• 2010-10-15

    دۇنياۋىي 100 مەشھۇر ئەسەر - [تەرمىلەر]

    دۇنياۋىي 100 مەشھۇر ئەسەر

    جۇڭگۇ ئىقتىساد نەشىرىياتى ئۆز ۋاقتىدا بىر يۈرۈش 10 پارچە كىتاب نەشر قىلغان.
    بۇلار تۆۋەندىكىچە:
    (1)    «ئىنسانلار جەمئىيىتىدىكى يۈز مەشھۇر كىشى» - مېك.خات- ئامىرىكا.
    (2)    « ئىنسانلار جەمئىيىتىدىكى يۈز مەشھۇر ئۇرۇش»
    (3)    « ئىنسانلار جەمئىيىتىدىكى يۈز مەشھۇر ئەسەر»
    (4)    « ئىنسانلار جەمئىيىتىدىكى يۈز مەشھۇر ئالىم»
    (5)    « ئىنسانلار جەمئىيىتىدىكى يۈز مەشھۇر مەنزىرىلىك رايون» 
    (6)    « ئىنسانلار جەمئىيىتىدىكى يۈز مەشھۇر ئاپەت» 
    (7)    « ئىنسانلار جەمئىيىتىدىكى يۈز مەشھۇر تەنتەربىيە چولپىنى»
    (8)    « ئىنسانلار جەمئىيىتىدىكى يۈز مەشھۇر ئۇنۋىرسىتىت»
    (9)    « ئىنسانلار جەمئىيىتىدىكى يۈز مەشھۇر ئايال»
    (10)    « ئىنسانلار جەمئىيىتىدىكى يۈز مەشھۇر مالىيە گورۇھى»

    بۇ كىتابلار ئىچىدىكى «ئىنسانلار جەمئىيىتىدىكى يۈز مەشھۇر ئەسەر» دىگەن كىتابنى خۇ يەنخۇڭ، گۈلزار، ياڭ سېرۇي ئۈچەيلەن تۈزگەن بولۇپ، مەن تورداشلارغا تونوشتۇرماقچى بولغان مەزكۇر تىزىملىكنى يالقۇن روزى مۇشۇ كىتابقا ئاساسەن تەييارلاپ «شىنجاڭ مائارىپ گېزىتى» دە ئىلان قىلغان. مەن بۇ تىزىملىكنى ئەينى ۋاقىتتا كۆپەيتىپ ساقلاپ قويغان ئىدىم. ئارىدىن مانا 7-8 يىل ئۆتۈپتۇ. تىزىملىكتىكى بەزى ئەسەر ۋە ئاپتورلارنىڭ ئىسمى توغرا يېزىلمىغان بۇلۇشى مۈمكىن. مەن گېزىتتىكى بويىچە يازدىم. تۈزىتىشكە تىگىشلىك جايلىرى بولسا تورداشلارنىڭ تۈزىتىپ ئىنكاس شەكلىدە يوللاپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
    گېزىتتە يەنە «ئىنجىل» نىڭ ئاپتورى ئەيسا،«قۇرئان» نىڭ ئاپتورى مۇھەممەد دەپ ئېلىنغان ئىكەن. مەن بۇنى ئىتىقادىمىزغا مۇۋاپىق ھالدا ئۆزگەرتىپ قويدۇم. (ئەلۋەتتە، ھازىر تارقىلىۋاتقان «ئىنجىل» ئۆزگەرتىلگەن دەپ قارىلىدۇ.)  بۇنى توغرا چۈشىنىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

