ساقلىۋىلىڭ باش بەت قىلىڭ بۈگۈن خۇشخۇي توربىكتىگە كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا!
قىزىقارلىق فىلىم مەدەنىيەت-تارىخ ئـەدەبىـيات كومپيۇتېر ۋە IT چولپانلارسالۇنى خەلقئارا خەۋەر كىنو-فىلىم باش بەت
كۈلكە-ئىتوتلار قىزىق نۇقتا بوكىسلار پەن-تېخنىكا رەسىم دۇنياسى مەملىكەت خەۋەرلىرى MTV ئىكرانى خـەۋەرلـەر
تەنتەربىيە قانىلى ئەدەبى شەخىسلەر ھەمكارلىق ئىقتىساد ئۇچۇرلىرى تور ئويۇنى شىنجاڭ خەۋەرلىرى ناخشا - مۇزىكا مۇنبەر

AD-242-60

AD-242-60

| قىزىق نۇقتا | خەلقئارا خەۋەرلىرى | مەملىكەت خەۋەرلىرى | شىنجاڭ خەۋەرلىرى | تەنتەربىيە | IT كومپىيۇتىر | ئىقتىسادى خەۋەرلەر | مائارىپ-ئىمتىھان خەۋەر باش بىتى  
پۇتىن نەيرەڭ ئىشلىتىپ «تەبىئىي گاز ماجىراسى»دىن پايدا ئالماقچىمۇ؟ - huxhuy online----Sports|world News|it News|china News|Local News Business
ئورنىڭىز:خەۋەر >> خەلقئارا خەۋەرلىرى >>
پۇتىن نەيرەڭ ئىشلىتىپ «تەبىئىي گاز ماجىراسى»دىن پايدا ئالماقچىمۇ؟
 يوللىغۇچى:  كىلىش مەنبەسى:نۇر تورى  كۆرلىشى:0  
پۇتىن نەيرەڭ ئىشلىتىپ «تەبىئىي گاز ماجىراسى»دىن پايدا ئالماقچىمۇ؟
 ئۇلارنىڭ سىياسىي جەھەتتە ئۆز ئالدىغا سوققان چوتى بار
   [ئامېرىكا «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتى تور پونكىتىنىڭ  ماقالىسى] سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن، روسىيە بىلەن ئوكرائىنا تەبىئىي گاز باھاسى مەسىلىسى توغرىسىدا توختىماي تالاش-تارتىش قىلىپ كەلدى،ئىككىلا تەرەپنىڭ باھا تالىشىدىغان كۈچلۈك كوزىرى بولۇپ، روسىيىدە ئوكرائىنا ئېھتىياجلىق بولغان تەبىئىي گاز؛ ئوكرائىنادا روسىيە ياۋروپاغا سېتىپ بېرىدىغان تەبىئىي گازىنى يەتكۈزىدىغان تۇرۇبا يولى بار.
   روسىيە بىلەن ئوكرائىنا ئۇزاقتىن بۇيان، ھەمىشە چەتكە قېقىش سىياسىتىنى قوللىنىپ، تەبىئىي گاز يەتكۈزۈپ بېرىشنى توختىتىمىز،دەپ تەھدىت سېلىپ كېلىۋاتىدۇ .لېكىن بۇ ئىككى دۆلەت بۇنىڭدىن ئىلگىرى تەھدىت سېلىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا،گېپىدىن يېنىۋالغانىدى.
   دۇنياۋى ئىقتىسادىي كرىزىس ۋە ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى مۇقىم بولماسلىققا مۇناسىۋەتلىك بىرنەچچە ئامىل بۇ قېتىمقى تالاش-تارتىشلىق ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتىۋەتتى. روسىيە ئوكرائىنا ئارقىلىق ياۋروپاغا تەبىئىي گاز يەتكۈزۈپ بېرىشنى توختاتتى، بۇ ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان ئىش.
   روسىيىنىڭ تەبىئىي گاز كىرىمىدە ھازىر زور زىيان كۆرۈلۈۋاتىدۇ. ئەمما كرېمىل بۇ ئىشتا سىياسىينى چىقىش قىلغاندەك قىلىدۇ.
   سىياسىيمۇ ئوكرائىنانىڭ روسىيىگە يول قويۇشنى خالىمايۋاتقانلىقىغا سەۋەب بولۇۋاتقان ئامىللارنىڭ بىرى. يۇشېنكونىڭ قوللاشقا ئېرىشىش نىسبىتى ئۆتكەن بىر يىلدا زور كۆلەمدە تۆۋەنلەپ كەتتى، ئۇ دۆلەتنى ئۆز ئەتراپىغا ئىتتىپاقلاشتۇرۇش ئۈچۈن ھەممىنى دو تىكىۋاتقاندەك قىلىدۇ.
     پۇتىن پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ« ياۋروپانى پارچىلىماقچى»
    [ئامېرىكا «ۋاشىنگتون پوچتىسى»گېزىتى تور پونكىتىنىڭ ماقالىسى] روسىيە: يېقىنقى قەھرىتان قىشتا ئوكرائىناغا (ھازىر بۇ ياۋروپادىكى باشقا دۆلەتلەرگىمۇ كېڭەيدى) تەبىئىي گاز يەتكۈزۈپ بېرىشنى توختىتىش−موسكۋانىڭ ئۇزاقتىن بۇيان ئوكرائىنانىڭ غەربپەرەس سىياسىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش ئۈچۈن قوللانغان ھەرىكەتلەرنىڭ بىر قىسمى ئەمەس، بەلكى بىر مەيدان سودا ماجىراسىنىڭ نەتىجىسى، دېدى.
   پۇتىن روسىيە تەبىئىي گاز سانائىتى پاي ھەسسىدارلىق شىركىتىگە ئوكرائىنانى تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەشنى توختىتىش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرگەندىن كېيىن، ئوكرائىنانىڭلا ئەمەس، باشقا ئون نەچچە دۆلەتنىڭمۇ ئېنېرگىيە تەمىناتى ئۈزۈلدى. بۇ، روسىيە بىلەن ئوكرائىنا ئارىسىدىكى تەبىئىي گاز باھاسى ۋە چېگرىدىن ئۆتۈش ھەققى مەسىلىسىدىكى مۇرەككەپ تالاش-تارتىشنى ھەل قىلىشنىڭ ھەقىقىي ئۇسۇلىمۇ؟ ئەلۋەتتە بۇ پۇتىننىڭ ھەقىقىي مەقسىتى ئەمەس. پۇتىننىڭ ھەقىقىي مەقسىتى-روسىيىنىڭ تاجاۋۇزچىلىق خاراكتېرلىك ئىستراتېگىيىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش، يەنى ئېنېرگىيە ئېكسپورتىدىن پايدىلىنىپ، ياۋروپانى پارچىلاش ھەم يەنىلا روسىيىنىڭ كۈچ دائىرىسىدە دەپ قاراۋاتقان دۆلەتلەر، بولۇپمۇ ئوكرائىنانى مۇراد-مەقسىتىگە يەتكۈزمەسلىك. گرۇزىيە زۇڭتۇڭى ساكاشۋېلىغا ئوخشاشلا، ئوكرائىنا زۇڭتۇڭى يۇشىنكومۇ ئۇكرائىنانىڭ ش ئا ئە ت غا ئەزا بولۇشىنى بەكلا ياقلايدۇ. پۇتىن بۇلتۇر 8-ئايدا گرۇزىيىگە تاجاۋۇز قىلىش ئارقىلىق ساكاشۋېلىغا ئىنكاس قايتۇردى؛ ئەمدى ئۇ يۇشىنكوغا ھۇجۇم قىلىشقا باشلىدى.
