خۇشخۇي تورخاتىرىسى

مەزكۇر ئۇسلۇب html5 ۋە CSS3 تېخنىكىسى ئارقىلىق يېزىلغان. ئۇسلۇب ئۈنۈمىنى تېخىمۇ ياخشى كۆرەي دېسىڭىز ئىلغار توركۆرگۈچلەرنى ئىشلىتىڭ

قېنى بلوگىمغا مەرھەمەت

«كۆڭۈل كۆزى»نى ئوقۇش خاتىرىسى

clip_image002

كۆڭۈل كۆزى

(رومان)

ئاپتورى:ئىمىن ئوسمان(ئۆزبېكىستان)

يېزىلغان ۋاقتى: 1982-1984-يىللار تاشكەنت

شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1999-يىلى 5-ئاي نەشرى

ئوقۇغان ۋاقىت:2010-يىلى 4-ئاي.

ئىزاھات: بۇ ئەسەردە ژانىر ھەققىدە ئەسكەرتىش بولمىغاچقا،بەزىلەر«پوۋېسىت»دەپ قارايدىكەن، مەن ئەسەرنى ئوقۇپ چىققاندىن كېيىن،ئەسەر ئەكىس ئەتتۈرگەن مەزمۇن چوڭقۇرلىقى ۋە بايان كەڭلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ،«رومان» دەپ ئاتىدىم.

قىسقىچە مەزمۇنى:بۇ روماندا ۋەلى ئاكادىن ئىبارەت باش پىرسۇناژنى چۆرىدىگەن ئاساستا كەرىم جامالوۋىچ، بەرچىناي، ھەمىدوف قاتارلىقلارنىڭ ئىش-ھەركىتى ئارقىلىق كەرىم جامالوۋىچنىڭ بىردىن-بىر قوغدىلىدىغان ھايۋان- كېيىكنى ئېتىپ قويۇپ،تۈگىمەس باش ئاغرىقىغا گىرىپتار بولغانلىغىدەك ۋەقەلىككە يانداشتۇرۇپ تەبىئەتنىڭ ئېكىلو گىيىلىك تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاش تەشەببۇس قىلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا،ئادەمىيلىك پەزىلەتنىڭ يوقۇلىۋاتقانلىقى، مېھىر- مۇھەببەتنىڭ سۇسلىشىپ،نائىنساپلىق،زوراۋانلىققا ئوخشاش ناچار ئىللەتلەرنىڭ باش كۆتۈرۈپ قالغانلىقىدەك رىياللىق پاش قىلىنغان.

روماننىڭ تىلى ئاۋام تىلىغا يىقىن،يېقىشلىق،يۇمشاق بولۇپلا قالماي،ئاپتورنىڭ تەپەككۇر ۋە تەسەۋۋۇرى ئىنتايىن چوڭقۇر بولۇپ ئوقۇرمەننى چەكسىز بوشلۇق ئىچىدە ئۈزۈپ يۈرگەندەك تۇيغۇغا كەلتۈرۈپ ئوقۇغانسىرى ئۆزىگە مەھلىيا قىلىدۇ.

روماندا ئىشلىتىلگەن سۆزلەر يېڭى،ھېكمەت جەۋھەرلىرى چوڭقۇر،يۈرگۈزۈلگەن مۇلاھىزەلەر ئادەمنى بەك قايىل قىلىدۇ.

مېنىڭ روماننى بىرىنچى قېتىم ئوقۇپ چىققاندىن كېيىنكى يۇقارقىدەك يۈزەكى يەكۈنۈمدىن باشقا،ئەسەردىن سۈزىۋالغان ھېكمەت،ئەقلىيە،مۇلاھىزە،ماقال-تەمسىل ۋە گۈزەل تەسۋىرلەر تۆۋەندىكىچە:

(01)بىر ئادەم تېۋىپنىڭ يېنىغا كىرىپ،ئۆلۈمدىن ساقلىنىش دورىسى سوراپتۇ.تېۋىپ:«مېنىڭدە ئۇنداق دورا يوق، لېكىن مەن ئۆمۈرنى ئۇزارتىش يولىنى بىلىمەن،-دەپتۇ ۋە ھېلىقى كىشىگە بىر تۈپ چىنار بىلەن ناك كۆچىتىنى بېرىپ سۆزىنى داۋام قىپتۇ،-سەن مۇشۇ چىنارنى تىكىپ،ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئۇنىڭ بىلەن ئىمارەت سال،مۇنۇ ناك كۆچىتى دەرەخ بولۇپ مېۋە بەرگەندە مېنى ئۆيۈڭگە مېھمانغا چاقىر»دەپتۇ. ھېلىقى كىشى چىناردىن ياغاچ ئېلىش، ناكنى مېۋىگە كىرگۈزۈپ تېتىپ كۆرۈش ئۈمىدى بىلەن ياشاپ راستىنلا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈپتۇ.(4-بەت)

(02)پەقەت ھايات خاتىرىسىنىلا يوقاتقىلى بولمايدۇ.ئۇ ھەر قاچان ئادەم بىلەن بىللە بولىدۇ.(17-بەت)

(03)قۇلاق دېگەن ھەممىنى ئاڭلايدىكەن،ئەلدە گەپ ياتامدۇ؟(27-بەت)

(04)ئادەمنىڭ ئىمانى سۇسلىسا ھېچ نەرسىگە ئېتىقاد قىلمايدۇ.مۇنداق ئادەم ئۆزىنىڭمۇ تەبىئەتنىڭ بىر ئۇششاق زەررىسى ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇيدۇ.(29-بەت)

(05)ئادەم ئاغزىغا كەلگەن بىمەنا گەپنى يۇتماي ۋالاقلىسىلا بەس،پاشا قانىتىنى بىر سىلكىگۈچە بولغان ئارىلىقتا يېزىنىڭ نېرىقى چېتىگە يېتىپ بارىدۇ.(36-بەت)

(06)قىز بالىنىڭ قىسمىتى-سۈكۈت.(38-بەت)

(07)توغرا گەپ تۇغقانغىمۇ ياقمايدۇ.(44-بەت)

(08)ئادەم بەزىدە ئۆز ھالاۋىتىنى ئويلاپ،غەيرى قانۇنىي ئىشلارغىمۇ قول ئۇرىدۇ،بەزىدە كىمگىدۇر ياخشى كۆرۈنۈشنىڭ كويىدا ۋىجدانىنىڭ كۆزىنى نەپسانىيەت پەردىسى بىلەن ئېتىدۇ.(51-بەت)

(09)ئادەم ئۆزىنى قانچىلىك پەس كۆرۈپ ئارتۇقچە كەمتەرلىك قىلسا،خەق بېشىغا چىقىپ شۇنچىلىك ئازابلايدۇ. (53-بەت)

(10)ياشلىق دېگەن ياخشى-دە،-دەپ خىيالىدىن ئۆتكۈزدى ئۇ،-ياش ئادەم خالىغان گېپىنى تەپ-تارتماي ئېيتىۋېرىدۇ،نېمىدىن كۆڭلى قالسا،شۇ يەردە ناھەقلىق بار دەپ بىلىدۇ.ھېيىقىش،چۆچۈش دېگەنلەر ئۇنىڭغا يات.ئادەم دېگەن قىزىق بولىدىكەن،ياشلىقىدا شۇنچە دادىل ۋە توغرا بولىدىكەن،بالا-چاقىلىق بولۇپ تەشۋىشى كۆپەيگەنسېرى ئىككىلىنىشكە باشلايدىكەن،ئارزۇ-ئۈمىدلىرى ئېشىپ،كۆڭلىگە بىرەر نەرسىنى پۈككەندە ئۇنىڭدا جۈرئەتسىزلىك پەيدا بولۇپ ھەممىگە كۆنۈشكە باشلايدىكەن. ئۈمىد ۋە ئارزۇ ئىنساننىڭ ئەركىنلىكىنىمۇ،ئېتىقادىمۇ بوغىدىغان شۇنداق بىر سېھرىي كۈچكى،ئۇنىڭ تەسىرىدىن ناھايىتى ئاز ئادەملا قۇتۇلالايدۇ.تىرىك ئادەمنىڭ تەشۋىشى كۆپ بولىدۇ:قورسىقىنى بېقىش،بىرەر ئەمەلگە ئېرىشىش،چوڭلارنىڭ ئېتىبارىغا ئېرىشىش،بىرەر ئۇنۋان ياكى مۇكاپاتقا ئىنتىلىش…».(56-بەت)

(11)ئىنسان ئۆزىنىڭ بولمىغۇر ئويلىرى،ناپاك قىلمىشلىرى،باشقىلارغا تىلىگەن يامانلىقلىرى ئۈچۈن ھامان بىر كۈنى جازالىنىدۇ.(58-بەت)

(12)بەزىلەرنىڭ قەبىھلىشىپ كېتىشىگە،يۈزسىزلىك نىقابىنى كىيىشىگە ئەتراپىدىكى كىشىلەر سەۋەپ بولىدۇ. بۇلار بىرىنچى قېتىم بىرىنىڭ دەردىگە پەرۋاسىز قارىغاندا،قولىدىن كېلىدىغان ياخشىلىقىنى ئايىغاندا،ئومۇمەن ئادەمگەر چىلىككە خىيانەت قىلغاندا ھېچكىم ئۇلارنى ئەيىبلىمەيدۇ،ئۇلارنى بۇ يولدىن قايتۇرمايدۇ.نەتىجىدە بىر قېتىم غەيرىلىك ۋە مەنپەئەتپەرەسلىك لەززىتىنى تېتىپ ھۇزۇر قىلغان بۇ ئادەم بارا-بارا ئىنساب كوچىسىغا قايرىلىپ قارىمايدىغان بولىدۇ. (91-بەت)

(13)ئادەم ھەممە نەرسىدىن قورقسا،كېسەل بولۇپ قېلىشتىن چۆچۈسە،بىرىنى رەنجىتىپ قويۇشتىن تەشۋىشلەنسە، ئۆلۈمنى ئويلاپ ھالىدىن كەتسە،قانداق قىلىپ ئادەمدەك ياشىيالايدۇ؟(91-بەت)

(14)ئىنسان ئۆمرى ئاساسەن بىر خىلدا سىلىق ئۆتىدۇ،ئەمما بەزىدە شۇنداق كۈتۈلمىگەن ۋەقەلەر،يا پاجىئە،يا شادلىق يۈز بېرىدۇكى،ئادەم دەل شۇ چاغدا ئۆز يولىنى تاپىدۇ،بەزىدە ئەنە شۇنداق سىناقتىن ئۆتەلمەي بىمەنا ئادەمگە ئايلىنىدۇ.(92-بەت)

(15)دۇنيادا كۆز بىلەن كۆرۈپ،قول بىلەن تۇتۇپ بولمايدىغان،پەقەت كۆڭلىدىلا ھېس قىلىنىپ،ئەقىل بىلەن ئىدراك قىلىنىدىغان ئادالەت تارازىسى دېگەن بىر نېمىنىڭ بارلىقىغا ئىقرار قىلماي بولمايدۇ.(99-بەت)

(16)بىر ئادەمنىڭ ئۈچ ئوغلى بولغان ئىكەن.ئۇ بىر كۈنى ئوغۇللىرىنى يېنىغا چاقىرىپ مۇنداق دەپتۇ: «ئۈچۈڭلار ئۈچ تەرەپكە قاراپ يولغا چىقىڭلار،ئۈچ كۈن ئىچىدە بىرەر ياخشى ئىش قىلىپ قايتىپ كېلىڭلار.» ئوغۇللار يولغا ئاتلىنىپتۇ. ئۈچ كۈن ئۆتكەندىن كېيىن تۇنجى ئوغلى قايتىپ كېلىپ،بىر بىچارە ئادەمگە ياردەملەشكەنلىكىنى ئېيتىپتۇ. ئەتىسى ئوتتۇرانجى ئوغلى قايتىپ كېلىپ ئۆزىنىڭ قىلغان ياخشىلىقىنى ئېيتىپ بېرىپتۇ.ھەممىدىن كېيىن قايىتقان كەنجى ئوغلى بولسا بوينىنى قىسقىنىچە يەرگە سىجاپ ئولتۇرۇپتۇ.ئاتىسى نېمىلەر قىلغىنىنى سورىغاندا، ئۇ: «مەن ھېچقانداق ياخشى ئىش قىلمىدىم،ياردىمىمگە مۆھتاج بىرەر ئادەمنى ئۇچراتمىدىم»دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ. «يولدا ھېچكىمنى كۆرمىدىڭمۇ؟»دەپ سوراپتۇ ئاتىسى.«كۆردۈم،-دەپتۇ ئوغلى،-چوڭقۇر ھاڭنىڭ لېۋىدە دۈشمىنىمىز پالانىچى ياتقانىكەن، ئەگەر ئۇ ئۇيقۇسىدىن چۈشەكەپ ئۆرۈلسە،ھاڭغا چۈشۈپ كېتىشى مۇمكىن ئىدى.شۇڭا،مەن ئۇنى بىر چەتكە سۈرۈپ قويدۇم.»،«بارىكاللا ئوغلۇم،-دەپ ئۇنى ماختاپتۇ ئاتىسى،-دۈشمىنىڭگە ياخشىلىق قىلمىقىڭ قېيىن، ئەگەر ئادەملەرنىڭ ھەممىسى سېنىڭدەك كۆڭلىدىكى ئاداۋەت-دۈشمەنچىلىكنى يېڭەلىگەن بولسا،ئادەملەر ئەبەدىي تىنچ خاتىرجەم ياشىغان بولار ئىدى.(104-بەت)

