مائارىپ مىنىستىرىلىقى ۋە ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ تەستىقى بىلەن شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى 2012- يىللىق دىكتۇر- رىياسەتچىلىك كەسپىگە نۆلىنچى تۈركۈمدە ئۇيغۇر تىلى يۆنىلىشى بويىچە 30 نەپەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ.

ئېگىلىشىمىزچە، بۇ كەسىپكە قوبۇل قىلىنىدىغانلاردىن ئالدىنئالا يۈز تۇرانە ئېمتىھان ئېلىنىدىكەن. ئېمتىھان ئىككى باسقۇچ بويىچە ئېلىنىدىكەن. ئېمتىھانغا تىزىملىتىش ۋاقتى 2012- يىلى 3-ئاينىڭ 28-30- كۈنىگىچە بولىدىكەن. يۈز تۇرانە ئېمتىھان 3- ئاينىڭ 31- كۈنى ۋە 4-ئاينىڭ 1- كۈنى ئېلىنىدىكەن.
ئېمتىھان شەرىتلىرى تۆۋەندىكىچە بولىدىكەن : تىزىملاتقۇچىلار چوقۇم بۇ يىللىق ئالىي مەكتەپ ئېمتىھانىغا قاتنىشىدىغان ئوقۇغۇچى بولىشى، قىياپىتى دىكتور – رىياسەتچىلىك كەسپىگە ئۇيغۇن بولىشى، تەلەپپۇزى ئۆلچەملىك، ئىنكاسى تىز، ئىپادىلەش ئىقتىدارى يۇقىرى بولىشى كىرەككەن .
بۇنىڭدىن باشقا تىزىملىتىدىغان ئوقۇغۇچى كىملىكىنىڭ ئەسلى نۇسخىسى ۋە كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى، ئۆزى تۇرۇشلۇق مەكتەپنىڭ تونۇشتۇرۇش خېتى ، يالاڭباش چۈشكەن 2سۇڭلۇق رەڭلىك سۈرەتتىن 4 پارچە ئېلىپ شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىغا كېلىپ تىزىملىتىدىكەن.
يۈز تۇرانە ئېمتىھانغا قاتنىشىپ لاياقەتلىك بولغانلار بۇيىلقى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش مەدەنىيەت ئېمتىھانىدىكى نەتىجىسىنىڭ يۇقىرى تۆۋانلىكىگە قاراپ رەتكە تۇرغۇزۇلۇپ ، ئۇقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىغا ئاساسەن ئەلالىرى قوبۇل قىلىنىدىكەن. بۇ كەسىپنىڭ ئوقۇش مۇددىتى 4يىل ، ئوقۇش پۇلى يىلىغا 6000 يۇئەن بولۇپ، تولۇق كۇرۇس ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولىدىكەن.
كونكىرىت ئەھۋالىنى بىلمەكچى بولغانلار 8585747- 0991نومۇرغا تېلېفۇن قىلىش ئارقىلىق سۈرۈشتۈرسە بولىدىكەن