ساقلىۋىلىڭ باش بەت قىلىڭ بۈگۈن خۇشخۇي توربىكتىگە كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا!
قىزىقارلىق فىلىم مەدەنىيەت-تارىخ ئـەدەبىـيات كومپيۇتېر ۋە IT چولپانلارسالۇنى خەلقئارا خەۋەر كىنو-فىلىم باش بەت
كۈلكە-ئىتوتلار قىزىق نۇقتا بوكىسلار پەن-تېخنىكا رەسىم دۇنياسى مەملىكەت خەۋەرلىرى MTV ئىكرانى خـەۋەرلـەر
تەنتەربىيە قانىلى ئەدەبى شەخىسلەر ھەمكارلىق ئىقتىساد ئۇچۇرلىرى تور ئويۇنى شىنجاڭ خەۋەرلىرى ناخشا - مۇزىكا مۇنبەر

AD-242-60

| قىزىق نۇقتا | خەلقئارا خەۋەرلىرى | مەملىكەت خەۋەرلىرى | شىنجاڭ خەۋەرلىرى | تەنتەربىيە | IT كومپىيۇتىر | ئىقتىسادى خەۋەرلەر | مائارىپ-ئىمتىھان خەۋەر باش بىتى  
قەشقەردە يۈز بەرگەن 15 نەپەر بىگۇناھ ئاممىنى چېپىپ ئۆلتۈرۈش دېلوسىغا ھۆكۈم ئېلان قىلىندى - huxhuy online----Sports|world News|it News|china News|Local News Business
ئورنىڭىز:خەۋەر >> شىنجاڭ خەۋەرلىرى >>
قەشقەردە يۈز بەرگەن 15 نەپەر بىگۇناھ ئاممىنى چېپىپ ئۆلتۈرۈش دېلوسىغا ھۆكۈم ئېلان قىلىندى
 يوللىغۇچى:خۇشخۇي  كىلىش مەنبەسى:互联网  كۆرلىشى:562  
     تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى:2012-يىلى 3-ئاينىڭ 26-كۈنى،قەشقەر ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى بىرىنچى سوتتا جاۋابكار ئابدۇكېرىم مامۇتقا زوراۋانلىق تېرورلۇق دېلوسىغا ئوچۇق سوت ئېچىپ،ئابدۇكېرىم مامۇتقا تېرورلۇق تەشكىلاتى ئۇيۇشتۇرۇش،رەھبەرلىك قىلىش،قەستەن قاتىللىق قىلىش جىنايەتلىرىنى قوشۇپ جازالاپ،ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىپ،سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۆمۈرۋايەت مەھرۇم قىلىش جازاسى بەردى.
سوت مەھكىمىسى سوت قىلىش ئارقىلىق مۇنۇلارنى تەكشۈرۈپ چىقتى:جاۋابكار ئابدۇكېرىم مامۇتنىڭ 2011-يىلى 7-ئايدىن 2012-يىلى 2-ئايغىچە قانۇنسىز <<تەبلىغ قىلىش>> پائالىيەتلىرى قاتارلىق ۋاستىلار بىلەن دىنىي ئەسەبىيلىك،زوراۋان تېرورلۇق ئىدىيىسىنى تەشۋىق قىلغان،پائال خادىم تاللاپ،ئۆزى باش بولۇپ،ئوبۇلقاسىم مەمەت،توختى قۇۋان مەمەت قاترالىق توققۇز كىشى قاتناشقان زوراۋان تېرورلۇق تەشكىلاتىنى ئۇيۇشتۇرۇپ،كۆپ قېتىم مەخپى پىلانلاش ئېلىپ بارغان،تەشكىلات ئەزالىرىنىڭ يەر شەكلىنى تەكشۈرۈشكە قوماندانلىق قىلىپ،تېرورلۇق ھۇجۇم نىشانىنى بېكىتىپ،زوراۋانلىق تېرورلۇق ھەرىكەت لايىھىسىنى پىلانلىغان.2012-يىلى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن جاۋابكار ئابدۇكېرىم مامۇت تېرورلۇق تەشكىلاتى ئەزالىرىنى ئۆزىنىڭ ئۆيىگە يىغىپ،زوراۋانلىق تېرورلۇق ھەركىتى ئېلىپ بېرىشنى مۇقىملاشتۇرغان ۋە ئەزالىرىنى گۇرۇپپىلارغا ئايرىپ،ئىش تەقسىملەپ ۋە ئۇلارغا پىچاق،پالتا قاتارلىق جىنايەت قوراللىرىنى تارقىتىپ بېرىپ،تېرورلۇق ھۇجۇم قىلىش ئۇسۇلىنى مانىۋېر قىلغان.شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 18 لەردە ئۇ جىنايەت تەشكىلاتى ئەزالىرىنى باشلاپ قاغىلىق ناھىيىسىنىڭ بەخىت يولىدىكى پىيادىلەر كوچىسىغا بېرىپ،پىچاق،پالتا قاتارلىقلار بىلەن بىگۇناھ ئاممىنى ۋەھشىلەرچە چېپىپ،نەق مەيداندا 13 ئادەمنىڭ ئۆلۈشى،16 ئادەمنىڭ يارلىنىشىنى(بۇنىڭ ئىچىدە ئىككى كىشى قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كەتكەن)كەلتۈرۈپ چىقارغان.
جاۋابكار ئابدۇكېرىم مامۇت نەق مەيداندا تۇتۇلغان،يەتتە نەپەر زوراۋان تېرورچى ئۇنسۈر ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن،يەنە بىر نەپىرى ئوق تېگىپ يارلانغاندىن كېيىن قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كەتكەن.ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدا بىر نەپەر بىرلەشمە مۇداپىئە خادىمى قۇربان بولغان،تۆت نەپەر ج خ ساقچىسى يارلانغان.
يۇقىرىقى جىنايەت پاكىتلىرىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى،زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ بايانى،يىغىۋېلىنغان دېلو سادىر قىلىش قوراللىرى،نەق مەيداندىكى ۋېدىئو ماتېرىيالى،قانۇن دوختۇرىنىڭ جەسەت تەكشۈرۈشى،زەخمىنى بېكىتىش،نەق مەيداننى تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلاپ بېرىدۇ،جاۋابكارمۇ جىنايىتىگە ئىقرار بولدى.
سوت قاراپ چىقىش ئارقىلىق مۇنداق دەپ قارىدى:جاۋابكار ئابدۇكېرىم مامۇت تېرورلۇق تەشكىلاتى ئۇيۇشتۇرغان،رەھبەرلىك قىلغان ۋە تەشكىلات خادىملىرىغا قوماندانلىق قىلغان شۇنداقلا بىگۇناھ ئاممىنى بېۋاستە ئۆلتۈرگەن،جىنايەت ۋاستىسى ئىنتايىن ۋەھشى بولۇپ،جىنايەت قىلمىشى ناھايىتىمۇ قەبىھ جىنايەت ئاقىۋىتى ئىنتايىن ئېغىر بولغان.شۇڭا يۇقىرىقى ھۆكۈم چىقىرىلدى.
سوتتا قاراپ چىقىش جەريانىدا،قانۇن بويىچە جاۋابكارنىڭ ئۆز مىللىتىنىڭ تىل-يېزىقى ئىشلىتىلىپ دەۋالىشىش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىندى،جاۋابكارنىڭ ئاقلىغۇچى ئادۋوكاتى سوتتا جاۋابكارنى ئاقلىدى،جاۋابكارنىڭ ئۇرۇق-تۇققانلىرى،زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى شۇنداقلا جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە ئامما سوتنى سىرىتتىن ئاڭلىدى.
 

يېڭى خەۋەرلەر
ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغان قوش باشلىق مەخلۇقلار
ئادەمنىڭ ئىشەنگ...
