ئەۋرەز يولىنى يامغۇر سۈيى ۋە يۇندى تېشىپ چىقمايدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنىڭ باشلىنىشىغا ئەگىشىپ،<ئالتاي يولى> يامغۇر ياغقاندا،قار ئېرىگەندە ئەۋرەز يولى تېشىپ كېتىدىغان ئەھۋاللار بىلەن خوشلىشىدۇ.
ئىگىلىنىشىچە،<ئالتاي يولى> دىكى بۇ قۇرۇلۇش 18-ماي باشلانغان ،<قاراماي غەربىي يولى >ئېغىزىدىن <خېنەن يولى > ئېغىزىغىچە بولغان بۆلەك بۇ ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم بۆلىكى ئىكەن.بۇ يول بۆلىكىدىكى سەككىز يول ئېغىزىغا يامغۇر سۈيىنى ئېقىتىش توربىسى ياتقۇزۇلدى.
ئىگىلىنىشىچە،يۇندىنىڭ تۇربىدىن يەمراپ چىقىپ كېتىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن،يۇندى تولا تاشىدىغان يۇندى قۇدۇقلىرىغا دىيامېتىرى 60-80 سانتىمېتىر كېلىدىغان يۇندى چىقىرىش تۇرۇبىسى ئورنىتىلغان.
<ئالتاي يولى> دىكى يۇندى تۇرۇبىلىرى 1993-يىلى ئورنىتىلغان بولۇپ، ھازىر ئولتۇراق رايون، مېھمانخانىلار كۆپەيگەچكە ، كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى يۇندىلار يۇندى تۇرۇبىسىنىڭ بېسىمىنى ئاشۇرۇۋەتكەن بولغاچقا ،يامغۇر ياغقان ۋە قار ئېرىغانلاردا بۇ رايوننىڭ يۇندى تۇرۇبىسى نورمال ئىشلىيەلمىگەن.بۇ قېتىمقى قۇرۇلۇشتا يەنە 16 يامغۇر سۈيى ۋە يۇندى قۇدۇقى كۆپەيتىلدى.
ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى