-
2010-07-20
ئۇيغۇرلاردىكى پاجىئە : كىرىزىس ئىچىدىكى نىكاھ ۋە ئائىلە
[6] . بۇندىن باشقا يەنە ئۇيغۇر ئالىمى نەزەر خوجا ئابدۇسەمەت ‹‹ ئالتە شەھەرگە سەپەر ›› ناملىق ئەسىرىدە ‹‹ پاھىشىلەرگە پاھىشىخانىلەر يوق . شۇڭلاشقا پاھىشىلەر تۇڭگان سارايلىرىدا مۇستەقىل ياشايدۇ . يېنىغا بارساڭ ھامان نازلىنىپ ، ئاشىق – مەشۇق قوشاقلىرىنى ئېيتىدۇ . بۇلارنى كۆرۈپ ئۆز – ئۆزۈڭدىن خورلىنىسەن . خۇسۇسەن ماڭا ئوخشاش باشقا يەردە ئۆسكەن بىر كىشىگە، بۇلارنىڭ قىلىقلىرى بەك غۇربەت ۋە يات تويۇلىدىكەن . بۇلارنىڭ ئومۇمەن مۇئامىلىلىرى چىنلىقلار بىلەن بولغانلىقتىن ، ھەممىسى بەڭگى بولۇپ ، بازارلاردىن قىز يوقۇلىدىكەن . شۇڭا بىر ئاز ياشراقلىرى چىنلىقلارغا ئۆيلىنىدۇ ياكى ئومۇمىي يەرلەردە قىمار ئويناپ ، ئۆمۈر ئۆتكۈزىدۇ . بۇ تەرەپلەردە ۋاقىتلىق نىكاھمۇ خېلى تەرەققىي قىلغانىكەن . بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى يوقسىزلىقنىڭ سەمەرىسىدۇر ئاخىر ›› [6] دەپ يازىدۇ . يۇقارقى بايانلاردىن ناھايىتى ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى، 18 - ، 19 – ئەسىرلەردىكى ئۇيغۇرلاردا مۇستەھكەم ئائىلە ، نەسەب قارىشى بولمىغان ، شۇڭىمۇ نۇرغۇنلىغان بەختسىزلىكنىڭ باشلانمىسى ئەنە شۇ ئائىلىلەردىن باشلانغان . مائارىبچى ياقۇت يۇنۇس خانىم ئۆز ئەسلىمىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ : ‹‹ يۇرتىمىزدا ‹ تالاق › دەيدىغان بىر خىل ئەسكى ئادەت بار ئىدى . ئايالىدىن رەنجىگەن ، يوقىلاڭ ئىشقا ئىشىنىپ قالغان ، گۇمان قىلىپ قالغان بەزى ئەرلەر ياكى ئۆكتەم ، كۆكەمە ئەرلەر بىرەر قېتىملىق ئۇرۇش تالاشتىن كېيىنلا ئايالىنى ‹ تالاق › ياكى ‹ ئۈچ تالاق › دېگەندەك بولمىغۇر سۆز بىلەن تىللايتتى . بۇنىڭ بىلەن ئايال ئەرنىڭ ئەمرىدىن چىقىپ كېتەتتى . ئەمما ، بۇنداق سۆزنى ئايال ئاغزىدىن چىقىرالمايتتى . بۇنداق ئائىلىلەر كۆپۈنچە بۇزۇلۇپ كېتەتتى . بالا – چاقىلىرى كۆپ ، ئاتا – ئانىسى بېسىم ئىشلەتكەن ، قىلغان ئىشلىرىغا پۇشايمان قىلغان، ئەرنىڭ گۇمانى يېشىلگەن ، ئايال بۆھتاندىن ئاقلانغان ئەھۋالدا ‹ تالاق ›نى ياندۇرۇشقا توغرا كېلىپمۇ قالاتتى . ‹ تالاق›نى ياندۇرۇشتا ، ئەگەر ئەرنىڭ ئاغزىدىن ‹ ئۈچ تالاق › دىگەن سۆز چىقىپ كەتكەن بولسا ، بۇنداق ‹ تالاق › يانمايتتى؛ ئەگەر ‹ تالاق › دېگەن بولسا بۇنى يابدۇرغىلى بولاتتى . ياندۇرۇش ئۇسۇلى ئىككى خىل بولاتتى : بىر خىلى – ئايال باشقا ئەرگە بىر قېتىم نىكاھلىنىشى كېرەك . يەنە بىر خىلى، ئايال بىراۋغا ۋاقىتلىق نىكاھلىنىشى ۋە ئۇنى ئەر ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈشى كېرەك ئىدى . بۇ خىل رەسمىيەتنى ئاساسەن يۇرتنىڭ ئىمام خاتىبلىرى دىنىي رەسمىيەت بىلەن ئىجرا قىلاتتى ... ›› [7]
يۇقارقىلار 200 يىللار بۇرۇنقى ئۇيغۇرلارنىڭ نىكاھ ۋە ئائىلىگە تۇتقان پوزىتسىيىسىنى ناھايىتى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدۇ . بۇلار ئەينى دەۋر رىئاللىقىنىڭ خاتىرىسى ئىكەنلىگىنى ھېچكىم ئىنكار قىلمايدۇ ، ئۇنداقتا بىز بۈگۈنكى تەرەققىي قىلغان ، كىشىلەرنىڭ ئائىلىگە بولغان قارىشى ئۆزگەرگەن ، ئاڭ سەۋىيىسى ئاشقان ، ئائىلىگە ئوبېكتىپ قارايدىغان ، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىغا ئىگە بولغان ، سوتسىيالىستىك ئىدىيە ئەخلاق تەربىيىسى ئېلىپ بېرىلغان زاماندىكى ئائىلىلەر قانداق بولماقتا ؟ بۇ سۇئاللارغا جاۋاپ ئىزلەشتە مونۇ سانلىق مەلۇماتلارنى كۆرسەك ئارتۇقلۇق قىلماس ئەلۋەتتە .
1994 – يىلى شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنى تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولىشىچە، ئائىلىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە جان سانى 38. 4 بولۇپ ئىشقا ئۇرۇنلاشقان نوپۇس 92. 1 ئادەمگە يەتكەن ، ھەر بىر نوپۇس 28 .2 ئادەمنى باقىدىغان بولغان [8] .
1983 – يىلى يىل ئاخىرىغىچە ئاپتونوم رايون بويىچە 422 مىڭ 484 جۈپ توي قىلىشقا ، 129 مىڭ 17 جۈپ ئاجرىشىشقا ئىلتىماس قىلغان ، سوتنىڭ ھۆكۈمى بىلەن 29 مىڭ 792 جۈپ ئاجراشقان ، يارىشىپ قېلىشنى ئىلتىماس قىلغانلار 22 مىڭ 636 جۈپ . 1984 – يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە توي قىلىشقا تىزىملاتقانلار 155 مىڭ 297 جۈپ ، ئاجرىشىشقا تىزىملاتقانلار 44 مىڭ 487 جۈپ ، يارىشىۋېلىشقا تىزىملاتقانلار 7367 جۈپ ... [9]
1987 – يىلى ئاپتونوم رايوندا نىكاھ ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولىشىچە، 15 ياش ۋە ئۇنىڭدىن چوڭ ياشتىكى نوپۇس 233 مىڭ 609 بولۇپ بۇنىڭ ئىچىدە نىكاھلانمىغانلار 46. 28 پىرسەنتنى ، جۈپتى بارلار %82. 63 نى ، جۈپتى يوقلار %84. 4 نى ، نىكاھتىن ئاجراشقانلار %88 . 2 ئىگەللىگەن ... توي قىلغانلاردىن قانۇندا بەلگىلەنگەن يېشىغا يەتمەي تۇرۇپلا توي قىلغانلار شۇ ياشتىكىلەرنىڭ %01 .7 نى ئىگەللەيدۇ ، بالدۇر توي قىلغانلارنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەتتىن بولغانلار %92نى ئىگەللەيدۇ. .... ئاز سانلىق مىللەت ئىچىدە 15 ياش ۋە ئۇنىڭدىن چوڭلاردىن نىكاھلانمىغانلار %5. 25 نى، جۈپتى بارلار %1 .64نى ، جۈپتى قازا قىلغانلار %6 نى ، نىكاھتىن ئاجراشقانلار %4. 4 نى ئىگەللەيدۇ . [10]
