شىنجاڭدا 100 يىلدىن بۇيان يۈز بەرگەن زور تارىخىي ۋەقەلەر
شىنجاڭدا 100 يىلدىن بۇيان يۈز بەرگەن زور تارىخىي ۋەقەلەر
( << شىنجاڭ گېزىتى >> 2001 – يىلى 1 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىكى سانىدىن ئېلىنغان )
1 . كروران قەدىمىي قەلئەسىنىڭ تېپىلىشى ( 1901 – يىل )
كروران _ قەدىمىي يىپەك يولىدىكى مۇھىم شەھەر ، شۇنداقلا قەدىمكى جۇڭگو ، ھىندىستان ، يۇنان ، پارس مەدەنىيىتى مۇجەسسەملەشكەن جاي . 1901 – يىلى شۋېتسىيىلىك ئېكسپېدىتسىيىچى سىۋېن . ھىدىن كروران قەدىمىي شەھىرى خارابىسىگە كىرىپ ، نۇرغۇن تاش قوراللار ، ياغاچ ئەسۋابلار ، فار – فور قاچىلار ، مىس قوراللار ، يىپەك توقۇلما بۇيۇملار ، خەنزۇ يىلنامىسى ۋە قەغەزگە يېزىلغان خەنزۇچە پۈتۈكلەرنى قېزىپ چىققان . شۇنىڭ بىلەن 1600 يىل كۆمۈلۈپ قالغان كروران قەدىمكى قەلئەسى يېڭىباشتىن يورۇقلۇققا چىققان ، بۇ بايقاش دۇنيانى زىلزىلىگە سالدى .
2 . شىنجاڭنىڭ << يېڭى ھاكىمىيىتى >> ( 1901 – يىل )
1901 – يىلى ئىلى جياڭجۈنى چاڭ گېڭ ، شىنجاڭنىڭ باش مۇپەتتىشى ليەن كۈي << يېڭى ھاكىمىيەت >>نى يولغا قويدى . ئۇلار يېڭى ئارمىيە قۇرۇپ مەشق قىلدۇرغاندىن تاشقىرى ، يېڭىچە مەكتەپ قۇردى ، چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇشقا ئوقۇغۇچى ئەۋەتتى ، يەنە غەربنىڭ ئىلغار تېخنىكىسىنى كىرگۈزۈپ ، بەزى زاۋۇتلارنى قۇردى . بۇ ئوبيېكتىپ جەھەتتە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنى زامانىۋىي سانائەت مەدەنىيىتى ۋە تەبىئىي پەن بىلىملىرى بىلەن ئۇچراشتۇرۇپ ، ئۇلارنى يەنە يېڭى ئىدىيە ، يېڭى مەدەنىيەت جەھەتتە ئويغاتتى ، بۇ ، شىنجاڭنىڭ سىياسىي ، ئىقتىساد ، مەدەنىيەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئىجابىي تەسىر كۆرسەتتى .
3 . ئىلىدىكى شىنخەي ئىنقىلابى ( 1912 – يىل )
ليۇ شيەنجۈن باشچىلىقىدىكى بۇرژۇئازىيە ئىنقىلابىي پارتىيىسىدىكىلەرنىڭ 1911 – يىل 12 – ئاينىڭ 18 – كۈنى دىخۇا ( ئۈرۈمچى )دىكى قوراللىق قوزغىلىڭى بەختكە قارشى مەغلۇب بولدى . 1912 – يىل 1 – ئاينىڭ 7 – كۈنى ياڭ زەنشۈي ، فېڭ تېمىن باشچىلىقىدىكى بۇرژۇئازىيە ئىنقىلابىي پارتىيىسىدىكىلەر ئىلىنىڭ خۈييۈەن دېگەن يېرىدە قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ ، بىراقلا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپ ، بەش مىللەت جۇمھۇرلىقىنى يولغا قويىدىغانلىقىنى جاكارلاپ ، شىنجاڭ ئىلى ئۇلۇغ تۇتۇق مەھكىمىسىنى قۇردى . شۇنىڭدىن كېيىن ، شەرققە يۈرۈش قىلىش ئۇرۇشى قوزغاپ ، شىخوغىچە باردى ، زەربە نىشانىنى بىۋاسىتە دىخۇاغا قاراتتى .
