ساقلىۋىلىڭ باش بەت قىلىڭ بۈگۈن خۇشخۇي توربىكتىگە كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا!
قىزىقارلىق فىلىم مەدەنىيەت-تارىخ ئـەدەبىـيات كومپيۇتېر ۋە IT چولپانلارسالۇنى خەلقئارا خەۋەر كىنو-فىلىم باش بەت
كۈلكە-ئىتوتلار قىزىق نۇقتا بوكىسلار پەن-تېخنىكا رەسىم دۇنياسى مەملىكەت خەۋەرلىرى MTV ئىكرانى خـەۋەرلـەر
تەنتەربىيە قانىلى ئەدەبى شەخىسلەر ھەمكارلىق ئىقتىساد ئۇچۇرلىرى تور ئويۇنى شىنجاڭ خەۋەرلىرى ناخشا - مۇزىكا مۇنبەر

AD-242-60

AD-242-60

| قىزىق نۇقتا | خەلقئارا خەۋەرلىرى | مەملىكەت خەۋەرلىرى | شىنجاڭ خەۋەرلىرى | تەنتەربىيە | IT كومپىيۇتىر | ئىقتىسادى خەۋەرلەر | مائارىپ-ئىمتىھان خەۋەر باش بىتى  
يولۋاس سۈڭىكىنى دورا ئورنىدا قاينىتىپ ساتقان - huxhuy online----Sports|world News|it News|china News|Local News Business
ئورنىڭىز:خەۋەر >> خەلقئارا خەۋەرلىرى >>
يولۋاس سۈڭىكىنى دورا ئورنىدا قاينىتىپ ساتقان
 يوللىغۇچى:  كىلىش مەنبەسى:نۇر تورى  كۆرلىشى:0  
نەسلى يوقاپ كېتىش كىرزىسىغا كېلىپ قالغان 150 كىلولۇق يولۋاسنىڭ ئىسكىلىتى رېستوراندا تېپىلدى.يولۋاس گۆشىنىڭ 100 گىرامى 1000 دوللاردىن دورىلىق ئۈچۈن سېتىلغان ئىكەن.

ۋىيتنامدا بىر رېستوراننىڭ تاماق ئېتىش ئۈيىنى باستۇرۇپ كىرگەن ساقچىلار،تەخمىنەن 150 كىلوگراملىق بىر يولۋاس ئىسكىلىتىنى تاپقان.خانويدىكى رېستوراننىڭ ئىگىسى Nguyen ThiThanh نىڭ نەسلى تۈگەش گىرداۋىغا بىرىپ قالغان يولۋاسنىڭ سۈڭەكلىرىنى قايتىنىپ ئەنئەنىۋى دورا ئورنىدا قىممەت پۇلغا ساتماقچى بولغانلىقى ئىنىقلانغان.ئاغرىق توختىدۇ دەپ قارالغان بۇ دورىنىڭ 100 گىرامى 1000 دوللارغا سىتىلغان.رېستۇران خۇجايىنى يولۋاسنىڭ چىرىگەن گۈشىنى 8500 دوللارغا سىتىۋالغانلىقىنى ئېيتقان.Nguyen Thi Thanh نىڭ 2007-يىلى ئوخشاش جىنايەت بىلەن 18 ئاي تۈرمىدە ياتقانلىقى ئوتتۇرغا چىققان.

 


 

