ھىندونېزىيەدە بىر كىچىك تىپتىكى مەشق قىلدۇرۇش ئايرۇپىلانى چۈشۈپ كەتتى، ئايرۇپىلاندىكى 2 كىشىنىڭ ئۆلۈك - تىرىكلىكى ئېنىق ئەمەس
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 29 – سېنتەبىر تېلېگراممىسى چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، شۇ جاي ۋاقتى 29 – سېنتەبىر، 3 كىشىلىك بىر كىچىك تىپلىق مەشق قىلدۇرۇش ئايرۇپىلانى ھىندونېزىيەنىڭ باندۇڭ ھاۋا يولىدا چۈشۈپ كەتكەن، ھازىرغىچە ئادەملەرنىڭ يارىلىنىش ئەھۋالى ئېنىق ئەمەس.
خەۋەرلەردە ئېيتىلىشىچە، ئايرۇپىلانغا 2 ئادەم سېلىنغان. نەق مەيداندا كۆرگۈچىلەر شۇ جاينىڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىغا مۇنداق دىگەن، بۇ «Bravo AS 202» ناملىقئايرۇپىلان باندۇڭنىڭ بىر يېرىدىكى ئاھالىلار رايونىغا چۈشۈپ كەتكەن، ۋەقە يۈز بەرگەندە ئايرۇپىلان ناھايىتى پەس ئۇچقان.
ھازىر ، ئايرۇپىلاندىكى ئىككى كىشىنىڭ ئۆلۈك – تىرىكلىكى ئېنىق ئەمەس، ئايرۇپىلان چۈشۈپ كەتكەندە، يەر يۈزىدىكى كىشىلەرنى يارىلاندۇردىمۇ يوق، بۇمۇ ئېنىق ئەمەس ئىكەن.