ئىلىدىكى قوراللىق قوزغىلاڭ _ شىنخەي ئىنقىلابىنىڭ تەركىبىي قىسمى بولۇپ ، ئۇنىڭ تۆھپىسى شۇكى ، ئۇ مەنچىڭ خاندانلىقىنىڭ شىنجاڭدىكى ئەكسىيەتچى ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ ، جۇمھۇرىيەت قۇردى ، مەنچىڭ پادىشاھى شۈەنتۇڭنىڭ غەربكە كۆچۈش كويىدا بولۇش سۈيىقەستىنى بىتچىت قىلدى .
4 . ئالتاينىڭ شىنجاڭ تەۋەلىكىگە ئۆتكۈزۈۋېلىنىشى ( 1919 – يىل )
ئالتاي رايونى ئەسلىدە مەنچىڭ خاندانلىقىنىڭ قوبدۇ ۋەزىرىنىڭ باشقۇرۇشىدا ئىدى . 1913 – يىلى 9 – ئايدا ، چارروسىيە چىقارغان ئەسكەرلەر ئالتاينىڭ ئىش بېجىرگۈچى ئەمەلدارى تۇرۇشلۇق مىرزا مەسچىتى ( ھازىرقى ئالتاي شەھىرى )گە تاجاۋۇز قىلىپ كىردى ۋە ئالتايدا ئاھالىلەرنى قانۇنسىز كۆچۈردى . شىمالىي مىلىتارىستلار ھۆكۈمىتى ئالتايدا ئىش بېجىرگۈچى ئەمەلدارىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ ، ئالتاي ۋىلايىتى قۇرۇپ ، ئۇنى شىنجاڭنىڭ بىر تۇتاش باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى قارار قىلدى . ئالتاينىڭ شىنجاڭغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشى شىنجاڭنىڭ بۈگۈنكى خەرىتىسىگە ئاساس سېلىپلا قالماستىن ، يەنە ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى كۈچلۈك قوغدىدى .
5 . ياڭ زېڭشىننىڭ ئاق رۇسلارنى بويسۇندۇرۇشى ( 1921 – يىل )
روسىيە ئۆكتەبر ئىنقىلابى غەلىبە قىلغاندىن كېيىن ، 30 ، 40 مىڭ كىشىلىك چارروسىيە قوغدىنىش ئارمىيىسى ۋە مۇساپىرلار شىنجاڭغا قېچىپ كىردى . شىنجاڭنىڭ تۇتۇق بېگى ياڭ زېڭشىن خەلقئارالىق قانۇن بويىچە ئۇلارنى قورالسىزلاندۇرۇپ ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى مۇھىم كىشىلەرنى تاللاپ ئورۇنلاشتۇردى ، ئۇلارنىڭ تاماق ، ئۆي مەسىلىلىرىنى ھەل قىلدى . لېكىن ئاق رۇسلارنىڭ مەغلۇب بولغان قىسىملىرى ئۈزلۈكسىز ۋەقە تۇغدۇردى ، ھەتتا قوراللىق توپىلاڭ كۆتۈردى ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق غايەت زور زىيانغا ئۇچرىدى . 1921 – يىلى 5 – ئايدا ياڭ زېڭشىن سوۋېت قىزىل ئارمىيىسى بىلەن بىرلىشىپ ، ئۇلارنى قورشاپ تازىلىدى ، 10 – ئايدا ئاق رۇس باندىتلىرىنى ئۈزۈل – كېسىل يوقىتىپ ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە مەنپەئەتىنى قوغداپ قالدى ، شىنجاڭنى بىر قېتىملىق بالايىئاپەتتىن قۇتۇلدۇردى .