(17)گەپنى قىلغىن ئۇققانغا،جاننى جانغا ياققانغا.(126-بەت)

(18)تۆت خىل قورقۇنچاق جانۋار بار.ئۇلار،بىرىنچىسى-تورغاي،ئاسماننىڭ غۇلاپ چۈشۈشىدىن قورقۇپ،ئايىغىنى كۆككە قىلىپ ياتىدۇ.كېرەك بولغاندا تىرەپ قالارمىش.ئىككىنچىسى-تۇرنا،ئىككى ئايىغىنى قويسا يەرگە پېتىپ كېتىشىدىن قورقۇپ دائىم بىر ئايىغى بىلەن تۇرىدۇ.ئۈچىنچىسى-سازاڭ،لاينى كۆپ يەۋەتسەم تۈگەپ كېتىدۇ،دەپ قورقۇپ دائىم ئاچ يۈرىدۇ.تۆتىنچىسى-قارىغۇ ياپىلاق،كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭ گۈزەللىكىگە مەپتۇن بولۇپ باشقا قۇشلاردەك قەپەسكە سولاپ قويۇشىدىن قورقۇپ كۈندۈزى ئۇۋىسىدىن چىقمايدۇ.(128،127-بەتلەر)

(19)دۇنيادىكى ھەرقانداق نەرسىنىڭ ئۆز ئورنى،يارىشىقى بولىدۇ،بىرىنىڭ ئورنىنى ئىككىنچىسى باسالمايدۇ. ھەتتا بىر خىل تۇخۇمدىن چىققان چۈجىلەرمۇ بىر-بىرىگە ئوخشىمايدۇ.ئۇنداقتا،نېمىشقا ئادەملەر بىر خىل، تەخسىكەشلىك ۋە كاززابلىق تۈسىگە كىرىشكە ئالدىرىشىدۇ؟(130-بەت)

(20)چارپاقا تۇخۇملىرى لەش بېسىپ چىرىشكە باشلىغان سېسىق ئوت-چۆپلەر ئارىسىدا،ئاپتاپ تەگمەيدىغان زەيكەش جايلاردا تىرىلىپ كۆپىيىدۇ.بىر قىسىم ھېچ نەرسىدىن تەپ تارىتمايدىغان نائەھلىلەرمۇ مىسالى شۇ پاقىنىڭ تۇخۇمى.(132-بەت)

(21)ھەر قورايغا ئوت تۇتاشسا ئۆزى يېنىپ،ئۆزى ئۆچىدۇ.(134-بەت)

(22)كەمبەغەلنىڭ بالىسى لۆڭگىگە پۇتلىشىپمۇ يىقىلىدۇ.(144-بەت)

(23)ئىشەنچ-ئىنساننى ياشاشقا دەۋەت قىلىپ تۇرغان ئۇلۇغۋار كۈچ،ئۇ ھايات مېھرى،ئەگەر ئىنسان ئەتراپىدىكىلەرگە،ياخشىلىققا،ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنى يوقاتسا،ھايات ئۇنىڭغا مىسلىسىز ئازابلىق بولۇپ تونۇلىدۇ. (163،162-بەتلەر)

(24)بۇ دۇنيانىڭ جەبىر-جاپالىرىغىمۇ،خىيانەت ۋە نامەردلىكلىرىگىمۇ كۆپرەك ئاق كۆڭۈل ئادەملەر گىرىپتار بولىدۇ. ھاياتنىڭ سىناقلىرىمۇ پەقەت شۇلار ئۈچۈنلا ئويلاپ تېپىلغان قالتىس ئويۇنغا ئوخشايدۇ.(167-بەت)

(25)شەرمەندىگە شەھەر كەڭ.(171-بەت)

(26)مەنمەنلىك ۋە نەپسانىيەتچىلىك ۋەسۋەسىسى ئىنساننى بالاغا تىقىدىغان قورقۇنۇچلۇق ئاپەت.

(27)بارنىڭكى يورغا-يورغا،يوقنىڭكى زورغا-زورغا.(183-بەت)

(28)گەپ بىلگۈچە ئىش بىلىش كېرەك.(192-بەت)

(29)تاغلار ئىقلىمنىڭ مۆتىدىللىقىنى ساقلايدۇ،قارىغاي،ئارچىلارنىڭ چوڭقۇر يىلتىزلىرى ئەينەكتەك بۇلاقلارغا يول ئاچىدۇ.193،192-بەتلەر)

(30)بەغەرەز ئادەم يۈزسىزلىكى بىلەن ھەممىنى ئۆز يولىغا كىرگۈزۈشكە ئۇرۇنىدۇ.ۋاقتى كەلگەندە ئۆز گۇناھىغا باشقىلارنى شېرىك قىلىشتىنمۇ يانمايدۇ.(200-بەت)

(31)قىز بالا بەئەينى بىر بۆدۈنە،ئۇ ئەتىمۇ،ئۆگۈنمۇ،بەرىبىر باسماققا چۈشىدۇ.(215-بەت)

(32)بۇ ئارىدا قانچە سۇلار ئېقىپ،قانچە بۇلاقلار قۇرۇدى.(230-بەت)

(33)كونا خاتىرىلەر يۈرەك تېگىگە چۆكۈپ،كىشىنى ئۇنچە ئازابلىمايدىغان بولۇپ قالدى.(232-بەت)

(34)ھەمىشە باشقىلارنىڭ خەير-ساخاۋىتىدىن ئۈمىدۋار بولۇپ ياشىغان ئادەمنىڭ قىسمىتى- تەمەخورلۇق، چىركىن تۇيغۇ،ئۇ ئادەمنىڭ ئادەمنىڭ مۇستەقىللىق ھېسسىنى ئۆلتۈرىدۇ. باشقىلارنىڭ كۆزىگە تىك قارىيالمايدىغان، ئۆز پىكرىنى دادىل ئېيتالمايدىغان،بولمىغۇر قىلمىشلاردىن ئۆكۈنۈپ،قىينالمايدىغان قىلىپ قويىدۇ.(236-بەت)

(35)بىر ئادەم ھەر كۈنى دەريا بويىغا كېلىپ كىر يۇيىدىكەن.شۇ ئەتراپتا بىر غاز ياشايدىكەن.ئۇ ھەرخىل قۇرت- قوڭغۇزلارنى يەپ كۈن كەچۈرىدىكەن.كۈنلەرنىڭ بىرىدە بىر لاچىن سېمىز بىر كەكلىكنى تۇتۇپ كېلىپ دەريا بويىدا يەپتۇ. بۇنى كۆرگەن غاز ئۆزىچە لاچىن كىچىككىنە چۇغى بىلەن شۇنداق چوڭ قۇشلارنى تۇتۇپ يىگەن يەردە مەن نېمىشقا مۇشۇنداق بەستىم بىلەن ئۇششاق-چۈششەك نەرسىلەرگە قانائەت قىلىپ يۈرىمەن،دەپ ئويلاپتۇ.شۇ پەيت دەريا بويىغا بىر كەپتەر كېلىپ قونۇپتۇ. غاز ئۇنى تۇتۇپ يېيىش ئۈچۈن كەينىدىن قوغلاپتۇ.كەپتەر ئەپچىللىك بىلەن ئۆزىنى بىر چەتكە ئاپتۇ.غاز بىچارە بولسا ئاشۇ سۆلەتلىك بەستى بىلەن لايغا پېتىپ قاپتۇ.شۇنىڭ بىلەن ھېلىقى كىر يۇيغۇچى ئادەم كېلىپ غازنى تۇتۇۋاپتۇ.(240،239-بەتلەر)