    ئىنسانلار جەمئىيىتىدىكى يۈز مەشھۇر ئەسەر

    (1)    «كاپىتال» - ماركس – گىرمانىيە.
    (2)    «ئىنجىل» -ئەيسا ئەلەيھىسسالامغا چۈشۈرۈلگەن ئىلاھىي كىتاب.
    (3)    «ماتىماتىكا قائىدىلىرى» - نيۇتۇن – ئەنگىلىيە.
    (4) 
    (5)    «گادىنجور نومى» (تىرى پىتاكا) – ساكيامۇنى – ھىندىستان.
    (6)    «مۇستەقىللىق خىتابنامىسى» - جېففېرسون – ئامىرىكا.
    (7)    «يېڭى دىموكراتىزىم ھەققىدە» - ماۋزىدۇڭ – جۇڭگۇ.
    (8)    «نىسپىلىك نەزىرىيەسى» - ئېينىشتىيىن –ئامىرىكا.
    (9)    «ناپولىئون قانۇنلار توپلىمى» - كوللىكتىپ – فىرانسىيە.
    (10)    «مىللى بايلىقنىڭ خاراكتىرى ۋە ئامىللىرى ھەققىدە» - ئادام سىمىت – ئەنگىلىيە.
    (11)    «مېنىڭ كۆرەشلىرىم» - گىتلىر – گىرمانىيە.
    (12)    «ئۈچ مەسلەك» - سۇن جۇڭشەن – جۇڭگۇ.
    (13)    «نوپۇس نەزىرىيەسى» - مالتوس – ئەنگىلىيە.
    (14)    «ئاددىي ساۋات» - پىئېن – ئامىرىكا.
    (15)    «پىلانىتلار ھەرىكىتى» - كوپىرنىك – پولشا.
    (16)    «پادىشاھ ھەققىدە» - ماكياۋىللى – ئىتالىيە
    (17)    «سۈن زىنىڭ ھەربىي ئىشلار دەستۇرى» - سۈن زى – جۇڭگۇ.
    (18)    «دىيۇرىڭغا قارشى» - ئىنگىلىس – گىرمانىيە.
    (19)    «گىئومىتىرىيەلىك قائىدە» - ئېۋكىلىد – گىرىتسىيە.
    (20)    «تۈرلەرنىڭ كېلىپ چىقىشى» - دارۋىن – ئەنگىلىيە.
    (21)    «كونتىرول نەزىرىيەسى» - ۋېنىر – ئامىرىكا. 
    (22)    «قامۇس» - دېدىرو – فىرانسىيە.
    (23)    «سام تاغىنىڭ كەپىسى» - سىتو خانىم – ئامىرىكا.
    (24)    «ھايۋانلارنىڭ يۈرەك ۋە قان ھەرىكىتى توغرىسىدا تەتقىقات» - خارۋىي – ئەنگىلىيە.
    (25)    «پەلسەپە قائىدىلىرى» - دىكارت – فىرانسىيە.
    (26)    «ھۆكۈمەتكە ئائىت ئىككى ماقالە» - جون.لوك – ئەنگىلىيە. 
    (27)    «چۈش تەبىرى» - فىروئىد – ئاۋىستىرىيە.
    (28)    «ئىلمىي باشقۇرۇش قائىدىلىرى» - تەيلۇر – ئامىرىكا. 
    (29)    «دېڭىز ئارمىيە ئۇرۇشى ئىستىراتىگىيەسى ھەققىدە» - ماخان – ئامىرىكا.
    (30)    «مەۋجۇدلۇق ۋە يوقلۇق» - سارتېرى – فرانسىيە.
    (31)    «ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئۆسۈم ۋە پۇل ئوبروت نەزىرىيەسى» - كېينىس – ئەنگىلىيە.
    (32)    «ئۇرۇش توغرىسىدا» - كار.ۋون – گىرمانىيە.
    (33)    «مۇھاكىمە ۋە بايان» - كۇڭزى – جۇڭگۇ.
    (34)    «ئۇرۇش ۋە تىنچلىق قانۇنى» - گىروتىئوس – گوللاندىيە.