ۋېتنام سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى
1.جۇغراپىيىتىك ئەھۋالى
  ۋېتنامنىڭ يەر كۆلىمى 329 مىڭ 500 كىۋادرات كىلومېتىر. ئۇ ھىندىچىنى يېرىم ئارىلىنىڭ شەرقىگە جايلاشقان. شىمالدا جۇڭگو، غەربتە لائوس ۋە كامبودژا بىلەن تۇتىشىدۇ، شەرق ۋە جەنۇبتا جەنۇبىي دېڭىز بىلەن چېگرالىنىدۇ، دېڭىز قىرغىقى لىنىيەيسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 3 مىڭ 260 كىلومېتىردىن ئاشىدۇ. يەر شەكلى جەنۇبتىن شىمالغا  بولغان يۆلىنىشتە ئۇزۇن، شەرقتىن غەربكە بولغان يۆلىنىشتە ئۇزۇن، شەرقتىن غەربكە بولغان يۆلىنىشتە تار بولۇپ، جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئەڭ ئۇزۇن يېرى 1 مىڭ 600 كىلومېتىر، شەرقتىن غەربكىچە بولغان ئەڭ تار يېرى 50 كىلومېتىر كېلىدۇ. غەربىي ئېگىز، شەرقىي پەس، پۈتكۈل زېمىنىنىڭ 3      قىسمى تاغلىق ۋە ئېگىزلىك بىلەن قاپلانغان. ئوتتۇرا قىسىمىدىكى ترۇۋڭ سون تاغ تىزمىلىرى جەنۇب بىلەن شىمالنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدۇ. شىمالدىكى قىزىل دەرياسى بىلەن جەنۇبتىكىمىكون دەرياسى ئاساسلىق دەريا ھېسابلىنىدۇ. پۈتكۈل مەملىكەتنىڭ ئورمان بىلەن قاپلىنىش كۆلىمى 98 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر.
    ۋېتنام شىمالىي تروپىك سىزىقىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان، تىروپىك بەلباغ مۇسسۇن ئىقلىمىغا تەۋە. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىيىسى 24 سېلسىيە گرادۇس ئەتراپىدا، يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى 2000 - 1500 مىللىمېتىر. شىمالدا ئەتىياز، ياز كۈز ، قىشتىن ئېبارەت تۆت خىل پەسىل بولىدۇ. جەنۇبتا يامغۇرلۇق پەسىل ۋە قۇرغاق پەسىل بولىدۇ، كۆپ قىسىم رايونلاردا 5 - ئايدىن 10 - ئايغىچە يامغۇرلۇق پەسىل 11 - ئايدىن 4 - ئايغىچە قۇرغاق پەسىل بولىدۇ.

  2. ئاھالىسى ۋە تىلى
  ۋېتنام 54 مىللەتتىن تەركىب تاپقان كۆپ مىللەتلىك بىر دۆلەت، 2010-يىلى 9-ئايدىكى ئاھالىسى 88 مىليۇن787مىڭ. ۋېتنامدا جىڭزۇ(ۋېت) مىللىتى ئەڭ كۆپ بولۇپ، ئومۇمى ئاھالىنىڭ تەخمىنەن 86.2% نى ئىگىلەيدۇ، 2%نى جۇاڭزۇلار، 2%نى تايلاندلىقلار، 1.5%نى كىىمىرلار(كامبودژالىقلار) ئىگەللەيدۇ.  جەنۇبى ئاسىيا تىللىرى سېستىمىسى مون-كىىمىر تىللىرى ئائىلىسى ۋېتنام تىل تۈركۈمىگە تەۋە ۋېتنام تىلى ئورتاق قوللىنىلىدۇ. ئاھالىنىڭ80% دىنسىز، 9%بۇددا دىنىغا، 7%كاتولىك دىنىغا، 1%ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ.
  پايتەختى خانوينىڭ ئاھالىسى 4 مىليۇن ، ئۇ ۋېتنامنىڭ شىمالىدىكى ئەڭ چوڭ شەھەر، ئۇ شۇنداقلا مەملىكەتتىكى ئىككىنچى چوڭ شەھەر ھېسابلىندۇ. ياز پەسلىدىكى ئوتۇرىچە تېمپىراتىرۇسى 9.28 سېلسىيە گرادۇس، قىس پەسلىدىكى ئوتتۇرىچە تېمتۇراتىيىسى 5.16 سېلسىيە گرادۇس. خانوي ئۇزاق تارىخقا ئىگە، ئىلگىرى ۋېتنام فېئودال خانىدانلىقىنىڭ پايتەختى بولغان، ئۇنىڭ «مىڭ يىللىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ماكانى» دېگەن نامى بار. 1945 - يىلى «ئاۋغۇست ئىنقىلابى» غەلبە قىلغاندىن كېيىن، ۋىيېتنام دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى قىلىپ بېكىتىلگەن. خانوي سۇبتروپىك بەلباغ ئالاھىدىلىكىگە ئىگە شەھەر بولۇپ، دەل - دەرەخلەردىن يىل بويى كۆكىرىپ، گۈل - گىياھلار تۆت پەسىل ئېچىلىپ تۇرىدۇ. رەئىس خۇجىمىڭنىڭ قەبرىسى شەھەر مەركىزىدىكى بادىن مەيدانىغا جايلاشقان.

