hezine يوللانغان ۋاقتى 2012-10-21 12:29:54

162- قەۋەتتىكى adiyatنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

1.ھازىر ئاپپاق غوجام ۋە سوپىلار ھەققىدە يىزىلغان ئەسەرلەردە پاكىت دەپ ئوتتۇرغا قويولغان

بايانلاردا ئېغىر مەسىلىلەر ساقلانغان.. غوجام ۋە سوپىلار سەلبىلەشتۈرۈلگەن ئەسەرلەرنىڭ ئۆزىگە

مەنبە قىلغىنى چىيەنلۇڭنىڭ ئوردا تارىخچىسى ۋە چاروسسىيەنىڭ جاسۇسلىرىرىنىڭ خاتىرىلىرى..

چىلەنلۇڭ بىلەن چاروسسىيەنىڭ غوجىلار بىلەن نىمە ئاداۋىتى بار؟ ..ئەمدى سىلەر تارىخى رەشىدى ۋە تارىخى

ئەمىنى دىگەن كىتاپلارنى ئوقوپ چىقىڭلار.

2. ئەھلى سۈننى ۋەلجەمائەسىگەتەۋە تەرىقەتچىلىك بىلەن سالاھىيەتلەنگەن ئوسمانلى خەلىپىلىگى

دۇنيادا ئادالەت يۈرگۈزگەندە ، شەرىئەتنى ئۆرۈش، ئوسمانلى خەلىپىلىگىنى ئاغدۇرۇش ئۈچۈن ئىنگىلىزلار

ئەرەب مىللەتچىلىرى بىلەن بىرلىشىپ قۇرئان ۋە ھەدىسلەرنىڭ راي ۋە ئوبىكتىنى بۇرمىلاپ ۋاھابىزىمنى

ئىجاد قىلدى ۋە ۋاھابىزىم ئىدىيەسنى ئۆلچەم قىلىپ خەلىپىلىكنىڭ ئەقىداتىنى كاپىرغا چىقاردى، ۋە خەلىپىلىك قوشۇنلىرىنى كۆرگەنلا يەردە قىرغىن قىلدى.

ھازىرقى نەزىر ھارام، مەۋلۇد بىدئەت دىگەن گەپلەر شۇلارنىڭ داۋامى ھىسابلىنىدۇ..

قەۋرە قاتۇرۇش مەسلىسىگە كەلسەك بۇ يەردىكى ئالىم ئۆلىمالارنىڭ قەۋرىسىنى قاتۇرۇپ ھىلال ئاي ۋە يۇلتۇز بەلگىسىنى چۈشۈرۈش بىلەن يەھۇدىلارنىڭ پەيغەمبەرلەر قەبرىسىنى ئىبادەتگاھ قىلىېۋىلىشى ئارسىدا قانچىلىك پەرىق بارلىقىنى غەرىزى دۇرۇس ،ئەقلى جايىدا ئادەم چۈشۈنەلەيدۇ..دىمەك مۇشۇنداق ئاددى بىر مەسىلىلەردە بۇنداق چوڭ خاپىلىق ئۇقۇشماسلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرۋاتقانلار جەزمەن ئەتىراپلىق تەربىلەنگەن كىشىلەردۇر..

كوچا كويلاردا ھاياجانلىنىپ بۇ پىتنىگە ئەگىشۋاتقانلار ئەقلى كەمتۈك كىشىلەردۇر، ياكى دىننى بىلىمى ئىنتايىن يۈزە بولغان كىشىلەردۇر...

خەلىپىلىكنىڭ ئاجىزلىشىشى- ئەرەبلەرنىڭ مىللەتچىلىك ئىسيانىدىن باشلىنىپ خەلىپىلىك ئۆرۈلگەن كۈندىن باشلاپ بىز ھەر جۈمەدە ئىھتىيات پىشىننى ئۆتەۋاتىمىز .. يۇرتىمىزدىكى ۋاھابىلار بىلەن بۇ ئىشتا تەگىشىپ قىلىشىمىزنىڭ سەۋەبى - ئۇلار خەلىپىلىك ئىشىدا ئىنگىلىزلارنىڭ رۇخسىتىنى ئالاممايدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتسا كىرەك( دىمەكچى بولغان گەپ جۈمە نامىزىنىڭ قوبول بولىشىنىڭ شەرتلىرى ئىچىدە خۇتبە مۇسۇلمان ئەمىرنىڭ نامىغا ئوقولىدۇ).. لىكىن بىر مۇسۇلماننىڭ خەلىپىكنى ئارزۇ قىلماسلىقىنى، ئىسلامىيەتنىڭ ئۈستۈنلىكى ۋە شەرىئەت قانۇنىنىڭ تۇرغۇزۇلىشىنى ئۈمۈد قىلماسلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ.ئىھتىيات پىشىن ھەر جۈمەدە بۇ ئىشلارنى ۋە خەلىپىلىكنىڭ قانداق ئۆرۈلۈپ كەتكەنلىكىنى ئىسىمىزغا سالىدۇ.

تەسەۋۋۇپقا چاپلانغان تۈرلۈك بوھتانلارغا ئوخشاش سەلەفى ئېقىمى توغرىسىدا توقۇلغان يالغان-ياۋىداق، ئۆسەك سۆزلەر سان-ساناقسىز. ئىككى تەرەپ قاچانكى  جاھىللىقنى تاشلاپ، بىر-بىرىنى ئاساسسىز پىتنە-پاسات بىلەن قارىلاشتىن توختىمىغۇچە بۇ جېدەل تۈگىمەيدۇ.

adiyat يوللانغان ۋاقتى 2012-10-22 11:01:49

مۇسۇلمانلار جەمىئاسى - تۆت ئىمام ۋەكىللىكىدىكى تۆت مەزھەپكە بۆلىنىدۇ. مۇشۇ مەزھەپلەرنىڭ بىرسىگە تەۋە مۇسۇلمانلارنىڭ تەقۋادارلىرى ،سالىھلىرى -سەلەفلەر دەپ

ئاتىلىدۇ. سەلەفى دەپ بىر ئايرىم ئېقىم مەۋجۇت ئەمەس. مىللەتچىلىك دەۋاسى بىلەن پەيدا بولغان دەسلەپكى ئېقىم -شىئەلەردۇر. بۇلارنى مۇسۇلمانلار قاتارىغا قىتىشنىڭ مەخسىتى - مۇسۇلمانلارنى ئۆز ئىچىدىن ئىتىپاقسىز كۆرسۈتۈش. ئىككىنجىسى ۋاھابىلاردۇر. بۇلارنى مۇسۇلمان قاتارىغا قىتىشنىڭ مەخسىتى مۇسۇلمانلارنىڭ ئەقىدىسىنى

ئىچكى جەھەتتىن ئاجىزلاشتۇرۇش، ئىتقادىدا چىچىلاڭغۇلۇق پەيدا قىلىش. مەزھەپسىزلىك ھەققىدە ھازىرچە گەپ قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق.