    (35)    جۇغراپىيەلىك سىياسىي نەزىرىيەسى» - مېكىنت – ئەنگىلىيە.
    (36)    «لوئىس XIV دەۋرى» - ۋولتېر – فرانسىيە.
    (37)    «سىياسىي ئىقتىساد ۋە باج پىرىنسىپلىرى» - رىكاردو – ئەنگىلىيە.
    (38)    «ئوتوپىيە» - توماس.مور – ئەنگىلىيە.
    (39)    «پروتىستانت ئېتىكىسى ۋە كاپىتالىزىم روھى» - ماكس.ۋېبر – گىرمانىيە.
    (40)    «ئىلاھ كومىدىيەسى» - دانتې – ئىتالىيە.
    (41)    «گومېر داستانلىرى» - گومېر – گرىتسىيە.
    (42)    «دېڭىز ۋە قۇرۇقلۇقنىڭ مەنبەسى» - ۋېگېنېر – گىرمانىيە.
    (43)    «ئۆسۈشنىڭ ئاخىرقى چېكى»- ھىدوس – ئامىرىكا.
    (44)    «ئىجتىمائىي كىلىشىم توغرىسىدا» - روسسو – فرانسىيە.
    (45)    «لېۋىتان» - خوببېس – ئەنگىلىيە.
    (46)    «ھوقۇق ئىرادىسى» - نېتشى – گىرمانىيە.
    (47)    «تارىخىي خاتىرىلەر» - سىماچيەن – جۇڭگۇ.
    (48)    «مانۇ سىمىردى» - مانۇ – ھىندىستان.
    (49)    «قانۇن روھى» - مۇنتىسكيۇ – فرانسىيە.
    (50)    «ساكۇنتالا» - كالىداسا – ھىندىستان.
    (51)    «سىياسىي ئىلىم» - ئارىستوتىل – گرىتسىيە.
    (52)    «بويسۇنماسلىق نەزىرىيەسى» - سېلرۇس – ئامىرىكا.
    (53)    «ماركسنى قوغداش» - لوئىس.ئاردوس – فرانسىيە.
    (54)    «تاشقى دۇنيا ھەققىدىكى بىلىملىرىمىز توغرىسىدا» - روسسېل –  ئەنگىلىيە. 
    (55)    «ئىرادە ۋە تەسەۋۋۇر دۇنياسى» - شوپىنخائوئېر – گىرمانىيە.
    (56)    «قىزىل راۋاقتىكى چۈش» - ساۋشۆچىن – جۇڭگۇ.
    (57)    «مىللەتپەرۋەرلىك» - تاگور – ھىندىستان.
    (58)    «قۇياش شەھىرى» - توماس.كامپانىلا – ئىتالىيە. 
    (59)    «مىڭ بىر كېچە» - خەلق – ئەرەبىستان.
    (60)    «ئىككى خىل يېڭى پەننىڭ سۆھبىتى» - گالىلېي – ئىتالىيە.
    (61)    «شەخسنىڭ تارىختىكى رولى مەسىلىسى» - پىلىخانوپ – روسىيە.
    (62)    «رىقابەتتىن كەلگەن ئاۋاتلىشىش» - ئېرخارد – گىرمانىيە.
    (63)    «ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ باسقۇچلىرى» - روستو – ئامىرىكا.
    (64)    «سەۋەب، مەنبە ۋە بىردەكلىك ھەققىدە» - بىرونو – ئىتالىيە.
    (65)    «خەلقارا قانۇن» - ئوپپىنخىم – گىرمانىيە.
    (66)    «تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيەسى ۋە ئېتىكا» - خوشلېي – ئەنگىلىيە.
    (67)    «تېئولوگىيە قامۇسى» - ئاكۋېنا – ئىتالىيە.
    (68)    «ئۈچىنچى قىتىملىق دولقۇن» - توفلىر – ئامىرىكا.
