشلىق زىيان چوڭمۇ ياكى ئاپپاق خوجا سەۋەپلىك بەدىۋىلەرنىڭ بوستان خەلقىگە ئېلىپ كېلىدىغان بالايى - ئاپىتى بۇرۇنقى ۋە باشقا تارىخىي ۋەقىلىكلەرگە قارىغاندا ئۇنچىلىك چوڭ پاجىەلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىغا ئاپپاق خوجا بۇففېرلىق رول ئوينىدىمۇ ؟



تارىخقا قاراپ باقايلى ، 1680- يىلى غالدان قەشقەرىيەگە بېسىپ كىرىشتىن بىر يىل بۇرۇن ، يەنى 1679-يىلى غالدان 40مىڭ ئەسكىرى بىلەن خانلىقنىڭ شەرقى قىسمى قۇمۇل ۋە تۇرپانلارنى بېسىۋالغان ۋە 6 شەھەر رايونىغا چىشىنى بىلەپ تۇرغان بىر ھالقىلىق پەيت .

مۇشۇ يەردە تارىخىمىزنىڭ باشقا بۆلەكلىرىگە كۆز يۈگۈرتۈپ باقايلى ، قاراخانىلارنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە قارا ***لاردىن كېيىن تارىختا نايمانلاردىن بولغان شاھزادە كۈچلۈك دىگەن بىر كىشى قاراخانىلار زىمىنىگە بېسىپ كىرگەن ، نايمانلار شۇ دەۋرنىڭ يايلاق مىللەتلىرىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان قوۋم بولۇپ نايمان سۆزى موڭغۇلچە 8 نى بىلدۈرىدۇ ، ئەمىلىيەتتىكى نامى سەككىز ئوغۇز - سەككىز ئۇيغۇر قەبىلىلەر ئىتتىپاقى بولۇپ ، ئۇيغۇر قەبىلىلىرى 840- يىلىدىكى كۆچۈشتە شىمالدا قېلىپ قالغان ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ بىر قىسمى ، نىستورىيان ( خىرىستىيان دىنىنىڭ بىر تۈرى ) دىنىغا ئېتىقات قىلغان ، تېرىسى ئاق ، كۆزى كۆك كەلگەن نىسبەتەن مەدىنىيەتلىك قوۋم . مانا مۇشۇ قېرىنداشلىرىمىز قارا خانىلار زىمىنىغا باستۇرۇپ كىرگەن چاغدا قانداق پاجىەلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ؟

بۇنىڭ مىساللىرىدىن بىرى ، كۈچلۈك خوتەن ، يەكەن ۋە قەشقەرلەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلىش جەريانىدا يەرلىك مىللەتلەرنى ئىسلام دىنىدىن ۋاز كېچىپ ، نېستورىيان دىنىغا ئېتىقاد قىلىشىقا زورلىغان . شۇنىڭ بىرگە يەنە ئىسلام دىنى ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسالامغا ھاقارەت كەلتۈرىدىغان گەپلەرنى قىلىپ ، ئەلائىددىن مۇھەممەد خوتەنى باشچىلىقىدىكى ئىسلام ئۆلىمالىرى بىلەن بەس-مۇنازىرىگە چۈشكەن . مۇنازىرىدە ئۇتتۇرۇپ قۇيغان كۈچلۈك ئاچچىقىغا پايلىماي 3000 نەپەر مۇسۇلمان ئالىمنى ۋەھشىيلەرچە قەتلى قىلغان ، ئەلائىددىن خوتەنى ھەزرەتلىرىنى مەسچىت دەرۋازىسىغا چاھار مىخ ( ئىككى پۇت ۋە قولىدىن مىخلاپ قويۇش ) بىلەن قېقىپ ئازاپلىغان .ئەللامە ئاستا-ئاستا قانسىراپ شېھىت بولغان ۋە ئاخىرقى تىنىقىغىچە ئېتىقادىدىن يانمىغان ، ئىسلامىي كىتاپلارنىڭ ھەممىنى كۆيدىرىۋەتكەن ، بۇ پەقەت مەدىنىيەت جەھەتتىكى كەلتۈرگەن پاجىەسى ھىساپلىنىدۇ .

چىڭگىزخاننىڭ غەرپكە يۈرۈشىدىن باشلانغان موڭغۇللارنىڭ ئىسلام دۇنياسىغا كەلتۈرگەن مىسلىسىز ، ئېچىنىشلىق ، ھالاك قىلىش خاراكتىرلىق ئىستىلالىرى ... مانا مۇشۇنداق مىساللار ، يايلاق مىللىتىنىڭ بوستانلىق مىللىتىگە كەلتۈرىدىغان پاجىەسى تارىختا مىساللىرى ئىنتايىن كۆپ ، ئەگەر غالدان تۆمۈر تاپان ئاتلىق ئەسكەرلىرى بىلەن بەرىبىر باستۇرۇپ كىرىدىغان قەشقەرىيەگە ھىچقانداق بىر كىشىنىڭ ۋاستىسىسىز مۇنقەرز قىلسا ئاقىۋەت قانداق بولاتتى ؟





ئەمدى يەنە بىر مەسىلە ، ئاپپاق خوجا - يولۋاس ( قەشقەر ھاكىمى ، ئابدۇللاخاننىڭ ئوغلى ) ئىتتىپاقلىق سېپىدە قارشى تۇرغان خان” ئابدۇللاخان “ قانداق خان ئىدى ؟

تارىخنامىلەرگە مۇراجەت قىلىپ باقايلى ،

تارىخىي ھىجرىيىنىڭ 1048- يىلى سۇلتان ئابدۇرىشىتخاننىڭ توققۇزىنچى ئوغلى ئابدۇللاخان بۆلۈنۈپ كەتكەن خانلىقلارنى بىرلەشتۈرۈپ، ئاتا- بوۋىسىغا ۋارىسلىق قىلىپ خانلىق تەختىدە ئولتۇرۇپ، 32 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئەمما ئۇ رەھىمسىز، زالىم، قانخور، گۇمانخور بىر ئادەم ئىدى. ئۇ ئىلگىرىكى خان- بەگلەرنىڭ ئەۋلادىدىن بولغان ئىشەنچلىك، ۋەتەنپەرۋەر ياخشى كىشىلەردىن گۇمان قىلىپ كۆپلىرىنى ئۆلتۈرۈپ، قالغانلىرىنى يۇرتتىن قوغلىۋەتتى. ئۆزىنىڭ ئىنىلىرىدىن بىرىنى ئۆلتۈرۈپ، قالغان ئىككى ئىنىسى ― ئىبراھىم سۇلتان ۋە ئىسمائىل سۇلتاننىمۇ قوغلىۋەتتى. ئۇ ھېچ كىشىگە ئىشەنمىدى. ھەتتا ئۆز پەرزەنتلىرىگىمۇ ئىشەنمىدى. بالىلىرىمۇ دادىسىدىن خاتىرجەم بولالمىدى. ئاقىۋەت ئۆز تەۋەلىكىدىكى يۇرتلارغا قىرغىزلارنى ھاكىم قىلدى. قەشقەرگە قويسارى بەگنى، ئاقسۇغا ئولجاتاي بەگنى، ئۈچتۇرپانغا ئالتىقۇرتقا بەگنى ھاكىم قىلىپ ھاكىمىيەتنىڭ تولىسىنى قىرغىزلارغا تۇتقۇزدى. شۇنداقتىمۇ يەنە قىرغىزلاردىن، يۇرت خەلقىدىن خاتىرجەم بولالماي گۇمانخورلۇق بىلەن تولا ئادەم ئۆلتۈرۈپ ناھەق قان تۆكتى. ئاخىر ئارام ئالالماي ھىجرىيىنىڭ 1080- يىلى ئورنىغا ئوغلى يولۋاسخاننى ئولتۇرغۇزۇپ قويۇپ، ئۆزى «مەككىگە بېرىپ ھەج قىلىپ كېلىمەن» دەپ خوشلىشىپ يولغا چىقتى.

يولۋاسخان تەختكە چىققاندىن كېيىن ئىتتىپاقدىشى ، يەنى يولۋاسخاننىڭ ئۇستازى ئاپپاق خوجا خانلىقنىڭ تارىخ سەھنىسىگە چىقىشقا باشلىغان ئىدى . يولۋاسخاندىن كېيىن ئىسمائىلخاننىڭ تەختكە چىقىشى ۋە قارا تاغلىقلار بىلەن بىرلىشىپ ئاپپاق خوجىنى قوغلىغانلىق تارىخىي بايانلار يۇقۇرىدىكى ئىنكاستا دىيىلىپ ئۆتتى .

جۇڭغارىيە ئىستىلاسى غالدان ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلار : 1696-يىلى جۇڭغارلارنىڭ خانى غالدان زەھەر ئىچىپ ئۆزىنى ئۆلتىرىۋالدى . ئۇنىڭ ئورنىغا چىۋان ئاراپتان ۋارىسلىق قىلدى . قەشقەرىيەكلىكلەر بۇ پۇرسەتتىن پايدىلنىپ جۇڭغارلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلدى .

مىلادىنىڭ 1700-يىلى

چىۋان ئاراپتان لەشكەر تارتىپ كېلىپ ، قەشقەرىيەنى قايتا بويسۇندۇردى ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ھۆكىمرانلىق ھوقۇقى ئاق تاغلىقلار قولىدىن قارا تاغلىقلار قولىغا ئۆتتى . جۇڭغار خانى چىۋان ئاراپتان قارا تاغلىقلارنىڭ ئاقساقىلى دانىيال خوجىنى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ خانى قىلىپ تەيىنلەپ ، ھەر يىلى جۇڭغارلارغا ئون تۈمەن كۈمۈش پۇل ئولپان تاپشۇرۇشنى بەلگىلەپ ئىلىغا قايتىپ كەتتى .

مىلادىنىڭ 1755-يىلى چىڭ سۇلالىسى ھۆكىمىتى جۇڭغار خانلىقىنى يوقىتىپ ، ئۇنىڭ 70 نەچچە يىللىق ھۆكۈمرانلىقىغا خاتىمە بەردى .



دىمەك ، ئاپپاق خوجىنىڭ تارىختىكى ئوينىغان رولى توغۇرلۇق ۋەقەلىكلەر ئىنچىكە تەھلىل - تەتقىق قىلىنىپ خەلققە تارىخنىڭ ھەقىقى ماھىيىتى ئېچىپ بېرىلگەندە ، ناھەق ئۇۋال قىلىنغان بۇ تارىخىي شەخسنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى بىزگە ئاشكارە بولىشى مۈمكىن .



