شايار ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسى يېقىندا بىر نىكاھ دېلوسىغا قاراپ چىقىپ،مەرھابانى ئۆي قاتارلىق مال-مۈلۈككە ئىگىدارلىق قىلىشقا ۋە پەرزەنتىنى بېقىش تەربىيەلەشكە،دىلشاتنى مەھاباغا 10 مىڭ يۈەن نىكاھتىن ئاجرىشىش تۆلىمى،بالىنىڭ بېقىپ تەربىيەلىنىش راسخوتى ئۈچۈن ئايدا 700 يۈەندىن بېرىشكە بۇيرۇدى.
ئىگىلىنىشىچە،دىلشات بىلەن مەرھابا توي قىلىپ،ئىككى پەرزەنتلىك بولغان.مەرھابا ئېرى دىلشاتنىڭ باشقا بىر ئايال بىلەن ئۆي تۇتۇۋالغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ،ئائىلىسىنىڭ ۋەيران بولماسلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭغا نەسھەت قىلغان.دىلشات خاتالىقنى تونۇغان بولسىمۇ،بۇ ئىشنى يەنىلا داۋاملاشتۇرغان.مەرھابا ئامالسىز سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنۇپ،دىلشات بىلەن نىكاھتىن ئاجرىشىشنى ،ئاجرىشىش تۆلىمى بېرىشنى تەلەپ قىلغان.دىلشات سوتتا باشقا بىر ئايال بىلەن بىنورمال بېرىش-كىلىش قىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان،ئەمما ئايالىغا نىكاھتىن ئاجرىشىش تۆلىمى بېرىشنى رەت قىلغان.
شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى