
شىنخۇا تورىنىڭ 29 – سېنتەبىر ئوتتاۋادىن بەرگەن تېلېگراممىسى كانادا ئاممىۋى بىخەتەلىك مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ۋېك تېفۇس 29 – سېنتەبىر بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دىدى، كۇبانىڭ گۇەنتانام ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى بازىسى تۈرمىسىگە قامالغىلى 10 نەچچە يىل بولغان كانادالىق تېررورچى ئۇنسۇر ئومار خادىر شۇ كۈنى ئەتىگەندە يۇرتىغا قايتۇرۇلدى.
تېفۇس باياناتىدا مۇنداق دىدى، خادىر كانادا پۇقراسى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇنى يۇرتىغا قايتۇرۇش توغرىسىدا تەكلىپ بەرگەن، كانادا ھۆكۈمىتى قانۇن بويىچە قارار قىلغان. ئۇ ئەمدى كانادادىكى تۈرمىدە قالغان جازا مۇددىتىنى داۋاملىق ئۆتەيدۇ.
باياناتتا مۇنداق دىيىلدى، خادىر 2002 – يىل ئافغانىستاندا ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق بىر تىببىي خىزمەتچىسىنى ئۆلتۈرگەنلىكى، تېررورچىلارغا ماددىي ياردەم بەرگەنلىكى، جاسوسلۇق پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغانلىقى قاتارلىق جىنايى قىلمىشلىرىنى ئىقرار قىلغان.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خادىر مىسىرلىق سودىگەر بولۇپ، كانادادىكى ئەڭ چوڭ شەھەر تورۇنتودا تۇغۇلغان، ئۆسمۈرلۈك دەۋرىنىڭ كۆپ قىسمىنى پاكىستان ۋە ئافغانىستاندا ئۆتكۈزگەن. 2002 – يىل ئىيۇلدا، ئافغانىستاندىكى بىر قېتىملىق ئۇرۇشتا ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغان. ئەينى چاغدا ئۇ ئارانلا 15 ياشتا بولۇپ، ئۇندىن كېيىن گۈەنتانامدىكى ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيە بازىسىنىڭ مەخسۇس تېررورچىلارنى قامايدىغان تۈرمىسىگە قامالغان، 2010 – يىل ئامېرىكا ھەربىي سوت ئېچىپ، مۇددەتلىك 8 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان. كانادا قانۇنىغا ئاساسەن، ئۇ ئەڭ تېز بولغاندا 2013 – يىل ئاندىن قويۇپ بېرىلىدىكەن.