hezine يوللانغان ۋاقتى 2012-10-22 15:31:03

164- قەۋەتتىكى adiyatنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مۇسۇلمانلار جەمىئاسى - تۆت ئىمام ۋەكىللىكىدىكى تۆت مەزھەپكە بۆلىنىدۇ. مۇشۇ مەزھەپلەرنىڭ بىرسىگە تەۋە مۇسۇلمانلارنىڭ تەقۋادارلىرى ،سالىھلىرى -سەلەفلەر دەپ

ئاتىلىدۇ. سەلەفى دەپ بىر ئايرىم ئېقىم مەۋجۇت ئەمەس. مىللەتچىلىك دەۋاسى بىلەن پەيدا بولغان دەسلەپكى ئېقىم -شىئەلەردۇر. بۇلارنى مۇسۇلمانلار قاتارىغا قىتىشنىڭ مەخسىتى - مۇسۇلمانلارنى ئۆز ئىچىدىن ئىتىپاقسىز كۆرسۈتۈش. ئىككىنجىسى ۋاھابىلاردۇر. بۇلارنى مۇسۇلمان قاتارىغا قىتىشنىڭ مەخسىتى مۇسۇلمانلارنىڭ ئەقىدىسىنى

ئىچكى جەھەتتىن ئاجىزلاشتۇرۇش، ئىتقادىدا چىچىلاڭغۇلۇق پەيدا قىلىش. مەزھەپسىزلىك ھەققىدە ھازىرچە گەپ قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق.

مەن بۇ يەردە مەزھەپسىزلىك توغرىسىدا گەپ ئاچمىدىم، ئادىللىق توغرىسىدا گەپ قىلىۋاتىمەن.  

\"تەسەۋۋۇپ توغرىسىدا توقۇلغان يالغان-ياۋىداقلار كۆپ، بۇ ھەقتە ئىزدەنمەي تۇرۇپ قالايمىقان سۆزلىمەيلى\" دەپ تۇرۇپ، ئارقىدىنلا سەلەفىيچىلەرنى كوچىدا ئېقىپ يۈرگەن رىۋايەتلەر بىلەن قارىلىساق قوش ئۆلچەم قوللانغان بولۇپ قالىمىز. ئەلۋەتتە، نەچچە يۈز يىل تەسەۋۋۇپ تەسىرى ئاستىدا ياشىغان بىزلەرگە بۇنداق ئاجايىپ-غاارايىب رىۋايەتلەرنى ئىشەندۈرۈش ئاسانغا توختايدۇ. لېكىن ياقتۇرمىغانلىقىمىز ئۈچۈنلا ئۇلارنى شىئەلەر بىلەن بىر ئورۇنغا قويۇش،  مۇسۇلمانلىق دائىرىسىدىن چىقىرىۋېتىش تولىمۇ تەنتەكلىكتۇر.

ئاتالغۇ مەسىلىسىگە كەلسەك، سەلەف-سالىھلار بىلەن سەلەفىيچىلىك ئوخشىمايدىغان ئىككى ئۇقۇم، مېنىڭ ئاۋۇ يەردە كۆزدە تۇتقىنىم سەلەفىيچىلەر.   يۈسۈف ئېستېس بىر نۇتقىدا:\"باشقىلارنى ۋاھابىي دەپ ئاتايدىغانلار بولسۇن، ياكى ئالاھىدە بىلىنىپ ئۆزىنى ۋاھابىي دەپ ئاتىۋالغانلار بولسۇن ئاللاھقا تۆۋبە  قىلىشى كېرەك، چۈنكى بۇنداق  ئاتىغانلىق ئاللاھنى نامى بىلەن(ئەلۋاھاب) ئويناشقانلىق\" دېگەن مەزمۇندا سۆزلىگەن. شۇندىن بېرى مەن ۋاھابىي ئاتالغۇسىنى ئىشلىتىپ باقمىدىم.

adiyat يوللانغان ۋاقتى 2012-10-22 18:39:42

ئۇ كىشى راسىت ئىيتىپتۇ .. لىكىن شۇنداق بىر نام بىلەن مەيدانغا كەلگەن بۇ كىشىلەرنىڭ قولىدا تاكامۇللۇق جەھەتتە كومونىزىمدىن قىلىشمايدىغان سىستىمىلاشقان بىر ئىدىيە بار. بۇ دەل ۋاھابىزىمدۇر. بۇ ئىدىيەنىڭ مەزكىزى ھالقىلىرىدا ئەكىس ئەتكىنى مەزھەپ باشلىرى ۋە جۇمھۇر ئالىملارغا قارىتا ھۆرمەتسىزلىك، مۇسۇلمانلار ئەقىسىگە

ئەدەبسىزلىك . ئىنچىكىلەپ كۈزىتىش ئارقىلىق بۇ كىشىلەردە مۇسۇلمانغا خاس بولمىغان ئەدەپسىزلىكنى ۋە بەدنىيەتنى بايقىدۇق. ئاندىن ئۇلارنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدە ئىزدەندۇق.پۈتۈن ئۇيغۇرنىڭ ‹كاپىر› بولغىنى ئاز دەپ ھەنبەل مەزھىپىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭمۇ ئۆز يۇرتلىرىدا (سەئۇدى ئەرەبىستاندا ) شۇ كىشىلەر تەرىپىدىن چەتكە قىقىلغانلىقىنى ، بەزى ئالىملارنىڭ قوغلاپ چىقىرىلغانلىقىنى ئاڭلىدۇق.شۇ سەۋەبلەر تۈپەيلى بۇ كىشىلەرنى مۇسۇلمان دەپ قاراشنى يىلاننى قوينىدا ساقلاش بىلەن باراۋەر دەپ ئويلايمىز.

hezine يوللانغان ۋاقتى 2012-10-22 19:38:54

166- قەۋەتتىكى adiyatنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

توغرا دەيسىز، ئۇلاردا ھەقىقەتەن ئاشۇرۋېتىش، جاھىللىق مەۋجۇت، لېكىن مەن بىرەر نوپۇزلۇق ئالىمنىڭ ئۇلارنى مۇسۇلمان دائىرىسىدىن چىقىرىۋەتكىنىنى ئاڭلاپ باقمىدىم. ئۇلار ھەققىدە سۆز-چۆچەك شۇنچىلىك كۆپكى، ئاڭلىغان كىشى ئەسلى ئىسلامنىڭ دۈشمەنلىرى مۇشۇلاركەن دەپ قالىدۇ. ئەمما ئىلىم يۈزى كۆرگەن كىشىلەر تۇرۇپ بۇنداق ئالدىراڭغۇلۇق بىلەن باھا بەرسەك ھەقىقەتەن ئېشىپ كېتىدۇ.