ھەممىنى بىلگۈچى بىزنىڭ ئىگىمىز قۇدرەتلىك ئاللاھتۇر !

تورداشلارنىڭ مۇشۇ تارىخنى بويلاپ ئىلمىي مۇنازىرە قىلىشىنى ئۈمىت قىلىمەن .



ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئۇيغۇر تارىخىغا ، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئىسلام تارىخىغا ئائىت مەسىلىلەرگە باھا بەرگەندە ئادىل پوزىتسىيەسىدە بولساق ، مەسىلىنىڭ ماھىيىتىگە يەتمەي تۇرۇپ ، خالىغانچە ھاقارەتلەپ ئۆزىمىزگە بىھۇدە گۇناھلارنى ئارتمىساق .

خانلىق بىلەن جۇڭغارىيە مەسىلىسىدە ، ئىسمائىلخاننىڭ ھىماتچىسى چېچېنخان غالدان تەرىپىدىن مىلادى 1677- مەغلۇپ قىلىنغاندىن كېيىن مۇنبەت قەشقەرىيەنى قوشۇۋېلىش غالداننىڭ بىرقاتار سىياسىي ھەربىي پىلانلىرى ئىچىدە ئەڭ ئالدىنقى قاتارغا ئۆتتى دىيىشكە بولىدۇ ، تارىختىن بىلىمىزكى غالدان ھازىرقى روسىيە ، قازاقىستانلارغا تەۋە قىپچاق دالاسى ، ھەتتا ۋولگا دەرياسى بويىدىكى نوغايلارغىچە ئۆز تېررىتورىيەسىگە قوشۇۋالغان ، دۇنيا تارىخىدا كۆچمەن قوۋم قۇرغان يايلاق ئىمپىرىيەلىرىىنىڭ ئەڭ ئاخىرقىسى ھىساپلىنىدۇ ، قەشقەرىيە ئەلۋەتتە ئۇنىڭ ئارقا ھويلىسىغا جايلاشقان . ئۇ ئۆز دەۋرىدە چىڭ ئىمپىرىيەسى خانى كاڭشى بىلەن ئۈستۈنلۈك تالىشىپ تۇرىۋاتقان .



ئەسلى نۇسخىسى پارىسچە ، كېيىن خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنغاان شۇ دەۋرگە ئائىت تارىخىي قوليازما \" چوڭ خوجا تەزكىرىسى \" دىگەن كىتاپتا ، تىبەت تەرەپتىن ( تارىخچىلاردا دالاي ياكى دىبزەنگى گاسو تەرىپىدىن ئەۋەتىلگىنى تالاش- تارتىشتا ، ) ئاپپاق خوجاغا بېرىلگەن ، غالدانغا ئەۋەتىلگەن مەكتۇپنىڭ مەزمۇنى مۇنداق يېزىلغان:

\" ئاپپاق خوجا ناھايىتى ئۇلۇغ شەخس ئىكەن ، ئۇنىڭ يۇرتى ياركەنت ۋە قەشقەر بولۇپ شۇ يەدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ داھىسى ئىكەن ، سەن ئۆزۇڭ لەشكەر باشلاپ بېرىپ ، زالىم پادىشانىڭ قولىدىن ئاشۇ شەھەرلەرنى قايتۇرۇپ ئېلىپ ئافاق خوجانى پادىشالىق تەختكە ئولتۇرغۇزغاندىن كېيىن ،ئۆزۈڭ ئەسلى جايىڭغا قايتىپ كەتكەيسەن \" ،

لېكىن غالدان دەسلەپكى بۇيرۇقنى ئورۇندىغانيۇ ، مەكتۇپنىڭ كېيىنكى مەزمۇنىغا زىت ، خانلىقنى ئولپان تۆلەيدىغان قىلىپ ئۆزىنىڭ دەھرىلىككە قايتقاندىن كېيىنكى ھەربى پىلانىنىڭ بىر قىسمى قىلغان .

ئولپان تاپشۇرۇش مەسىلىسىدە ئەلبەتتە ئىسمائىلخانمۇ ھىماتچىسى چېچېنخانلارغا تاپشۇرغان ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا چىڭ ئىمپىرىيىسىگىمۇ ئولپان تاپشۇرغان ئىدى .



