ساقلىۋىلىڭ باش بەت قىلىڭ بۈگۈن خۇشخۇي توربىكتىگە كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا!
قىزىقارلىق فىلىم مەدەنىيەت-تارىخ ئـەدەبىـيات كومپيۇتېر ۋە IT چولپانلارسالۇنى خەلقئارا خەۋەر كىنو-فىلىم باش بەت
كۈلكە-ئىتوتلار قىزىق نۇقتا بوكىسلار پەن-تېخنىكا رەسىم دۇنياسى مەملىكەت خەۋەرلىرى MTV ئىكرانى خـەۋەرلـەر
تەنتەربىيە قانىلى ئەدەبى شەخىسلەر ھەمكارلىق ئىقتىساد ئۇچۇرلىرى تور ئويۇنى شىنجاڭ خەۋەرلىرى ناخشا - مۇزىكا مۇنبەر

AD-242-60

| قىزىق نۇقتا | خەلقئارا خەۋەرلىرى | مەملىكەت خەۋەرلىرى | شىنجاڭ خەۋەرلىرى | تەنتەربىيە | IT كومپىيۇتىر | ئىقتىسادى خەۋەرلەر | مائارىپ-ئىمتىھان خەۋەر باش بىتى  
ياسىنجان سادىق مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتىتىدا سۆھبەتتە بولدى - huxhuy online----Sports|world News|it News|china News|Local News Business
ئورنىڭىز:خەۋەر >> قىزىق نۇقتا >>
ياسىنجان سادىق مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتىتىدا سۆھبەتتە بولدى
 يوللىغۇچى:خۇشخۇي  كىلىش مەنبەسى:互联网  كۆرلىشى:36  

\




 خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. 24-نويابىر كەچتە، بېيجىڭدا ئېچىلغان جۇڭگو ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەملىكەتلىك 9-قۇرۇلتىيى، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مەملىكەتلىك 8-قۇرۇلتىيغا قاتنىشىۋاتقان يازغۇچى ياسىنجان سادىق چوغلان تەكلىپ بويىچە مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتىتىغا كېلىپ، ئۇيغۇر تىلى فاكۇلتېتىدىكى ئوقۇغۇچىلار بىلەن سۆھبەتلىشپ، ئۆزىنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت يولىدىكى قىزغىنلىقى ۋە كەلگۈسىدىكى پىلانى توغرىسىدا ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئورتاقلاشتى. ياسىنجان سادىق ناھايىتى سەمىمىيلىك بىلەن ئۆزىنىڭ ئالىي مائارىپ تەربىيەسى قوبۇل قىلالمىغانلىقىنى، گەرچە ئۆزىنىڭ ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ئارقىلىق دىپلومغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، ئەمما ئالىي مەكتەپ تۇرمۇشىنى ھەقىقىي ھىس قىلىپ باقمىغانلىقى ئۈچۈن ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى دەپ ئۆتتى. ئۇ شۇنداقلا خەنزۇ تىلى سەۋىيەسىنىڭ چەكلىكى تۈپەيلىدىن، خەنزۇچە يېزىقتىكى مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى كۆرەلمىگەنلىكىنى ئېيتىپ، ئوقۇغۇچىلارنى ئالىي مەكتەپ ھاياتىنى قەدىرلەپ، كۆپلەپ بىلىم ئىگىلەپ، كۆپ كىتاب ئوقۇشىنى تەۋسىيە قىلدى.   ياسىنجاڭ سادىق يېقىنقى بىر نەچچە يىللاردا يازغان «باھادىرنامە»، «جاللات خېنىم» قاتارلىق تارىخىي رومانلار ئوقۇرمەنلەر ئارىسىدا خېلى داغدۇغا قوزغىغان ئىدى. شۇڭا ئۇ سۆھبەت داۋامىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇ ئىككى روماندىكى پېرسۇناژلارنىڭ يارىتىلىتىشى توغرىسىدىكى بىر قانچە سوئالىغا بىر-بىرلەپ جاۋاپ بەردى. ياسىنجان سادىق تارىخىي تېمىدىكى ئەسەرلەرنى يازغاندا، ھەقىقەتنى ھۆرمەتلەش لازىملىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى:«تارىخىي ئەسەرلەرنى يازغاندا، تارىخ ئىچىگە شۇڭغۇپ كىرىش كېرەك، شۇنداقلا تارىخ ئىچىدىن قاڭقىپ چىقىشنىمۇ بىلىش كېرەك.» ئۇ ناھايىتى يۇمۇرلۇق قىلىپ :«مەن بەك ئۇنتۇغاق ئىدىم، ئەسەردىكى پىرسۇناژلارنىڭ ئالماشتۇرۇپ قويماي يېزىپ چىققىنىمنىڭ ئۆزى بىر غەلبە» دېدى. ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۇنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىجادىيىتى توغرىسىدا سورىغاندا، ئۇ كۈلۈم تۇرۇپ مۇنداق دېدى:« ھازىر تېخى نېمە يېزىشنى بېكىتمىدىم، مۇشۇ مەسىلىنى ئويلاۋاتىمەن، ھەر قېتىم بىر ئەسەرنى پۈتتۈرۈپ بولۇپ، ئەمدى يازمايمەن دەيمەن، لېكىن ، ئەسىرىم نەشىر قىلىنغاندىن كېيىن، يەنە قەلەمنى قولۇمغا ئالىمەن.»
ياسىنجان سادىق ھازىر قەشقەر ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىتىنىڭ ئەزاسى، ھازىرغىچە «داۋان»،«جاللات خېنىم»، «باھادىرنامە»،« شەرەنداز ئايال» قاتارلىق ئەسەرلىرى نەشىر قىلىنغان. 

