
پاكىستانلىق ئەر ئىككى كۈندە ئىككى ئايالنى ئەمرىگە ئالدى
پاكىستاندا بىر ئەر كۆپ خوتۇنلۇق بولۇش يول قويۇلغان، لېكىن بىر
پاكىستانلىق ئەر 24سائەت ئىچىدە ئىككى خوتۇننى ئەمرىگە ئالدى، بۇ
باشقىلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى، ئاخبارات ۋاستىلىرى بەس-بەستە ئۇنىڭ توي
خەۋىرىنى ئېلان قىلىشتى، خەۋەردە، پاكىستانلىق ئەر ھەيدېل بىلەن
خۇمىلا.كاتىمنى كىچىك چېغىدىلا ئاتا-ئانىسى چېتىپ قويغان بولۇپ، لېكىن چوڭ
بولغاندا بۇ قىزنى ئەمرىگە ئالغىسى كەلمىگەن، ئۇنىڭ ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان
لۇمالا.ئارىسلاننى ئالغىسى بار بولۇپ ،لېكىن كىچىك چېغىدىكى ئىككى
ئائىلىنىڭ ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلماسلىق ئۈچۈن، ھەيدېل
2010-يىلى10-ئاينىڭ17-كۈنى كاتىمنى ئەمرىگە ئېلىپ بولۇپ، 18-چىسلا ئۆزى
ياخشى كۆرىدىغان قىز لۇمالانى ئەمرىگە ئالغان، ھەيدېل:«مەن ئىككى خوتۇن
ئالىدىغانلىقىمنى ئېيىتقاندا ئىككىلىسى قوشۇلدى»دېدى، ئۇنىڭ ئىككى ئايالى
بۇ ئۇسۇلنى ياخشى بولدى دەپ قارىغان، ئۇلار يېقىن ئاچا-سىڭىللاردەك ئۆتۈشنى
خالايدىكەن.

ئەنگىلىيەلىك ئەر 6ئايالى بىلەن بىرگە ياشايدۇ،تەرتىپ بويىچە كۈندە بىرى بىلەن بىرگە بولىدۇ.
ئەنگىلىيە سۇسەكىس ۋىلايىتىدە 48ياشلىق كونا ئۆي سايمانلىرىنى
ساتقۇچى تىجارەتچى بار بولۇپ، ئالدىنقى يەھۇدى دىنىغا ئېتقاد قىلىدىغان
لابفىلىپس.شارپ ئۆزىنى ئىنجىل دەۋرىدىكى سىبلوي پادىشاھىنىڭ قايتا
تۆرەلگىنى دەپ ئاتاپ، ئۆتۈپ كەتكەن 10يىل ئىچىدە ئۈزلۈكسىز ھالدا
«ئېزىقتۇرۇش»ئارقىلىق 7ئايالنى ئەمرىگە ئالغان، نۆۋەتتە فىلپىسنىڭ بۇ يەتتە
ئايالىدىن 10بالىسى بار بولۇپ، بىر دېھقانچىلىق مەيدانىدىكى رايوندا
تۇرىدۇ، ئۇلارنىڭ 11-بالىسى يېقىندا تۇغۇلماقچى ،ئەنگىلىيە مۇخبىرى سېرىنا
بۇ «بىر ئەر يەتتە خوتۇنلۇق»ئائىلىنى زىيارەت قىلىپ ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى
كىشلەرگە ئاشكارا قىلدى.

ھىندىستانلىق بىر ئەر 39ئايالنى ئەمرىگە ئالغان، جەمئىي 94بالىلىق بولغان، بۇلارنىڭ ئائىلىسى تۆت قەۋەتلىك بىناغا ئاران پاتىدۇ.
ھىندىستاننىڭ شەرقىي شىمالىي قىسىمدىكى مىزولام ئېلىدىكى بىر
كەنىتتە دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئائىلىلىكتىن بىرسى بار، بۇ ئائىلىدە 181ئەزا
بار بولۇپ، بۇ ئائىلىنىڭ ئائىلە باشلىقى 67ياشلىق ھىندىستانلىق ئەر چىئونا،
ئۇنىڭ 39ئايالى بار بولۇپ، 14كېلىنى، 33نەۋرىسى بار، بۇ غايەت زور
ئائىلىدە ھەربىي تۈزۈمكە ئوخشاش باشقۇرۇش تۈزۈملىرى بار وبلۇپ، يېشى ئەڭ
چوڭ ئايالى زاچىئەنج قالغان 38ئايالنى باشقۇرۇپ ئىش بېكىتىپ بېرىدۇ،
ئۇلارغا كىيىم يۇيۇش، تاماق ئېتىش ئىشلىرىنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ، ئائىلىدە تېخى
ئۆزلىرى قۇرىۋالغان مەكتەپ بار بولۇپ، مەكتەپنىڭ مەيدانى، ياغاچچىلىق
ئۆيى، چوشقا فېرمىسى، توخۇ فېرمىسى، يەنە تېخى ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى
قامدايدىغان چوڭ بىر سەيلىكى بار، چىئونا ئېتقاد قىلىدىغان دىنىي مەزھەپتە
قانچىلىك خوتۇن ئالسا بولىۋېرىدۇ، پەقەت باقالىسىلا، چىئونا ئۆزىنىڭ دىنىي
مەزھىپىنىڭ ئاتامانى ھېسابلىنىدۇ.

ئەڭ سول تەرەپتىكى بۇ قىز بەش ئايال بىلەن بىرگە بىر ئەرلىك،جەمئىي 54بالىسى بار
كالولىن.جېيسوپ تۇغۇلغاندىن كېيىن ئىزچىل ئامېرىكا ئارىزونا
ئىشتاتىنىڭ كېلولاد دەپ ئاتىلىدىغان پەقەت 10مىڭدىن ئارتۇق نوپۇسى بار
شەھەردە تۇرغان، بۇ يەردىكىلەر مورمون دىنىنىڭ ئاخرقى يىللىرىدىكى دىنىي
جەمئىيتى مەھەللىسىدە تۇرىدىغان بولۇپ، كالولىننىڭ 8ئەجداتىنىڭ ھەممىسى بۇ
دىننىڭ ئىخلاسمەنلىرى، كالولىن 18ياشقا كىرگەندە دىنىي جەمئىيەتنىڭ
ئورۇنلاشتۇرىشى بىلەن شۇ يەردىكى 50نەچچە ياشقا كىرگەن بەش ئايالى بار
تىجارەتچى مېيلىر.جېيىسوپقا ياتلىق قىلىنغان، بۇ ئەرنىڭ تۇرالغۇ ئۆيىنىڭ
ھەجىمى 1580كۋادرات مېتېر كېلىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ 6 ئايالى بۇ تۇرالغۇنىڭ
6يېرىدىكى ئۆيدە تۇرىدۇ، بۇ ئەرنىڭ 6 ئايالىدىن بولغان 54بالىسى بار.

ئامېرىكىلىق 88ياشلىق بوۋاينىڭ 5ئايالى بىلەن 285ئەۋلادى بار
چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ 2010-يىلى2-ئايدىكى خەۋىرىگە
قارىغاندا، ئامېرىكا ئارىزونا ئشىتاتىدا تۇرۇشلۇق 88ياشلىق بوۋاي
جوۋ.جېيسوپنىڭ ئىنتايىن «سەمىمىي»ئادەم ئىكەنلىكى، پەقەت بولمىغاندا«دىنىي
ئەقىدە»جەھەتتە شۇنداق كۆرۈنىدۇ، ئۇ بىر چوڭ ئائىلىنىڭ ئائىلە باشلىقى،
ئۇنىڭ 5 ئايالى بار بولۇپ، 46بالىسى، 239نەۋرىسى ھەم چەۋرىسى بار، بۇ بوۋاي
مورمون دىنىنىڭ ئاخرقى يىللىرىدىكى دىنىي جەمئىيتىنىڭ قوللىغۇچىسى، بۇ
دىنىي جەمئىيەت مورمۇن دىنىدىن ئايرىلىپ چىققان بىدئەت دىن، بۇ دىندا بىر
ئەر بىرنەچچە خوتۇنلۇق بولسا بولىدۇ، دوۋزاققا كىرىپ بولغان «ئەۋلىيا»غا
بويسۇنىدۇ، ئامېرىكا ئەدلىيە تارمىقى 2008-يىلىدىن تارتىپ، بۇ خىل دىنىي
جەمئىيەتتىكى كۆپ خوتۇنلۇق بولۇش قالايمىقانچىلىقىغا قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ
بارغان.