1622-يىلى دادىسى ئالەمدىن ئۆتكەندە ئاپاق خوجا 18 ياشقا كىرگەن ۋە قۇمۇل ، تۇرپانلارغا سەرگەردان بولغان ، كېيىن لەنجۇ ۋە سالالار شەھرىگە بارغان ، 1638- يىلى ئابدۇلەتىف خاننىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن قەشقەرگە قايتىدۇ ۋە 20 نەچچى يىل مىڭبىر جاپا بىلەن 6 شەھەر رايونىدا \" ئىشقىيە \" نىڭ تارماق سۈلۈكىنى شەكىللەندۈرىدۇ ، ئۇ يەركەنت خانىنىڭ ئوغلى، قەشقەر ھاكىمى يولۋاس بىلەن ئىتتىپاق تۈزىدۇ ، 1662-يىلى ئۇ خانلىقنىڭ چىڭ ئوردىسىغا ئەلچى ئەۋەتىپ ئولپان تاپشۇرىشىغا قارشى تۇرۇشقا باشلايدۇ ۋە 1669-يىلى ئابدۇللا خان مەككىگە ھەجگە بېرىشكە يولغا چىقىپ ، خانلىقنى يولۋاسخانغا ئۆتىنىپ بېرىدۇ . 1670-يىلى يولۋاسخان ئالەمدىن ئۆتىدۇ ، ئىنىسى ئىسمائىلخان ئىسھاقىيە مۇرىتلىرىنىڭ يۆلىشى بىلەن تەختكە ئولتۇرىدۇ ، ئاپپاق خوجىنى قەشقەرىيەدىن قوغلايدۇ . ئاپاق خوجا ئوتتۇرا ئاسىيا ، كەشمىر ، تەڭرىتاغنىڭ شىمالى ئارقىلىق گەنسۇ ، نىڭشا ، چىڭخەي قاتارلىق جايلارغا بېرىپ ( 1671-1673-يىللىرى ) سوفىزىم تەشكىلاتلىرىنى قۇرىدۇ . \" ئاپپاق خوجا تەزكىرىسى \" دىگەن كىتاپتا ، \" ھازىر سالالارنىڭ ھەممىسى مۇسۇلمان ، ئۇ سالالار شەھرىدە 6 ئاي تۇرۇپ، خانىقالارنى ياساتقۇزۇپ ، دىننى تەرغىپ قىلدى . سالالارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا قايىللىق ۋە ھۆرمەت بىلدۈرۈپ ، ئۇنىڭغا ئەگەشتى . بەزى كىشىلەر تەرىقەت يولى ئارقىلىق ئاللاھقا يېقىنلىشىپ ، يۇقۇرى ماقاملارغا يەتتى ، يەنە بىر قىسىم كىشىلەر بەگ بولدى ، 6 ئاي تۇرغاندىن كېيىن ئۇ ئۆزىگە ۋاكالەت خەلپە تەيىنلىدى ، بۇ كىشىنىڭ ئىسمى ۋىقايەتۇللاھ ئاخۇن بولۇپ لەقىمى ئالتۇنباش ئاخۇن \" . كېيىن بۇ كىشى تىبەتكە بارغان .



شۇنىڭغا دىققەت قىلىشىمىز كېرەككى ، ئاپپاق غوجىنىڭ جۇڭغارىيەگە مەكتۇپ كۆتۈرۈپ بارغىنى ئۆز قەلبىدىمۇ بىر قەۋەت ھەسرەتلىك داغ قالدۇرغان .

\" چوڭ خوجا تەزكىرىسى\" دە مۇنداق يېزىلغان ،

ئۇ ئۆز پەرزەنتىگە مۇنداق دىگەن ئىدى :\"جانابى ئاللاھنىڭ ئالدىدا ۋىجدانىم ئازاپلىنىدۇ ، ھازىر مەن باشقۇرىۋاتقان بۇ شەھەرلەر كاپىرلارنىڭ ياردىمىدە ئەمەلگە ئاشتى ، بۇ ئىشلار ئۆتۈپ كەتتى ، لېكىن بۇ مېنىڭ ھاياتىمدىكى ۋىجدانىمنى ئازاپلايدىغان ئىش...\"



ئاپپاق خوجانىڭ ئۆز دەۋرىدە كىتاپ كۆيدىرىش مەسىلىسىگە كەلسەك ، بۇ كىشىنىڭ ئەجدادى ، بوۋىسى مەخدۇم ئەزەم زامانىسىنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ ئالىم- پەيلاسوپىدىن بولغان بىلىملىك كىشى بولغان ، ھاياتىدا 130نەچچى پارچە چوڭ ھەجىملىك كىتاپ يازغان ئىكەن ، ئاپپاق خوجىنىڭ بۇ تۈردىكى كىتاپلارنى كۆيدۈرىشى ئەقىلگە ئانچە سىغمايدۇ ، لېكىن \" چوڭ خوجا تەزكىرىسى\" دىگەن قوليازمىدا ئاپپاق خوجىنىڭ شۇ دەۋردە ياركەنت ، قەشقەرلەردە ياشايدىغان مەلۇم سالماقنى ئىگەللەيدىغان مانى ،نىستورىيان دىنىدىكىلەر بىلەن بولغان مۇنازىرىلىرى ئىنتايىن قىزىقارلىق يوسۇندا تەسۋىرلەنگەن ، تەتقىقاتلارغا قارىغاندا ئۇيغۇرلار ئارىسىدا مانىي دىنى 19- ئەسىرلەرگىچە مەۋجۇت بولۇپ نۇرغۇن ئىشىنىدىغان مۇرىتلىرى بولغان . مانى دىنى خىرىستىيان دىنىغا ئوخشاپ كېتىدىغان ، قەدىمىي ئۇيغۇرلار ئىشەنگەن بىر دىن ، ئۇنىڭدىن باشقا شۇ دەۋردە 4 چوڭ قەدىمى دۆلەتنىڭ بىرى ھىساپلىنىدىغان ھىندىستان خوشنىسىدىنمۇ نۇرغۇن ۋە ھەرخىل ئېقىمدىكى ئىسلامغا زىت بىدئەتلىكنى تەرغىپ قىلىدىغان كىتاپلارنىڭ بولىشى تەبىىى ...



