
ۋاڭيى تورىنىڭ بېيجىڭ ۋاقتى 2012-يىلى 09-ئاينىڭ 29-كۈنىدىكى خەۋىرى نۇر تورى تەرجىمىسى، چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكىدىكى بىر كىنونى سۈرەتكە ئېلىش ھەۋەسكارى جىيەنىنى تېررورچىدەك ياساندۇرۇپ، قولىغا بىر راكېتا قويۇپ بېرىش ئۈسكۈنىسى تۇتقۇزۇپ ئامېرىكىنىڭ ئارىزونا ئىشىتاتى سۇمۇرغ شەھىرىنىڭ ئاۋات يېرىدىكى تۆت كوچا ئېغىزدا ئۇيان-بۇيان ماڭدۇرۇپ، بۇ ئىشقا قارىتا ساقچىلارنىڭ قانداق ئىنكاستا بولىدىغانلىقىنى بىلىپ باقماقچى بولغان. ئەمما ساقچىلار بۇ بىمەنە چاقچىقى سەۋەبلىك ئۇنى تۇتۇپ كەتكەن.

سۇمۇرغ شەھىرىدىكى 39 ياشلىق مايكول داۋىد تارلىي (Michael David Turle) بۇ كۆرۈنۈشنى سىنغا ئېلىپ، تورغا چىقارغان. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشتىكى مەقسىتى پەقەت ساقچىلارنىڭ بۇ ئىشقا قانداق قارايدىغانلىقىنى بىلىپ بېقىش ئىكەن. بۇندىن سەككىز بۇرۇن (9-ئاينىڭ 20-كۈنى) كولورادو ئىشتاتىدا بىر قېتىملىق ئېغىر ئېتىشىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 12 ئادەم قازا قىلغان، 58 ئادەم يارىلانغان.

تۆت كوچىدا قورال كۆتۈرۈپ يۈرگەن 16 ياشلىق بالىنى كۆرگەن شوپۇرلار دەرھال ساقچىغا مەلۇم قىلغان، ساقچىلار بۇ ئىشتىن خەۋەر تېپىپلا ئىنكاس قايتۇرغان.سىندىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ «تېررورچى» تۆت كوچا ئېغىزدا ئالاھازەل 15 مىنۇت پىرقىراپ يۈرگەن. كېيىن، ئۇ بۇ سىننى توردا ئېلان قىلغان.

9-ئاينىڭ 5-كۈنى، تارلىي بۇنى ئۆزىنىڭ سىنغا ئالغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان، ساقچىلار 9-ئاينىڭ 24-كۈنى ئۇنى ئۆيىدىن تۇتۇپ كەتكەن.