
ئاسترونوملار C/2012 S1(ISON)ناملىق قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزنىڭ ئايدىن يورۇق ئىكەنلىكىنى بايقىغان
جۇڭگو ئاخبارات تورى 30 – سېنتەبىر تېلېگراممىسى تەيۋەننىڭ «بۈگۈنكى خەۋەرلەر» گېزىتىنىڭ 30 – سېنتەبىردىكى خەۋىرى، يورۇقلۇق دەرىجىسى ئاينىڭ 15 ھەسسىسىگە باراۋەر كېلىدىغان بىر قۇيرۇقلۇق يۇلتۇز 2013 – يىل كېچە ئاسمىنىدىن ئۇچۇپ ئۆتىدىكەن. شىمالىي يېرىم شاردىكى ئاسترونوم ھەۋەسكارلىرى بۇ قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزنىڭ ئۇچقىنىنى ئېنىق كۆرلەيدىكەن.
بۇ قۇيرۇقلۇق يۇلتۇز ISONنىڭ ئىلمىي نامى C/2012 S1(ISON). يېڭى بايقالغاندىكى يورۇقلۇق دەرىجىسى 18.8 گرادۇس. ھازىر يۇپتېر ئوربېتىسىنىڭ سىرتىدا ئايلىنىۋاتىدۇ، كەلگۈسىدىكى بىر يىل ئىچىدە، قۇياش سىستېمىسى ئوربېتىسىغا كىرىدۇ. 2013 – يىل 11 – ئاي ياكى 12 – ئايلاردا يەر شارىغا ئەڭ يېقىن ئۇچىدۇ. شىمالىي يېرىم شاردىكىلەر بۇ قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزنىڭ ئۇپۇقنى يېرىپ ئۆتكەنلىكىنى ئېنىق كۆرەلەيدۇ. يەر شارىدىن يىراقلىشىپ، نەچچە يۈز مىڭ يىللاردىن كېيىن ئاندىن يەر شارىغا قايتا يېقىنلىشىدۇ.
روسىيەنىڭ خەلقئارالىق ئوپتىكا ئۆلچەش پونكىتىدىكى تېلېسكوپ بۇ قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزنى بايقىغان. ئۇ پارابولا شەكىللىك ئوربېتىدا ئايلىنىۋاتقان بولۇپ، مۇشۇ ئوربېتىنى ياقىلاپ، ئۇدۇل قۇياشقا قاراپ ئۇچقان. بۇ قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزنىڭ ئوربېتىسى قۇياشقا يېقىنلاشقانسېرى ئۇ تېخىمۇ يورۇق بولۇپ كەتكەن، ئەمما كۈچلۈك قۇياش نۇرى توسىۋالغاچقا، ناھايىتى تەستە بايقالغان.
بەزى ئاستورونوملار C/2012 S1(ISON)نىڭ ئوربېتىسىنىڭ 1680 – يىلدىكى چوڭ قۇيرۇقلۇق يۇلتۇز ئوربېتىسىغا ئوخشىشىپ كېتىدىغانلىقىنى بايقاپ، ئۇلارنى ئوخشاش بىر چوڭ قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزنىڭ پارچىلىرى بولۇشى مۈمكىن، دەپ قارىدى.تارىختىكى بىز بىلىدىغان چوڭ قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزدىن باشقا، ئوربېتىسى C/2012 S1(ISON)گە ئوخشىشىپ كېتىدىغان باشقا قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزلار قۇياشقا يېقىنلاشقان چاغدا، قۇياش نۇرى ۋە ئىسسىقلىقىنىڭ ياردىمىدە ، ئۆزى تېخىمۇ يورۇق كۆرىنىدۇ، مۇشۇ ۋاقىتتا ئۇلارنى كۆرگىلى بولىدۇ. شۇڭا مۇتەخەسىسلەر C/2012 S1(ISON)نى ئاستورونوم ھەۋەسكارلىرى ئىنتىزارلىق بىلەن ساقلىشىغا ئەرزىيدۇ، دەپ قارايدۇ.