تارىخنىڭ قېتىغا نۇرغۇنلىغان سىرلار يوشۇرۇنغان ، قىزىقساق ئىزدىنىپ كۆرسەك ، قىزىقمىساق باشقا نەرسە ئۈگەنسەكمۇ بولىدۇ ، بىھۇدە ، ئالاھىتەن تىللاپ ئەخمەقلىق قىلمايلى ، تارىختا مۇشۇ ئۆلچەم بىلەن ئەجداتلىرىمىزنى تىللايدىغان بولساق ، پەقەت 24 سائەت مەخسۇس ئولتۇرۇپ ئادەم تىللاش ئۈچۈنلا بۇ قىسقىغىنە ئۆمرىمىز يېتىشمەسلىگى مۈمكىن .


ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ


قېنى، ئادىل گەپ قىلىپ باقايلى، بۇ يەردە تېخى ھېچكىم كۆك تومۇرلىرىنى كۆپجىتىپ ئادەم تىللايدىغان ئىش يۈز بەرمىدى. ئۇششۇقلۇق قىلمايلى دۆرەك ئەپەندى! قىزىل بوياپ قويغان گېپىڭىزدەك سېسىق گەپ قىلىۋالىمەن دېسىڭىز، تىللاش باشلىنىشى مۈمكىن.


ئۇنداق بولسا ماۋۇ سۇئالغا جاۋاپ بېرىڭ:


ئاپئاق خوجا، ھەسەن خوجا دېگەندەك سوپىلارنىڭ مۆجىزە چۈشۈرۈلگەن پەيغەمبەرلەر كەبى كارامەتلىرى بولسا ئەجەپ شۇ دالاي لامانى ھەيران قالدۇرغان كارامەتلىرى بىلەن مۇراد -مەقسەتلىرىنى بىۋاستە ئىشقا ئاشۇرماپتىكەن-يا؟ ھازىر كىشىلەر «مىڭ بىر كېچە چۆچەكلىرى» بىلەن جىنيۇڭنىڭ چامباشچىلىق رومانلىرى»نى پەقەت توقۇلما، رىۋايەت دەپلا چۈشىنىدۇ. ئۇنداق نەرسىلەرگە ئىشىنىپ يۈرمەيدۇ. سىلىنىڭ ئاپئاق خوجا بوۋىلىرىنى قايتا تىكلەش غەرەزلىرى ئوڭلۇق بولسا بىزگە رىۋايەت ئوقۇپ بەرمەي تەبىئىەت قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ماتىرىيال بىلەن تەمىن ئەتسىلە. «ئۇنداق كارامىتى بار ئىدىيەي، بۇنداق كارامىتى بار ئىدى-يەي، ئۆلكۈنى تىرىلدۈرەلەيتتىيەي» دېگەن بۇنداق پىسپاس ئاساسلار تارىخ تەتقىقاتى ئۈچۈن ماتىرىيال بولالمايدۇ. ئەكسىچە، ئېغىر لوگىكىسىزلىق يۈز بېرىپ شۇ تارىخنىڭ ساختىلىقىغا يۈزدە-يۈز ئىسپات بولۇپ قالىدۇ.


ئۇنداق تەبىئەتتىن ھالقىغان كارامىتى بار ئادەم لالما ئىتتەك نەمۇ-نە سوكۇلداپ يۈرمەيدۇ. شۇ چاغدا كۆتىگە تەپكەن يەكەن خانلىرىنى ئەجەپ بىر سۈپلەپلا قاتۇرۇپ قويۇپ تەختنى تارتىۋالماي دالاي لاماغا دوڭغىيىپ، غالداننى باشلاپ كېلىپ ئۇيغۇرنىڭ كاللىسىدىن مۇنار تاغ ياسىتىپتىكەن-يا ئۇ بوۋىلىرى؟ بۇ قانداق ئەقىلغە سىغىدۇ؟ بۇمۇ سىز سوپىلارنىڭ شېئىرى مەنتىقىسىمۇ-يا؟


بىزگە ھېيتگاھ ئالدىدىكى جا قوليازما، جا ئاسارە-ئەتىقە ياساپ ساتىدىغان يايماپۇرۇشلارنىڭ بىرنېمىلىرى بىلەن ئالدىماي رەسمىي، ئىناۋەتلىك ئىسپات بىلەن تەمىن ئەتسىلە. مۇشۇ چاغدىلا ئاندىن ئىش ئادىل بولىدۇ-دە، تارىخ نامايەن بولىدۇ.

enwerjula يوللانغان ۋاقتى 2012-10-4 20:12:48

ئا يېڭى ئاپئاق غوجىنىڭ گەپلىرىمۇ قىزىقكەن. ئۇيغۇرلاردا پەقەت ئاپئاق خوجا بىلەن بەدۆلەت ياقۇپبەگلا ئىسلام دۆلىتى قۇرۇپتىمىش. سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان قۇرغان قاراخانىلار سۇلالىسى، قۇچۇ سۇلالىسى، سەئىدىيە خانلىقى نېمىگە ھېساپ ئەمىسە؟

ئادەم كولدۇرلاتمايلى بۇرادەرلەر...

alparabi يوللانغان ۋاقتى 2012-10-4 20:47:50

يېڭى ئاپپاق غوجىنىڭ پاكىتلىرىنى ئاڭلاپ باققىم بار

elcibei يوللانغان ۋاقتى 2012-10-4 21:46:03

ئىلىم بۇلىقىدىكى ئابىھايات بىلەن مېڭىسىدىكى بىلىم مېۋىلىرىنى سۇغۇرۇپ، شىرنىلىرى كاللىسىغا پاتماي قۇلاقلىرىدىن ئېقىپ چىقىپ كېتەي دەۋاتقان دۇراك ئەپەدىنىڭ سۆزىگە قارىغاندا «ئىسلام ئېچىش» ئۈچۈن ھەرقانداق مۇناپىقلىقنى قىلىشقا بولىدۇ ھەتتا ۋەتىنىنى سېتىشقىمۇ بولىدۇ. «ماشائاللا»دېيشكە ئەرزىيدۇ...

