ساقلىۋىلىڭ باش بەت قىلىڭ بۈگۈن خۇشخۇي توربىكتىگە كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا!
قىزىقارلىق فىلىم مەدەنىيەت-تارىخ ئـەدەبىـيات كومپيۇتېر ۋە IT چولپانلارسالۇنى خەلقئارا خەۋەر كىنو-فىلىم باش بەت
كۈلكە-ئىتوتلار قىزىق نۇقتا بوكىسلار پەن-تېخنىكا رەسىم دۇنياسى مەملىكەت خەۋەرلىرى MTV ئىكرانى خـەۋەرلـەر
تەنتەربىيە قانىلى ئەدەبى شەخىسلەر ھەمكارلىق ئىقتىساد ئۇچۇرلىرى تور ئويۇنى شىنجاڭ خەۋەرلىرى ناخشا - مۇزىكا مۇنبەر

AD-242-60

| قىزىق نۇقتا | خەلقئارا خەۋەرلىرى | مەملىكەت خەۋەرلىرى | شىنجاڭ خەۋەرلىرى | تەنتەربىيە | IT كومپىيۇتىر | ئىقتىسادى خەۋەرلەر | مائارىپ-ئىمتىھان خەۋەر باش بىتى  
خەلق پۇلىدىكى ئۇيغۇرچە خەتنى كىم يازغان - huxhuy online----Sports|world News|it News|china News|Local News Business
ئورنىڭىز:خەۋەر >> شىنجاڭ خەۋەرلىرى >>
خەلق پۇلىدىكى ئۇيغۇرچە خەتنى كىم يازغان
 يوللىغۇچى:خۇشخۇي  كىلىش مەنبەسى:互联网  كۆرلىشى:394  




يېڭى جۇڭگو قۇرۇلۇپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا جۇڭگو خەلق بانكىسى دېگەن ئۇيغۇرچە خەت يېزىلغان خەلق پۇلى تارقىتىلدى. بۇ خەتنى كىم يازدى؟ بۇ خەتنى بىزنىڭ داڭلىق خەتتات ۋە رەسسامىمىز ھوشۇر ئېلى يازغان.

  ھوشۇر ئېلى 1931-يىلى تۇرپاندا تۇغۇلغان، 1948-يىلى ئۈرۈمچى سابىق ئۆلكىلىك 2-دارىلمۇئەللىمىنى پۈتتۈرگەن، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ جۇڭگو-سوۋېت دوستلۇق جەمئىيىتى، شىنجاڭ گېزىتى ئىدارىسى، ئۈرۈمچى 2-قىزلار مەكتىپى قاتارلىق ئورۇنلاردا رەسساملىق، خەتتاتلىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. 1950-يىلىدىن 1951-يىلنىڭ ئاخىرغىچە بېيجىڭغا يۆتكىلىپ دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىدا گۈزەل سەنئەت خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. 1952-يىلىدىن 1991-يىل 8-ئايدا پېنسىيىگە چىققانغا قەدەر ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ خوتەن ۋىلايىتى كېرىيە ناھىيىلىك مەدەنىيەت يۇرتى، شىنجاڭ ئۆلكىلىك كىنو فىلىم تارقىتىش-قويۇش شىركىتى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك دوستلۇق كىنوخانىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئاممىۋى سەنئەت سارىيى قاتارلىق ئورۇنلاردا خەتتاتلىق ۋە رەسساملىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان.

  ھوشۇر ئېلى 1945-يىلدىن باشلاپ ئۆزلۈكىدىن رەسساملىق، خەتتاتلىق سەنئىتى بىلەن شۇغۇللانغان بولۇپ، ئۇ ئىشلىگەن ئورۇنلىرىدا ئۆز ماھارىتىنى ئىشقا سېلىپ، نۇرغۇن نەتىجىلەرنى ياراتتى. كىنو فىلىم تەشۋىقات ساھەسىدە سىزغان رەسىملىرى مەملىكەت بويىچە 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، ئۆزى «ئىلغار كىنو تەشۋىقات خادىمى» دېگەن نام ۋە مىس مېدالغا ئېرىشكەن. خەلق پۇلىغا ئۇيغۇرچە خەت يېزىش ئۇنىڭ ھاياتىدىكى ئۇنتۇلغۇسىز بىر ئىش ئىدى. 1950-يىل 5-ئايدا بېيجىڭدا سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ تەكلىپى بىلەن جۇڭگو خەلق پۇلىنىڭ ئۈستىگە «جۇڭگو خەلق بانكىسى» دېگەن خەتنى يېزىپ بەرگەن. 1984-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان ئۇيغۇرچە، قازاقچە «ئېلىپبە» كىتابنىڭ مۇقاۋا ھەم بارلىق خەتلىرىنى يېزىپ بەرگەن. «قۇتادغۇبىلىك»، «قۇرئان كەرىم»، «رابىيە-سەئىدىن» قاتارلىق كىتابلارنىڭ مۇقاۋا خەتلىرىنى، ئىچكى ماۋزۇ ۋە قىستۇرما رەسىملىرىنى ئىشلەپ بەردى. شۇنىڭدەك بېيجىڭ ۋە ئۈرۈمچىدىكى نەشرىيات ئورۇنلىرىدىن نەشر قىلغان كىتاب-ژۇرناللارنىڭ مۇقاۋا خەتلىرىنى يېزىپ بەردى. «شىنجاڭ گېزىتى»، «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»، «شىنجاڭ سەنئىتى»، «شىنجاڭ رەسىملىك ژۇرنىلى» قاتارلىق گېزىت-ژۇرناللاردا كۆپ قېتىم ھەر خىل مەزمۇن، ھەر خىل شەكىلدىكى نادىر ھۆسنخەت ئەسەرلىرى ئېلان قىلىندى ھەم مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا كۆرگەزمىلەرگە قويۇلۇپ، مۇكاپاتقا ئېرىشتى. 1992-يىل 10-ئايدا تاشكەنت شەھىرىدە ئېچىلغان كۆرگەزمىگە قويۇلغان رەڭلىك ۋە رەڭسىز 27 پارچە ئەسىرى كۆرگۈچىلەرنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشتى. 1988-يىلى ئۇنىڭ تەرجىمىھالى «جۇڭگو بۈگۈنكى زامان داڭلىق خەتتاتلار قامۇسى» ۋە «جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت ئالىم- مۇتەخەسسىسلەر لۇغىتى»گە قىسمەن نادىر ئەسەرلىرى بىلەن كىرگۈزۈلدى.

  1996-يىلى ئۈرۈمچىدىكى خەتتاتلار جەمئىيەتلىرى بىرلىشىپ ئۇنىڭغا تون كىيگۈزدى. ھەم گېزىت-ژۇرنال، رادىئو، تېلېۋىزورلاردا ئالاھىدە تونۇشتۇردى. ئۈرۈمچىدە نەشردىن چىققان «بىزنىڭ خەتتاتلىرىمىز»، «ئۇيغۇر خەتتاتلىق ئەسەرلىردىن تاللانمىلار» قاتارلىق بىر قانچە توپلامدا ئۇنىڭ 50 پارچىگە يېقىن ھۆسنخەت ئەسەرلىرى ئېلان قىلىندى. ئۇ، خەتتاتلىق سەنئىتىنى ئۆزىگىلا باغلاپ قالماستىن، ھەر يىلى بىر قانچە قارار ھۆسنخەت كۇرسلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ھەر مىللەت ھۆسنخەت ھەۋەسكارلىرىنى تەربىيىلەپ، خەتتاتلار قوشۇنىنىڭ زورىيىشى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشتى. شۇنداقلا تەكلىپ بىلەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ھۆسنخەت دەرسلىرىنى ئۆتۈپ، ئەۋلادلارنىڭ خەتتاتلىق سەنئىتىگە بولغان تەشنالىقىنى قاندۇردى. 1996 -يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تەرىپىدىن تەييارلىغان لازىرنۇرلۇق، كومپيۇتېر مەتبەئە سىستېمىسىغا ئۇيغۇر تۈز خەت نۇسخىسى، رۇقئى خەت نۇسخىسىنى يېزىپ بەردى. 1999-يىل 7-ئايدا ئۇنىڭ تۆت خىل نۇسخىدىكى خەتنى ئۆگىنىش قوللانمىسى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى. شۇنداقلا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تىل-يېزىق كومىتېتىنىڭ تەكلىپى بىلەن تەئلىق خەت نۇسخىسىنى كومپيۇتېرغا كىرگۈزۈپ بەردى.

  ھوشۇر ئېلى خەتتاتلىق ساھەسىدە «شىنجاڭ خەتتاتلىق سەنئىتى بويىچە تۆھپە مۇكاپاتى»، «پەزىلەتلىك سەنئەتكار ناماياندىسى»، «ئەخلاق، كەسىپتە يېتىلگەن خەتتات» دېگەن شەرەپلىك ناملار بىلەن مۇكاپات لوڭقىلىرىغا ھەم شەرەپ گۇۋاھنامىلەرگە، 1988-يىلى «مۇئاۋىن تەتقىقاتچى» دېگەن ئۇنۋانغا ئېرىشتى. 1988-يىلى سىياسىي كېڭەش ئۈرۈمچى شەھەرلىك 7 -نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلاندى.

