شىنجاڭ ئۈرۈمچىدىكى بىر زاۋۇت پارتىلاپ كىتىپ بىر قانچە ئادەم يارلاندى
6-ئاينىڭ 1- كۈنى سائەت 19دىن 50 مىنۇت ئۆتكەن ئەتراپىدا ، شىنجاڭ ئۈرۈمچى يىڭى تەرەققىيات رايۇنى كۆك ئاسمان يولىدىكى يىقىلغۇ پىششىقلاپ ئىشلەپچىقىرىش ماشىنىسىدا پارتىلاش ۋەقەسى يۈز بەردى . پارتىلاش يۈز بەرگەندىن كىيىن بۇ زاۋۇتنىڭ كۆپلىگەن ماشىنىلىرى بۇزۇلدى ۋە ئۆرۈلۈپ چۈشتى . 2 ئىشچى ئىغىر يارلاندى ، 10 غا يىقىن ئىشچى يىنىك يارلاندى . نۆۋەتتە قۇتقۇزۇش خادىملىرى خارابە ئاستىدىن كۆمۈلۈپ قالغان ئادەملەرنى ئىزدىمەكتە .

