خۇشخۇي تورخاتىرىسى

مەزكۇر ئۇسلۇب html5 ۋە CSS3 تېخنىكىسى ئارقىلىق يېزىلغان. ئۇسلۇب ئۈنۈمىنى تېخىمۇ ياخشى كۆرەي دېسىڭىز ئىلغار توركۆرگۈچلەرنى ئىشلىتىڭ

قېنى بلوگىمغا مەرھەمەت

ئېلزابىت باررېت سونىتلىرى

ilzabit sontliri

, ئەنگىلىيە شائىرى ئىلزابىت باررېت ( 1806 _ 1861 – يىللار )نىڭ بۇ سونىتلىرى ، يولدىشى شائىر روبېرت باررېتقا بېغىشلاپ يېزىلغان سۆيگۈ لېرىكىلىرى بولۇپ، جەمىي 44 پارچىدىن تەركىپ تاپقان.رىۋايەتلەردىكىدەك كەچۈرمىشلەرگە ئىگە بۇ ئايال شائىر كىچىكىدىنلا ناھايتى ئەقىللىق ، چېچەن بولۇپ،بىر ئۆمۈر شىئىر ئىجادىيىتى ۋە يۇنان تىراگىدىيەلىرىنى تەرجىمە قىلىش بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇ 15 يېشىدا ئاتتىن يىقىلىپ ، مەجىرۇھ بولۇپ قالسىمۇ ئېسىل شىئىرلىرى بىلەن كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرغان. 1845- يىلى 1- ئايدا ياش شائىر روبېرت باررېت چەكسىز قايىللىق بىلەن ئۇنىڭغا خەت يېزىپ : « قەدىرلىك ئىلزابىت خېنىم، شىئىرلىرىڭىزنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىمەن……. ئىشىنىڭ ، راستىنلا ياخشى كۆرىمەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە سىزنىمۇ چىن قەلبىمدىن سۆيىمەن » دەپ كۆڭۈل ئىزھار قىلغان. شۇنىڭ بىلەن قاراش ۋە تۇيغۇلىرى ئوخشاپ كېتىدىغان ئىككى شائىرنىڭ يۈرۈكى بىر بىرىگە چېتىلغان. مۇھەببەتنىڭ شېرىن مەلھىمى ئىنساننىڭ ھاياتلىق قۇدرىتىنى ناماييەن قىلىپ، ئۇزۇن يىل پاراللىچ ياتقان ئىلزابىت مۆجۈزىدەك ساقىيىپ ، سالامەتلىكى تېزلا ئەسلىگە كەلگەن. ئەنگىلىيە ئەدەبىيات مۇنبىرىدىكى بۇ بەختلىك بىر جۈپ شۇنىڭدىن كېيىن ئىتالىيەدە ئولتۇراقلىشىپ، بۇ گۈزەل مەملىكەتتە 15 يىل بەختلىك ھايات كەچۈرگەن. 1861- يىلى 6- ئاينىڭ 29- كۈنى ئىلزابىت باررېت چەكسىز بەخت ۋە خاتىرجەملىك بىلەن يولدىشىنىڭ قۇچىقىدا ئۇ ئالەمگە سەپەر قىلغان. ئۇلار مۇھەببەتلىشىۋاتقان چاغدىن باشلاپلا ئىلزابىت باررېت روبرتقا ئاتاپ بۇ سونتلارنى يېزىشقا باشلىغان. روبېرت ئۇنى دائىم << مېنىڭ كىچىك پورتۇگالىيەلىكىم>> دەپ ئەركىلەتكەچكە ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىلزابىت خۇسۇسى ھېس – تۇيغۇلىرىنى ئۆز نامى بىلەن ئېلان قىلىشنى خالىمىغاچقا ، ئەينى چاغدا بۇ شىئىرلار << پورتۇگالىيەلىكنىڭ سونتلىرى >> نامىدا جەمىيەتكە تارقىلىپ ، زور زىلزىلە قوزغىغان. مەزكۇر سونتلار 1980- يىللاردا ئاتاقلىق ئەدەبىي تەرجىمانىمىز رەخىم قاسىم ئاكىمىزنىڭ تەرجىمە قىلىشى بىلەن << تارىم>> ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان ئىدى. شائىرنىڭ ھاياتىغا دائىر ماتىرياللارنى قولۇمدىكى خەنزۇچە << جۇڭگو ۋە چەتئەللەرنىڭ مۇھەببەت شىئىرلىرىدىن بەھىرلىنىش>> ناملىق كىتاپتىن ئالدىم.

ئېلزابىت باررېت سونىتلىرى ( 1 )

تۇرىمىز سۆزۈڭنى ئۈچىمىز ئاڭلاپ،

بىرى سەن، بىرى مەن، بىرىدۇر خۇدا.

بۇنىڭغا كەڭ ئالەم ھەرقاچان گۇۋا،

ئۈچىنىڭ بىرىدىن ئالارسەن جاۋاپ.

لەنىتى زاۋالمۇ كەلدى ئالدىراپ،

سېنى ئۇ كۆزۈمگە كۆرسۈتۈپ غۇۋا.

ئۆلەرمەن قاپىقىمغا بېسىلار تىللا

بەرىبىر كەتمەسمەن سەندىن يىراقلاپ.

ئىگەمنىڭ ياق دىگەن ھۆكمى ئەڭ يامان،

بولمىسا بەندىنىڭ پىتنىسى چاغلىق.

نە بوران توسالماس، نە تاغۇ – داۋان،

ئىپپىتىم ھەرقاچان ساڭا ساقلاقلىق.

ئارىمىزغا دۆگىلەپمۇ چۈشەر كۆك ئاسمان،

تېخىمۇ قىلىشارمىز شۇندا ئامراقلىق.

**********

ئەزىزىم تېگىمىز ئەسلا بىر ئەمەس،

بىر ئەمەس ئورنىمىز، يولىمىز ھەمدە.

ئىككىمىز بېشىغا كېلىپ پەرىشتە

تەسسادىپ دوقىرىشىپ قالغان چېغى، بەس

مېھمانسەن خانىشقا، ساڭا يەتمەك تەس،

ناخشاڭغا ئىنتىزار بولۇپ ھەۋەستە،

ھەممە كۆز بېقىشار ساڭا ھۆرمەتتە،

مېنىڭلا كۆزۈم ياش، كۆڭلۈممۇ كۈلمەس.

بىر غېرىپ كۈيچىمەن، يۈرگەن سەرسانە

قارايسەن نىمىشقا نۇرلۇق رۇجەكتىن؟

ئارچىغا يۆلۈنۈپ تۇردۇم ۋەيرانە،

زۇلمەتلىك تۈندە ئاھ ئۇرۇپ يۈرەكتىن.

قىل شاھىم شەبنەملىك تۈندىن بىگانە،

بولمىسا باشقىچە يول يوق ئۆلمەكتىن.

1988 – يىل،ئاپىرىل

ئىلزابىت باررېت سونىتلىرى (2)

كەچ مەندىن، كەت نېرى دىگەنتىم، لېكىن

مەن قالدىم، سايەڭدىن كېتەلمەي نېرى.

مەيلىمنى يوقاتتىم شۇنىڭدىن بېرى،

يىگانە بۇ جىنىم ئۆتتى بەك غەمكىن.

ئۇزاتسام قولۇمنى ئاپتاپقا يېقىن،

ئەسلەتتى قولۇڭنى ئاپتاپنىڭ نۇرى.

ئوت ئالدى ئالقىنىم ھېس قىلغانسىرى،

ئەشۇ كۈن ئالدىڭدا تۇرغاندەك ئەركىن.

كاج پەلەك ئارىغا سالسىمۇ خەندەك،

ۋە لېكىن، قەلبىڭكى قەلبىمدە ئويغاق.

شاراپقا تەم بەرگەن ھەرقاچانكى تەك،

كۈنۈمنىڭ لەززىتى سەندۇرسەن بىراق.

نامىڭنى تەڭرىمۇ بىلىدۇ مەندەك،

سېنىڭمۇ يېشىڭ بار كۆز يېشىمدا، باق

***************

ئۆلۈمگە يانداشتەك تۇراتتىم پىنھان،

كەلگەندەك تۇيۇلدۇڭ يېنىمغا جىم- جىم.

تۇنجى رەت شەپەڭنى ئاڭلىغاچ بەلكىم،

يېپ – يېڭى تۈس ئالدى توساتتىن جاھان.

مەن بۇندا تۇرغاندا ئويلايتتىم ھامان،

بۇ دورەم تامامەن تۈگەشكەن چېغىم.

ۋە لېكىن، تىرىلدى مۇھەببەت رىشتىم،

سەن بەرگەچ يېڭى كۈي ئۆزرە قوشۇپ جان.

تاتلىقىم يېنىمدا سەن بولساڭ ئەگەر،

ئالەم ۋە جەننەتكە كىرەر يېڭى سىن.

تەڭرىم گەر شاراپ دەپ سۇنسىمۇ زەھەر،

تاتلىق دەپ ئىچەرمەن ئوقۇپ ئاپىرىن.

سەۋەپكى نامىڭنىڭ ئۆزىدۇر شېكەر،

ياڭرايدۇ دەممۇ- دەم پەرى ئاغزىدىن.

ئەيبۇ ياقۇپ تەييارلىغان

« ئالدىنقى يازما »
« كېيىنكى يازما »

مەنمۇ بۇ يازمىنى باھالايمەن


تېز يوللاش كونۇپكىسى : Ctrl+Enter
ئۈستىگە قايتىش
Content Protected Using Blog Protector By: PcDrome.