ئاپپاق خوجىغا ئوخشاش «كەشپيۇ كارامەتلىرى» بىلەن ھەممىنىڭ «ئەقلىنى لال قىلغان» بۇنداق «زاتنىڭ» غالدانغا ئوخشاغ مۇشرىكنىڭ «خالىسانە ياردەم بىلەن تەختىنى سويۇپ ئېلىپ ھىچقانداق شەرت قويمىغان ئەھۋال ئاستىدا يۇرتىغا قايتىپ كېتىدىغانلىقىغا ئىشىنىشى ئۇچىغا چىققان دۆتلۈكتۇر (ئەگەر راست بولسا.....)، ياكى بولمىسا .......... دۇر (دۇنيادىكى ئەڭ ئەپسانى گەپلەر ھىدايەتۇللا خوجا ئىشان پىرىمغا مەنسۇپ بولسۇن)

ئۆتكەندە داغىستاندىكى شەزالى ۋە نەقشبەندى تەرىقىتىنىڭ شەيخى سەئىد ئەپەندى دېگەن سوپىنىڭ سەلەفى ئېقىمىدىكىلەر تەرىپىدىن ئۆز ئۆيىدە پارتىلىتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىگە ئائىت خەۋەرنى كۆرگەن ئىدىم

ئاپپاقنىڭ ۋاقتىدا سەلەفىلەر تازا دورىكەنتۇق دەپ قالىمەن........

Tohtam___su يوللانغان ۋاقتى 2012-10-5 01:05:14

ئاپپاق خوجىنىڭ تىبەت سەپىرى ، غالداننىڭ قولى ئارقىلىق ھاكىمىيەتنى تارتىۋىلىشى قاتارلىق ۋەقەلەرنى چۈشەندۈرگەنلەر «ئاپپاق خوجا تىبەتتە ئىكىسكۇرسىيەدە بولىۋاتقاندا دالايغا ھاۋالە قىلغان شۇنىڭ بىلەن دالاي بۇ ۋەزىپىنى غالدانغا ئورۇنلاشتۇرغان؛ئاپپاق خوجا غالدانغا ئولپان تاپشۇرمىغان،بەلكى ئىئانە قىلغان» دىگەندەك «ئىچىلمىغان»تارىخلارنىمۇ قوشۇپلا سۆزلەڭلار...... \"\"

ھەرقانچە قىلىپمۇ مۇشۇ كىشىنىڭ قالماقلارنىڭ كۈچى ئارقىلىق تەخت تارتىۋىلىشىنى ئاقلىغۇدەك مۇۋاپىق باھانىسىنى تاپالمىدىم.قارىغاندا كاللام «يۇيۇلۇپ» كەتكەن ئوخشايدۇ \"\"

durak يوللانغان ۋاقتى 2012-10-5 08:10:06

enwerjula ئەپەندى، باشتا ئېيتىپ ئۆتتۈم ، « تۆۋەندىكىسى بۇرۇن مۇشۇ تۈردىكى تېمىغا يازغان دەسلەپكى ئىزدىنىشلىرىمنىڭ بىر قىسمى ئىدى ، بۇنى بۇ يەردىكى « ئۇنى دىسە بۇنى دەيدىغان ، بۇنى دىسە ئۇنى دەيدىغان » كىچىك نادانچاق ئەزۋەيچىلەرگە ئەمەس ، مىلللىتىمىزنىڭ تارىخىغا ھەقىقىي قىزىقىدىغان ، مىللىتىمىزنىڭ ئۆتمۈشىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان ، تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشىش ئۈچۈن سۇنۇلدى » ، قىزىقمىسىڭىز بۇ ئىنكاسنى كۆرمەي ئەگىپ ئۆتۈپ كەتسەڭ بولاتتى ، لېكىن خۇدۇگىڭىز بىلەن ئۆزەڭنى نادانچاقلارنى تەرتىبىگە كىرگۈزۈپسىز ، بۇنىڭغا مەن باھا بېرىشكە ئاجىز .



يۇقۇرىدىكى ئىنكاسىمدا قايسى كىتاپتىن ، قايسى يازمىلاردىن ئېلىنغان مەلۇماتلار ئىكەنلىگى ۋە دالاينىڭ ئاپپاق خوجىغا بەرگەن باھاسى ئېنىق يېزىلغان ، ئەپسۇس ئەلپازىڭىزدىن سىز بۇ ئىنكاسنى ئوقىغاندەك ئەمەس . يۇقۇرىدىكى مەلۇماتلارنى شۇ دەۋرنىڭ تارىخىي كىتاپلىرىنى كۆرگەندىن كېيىن شۇ مەلۇماتلارنى بۇ يەرگە يازدىم ، قېنى ، بىر جۈملە كۆرگەن كىتاۋىڭىزدىن نەقىل كەلتۈرۈڭ ، مەيلى روماندىن ئېلىنغان بولسىمۇ مەيلى ، ئاندىن مۇنازىرىلىشەيلى .



ئاپپاى خوجىنى ئاقلاش ياكى قارىلاش مەن ئۈچۈن مەخسۇس تەتقىقات تېمىسى ئەمەس ، ماڭا بېرىلگەن ۋەزىپىمۇ ئەمەس ، لېكىن مەن مىللىتىمىنىڭ تارىخىغا قىزىقىمەن ، مۇشۇ قىزىقىشىم ئەتراپىدا ئىزدىنىۋاتقىلى تالاي يىللار بولدى ، كېيىن ئاپپاق خوجىنىڭ ئەھۋالىغا ۋە ھازىرقى تەشۋىقاتلارنىڭ ئەھۋالىغا ئالاھىدە قىزىقتىم ، تارىخنىڭ ھەقىقىتىنى بىلىپ بېقىش مەندىكى ئاداققى قىزىقىش .



قېنى ، قولغا چىققىدەك مەلۇمات - ئۇچۇر بىلەن مۇنازىرىگە قاتنىشىپ باقايلى .



يىللار ئىلگىرى ئامالسىزلىقتىن بىر سورۇنغا داخىل بولۇپ قالدىم ، ئۆزىنى زىيالى ساناپ يۈرگەن ، بېيجىڭ پىداگوكىكا ئۇنۋېرسىتىنى پۈتتۈرگەن بىرى « ئاللاھ مەۋجۇت بولسا نىمىشقا ھازىرلا پەلەستىنلىكلەرگە ياردەم قىلمايدۇ » دىگەندەك ئۆتە كالاڭپاي بىر گەپنى تاشلىغىنىغا ھەيرانۇ- ھەس قالغان ئىدىم ، ئىنكاسىڭىزدىن بۇ ھەيرانلىق يەنە بىر قېتىم يادىمغا كېلىۋاتىدۇ ...

qassap يوللانغان ۋاقتى 2012-10-5 09:14:07

ئاپپاق غوجامنى سىياسى جەھەتتە ئازراق خاتالىشىپ كەتكەندەك ھىس قىلدىم. \"\"

enwerjula يوللانغان ۋاقتى 2012-10-5 09:39:48


95- قەۋەتتىكى durakنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

enwerjula ئەپەندى، باشتا ئېيتىپ ئۆتتۈم ، « تۆۋەندىكىسى بۇرۇن مۇشۇ تۈردىكى تېمىغا يازغان دەسلەپكى ئىزدىنىشلىرىمنىڭ بىر قىسمى ئىدى ، بۇنى بۇ يەردىكى « ئۇنى دىسە بۇنى دەيدىغان ، بۇنى دىسە ئۇنى دەيدىغان » كىچىك نادانچاق ئەزۋەيچىلەرگە ئەمەس ، مىلللىتىمىزنىڭ تارىخىغا ھەقىقىي قىزىقىدىغان ، مىللىتىمىزنىڭ ئۆتمۈشىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان ، تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشىش ئۈچۈن سۇنۇلدى » ، قىزىقمىسىڭىز بۇ ئىنكاسنى كۆرمەي ئەگىپ ئۆتۈپ كەتسەڭ بولاتتى ، لېكىن خۇدۇگىڭىز بىلەن ئۆزەڭنى نادانچاقلارنى تەرتىبىگە كىرگۈزۈپسىز ، بۇنىڭغا مەن باھا بېرىشكە ئاجىز .



يۇقۇرىدىكى ئىنكاسىمدا قايسى كىتاپتىن ، قايسى يازمىلاردىن ئېلىنغان مەلۇماتلار ئىكەنلىگى ۋە دالاينىڭ ئاپپاق خوجىغا بەرگەن باھاسى ئېنىق يېزىلغان ، ئەپسۇس ئەلپازىڭىزدىن سىز بۇ ئىنكاسنى ئوقىغاندەك ئەمەس . يۇقۇرىدىكى مەلۇماتلارنى شۇ دەۋرنىڭ تارىخىي كىتاپلىرىنى كۆرگەندىن كېيىن شۇ مەلۇماتلارنى بۇ يەرگە يازدىم ، قېنى ، بىر جۈملە كۆرگەن كىتاۋىڭىزدىن نەقىل كەلتۈرۈڭ ، مەيلى روماندىن ئېلىنغان بولسىمۇ مەيلى ، ئاندىن مۇنازىرىلىشەيلى .



ئاپپاى خوجىنى ئاقلاش ياكى قارىلاش مەن ئۈچۈن مەخسۇس تەتقىقات تېمىسى ئەمەس ، ماڭا بېرىلگەن ۋەزىپىمۇ ئەمەس ، لېكىن مەن مىللىتىمىنىڭ تارىخىغا قىزىقىمەن ، مۇشۇ قىزىقىشىم ئەتراپىدا ئىزدىنىۋاتقىلى تالاي يىللار بولدى ، كېيىن ئاپپاق خوجىنىڭ ئەھۋالىغا ۋە ھازىرقى تەشۋىقاتلارنىڭ ئەھۋالىغا ئالاھىدە قىزىقتىم ، تارىخنىڭ ھەقىقىتىنى بىلىپ بېقىش مەندىكى ئاداققى قىزىقىش .