  ھوشۇر ئېلى 1984-يىلدىن 1998-يىلغىچە ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەتتاتلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، 1985-يىلدىن 2001-يىل 11-ئايغىچە ئاپتونوم رايونلۇق خەتتاتلار جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ئەزاسى، 1986- يىلدىن 2000-يىل 9-ئايغىچە پېشقەدەم خەتتاتلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، مىللىي ئىشلار بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، مەسلىھەتچىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنىمۇ قوشۇمچە ئۆتىگەن.ھوشۇر ئېلى ھازىر جۇڭگو خەتتاتلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك سىياسىي كېڭەش رەسساملىق، خەتتاتلىق يۇرتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، پېشقەدەم خەتتاتلار جەمئىيىتى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەتتاتلار جەمئىيىتىنىڭ پەخرىي رەئىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ئەزاسى.

 

يېڭى خەۋەرلەر
ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغان قوش باشلىق مەخلۇقلار
ئادەمنىڭ ئىشەنگ...
دادىسىنىڭ تىمساھ بېقىش كەسپىگە ۋارىسلىق قىلغان ئوغۇل
دادىسىنىڭ تىمسا...
ھەريەردىكى ئاددىي خىزمەتنىڭ ئاجايىپ ھاياتىي كۈچكە تولغان دەقىقىلىرى
ھەريەردىكى ئادد...
ساھىپجامال زۇڭلىدىن مەھبۇسلۇققىچە بولغان ئايال- تيموشىېنكو
ساھىپجامال زۇڭل...
ئوباما ياپونىيەنىڭ باش ۋەزىرى بىلەن كۆرۈشكەندە جۇڭگونى چەكلىمەيمىز، دېدى
ئوباما ياپونىيە...
قىزىقارلىق ئىش،سىزچە بىر دانە تانكىغا زادى قانچە ئادەم سىغار
قىزىقارلىق ئىش،...
120 جىڭ ئېغىرلىقتىكى ئۈچ ياشلىق بودەكنىڭ تۇرمۇشى
120 جىڭ ئېغىرلىقت...
چۇڭچىڭدا تۇنجى نۆۋەتلىك پەتەك قىز-يىگىتلەر ئۇچرىشىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى
چۇڭچىڭدا تۇنجى ن...
مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر
شىنجاڭدا كەڭ كۆلەملىك ئايروپىلان مۇلازىمەتچى خا...
كۆيۈمچان باغۋەن تۇرسۇن ھەسەن مۇئەللىمگە بېلەت تا...
بۇلتۇر شىنجاڭدا 27058 ئۇيغۇر ئەيدىز بىلەن يۇقۇملان...
ئۈرۈمچى بىلەن ئاقسۇ ئارىلىقىغا يېڭىدىن تېز پويىز...
بوران ئۇچۇرۇپ كەتكەن پۇللارنى باشلانغۇچ مەكتەپ ...
ئۇيغۇر تىلىدىكى تەڭرىتاغ مىكروبىلوگى ئېچىلدى
ئۈرۈمچىدە دوختۇرخانىلارنىڭ بىمارلارنى ئېھتىياج...
قەشقەردە يۈز بەرگەن 15 نەپەر بىگۇناھ ئاممىنى چېپى...
شياڭگاڭدىن قەشقەرگە 4-ئايدا ئايروپىلان قاتنايدۇ
خەلق پۇلىدىكى ئۇيغۇرچە خەتنى كىم يازغان
شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى دېكتور رىياسەتچىلىك كەسپىگ...
تېكەس دىيارىدا نورۇز پائالىيىتىدىن ھۇزۇرلىنىڭ
شىنجاڭلىق قىز خەلقئارالىق ساياھەت گۈزىلى مۇسابى...
ئىككى ئاۋىئاتسىيە مەكتىپى شىنجاڭدىن 60 نەپەر ئوقۇ...
ئاۋاتتا بىر كۇب مۇسەللەس 32 مىڭ 200 يۈەنگە سېتىلدى
تور بېكەت ھەققىدە  |   مۇلازىمەتلەر  |  سەھىپىلىرىمىز  |  ئېلان بېرىڭ  |  ئالاقىلىشىڭ  |  ھەمكارلىشىڭ  |  بېكەت خەرىتىسى  |  پىكىر بېرىڭ  |  قوللىغۇچىلىرىمىز  | 百度影音
بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى : شىنجاڭ خۇشخۇي تور بېكىتىگە تەۋە ئوخشىتىپ ياسىغۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ..
تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ، ناخشا- مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ!
پــۈتـــۈن كـــۈچــىــمىز بــىـــلەن مۇقۇمــــلىقنى قوغـــــداپ ئېــنــاق شىنـــــــــجاڭ بــــەرپا قــــىــلايلى
huxhuy.cn ©2011 E-Mail:elyar28@vip.qq.com 粤ICP备11034588号 QQ:354249503
ئالاقە تېلىفون : 15902032603