ساقلىۋىلىڭ باش بەت قىلىڭ بۈگۈن خۇشخۇي توربىكتىگە كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا!
قىزىقارلىق فىلىم مەدەنىيەت-تارىخ ئـەدەبىـيات كومپيۇتېر ۋە IT چولپانلارسالۇنى خەلقئارا خەۋەر كىنو-فىلىم باش بەت
كۈلكە-ئىتوتلار قىزىق نۇقتا بوكىسلار پەن-تېخنىكا رەسىم دۇنياسى مەملىكەت خەۋەرلىرى MTV ئىكرانى خـەۋەرلـەر
تەنتەربىيە قانىلى ئەدەبى شەخىسلەر ھەمكارلىق ئىقتىساد ئۇچۇرلىرى تور ئويۇنى شىنجاڭ خەۋەرلىرى ناخشا - مۇزىكا مۇنبەر

AD-242-60

AD-242-60

| قىزىق نۇقتا | خەلقئارا خەۋەرلىرى | مەملىكەت خەۋەرلىرى | شىنجاڭ خەۋەرلىرى | تەنتەربىيە | IT كومپىيۇتىر | ئىقتىسادى خەۋەرلەر | مائارىپ-ئىمتىھان خەۋەر باش بىتى  
ھاماقەتلىكتە ئۇچىغا چىققان زۇڭتۇڭ بۇش ئالجىپ قانچىلىك بالايى-ئاپەت پەيدا قىلغان - huxhuy online----Sports|world News|it News|china News|Local News Business
ئورنىڭىز:خەۋەر >> خەلقئارا خەۋەرلىرى >>
ھاماقەتلىكتە ئۇچىغا چىققان زۇڭتۇڭ بۇش ئالجىپ قانچىلىك بالايى-ئاپەت پەيدا قىلغان
 يوللىغۇچى:  كىلىش مەنبەسى:نۇر تورى  كۆرلىشى:0  
ھاماقەتلىكتە ئۇچىغا چىققان زۇڭتۇڭ  بۇش ئالجىپ  قانچىلىك بالايى-ئاپەت پەيدا قىلغان ؟
[ئامېرىكا «بوستون گۇلوبوسى» گېزىتىنىڭ 10 -يانۋار باش ماقالىسى] ئۇرۇش ئادەتتە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تاكتىكىسىنىڭ مەغلۇبىيىتىدىن باشلىنىدۇ. ھازىر ئىسرائىلىيىنىڭ غەززەدە خاماسقا  زەربە بېرىۋاتقانلىقىنى مىسالغا ئالساق، بۇ يالغۇز ئىسرائىلىيە ۋە خاماس رەھبەرلىرىنىڭلا مەغلۇبىيىتى ئەمەس،  ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بۇشنىڭ بىرقاتار مەغلۇبىيىتىنىڭ ئاقىبىتىدۇر.
غەززە پۇقرالىرى ھېچنىمىدىن-ھېچنىمە يوق ، ئاپەتكە ئۇچىراۋاتىدۇ، خاماس ئىران تەمىنلىگەن راكىتا ئارقىلىق ئىسرائىلىيىگە ھۇجۇم قىلىۋاتىدۇ، ئىسرائىلىيىيىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرى غەززەدىكى ئادەم زىچ رايونلارغا تېگىۋاتىدۇ، مانا بۇلارنىڭ ھەممىسىگە بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ سەككىز يىلدىن بۇيانقى ئوتتۇرا شەرق سىياسىتى سەۋەپچى بولغان. غەززە  ئۇرۇشى  بىرقاتار خاتا سىياسەتلەر توپلىنىپ بەلگىلىك چەككە يەتكەندىن كېيىن پارتلىدى. بۇ خاتالىقلار تۈپەيلى پەيدا بولغان مۇرەككەپ كرىزىس  كېلەر نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ ئوباما ئۈچۈن ئېغىر يۈك بولۇپ قېلىشى مۈمكىن.
بۇش 2001-يىلى ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندا، كلىنتون ھۆكۈمىتى ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسىدە خاتا سىياسەت قوللاندى ، ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشقا بولمايدۇ، دەپ قارىغانىدى. كلىنتون  ۋاقىت ۋە زېھنىي كۈچىنى كوپرەك سەرىپ قىلىپ،شۇنداقلا  تەسىر كۈچىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، داۋىد لاگېرىدا پەلەستىن-ئىسرائىلىيە تىنچلىق كېلىشىمىنىڭ ئىمزالىنىشىنى ئىلگىرى سۈرمەكچى بولۇپ،  ئاخىرىدا يەنىلا مەغلۇپ بولدى.
بۇش 2001-يىلى كۈزدە ئېچىلغان ب د ت يىغىنىدا : پەلەستىن دۆلىتىنىڭ قۇرۇلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن، دەپ ئېنىق ئېيىتقان ئىدى. بىراق ئۇ پەلەستىن- ئىسرائىلىيە تىنچلىق سۆھبىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ھېچقانداق تىرىشچانلىق كۆرسەتمىدى.
ئىسرائىلىيە يەھۇدىيلار مەھەللىسىنى ھېلىھەم كېڭەيتىۋاتىدۇ، پەلەستىن قوراللىق تەشكىلاتلىرىمۇ جىم  ياتمايۋاتىدۇ.ئۇلارنىڭ ھەرىكىتىنى بەزىلەر   تېررورلۇق دېسە، يەنە بەزىلەر قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى، دەۋاتىدۇ. بۇش ئەراپات ھايات ۋاقتىدا ئىسرائىلىيە- پەلەستىن  سۆھبىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولالمىدى، بۇش يەنە ئەراپاتنىڭ ئىزباسارى، مۆتىدىلپەرەس پەلەستىن مىللىي ھاكىمىيەت ئورگىنىنىڭ رەئىسى ئابباسنىمۇ تازا قوللاپ كەتمىدى.
ئىران بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە، بۇشنىڭ بىرقىسىم نامۇۋاپىق ئۇسۇللىرى سەلبى تەسىر پەيدا قىلدى، ھەتتا ئافغانىستاندىن تارتىپ ئوتتۇرا  دېڭىز رايونىغىچە تەسىر كۆرسەتتى.
2003-يىلى ئامېرىكا قوشۇنلىرى ئىراننىڭ ئاساسلىق دۈشمىنى سادامنى تەختتىن چۈشۈرۈۋەتكەندىن كېيىن، ئىران بۇشقا كېلىشىم تۈزۈشنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ ئامېرىكىغا ئىنتايىن پايدىلىق بولۇپ، ئىراننىڭ  يادرو پىلانى، ئاللا پارتىيىسىنى قوللاش ھەم پارس قولتۇقىنىڭ خەۋپسىزلىكى قاتارلىق جەھەتلەردە يول قويۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. بۇش بۇ تەكلىپكە پىسەنت قىلمىدى.  ئىسرائىلىيە، پەلەستىن ۋە ئۇلارنىڭ قوشنىلىرى بۇشنىڭ بۇ خاتالىقى ئۈچۈن ئېغىر بەدەل تۆلىدى.
بۇلار دەسلىپىدە بىخەستەلىك قىلىپ ئۆتكۈزۈلگەن سەۋەنلىك دەپ قارالدى، كېيىن يەنە بەدەل بەكلا چوڭ بولغان ۋەدە جەھەتتىكى سەۋەنلىك، دەپ قارالدى. ئابباس بىلەن ئىسرائىلىيىنىڭ كۈچلۈك قارشى تۇرۇشى ئاستىدا، بۇش 2006-يىلى 1-ئايدا پەلەستىن سايلىمى ئۆتكۈزۈشتە چىڭ تۇردى. ئۇ پەقەت پەلەستىندىكى ئىتتىپاقداش ھەمراھلار گەپ سىغمايدىغان قانۇنلۇق سايلامدىن بەھرىمەن بولالىسىلا، ئاندىن تىنچلىقنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ، دەپ قارىغان.
شۇڭا، خاماس %44 سايلام بېلىتى بىلەن سايلامدا غەلىبە قىلغاندا بۇش ۋە دۆلەت كاتىپى رىس بۇنىڭدىن ھاڭ-تاڭ قالدى. ئۇلار پەلەستىن ۋە ئىسرائىلىيىدىكى ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ ئۆتۈنۈشىگە پىسەنت قىلمايلا قالماستىن، يەنە ئۇزاققىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ كەلگەن مىللەتچى تەشكىلات فاتاخ سىياسەتچىلىرىنىڭ خىيانەتچىلىك ۋە ئىقتىدارسىزلىقىنى ئويلىشىشنى رەت قىلىپ پەلەستىنلىكلەرنى ئۈمىدسىزلەندۈرۈپ قويدى.
بۇشنىڭ خاماسنىڭ سايلامدا غەلىبە قىلىشىغا قايتۇرغان ئىنكاسى ۋەزىيەتنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۇرۇۋەتتى. بۇش غەززەنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن قامال قىلىشنى قوللىدى، خاماسنىڭ فاتاخ بىلەن يارىشىپ قېلىشىغا، فاتاخ خەۋپسىزلىك قىسىملىرىنى قوراللاندۇرۇش ۋە مەشىق قىلدۇرۇشقا، ئۇلارنىڭ غەززەنى تىزگىنلەش ھوقۇقىنى تارتىۋېلىشىغا توسقۇنلۇق قىلدى. بۇ سىياسەت 2007-يىلى 6-ئايدا ئەكسىچە نەتىجە بەردى، خاماس فاتاخ خەۋپسىزلىك قىسىمىلىرىغا قاقشاتقۇچ زەربە بېرىپ، غەززەنى پۈتۈنلەي كونترول قىلىۋالدى.
بۇش كەينى-كەينىدىن سەۋەنلىك ئۆتكۈزۈپ،ئافغانىستان، ئىراق،ئىران،لىۋان ۋە غەززە ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرۈۋەتتى، ئۇنىڭ تۇترۇقسىز سىياسىتى دۈشمىنىنىڭ قۇدرەت تېپىشىغا، ھەمراھلىرىنىڭ ئاجىزلىشىشىغا سەۋەپچى بولدى.
 

يېڭى خەۋەرلەر
دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىردىكى مۇنداق ھەيۋەت بايراملىق قاتناش ئېقمىنى كۆرگەنمۇ؟
دۇنيانىڭ ھەرقاي...
سىز ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان بەزى كونا رەسىملەر
سىز ئەزەلدىن كۆر...
ئورۇقلايمەن دەپ «ئىسكىلىت شاھ» قا ئايلىنىپ كەتكەن بۇ سەتەڭلەرنى كۆرۈپ بېقىڭ
ئورۇقلايمەن دەپ ...
 ئايروپىلان قانىتىدا تۇرۇپ توي مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن يۈرەكلىك قىز-يىگىت
ئايروپىلان قانى...
 روسىيىلىك بىر ئېنژىنىر 82يىل بۇرۇن مېڭىسىگە ئوق يەپ سالامەتلىكىگە ھېچقانداق زىيان يەتمىگەن
روسىيىلىك بىر ئ...
دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت دەرىجىدىن تاشقىرى بۇ مودېللارنى كۆرگەنمۇ
دۇنيادىكى ئەڭ قى...
 ئوقۇر ئاتلىغان «KTV» خانا قىز مۇلازىمىنىڭ چىرايى بۇزۇۋېتىلدى
ئوقۇر ئاتلىغان ...
 ئىسرائىلىيە گازا رايونىغا ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى
ئىسرائىلىيە گاز...
مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر
ھاماقەتلىكتە ئۇچىغا چىققان زۇڭتۇڭ بۇش ئالجىپ قان...
پۇتىن نەيرەڭ ئىشلىتىپ «تەبىئىي گاز ماجىراسى»دىن ...
ئامېرىكا مەكتەپلىرىدە ئىرقى ئايرىمىچىلىق ئېغىر...
دۇنياۋى ئالىم ئېينشتېيىننى نۇرغۇن دۆلەت قاتتىق ت...
مۇتلەق مەخپىي « موسكۋا 2-نومۇرلۇق مېترو»نىڭ مەخپ...
سەرگەردان دالاي لاما ھىندىستاننىڭ بېشىنى بەكلا ئ...
غەرب ئاغزىنى يۇمسۇن، غەربنىڭ قىممەت قارىشى ئاسىي...
جاھاندا شۇ دەرىجىدىكى قورقۇنچلۇق بالىلار باركى ي...
ئوباما بىلەن ھاماقەت بوز ئارىسىدا زادى قانداق پە...
ئامېرىكىلىقلار نىكاھتىن ئاجراشقاندا ئۆي تالاشم...
چاۋشيەن ياشلىرى كورىيە كېنولىرىغا مەستانە بولۇپ ...
نامرات ئامېرىكىلىقلار گۆرلۈك ساتىدىغان ھالغا چۈ...
دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىردىكى مۇنداق ھەيۋەت باير...
ئايال ئوغۇل دوستىنىڭ 10ياشلىق قىزغا پەسكەشلىك قىل...
ئىران:ئالىملارنى قەستلەش ۋەقەسى يادرو پىلانىغا ت...
تور بېكەت ھەققىدە  |   مۇلازىمەتلەر  |  سەھىپىلىرىمىز  |  ئېلان بېرىڭ  |  ئالاقىلىشىڭ  |  ھەمكارلىشىڭ  |  بېكەت خەرىتىسى  |  پىكىر بېرىڭ  |  قوللىغۇچىلىرىمىز  | 百度影音
بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى : شىنجاڭ خۇشخۇي تور بېكىتىگە تەۋە ئوخشىتىپ ياسىغۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ..
تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ، ناخشا- مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ!
پــۈتـــۈن كـــۈچــىــمىز بــىـــلەن مۇقۇمــــلىقنى قوغـــــداپ ئېــنــاق شىنـــــــــجاڭ بــــەرپا قــــىــلايلى
huxhuy.cn ©2011 E-Mail:elyar28@vip.qq.com 粤ICP备11034588号 QQ:354249503
ئالاقە تېلىفون : 15902032603