

تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى،6-ئاينىڭ19-كۈنى سائەت 17دىن37 مىنۇت ئۆتكەندە،شىنجاڭ كۇچا ناھىيىسىنىڭ شىمالى قىسمىدىكى تاغلىق رايون ئۇدا ياغغان قارا يامغۇر تۈپەيلى لەنگە كەنتىدىكى مىس زاۋۇتىنىڭ سۇ ئامبىرى ئەتراپىدىكى يول ياساۋاتقان76 ئىشچى قاپسىلىپ قالغان بولۇپ ھازىرغىچە ئۆلۈم-يېتىم ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن.
كۇچا ناھىيىلىك كۇسەن ئوتتىن مۇداپىيە كۆرۈش ئوتتۇرا ئەترىتى مەلۇماتنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن،12 ئادەم 3 ماشىنا بىلەن نەق مەيدانغا يېتىپ بېرىپ قۇتقۇزۇش ئېلىپ بارغان.ئوتتىن مۇداپىيە كۆرۈش ئەترىتى نەق مەيدانغا مېڭىش جەريانىدا ۋەقە ئەھۋالىنى ناھىيلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىگە دوكىلات قىلغان.جامائەت خەۋىپسىزلىك ئورۇنلىرى قۇتقۇزغۇچى خادىملاردىن ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكىگە دىققەت قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا قاپسىلىپ قالغان ئاممىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قۇتقۇزۇش،ئۆلۈش يارلىنىش ئەھۋاللىرىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈش ھەمدە قۇتقۇزۇش ئەھۋالىنى ۋاقتىدا دوكىلات قىلىپ تۇرۇشنى تەلەپ قىلغان.
نۆۋەتتە،قۇتقۇزۇش ھەركىتى جىددىي تەرتىپلىك ھالدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولۇپ ۋاقتىنچە ئۆلگەن يارلانغان بايقالمىغان.