 

يېڭى خەۋەرلەر
ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغان قوش باشلىق مەخلۇقلار
ئادەمنىڭ ئىشەنگ...
دادىسىنىڭ تىمساھ بېقىش كەسپىگە ۋارىسلىق قىلغان ئوغۇل
دادىسىنىڭ تىمسا...
ھەريەردىكى ئاددىي خىزمەتنىڭ ئاجايىپ ھاياتىي كۈچكە تولغان دەقىقىلىرى
ھەريەردىكى ئادد...
ساھىپجامال زۇڭلىدىن مەھبۇسلۇققىچە بولغان ئايال- تيموشىېنكو
ساھىپجامال زۇڭل...
ئوباما ياپونىيەنىڭ باش ۋەزىرى بىلەن كۆرۈشكەندە جۇڭگونى چەكلىمەيمىز، دېدى
ئوباما ياپونىيە...
قىزىقارلىق ئىش،سىزچە بىر دانە تانكىغا زادى قانچە ئادەم سىغار
قىزىقارلىق ئىش،...
120 جىڭ ئېغىرلىقتىكى ئۈچ ياشلىق بودەكنىڭ تۇرمۇشى
120 جىڭ ئېغىرلىقت...
چۇڭچىڭدا تۇنجى نۆۋەتلىك پەتەك قىز-يىگىتلەر ئۇچرىشىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى
چۇڭچىڭدا تۇنجى ن...
مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر
ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغان قوش باشلىق مەخلۇ...
جۇڭگودىكى دېھقان ئىشلەمچىلەر ئەڭ بەختلىك 20 شەھەر
120 جىڭ ئېغىرلىقتىكى ئۈچ ياشلىق بودەكنىڭ تۇرمۇشى
چۇڭچىڭدا تۇنجى نۆۋەتلىك پەتەك قىز-يىگىتلەر ئۇچرى...
ياسىنجان سادىق مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتىتى...
قۇشخانىدىكى گۆش كالىسى «سۇ كالىسى» غا ئايلىنىپ ك...
«پۇل سۈمۈرۈش ماشىنىسى» دەپ ئاتالغان مودېللار
خەلقئارالىق گىگانىت چولپان لى ليەنجېنىڭ بەختلىك ...
داڭلىق چولپان فەن بىڭ بىڭ مۇقاۋا سۈرىتىدە گۈزەلل...
داڭدار چولپانلارنىڭ بەخت جىلۋىلىنىپ تۇرغان ئائى...
قىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ قېنىق رەڭلىك ئىچ كىيىم كىيىشى...
شەنشىدا 120 مىڭ ساندۇق كولاكولادىن دېزىنفېكسىيە س...
دېرىزە سۈرتۈۋاتقان ئەر ئىككىنچى قەۋەتتىن چۈشۈپ ك...
سۇغا چۈشۈپ كەتكەن كىچىك بالا ئاقكۆڭۈل كىشىلەر تە...
جۇڭگودىكى ئەۋرەز يولى رەڭلىك دېڭىزغا ئوخشاپ قالد...
تور بېكەت ھەققىدە  |   مۇلازىمەتلەر  |  سەھىپىلىرىمىز  |  ئېلان بېرىڭ  |  ئالاقىلىشىڭ  |  ھەمكارلىشىڭ  |  بېكەت خەرىتىسى  |  پىكىر بېرىڭ  |  قوللىغۇچىلىرىمىز  | 百度影音
بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى : شىنجاڭ خۇشخۇي تور بېكىتىگە تەۋە ئوخشىتىپ ياسىغۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ..
تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ، ناخشا- مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ!
پــۈتـــۈن كـــۈچــىــمىز بــىـــلەن مۇقۇمــــلىقنى قوغـــــداپ ئېــنــاق شىنـــــــــجاڭ بــــەرپا قــــىــلايلى
huxhuy.cn ©2011 E-Mail:elyar28@vip.qq.com 粤ICP备11034588号 QQ:354249503
ئالاقە تېلىفون : 15902032603