مەرىپەت يولى مۇنبىرىدىكى بىر ماقالىنى تەۋسىيە قىلاي، بەلكى كۆرۈپ بولغانسىز.

http://bbs.meripetyoli.com/forum.php?mod=viewthread&tid=763

http://bbs.meripetyoli.com/forum.php?mod=viewthread&tid=887

يەنە بىرسى \"بىز\"  دەپ كۆپلۈك قوشۇمچىسىنى ئىشلىتىپسىز، قىزىقىپ قالدىم.

QUYASH يوللانغان ۋاقتى 2012-10-22 20:55:39

ئاپاق غوجىنىڭ ئاق كۆڭۈل ئىسىل پەزىلەتلىرىنى كۆپچىلىككە بىلدۈرىۋاتقان تورداشلار تۆۋەندىكى مەسىلىلەرنى چۈشەندۈرۈپ قويۇڭلار.

ئۇنىڭ سەئىدىيە خانلىقىنى بىلەن شاھلىق تالىشىشىنىڭ سەۋەبى نىمىكىن؟ يا ئۇ سەئىدىيە خانلىقىدا شاھلىق تالىشىدىغاندا ۋەلىئەھدى شاھزادە بولمىسا، يا دۆلەتنى قۇرۇشۇپ بەرمىسە ؟ ئۇنىڭ شاھلىق تالىشىدىغانغا نىمە ھەققى بار؟

مەخپى سىياسى ئۆزگىرىش قوزغاپ مەغلۇپ بولۇپ قاچقاندىن كىيىن نىمە ئۈچۈن كاپىردىن ياردەم تىلەپ يەرلىك خەلىقلەرنى قۇللۇق، ئۇرۇش، خانىۋەيرانلىققا سېلىپ قويىدۇ؟ ئەجىبا ئاپاق غوجا شۇنچە ئىسىل نەسىللىك پەيغەمبەرزادە، ئەخلاق، دىن، ماتىماتىكا، تىبابەت، ئاستۇرنومىيە، جوغراپىيە، ئەدەبىيات، ماتىماتىكا، ئەرەپ تىلى،پارىس تىلى، ئوردۇ تىلى،تىبەت تىلى، ئىسلام دىنى، بۇددا دىنى........ ئىلىملىرىدىن شۇ زاماندىكى ئەڭ يۇقىرى ئىستىدات ئىگىسى بولمىش ئاپاق غوجا زادى نىمە ۋەجىدىن كاپىرلارنى باشلاپ كىرىپ مۇسۇلمانلارنى قىلىچتىن ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر بولدى؟

paranghumar يوللانغان ۋاقتى 2012-10-22 22:08:27

پالۋانلار نىڭ ھۆرمىتىگە، جاپاسىغا بىردىن دېدەك.....بۇ ئىشلارنى قانداق قۇبۇل قىلغۇلىك؟

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2012-10-22 22:55:45

168- قەۋەتتىكى quyashنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئاپاق غوجىنىڭ ئاق كۆڭۈل ئىسىل پەزىلەتلىرىنى كۆپچىلىككە بىلدۈرىۋاتقان تورداشلار تۆۋەندىكى مەسىلىلەرنى چۈشەندۈرۈپ قويۇڭلار.

ئۇنىڭ سەئىدىيە خانلىقىنى بىلەن شاھلىق تالىشىشىنىڭ سەۋەبى نىمىكىن؟ يا ئۇ سەئىدىيە خانلىقىدا شاھلىق تالىشىدىغاندا ۋەلىئەھدى شاھزادە بولمىسا، يا دۆلەتنى قۇرۇشۇپ بەرمىسە ؟ ئۇنىڭ شاھلىق تالىشىدىغانغا نىمە ھەققى بار؟

مەخپى سىياسى ئۆزگىرىش قوزغاپ مەغلۇپ بولۇپ قاچقاندىن كىيىن نىمە ئۈچۈن كاپىردىن ياردەم تىلەپ يەرلىك خەلىقلەرنى قۇللۇق، ئۇرۇش، خانىۋەيرانلىققا سېلىپ قويىدۇ؟ ئەجىبا ئاپاق غوجا شۇنچە ئىسىل نەسىللىك پەيغەمبەرزادە، ئەخلاق، دىن، ماتىماتىكا، تىبابەت، ئاستۇرنومىيە، جوغراپىيە، ئەدەبىيات، ماتىماتىكا، ئەرەپ تىلى،پارىس تىلى، ئوردۇ تىلى،تىبەت تىلى، ئىسلام دىنى، بۇددا دىنى........ ئىلىملىرىدىن شۇ زاماندىكى ئەڭ يۇقىرى ئىستىدات ئىگىسى بولمىش ئاپاق غوجا زادى نىمە ۋەجىدىن كاپىرلارنى باشلاپ كىرىپ مۇسۇلمانلارنى قىلىچتىن ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر بولدى؟

ئۆھۆ ئۆھۆ...

ئاڭلىغانلىرىمنى ۋە ئويلىغانلىرىمنى دەپ باقاي ھە. ئاپاق خوجىنىڭ يۇقادا دىيىلگەن ئىش-ئىزلىرى ھەققىدە مەنمۇ ئەمدى ئاڭلاۋاتىمەن.

جىق ئويلاپ كېلىۋاتقان بىر مەسىلە، ئەينى زامانلاردىمۇ ئۇيغۇر دىيارلىرىدا تالايلىغان زىيالىلار، زېھنى ئوچۇق كىشىلەر بولغىيدى، بىز بۇ كۈنگە كەلگەندە بولىشىغا تىللاۋاتقان ئاپاق خوجىنىڭ شۇ قىلمىشلىرىدن بىزار بولغان ئۆز ئىچىمىزدىن چىققان بىرەر يالدامىنىڭ بولماسلىقى ئادەمنى ئويلاندۇرىدۇ.

سەئىدىيە ھەققىدىكى كىتابلاردا بادىشاھلارنىڭ ئاغزاكى بايانلىرىدا ئېنىق قىلىپ \"موڭغۇل ئەۋلادى بولمىش بىزلەر...\" دېگەندەك بايانلار ئۇچىرايدۇ، دېمەك موڭغۇللار بىز مەدەنىيەتلىك ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن، دىنى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىر تولۇق ئۆزگەرتىلگەن بولسىمۇ، ئۇلار ئۆزلكى ھەققىدە ئويلانغىنىدا يەنىلا موڭغۇل قېنىنى چىقىش قىلىدۇ، مېنىڭچە سەئىديە ھاكىمىيىتى نۇرغۇنلىغا ئۇيغۇر قىز يىگىتلىرى مەيلى قانداقلا سەۋەبتىن بولمىسۇن، شۇ ھاكىمىيەتنى قوغداپ قېلىش يولىدا بىر مەھەل قان تۆككەنلىكى بىلەن بىزگە نىسبەتەن قەدىرلىك. يۇقاردىكى بايانلاردا دىيىلگىنىدەك ئاپاق خوجا قارىخانىلار ئەۋلادلىرىدىن، شۇنداق بولغانىكەن بىر ساب بولغان ئۇيغۇر ھاكىمىيىتى تىكلىمەكچى بولغانلىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلغىلى بولمايدۇ.