تەيۋەنلىك ئەر مەلۇم قۇرۇلۇش شىركىتىنىڭ
دېرىكتورى، خىزمىتى ئىنتايىن ئۇتۇق تاپقان، .ۇنىڭ 4 ئايالى بار بولۇپ،
14بالىسى بار، بۇ بىر ئائىلە كىشىلىرى سىرتقا چىقىپ غىزالىنىپ قالسا چوڭ
ئۈستەلدىن ئىككىنى ئىگەللەيدۇ، بۇ تۆت ئايالمۇ ئىنتايىن ئەپ ئۆتىدۇ،
بىر-برىنىڭ تۇغۇتىنى باقىدۇ، بالىسىغا قارايدۇ، 50ياشلىق بۇ ئەرنىڭ نامسىز
بارمىقىغا تاقىۋالغان ئالماس كۆزلۈك ئۈزۈكىنى بۇ تۆت ئايالى 50ياشقا كىرگەن
چېغىدا سوۋغا قىلغان، بۇ ئەرنىڭ دېيىشىچە،تۆت ئايالىنىڭ مىجەز-خاراكتېرى
تۆت خىل بولۇپ، ھەممىسىنىڭ بىردىن ئايرىم ئۆيى باركەن، ئۇ ھازىر جۇبېي
شەھىرىگە چوڭ ئۆيدىن بىرنى سېلىپ ھەممىسىنى كۆچۈرۈپ ئەكىلىشنى
ئويلىشىۋىتىپتۇ، بۇنداق قىلغاندا ئۆزىنىڭ تۆت تەرەپكە قاتراش ئاۋارچىلىقىنى
يوق قىلغىلى بولىدىكەن، 3-ئايالى ئۇنىڭدىن 14 ياش كىچىك بولۇپ، ئۇ ئېرىنى
بەك كۆيۈمچان، ھەتتا ئاتا-ئانامغىمۇ شۇنداق كۆيۈنىدۇ، بەكمۇ مەسئۇلىيەتچان
ئەر دېگەن، بۇ تۆت ئايال بىرگە بازارغا چىقىپ ،قارتا ئويناپ، تاماق
ئېتىدىغان بولۇپ، مۇناسىۋىتى خۇددى ھەدە-سىڭىللاردەكلىكەن.

ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ بىدئەت دىن،بىر ئەر 70خوتۇنلۇق بولغان
ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى 2006-يىلى8-ئايدا
جاكارلاپ، بېن لادىن بىلەن بىر قاتاردا«10تۇتۇش بۇيرۇقى چۈشۈرۈلگەن
جىنايەتچى»تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن مورمون دىنىنىڭ ئاخرقى يىللىرىدىكى
دىنىي جەمئىيتىنىڭ دىن ئاساسچىسى ۋولىن.جېيفوس ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇلدى،
بۇ كىشى رەھبەرلىك قىلغان بۇ مەزھەپ ئامېرىكىدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ بىر ئەر
كۆپ خوتۇنلۇق بولۇش يولغا قويۇلغان دىنىي مەزھەپ، ئۇنىڭ ئۆزىنىڭمۇ 80دىن
ئارتۇق خوتۇنى بار، ئىچىدىكى كۆپىنچىسى ئۇنىڭ دادىسىدىن قالغان يېسىر
خوتۇنلار.

2010-يىلى2-ئاي،لوھايانىڭ ئائىلىسىدە 17نەپەر
يېشى 7ياشتىن 21ياشقىچە بولغان ئارلىقتىكى بالىسى بار بولۇپ، بۇنداق بىر
ئەر كۆپ خوتۇنلۇق بولىدىغان ئىش مالايسىيادا ساماندەك، مۇتەخخەسىسلەر بۇ
ئەھۋانى ئىسلام دىنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىدى، 43ياشلىق ئائىلە
باشلىقى ئاشال كۈندە ئوخشاش بولمىغان ئۆيگە قايتىدۇ، ھەربىر ئايالىغا
بىركۈندىن ھەمراھ بولىدۇ، شەنبە-يەكشەنبىدە ئاندىن پۈتۈن ئائىلە كىشلىرى
يىغىلىدۇ، بۇ ئائىلىنىڭ كۆز قارىشى بولسا، بىر ئەر كۆپ خوتۇنلۇق بولغاندە
پاھشىۋازلىق قىلىش ۋە جەمئىيەتنىڭ يامان تەرەپلىرىدىن ئۆگىنىپ قېلىشنىڭ
ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ دەپ ئويلايدۇ.

