• 2010-07-20

    ئۇيغۇرلاردىكى پاجىئە : كىرىزىس ئىچىدىكى نىكاھ ۋە ئائىلە - [تەرمىلەر]

    ئۇيغۇرلاردىكى پاجىئە : كىرىزىس ئىچىدىكى نىكاھ ۋە ئائىلە

    غالىب بارات ئەرك

    ئائىلە جەمئىيەتنىڭ ئەڭ كىچىك ھۈجەيرىسى ، ھەر بىر ئائىلىنىڭ قانداق بولىشى، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ قانداق بولىشىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم ئامىلدۇر . شۇنداق ، ئۇيغۇر جەمئىيىتىمۇ نۇرغۇنلىغان ئائىلىلەردىن تۈزۈلگەن بىر جەمئىيەتتۇر ، مانا ئەمدىلىكتە مۇشۇ جەمئىيەتتىكى ئائىلىنىڭ رولى ، ئۇنىڭ جەمئىيەتكە كۆرسىتىۋاتقان تەسىرى ئويلىشىپ كۆرىدىغان مۇھىم مەسىلىگە ئايلاندى . بولۇپمۇ ئىسلاھات ئېچىۋېتىش سىياسىتىنىڭ تەسىرىدە شۇنچىلىك ياخشى كۈنلەر بارلىققا كەلگەن بولسىمۇ بىر تۈركۈم ئىدىيىسى تۇراقسىز ، پۇرسەتپەرەس ، مەسئۇلىيەتسىز ، دىيانەتسىز كىشىلەر جەمئىيەت تەرتىۋىنى ، خەلقىمىزنىڭ ئېسىل ئەنئەنىلىرىنى بۇزۇپ، ناچار قىلمىشلىرى ئارقىلىق خەلقىمىزگە ، مىللىتىمىزگە تولدۇرغۇسىز زىيانلارنى ئېلىپ كەلمەكتە ، جۈملىدىن ئۇلارنىڭ قىلمىشىدىن شەكىللەنگەن كىرىزىس مىللەتنىڭ كېلىچىگىگىلا ئەمەس بۈگۈنى ئۈچۈنمۇ زور خەۋپلەرنى كەلتۈرمەكتە ، شۇڭا مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللار ۋە ئۇچۇرلار ئارقىلىق، بۇ جەھەتتىكى جۈملىدىن بىزنىڭ ئائىلە ھەققىدىكى چۈشەنچىلىرىمىزنىڭ ئۆزگىرىشى ، ئائىلە ئەخلاقىنىڭ بۇزۇلىشى ، بۇنىڭ ئائىلىگىلا ئەمەس پۈتكۈل مىللەتكە كەلتۈرىدىغان زىيانلىرى ھەققىدە پاكىتلىق مۇلاھىزىلىرىمنى سۇنماقچىمەن .
    زامانىمىزدىكى ئۇيغۇر ئەللامىسى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئەپەندى ‹‹ ئائىلە ›› ناملىق كىتابىدا ئائىلىگە تەبىر بېرىپ : ‹‹ ئائىلە نوقۇل مەنىدىكى ئىككى جىنىس قۇشۇلمىسىنىڭ قانۇنىي شەكلى بولۇپ قالماي ، ئۇ يەنە ، ئىنسان ئەۋلادلىرىنىڭ تەۋەللۇدگاھى ؛ مېھىر – شەپقەت ، ئەقىل – ئىدراك ، ئەخلاق – ئادەت ، بىلىم – مەدەنىيەتنى يېتىشتۈرۈدىغان تۇنجى مەكتىپى ؛ قوشنىلارغا ، ئىلىم ئوچاقلىرىغا ، جەمئىيەتكە ، كىشىلىك دۇنياسىغا يۈزلىنىدىغان بىرىنچى بوسۇغۇسى ؛ ئۆمۈر ئەجىرلىرىنىڭ ئەڭ مۇپەسسەل موزىيى ؛ كۆڭۈل جاراھەتلىرىنىڭ ئەڭ ئىشەنچلىك شىپاھخانىسى ؛ كىشىنى مەڭگۈلۈك دۇنياغا ئۇزىتىدىغان مۇسىبەت ئۆيى ؛ ئەۋلادلار شەجەرىسىنىڭ يىلتىزى ۋە شېخى ؛ مىللەتنى