   «ئېنېرگىيە قورالى» قوش بىسلىق شەمشەر
   [ئەنگلىيە «تايمىس» گېزىتى تور پونكىتىنىڭ  ماقالىسى] پۇتىن روسىيە تەبىئىي گاز سانائىتى پاي ھەسسىدارلىق شىركىتىگە ئوكرائىنا ئارقىلىق ياۋروپاغا تەبىئىي گاز يەتكۈزۈپ بېرىدىغان تۇرۇبا يولىنىڭ كلاپانىنى ئېتىۋېتىش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈردى. بۇ ئىش ئوكرائىنا ھۆكۈمىتىگە زەربە بولۇپلا قالماستىن، يەنە ياۋروپا ئىتتىپاقىغىمۇ خىرىس شەكىللەندۈردى.
   پۇتىن ش ئا ئە ت غا ئەزا بولماقچى بولۇۋاتقان ئوكرائىنا ھۆكۈمىتىنى جازالىماقچى بولغاندىن سىرت، يەنە شەرقىي ياۋروپادىكى دۆلەتلەرگە روسىيە بىلەن قويۇق مۇناسىۋەتنى ساقلاشنىڭ پايدىسى ھەم غەربكە يېقىنلىشىشنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش ئارقىلىق، ئۇلارغا روسىيە گرۇزىيىگە ئەسكەر چىقىرىش ئارقىلىق تارقاتقان ئۇچۇرنى ئۇنتۇپ قالماسلىقنى ئەسكەرتمەكچى بولۇۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. پۇتىن يۇشىنكو ھۆكۈمىتىنىڭ ش ئا ئە ت ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇش قارا نىيىتىنى جازالاش ئۈچۈن، ئوكرائىناغا روسىيىنىڭ تەبىئىي گازىنى يۇقىرى باھادا سېتىپ بېرىشنى ئوتتۇرىغا قويغان.
   روسىيە بۇنىڭ ئۈچۈن تۆلەيدىغان ھەقىقىي بەدەل شۇكى، ئۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ قوللىشىدىن مەھرۇم قالىدۇ. پۇتىن ياۋروپا ئىتتىپاقىنى ئۆزىنىڭ قاتتىق مەيدان قوللىنىشىنى ئۈمىد قىلىدىغان ھەم ئامالنىڭ بېرىچە ئۆزىنىڭ چىشىغا تەگمەيدىغان ئىككى لاگېرىغا پارچىلىماقچى بولۇۋاتىدۇ. ئۇ گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركېلنىڭ 2-لاگېردا تۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى.بۇلتۇر 4-ئايدىكى ش ئا ئە ت باشلىقلار يىغىنىدا، مېركېل ئامېرىكا ئوتتۇرىغا قويغان ئوكرائىنا ۋە گرۇزىيىنى ئەزالىققا قوبۇل قىلىش تەكلىپىگە قارشى تۇردى. لېكىن پۇتىن نەچچە يىلدىن بۇيانقى ئەڭ سوغۇق قىش پەسلىدە، تەبىئىي گاز تەمىناتىنى ئۈزۈۋېتىمىز، دەپ داۋراڭ سالسا، كىشىلەرنىڭ مېركېل تەشەببۇس قىلغان ياۋروپا ئىتتىپاقى پۇتىن بىلەن ئالاقە قىلىشقا بولىدۇ، دېگەن قاراشنى قوبۇل قىلىشى تېخىمۇ تەس بولۇشى مۇمكىن.
  پۇتىننىڭ بۇ ھەرىكىتى ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى دۆلەتلەرنىڭ بىردەك   ئىتتىپاقلىشىپ، روسىيىنىڭ تەبىئىي گازىغا بېقىنىشتىن قۇتۇلۇش يوللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىشىگە سەۋەب بولۇشى مۇمكىن
 

يېڭى خەۋەرلەر
دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىردىكى مۇنداق ھەيۋەت بايراملىق قاتناش ئېقمىنى كۆرگەنمۇ؟
دۇنيانىڭ ھەرقاي...