3. قىسقىچە تارىخى
  ۋېتنام مىلادىيە 968 - يىلى فېئوداللىق دۆلەت بولۇپ قۇرۇلغان. 1884 - يىلى فرانسىيەنىڭ ھامىلىيىقىدىكى دۆلەتكە ئايلانغان. 2 - دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ياپونىيەنىڭ ئىشغالىتىدە بولغان. ۋېتنام خەلقى ئۇرۇنغا سوزۇلغان جاپا - مۇشەققەتلىك كۈرەش ئارقىلىق، 1945 - يىلى 8 - ئايدىكى «ئاۋغۇست ئىنقىلابى» نىڭ غلەبىسىنى قولغا كەلتۈرگەن 9 - ئاينىڭ 2 - كۈنى رەئىس خۇجىمىڭ «مۇستەقىللىق خىتابنامىسى»نى ئېلاق قىلىپ، ۋىيېتنام دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغان. شۇ يىلى 9 - ئايدا فرانسىيە ۋېتنامغا يەنە بىر قېتىم تاجاۋۇز قىلغان، ۋېتنام خەلقى ئۇدا توققۇز يىل فرانسىيەگە قارشى ئۇرۇش قىلغان. 1954 ت يىلى 5 - ئايدا ۋېتنامنىڭ شىمالىي قىسىمى ئازاد بولۇپ، جەنۇبىي قىمى يەنىلا فرانسىيەنىڭ باشقۇرىشىدا بولغان، كېيىن جەنۇبىي ئامېرىكا يار - يۆلەك بولغان ۋېتنام ھۆكۈمىتى قۇرۇلغان. 1961 - يىلى ۋېتنام خەلقى رەئىس خۇجىمىڭنىڭ رەھبەرلىكىدە جەنۇبىنى ئازاد قىلىپ ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۈچۈن، ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننى قۇتقۇزۇش كۈرىشىنى قانات يايدۇرغان. 1973 - يىلى 1  - ئايدا ۋېتنام بىلەن ئامېرىكا ئۇرۇش توختىتىپ، تىنچلىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش توغرىسىدىكى پارىژ كېلىشىمىنى ئىمزالىغان، شۇ يىلى 3 - ئايدا ئامېرىكا ئارمىيىسى ۋېتنامنىڭ جەنۇبىدىن چېكىنگەن. 1975 - يىلى 5 - ئايدا ۋېتنامنىڭ جەنۇبى پۈتۈنلەي ئازاد بولۇپ، ئامېرىكىغا كۈرىش غەلبىە بىلەن ئاياغلاشقان. 1976 - يىلى 7  ـ ئايدا ۋېتنامنىڭ جەنۇبى بىلەن شىمالى بىرلىككە كېلىپ ، دۆلەت نامى ۋېتنام سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى قىلىپ بېكىتىلگەن.

   4. دۆلەت بايرىقى ۋە گېربى
  ۋېتنام ئاساىي قانۇنىدا :«ۋېتنام سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت بايرىقى قىزىل تەگلىك بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق» دەپ بەلگىلەنگەن، يەنى دائىم ئېيتىپ كېلىۋاتقان ئالتۇن يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقتۇر. ۋېتنامنىڭ دۆلەت بايرىقى قىزىل رەڭدە بولۇپ، بايراقنىڭ ئوتتۇرىسىغا بىر دانە بەش بۇرجەكلىك ئالتۇن يۇلتۇزنىڭ نۇسخىسى چۈشۈرۈلگەن. بۇنىڭدىكى قىزىل رەڭ ئىنقىلاپ بىلەن قلەبىنىڭ سىمۋولى، بەش بۇرجەكلىك ئالتۇن يۇلتۇز ۋېتنامدىكى ئەمگەكچىلەر پارتىيىسىنىڭ دۆلەتكە رەھبەرلىك قىلىدىغانلىقىغا سىمۋول قىلىنغان، يۇلتۇزنىڭ بەش بۇرجىكى ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئىشچى ، دېھقان ، ئارمىيە، زىيالىي ۋە ياشلارغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. قىزىل رەڭلىك چەمبەر شەكىللىك گېربىنىڭ ئۈستى تەرىپىگە بىر دانە سېرىق رەڭلىك بەش بۇرجەكلىك يۇلتۇزنىڭ نۇسخىسى، ئەڭ ئاستىغا سانائەتنىڭ سىمۋولى بولغان بىر دانە سېرىق رەڭلىك چىشلىق چاقنىڭ نۇسخىسى چۈشۈرۈلگەن. چەمبەرنىڭ ئەتراپىنى يېزا ئىگىلىكىنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە قىزىل لېنتا بىلەن باغلانغان شال ۋە باشاق سىممېترىك ھالدا ئوراپ تۇرىدۇ ئالتۇن رەڭلىك چاقنىڭ ئاستى تەرىپىدىكى لېنتىغا ۋېيتنام يېزىقىدىكى « ۋېتنام سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى» دېگەن خگت يېزىلغان. دۆلەت گېربىنىڭ نۇسخىسى 1956 - يىلى بېكىتىلگەن.
   ۋېتنامنىڭ دۆلەت گىمى «ھەربىي يۈرۈش مارشى». دۆلەت بايرىمى كۈنى 9 - ئاينىڭ 2 - كۈنى . ۋېتنامنىڭ جەنۇبى ئازاد بولغان كۈنى 4 - ئاينىڭ 30 - كۈنى . ۋېتنام كوممۇنىستىك پارتىيىسى قۇرۇلغان كۈن 2 - ئاينىڭ 3 - كۈنى. خۇجىمىڭنىڭ تۇغۇلغان كىنى 5 - ئاينىڭ 19 - كۈنى. 