1989 – يىلى نىكاھلانغانلار 169 مىڭ 213 جۈپ ، بۇنىڭ ئىچىدە يارىشىۋالغانلار 4617 جۈپ ، ئاجرىشىشقا تىزىملاتقانلار 35 مىڭ 643 جۈپ . [11]
1991 – يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە 189 مىڭ 684 جۈپ نىكاھلىنىشنى ئىلتىماس قىلغان ، 170 مىڭ 999 جۈپنىڭ رەسمىيىتى بېجىرىپ بېرىلگەن ( بۇنىڭ ئىچىدە يارىشىۋالغان 4994 جۈپ ) ، 18 مىڭ 685 جۈپ ئەر - ئايال توي قىلىش شەرتىگە ئۇيغۇن بولمىغانلىقتىن توي خېتى بېرىلمىگەن . 57 مىڭ 987 جۈپ ئاجرىشىشنى ئىلتىماس قىلغان بولۇپ 40 مىڭ 53 جۈپنىڭ ئاجرىشىش رەسمىيىتى بېجىرىپ بېرىلگەن ، 17 مىڭ 934 جۈپ مۇرەسسە ئارقىلىق ئەپلىشىپ قالغان .[12]
1992 – يىلى 181 مىڭ 240 جۈپ ئەر ئايال توي قىلىشقا تىزىملىتىش ئىلتىماسى قىلغان . 165 مىڭ 122 جۈپ كىشىنىڭ رەسمىيىتى بېجىرىپ بېرىلگەن بولۇپ بۇنىڭ ئىچىدە يارىشىۋالغانلار 4653 جۈپ ، 16 مىڭ 118 جۈپ ئەر ئايالنىڭ توي قىلىشقا شەرتى توشمىغانلىقتىن رەسمىيەت بېجىرىپ بېرىلمىگەن . بۇ يىلى 54 مىڭ 215 جۈپ ئەر ئايال نىكاھتىن ئاجرىشىشنى ئىلتىماس قىلغان بولۇپ 37 مىڭ 194 جۈپ ئەر ئايالنىڭ ئاجرىشىش رەسمىيىتى بېجىرىپ بېرىلگەن . [13]
1993 – يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە نىكاھلىنىشقا تىزىملاتقانلار 194 مىڭ 900 جۈپ ، بۇنىڭ ئىچىدە توي قىلىش رەسمىيىتى بېجىرىلگەنلەر 160 مىڭ 709 جۈپ ( يارىشىۋالغانلار 4863 جۈپ) ، نىكاھتىن ئاجراشقانلار 29 مىڭ 328 جۈپ [14].
1994 – يىلى ئاپتونوم رايون بۇيىچە 202 مىڭ 149 جۈپ ئەر ئايالنىڭ نىكاھلىنىش رەسمىيىتى بېجىرىلگەن ، بۇنىڭ ئىچىدە توي قىلغانلار 166 مىڭ 643 جۈپ (ياراشىۋالغانلار 6854 جۈپ) ، نىكاھتىن ئاجراشقانلار 28 مىڭ 652 جۈپ بولغان [15].
1997 – يىلى ئاپتونوم رايونىمىدا نىكاھقا تىزىملاتقانلار 201 مىڭ 162 جۈپ بولۇپ بۇنىڭ ئىچىدە 170 مىڭ 674 جۈپكە ( بۇنىڭ 4692 جۈپى يارىشىۋالغانلار ) رەسمىيەت بېجىرىپ بېرىلگەن ، 30 مىڭ 488 جۈپ ئاجرىشىشقا تىزىملاتقان ، ئىستاتىسكا قىلىنىشىچە سوتنىڭ ھۆكۈمى بىلەن 28 مىڭ 232 جۈپ ئاجراشقان [16].
بەزىلەر بۇ سانلىق مەلۇمات شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىستاتىسكىسى ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا 40 نەچچە مىللەت بار ، بۇ سانلىق مەلۇماتلار ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئەھۋالىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرەلمەيدۇ، دەپ قارىشى تۇرغانلا گەپ. توغرا، شىجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئۇيغۇر ۋە خەنزۇلارنى ئاساس قىلغان ھالدا 40 نەچچە مىللەت ياشايدۇ ، شۇنداق ئىكەن،