يۇقاردا بىر تورداشنىڭ دەپ ئۆكىنىدەك، ئاپاق خوجا جۇڭغارلار بىلەن شۇنچىلىك يېقىن بولغان بولسا، ئۇنىڭ نەۋرىسى جاھانگىر خوجىنىڭ چىڭ ھۆكىمىتى بىلەن نەچچە ئون يىللاپ قان ئاققۇزۇپ جەڭ قىلىشىنى سەل ئەقىلگە سىغدۇرغىلى بولمايدۇ. بۇ يەردە سەل ئويلىنىشىمىزغا تىگىشلىك.

ئابدۇرەشىدخان كىتابلاردا ناھايتىمۇ ئېلىمخۇمار، مۇزىكىخۇمار... ئىشقىلىپ بۇرمۇنچە ياخشى خۇلقلىرى جىق سۆزلەندى، كىنولار ئىشلەندى. مېنىڭچە بۇ 12 مۇقامىمىزنىڭ شۇ دەۋرىدە رەتلەنگەنلىكى سەۋەبلىك، زامانىمىز كىشىلىرىنىڭ شۇ دەۋرگە بولغان تەشەككۈرىنىڭ مەھسۇلىمىكىن دەيمەن. ئەمەلىيەتتە ئابدۇرەشىدخان ناھايتىمۇ زالىم، مەيخور پادىشاھكەنتۇقمىش، تارىخى رەشىدىنىڭ ئاپتورى مۇھەممەد ھەيدەر كۆرەگان ئابدۇرەشىدخاننىڭ زۇلۇمىدىن قورقۇپ يەكەندە تۇرالماي غەرب تەرەپتىكى يۇرتلارغا جېنىنى ئېلىپ قاچقانىكەمىش. ئۇ كشى ئۆزىنىڭ ئالامەت كەڭ قورساقلىغى تۈپەيلى، بۇ ئىشقا غۇم ساقلىماي ئۆز كىتابىنىڭ نامىنى ئابدۇەشىدخانغا ئاتاپ قويغانىكەن... ۋەھاكازالار.

يېڭى ئەسردىكى كىتاب يېزىش ئەدىزىسى بويىچە، كىتابتىكى پىرسۇناژلارنى ئىجابى، سەلبى تۈركۈمگە ئايرىپ يېزىش مودىسى، كۆپلىگە كىتابخانلارغا مەلۇم ئىدىيىنى زورلاپ تاڭغان دەپ قارايمەن. بىر پىرسۇناژ ياكى تارىخى شەخىس مەلۇم بىر كىتابتا ئىجابى كۆرسىتىلگەن بولسا شۇ كىتابنى ئوقىغان كىشى ئۇ ياخشى ئادەمتى دەپ تۇرىۋالىدىغان، يەنە بىر كىتابتا سەلبى كۆرسىتىلگەن بولسا ئۇ كىتابنى ئوقىغان كىشى، ئۇياق ناچارتى دەپ تۇرىۋالىدىغان خاھىش ئارىمىزدا خېلىلا كۈچلۈك.

دىمەكچى بولغانلىرىمنى ئىپادىلىيەلىدىممۇ يوق بىلمىدىم

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2012-10-22 23:39:02

161- قەۋەتتىكى kokkaptarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مېنىڭ 157-قەۋەتتىكى سۇئالىمغا جاۋاب بىرىدىغان ئادەم يوقما؟ \"\"

‏‏بۇ مەسىلىنى مەنمۇ ئويلانغان ئاداش، لېكىن يەنە مۇنداق بىر مەسىلە بار. بوۋامنىڭ يەنى ئانامنىڭ دادىسىنىڭ مەن قاتارلىق پەرزەنتلەرگە ئوخشاشلا مېھرىنى بېرىپ، قىزىمنىڭ باللىرى تۇرسا بۇ دېمەي پەپىلەپ باققىنىغا قارىسام، نەسەب بىلەن ئەۋلاد ئۇقىمىنى ئايرىۋالساق بولغۇدەك دەپ قالدىم.    تومۇرىمىزدا دادىمىزنىڭلا ئەمەس ئانىمىزنىڭمۇ قېنى ئاقىدۇ ئەمەسمۇ

appakhoja يوللانغان ۋاقتى 2012-10-23 11:49:50

بۇ ئىنكاسىم تېمىغا مۇناسىۋەتسىز بولۇپ ،ئىزدىنىش جەريانىدا ئۇچراپ قالدى ،تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن سۇندۇم.

ئ ئۇيغۇرلاردىكى تەپسىر شۇناسلىق

ئۇيغۇرلاردىكى تەپسىر شۇناسلىق ناھىيىتى گۈللەنگە بولۇپ بۇگۇنگىچە ماڭا ئۇچرىغان تەپسىر 14 پارچە (مەن بۇرۇن 11 پارچە دەپ يۈرۈپتىكەنمەن ،لېكىن يېقىندا يەنە بىرتۈركۈم تەپسىرلەرنىڭ نامىنى ئاڭلىدىم).بۇ ئەسەرلەرنى ئاپتورلار ئاللا رىزالىقىنى ئىزدەپ يازغاچ بەزى تەپسىرلەرنىڭ مۇئەلىپلىرىنىڭ كىملىكىنى ئانچە بىلەلمىدۇق لېكىن ئىزدىنىش جەريانىدا بىلىنگۈسۈ.

1.‹‹تەپسىر خاقانىيە›› بۇ تەپسىر قارخانىلار دەۋرىدە يېزىلغان بولۇم ،سىتۇق بۇغراخان ياكى موسا بايتاش دەۋرىدە يېزىغان دەپ قارىلدۇ.

2.‹‹تەپسىر ئىلىك›› بۇ ئەسەر 1340-يىلى يېزىلغان.

3.‹‹تەپسىر مەقاسىيىت››15-ئەسىردە يېزىلغان.

4.‹‹تەپسىر كاشىغەر›› قايسى دەۋرى ئىككەنلىگى نامەلۇم.

5.‹‹تەپسىر قەسەس›› قايسى دەۋرىدە يېزىلغانلىقى نامەلۇم.

6.‹‹تەبسىر نوئمان›› قايسى دەۋرىدە يېزىلغانلىقىن نامەلۇم.

7.‹‹تەپسىرىل قۇرئان،ئولومۇل فۇرقان››1480-يىلى يېزىلغان.‹تەخمىنى،16- ئەسىردە دىگۈچىلەبۇ بار›

8.‹‹شەرھى قۇرئانىل كەرىم ھەقايىقۇل ئەزىم›› 1550-يىلى مىرزى ئابەكرى دەۋرىدىكى ئۆلماللار يازغان.

9.‹‹ئەينۇل مەجارى زەينۇل مەفاتى›،1611- يىلى ياكى 1615-يىلىرى.

10.‹‹ئەتەفسىر ۋە تەئىبىر فى قۇرئانىل كەرىم››بۈزرۈكۋارىمىز ئاپپاق خوجام ھەزرەتلىرىنىڭ يېقىنى ۋە مۇرىتى بولغان موللا باقاۋۇل ئىبنى ئاغاي ئىبنى بازىر ئاخۇنۇم يازغان قۇرئان كەرىم تەپسىرى ‹‹ئەتتەفسىر ۋە تەئبىر فى قۇئانىل ئەزىم›› دۇر .‹‹قۇرئان كەرەمنىڭ تەپسىر ۋە تەبىرلىرى››

11.‹‹ھەققايىقۇل تەپپاسىر››.بۈزرۈكۋارىمىز ئاپپاق خوجام ھەزرەتلىرىنىڭ يېقىنى ۋە مۇرىتى بولغان موللا ئىۋەز ئىبنى كېپەكخان يازغان قۇرئان كەرەمنىڭ تەپسىرى ‹‹ھەققايىقۇت تەپپاسىر›› دۇر.‹‹ھەقىقەتلەر تەپسىرى››دۇر.

12.تەپسىرى ئۇفۇق››

13.‹‹تەپسىر ھەسەن ئەلى›› 17-ئەسىر (بۈزرۈكۋارىمىزئاپپاق خوجام دەۋرىدە يېزىلغان) ئاپتورى :ھەسەن -ئەلى  ئاتا -بالا يازغان.

14 ‹‹جاۋاھىرى تەپسىر›› 1580-يىلى يېزىلغان .بۇ كىشى مىرزى ئابەكرىگە كۆپ مەدىھلەرنى قىلغان. پېقىر بۇ تەپسىرنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈشكە مۇشەرەپ بولدۇم.

ھاسىل كالام كىشلەر جاھالەت دەۋرى دەپ لەنەت قىلغان دەۋىرلەردە يېزىلغان تەپسىرلەر ئالاھىدە كۆپ ۋە مەزمونى مول بولۇپ.بۇلۇپمۇ مىرزى ئابەكرى دەۋرىدىكى ئۆلمالار 2 پارچە تەپسىرنى روياپقا چىقارغان ئۇلار ئۇ دەۋرىدىكى مەرىپەت ئىشلىرىنىڭ گۈللەنگنلىكى ھەققىدە كۆپ تەرىپاتلارنى قىلغان ۋە ئاپپاق خوجام دەۋرى ۋە كېيىنكى خوجىلار دەۋرى ئاز كەم 5 پارچە تەپسىر مەيدانغا كەلگەن .

بىزنىڭ پۇتكۇل دەۋرىمىزدە تەپسىر يازغىدەك شۇنداق زور ئۆلمالار ئۆتەككەن ئىككەن ،نىمىشقا بىز يۈسۈفخاس ھاجىپ،مەھمود قەشقەرى بىلەنلا بولۇپقالمىز دەپ ئويلاپ قالدىم. ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ سىياسىۋىلىقى تۆۋەن،ھەم ئۇلارنى باشقا تۈركى مىللەتلىرى بىلگەچكىلا ھەم ھازىرقى زامانىمىزدنىڭ ئىدىۋى  تەلىپىگە ماس كەلگەچكىلا..مەن بارغانچە بىزنىڭ ئاجايىپ زور يازما بايلىقىمىز ،ئىنتايىن زور مۇننەۋەر ئالىملىرىمىز بارلىقىنى ھىس قىلىپ قالدىم ..شەرەپلىنىش تۇيغۇم بەك كۈچۈيۈپ كېتۋاتىدۇ.بىزنىڭ بىلگىنىمىز پەقەت مۇزتـاغنىڭ سۇيۈزىگە چىقىپ قالغان چوقىسىكەن دەپ قالدىم.

yorungkax1 يوللانغان ۋاقتى 2012-10-23 14:21:42

157- قەۋەتتىكى kokkaptarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئەيىپكە بۇيرىماڭلار، بىر نەرسە سورىۋالاي: پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئوغلى يوق دەپ ئاڭلىغان، ئايال كىشىدىن نەسەب تارقىلامدۇ؟ \"\"

توغرا، پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئوغۇللىرى كىچىك چېغىدىلا ئۆلۈپ كەتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ نەسەبى قىزى پاتىمە ئانىمىزنىڭ ھەسەن، ھۈسەيىن قاتارلىق ئوغۇللىرىدىن تارقالغان. ئۇلار \"ئەھلى بەيت\" دەپ ئاتالغان. دېمەك، پەيغەمبىرىمىزنىڭ نەسەبى قىزىدىن تارقالغان، بۇ راست.

يەنە بىر جەھەتتىن، ئىسلام دىنىمىز قاندىكى باغلىنىش (قانداشلىق مۇناسىۋەت)كە قارىغاندا قەلبتىكى مەنىۋى باغلىنىش مۇناسىۋىتىنى بەكرەك يۇقىرى ئورۇنغا قويىدىغان بولغاچقا، پەيغەمبىرىمىز سالمان پارسىينىمۇ \"ئۇ مېنىڭ ئەھلى بەيتىمدىن\" دېگەن. ھالبۇكى، پەيغەمبىرىمىز ئەرەب، سالمان بولسا، ئىرانلىق پارىس ئىدى. ئىككىسى ئىككى مىللەت كىشىسى ئىدى، قانداشلىق باغلىنىشى يوقتى، بىراق پەيغەمبىرىمىز ئۇنى \"ئەھلى بەيتىم\" (ئائىلە كىشىلىرىمدىن) دەپ تىلغا ئالغان.

ھۇد سۈرىسى 42-47-ئايەتلەرگە قارايدىغان بولساق، نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوغلىنى ئاللاھتائالا \"ئۇ سېنىڭ ئائىلەڭدىكىلەردىن ئەمەس\" (ئىننەھۇ لەيسە مىن ئەھلىكە) دېيىش ئارقىلىق، گەرچە دادا بىلەن ئوغۇل ئوتتۇرىسىدا قانداشلىق مۇناسىۋەت بولسىمۇ، ئەمما قەلبداشلىق ياكى مەنىۋى باغلىنىش بولمىغاچقا، ئۇلارنى بىر ئائىلە ھېسابلىمىغان.