  5.ئىقتىسادى
  ۋېتنامنىڭ پۇلى دوڭ. 2005-يىلى 15مىڭ746 دوڭ =بىر دوللار، 2007-يىلى 16مىڭ199دوڭ =بىر دوللار، 2009-يىلى 17مىڭ74دوڭ =بىر دوللار.

    ۋېتنام دۇنيادىكى ئەڭ تەرەققى قىلمىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ ئۇزۇن مەزگىل سابىق سوۋېت باشچىلىقىدىكى سوتسىيالىزىم لاگىرىدا تۇرغانلىقتىن دۆلەتنىڭ رىقابەتكە قارشى تۇرۇش ئىقتىدار تۆۋەنلەپ كەتكەن. 200-يىللاردىن كېيىن ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئىلتىماس قىلغان ۋە 2007-يىلى رەسمى ئەزا بولۇپ كىرگەن. ۋېتنامنىڭ   كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمى 500 دوللارغىمۇ يەتمەيدۇ. ئىقتىسادىي جەھەتتە 25% ئورمانچىلىق ۋە گۈرۈچ شېكەر قومۇشىنى ئاساس قىلغان دېھقانچىلىق ۋە 21%نى ئىگەللەيدىغان بېلىقچىلىق، 11% كان مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىش16% نى ئاساس قىلىدۇ. سېنك، تۆمۈر، نېفىت، تەبىئىي گاز قاتارلىق كان بايلىقلىرى مول. بولۇپمۇ نېفىت ئىشلەپچىقىرىشتا شەرقى جەنۇبى ئاسىيادا مالايسيەدىن قالسا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.ۋېتنامنىڭ نېفىت ئېكسپورتى پۈتۈن ئېكسپورتىنىڭ 9% نى تەشكىل قىلىدۇ،  دېھقانچىلىق، بېلىقچىلىق قاتارلىق ئەمگەك كۈچى پۈتۈن ئەمگەك كۈچىلىرىنىڭ 2/3 سىنى تەشكىل قىلىدۇ. ۋېتنامنىڭ سانائەت ئاساسى ئاجىز، سانائەت ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى پۈتۈن خەلق ئىگىلىكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئاران 15% نى تەشكىل قىلىدۇ . ئاساسلىق يېمەك - ئىچمەك، توقۇمىچىلىق، مېتالچىلىق، نېفىت ئايرىش، كانچىلىق، دېھقانچىلىق ماشىنىلىرىنى رېمونت قىلىش قاتارلىق چوڭ - كىچىك 400 دىن ئارتۇق سانائەت ئورۇنلىرى بار. كوفى، گۆش، پۇراقلىق ماتېرىياللار، شېكەر ئېكسپورت قىلىدۇ، ماشىنا - ئۈسكۈنە، ئاپتوموبىل، كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى، ئاشلىق قاتارلىقلارنى ئىمپورت قىلىدۇ.
ۋېتنامنىڭ 2008-يىللىق ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئۇمۇمى قىممىتى243مىلىيارد دوللار بولۇپ كىشى بېشىغا 500دوللار توغرا كېلىدۇ. ۋېتنامنىڭ 2001-يىلىدىن بۇيانقى يىللىق ئىقتىسادى ئېشىش نىسبىتى ئىزچىل 5% بولۇۋاتىدۇ.
   2008-يىلى ۋېتنامدا تېلپون ئابونتى25 مىلىيۇن 591 مىڭ، يانپون ئابونتى 70مىلىيۇن254مىڭ، ئىنتېرنېت ئابونتى 20مىلىيۇن 834مىڭ بولغان.