قۇيۇپ چىقىدىغان قېلىپ ؛ .... ئائىلە - ھەممە كىشى ، پۈتۈن جەمئىيەت ، ھەر ساھە غەمخورلۇق قىلىشى لازىم بولغان مىللىي تۇرمۇشنىڭ ‹ئۇرۇقى› . ئائىلىدىن ئائىلىلەر سېستىمىسى – جەمئىيەت ، ئىنسانلار تۈركۈمى – مىللەت تۆرۈلىدۇ ، ئۆسۈپ يېتىلىدۇ . ئائىلىلەر ماددىي ۋە مەنىۋىي ، ئەقلىي ۋە ئەخلاقىي شارائىتى ۋە قىياپىتىگە ئېتىبارسىز قاراش جەمئىيەت ۋە مىللەت ، ئىنسانىيەتنىڭ رېئال ۋە كەلگۈسىگە ئېتىبارسىز قاراش ھېساپلىنىدۇ ›› [1] دەپ يازىدۇ . ئالىمنىڭ ئائىلە ھەققىدە بەرگەن يۇقارقى تەبىرى بىزنىڭ بۈگۈنىمىز ھەققىدە ئويلىنىشىمىزغا ، تەپەككۈر قىلىشىمىزغا، جۈملىدىن ھەر بىر ئىش - ھەرىكىتىمىزنى مۇشۇ فورمۇلا بىلەن دەڭسەپ كۆرۈشىمىزگە ئەرزىيدۇ ۋە ئۈندەيدۇ . ئالىمنىڭ پىكرى بويىچە ئالساق، ئەر - ئايال ( ئوغۇل – قىز )نىڭ قانۇنلۇق ھالدا توي قىلىپ پەرزەنتلىك بولىشى ئەلۋەتتە قىل سىغمايدىغان ھەقىقەت ( نىكاھسىز پەرزەنتلىك بولىدىغان ، ئائىلىسى تۇرۇپ 3 – بىر كىشىدىن پەرزەنتلىك بولىدىغان قىسمەن ئەھۋاللارنىمۇ تىلغا ئالماي بولمايدۇ ) ، بىراق گەپ بۇ ئائىلىنىڭ بەرپا بولىشىدا ئەمەس بەلكى شۇ ئائىلىنىڭ كېيىنكى تەقدىرى ، ئائىلىنىڭ مۇستەھكەم بولىشى ، ئىككى تەرەپ ئاتا – ئانىسى ۋە ئۇرۇق – تۇققانلىرىغا تۇتقان پوزىتسىيىسى ، ئائىلىنىڭ مېھىر – مۇھەببەتكە تولىشى ، ئائىلە ئەخلاقى ۋە مەدەنىيىتى ، پەرزەند تەربىيىسى ، ئائىلىنىڭ جەمئىيەتكە ۋە مىللەتكە تۇتقان پوزىتسىيىسى قاتارلىق مەسىلىلەر ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ . مانا بىز بۈگۈنكى كۈنگە نەزەر سالىدىغان بولساق، ئۆتمۈشتىكى ئەنئەنىۋى تويلارنىڭ ئەكسىچە ئەركىن مۇھەببەت ئاساسىدا ئائىلىلەر بەرپا بولىدۇ . ئەلۋەتتە ، ‹‹ تويمىساڭ تويۇڭدا تويارسەن ›› دېگەندەك بەزى مۇشەققەتلەردىن خالىي بولمىغان ھالدا، ئىككى ياش بىر ياستۇققا باش قويۇپ ‹‹ بېشى باش ، ئايىغى تاش ›› ھالدا ھاياتنىڭ تۈرلۈك تۈمەن سىناقلىرىغا يۈزلىنىدۇ . بۇ سىناقلاردا ئائىلىلەرنىڭ مۇستەھكەم قورغىنى قانچىلىك مۇستەھكەملىنىدۇ ۋە قانچە زامان بەرداشلىق بېرەلەيدۇ ؟ بۇنىڭغا سانلىق مەلۇماتلار ئارقىلىق جاۋاپ ھازىرلىيالايمىز . بىز ئالدى بىلەن مۇندىن يۈز يىللار بۇرۇنقى دەۋرنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان، 20 – ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئەنگىلىيىنىڭ قەشقەردە تۇرۇشلۇق كونسۇلىنىڭ خانىمى كاتارىن ماكارتنىي ( 1898 – يىلى 21 يېشىدىن باشلاپ قەشقەر چىنىباغدا 17 يىل تۇرمۇش كەچۈرگەن )نىڭ 1931 – يىلى نەشىر قىلىنغان كىتابى ‹‹ قەشقەرنى ئەسلەيمەن ››دىكى مۇنۇ بايانلىرىنى كۆرۈپ باقايلى : ‹‹ قەشقەردە توي بېشىدا تۇرۇپ نىكاھ ئۇقۇغان موللا ۋاقىتنى تېجەش ئۈچۈن ، نىكاھ ئۇقۇغان چاغدىلا ئاجرىشىش خېتىنىمۇ تەييارلاپ قۇيىدىكەن . چۈنكى بۇنداق ئىشلار قاچانلا بولمىسۇن يۈز بېرىپ تۇرىدىكەن . بىر ئەر بىرەر گۇۋاھچىنىڭ ئالدىدا خوتۇنىغا ئۈچ قېتىم ‹ تالاق › دېسە ، ئەر – خۇتۇن ئاجراشقان بولىدىكەن . شۇڭا بۇنداق ئەھۋالدا نىكاھلىنىش ھىچقانچە چوڭ ئىش ھېسابلانمايدىكەن . نۇرغۇن ئەرلەر بىرىنچى قېتىملىق سەپىرىدە ، مەلۇم جايدا بىرەر قىز بىلەن توي قىلىدىكەندە ، كۆپۈنچە بىر ئىككى كۈن ، بەزىدە نەچچە ھەپتە ، نەچچە ئاي ئۆتكەندە كېتىپ قالىدىكەن ، كېتىشتىن بۇرۇن ئاجرىشىدىكەن ... قەشقەردە قىزلار 12 يېشىدىلا توي قىلىدىغان ، كۆپ بالىلىق ياكى كۆپ نەۋرىلىك بولىدىغان بولغاچقا ، ئاسان قېرىپ ، 25 ياشلاردىلا قېرى چىراي بولۇپ كېتىدىكەن ›› [2]. مانا بۇ بايانلاردىن بىز مۇندىن 100 نەچچە يىللار بۇرۇن ئۇيغۇرلارنىڭ نىكاھقا ئويۇنغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلغانلىقىنى كۆرەلەيمىز.
    قازاق ئالىمى چۇقان ۋەلىخانوپ ( 1835 – 1865) 1858 – يىلىدىن 1859 – يىلىغىچە قەشقەردە بولغان كۈنلىرىدە كۆرگەنلىرى ئاساسىدا يازغان ‹‹ ئالتە شەھەر خاتىرىلىرى ›› دىگەن كىتابىدا، ‹‹ ئالتە شەھەردە ئاياللار ئەرلىرى بىلەن بەزمىلەرگە بارىدۇ . بۇ يەردە كۆپ خوتۇنلۇق بولۇش ئاز ئۇچرايدۇ . چۈنكى ، ئاياللار خالىغان چاغدا ئەرلەرنى تاشلاپ ئۆيدىن چىقىپ كېتەلمەيدۇ . ئەگەر ئايالى ئاجراشماقچى بولسا ، ئۆيدىن بىرنەرسە كۆتۈرۈپ ماڭالمايدۇ . ئەگەر ئەر ئاجراشماقچى بولسا ، ئايالىنىڭ جان بېقىشى ئۈچۈن تۆلەم بېرىشى تەلەپ قىلىنىدۇ . ئالتە شەھەردە مۇسۇلماندارچىلىققا يات كەڭ يېيىلغان بىر ئاجايىپ ئادەت بار ، ئۇ بولسىمۇ ، باشقا يۇرتتىن كېلىپ توختاپ قالغانلارنى ۋاقىتلىق ئۆيلەپ قۇيىدىغان ئادەتتۇر . ۋاقىتلىق نىكاھقا قەتئىي يول قويمايدىغان ھەنەفىيە مەزھىپىنىڭ يولىنى تۇتىدىغان سۈننىيلەر تۇرۇقلۇق ، قەشقەرلىكنىڭ بۇ خىل ئادەتكە يول قويۇشى بەكمۇ ھەيران قالارلىق ئىشتۇر. ئېھتىمال بۇ بۇتپەرەسلىك زامانىدىن قالغان ئادەت بولىشى مۈمكىن .