بۇنىڭدىن قارىغاندا، مەن پالانىنىڭ نەسەبىدىن دەپ دەۋا قىلىشتا، ئەڭ مۇھىم بولغىنى قانداشلىق مۇناسىۋەت ئەمەس، بەلكى دىلداشلىق، قەلبداشلىق، دىنداشلىق، مەنىۋى باغلىنىش مۇناسىۋىتى بولۇشى مۇمكىن.

hitaf402 يوللانغان ۋاقتى 2012-10-23 17:19:37

162- قەۋەتتىكى adiyatنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

1.ھازىر ئاپپاق غوجام ۋە سوپىلار ھەققىدە يىزىلغان ئەسەرلەردە پاكىت دەپ ئوتتۇرغا قويولغان

بايانلاردا ئېغىر مەسىلىلەر ساقلانغان.. غوجام ۋە سوپىلار سەلبىلەشتۈرۈلگەن ئەسەرلەرنىڭ ئۆزىگە

مەنبە قىلغىنى چىيەنلۇڭنىڭ ئوردا تارىخچىسى ۋە چاروسسىيەنىڭ جاسۇسلىرىرىنىڭ خاتىرىلىرى..

چىلەنلۇڭ بىلەن چاروسسىيەنىڭ غوجىلار بىلەن نىمە ئاداۋىتى بار؟ ..ئەمدى سىلەر تارىخى رەشىدى ۋە تارىخى

ئەمىنى دىگەن كىتاپلارنى ئوقوپ چىقىڭلار.

2. ئەھلى سۈننى ۋەلجەمائەسىگەتەۋە تەرىقەتچىلىك بىلەن سالاھىيەتلەنگەن ئوسمانلى خەلىپىلىگى

دۇنيادا ئادالەت يۈرگۈزگەندە ، شەرىئەتنى ئۆرۈش، ئوسمانلى خەلىپىلىگىنى ئاغدۇرۇش ئۈچۈن ئىنگىلىزلار

ئەرەب مىللەتچىلىرى بىلەن بىرلىشىپ قۇرئان ۋە ھەدىسلەرنىڭ راي ۋە ئوبىكتىنى بۇرمىلاپ ۋاھابىزىمنى

ئىجاد قىلدى ۋە ۋاھابىزىم ئىدىيەسنى ئۆلچەم قىلىپ خەلىپىلىكنىڭ ئەقىداتىنى كاپىرغا چىقاردى، ۋە خەلىپىلىك قوشۇنلىرىنى كۆرگەنلا يەردە قىرغىن قىلدى.

ھازىرقى نەزىر ھارام، مەۋلۇد بىدئەت دىگەن گەپلەر شۇلارنىڭ داۋامى ھىسابلىنىدۇ..

قەۋرە قاتۇرۇش مەسلىسىگە كەلسەك بۇ يەردىكى ئالىم ئۆلىمالارنىڭ قەۋرىسىنى قاتۇرۇپ ھىلال ئاي ۋە يۇلتۇز بەلگىسىنى چۈشۈرۈش بىلەن يەھۇدىلارنىڭ پەيغەمبەرلەر قەبرىسىنى ئىبادەتگاھ قىلىېۋىلىشى ئارسىدا قانچىلىك پەرىق بارلىقىنى غەرىزى دۇرۇس ،ئەقلى جايىدا ئادەم چۈشۈنەلەيدۇ..دىمەك مۇشۇنداق ئاددى بىر مەسىلىلەردە بۇنداق چوڭ خاپىلىق ئۇقۇشماسلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرۋاتقانلار جەزمەن ئەتىراپلىق تەربىلەنگەن كىشىلەردۇر..

كوچا كويلاردا ھاياجانلىنىپ بۇ پىتنىگە ئەگىشۋاتقانلار ئەقلى كەمتۈك كىشىلەردۇر، ياكى دىننى بىلىمى ئىنتايىن يۈزە بولغان كىشىلەردۇر...

خەلىپىلىكنىڭ ئاجىزلىشىشى- ئەرەبلەرنىڭ مىللەتچىلىك ئىسيانىدىن باشلىنىپ خەلىپىلىك ئۆرۈلگەن كۈندىن باشلاپ بىز ھەر جۈمەدە ئىھتىيات پىشىننى ئۆتەۋاتىمىز .. يۇرتىمىزدىكى ۋاھابىلار بىلەن بۇ ئىشتا تەگىشىپ قىلىشىمىزنىڭ سەۋەبى - ئۇلار خەلىپىلىك ئىشىدا ئىنگىلىزلارنىڭ رۇخسىتىنى ئالاممايدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتسا كىرەك( دىمەكچى بولغان گەپ جۈمە نامىزىنىڭ قوبول بولىشىنىڭ شەرتلىرى ئىچىدە خۇتبە مۇسۇلمان ئەمىرنىڭ نامىغا ئوقولىدۇ).. لىكىن بىر مۇسۇلماننىڭ خەلىپىكنى ئارزۇ قىلماسلىقىنى، ئىسلامىيەتنىڭ ئۈستۈنلىكى ۋە شەرىئەت قانۇنىنىڭ تۇرغۇزۇلىشىنى ئۈمۈد قىلماسلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ.ئىھتىيات پىشىن ھەر جۈمەدە بۇ ئىشلارنى ۋە خەلىپىلىكنىڭ قانداق ئۆرۈلۈپ كەتكەنلىكىنى ئىسىمىزغا سالىدۇ.

1. نىمە ئۇچۇن سۇلتان ساتۇق بۇغراخان ، مەھمۇد قەشقىرى ، يۇسۇپ خاس ھاجىپلار ھەققىدە بىرەرمۇ سەلبىيلەشتۇرۇلگەن ئەسەرلەرنى ئۇچراتمايامىز ،، جاللات خېنىم ۋە باشقىلارنىغۇ قىزىللاشقان تارىخ دەڭلار ،  موللا موسا سايرامى ئوز ئەسىرىدە چىن خاقانلىرىنىڭ ئېلىدىكى ئاپپاق خوجا ئەۋلادىدىن بورھان خوجىنى تىكلەپ تۇرغۇزۇپ ئەينى چاغدا جەنۇپتىكى يۇسۇپ خوجا باشلىقىدىلى ھاكىمىيەتكە ئوت ئاچقانلىقىنى يازغان ،،   ۋە شۇ ئەسەردىكى تەپسىلاتلاردىن كورىۋىلىش تەس ئەمەس ،، ئاق تاغلىق قاراق تاغلىقلار  ئىلگىرى كىيىن بوپ ياۋلارنى بۇ يۇرت خەلقىنىڭ ئۇستىگە باشلاپ كىرىشكە ئالاھىدە توھپە قوشقان ،،،   بورھان خوجا نەق بوۋىسى ئاپپاقنى تارتىپ چوڭ بۇپتىكەن ، قېنىدا بار ئوخشايدۇ غالچىلىق ،،  مانا بۇ تارىخى ئەمىنىيەدىن چىقىدىغان ھەقىقەت ،،    مىنىڭچە ھە ئادىيات ، موللا موسا سايرامىنىمۇ قىزىل ھاكىمىيەت پۇل بېرىپ يازغۇزغان بولغىمىدى ،،،   يەنە ئۇندىن باشقا نەبىجان تۇرسۇن ھىچ بىر كۇچنىڭ تەسىرىسىزمۇ \"پەرغانىدىكى ئىز دىرەكسىز يوقالغان ئۇيغۇرلار \" دىگەن ماقالىسىدە ئەينى دەۋىردە خوجىلارنىڭ ئىچكى زىدىيىتىدىن چىن خاقانلىرىنىڭ پايدىلانغانلىقىنى قەيىت قىلىدۇ ،،،   ماۋۇ  جاللات خېنىم ۋە باشقا رومانلارنىغۇ قەتئىيلا ئىتىراپ قىلمايسىلەر ،،،  ئەمىسە ئاۋۇلارنىچۇ ؟

