قاينام - تاشقىنلىققا تولغان تاماشا ساھەسىدە ئىللىق ۋە بەختلىك ئائىلىسىنى ساقلاپ ، ئىناق تۇرمۇشىنى مەڭگۈ بىللە داۋاملاشتۇرالايدىغان چولپانلار ناھايىتى ئاز ھېسابلىنىدۇ . بولۇپمۇ يېقىندىن بۇيانقى چولپانلارنىڭ ئاجرىشىش نىسبىتى بارغانسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان ھالقىلىق ۋەزىيەتتە ، كىشىلەرنىڭ تاماشا ساھەسىدىكى مۇھەببەت ھېكايىرلىرىگە بولغان ئىشەنچىسى تېخىمۇ تۆۋەنلەپ كەتكەنىدى . ئاجرىشىش توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ كىشىلەر مۇھەببەتكە گۇمان نەزىرى بىلەن قارايدىغان بولۇپ قالدى . ئەمەلىيەتتە تاماشا ساھەسىدىكى داڭلىق چولپانلارنىڭ ئاجرىشىپ كېتىشى بىلەن بىزنىڭ مۇھەببەت قارىشىمىز ئوتتۇرىسىدا ھېچقانداق باغلىنىش مەۋجۇت ئەمەس ، ھەركىم ئۆز يولىدا ماڭىدۇ ئەمەسمۇ . تاماشا ساھەسىدە ئاجرىشىپ نىسبىتى يۇقىرىلاپ كېتىۋاتقان ئالاھىدە ئەھۋالدىمۇ ئىللىق ئائىلسىنى قوغداپ ، بەختلىك تۇرمۇشىنى داۋام ئېتىپ كېلىۋاتقان چولپانلىرىمىزمۇ يوق ئەمەس ، تۆۋەندە بىز بەختلىك چولپانلىرىمىزنىڭ ئىللىق تۇرمۇشىغا نەزەر سېلىپ باقايلى :
1. جاۋ ۋېي

بۇ جاۋ ۋېي يولدىشى ۋە قىزى بىلەن بىللە چۈشكەن ئائىلىۋىي سۈرىتى بولۇپ ، بۇ سۈرەتنى يولدىشى خۇاڭ يوۋلۇڭ توردا ئاشكارىلىغان بولۇپ ، ئۇلارنىڭ چىرايىدىكى تەبەسسۇمدىن ئۇلارنىڭ قانچىلىك بەختلىك ئىكەنلىكىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ .
2. لى يىڭئەي

شىياڭگاڭ تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا ، « ھەكىمە چاڭجىن » فىلىمىدە رول ئالغان داڭلىق چولپان لى يىڭئەي يېقىندا بىر جۈپ قىز -ئوغۇل پەرزەنتلىك بولغان بولۇپ ، قوشكېزەكلەر تولىمۇ ئوماق ئىدى . ئۇ 2005 - يىلى « يېقىملىق جىنزى » فىلىمىدىن كېيىن ، تا ھازىرغىچە يېڭى فىلىم ئىشلەشكە قاتناشمىغان . ئۇ مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا : « ياخشى فىلىملەر چىقسا مېنىڭمۇ رول ئالغۇم كېلىدۇ . ئەمما يېشىم بىر يەرگە بارغاندا بالىلىق بولغاچقا ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىدىن ئايرىلغۇم كەلمىدى . بالىلىرىم ماڭا نىسبەتەن باشقا ھەرقانداق نەرسىدىنمۇ بەك مۇھىم ، ھازىر ئۇلارنىڭ ھالدىن خەۋەر ئېلىشتىن باشقا ئىشنى ئويلىمايمەن » دېگەنىدى .
3. جىن شىشەن

«كورىيە 1-گۈزىلى» دەپ نام ئالغان جىن شىشەن 2007 - يىلى 10 - ئاينىڭ 19 - كۈنى داغدۇغىسىز توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ بەختلىك ئائىلىسىنى قۇرىۋالغانىدى . ئۇنىڭ يولدىشى پۇ يۇڭشېڭ ئەپەندى بۇ يىل 33 ياشقا كىرگەن بولۇپ ، كورىيەدىكى « لېشەن گۇرۇھى » نىڭ باش دېرىكتورىنىڭ ئىككىنچى ئوغلى ئىدى . ئۇمۇ جىن شىشەندىن قېلىشمايدىغان چولپانلارغا خاس سالاپەتكە ئىگە بولۇپ ، خەنياڭ ئۇنىۋېرستېتىنىڭ ئەلاچى ئوقۇغۇچىسى ئىدى . ئۇ ھازىر مەلۇم بىر ھۆسن تۈزەش ئورنىنى باشقۇرىۋاتقانىكەن . بۇ بەختلىك بىر جۈپلەر بىر قېتىملىق يىغىلىشتا تونۇشۇپ قېلىپ توي قىلغان . ئۇلار يېقىندا بىر قىز پەرزەنتلىك بولغان بولۇپ ، بۇدرۇققىنا يۈزلىرى .ياپما قاپاقلىرىدىن ئاپىسى جىن شىشەننىڭ كورىيە گۈزىلىگە خاس ساھىبجامال رۇخسارىنى تەسەۋۋۇر قىلىش ناھايىتى تەس بولۇپ ، نۇرغۇنلىغان تورداشلار جىن شىشەن ھۆسن تۈزەشتىن بارلىققا كەلگەن سۈنئىي ساھىبجامال ئوخشايدۇ دەپ قارىغان .
4. ۋېڭ خۇڭ

2003 - يىللىق ئاسىيا گۈزىلى بولۇپ تاللانغان ۋېن خۇڭ ئامېرىكىدىكى ئاتلانتىك ئوكيان قىمار شەھەرچىسىنىڭ مەسئۇلى ۋۇ ۋېيجيې تونۇشۇپ سەككىز ئاي بولغاندىن كېيىن ھەشەمەتلىك توي مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن . ئەمما ئۇلارنىڭ نىكاھى ئۇزۇنغا بارمىغان بولۇپ ، ئۈچ يىل ئۆتكەندىن كېيىن يولدىشى تالاغا قاراپ قالغانلىقتىن ئاجرىشىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان . ئاڭلاشلارغا قارىغاندا ، ئۇلار ئاجراشقاندا ، ۋۇ ۋېيجيې ۋېن خۇڭغا بىر تىيىنمۇ بۆلۈپ بەرمىگەن . ئۇلار ئاجراشقاندىن كېيىن ۋېن خۇڭ ھازىرقى يولدىشى ليۇ لۈنخاۋ بىلەن توي قىلغان . ليۇ لۈنخاۋ بىلەن ۋېن خۇڭ تەڭ قۇراملىق بولۇپ ، ھازىر ئۇ شاڭخەيدىكى مەلۇم بىر بەدەن گۈزەللەشتۈرۈش كۇلۇبىنىڭ باش دېرىكتورى ئىكەن . ۋېن خۇڭ ئىلگىرى ئۇسۇل مۇسابىقىسىگە قاتناشقان چاغدا ، ليۇ لۈنخاۋ ئۇنىڭغا بەدەن گۈزەللەشتۈرۈش مەسلىھەتچىسى بولغانىدى .
5. لۇ يى

لۇ يىنىڭ قىزىنىڭ تۇغۇلغانلىقىدىن ئالەمچە خوشال بولۇپ ، قىزىنىڭ رەسىملىرىنى مىكرو بىلوگىدا ئېلان قىلغانىدى . بۇنىڭ ئىچىدە بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ بىللە چۈشكەن ئىللىق سۈرەتلىرىمۇ بار بولۇپ . ئۇنىڭ قىزى سۈرەتكە چۈشۈشكە بەك ئۇستا ئىدى . قىزىنىڭ سۈرەتتىكى تەبەسسۇمى خۇددى تەجىرىبىلىك ئارتىسلارغا ئوخشاش ئالاھىدە ئىدى . لۇ يى تاماشا ساھەسىدىكى داڭلىق چولپان بولۇپ ، ئايالى بىلەن ئۇزۇن يىللىق مۇھەببەت سەپىرىنى تاماملاپ بەختلىك ئائىلىسىنى قۇرغانىدى . ئۇلار نۇرغۇن تورداشلارنىڭ ھەۋىسىنى قوزغايدىغان بىر جۈپلەر بولۇپ ، قىزى ئۇلارنىڭ بەخت دەرىجىسىگە يەنە بىر يۇلتۇز قوشقانىدى .
6. لى جىياشىن

لى جىياشىن بىلەن شۈ جىنخېڭ ئوغلى جەيدېن مەكىس ئۈچۈن يۈز كۈنلۈك مەرىكىسىنى ئۆتكۈزگەن ، جەيدېن كۆپۈككە ئامراق بولغاچقا، مۇراسىم مەيدانىنى كۆپۈكتىن ياسالغان چۆچەك دۇنياسىدەك بېزىگەن . بالىسىنىڭ يۈز كۈنلۈك مۇراسىمى ئۈچۈن ئۇلار جەمئىي ئۈچ مىليون سەرپ قىلغان .
7. تۇڭ داۋېي

تۇڭ داۋېينىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە چۈشكەن ئىللىق سۈرىتىدىن ئۇلارنىڭ قانچىلىك بەختلىك ئىكەنلىكىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ .
8. لۈ لىياڭۋېي

شىياڭگاڭنىڭ داڭلىق كىنو چولپىنى بولغان لۈ لىياڭۋېي يېقىندا مىكرو بىلوگىدا ئائىلىۋىي سۈرىتىنى ئاشكارىلىغان بولۇپ ، بۇ نۇرغۇن تورداشلارنىڭ دىققىتىنى تارتقان ھەمدە ئۇلارنىڭ بەختلىك ئائىلىىسگە ھەۋەس قىلغان .
9. لى شىياڭ

مەلۇم بىر تورداش توردا لى شىياڭنىڭ ئائىلىۋىي سۈرىتىنى ئاشكارىلىغان بولۇپ ، لى شىياڭنىڭ تاتلىق كۈلۈمسىرەشلىرىدىن ئۇنىڭ قانچىلىك بەختلىك ئۆتىۋاتقانلىقىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ .
10. خۇ جىڭ

پۇلدار ئائىلىگە ياتلىق بولۇپ بەختى ئېچىلغان خۇ جىڭ تاراتقۇلارغا ئۆزىنىڭ ئائىلىۋىي سۈرىتىنى ئاشكارىلىغان . بۇ سۈرەت پايلاقچى مۇخبىرلار تەرىپىدىن تارتىلغان بولماستىن ، بەلكى خۇجىڭ ئۆزى ئاشكارىلىغان سۈرەت ئىكەن . ئۇ ئوغلىغا كىچىك شاھزادە دەپ ئىسىم قويغان بولۇپ ، بۇ رەسىمدە كىچىك شاھزادە ئەمدىلا تۆت ئايلىق بولغانىدى .