ئۆكسۈش

 

ئاپتورى: كەرىمە نادىر(تۈركىيە)

شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2005-يىلى 3-ئاي بىرىنچى نەشرى

2010-ي" />

خۇشخۇي تورخاتىرىسى

مەزكۇر ئۇسلۇب html5 ۋە CSS3 تېخنىكىسى ئارقىلىق يېزىلغان. ئۇسلۇب ئۈنۈمىنى تېخىمۇ ياخشى كۆرەي دېسىڭىز ئىلغار توركۆرگۈچلەرنى ئىشلىتىڭ

قېنى بلوگىمغا مەرھەمەت

ئۆكسۈش رومانىنى ئوقۇش خاتىرىسى

 

2011530184248115

ئۆكسۈش

 

ئاپتورى: كەرىمە نادىر(تۈركىيە)

شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2005-يىلى 3-ئاي بىرىنچى نەشرى

2010-يىلى 3-ئاي 4-باسمىسى

ئوقۇغان ۋاقىت:2010-يىلى 4-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن 5-ئاينىڭ 5-كۈنىگىچە

قىسقىچە مەزمۇنى: ئەسەردە نالەن ئىسىملىك قىز بىلەن ئۇنىڭ ئاتىسى بېقىۋالغان ئوغۇل كەنان ئوتتۇرسىدىكى ئېچىنىشلىق مۇھەببەت تىراگىدىيىسى تەسۋىرلەنگەن.

كەنان 7 ياش ۋاقتىدا نالەننىڭ دادىسى تەرىپىدىن بېقىۋىلىنىدۇ. بۇ چاغدا كەناندىن نالەن 6 ياش چوڭ بولۇپ، ئىككى ياش بىر ئۆيدە ياشاش داۋامىدا كەنان ئاچىسى نالەننى يوشۇرۇن سۆيۈپ قالىدۇ. بىراق ئۇ بۇ مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلاشقا ئامالسىز يۈرگەن پەيىتتە يەنى كەنان 12 ياشقا،نالەن 18 ياشقا كىرگەن يىلى نالەننىڭ ئاتا-ئانىسى ئۇنى ئىلھامى بەي ئىسىملىك دوختۇرغا ياتلىق قىلىۋىتىدۇ.ئەمما نالەننىڭ ئىرى كۆپۈنچە ھالدا يىراق يۇرتلاردا خىزمەت قىلغىنى ئۈچۈن نالەن يەنىلا ئۆز ئۆيىدە تۇرىدۇ.كەنان بولسا قەلبىدىكى مەستانىلەرچە ئاشىقلىقنى ھەرخىل ئاماللار بىلەن ئۇنىڭغا ئىپادىلەشكە تىرىشچانلىق كۆرسەتسىمۇ،نالەن ئۇنىڭ سۆيگۈسىنى ئاچا ئىنى ئوتتۇرسىدىكى مۇھەببەت دەپ قارايدۇ. بىراق كەناننىڭ نالەنگە بولغان سۆيگۈسى بارغانچە ئۇلغۇيۇپ بارىدۇ. پەقەت نالەن ئىرى ئىلھامى بەي دوختۇردىن بىر قىز يۈزى كۆرگەندىن كېيىن ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قىلىش داۋامىدا كەناننىڭ ئۆزىگە بولغان چىن سۆيگۈسىنى تونۇپ يەتكەن بولسىمۇ،ئۇنىڭغا ھېسداشلىق قىلىشتىن باشقا ھېچ نېمە قىلىپ بېرەلمەيدۇ.كەنان ئۇنى دائىم ئازابلاپ ئۆز سۆيگۈسىنى ئىزھار قىلىپ تۇرىۋالغاندا بولسا، ئۆزىنىڭ بىر ئەخلاقلىق ئايال ئىكەنلىكىدەك پەزىلىتىنى ئويلاپ كەناننىڭ سۆيگۈسىنى قاتتىق رەت قىلىدۇ.

بىراق،كېيىنكى كۈنلەردە ئىرى ئىلھامى بەينىڭ ئاساسلىق ۋاقتىنى خىزمەتكە بىغىشلاپ،ئۆزىگە دېگەندەك چوڭقۇر مېھىر-مۇھەببەت ئاتا قىلالمىغانلىغىدەك رىياللىق ئالدىدا،نالەنمۇ ئاستا-ئاستا كەناننى سۆيۈپ قالىدۇ،لېكىن ئۇ سۆيگۈسىنى قەلبىدە ساقلاپ قەتئىي ئاشكارىلىمايدۇ. نالەننىڭ كەنانغا بولغان ئىشقى مۇھەببىتىنى پەقەت ئۇ ئېغىر كېسەل ھالدا يېتىپ،يىراق بىر چىگرادا ئوفىستىرلىق قىلىدىغان كەنانغا يازغان خەتلىرىدە بايان قىلغان بولسىمۇ كەنان بۇ خەتلەرنى نالەن ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن ئوقۇشقا مۇيەسسەر بولىدۇ. ئۇ خەتنى كۆرگەندىن كېيىن تىل بىلەن تەسۋىرلەپ بەرگۈسىز ئازاب ئىچىدە پۇچىلىنىدۇ. ئامال قانچە؟ ئاخىرى ئۇ پۈتۈن دەرد-ئەلىمىنى قەلبىگە توپلاپ ۋەتەن قۇتقۇزۇش ئۇرۇشىغا كېتىدۇ ۋە ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىپ قايتىپ كېلىدۇ. بۇ چاغدا نالەننىڭ ئانىسى،ئىرىمۇ ئۆلۈپ كەتكەن،قىزى خەندان بىلەن دادىسى ھەم ئائىلە خىزمەتچىسى ۋەسىمە ھايات قالغان ھالدا ئۇلار بىلەن يۈز كۆرشىدۇ.