2. ھالال ھارام مەسلىسىدە ئايەت ھەدىسنىڭ دىگىنى ھېساپمۇ ياكى سىلەرنىڭ دىن نامىدا تارىتىۋاتقان ھەدىسلەرگە قارشى  شەخسى كوز قارشىڭلار ھېساپمۇ ؟ قەۋرە قاتۇرۇش ھەققىدە ئۇچۇق ھەدىس بارغۇ ،،   قىيامەتتە بۇ ھەقتە سورالساڭلار پىرلىرىمىزنىڭكىتى دەپ قوتۇلۇپ كېتەلەمسىلەر ،، مۇھەممەد ئەلەيىھسسالام ئىيتقان ئاللاھقا قەسەم قىزىم فاتىمە ئوغۇرلۇق قىلسا قولىنى كېسەر ىدىم دەپ ،، قەسەم قىلىپ تۇرۇپ ئىيتقان ،،  قەبرە ھەققىدىكى ھوكۇم مەلۇم ئولۇقلىرىڭلار سەۋەبلىك ئوزگىرەپ قالسا قانداق بولار ؟

قۇرئاندا جۇمەدىن كىيىن تارىلىڭلار دىيىلسە ، ھەدىسلەردە رەسۇلىمىزنىڭ ئىككى راكەت سۇننەت ئوقوغىنى دىيىلسە ، سىلەر ئوزۇڭلارچە ناماز ئىجاد قىلىشىڭلار نىمە سەۋەبدىن ، يەنى ئىھتىيات پىشىن دەپ ،، رەسۇلى بۇيرىمىغان بولسىمۇ ، قۇرئاندا چاقىرىق بولسىمۇ بۇيرۇق بولسىمۇ ، ئوز خىيالىڭلار بويىچە ئىجادىيەت قىلىشىڭلارنىڭ ئوزى ئەسلى خەتەرلىك ئىش ،،،،

yershari يوللانغان ۋاقتى 2012-10-23 22:51:30

166- قەۋەتتىكى adiyatنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئۇ كىشى راسىت ئىيتىپتۇ .. لىكىن شۇنداق بىر نام بىلەن مەيدانغا كەلگەن بۇ كىشىلەرنىڭ قولىدا تاكامۇللۇق جەھەتتە كومونىزىمدىن قىلىشمايدىغان سىستىمىلاشقان بىر ئىدىيە بار. بۇ دەل ۋاھابىزىمدۇر. بۇ ئىدىيەنىڭ مەزكىزى ھالقىلىرىدا ئەكىس ئەتكىنى مەزھەپ باشلىرى ۋە جۇمھۇر ئالىملارغا قارىتا ھۆرمەتسىزلىك، مۇسۇلمانلار ئەقىسىگە

ئەدەبسىزلىك . ئىنچىكىلەپ كۈزىتىش ئارقىلىق بۇ كىشىلەردە مۇسۇلمانغا خاس بولمىغان ئەدەپسىزلىكنى ۋە بەدنىيەتنى بايقىدۇق. ئاندىن ئۇلارنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدە ئىزدەندۇق.پۈتۈن ئۇيغۇرنىڭ ‹كاپىر› بولغىنى ئاز دەپ ھەنبەل مەزھىپىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭمۇ ئۆز يۇرتلىرىدا (سەئۇدى ئەرەبىستاندا ) شۇ كىشىلەر تەرىپىدىن چەتكە قىقىلغانلىقىنى ، بەزى ئالىملارنىڭ قوغلاپ چىقىرىلغانلىقىنى ئاڭلىدۇق.شۇ سەۋەبلەر تۈپەيلى بۇ كىشىلەرنى مۇسۇلمان دەپ قاراشنى يىلاننى قوينىدا ساقلاش بىلەن باراۋەر دەپ ئويلايمىز.

ئۇ كىشىلەرنى مۇسۇلمان ئەمەس دىگەنگە ئۇلارنىڭ قايسى گۇناھى كەبىرىللىرى باركىن؟ بىلىۋالساق بۇلارمۇ؟

hezine يوللانغان ۋاقتى 2012-10-24 07:47:13

177- قەۋەتتىكى yershariنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

167- قەۋەتتىكى hezineنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

توغرا دەيسىز، ئۇلاردا ھەقىقەتەن ئاشۇرۋېتىش، جاھىللىق مەۋجۇت، لېكىن مەن بىرەر نوپۇزلۇق ئالىمنىڭ ئۇلارنى مۇسۇلمان دائىرىسىدىن چىقىرىۋەتكىنىنى ئاڭلاپ باقمىدىم. ئۇلار ھەققىدە سۆز-چۆچەك شۇنچىلىك كۆپكى، ئاڭلىغان كىشى ئەسلى ئىسلامنىڭ دۈشمەنلىرى مۇشۇلاركەن دەپ قالىدۇ. ئەمما ئىلىم يۈزى كۆرگەن كىشىلەر تۇرۇپ بۇنداق ئالدىراڭغۇلۇق بىلەن باھا بەرسەك ھەقىقەتەن ئېشىپ كېتىدۇ.

مەرىپەت يولى مۇنبىرىدىكى بىر ماقالىنى تەۋسىيە قىلاي، بەلكى كۆرۈپ بولغانسىز.

http://bbs.meripetyoli.com/forum.php?mod=viewthread&tid=763

http://bbs.meripetyoli.com/forum.php?mod=viewthread&tid=887

يەنە بىرسى \"بىز\"  دەپ كۆپلۈك قوشۇمچىسىنى ئىشلىتىپسىز، قىزىقىپ قالدىم.

مۇسۇلمان ئىچىدىن دۈشمەن ئىزدەش بۇلۇپمۇ سەلەپىيلەرنى دۈشمەن كۈرۈش يېقىندىن بىرى خىلى باش كۈتۈرۈپ قالدى. بۇنى كۇچەپ تەشۋىق قىلغۇچى كىشى ھەم ئاۋۇ ماقالىنى تەرجىمە قىلغۇچى مەۋلانا شىرىپ ھاجى بۇلۇپ ئۇنىڭ قارىشىچە ئۇيغۇرنىڭ دۈشمىنى سەلەپىمىش. ئۇيغۇردىكى سەلەپى قاراشچىلاردا خاتالىق بولسىمۇ مۇسۇلمان ئەمەس قاتارىغا چىقىرىش دەرجىسىدە ئەمەس. ئادىياتنىڭ ئىنكاسى ئاشۇ مەۋلانا شىرىپ ھاجىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بۇلۇپ چەكتىن ئاشۇرىۋىتىش مەسىلىسى مەۋجۇت دەپ قارايمەن.