نىگېرىيەدە بىر داخاننىڭ 107خوتۇنى بار،
185بالىسى بار، 87ياشقا كىرگەن ماسابانىڭ 5000كىشلىك غايەت چوڭ ئائىلىسى
بار، ئۇ 70-يىللاردىن باشلاپ، ئىلاھنىڭ بۇيرۇقى بويىچە، ئۆزىنىڭ بىر داخان
بولغانلىقى، ھەمدە نۇرغۇن خوتۇن ئالغانلىقىنى ئېيتىدۇ، نىگېرىيە دائىرلىرى
ئىسلام دىنىنى ئاسالىق دىن قىلغان، ئۇلار ماسابانىڭ قىلمىشىغا نىسبەتەن
نارازىلىق بىلدۈرگەن، 3يىل ئىلگىرى ،يەرلىك ھۆكۈمەت ئۇنى 82خوتۇنى بىلەن
ئاجرىشىپ كېتىشكە بۇيرۇپ، 4نى ئېلىپ قېلىشنى ئېيىتقان بولسىمۇ. ئۇ قەتئىي
ئۇنىمىغان، ئىسلام قانۇنى سوت مەھكىمىسى ئۇنى بازارىن يوقۇلۇشقا بۇيرىغان،
2008-يىلى9-ئايدا، ساقچى تەرەپ ئۇنىڭ ئۆيىگە ھۇجۇم قىلغان، ئاندىن ئاپىرىپ
تۈرمىگە سولاپ قويغان، ئۇنىڭ نۇرغۇن خوتۇنى"11ھامىلدار خوتۇنى"نى ئۆز
ئىچىگە ئالغان خوتۇنلىرى تۈرمىگە بېرىپ نامايىش قىلغان ھەم ھۆكۈمەت
تەرەپنىڭ ئۇنى قويىۋىتىشنى تەلەپ قىلغان، ئاخىرىدا بىر توپ خەلق ھوقۇقى
ئادوۋكاتلىرى ئۇنى قۇتقۇزۇپ چىققان.

گوندۇراستىكى بىر ئۆرپ-ئادەت كىشىنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرىدۇ، ئۇ
بولسىمۇ"خوتۇن سېتىش"گوندۇراسنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى بىر كەنىتتە، ئەرلەر
ئايالىنى"ئىشتىن بوشىتىۋەتسە بولىدۇ"،يەنە تېخى بازارغا ئاپىرىپ كىم ئارتۇق
قىلىپ سېتىۋەتسە بولىدۇ، ياكى باشقىلارنىڭ خوتۇنى بىلەن ئالماشتۇرىدۇ،
سېتىۋىلىپ كەلگەن ئايالىنى يەنە ئاپىرىپ ساتسا بولىۋېرىدۇ، بۇ كىشىنى
چۆچىتىدىغان ئۆرپ-ئادەتلەر مايانىڭ كونا ئادىتى ھېسابلىنىدۇ، ئەينى
يىللاردا مايالىقلار ئەسىرگە ئېلىنغان ئەرلەرنىڭ ھەممىنى ئۆلتۈرۈپ نەزىر
قىلغان، لېكىن ئەسىر قىلىنغان ئاياللارنى خوتۇنلۇققا ئالغان ياكى ئاپىرىپ
ئالماشتۇرغان، بۇنداق يىلتىزى چوڭقۇرلىشىپ كەتكەن ئۆرپ-ئادەتلەرگە
ھۆكۈمەتمۇ ئامال قىلالمىغان، قانۇن بويىچە بۇنداق سودا- سېتىق پەقەت
بازاردا قىلىنسا بولىدىكەن، 3ئايدا بىر قېتىم مۇشۇنداق ئالماشتۇرۇش .سېتىش
سودىلىرى ئېلىپ بېرىلىدىكەن.

ئوتتۇرا ئامېرىكا قىتئەسى دۆلەتلىرىدە، كىشلەر بالىلىرىغا ئىسىم قويۇشتا
ئىنتايىن ئىجادىي تەپەككۈرگە باي، بولۇپمۇ گوندۇراسلىقلار، ئوي-پىكىرى
ئۆرپ-ئادەتنىڭ چەكلىمىسىگە قەتئىيلا ئۇچرىمايدۇ، مەسلەن"يەرشارى ۋاقىت
گېزىتى"مۇخبىرى بۇ شەرقىي قىسىم رايونىغا بېرىپ باققان بولۇپ، بەزىلەرنىڭ
ئىسمى ماشىنا چاقى،يەنە بەزىلىرىنىڭ ئىسمى چاقنار چاتقۇچ، تەڭرىگە رەھمەت
ئىكەن. كاللىسىغا نېمە كەلسە شۇ ئىسىمنى قويىۋېرىدىكەن، دېيىشلەرگە
قارىغاندا، ئەينى يىللىرى كولومبۇ پاراخوتى بورانغا ئۇچراپ ھالاك بولۇپ
كەتكىلى تاس قالغان، شۇڭا بۇ يەرگە گوندۇراس دەپ ئىسىم قويۇلغان،
مەنىسى"تېگى يوق ھاڭ"دېگەن مەنىدە، دېڭىز بويىدىكى بىر بۆلىكىنىڭ
ئىسمى"گېلاسىيائادىئوسى" مەنىسى"تەڭرىگە رەھمەت"دېگەن مەنىدە.