سىز ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان بەزى كونا رەسىملەر
سىز ئەزەلدىن كۆر...
ئورۇقلايمەن دەپ «ئىسكىلىت شاھ» قا ئايلىنىپ كەتكەن بۇ سەتەڭلەرنى كۆرۈپ بېقىڭ
ئورۇقلايمەن دەپ ...
 ئايروپىلان قانىتىدا تۇرۇپ توي مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن يۈرەكلىك قىز-يىگىت
ئايروپىلان قانى...
 روسىيىلىك بىر ئېنژىنىر 82يىل بۇرۇن مېڭىسىگە ئوق يەپ سالامەتلىكىگە ھېچقانداق زىيان يەتمىگەن
روسىيىلىك بىر ئ...
دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت دەرىجىدىن تاشقىرى بۇ مودېللارنى كۆرگەنمۇ
دۇنيادىكى ئەڭ قى...
 ئوقۇر ئاتلىغان «KTV» خانا قىز مۇلازىمىنىڭ چىرايى بۇزۇۋېتىلدى
ئوقۇر ئاتلىغان ...
 ئىسرائىلىيە گازا رايونىغا ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى
ئىسرائىلىيە گاز...
مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر
پۇتىن نەيرەڭ ئىشلىتىپ «تەبىئىي گاز ماجىراسى»دىن ...
ئامېرىكا مەكتەپلىرىدە ئىرقى ئايرىمىچىلىق ئېغىر...
دۇنياۋى ئالىم ئېينشتېيىننى نۇرغۇن دۆلەت قاتتىق ت...
مۇتلەق مەخپىي « موسكۋا 2-نومۇرلۇق مېترو»نىڭ مەخپ...
سەرگەردان دالاي لاما ھىندىستاننىڭ بېشىنى بەكلا ئ...
غەرب ئاغزىنى يۇمسۇن، غەربنىڭ قىممەت قارىشى ئاسىي...
جاھاندا شۇ دەرىجىدىكى قورقۇنچلۇق بالىلار باركى ي...
ئوباما بىلەن ھاماقەت بوز ئارىسىدا زادى قانداق پە...
ئامېرىكىلىقلار نىكاھتىن ئاجراشقاندا ئۆي تالاشم...
چاۋشيەن ياشلىرى كورىيە كېنولىرىغا مەستانە بولۇپ ...
نامرات ئامېرىكىلىقلار گۆرلۈك ساتىدىغان ھالغا چۈ...
دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىردىكى مۇنداق ھەيۋەت باير...
ئايال ئوغۇل دوستىنىڭ 10ياشلىق قىزغا پەسكەشلىك قىل...
ئىران:ئالىملارنى قەستلەش ۋەقەسى يادرو پىلانىغا ت...
يولۋاس سۈڭىكىنى دورا ئورنىدا قاينىتىپ ساتقان
تور بېكەت ھەققىدە  |   مۇلازىمەتلەر  |  سەھىپىلىرىمىز  |  ئېلان بېرىڭ  |  ئالاقىلىشىڭ  |  ھەمكارلىشىڭ  |  بېكەت خەرىتىسى  |  پىكىر بېرىڭ  |  قوللىغۇچىلىرىمىز  | 百度影音
بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى : شىنجاڭ خۇشخۇي تور بېكىتىگە تەۋە ئوخشىتىپ ياسىغۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ..
تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ، ناخشا- مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ!
پــۈتـــۈن كـــۈچــىــمىز بــىـــلەن مۇقۇمــــلىقنى قوغـــــداپ ئېــنــاق شىنـــــــــجاڭ بــــەرپا قــــىــلايلى
huxhuy.cn ©2011 E-Mail:elyar28@vip.qq.com 粤ICP备11034588号 QQ:354249503
ئالاقە تېلىفون : 15902032603