ئەنگىلىيەلىك 5 ياشلىق بىر قىزنىڭ بوي ئېگىزلىكى پەقەت 68 سانتىمېتر بولۇپ، ئېغىرلىقى 9 قاداقمۇ كەلمەيدۇ

شارۇت جاسەيدى – دۇنيا بويىچە ئەڭ پاكار قىزچاق.
ئەنگلىيەلىك 5 ياشلىق قىز شارۇت جاسەيدى – دۇنيا بويىچە بويى ئەڭ پاكار قىزچاق: بوي ئېگىزلىكى پەقەت 68 سانتىمېتىر، بەدەن ئېغىرلىقى 9 قاداقمۇ كەلمەيدۇ. ئالدىنقى ھەپتە، ئۇ تۇنجى قېتىم دەرسخانىغا كىرىپ، ئۆزى بىلەن تەڭ ياشتىكى بالىلار بىلەن بىللە ئوينىدى. شارۇت ئۆيىدىكىلىرى بىلەن بىرگە خۇلل شەھىرىنىڭ دېڭىز ساھىلىغا يېقىن بىر كەنتتە تۇرىدۇ. ئۇ ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدىغان بىر خىل تۇغما پەتەكلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بولۇپ، دۇنيا بويىچە ئارانلا 100 بىمار بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولغان. رەسىمدە شارۇت ئانىسى بىلەن پاراڭلاشماقتا.