6 . شىنجاڭنىڭ ھاۋا قاتناش لىنىيىسىنىڭ ئېچىلىشى ( 1932 – يىل )
1932 – يىلى 12 – ئايدا نەنجىڭ ھۆكۈمىتى بىلەن ياۋروپا – ئاسىيا ئاۋىئاتسىيە شىركىتى دۆلەت ئىچى ھاۋا قاتنىشىدا پوچتا يوللانمىلىرىنى توشۇش توختامى ئىمزالاپ ، بېيپىڭ ، شاڭخەي ۋە دىخۇا لىنىيىسىنى سىناق تەرىقىسىدە ئاچتى . 12 – ئاينىڭ 19 – كۈنى لى جىڭسۇڭ ياۋروپا – ئاسىيا ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ 1 – نومۇرلۇق ئايروپىلانىنى ھەيدەپ ، بېيپىڭدىن ئۇچۇپ ، گۈيسۈي ( خوخخوت ) ، قۇمۇل ، دىخۇا ئارقىلىق چۆچەككە كەلدى . شۇنىڭدىن ئېتىبارەن شىنجاڭ بىلەن ئىچكى رايونلارنىڭ ھاۋا قاتنىشىدا تارىخىي سەھىپە ئېچىلدى . شۇ يىلى ياۋروپا – ئاسىيا ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ شاڭخەي – شىنجاڭ لىنىيىسىدە قاتناش باشلاندى ، ئايروپىلان ئىككى جايدىكى ئايرودرومدىن بىرلا ۋاقىتتا ئۇچىدىغان بولدى .
7 . << 12 – ئاپرېل >> سىياسىي ئۆزگىرىشى ( 1933 – يىل )
1933 – يىلىدىكى << 12 – ئاپرېل >> سىياسىي ئۆزگىرىشىدە شېڭ شىسەي پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ، شىنجاڭنىڭ چېگرا مۇداپىئە باش ۋالىيسى بولۇۋالدى . سوۋېت ئىتتىپاقى ئۇنىڭ باشقا كۈچلەرنى يوقىتىشىغا ، شىنجاڭنى بىر يولىلا بىرلىككە كەلتۈرۈشىگە ياردەم بەردى ، يەنە سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيىسىنىڭ ئەزالىرىنى ئەۋەتىپ ، << جاھانگىرلىككە قارشى تۇرۇش ، تىنچلىق ، قۇرۇلۇش ، سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن يېقىن ئۆتۈش ، پۇقرالارنى ئەمىن قىلىش >> مەزمۇنىدىكى ئالتە بۈيۈك سىياسەتنى تۈزۈشىگە ياردەملەشتى ، شۇنىڭ بىلەن بىللە ، ماددىي كۈچ ، مالىيە كۈچى قاتارلىق جەھەتلەردە زور كۈچ بىلەن ياردەم بېرىپ ، ئەينى ۋاقىتتىكى شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىنى ئەسلىگە كەلتۈردى ، راۋاجلاندۇردى ، خەلقنى تىنچ تۇرمۇشقا ئېرىشتۈردى .
8 . << ش ت ئىسلام جۇمھۇرىيىتى >>نىڭ بەربات بولۇشى ( 1933 – يىل )
ئەنگلىيە جاھانگىرلىكىنىڭ كۆڭۈل قويۇپ پىلانلىشى ۋە رېژىسسورلۇق قىلىشى ئارقىسىدا ، ئىمىن ، سابىت داموللا باشچىلىقىدىكى بىر ئوچۇم مىللىي بۆلگۈنچىلەر 1933 – يىل 11 – ئاينىڭ 12 – كۈنى قەشقەردە << ش ت>> بايرىقىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ ، مۇستەقىل << ش ت ئىسلام جۇمھۇرىيىتى >> قۇرغانلىقىنى جاكارلىدى . 1934 – يىلى 2 – ئاينىڭ 6 – كۈنى ، ما جۇڭيىڭغا قاراشلىق ما شىمىڭ ، ما شاۋۋۇ ۋە ما جەنساڭ قىسىملىرى بىرلىشىپ ، قەشقەرنى ئىشغال قىلدى ، شۇنىڭ بىلەن << ش ت ستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى >> چەك – چېكىدىن پارچىلىنىپ كەتتى .
9 . شىنجاڭدا ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى مىللىي بىرلىك سەپنىڭ شەكىللىنىشى ( 1937 – يىل )
1937 – يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى بىلەن شېڭ شىسەي ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى مىللىي بىرلىك سەپ قۇردى . جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى زور تۈركۈمدىكى كوممۇنىستلارنى شىنجاڭدا خىزمەت ئىشلەشكە ئەۋەتىپ ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى ، تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشتى .
10 . ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى ( 1944 – يىل )
1944 – يىلى 8 – ئايدا پاتىخ قاتارلىقلار نىلقا ناھىيىسىدە گومىنداڭنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈردى ، قوزغىلاڭچىلار 11 – ئاينىڭ 12 – كۈنى ۋاقىتلىق ئىنقىلابىي ھۆكۈمەت قۇردى . ئىككىنچى يىلى تارباغاتاينىڭ شىمالىدىكى تۆت ناھىيىسى ، ئالتاي ۋىلايىتى ۋە شىمالىي شىنجاڭدىكى مۇھىم بازار شىخونى ئىشغال قىلىپ ، ئىلى ، تارباغاتاي ۋە ئالتاي ۋىلايەتلىرىنى تۇتاشتۇردى فرونتىنى ماناس دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا مۇقىملاشتۇرۇپ ، تاكى تىنچلىق سۆھبىتى مۇۋەپپەقىيەت قازانغانغا قەدەر ، گومىنداڭ ئارمىيىسى بىلەن روبىرو تىركىشىپ تۇردى .
11 . شىنجاڭ تىنچ ئازاد بولدى ( 1949 – يىل )
1949 – يىلى مەملىكەت مىقياسىدا ئازادلىق ئۇرۇش غەلىبىس قولغا كېلىش ھارپىسىدا ، تاۋ سىيۆ بىلەن بۇرھان شەھىدى شىنجاڭنىڭ ئارمىيە ۋە ھۆكۈمەت ساھەسىدىكىلەرگە ۋەكالىتەن ، 9 – ئاينىڭ 25 – ۋە 26 – كۈنلىرى ھەقىقەتكە قايتىش تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ ، خەلق تەرەپكە ئۆتكەنلىكىنى جاكارلىدى .
خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ 2 – ۋە 6 – جۈنىدىكى 100 مىڭ كوماندىر ، جەڭچى 10 – ئاينىڭ 10 – كۈنى يۈيمېن قوۋۇقىدىن ئۆتۈپ ، شىنجاڭغا يۈرۈش قىلدى . كوماندىر – جەڭچىلەر يول ئۈستىدە تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ، 1949 – يىلىنىڭ ئاخىرلىرى شىنجاڭنىڭ جاي – جايلىرىغا غەلىبىلىك يېتىپ بېرىپ ، قىزىلبايراقنى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا جەۋلان قىلدۇردى .
12 . شىنجاڭدا پارتىيىنىڭ ھەر دەرىجىلىك تەشكىلاتلىرى قۇرۇلدى ( 1949 – يىل )
1949 – يىل 11 – ئاينىڭ 8 – كۈنى ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ۋاڭ جېن باشچىلىقىدىكى شىنجاڭ شۆبە بيۇروسى قۇرۇلدى . ئارقىدىن شەھەرلەرنى يېزىلارغىچە ، يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە تەدرىجىي يوسۇندا پارتىيىگە ئەزا قوبۇل قىلىندى ۋە پارتىيە تەشكىلاتلىرى قۇرۇلدى . ئالدى بىلەن شۆبە بيۇرودىن باشلاپ ھەر مىللەتتىن بولغان بىر تۈركۈم ئىلغارلار پارتىيىگە قوبۇل قىلىندى ، ئۇلار ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن يۆتكەپ كېلىنگەن پارتىيە ئەزالىرى بىلەن قوشۇلدى ، ناھىيە – رايونلۇق پارتكوم ، ياچېيكا قاتارلىق تەشكىلاتلار قۇرۇلدى . ئۈچ يىل تىرىشىش ئارقىلىق ، 1952 – يىلى 7 – ئايدا شىنجاڭدا يەرلىك پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇش ۋەزىپىسى ئاساسەن ئورۇندالدى .
13 . شىنجاڭدا يەر ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىلدى ( 1953 – يىل )
1951 – يىلى 5 – ئايدا يېزىلاردا ئىجارە كېمەيتىپ ، زومىگەرلەرگە قارشى تۇرۇش خىزمىتى باشلاندى ، شىنجاڭ بويىچە 742 مىڭ دېھقان دېھقانلار ئۇيۇشمىسىغا قاتناشتى ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر بىر ئائىلىلىك دېھقانغا 300 ، 400 جىڭدىن بۇغداي تەقسىم قىلىپ بېرىلدى . 1952 – يىلى ئەتىيازدا يەر ئىسلاھاتى باشلاندى . ھەرىكەت داۋامىدا پومېشچىك ، باي دېھقان قاتارلىقلارنىڭ جەمئىي 7 مىليون 370 مىڭ مو يېرى مۇسادىرە قىلىنىپ ۋە تارتىۋېلىنىپ ، يېرى ئاز ھەر مىللەت دېھقانلارغا تەقسىم قىلىپ بېرىلدى .
14 . شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى قۇرۇلدى ( 1954 – يىل )
شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى 1954 – يىلى 10 – ئاينىڭ 7 – كۈنى قۇرۇلدى ، ئازادلىق ئارمىيىنىڭ شى ، تۈەن ، يىڭ ، ليەن قاتارلىق تەشكىلىي شەكلى ساقلاپ قېلىندى ، ئۇ شىنجاڭنىڭ 63 ناھىيىسىدىكى 172 دېھقانچىلىق – چارۋىچىلىق تۈەن – مەيدانى ، 761 مۇستەقىل ھېسابات قىلىدىغان سانائەت ، قاتناش ، قۇرۇلۇش ، سودا كارخانىسى ھەم مائارىپ ، داۋالاش ، پەن – تەتقىقات ، مەدەنىيەت – سەنئەت ، پۇل مۇئامىلىسى ۋە سۇغۇرتا قاتارلىق ئاپپاراتلارغا ، شۇنداقلا ج خ ، تەپتىش ، سوت ئورگىنى ھەم قوراللىق كۈچىگە ئىگە بولۇپ ، بوز يەر ئېچىپ چېگرىنى قوغداشتەك تارىخىي بۇرچنى ئادا قىلىدىغان ئالاھىدە سىياسىي ، ئىقتىسادىي ، ھەربىي ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلات بولۇپ قالدى . ئۇ ، شىنجاڭنىڭ ئىقىسادىي تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقىغا غايەت زور تۆھپە قوشتى .
15 . شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلدى ( 1955 – يىل )
1952 – يىلىدىن باشلاپ ، ھەر قايسى ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە تەدرىجىي يولغا قويۇلدى . 1954 – يىلىغا كەلگەندە خۈيزۇ ، شىبە ، قازاق ، موڭغۇل ، تاجىكلار ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ 16 مىللىي يېزا ، ئالتە ئاپتونوم ناھىيە ، بەش ئاپتونوم ئوبلاست قۇرۇلدى . مۇشۇ ئاساستا ، 1955 – يىلى 10 – ئاينىڭ 1 – كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلدى .
16 . قاراماي نېفىتلىكى ئېچىلدى ( 1958 – يىل )
قاراماي نېفىتلىكى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن ئېچىلغان بىرىنچى چوڭ نېفىتلىك بولۇپ ، 1958 – يىلى رەسمىي ئېچىلدى ، 1960 – يىلىغا كەلگەندە ، ئېلىنغان نېفىت مىقدارى بىر مىليون 640 توننىغا يېتىپ ، مەملىكىتىمىزنىڭ شۇ يىلقى تەبىئىي نېفىت مىقدارىنىڭ 39 پىرسەنتىنى ئىگىلىدى ، ئۇ ، يېڭى جۇڭگونىڭ نېفىت سانائىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تۇنجى ئابىدە تىكلىدى .
17 . لەنجۇ – شىنجاڭ تۆمۈر يولى پۈتۈپ قاتناش باشلاندى ( 1952 – يىل )
1952 – يىلى 10 – ئايدا لەنجۇ – شىنجاڭ تۆمۈر يولى قۇرۇلۇشى باشلىنىپ ، 1962 – يىلى 12- ئايدا پۈتۈن لىنىيە بويىچە قاتناش باشلاندى . لەنجۇ – شىنجاڭ تۆمۈر يولىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 1894 كىلومېتىر بولۇپ ، شىنجاڭ چېگرىسى ئىچىدىكى قىسمىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 753 كىلومېتىر كېلىدۇ . لەنجۇ – شىنجاڭ تۆمۈر يولىنىڭ پۈتۈشى ترانسىپورتتا تامامەن تاشيولغا تايىنىش تارىخىغا خاتىمە بەردى ، ئۇ ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە .
18 . ھىندىستانغا قارشى ئۆزىمىزنى قوغداپ قايتۇرما زەربە بېرىش ئۇرۇشى ( 1962 – يىل )
1962 – يىلى ھىندىستان قوشۇنلىرى جۇڭگونىڭ چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرىنى شىددەتلىك توپقا تۇتتى . چىداپ تۇرغۇسىز ئەھۋالدا ، 10 – ئاينىڭ 20 – كۈنى ئۆزىمىزنى قوغداپ قايتۇرما زەربە بېرىشكە باشلىدۇق . چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرىمىز تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن ھىندىستان قوشۇنلىرىنى ئىككى باسقۇچقا بۆلۈپ چېگرىمىزدىن تولۇق قوغلاپ چىقاردى ، شۇنىڭ بىلەن بىللە ، زېمىنىمىزدا قۇرۇلغان بىر قانچە ئون تايانچ پونكىتىنىڭ ھەممىسىنى تازىلىدى .
19 . ئىلى ، چۆچەك ۋەقەسى ( 1962 – يىل )
1962 – يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى ئېلىمىز ئىقتىسادى ۋاقىتلىق قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەنلىكىدىن پايدىلىنىپ ، شىنجاڭنىڭ چېگرا بويىدىكى ئاھالىسىنى سوۋېت ئىتتىپاقىغا بېرىپ ئولتۇراقلىشىشقا ھەدەپ قۇتراتتى ، شۇ يىلى 4 – ئاينىڭ باشلىرىدىن 5 – ئاينىڭ ئاخىرىغىچە ئىلى ، تارباغاتاي ۋىلايەتلىرىدە 60 مىڭدىن ئارتۇق كىشى چېگرىدىن قانۇنسىز ئۆتۈپ سوۋېت ئىتتىپاقىغا كەتتى ، 5 – ئاينىڭ 29 – كۈنى ئاز ساندىكى بۇزۇقلارنىڭ پىلانلىشى بىلەن ئىلى ئوبلاستلىق پارتكومنى قورشىۋېلىشتەك ئەكسىلئىنقىلابىي توپىلاڭ يۈز بەردى ، كېيىن تىنچىتىلدى .
20 . مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسى ئېيى
1982 – يىلى 11 – ئايدا ئاپتونوم رايون مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بويىچە تەقدىرلەش يىغىنى ئاچتى ، شۇنداقلا ھەر يىلى 5 – ئاينى << مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسى ئېيى >> قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى .
21 . بارىن يېزىسىدىكى قوراللىق توپىلاڭ تىنچىتىلدى ( 1990 – يىل )
1990 – يىلى 4 – ئاينىڭ 5 – كۈنى ئاقتۇ ناھىيىسىنىڭ بارىن يېزىسىدا بىر ئوچۇم مىللىي بۆلگۈنچىلەر ئىچكى – تاشقى دۈشمەن كۈچلەرنىڭ قوللىشى بىلەن قوراللىق توپىلاڭ قوزغىدى . قوراللىق ساقچى ۋە ج خ ساقچى – كادىرلىرى دەرھال ئۆزىنى قوغداش تەدبىرى قوللىنىپ ، توپىلاڭنى تىنچىتتى .
22 . ئۈرۈمچى يەرمەنكىسى ( 1992 – يىل )
ئۈرۈمچى تاشقى ئىقتىساد – سودا يەرمەنكىسى ئاپتونوم رايون ئوتتۇرىغا قويغان شىنجاڭنى ئېچىش ، گۈللەندۈرۈشتە << ئومۇمىي دائىرىلىك ئېچىۋېتىش ، غەربكە مايىللىشىش ، سىرتتىن كىرگۈزۈپ ، ئىچكى قىسىمدا بىرلىشىش ، شەرقتىكىلەر بىلەن بىرلىشىپ ، غەربكە چىقىرىش >>تا چىڭ تۇرۇشتەك سىرتقا ئىشىكنى ئېچىۋېتىش باش فاڭجېنىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى زور تەدبىر .
23 . جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىچىدىغان سۇنى ياخشىلاش قۇرۇلۇشى ( 1997 – يىل )
1997 – يىلىغىچە جەمئىي بىر مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىنىپ ، 1360 سۇ ئىستانسىسى قۇرۇلدى ، 975 ماشىنا قۇدۇق قېزىلدى ، 695 سۇ مۇنارى ياسالدى ، 4536 چوڭقۇر سۇ پومپىسى ياسالدى ، بۇنىڭ بىلەن كۆلچەك سۈيى ئىچىش تارىخىغا خاتىمە بېرىلىپ ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىچىدىغان سۇ مەسىلىسى ھەل قىلىندى .
24 . غەربىي رايوننى كەڭ كۆلەمدە ئېچىش ( 2000 – يىل )
بۇنىڭدا ، ئۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشىنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرۇش ، غەربىي رايوننىڭ كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنى ئىلگىرى سۈرۈش ، غەربىي رايوننىڭ پەن – تېخنىكا ، مائارىپ ۋە ئىختىساس ئىگىلىرىنى تەربىيىلەشنى كۈچەيتىش ، غەربىي رايون مۇھىتىنى قوغداشقا ئەھمىيەت بېرىش ۋە ئۇنىڭغا سالىدىغان سېلىنمىنى كۆپەيتىش ، غەربىي رايوننىڭ ئىسلاھات ، ئېچىۋېتىش ۋە تۈزۈلمىدە يېڭىلىق يارىتىشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈش مۇھىم نۇقتا قىلىندى .
25 . غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى
بۇ ، غەربىي رايوننى ئېچىۋېتىشتىكى نامايەندە خاراكتېرلىك قۇرۇلۇش بولۇپ ، شىنجاڭ بىلەن شاڭخەينى تۇتاشتۇرىدۇ . بىرىنچى قاراردا يىلىغا 12 مىليارد كۇب مېتىر گاز يەتكۈزۈلىدۇ ، مەبلەغ سېلىش كۆلىمى 120 مىليارد يۈەن . 2001 – يىلى تۇرۇبا ياتقۇزۇش باشلىنىپ ، 2003 – يىلى پۈتۈن لىنىيە پۈتكۈزۈلمەكچى .
26 . ئۈچ ئەۋلاد رەھبەرلەر شىنجاڭغا ئەھمىيەت بەردى
بىرىنچى ئەۋلاد رەھبىرىمىز ماۋ زېدۇڭ شەخسەن تەدبىر بەلگىلەپ ، شىنجاڭنى ئازاد قىلىشقا يېتەكلىدى ، 1952 – يىلى پاختەكلى يېزىسىدىكى دېھقانلارغا جاۋاب خەت يېزىپ ، ئۇلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى ياخشىلاپ ، مەدەنىيەت سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئۈمىد قىلدى ، 1963 – يىلى شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇپ ، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش توغرىسىدا يوليورۇق بەردى . ئىككىنچى ئەۋلاد رەھبىرىمىز دېڭ شياۋپىڭ قەلب رىشتىسىنى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىگە باغلىدى ، 1981 – يىلى 8 – ئايدا ، ئۇ شىنجاڭغا كېلىپ خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈردى . ئۈچىنچى ئەۋلاد رەھبىرىمىز جياڭ زېمىن 90 – يىللاردا شىنجاڭغا ئىككى قېتىم كەلدى .
مەزكۇر يازمىنىڭ مۇقىم ئۇلانما ئادرىسى : ?p=1018 | خۇشخۇي تورخاتىرىسى
شىنجاڭنىڭ تارىخىنى بىلىشىمگە كۆپ ياردەم قىلدى!
2012-03-11 02:48