گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى فۇشەن شەھىرى شۈندې رايونىدا تۇرۇشلۇق شياۋ مېڭنىڭ ئېغىرلىقى ھەر يىلى 20 كىلوگراملىق سۈرئەت بىلەن ئېشىۋاتقان بولۇپ ، بۇ يىل 120 جىڭ (60 كىلوگرام) غا يەتكەن . ‹‹ئۈچ ياش ، 120 جىڭ ››دىن ئىبارەت بۇ بىر-بىرىگە ماسلاشمىغان سانلار تۈپەيلى ، ئۇ نەگىلا بارسا كىشىلەرنىڭ دىققەت قىلىش نۇقتىسىغا ئايلىنىپ قالغان. شياۋمېڭ دادىسى لۇ ئەپەندىنىڭ بارلىقى ، لۇ ئەپەندى ئوغلىنىڭ بۇنچىۋالا سەمىرىپ كېتىشىنىڭ سىرىنى ئىزدەپ، نەچچە دوختۇرخانىغا بارغان بولسىمۇ گاڭگىراپ قالغان: بىر دوختۇرخانا شياۋمېڭنىڭ مېڭىسىدە ئۆسمە بار، دېسە، يەنە بىر دوختۇرخانا يوق، دەپ دىياگنوز قويغان.