ئۈرۈمچى شەھەرلىك 55-باشلانغۇچ مەكتەپتە 23-ماي <قانۇننى مەكتەپلەرگە يەتكۈزۈش پائالىيىتى>ئۆتكۈزۈلدى.پائالىيەتتە ئۈرۈمچى شەھەرلىك قانۇن ياردىمى مەركىزى شىنچېڭ ئادوۋكاتخانىسىغا <قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش خىزمەت نۇقتىسى>ۋىۋىسكىنى ئاستى.بۇ ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى تۇنجى ياشلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش خىزمەت نۇقتىسى ھېسابلىنىدۇ.
ئىگىلىنىشىچە ، شىنجاڭ شىنچېڭ ئادوۋكاتخانىسىدىكى ئادوۋكاتلار بىلەن سايباغ رايونى 1-ئاۋغۇسىت كوچا باشقارمىسى ئەدلىيە ئىشخانىسىدىكى خادىملار ۋېۋىسكا ئېسىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.مۇراسىم ئاخىرلاشقاندى كېيىن ئادوۋكات ئوقۇغۇچىلارغا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش قانۇنى توغرىسىدا چۈشەنچە بەردى.
شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى