
بوۋاي 1 – توساقتىن ئاتلاپ ئۆتۈپ، رېلىستىن كېسىپ ئۆتمەكچى بولغاندا، باشقۇرغۇچىلار ئۇنىڭغا «خەتەرلىك» دەپ توۋلىدى.
جۇڭگو ئاخبارات تورى 29 – سېنتەبىر تېلېگراممىسى چەتئەل تېلېگراممىلىرىدا خەۋەر قىلىنىشىچە، ئەنگىلىيەلىك بىر بوۋاي پويىز كېلىۋاتقان پەيتتە، تۆمۈر يول رېلىسىدىن كېسىپ ئۆتمەكچى بولغان، كۈتۈلمىگەندە رېلىسنىڭ ئوتتۇرىسىدا يىقىلىپ چۈشكەن. ئەمما بوۋاي ئورنىدىن تېز تۇرۇپ، توساقتىن سەكرەپ ئۆتۈپ، بۇ بالا – قازادىن ئامان قالغان. بۇ مەنزىرە نەق مەيداندىكى كىشىلەرنىڭ تېنىنى شۈركەندۈرگەن.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، 61 ياشلىق بۇ ئەنگىلىيەلىك بوۋاي تۆمۈر يول يېنىدىكى ئىككى توساق چۈشۈرۈلگەندىن كېيىن، رېلىستىن كېسىپ ئۆتمەكچى بولغان، ئەمما بوۋاي كېلىۋاتقان پويىزنىڭ سائەتلىك سۈرئىتى 140 ئىنگىلىز مىلىلىق تېز سۈرئەتلىك پويىز ئىكەنلىكىنى بىلمىگەن. بۇ خىل پاراۋوزلارنىڭ سۈرئىتى پۈتۈن ئەنگىلىيە بويىچە ئەڭ تېز سۈرئەت ھېسابلىنىدۇ. بوۋاي 1 – توساقتىن ئاتلاپ ئۆتكەندىن كېيىن، ئېھتىياتسىزلىقتىن رېلىسنىڭ ئوتتۇرىغا يىقىلىپ چۈشىدۇ، بۇ ئىش ماشىنىدىكى كىشىلەرنى قاتتىق چۆچىتىۋېتىدۇ. پويىز كېلىپ ، ئۇنىڭغا دەل سوقۇلىدىغان ئاشۇ دەقىقىدە، بوۋاي ئورنىدىن دەس تۇرۇپ، يەنە بىر توساقتىن سەكرەپ ئۆتۈپ، بۇ بالا – قازادىن ئامان قالىدۇ.
فوتوگراف ستېفمۇ دەل شۇ پەيتتە پويىز ئۆتۈۋاتقان نەق مەيداندا بار بولۇپ، ئۇ بوۋاينىڭ ئىنتايىن قاراملىق بىلەن توساقتىن سەكرەپ ئۆتۈشىدەك بۇ مەنزىرىنى ئۇستىلىق بىلەن سۈرەتكە تارتىۋالىدۇ.
نەق مەيداندىكى بىر ئايالنىڭ ئېيتىشىچە، ئەينى چاغدا ئۇ بالىسى بىلەن ماشىنىدا ئولتۇرۇپ، پويىزنىڭ ئۆتۈپ كېتىشىنى ساقلاۋاتقان ئىكەن، پويىز بوۋاينى سوقىۋېتىشكە ئاز قالغاندا، بۇ ئايال بۇ قانلىق مەنزىرىنى بالىسىنىڭ كۆرۈپ قالماسلىقى ئۈچۈن تېزلا بالىسىنىڭ كۆزىنى ئېتىۋالغان.
ھازىر بۇ بوۋاينى شۇ جايدىكى ساقچىلار قولغا ئېلىپ سوراق قىلىۋېتىپتۇ.
تېز سۈرئەتلىك پويىز بوۋاي 2 – توساقتىن ئاتلاپ ئۆتۈشىگىلا بۇ يەردىن ئۆتكەن.