 

يېڭى خەۋەرلەر
سىز ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان بەزى كونا رەسىملەر
سىز ئەزەلدىن كۆر...
ئورۇقلايمەن دەپ «ئىسكىلىت شاھ» قا ئايلىنىپ كەتكەن بۇ سەتەڭلەرنى كۆرۈپ بېقىڭ
ئورۇقلايمەن دەپ ...
 ئايروپىلان قانىتىدا تۇرۇپ توي مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن يۈرەكلىك قىز-يىگىت
ئايروپىلان قانى...
 روسىيىلىك بىر ئېنژىنىر 82يىل بۇرۇن مېڭىسىگە ئوق يەپ سالامەتلىكىگە ھېچقانداق زىيان يەتمىگەن
روسىيىلىك بىر ئ...
دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت دەرىجىدىن تاشقىرى بۇ مودېللارنى كۆرگەنمۇ
دۇنيادىكى ئەڭ قى...
 ئوقۇر ئاتلىغان «KTV» خانا قىز مۇلازىمىنىڭ چىرايى بۇزۇۋېتىلدى
ئوقۇر ئاتلىغان ...
 ئىسرائىلىيە گازا رايونىغا ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى
ئىسرائىلىيە گاز...
مەرھۇم لىۋىيە رەھبىرى كازافىينىڭ 20 توننا ئالتۇنى بايقالدى
مەرھۇم لىۋىيە رە...
مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر
يولۋاس سۈڭىكىنى دورا ئورنىدا قاينىتىپ ساتقان
ئافغانىستاندىكى زوڭتۇڭنى چۆچۈتكەن ناراسىدە قىزن...
داۋۇدئوغلۇ ئىراننى زىيارەت قىلماقچى
ئافغانىستاندىكى كۈنسېرى ئەدەۋاتقان بالا كېلىن پ...
پاكىستان 3 نەپەر ئىرانلىق ئەسكەرنى چىگرا ھالقىپ ...
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بۈگۈن ئومۇ...
كورىيە بىلەن ئامېرىكا چاۋشىيەننىڭ ئېغۋاگەرچىلىك...
ئىراندا 80 ياشلىق موماي توي قىلىش ئۈچۈن ئاتىسىنى...
ئامېرىكا سىياسىي ساھەسىدە «جۇڭگوشۇناسلار» باش ك...
ئامېرىكا سابىق زۇڭتۇڭى كاتىنى زىيارەت { جۇڭگولۇ...
ئامېرىكا سابىق زۇڭتۇڭى كاتىنى زىيارەت
ۋېنگىرىيىدە يېڭى ئاساسىي قانۇنغا قارشى نامايىش ...
باغداتتا كۆپ قېتىملىق پارتىلىتىش ۋەقەسى يۈز بېر...
ئوباما بىلەن يېقىن ئۆتىدىغان ئىككى جۇڭگولۇقنىڭ ت...
دۇنيادىكى پاراخوت كۈرەشچى ئايروپىلانلىرى«مانېۋ...
تور بېكەت ھەققىدە  |   مۇلازىمەتلەر  |  سەھىپىلىرىمىز  |  ئېلان بېرىڭ  |  ئالاقىلىشىڭ  |  ھەمكارلىشىڭ  |  بېكەت خەرىتىسى  |  پىكىر بېرىڭ  |  قوللىغۇچىلىرىمىز  | 百度影音
بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى : شىنجاڭ خۇشخۇي تور بېكىتىگە تەۋە ئوخشىتىپ ياسىغۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ..
تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ، ناخشا- مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ!
پــۈتـــۈن كـــۈچــىــمىز بــىـــلەن مۇقۇمــــلىقنى قوغـــــداپ ئېــنــاق شىنـــــــــجاڭ بــــەرپا قــــىــلايلى
huxhuy.cn ©2011 E-Mail:elyar28@vip.qq.com 粤ICP备11034588号 QQ:354249503
ئالاقە تېلىفون : 15902032603