    ۋاقىتلىق نىكاھلىنىش ئادىتى مۇھاجىرلار كۆپرەك جايلاشقان ئالتە شەھەر تەۋەسىدىلا ئەۋج ئالغان ، كۇچارنىڭ كۈن چىقىش تەرىپىگە ئۆتۈپ كەتسەك بۇنداق ئادەت يوق . چۈنكى ئۇ ياقلارغا باشقا يۇرتلۇقلار ئانچە بارمايدۇ . ئەر بولغۇچى خوتۇنغا تويلۇق ئۈچۈن بىر قۇر كىيىم ئېلىپ نىكاھ ئۇقۇتسىلا ئىش پۈتىدۇ . خوتەن تەرەپلەردە بىزنىڭ كۈمۈش پۇل ھېساۋىمىزدا بىر يېرىم كۈمۈش خەجلىسىلا خوتۇن ئالغىلى بولىدۇ . يەكەندە تېخى مەخسۇس خوتۇن بازىرى بولۇپ ئەرگە تېگىدىغان خوتۇنلارنى بازاردىنلا تېپىۋالغىلى بولىدۇ . ئەمما ئاقسۇ ، تۇرپانلاردا توي قىلماق تەسرەك . ئالتە شەھەردە ئاياللارغا نىكاھ ئەركىنلىكى بېرىلگەندەك قىلغىنى بىلەن ، بۇ ئىشنىڭ يامان تەرىپى شۇكى ، كىشىلەر ئائىلىنى قەدىرلىمەيدىغان ، نىكاھنى ئويۇن تاماشا قاتارىدا كۆرىدىغان ئەھۋاللار ناھايىتى ئېغىر .... كېيىن كىشىلەر پەيغەمبەرنىڭ سۈننەتلىرىدىن چەتنەپ كەتكەچكە ، جەمئىيەتتە يەنىلا مۆرتەدلىك ۋە زىناخورلۇق يامراپ كەتتى . مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىدا ھازىر ھاراقنىڭ ئورنىنى نەشە ئىگىلىدى . ئالتە شەھەردە نەشە چېكىدىغانلار بەڭگە دېيىلىدۇ . بەڭگىلەرنىڭ سانى كۆپ بولۇپ جەمئىيەتكە ھېچقانداق پايدىسى يوق بىر تەبىقە . ... ئالتە شەھەرنىڭ بۇلۇڭ پۇچقاقلىرىدا پاھىشخانىلار بار . ئاياللار شۇ يەرلەردە پاھىشىلىككە سېلىنىدۇ . قەشقەردە پاھىشە ئاياللارنىڭ كۆپۈيۈپ كېتىشىدە ھەر خىل سەۋەبلەر بولسىمۇ ، لېكىن نامراتلىق ۋە مۇھتاجلىقنى ئەڭ مۇھىم سەۋەب دېيىشكە بولىدۇ ... ››[3] دەپ يازغانلىرى كاتارىن ماكارتنىينىڭ يازغانلىرىنىڭ بەرھەقلىگىگە گۇۋاھ بولۇپلا قالماستىن، يەنە بۇ خىل ئادەتنىڭ تېخىمۇ بۇرۇنلا بار ئىكەنلىگىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ .
    روسىيىلىك ئاتاقلىق تاتار ئالىمى نۇشرىۋان يائوشېۋ ‹‹ ئۇيغۇرلار يۇرتىغا زىيارەت ›› ناملىق ئەسىرىدە 1915 – يىلى ئەتراپىدا يۇرتىمىزدا كۆرگەن ئاڭلىغانلىرىغا ئاساسەن مۇنداق دەپ يازىدۇ : ‹‹ سەبىي قىزلارنى سەككىز – توققۇز يېشىدىلا ئەرگە بېرىدۇ . 12 – 13 ياشقىچە ياتلىق قىلىنمىغان قىزلار ئەيىبلىك سانىلىدۇ . قىز بىر ئەردە بىر ئايدىن ئارتۇق تۇرالمايدۇ . بىر ئەر ، ھالى يەتسە يىلىغا 40 – 50 قىزغا ئۆيلىنىدۇ . شۇ سەۋەبلىك ئەرسىز قالغان خوتۇنلار بەك كۆپ ئۇچرايدۇ . بالىلىق ئاياللار ياش بولسىمۇ ، ئەر چىقمايدۇ . بەك كۆپ قىزلار مۇساپىرلاردىن ھامىلدار بولۇپ قالىدۇ . ئۇلار كۈنىگە ئۈچ – تۆت تىيىنغا مويكىلاردا يۇڭ يۇيۇپ ئىشلەپ بالىلىرىنى ئۆزلىرى تەربىيىلەيدۇ . ... خوتۇن قىزلار بېزەككە ئامراق بولغاندەك ، ئەرلىرىمۇ شۇنداق پوزۇر كىيىنگەن يورغىلاپ يۈرگۈچى قىزلارغا ۋە يورغا ئاتلارغا ئامراق كېلىدۇ . ئۇلارنىڭ نەزىرىدە خوتۇننى كۆپرەك ئېلىش سۈننەت ۋە بىرىنچى دەرىجىلىك ساۋابلىق ئىش . ئەشۇ خىل ئېتىقادنىڭ سەمەرىسدىن بولسا كېرەك ، بۇ يەردە ئۆمرىدە يۈزدىن كۆپرەك قىزغا ئۆيلەنگەن كىشىلەر كۆپ ئۇچرايدۇ . خوتۇن قىزلارنى ئۇرۇپ سوقۇش ، ئاغزىدىن قان كەلگۈچە قىيناش ئىككىنچى دەرىجىدە تۇرىدۇ . بۇلارنىڭ نەزەرىچە ، بارلىق قۇت - سائادەت ۋە بارچە يىتۈكلۈك كۆپرەك خۇتۇن ئېلىپ ئۇلارنى قاتتىقراق قىيناشتۇر. ... بىزنىڭ بۇ يەردە خوتۇن ئەرزان . تېخى يېقىندىلا بىر ئىككى تەڭگە چىقىم قىلىپ 14 ياشلىق بىر قىز ئالغان ئىدىم . يېنىدا ئىككى كۈن يېتىپ ، ئۈچىنچى كۈنى ئۇنى قويۇۋېتىپ ، ئاخشام يەنە بىرنى ئالدىم . بالىلارنىڭ ئانىسى قېرىپ قالدى ، ئۇ .. بولمايدۇ . بىز پەيزىۋاتقا دائىم بېرىپ تۇرىمىز ، ھەر بارغاندا بىرنى ئالماي كەلمەيمىز . ئۈچ كۈن تۇرىمىزدە تالاق خېتىنى بېرىۋېتىپ كېتىمىز ، ناھايىتى ئۈچ – تۆت تەڭگىلا چىقىم بولىدۇ .... ›› [4]
    گېرمانىيىلىك ئاتاقلىق ئارخىئولوگ ئالبېرت ۋون لېكوك ‹‹ شىنجاڭنىڭ يەر ئاستى مەدەنىيەت بايلىقلىرى ›› ناملىق كىتابىدا تۇرپان قاراخوجىدا بولغان مۇنداق بىر ۋاقىئەنى خاتىرىلىگەن : ‹‹ شۇ يەردە بىر مەزگىل تۇرغاندىن كېيىن ، بىر كۈنى قازى بىلەن ئورنى يۇقىرى بىر ئاخۇن بىزنى ئىزلەپ كەلدى . ئاخۇن بىزگە ”سىلەر ئىككىڭلەر خۇتۇنسىز بۇنداق ياشىساڭلار بولمايدۇ ، سىلەر توي قىلىشىڭلار زۈرۈر “ دېدى . بىز ” بىز توي قىلىپ بولغان “ دېسەك ئۇلار يەنە، ” توغرا ، لېكىن سىلەرنىڭ خۇتۇنلىرىڭلار نەچچە مىڭ چاقىرىم يىراقتا ، شۇڭا سىلەر بۇ يەردە چۇقۇم نىكاھلىنىشىڭلار لازىم . بەگنىڭ ۋە مېنىڭ قىزىمنى سىلەرگە ياتلىق قىلىشقا جابدۇپ قويدۇق “ دېدى . بۇ ئىش بىزنى ناھايىتى قىيىن ئەھۋالدا قالدۇردى . بىز قانداق قىلساق ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتماي بۇ ئىشنى رەت قىلالايمىز ؟ بىز ئاۋۋال ئۇلارغا رەھمەت ئېيتتۇق ، ئاندىن: ” دوستلار ، سىلەرمۇ بۇ يەردە چىڭ پادىشاھىنىڭ سىنچىلىرى – مەخپىي پايلاقچىلىرى بارلىقىنى بىلىسىلەر ، ھەر ھەپتىدە بىزنىڭ ھەر بىر ئىش ھەرىكىتىمىزنى بېيجىڭدىكى ئەلچىگە مەلۇم قىلىپ تۇرىدۇ ، باش ئەلچى بۇ دوكلادلارنى بېرلىندىكى پادىشاھ ۋېللىيامغا يەتكۈزۈپ تۇرىدۇ . بىزنىڭ قانۇنىمىزدىكى بەلگىلىمە بويىچە بىز پەقەت بىر قېتىملا توي قىلالايمىز ، ئەگەر پادىشاھ بىزنىڭ بۇ يەردە يەنە توي قىلغىنىمىزنى ئۇقۇپ قالسا ، سىز پەرەز قىلىپ بېقىڭ، بىز قانداق بولىمىز؟ “ دېدۇق . ئۇلار ساقاللىرىنى سىپاپ ”بىلمەيمىز “ دېيىشتى . ئۇلاپلا بىز چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدۇق : ئەگەر بىز قوش نىكاھلىنىش جىنايىتىنى ئۆتكۈزسەك ، ” 25 دەررە ئۇرۇلىمىز “. ئۇلار بىزنىڭ بۇ خىل ياۋايىلارچە قىلمىشىمىزدىن قاتتىق ھەيران بولۇپ بىزگە ھېسداشلىق قىلىشىپ قايتتى›› [5]. ياپونىيىلىك دۇبىئەنجېشىن ‹‹ بۇ يەرلىك قىزلار ناھايىتى بالدۇر توي قىلىدىكەن ، ئەگەر 15 ياشقىچە ياتلىق بولمىسا ياتلىق بولالمايدىكەن ، ئادەتتە 12 ~ 13 ياشلاردىلا 25 ياشلار ئەتراپىدىكى ئەرلەردىن بىرىگە ياتلىق بولۇپ كېتىدىكەن... بىراق ئەرلەر ئاياللارنى يىرتىق كەشنى تاشلىغاندەك چۆرىۋېتىدىكەن ، شۇنچىكىلا ياقمىسا خوتۇنىنى قوغلاپ چىقىرىپ باشقىسىنى ئالىدىكەن . ياپونىيىدە توي قىلغاندا بۇرۇن توي قىلغانمۇ دەپ سورايدۇ ، بۇ يەردە نەچچە ئەرگە تەگكەن دەپ سورايدىكەن. بۇ يەردىكىلەر ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغانلىقتىن، بىر ئەر كۆپ خوتۇنلۇق بولالايدىكەن ، بىر ئەر بىر قانچە خوتۇن ئالالايدىكەن ، بىراق مۇنداقچە ئېيتقاندا بۇ خوتۇنلار ئايرىم – ئايرىم ئۆيلەردە تۇرىدۇ ، بۇ خوتۇنلار پۇلغا سېتىۋېلىنغان ، شۇڭا قىز توغۇلسىلا بايلىق دېيىشكە بولىدۇ . ئاجراشقاندا ، بالىسى ئەگەر ئوغۇل بولسا ئېرى ئالىدۇ، قىز بولسا خوتۇنى ئېلىپ كېتىدۇ ... ›› [6] . بۇندىن باشقا يەنە ئۇيغۇر ئالىمى نەزەر خوجا ئابدۇسەمەت ‹‹ ئالتە شەھەرگە سەپەر ›› ناملىق ئەسىرىدە ‹‹ پاھىشىلەرگە پاھىشىخانىلەر يوق . شۇڭلاشقا پاھىشىلەر تۇڭگان سارايلىرىدا مۇستەقىل ياشايدۇ . يېنىغا بارساڭ ھامان نازلىنىپ ، ئاشىق – مەشۇق قوشاقلىرىنى ئېيتىدۇ . بۇلارنى كۆرۈپ ئۆز