    (69)    «مارك پولونىڭ ساياھەت خاتىرىسى» - مارك پولو – ئىتالىيە. 
    (70)    «دېھقانچىلىق رىسالىسى» - جيا سىسى – جۇڭگۇ.
    (71)    «روھىي ھادىسە ئىلمى» - گېگىل – گېرمانىيە.
    (72)    «تەربىيە نەزەرىيەسى» - سىپىنسېر – ئەنگىلىيە.
    (73)    «پۇشايماننامە» - ئاۋگۇست – ئىتالىيە.
    (74)    «مۇجىمەللىكتىن تەرتىپلىككىچە» - پىرىگوگىن – بىلگىيە.
    (75)    «مەدەنىيەت ھەققىدە ئومۇمىي بايان» - فۇزى شۇجى- ياپونىيە.
    (76)    «دىئالىكتىك ماتىرىيالىزىم ۋە تارىخىي ماتىرىيالىزىم» - ستالىن – روسىيە.
    (77)    «ھەر قايسى دۆلەتلەر ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى» - كۇسنىس – ئامىرىكا.
    (78)    «قەھرىمان ۋە قەھرىمانغا چوقۇنۇش» - توماس.كاللور – ئەنگىلىيە.
    (79)    «ئادەمنىڭ ئالەمدىكى ئورنى» - ماكس.شلېر – گىرمانىيە. 
    (80)    «ئۇرۇش ۋە تىنچلىق» - لېف.تولىستوي – روسىيە.
    (81)    «سۆيگۈ تەشنالىقى ۋە مەدەنىيەت» - ماركوس – ئامىرىكا.
    (82)    «گىيوتىنىڭ ئېيتقانلىرى» - گىيوتى – گىرمانىيە.
    (83)    « كاپىتالىزىم، سوتسىيالىزىم ۋە دىموكراتىزىم» - شامپېتىر – ئاۋستىرىيە. 
    (84)    «پەننىڭ ئىجتىمائىي ئىقتىدارى» - بېرنال – ئەنگىلىيە.
    (85)    «ئادەم ھەققىدە» - كاسسېرى – گىرمانىيە.
    (86)    «ئەركىنلىكتىن چەتنەش» - فىروم – ئامىرىكا.
    (87)    «تۇرمۇش ۋە ئىستىتىكا» - چېرنىشىۋىسكى – روسىيە.
    (88)    «تارىخ» - ھىرودېد – گرىتسىيە.
    (89)    «بىكارچىلار سىنىپى نەزەرىيەسى» - فىنبىلون – ئامىرىكا.
    (90)    «كىيىنكى سانائەت جەمئىيىتىنىڭ يېقىنلىشىشى» - بېل – ئامىرىكا.
    (91)    «غايىۋى دۆلەت» - ئەپلاتون – گرىتسىيە.
    (92)    «ئىجتىمائىي ئىنقىلاب» - كارل.كوتس – گىرمانىيە.
    (93)    «گاللىيە ئۇرۇشى خاتىرىلىرى» - كايسار – ئىتالىيە.
    (94)    «تەجرىبە ۋە تەبىئەت» - دۇۋېي - ئامىرىكا.
    (95)    «جەمئىيەتنىڭ تاللىشى ۋە شەخسنىڭ قىممىتى» - ئارۇس - ئامىرىكا.
    (96)    «قەدىمقى جەمئىيەت» - مورگىن – ئامىرىكا. 
    (97)    «ئىقتىسادىي پىلان قائىدىلىرى» - لېۋىس – ئامىرىكا.
    (98)    «ساپ ئەقىلچىلىققا تەنقىد» - كانت – گىرمانىيە.  
    (99)    «بىلىشنىڭ پەيدا بولۇشى ھەققىدىكى قائىدە» - پىئاگىت - شىۋىتسارىيە.
    (100)   «بۈيۈك يۈزلىنىش» - جون. نەسبىت – ئامىرىكا.


    (مەنبە: «شىنجاڭ مائارىپ گېزىتى».





    评论

  • بەلەن جۇمۇ