بۇ چاغدا نالەننىڭ قىزى خەندان 18 ياشقا كىرىپ پۈتۈن سىياقى ئانىسىغا قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشايدىغانلىقى ئۈچۈن كەنان ئۇنى كۆرۈپ قەلبىدىكى ئىس-تۈتەككە ئايلانغان ئوت قايتىدىن يالقۇنجاپ كۆيۈشكە باشلايدۇ. بىراق،بۇ چاغدا خەندانغىمۇ باشقىلار تەرىپىدىن توي چېيى ئىچۈرلۈپ بولغاچقا، يەنە قايتىدىن ئازاپ دەرياسىغا غەرق بولۇپ كېتىدۇ،خەندانمۇ كەناننى ياقتۇرۇپ قىلىپ نېمە قىلارىنى بىلەلمەي يۈرگەندە،نالەننىڭ قىزى خەندانغا قالدۇرغان بىر پارچە خېتى ئائىلە خىزمەتچىسى تەرىپىدىن قىزغا تاپشۇرۇپ بېرىلىدۇ،خەتتە نالەن ئۆزىنىڭ مۇھەببەت يولىغا خاتا قەدەم باسقانلىقىنى،قىزىنىڭ جەزمەن ئۆز قەلبىدىكى ئىختىيارلىق بويىچە لايىق تاللىشىنى،ھەرگىزمۇ ئۆزىدەك ئازاپقا مۇپتالا بولۇپ قالماسلىقنى تەكىتلىگەندىن كېيىن،ئۇنىڭغا كەناننىڭ تەققى-تۇرقىدىن بىشارەت بېرىپ قويغاچقا،كەنان بىلەن خەندان بىر-بىرىگە ئېغىز ئاچالمىغان پەيىتتە بۇ خەت ناھايىتى ياخشى رول ئوينايدۇ-دە،خەندان ئەسلىدىكى توي چېيىنى قايتۇرۋىتىپ كەنان بىلەن مەڭگۈ بىرگە ئۆتۈشكە پۈتۈشۈش بىلەن ئەسەر تۈگەللىنىدۇ.

ئەسەرنىڭ يېزىلىش ئۇسلۇبى جەھەتتە چىكىنمە بايان ئۇسۇلى قوللىنىلغان بولۇپ،ۋەقە ناھايىتى تەپسىلى بايان قىلىنغان.ئەسەر باش-ئاياق ئاساسەن بايانچى تىل بىلەن يېزىلغان.

ئەسەرگە قارىتا يەكۈن: مەن بۇ ئەسەرنىڭ يېزىلىش ئۇسلۇبى،ئىشلىتىلگەن تىل ۋە ئادەمنىڭ قەلبىنى لەرزىگە كەلتۈرگۈچى قىسمەن تەسۋىرلەردىن باشقا تەرىپىنى دېگەندەك ياقتۇرمىدىم.بولۇپمۇ كەناننىڭ ئۆز ئاشىقىنى بەختلىك قىلىش ۋەزىپىسىنى قىزىغا ھاۋالە قىلغانلىغىدەك سۈنئىيلىكنى، نېمىشقا؟ چۈنكى ئۆزى ياخشى كۆرۈپ مۇرادىغا يېتەلمىگەن بىر ئەر(كەنان)نىڭ مۇھەببىتىگە قىزىنى شىرىك قىلغانلىقى ئىدىيەمدىن ئۆتمىدى. ناۋادا،ھەقىقەتەن شۇنداق قىلىش زۆرۈر دەپ قارالسا، ئۇ ئايال (نالەن) ئۆز قىزىغا كەنان ھەققىدە بىشارەت بەرمەي،باشقىچە يول بىلەن ئۇ ئىككىسىنىڭ تەقدىرىنى باغلىسا بولاتتى دەپ قارىدىم. چۈنكى،مېنىڭ تەسەۋۋۇرۇمچە (1)ھېچقانداق بىر سۆيگۈچى ئۆز سۆيگۈسىنى باشقىلارغا ئۆتۈنۈشنى زىنھار خالىمايدۇ دەپ قارايمەن.گەرچە ئۇ ھەرقانچە يىقىن ئادىمى بولسىمۇ.(2)ئەخلاق نوقتىسىدىن كۆرگەندىمۇ بىر ئانىنىڭ ئۆزى سۆيۈپ،ۋىسالىغا يېتەلمىگەن ئاشىقىنى كىچىككىنە قىزىغا ھاۋالە قىلىپ،سەن چوڭ بولغاندا ئۇنى(كەناننى)بەختلىك قىل دەپ ۋەسىيەت قالدۇرۇشى كۆڭلۈمدە بەك ئەدەبسىزلىكتەك تۇيۇلدى.

ئەسەردىن ئۈزۈندىلەر:

(1) كۆڭۈل كۆڭۈلگە باقىدۇ.(6-بەت)

(2) دۇنيادا ئۇزۇن داۋام قىلمايدىغان ئىشلار لەززەتلىك بولىدۇ.(92-بەت)

(3) كۈنلەر ئۆكۈز ھارۋىسىدەك ئاستا ئۆتمەكتە ئىدى.(161-بەت)

(4) ئادەم ئاخىرقى ئۆمرىدە بارلىق ياخشى كۆرگەن ئادەملەرنىڭ يېنىدا بولۇشنى خالايدىكەن.(162-بەت)

« ئالدىنقى يازما »

مەنمۇ بۇ يازمىنى باھالايمەن


تېز يوللاش كونۇپكىسى : Ctrl+Enter
ئۈستىگە قايتىش
Content Protected Using Blog Protector By: PcDrome.