دادىسىنىڭ تىمساھ بېقىش كەسپىگە ۋارىسلىق قىلغان ئوغۇل
دادىسىنىڭ تىمسا...
ھەريەردىكى ئاددىي خىزمەتنىڭ ئاجايىپ ھاياتىي كۈچكە تولغان دەقىقىلىرى
ھەريەردىكى ئادد...
ساھىپجامال زۇڭلىدىن مەھبۇسلۇققىچە بولغان ئايال- تيموشىېنكو
ساھىپجامال زۇڭل...
ئوباما ياپونىيەنىڭ باش ۋەزىرى بىلەن كۆرۈشكەندە جۇڭگونى چەكلىمەيمىز، دېدى
ئوباما ياپونىيە...
قىزىقارلىق ئىش،سىزچە بىر دانە تانكىغا زادى قانچە ئادەم سىغار
قىزىقارلىق ئىش،...
120 جىڭ ئېغىرلىقتىكى ئۈچ ياشلىق بودەكنىڭ تۇرمۇشى
120 جىڭ ئېغىرلىقت...
چۇڭچىڭدا تۇنجى نۆۋەتلىك پەتەك قىز-يىگىتلەر ئۇچرىشىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى
چۇڭچىڭدا تۇنجى ن...
مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر
شىنجاڭدا كەڭ كۆلەملىك ئايروپىلان مۇلازىمەتچى خا...
كۆيۈمچان باغۋەن تۇرسۇن ھەسەن مۇئەللىمگە بېلەت تا...
بۇلتۇر شىنجاڭدا 27058 ئۇيغۇر ئەيدىز بىلەن يۇقۇملان...
ئۈرۈمچى بىلەن ئاقسۇ ئارىلىقىغا يېڭىدىن تېز پويىز...
بوران ئۇچۇرۇپ كەتكەن پۇللارنى باشلانغۇچ مەكتەپ ...
ئۇيغۇر تىلىدىكى تەڭرىتاغ مىكروبىلوگى ئېچىلدى
ئۈرۈمچىدە دوختۇرخانىلارنىڭ بىمارلارنى ئېھتىياج...
قەشقەردە يۈز بەرگەن 15 نەپەر بىگۇناھ ئاممىنى چېپى...
شياڭگاڭدىن قەشقەرگە 4-ئايدا ئايروپىلان قاتنايدۇ
خەلق پۇلىدىكى ئۇيغۇرچە خەتنى كىم يازغان
شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى دېكتور رىياسەتچىلىك كەسپىگ...
تېكەس دىيارىدا نورۇز پائالىيىتىدىن ھۇزۇرلىنىڭ
شىنجاڭلىق قىز خەلقئارالىق ساياھەت گۈزىلى مۇسابى...
ئىككى ئاۋىئاتسىيە مەكتىپى شىنجاڭدىن 60 نەپەر ئوقۇ...
ئاۋاتتا بىر كۇب مۇسەللەس 32 مىڭ 200 يۈەنگە سېتىلدى
تور بېكەت ھەققىدە  |   مۇلازىمەتلەر  |  سەھىپىلىرىمىز  |  ئېلان بېرىڭ  |  ئالاقىلىشىڭ  |  ھەمكارلىشىڭ  |  بېكەت خەرىتىسى  |  پىكىر بېرىڭ  |  قوللىغۇچىلىرىمىز  | 百度影音
بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى : شىنجاڭ خۇشخۇي تور بېكىتىگە تەۋە ئوخشىتىپ ياسىغۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ..
تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ، ناخشا- مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ!
پــۈتـــۈن كـــۈچــىــمىز بــىـــلەن مۇقۇمــــلىقنى قوغـــــداپ ئېــنــاق شىنـــــــــجاڭ بــــەرپا قــــىــلايلى
huxhuy.cn ©2011 E-Mail:elyar28@vip.qq.com 粤ICP备11034588号 QQ:354249503
ئالاقە تېلىفون : 15902032603