
9-ئاينىڭ20-كۈنى تەيۋەن ئاخبارات ۋاستىلىرى شۇنداق خەۋەر قىلىدۇ ، يېقىندا بېلىق تۇتۇش ئارىلىنىڭ مەسىلىسى بىلەن ياپونىيەگە قارشى ھەركەتلەر دۆلىتىمىزدە بەكمۇ ئەۋج ئېلىپ كەتتى،شۇنىڭ بىلەن جوڭگو ياپونىيە ئوتتۇرسىدىكى ئەدىبى سەنئەت ئىشىلىرىمۇ بەلگىلىك تەسىرگە ئۇچرىدى.بىراق لى بىڭ بىڭ رول ئالغان ھوللىۋود فىلىمى «بىئو خىمىيە كىرزىسى5»ھەقىقەتەن كۆپچىلىكنى ئىنتايىن ئىنتىزار قىلاتتى. ھازىر بۇ فىلىم ياپونىيەلىكلەر تەرىپىدىن ئۇيۇن قىلىپ ئۆزگەرتىلگەنلىكى ئۈچۈن، چوڭ قۇرۇقلۇقتا كىنونىڭ قۇيۇلۇش ۋاقتى«چەكسىز ھالدا كەينىگە سۈرۈلىشى مۇمكىن».بۇ بەلكىم سىياسىغا يۇشۇرۇنغان بىر مۇھىم مەسىلە بۇلۇپ قېلىشىمۇ مۇمكىن.
لى بىڭ بىڭ «بىئو خىمىيە كىرزىسى5»تە «ئېدا»نىڭ رولىنى ئېلىپ چىققان،ئۇزۇن قىزىل كۆينەك كىيگەن ئېدا مىلا بىلەن مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ جەڭ قىلىدۇ.كىنو توغۇرلۇق تارقالغان خەۋەرلەر كىنو مەستانىلىرىنى تېخىمۇ بەك تەقەززا قىلىدۇ.بىراق ئالدىنقى مەزگىلدە كىنونىڭ ياپونىيەدە قۇيۇلۇش مۇراسىمىدە لى بىڭ بىڭ دەل بېلىق تۇتۇش ئارىلىنىڭ مەسىلىسى بىلەن سەھنىگە چىقمىدى،يېقىندا كىنونىڭ 14-چېسلا چوڭ قۇرۇقلۇقتا قۇيۇلىدىغانلىقى ھەققىدە خەۋىرى تارقالغانىدى، بىراق قۇيۇلۇشتىن بۇرۇن قىسقا فىلىملار چىقىپ كىنونىڭ ياپونىيە ئويۇنىغا ئايلاندۇرۇلغانلىقى تارقالغاندىن كىيىن فىلىمنىڭ قۇيۇلۇش ۋاقتى كىچىكتۈرۈلدى.
جوڭگولۇق چولپان لى بىڭ بىڭ رول ئېلىپ چىققان ھوللىۋود فىلىمىنىڭ جوڭگودا قۇيۇلالمايۋاتقانلىقى راستىنلا سىياسى بىلەن مۇناسىۋەتلىكمۇ؟ئۇنىڭ ۋاستىچىسى بۇ توغۇرلۇق كۆپ سۆزلەشنى خالىمىدى،ئۇ پەقەتلا«ئالدىنقى قېتىم شىياڭگاڭ ئاخبارات ۋاستىلىرىغا بىز جاۋابىنى بېرىپ بولغان، بۇ شۇنىڭغا ئوخشاش.»دىدى .ئۇ شىياڭگاڭ ئاخبارات ۋاستىلىرىغا مۇنداق دىگەن: «كىنو 10-ئاي بىلەن 11-ئاينىڭ ئوتتۇرسدا چۇقۇم قۇيۇلىدۇ، ئۇنىڭدىن كىچىكتۈرۈلمەسلىكى كېرەك.كىنونىڭ ئىچكىرى ئۆلكىدە قۇيۇلماسلىقىدا نۇرغۇن سەۋەبلەر بار،بۇنىڭدا تەقسىمات مەسىلىسىمۇ بار.» بىراق ۋاستىچى شۇنى ئىقرار قىلماي تۇرالمايدۇكى ئەگەر كىنو راستىنلا چوڭ قۇرۇقلۇقتا قۇيۇلماي قالسا لى بىڭ بىڭ چۇقۇم بەكمۇ ئەپسۇسلىنىدۇ.