ئافغانىستاندىكى زوڭتۇڭنى چۆچۈتكەن ناراسىدە قىزنى خورلاش دېلوسى
15ياشلىق ناراسىدە قىز سەھەر ئالتە ئاي قامىلىپ قىينالغان،بەدىنىنىڭ كۆپ قىسمى يارىلانغان.

ئېچىنىشلىق خارلاش
قۇتقۇزۇپ قېلىنغان قىزنىڭ ئىسمى سەھەر بولۇپ،يەتتە ئاي ئىلگىرى ئاكىسى
ئۇنىBaghlan بىر ئەرگە خوتۇنلۇققا سېتىۋەتكەن.شۇنىڭ بىلەن سەھەرنىڭ خورلۇق
تۇرمۇشى باشلانغانىدى.ئۇ ئاتالمىش ئېرىنىڭ ھويلىسىدىكى بىر ئېغىزلىق يەر
ئاستى ئۆيىگە ئالتە ئاي قاماپ قويۇلغان.بۇ جەرياندا ئۇنىڭ تىرناقلىرى
سۇغۇرىۋېلىنغان،بەدىنىگە قىزىتىلغان تۈمۈر يېقىلغان. قول بارماقلىرى
سۇندۇرىۋېتىلگەن.
ساقچى تەرەپ سەھەرنىڭ تاغىسىنىڭ دېلو مەلۇماتىنى تاپشۇرىۋالغاندىن كېيىن
دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ سەھەرنى ئالۋاستى ئۇۋىسىدىن قۇتقۇزۇپ
چىققان.ئافغانىستاننىڭ داۋالاش سەۋىيىسى ئانچە يۇقىرى بولمىغانلىقتىن،
تېزلىكتە ھىندىستانغا ئاپىرىپ داۋالاتقان.
زوڭتۇڭنىمۇ چۆچۈتكەن خورلۇق دېلوسى
بۇ ۋەقە ئافغانىستاندىكى يۇقىرى-تۈۋەن ھەممەيلەننى چۆچۈتتى.زوڭتۇڭ خەمىد
كازايى بويرۇق چۈشۈرۈپ،سەھەرنى خورلىغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنى جازالاشنى
ئۇقتۇرغان.
مەخسۇس دېلو گۇرۇپپىسى تەكشۈرۈش ئارقىلىق سەھەرنىڭ خورلۇققا ئۇچرىشىنىڭ
سەۋەبىنىڭ بىرى نۇمۇسىنى سېتىشنى رەت قىلغانلىقى تۈپەيلىدىن ئىكەنلىكىنى
ئېنىقلاپ چىققان.
ئافغانىستاندىكى سەھىيە تارمىقىنىڭ باشلىقى سۈرەييە :«بۇ بىر چېكىدىن
ئاشقان قىلمىش،بىر قىزچاقنىڭ فىزىئولوگىيىلىك ۋە روھىي جەھەتتىن خورلۇققا
ئۇچرىشى بىزنىڭ مائارىپ ۋە جەمئىيەت ئىقتىسادىي قاتارلىق جەھەتلەردە نۇرغۇن
كەمتۈكلۈك ساقلىنىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.»دېدى.