ئادىياتنىڭ چەكتىن ئېشىپ كەتكەن ئىنكاسى بىلەن  ئاۋۇ ماقالىدىكى مەزمۇن خېلى ئوبدان پەرق قىلىدۇ،  ماقالىنىڭ مەزمۇنىدىن سەلەفىيچىلەرنى دۈشمەن قاتارىدا كۆرۈش چىقمايدۇ.  قارىغاندا سىز ماقالىنى ۋە مەۋلانا ئۇستازنى خاتا چۈشىنىۋالغان ئوخشايسىز، يەنىمۇ تەپسىلىي كۆرۈپ باققايسىز.

adiyat يوللانغان ۋاقتى 2012-10-24 11:10:37

ئاشۇرۋەتمىدىم.. شىئەچە خۇراپات ۋە ۋاھھابىيچە ماتىريالىزىمنىڭ ئاسارىتىدىن خالى بولغان يول بىزنىڭ يولىمىزدۇر.

qassap يوللانغان ۋاقتى 2012-10-24 12:34:10

بۇرۇنلاردا ئالدىن ئالا خېلى جىق ئىسىملاردا تىزىملىتىۋلىپ، خاتىرە دەپتىرىگە ساقلىۋاپتىكەن بۇ خامىليون.

durak يوللانغان ۋاقتى 2012-10-25 17:39:08

appakhoja قاتارلىق بارلىق مۇسۇلمان قېرىنداشلارغا ھېيتلىق سالام ، تېنىڭىزلار سالامەت ، ئىلمىڭىزلەر چوڭقۇر ، ئىمانىڭىزلەر مۇستەھكەم ۋە رىزقىڭىزلەر كەڭرى بولغاي !

mohsin يوللانغان ۋاقتى 2012-10-25 19:10:45

مەۋلانا ئۇستازنى ئاۋۇ مۇنبەردە...

**************

قايسى مۇنبەر ؟ قايسى تېما ؟

adiyat يوللانغان ۋاقتى 2012-10-28 08:38:13

ئەرەب ئىسيانىنىڭ نەتىجىسى ۋاھابىزىم بولسا تۈرۈكلەرنىڭ ئۇنىڭغا قايتۇرغان ئىنكاسى كامالىزىم بولدى. ئاتا تۈرۈك ھەنەفى مەزھىپىدىكى مۇسۇلمان. سوپىلارنىڭ ئەۋلادى.

لىكىن ھەنەفى مەزھىپىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئەقىدە مىزانى كامالىزىم ئەمەس.ھەر قانداق بىرسى ئۆزىنى تەقۋادار كۆرسۈتۈپ سوپىلىق بىلەن سالاھىيەتلەنگەن تۈرۈكلەرنىڭ

ئەقىدىسىنى ، مىللى غورۇرىنى دەپسەندە قىلىشقا ئۇرۇنسا ھەربىر تۈرۈك مۇستاپا كامالنى ياد ئەتسۇن. ئاللا بىزنى تىخىمۇ ياخشى يوللارغا نىسىپ قىلسۇن.

adiyat يوللانغان ۋاقتى 2012-10-29 09:41:20

ئەرەبىستانغا بارغانلار دەپ كىلىۋاتىدۇ. ئۇلار پەرز ئەمەللەرنى قالدۇرماي بىجا كەلتۈردىكەن. بۇ ئۈلگە قىلىشقا ئەرزىگۈدەك ئىش. لىكىن ئادەمگەرچىلىك ،ئىنساپقا كەلگەندە  بىزدىكى ئوت لۈكچەكلەر ئۇلارغا دورىكەن. يۇرتىمىزدىكى قەبرە قاتۇرۇش ،مەۋلۇت ، نەزىر قاتارلىق ئىشلارنى بىزگە ئەجدادلىرىمىز قالدۇرغان. نەدىن كەلگىنىنى ئۇققىلى بولمايدىغان بىر ئادەملەر ئاتالمىش ئىسلاھچى نامىدا قىلىۋاتقان ئىشلىرى بىلەن پۈتۈن ئەجدادىمىزنىڭ روھىنى ئۆلتۈرۋاتىدۇ.ئاندىن ھەممىزنى گۆشتەك پاقىرتىپ قويوپ،

پۈتۈن ئۆرپە ئادەتلىرىمىزنى توغرىسى يۈرۈگىمىزنى يىرىپ رەھىمزىسلەرچە ئوپراتسىيە قىلىۋاتىدۇ. بىز خۇددى بىگۇناھ بالىنى گۇناھ ئاتىپ كۆز ئالدىمىزدا بوغوزلىۋەتسە

،ھە، شۇنداق دەپ قاراپ تۇرغان ئاتىدەك قاراپ تۇرىۋاتىمىز.

سىلەر ئىتقادىڭلاردىن گۇمانلانماڭلار. يۇقارقى ئىشلارنىڭ ھەممىسىنىڭ قۇرئان سۈننەت ئاساسى بار. بىز تارىختىكى ئىمان ئەڭ زەيپ ،روھ يىگىلىگەن بىر دەۋردە ياشاۋاتىمىز ھازىرقى دەۋردە بىزنىڭ قىلالايدىغىنىمز- كۆپنى كۆرگەن ،ئىمانلىق ،قورقماس ئاتا بۇۋىلاردىن قالغان ھىكمەتلىك مىراسلارنى جان تىكىپ قوغداش. زەئىپ ھەددس ئىزدەش ۋە

بىدئەت تازلاش ئىشلىرىنىڭ بىر ئويون ئىكەنلىكىنى جەزمەن ھىس قىلالايسىلەر.

ئاڭلىشىمچە، تۇڭگانلارنىڭ تارىختا يىزىقى،تىلى سەلتەنەتلىك دۆلىتى باركەنتۇق. ئۇزۇن مۇددەتتلىك پىلانلىق ئىپ بىرىلغان سىياسى سۈيقەستنىڭ نەتىجىسىدە ھەممە يوقالغان،

نام نىشانى قالمىغان. شۇ ئاخىرقى پەيىتتە ئۇلارنى سىلكىتكەن نەرسە پەقەت ئىتقاتتۇر..بەلكىم كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇلار يوقاتقان ھەممە نەرسىسىگە قايتا ئىرىشىپ قالار.
بەت: 1 2 3 4 5 6 7 8 [9] 10
: ئاپپاق خوجىنىڭ «جاھان كېزىش» نامى بىلەن تىبەتكە قىلغان سەپىرى ھەققىدە