(36)ياماننىڭ كۈچى ياپىلاققا يېتىپتۇ.(241-بەت)

(37)بۇ دۇنيادا ھەممە كىشى بىر ئاماللاپ قورساق تويغۇزۇش،كىمنىڭدۇر كۆڭلىنى ئېلىش كويىدا.يىغلىمىغان بالىغا ئەمچەك يوق.(242-بەت)

(38)دۈشمىنىڭ چۈمۈلىچىلىك بولسىمۇ قورق.(253-بەت)

(39)ھۆججەت دېگەن بىر پارچە قەغەز.يىرتىپ ئوتقا تاشلىسىمۇ،ئۆزگەرتىپ قايتا يازسىمۇ بولىۋېرىدۇ. (255-بەت)

(40)بۇ دۇنيادا ھېچقانداق بىر نەرسە مەڭگۈلۈك ئەمەس،ئىنساننى ياشاشقا،ئادەملەرگە مېھرى-شەپقەت كۆرسىتىشكە كىشىلەرگە ياخشىلىق قىلىشقا ئۈندەيدىغان ئىمان-ئېتىقادىدىن باشقا ھەممە نەرسە ئۆتكۈنچى. دۇنيادا ياخشىلىقنىڭمۇ،يامانلىقنىڭمۇ چوڭ-كىچىكى بولمايدۇ.بۈگۈن سادىر بولغان ئەرزىمەس بىر جىنايەت ئەتە زور پاجىئەلەرگە يول ئېچىپ بېرىشى مۇمكىن.شۇڭا،ھاياتتا ھەرقانداق يامانلىقنىڭ،زوراۋانلىق ۋە قانخورلۇقنىڭ ئالدى ئلىنىشى كېرەك. ئەگەر بۈگۈن كۆڭۈل خۇشى ئۈچۈن بىرەرىنىڭ ھاقارەتلىنىشىگە،شۇنچىكى كۆڭۈل خۇشى ئۈچۈن بىرەر جانىۋارنىڭ ئېتىلىشىغا پەرۋاسىز قارالسا،ئۇ چاغدا كىشىلەر بارا-بارا قايسىدۇر بىر يۇرتتا مىڭلاپ زامانداشلىرىنىڭ ئاچلىقتىن ئۆلۈۋاتقىنىغا،ئوقتىن يىقىلىۋاتقىنىغا قىلچە ئېچىنمايدىغان بولۇشىدۇ.تەبىئەتنى ئاسراش دېگىنىمىز،يوقىلىپ كېتىۋاتقان، توغرىراقى ئادەملەر نەپسى بالاسىغا بېرىلىپ ئاچ كۆزلۈك بىلەن يەپ قويۇۋاتقان جانىۋارلارنى ئاسراش تەشۋىشىلا ئەمەس، بەلكى ئەڭ ئاۋۋال ئادەملەر قەلبىدە يەر يۈزىدىكى ئەڭ كىچىك زەررىگىچە مۇھەببەت ۋە مېھىر-شەپقەت ئويغىتىش دېگەنلىكتۇر.بۇ مېھىر ئۇلغىيىپ كىشىلەرنى،ئىنساننى ۋە ئىنسانىيەتنى سۆيۈشكە ئۆگىتىدۇ. (259 ،258- بەتلەر)

(41)ئادەمگە توغۇرلانغان مىلتىقنى شەيتان ئوقلاپ كېتىدۇ.(272-بەت)

كۆڭۈل كۆزى
قىلىچتەك ئۆتكۈر ۋە ئوقتەك يۈگەنسىز،
چىن قەلب ئىنساننىڭ كۆڭلىنىڭ كۆزى.
سەن ئاڭا ئالدىراپ بەرمىگىن باھا،
چۈشمىسۇن سەن مەنسۇپ ئاۋامنىڭ يۈزى.

2010-يىلى 4-ئاينىڭ 27-كۈنى(سەيشەنبە)،گۇما-كۆكئوتاغ.

« ئالدىنقى يازما »
« كېيىنكى يازما »

مەنمۇ بۇ يازمىنى باھالايمەن


تېز يوللاش كونۇپكىسى : Ctrl+Enter
ئۈستىگە قايتىش
Content Protected Using Blog Protector By: PcDrome.