قېنى ، قولغا چىققىدەك مەلۇمات - ئۇچۇر بىلەن مۇنازىرىگە قاتنىشىپ باقايلى .



يىللار ئىلگىرى ئامالسىزلىقتىن بىر سورۇنغا داخىل بولۇپ قالدىم ، ئۆزىنى زىيالى ساناپ يۈرگەن ، بېيجىڭ پىداگوكىكا ئۇنۋېرسىتىنى پۈتتۈرگەن بىرى « ئاللاھ مەۋجۇت بولسا نىمىشقا ھازىرلا پەلەستىنلىكلەرگە ياردەم قىلمايدۇ » دىگەندەك ئۆتە كالاڭپاي بىر گەپنى تاشلىغىنىغا ھەيرانۇ- ھەس قالغان ئىدىم ، ئىنكاسىڭىزدىن بۇ ھەيرانلىق يەنە بىر قېتىم يادىمغا كېلىۋاتىدۇ ...


ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ


دورەك بورادەر، ئاپئاق خوجا توغرىسىدا، چوڭ-كىچىك خوجىلار توپىلىڭى توغرىسىدا، بەدۆلەت توغرىسىدا موللا مۇسا سايرامى يازغان، سەيپىدىن ئەزىزى يازغان، كروپاتكىن يازغان، ئەبەيدۇللا ئىبراھىم موللامۇسا سايرامىنىڭ «تارىخىي ھەمىدى» دېگەن كىتاۋىدىن ئوبدان پايدىلىنىپ «داغ» رومانىنى يازغان، ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخچىلىرىنىڭ كىتاپلىرىدىن كۆچۈرۈپ دېگەندەك ئابدۇۋەلى ئەلى نەچچە توم تارىخىي رومانلارنى يازغان، نىزامىدىن ھۈسەيىن ماقالە يازغان، رەھمەتلىك غەيرى تەتقىقاتچى قەقىنۇسكام مەشرەپ بىلەن ئاپئاق خوجا بىر ئادەم، دېگەندەك ماقالىلەرنىمۇ يازغان. مۇشۇ نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى بىر قۇر ئوقۇپتىكەنمەن، ئۇندىن باشقا يەنە جىق ماتىرىيال كۆردۈم، لېكىن قولۇمدىن كېلىدىغىنى سىلىدەك تارىخ تەتقىقاتچىلىرىنىڭ قولدىن چىقارغان يازمىلىرىنى ئوقۇش ۋە باھا بېرىشتۇر. مېنىڭ ۋە كۆپچىلىك تورداشلارنىڭ تەلەپ قىلىۋاتقىنى ئەقىلغە مۇۋاپىق تارىخىي پاكىتلاردۇر. تارىخقا نىسبەتەن مەندە قالغان يۈزەكىي تەسىرات موللا مۇسا سايرامى ۋە بەزى يۈزەكىي ماتىرىياللارنى ھېساپقا ئالمىغاندا بىزنىڭ تارىخچىلىرىمىز ياكى تارىخىي رومان يازىدىغان ئادەملىرىمىز رۇس ياكى ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخچىلىرىنىڭ ماتىرىياللىرىدىن كۆپرەك پايدىلىنىدۇ. شۇڭا ھەممىنى مېڭە يۇيۇش ھەرىكىتىگە دۆڭگەپ قويغىلىمۇ بولمايدۇ. شۇنداق بولغان تەقدىردىمۇ سىز ۋە باشقا تارىخنىڭ ئەينىنى تۇرغۇزۇش پىداكارلىرى مېڭە يۇيۇشنى مېڭە يۇيۇش مىتودى بىلەن ياپماسلىقى كېرەك دەپ قارايمەن.


تەلىيىڭلارنىڭ كاجلىقى تۈپەيلىدىن كىتاپ كۆيدۈرۈش ھەرىكىتىنى ئىجاد قىلغان ئاپئاق خوجا يېنىدا بىر راستچىل تارىخىي پۈتۈكچىنىمۇ بولسا ئېلىپ قالماپتىكەن. ئۇنىڭدىن قالغىنى ساپلا ئوردا يالاقچىلىرىنىڭ ھەددىدىن زىيادە خۇشامەتكە تولغان سۆزلىرى ئىكەن. ئۇيغۇرنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق ئەقىل-پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى بولغان كىتاپلارنى كۆيدۈرمىگەن، زىيالىيلىرىنى ئۆلتۈرمىگەن، ئۆزىمۇ تارىخ- رىسالە قالدۇرۇشقا ئىمكان قالدۇرغان بولسا بىزنىڭ تارىخىمىز ھازىرقىدەك ئۇ ياقتىن بىر جۈملە، بۇ ياقتىن بىر جۈملە تېرىپ ئەكىلىپ قۇراشتۇرىدىغان قۇراق تارىخ بولۇپ قالماس ئىدى.



بەت: 1 2 3 4 [5] 6 7 8 9 10 11
: ئاپپاق خوجىنىڭ «جاھان كېزىش» نامى بىلەن تىبەتكە قىلغان سەپىرى ھەققىدە