جاھاندا شۇ دەرىجىدىكى قورقۇنچلۇق بالىلار باركى يەنە بىر كۆرۈشكە پېتىنالمايسىز
ھىندىستاندىكى قان يىغلايدىغان قىزچاق
15ياشلىق بۇ چىرايلىق قىزچاق تۆت يىلنىڭ ئالدىدا بىر خىل غەلىتە كېسەلگە
گىرىپتار بولغان بولۇپ،كۆزىدىن قان ئاقىدىكەن.ھەمدە تەر تۆشۈكچىلىرىدىنمۇ
قان تامىدىغان بولۇپ قالغان.بۇ خىل كەم ئۇچرايدىغان غەلىتە كېسەلنى
نۇرغۇنلىغان دوختۇرلار داۋالاشقا ئامالسىز قالغان.2007-يىلى 7-ئاينىڭ مەلۇم
بىر كۈنى ،ئۇنىڭ ئاغزى قاناپ كەتكەن،دادىسى ئۇنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ
بارغان،بىر نەچچە ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ كۆزى،بۇرنى،ھەتتا
چاچلىرىدىنمۇ قان ئاقىدىغان بولۇپ قالغان.شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭ بەدىنى زور
دەرىجىدە قانسىزلىنىپ ئاجىزلاپ كەتكەن.دوختۇرلار ئۇنىڭغا بىر قانچە قېتىم
قان سالغان.ئەمما بۇ غەلىتە كېسەلنى داۋالىيالمىغان.

ئامېرىكىنىڭ تېننېسسى شىتاتىدىكى بىر ئوغۇل بالىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش غەلىتە
كېسەلگە گىرىپتار بولغان بولۇپ،كۈنىگە ئۈچ قېتىم قان يىغلايدىكەن.بەزىدە
قانلىق ياش ئېقىش بىر سائەتتىن ئېشىپ كېتىدىكەن.

بۇ 13ياشلىق قىزچاق قان تەرلەيدىغان غەلىتە بىر كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ
قالغان.ئۇنىڭ تېرە شىللىق پەردىسى ئۆزلۈكىدىن قانايدىغان بولۇپ،كۈندە ئىككى
قېتىمدىن ئالتە قېتىمغىچە داۋاملىشىدىكەن،ئەڭ كۆپ بولغاندا ئون قېتىمغا
يېتىدىكەن.ئۆزلۈكىدىن قاناپ،ئۆزلۈكىدىن توختايدىكەن.

ھىندىستانلىق سەككىز ياشلىق بۇ ئوغۇل بالا ھىندىستاننىڭ قالاق رايۇنلىرىنىڭ
بىرىدە تۇغۇلغان بولۇپ،يېڭى تۇغۇلغاندا ئۇنىڭ تۆت قولى،تۆت پۇتى،بىر بېشى
بار ئىدى.ئۇنىڭ قىياپىتى ئالاھىدە بولغاچقا،ئۇ ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر
نۇرغۇن كىشلەرنىڭ مەسخىرىسىگە ئۇچرىدى .ئۇ ئاخىرى باشقا بالىلارغا ئوخشاش
ئويناپ-كۈلۈپ يۈرەلەيدىغان بولدى.دوختۇر تۆت سائەت ئوپىراتسىيە قىلىش
ئارقىلىق،ئۇنىڭ بەدىنىدىكى غەيرىي ئۆسۈپ قالغان قىسمىنى كېسىپ
ئېلىۋەتتى،يەرلىك تېلىۋىزىيە ئىستانسى يېقىندا بۇ ئوپىراتسىيەنىڭ پۈتكۈل
جەريانىنى كۆرسەتتى.





